«چىمەنىستان» دىكى تىراگىدىيە
چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «چىمەنىستان» تېمىسىدىكى چاتما شېئىرى ھەققىدە
مەن «چىمەنىستان»غا تەپەككۇر كۆزۈم بىلەن نەزەر سالدىم . «چىمەنىستان» دا «ھاۋا» ھەسرەت ، ئىنتىلىش ، تەشنالىق ، كۈتۈش بىتاقەتلىكى ئىچىدە بىرسىنى ئىزدەۋاتاتتى ...
مەن بۇ جايدا ياۋا گۈللەرنىڭ مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغانلىقىنى ، بىراق ئۇنىڭ بەرگىنى چاڭ - توزان بېسىپ ، قاغجىراپ كەتكەنلىكىنى ؛ سۈپ - سۈزۈك ئاسماندا قۇشلارنىڭ قانات قېقىۋاتقانلىقىنى ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىلگىرلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆردۈم . «ھاۋا» غا زەڭ سالدىم : ئۇنىڭ جىسمىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان جاسارەتتىن تاغلار جاراڭلايتى ؛ ئۇنىڭدىن تارىلىۋاتقان ھەسرەت پۇرىقى بۇرنۇمنى ئېچىشتۇراتتى ؛ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن «ئادەم» دىگەن سادا چەمبەرسىمان دولقۇنلاپ چىقىپ باشنى قايدۇراتتى :
- ئاھ ، ئادەم ! نەدىسەن ؟ ئۇ ھەقىقىي ئەركەكنى - ئۆزىنى سۆيىدىغان ھەم قەدىرلەيدىغان ، ئۆزىنى باشقۇرۇپ ، ئىگە بولالايدىغان ، تەغدىرىنى قۇلىغا ئالالايدىغان ؛ جىسمىدىن كۈچ - قۇۋەت ، غەيرەت - جاسارەت ، قاراملىق ، روھىدىن ئەقىل - پاراسەت ، غورۇر - ۋىجدان ، ئىمان - ئېتىقاد ، قىسقىسى يۈكسەك بىر قەدىمىي روھ ئوخچۇپ تۇرىدىغان ئادەمنى كۈتىۋاتاتتى ...
***** *****
مەن «تۇرپان» ژورنىلىنىڭ 2004 - يىل 3 - سانىغا بېسىلغان چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «چىمەنىستان» ىدا چىمەنگۈلنىڭ روھى بىلەن ئۇچرىشىپ سىرداشتىم ھەم بىر قىسىم «سىرلىرى» نى ئاشكارىلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇم .
ئەمدى بىز بۇ پىنھان «چىمەنىستان» نىڭ ئاشكارا مەنزىرىسىنى بىرلىكتە تاماشا قىلايلى : ئۇ شېئىرىنى ھەسراتتىن باشلايدۇ . ئۇنىڭ جىسمىدا ئەزەلدىنلا يىلتىز تارتقان نۇمۇسچانلىق ئۇنى چەكسىز ئازاپلىق ھېسلار قاينىمىغا تاشلايدۇ . ئۇ ھايات يۇلىدا قايتا - قايتا سانسىز ئازاپ - ئوقىبەتلەرگە ئۇچرىغاندىن كىيىنلا ، تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ بىر يۆلەككە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالىدۇ . بىراق ، بۇنى قانداق ئاشكارىلاش كېرەك ؟ ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇققا يۇشۇرۇنغان سىرلىرى بىلىشكە ئېرىشەلمەيدۇ . ئۇ بىردىنلا يېنىدا تۇرغان ئۇ ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەركەكلىك سالاسىيىتىنى يوقاتقان ، پەقەت جىسمانىي مۇھەببەتنىڭ قۇلى ، ھېسىياتنىڭ كورى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ . قانىغان لېۋىمدە ئىسسىق بىر ئېسىيان تاشالماي مېھرىمگە سىڭىدۇ تەكرار . تەبىئەت مۇڭىنى يالمايدۇ تاتلىق ئىشىكىم تۆۋىدە قۇرىغان چىنار . ئۇنىڭ ئەلەملىك شىۋىرلاشلىرى چۈشەنمەشلىك ھەيرانلىقى ئىچىدە تېڭىرقايدۇ .
