تىرىلىش
ئەھەدى
كۆردۇڭمۇ كوچىدا تېنەپ - تەمتىرەپ ،
چوڭلاردەك كىيىنىپ يۈرگەن بالىنى .
سائىل ئۇ ، يۈرمەيدۇ لېكىن نان تىلەپ ،
ماڭىلا ئوخشاتقىن ئۇنىڭ ھالىنى .
جاڭگالدا جۇپتىدىن ئايرىلسا بىر دەم ،
نېمە دەپ يىغلايدۇ تورغاي ،
بىلەمسەن ؟ مېنى شۇ تورغايغا ئوخشاتقىن دىسەم
، ئېيتقىنا ، يىغلامسەن ياكى كۈلەمسەن ؟
كەچقۇرۇن ئەتراپقا يېيىلسا گۈگۈم ،
ئاسماننى بىزەيدۇ يۇلتۇز جىمىرلاپ .
ساقىغان بىر يۇلتۇز مېنىڭ يۇرىكىم ،
ئارمان ئۇ ، تۇرغىنى نىمجان مىدىرلاپ .
دۇنيادا يىگانە ئەمەس ھېچنىمە ،
تاق ئەمەس تەقدىرمۇ قىسمەتلەر ئارا .
غېرىپلىق نىمە ئۇ ، يىتىملىك نېمە ؟
بىلىشنى خالىساڭ ئەپتىمگە قارا ...
نەزەر سال ، تاغلارنىڭ ئۇستىدە,
ئاپپاق تۇرغىنى ئاق چاچمۇ ۋەياكى رومال ؟
كەچكۈزدە سارغايغان يىگانە ياپراق ،
ئالدىڭغا يولۇقسا ، مىنى ئەسكە ئال !
بىلەمسەن ، تىغسىمان قىيادا بۇركۇت ،
بۇركۇتتىن پەرۋازنى تالاشقىنى - مەن !
يالقۇنلۇق يۇرەككە ياراشماس سۈكۈت ،
ئاداققى چوققىغا ياماشقىنى - مەن !
( ئاپتۇرى :ئەھەدى 2004-يىل ئاپرىل)
[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 9:21:47]