قوغلانغان روھ
مۇتىللا قىرانى
تەلمۇرمەكتە ئاسىي روھ سۇس،
كۈلرەڭ شەپەق ئېچىدە ،
يۇز ئۆرىگەن تەنلەرنى ئىزدەپ .
مەيپۇرۇشنىڭ قولىدا
سېتىلماقتا روھلاندۇرۇش دورىسى ،
خېرىدارى مەسۇملار .
چايقالماقتا باش
مۇزىكىدا يوق ھوزۇر
ئاچچىق كافېي كەسكەن ئەقىلنى .
ناتىۋانلىق قالدى بەك يېتىم ،
چوغلانمىدى يۈرەكتىكى ئوت .
كېسىلگەن چاچ كۆكلىمەكتە يەتتە رەڭ بولۇپ ،
سېتىلماقتا بازاردا ھايا
چۇشۇرۇلگەن باھا قويۇلۇپ .
چېكىلگەن قۇش ئىزدىگەندە جۇپتىنى
ئۇنلەشلەردىن چېچىپ قان
تەمشەلسىمۇ كەتمەككە يېراق ،
كۆيگەن قانات بەرمەيدۇ ئۇچۇش .
ئاپئاق بەدەن ئايلانغاندا قۇش ئۇۋېسىغا ،
يۇلتۇزلارمۇ كۇز پەسلى كۆرگەندەك ،
تۆكىلىدۇ تېرە ئاستىغا .
كوچىلارغا چېچىلغان ئىپپەت ،
چېگىلمىگەن رەڭدار لېنتىدەك
خارلانماقتا
تاشلانماقتا بۇلۇڭلارغا ئەخلەت تۇڭىدەك .
خوجايىننىڭ تولماس يانچۇقى
شەپقەت ئۈچۈن بەرمىگەن ئورۇن .
كۆزلىرىدىن قان تۆكۇپ
يېلىنماقتا ئالدانغان بالا ،
ئاڭلانغاندەك قۇلاق تۇۋېدە
ھويلىسىدىن نۇر بولۇپ
ئۇپۇقلارغا تارالغان
ئانا ئېيتقان ئەلەملىك يېغا .
قوغلانغان روھ تاپالماستىن پالانغان يەرنى .
يول ئالماقتا ۋەھىمە بىلەن ،
رەھىمسىزلىك قەلئەسى تامان .
بىر قولىدا ئاق كۇنلۇك
بىر قولىدا يېشىل پاسپورت
يۇرەكسىمان قاتلانغان
ئۆلۇم خېتى يېزىلغان لىپاپ .
[admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 11:15:07]