چىمەنگۈل شۇندىلا «چىمەنىستان» دىكى «ھاۋا» غا پىچىرلاپ تەسەللىي بېرىدۇ . ھەسرەت - ئادەمنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىنىڭ تۇلۇق قېنىپ رىغبەت تاپمىغاندا كىلىپ چىقىدىغان تىراگىدىك روھى -ھالىتى بۇلۇپ ، ئۇ ئاجىزلارنى روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلۈككە باشلىسا ، قەيسەرلەرنى غايەت بىر پارتىلاش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ . ئۇ بىردىنلا ئەرلىك جاسارەتكە ئېرىشىپ ، لەيلىنى يېتىلىگۈچە مەجنۇنغا ئايلىنىپ ، «تەكلىماكان»غا سەپەر قىلىدۇ . بىراق ، بۇنى كىم چۈشۈنەر ؟ يىغا بىلەن كەلگەن ھاياجان ئۇنى دەھشەتلىك كۈلكىگە مۇپتىلا قىلىدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنىڭ پەقەتلا بالىلىقىدىكى خىياللىرىدەك تولىمۇ شېرىن ، تولىمۇ غۇۋا ئىكەنلىكىنى ، شۇنداقلا ، بۇ ئارزۇلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى بۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ رېئاللىققا قايىتىش سەپىرىگە ماڭىدۇ .
ئۇ بۇ سەپىرىدە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئېرىشمەكچى بولغانلىرىنى ئاشكارىلايدۇ : ئىپارخان پۇرىغان جىگدە چېچىكى تۇزىدى قاياققا ، قاچان قەيەردە ؟ نۇزۇگۇم يۇلۇقمىدى قۇمۇشلۇق ئارا نېمىشقا ئېپ قاچقۇدەك مەردانە ئەرگە ؟ ئۇ ئۆزىنى تارىختىكى تەكرارلىق ئۈستىگە قويىدۇ . بۇ ئازاپ ۋە ئىزتىراپ پۈتۈن ئايال زاتىغا ئورتاق .
ئۇ ئەزەلدىن «ئەر - ئايال» دىگەن ئىسىمدىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلىپ كەلگەن (ئەر بولغاچقا ، ئايال بولغان . ئايال ئەرنىڭ بىردانە قوۋۇرغىسىدىن يارالغان ) . ئەر ئالدىدا يېتەكلىگەچكە ، ئايال ئۆزىنى ھەرۋاقىت خاتىرجەم ، بەخىتلىك ھېسابلاپ ، ئەردىن پەخىرلەنگەن .
ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قاچانلاردىدۇ خاتىرىسىگە كىرگەن بىلەيچى بوۋاي كېلىدۇ . ئۇ ئاددى ۋە تولىمۇ جاپالىق تۇرمۇش ئىچىدە قىزلىرىغا ، مومىيىغا بەخت ئىزلەيدۇ . ئۆزىنىڭ ھالال ، پاك قان - تەرى بەدىلىگە خاتىرجەم ، مېھىر - مۇھەببەتلىك ، كۆڭۈللۈك تۇرمۇش يارىتىدۇ ھەم ئۆز مومىيىدىن چەكسىز مىننەتدار بولىدۇ . بۇ ئۇنىڭ قانائەت تاپمىغان يەنەبىر ئىستىگىنىڭ ئاشكارىلىنىشى .
ئۇ كىمدىن نېمىشقا قىساس ئالماقچى ؟
ئوخشىمىغاچ ئەركەكلەر ياشلىق چېغىمغا
ھەتتا سۇ تالىشىشقىمۇ بارمايدۇ رايى
خۇتۇن تالىشىشنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ھەي !
ئاتىغا بولارمىش بالا گۇناھى ...
ئۇ بىردىنلا غورۇرلۇق بوۋاي روھىدا ساقلانغان قەدىمىي ئېسىل روھ بىلەن ھازىرقى ئەركەكلەردە شەكىللىنىپ قالغان «ناجىنىس» روھنى سېلىشتۇرىدۇ ۋە قاتتىق ئاۋازدا :
- بۇ ئۇلارنىڭ روھىغا - ئەجدات روھىغا قىلىنغان ھاقارەت ! دەيدۇ . توغرا بۇ ئەجدات روھىغا قىلىنغان ھاقارەت . ئۇ قىساس خەنجىرىنى ئەجەللىك يەرگە سالدى . جاراھەتتىن ئېتىلىپ چىققان ئىسسىق قان ئۇنى روھلاندۇرىدۇ . ھازىرقى ئەرلەرنىڭ تۇمۇرىدا ئېقىۋاتقان ئىسسىق قانلا - ئەسلى قان ! ئۇ قان ھەركىمگە ھەقىقەتنى قايتا تۇنۇتىدۇ . ئۇ پەسكويغا چۈشۈپ ئەركەكلەر بىلەن - ئۆز روھىنى يوقاتقان تەن ، ئەسلىنى ئۇنۇتقان روھ بىلەن مۇڭدىشىدۇ .
ئاپتۇر : رۇزى كېرەم كورلا شەھرى تېكىچى يېزا تېكىچى كەنتنىڭ مۇئاۋىن سېكىتارى تېلىفۇن : 2620303
[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 20:14:33]