يۈرىكىڭدە مەن سالغان ئىز بار...
سەيدۇللا
ھازىرمۇ ئەسلەيمەن سېنى قايغۇرۇپ،
بىر ئاچچىق ئۆتمۈشتە تىترەيدۇ ئەتراپ.
قەلبىمنىڭ ئەڭ پىنھان بىر جايلىرىدا
ھېلىھەم بىر تال چوغ تۇرار يىلىنجاپ.
ئېھ ياغاچ ئورۇندۇق، جۈپلەشكەن لەۋلەر،
تۇيغۇمدا قايتىدىن بولىدۇ زاھىر.
قارلىق يول ئۈستىدە كۆيگەن بىر جۈپ تەن
ئەبەدىي ئۇنتۇلماس مۇڭلۇق دىكابىر...
ئاشۇ كۈن يىرىلدى مۇھەببەت چاك-چاك
ھاۋادا كۆيمەكتە پۇلاڭلىغان قول.
سىياقىڭ ئايلانغان چاغدا چىكىتكە،
رەھىمسىز تەقدىرنى قىلدىممەن قوبۇل.
ئىسىڭگە كىلىدۇ ئۇنتۇلغان سۆيۈش
بىر كۈنى ئۇچرىشىپ قالساق تۇيۇقسىز.
تاماكا كۆيدۈرسە مېنىڭ قولۇمنى،
چىشلەنگەن لەۋلىرىڭ ئىچىشار پىژ-پىژ...
[admin تەستىقلىدى . 2010-3-29 22:34:21]