بىز
بىز،داستان يازماقتىمىز بىز،
ئۇيغۇرنىڭ قېنى... دەريادەك ئاققان.
ئوغۇزخان، «خۇدا»دەپ يۈرگەن،
كۆك يايلىلىق بۆرە بىز.
بىز، بۆرە بولدۇق_سىرلىق زاماندا.
بۈركۈت بولدۇق، ئۇيغۇر شاماندا.
چۈشكە ئايلاندۇق...
تەكلىماكان_قۇملۇق ئاستىدا...
ياتار مەڭگۈ، تەڭرى بەرگەن، شىرىن ئۇيقۇدا...
قۇملۇقتىكى كروران قىزى،
ئەسلىيەلمەي، ۋەھىمىلىك سىرلىق ئۆتمۈشنى....
بىز، ئويغاق دەريا،
كېچە-كۈندۈز شاۋقۇنلايدىغان...
قارا تۈندە، ھۆركىرەيدىغان..
بىز، ئۇيغۇر ئىزىدا... مەڭگۈلۈك نۇردەك،
داستان يازماقتىمىز.
«ئۈمىدلەر ئۆلمەس» ئەجداد ئىزىدىن.....
2007-يىل31-ئۆكتەبىر
[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-15 12:03:49]