تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› 1905-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى خېنرىك سېنكىۋىچ
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
1905-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى خېنرىك سېنكىۋىچ
tahirhamut
كاپىتان
دەرىجىسى : 2
جۇغلانما نۇمۇر : 13500
ta@yahoo.com.cn

يازما سانى : 26
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

    1905-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى خېنرىك سېنكىۋىچ

      خېنرىك سېنكېۋىچ (Henryk Sienkiewicz) پولشالىق مەشھۇر يازغۇچى،دۇنياغا داڭلىق ئەدىپ.ئۇ 1846-يىلى پولشادا بىر پومىشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان،ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،ۋارشاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن،لېكىن بىر يىلدىن كېيىن،ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەدەبىيات كەسپىگە ئالمىشىۋالغان ھەمدە تارىخ ۋە تىلشۇناسلىقنى قىزىقىپ ئۆگەنگەن.

    1871-يىلى چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋارشاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى ۋارشاۋا ئىمپېرىيە ئۇنىۋېسىتېتى دەپ ئۆزگەرتكەن،بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن سېنكېۋىچ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىغا قاتناشمايلا مەكتەپتىن چىقىپ كەتكەن. سېنكېۋىچ 1869-يىلدىن باشلاپ ئوبزور ۋە ماقالىلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان، شۇنداقلا،ئەينى چاغلاردا ياۋرۇپادىكى پولشا قاتارلىق جايلاردا مودا بولغان پوسىتىۋىزم(دەلىلىچىلىك) پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىنى ئىپادىلىگەن.

     1872-يىلى ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن پوۋېستى "بىھۇدە ئاۋارىچىلىق" ئېلان قىلىنغان.ئۇ 1876 -يىلدىن 1878-يىلغىچە "پولشا گېزىتى"نىڭ ئالاھىدە مۇخبىرى سۈپىتىدە ئامېرىكىغا زىيارەتكە بارغان ۋە ئۈچ يىلغا يېقىن تۇرغان.بۇ جەرياندا ئۇ ئامېرىكىدىكى ئىشلەمچىلەرنىڭ،بولۇپمۇ پولشالىق كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلغان.كېيىن،ئىتالىيە ۋە فرانسىيە ئارقىلىق پولشاغا قايتىپ كېلىپ،"بولكا ئۈچۈن"،"ئورسۇ" قاتارلىق ئۆتكۈر تەنقىدىي ھېكايىلەرنى ۋە "مۇزىكا مەستانىسى يانكو"(1879)،"پەرىشتە"(1880)،"ماياك كۆزەتچىسى"(1882)،"غالىپ بارتوك"(1882) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن نادىر ھېكايىلەرنى ئېلان قىلغان.بۇ ھېكايىلەردە ئۇ پولشا خەلقىنىڭ مىللىي تەقدىرىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان. 1882-يىلدىن 1887-يىلغىچە،سېنكېۋىچ «پىكىر گېزىتى» ئۈچۈن ماقالە يازغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇ پوولشانىڭ مۇستەقىللىق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھەمدە كىشىلەرنى ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان پولشالىقلارنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىگەن.

     1883-يىلىدىن باشلاپ سېنكېۋىچ تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە بۇرۇلغان. ئۇنىڭ "ئوت ۋە شەمشەر"(1884)،"قىيان"(1886)،"ئىۋودىيوۋېسكى ئەپەندىم"(1888)دېگەن بۇيۇك تارىخىي ترىلوگىيىسى "پىكىر گېزىتى"دە ئۇلاپ ئېلان قىلىنغان. بۇ ترىلىوگىيىدە 17-ئەسىردىكى پولشا ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، پولشالىقلارنىڭ كازاكلار، تاتارلار، شېۋىتلار ۋە تۈركلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا قاشىلىق كۆرسىتىش كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن، پولشالىقلارنىڭ باتۇرانە روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

   بۇ ئەسەرلەر جانلىق ۋە تەسىرلىك بولۇپ، ئىپوس كەبى بەھەيۋەت ۋە چۈشىنىشلىك يېزىلغان. بۇ ترىلوگىيىدىن كېيىن،سېنكېۋىچ يەنە "سەن نەگە بارىسەن"(1896)،"كرىست ئارمىيىسىنىڭ چەۋەندازى"(1900) دېگەن ئىككى تارىخىي روماننى يازغان. ئالدىنقىسىدا ئىمپىراتور نېلۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى رىم ئىمپېرىيىسى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ،كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ،سېنكېۋىچقا دۇنياۋىي شۆھرەت ئاتا قىلغان. كېيىنكىسىدە،15-ئەسىردە پولشالىقلارنىڭ كرىست ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان قەھرىمانلارچە كۈرەشلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەكىتلەنگەن. 1905-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەيئىتى «ئۇنىڭ تارىخي رومانچىلىق جەھەتتىكى گەۋدىلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن» سېنكېۋىچقا شۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بەرگەن. سېنكېۋىچ 1916-يىلى ۋاپات بولغان. تاھىر ھامۇت تەييارلىغان

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 10:49:01]

مۇھىم خەتكۈچلەر : نوبىل , خېنرىك سېنكىۋىچ
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2007-6-12 12:06:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 33
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证