تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› دوستىيوۋىسكى ۋە جەھەننەم خاتىرىسى
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
دوستىيوۋىسكى ۋە جەھەننەم خاتىرىسى
ttt-58
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 3
turdi80@163.com

يازما سانى : 1
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق


       كىسەللىك چىرمىۋالغان تالانت ئىگىسى
ئادالەت تاھىر تەرجىمىسى


     قار-مۇز بىلەن قاپلانغان چەكسىز سىبىريە دالىسى، سوغۇق شامال نەشتەردەك سانجىلاتتى. تۈرمىنىڭ قورۇق تېمى دۆۋىلەنگەن قار بىلەن تىنىپ كەتكەن، سەرقەلەمدە ساڭگىلاپ كەتكەن چوكا مۇزلار خۇددى پىچاققا ئوخشايتتى، كامىرنىڭ تام ۋە كارىۋاتلىرى تاشتەك مۇزدەك، ئادەمگە گۆردەك كورىنەتتى. دوستويېۋسكىي كاراۋات قىرىدا ئوليۇرۇپ، كۈندۈزدىكى ئېغىر ئەمگەك، ۋەشىلەرچە قامچىلاش، ناچار مۇھىت ۋە ناچار تاماقنى خاتىرلەپ ماڭدى. گەرچە مۇنداق قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك بولسىمۇ، يۇشۇرۇنچە داۋاملاشتۇردى. مەھبۇسلارنىڭ كەچۈرمىشى ۋە «جىنايىتى» نى ئەستە ساقلىماي بولمايتتى.
    بۇ دەل 18-ئەسىرنىڭ50-يىللىرىنىڭ بىر ئاخشىمى بۇلۇپ، دۇنيا ئەدىبىياتىدىكى نادىر ئەسەر «جەھەننەم خاتىرىسى» نىڭ ئاپتۇرۇى دوستويېۋسكىينىڭ «سىبىريە خاتىرىلىرى» دە خاتىرلەنگەنبىر كۈرۈنۈش ئىدى.  دوستويېۋسكىي بالىلىق چېغىدا ، جۈملىدىن پېتېربورگ ھەربى ئىشلار قۇرلۇش مەكتىۋىگە ئۇقۇشقا كىرگەن چېغىدىلا جەمىيەتكە كۈچلۈك ئۆچمەنلىكى قوزغالدى، ئىنتىھان نەتىجىسى بۇيۇچە بولغاندا ، ئۇ ھەقسىز ئۇقۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما ، مەكتەپ ھەقسىز ئۇقۇش ساننىنى ئەمەلدار ئاقسۈگەكلەرنىڭ بالىلىرىغا بەردى.  «بىر رۇبلىنىمۇ قان-تەر بەدىلىگە تاپىدىغانلار ئۇقۇش خىراجىتى تولەيدىكەن، پۇلدارلارنىڭ باللىرى بولسا ھەقسىز ئۇقۇيدىكەن» دىدى ئۇ دادىسىغا. كىيىن ھاممىسى ئۇقۇش پۇلىنى تۆلەپ بەرگەچكىلا ئۇ داۋاملىق ئۇقۇيالىدى. رىياللىق ئالدىدا دوستويېۋسكىي دۇنيانىڭ ئادالەتسىزلىگى، جىنايەتكە تولغانلىغىنى تۇنۇپ يىتىپ ، روھى جەھەتتىن سىقىلدى، قاتتىق ئۈمۈتسىزلەندى.  
    دادىسى تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتەكەندىن كىيىن ، ئۇ ۋە ئۇكا-سىڭڭىللىرى خۇددى دېڭىزدىكى يىگانە قولۋاقتەكپاناھسىز قالدى. 17ياشلىق دوستويېۋسكىي ئەقەللى تۇرمۇشمۇ كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ئەھۋالدا، قاتتىق-جەۋرى-جاپادا ياشىدى، ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىن ، ئارقا-ئارقىدىن تۇرلۈك قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇقتى، مۇئاشى تۇۋەن بولغانلىقتىن،  تۇرمۇشنى قامداشقا يەتمىدى. خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەندىن كىيىن تۇرمۇشى تېخىمۇ ناچارلىشىپ، ئوي ئىجارىسى تۆلەشكىمۇ قۇربى يەتمىدى.
    ھاياتنىڭ جاپا مۇشەققىتى ۋە ئاچچىق چۈچۇكلىرىنى يەتكۇچە تېتىغان، مۇشۇ مەزگىلدە 24ياشلىق دوستويېۋسكىي تۇنجى رومانى «نامراتلار» نى يېزىپ چىقتى. مەكتۇپ شەكىلدىكى بۇ رومان ئاپتۇرنىڭ نامرات تۇرمۇشىنىڭ ئەينەن تەسۋىرى ئىدى. بۇ رومان ئېلان قىلىنىش بىلەنلا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بىلنىسكىي تەرىپىندىن روسىيە «ئىجدىمائى پىروزىچىلىغىنىڭ تۇنجى سىنىغى» دەپ ئاتىلىپ ، يازغۇچىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئازاپلىق تەقدىرىنىڭمەسۇلىغا ئايلاندى.
     1850-يىلدىن1859-يىلغىچە دوستىيوۋىسكى 10يىل سۇرگۈنلۈك تۇرمۇشىنى باشتىن كۈچۈردى . تۇرمىدىن چىققاندىن كىيىن چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمى ئاستىدىكى روسىيە ئاھالىلىرنىڭ ئازاپلىق تۇرمۇشى ۋە ئېچىنىشلىق تەقدىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رومان  «ھاقارەتلەنگەنلەر ۋە خورلانغانلار» (1861)نى يېزىپ ، پۇقرالارنىڭ چەككەن رىيازىتى ۋە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلىرىنى ئەكىس ئەتتۈردى.
     «جەھەننەم خاتىرىسى»  ناملىق رومان ئاپتۇرنىڭ 10يىللىق سۈرگۈنلۈك ھاياتىنىڭ جەۋھىرى بۇلۇپ ، چار روسىيە تۇرمىلىرىدىكى قاباھەتلىك تۇرمۇش ئەينەن سۈرەتلەندى. ئالايلۇق ، پاكار كامىر تاملىرى ئادەمنى تۇنجۇقتۇرىدىغان تۇتۈن ۋە نىجاسەتنىڭ سېسىق پۇرىغى، يەرگە سېلىنغان ئىچىگە سامان تىقىلغان تاغار، تاغاردىكى بۇرگە، پىت چۇسا ،كۆكىرىپ كەتكەن قارا بولكا ۋە كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئەلەشتۈرىدىغان تائاملار، تائاملاردىكى سۈۋەرەكلەر ، گۇنداپايلارنىڭ قۇلىدىكى قامچا كالتەك . . . مەھبۇسلار سەللا بىخوتلۇق قىلسا ئۆلگىدەك دۇمباللىناتتى، ئېغىر بولغاندا مېيىپ بۇلۇپ قالاتتى ياكى جېنىدىن ئايرىلاتتى. لېف. تولسىتوي مەزكۇر ئەسەرنى ئۇقۇغاندىن كىيىن: «يېڭى ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئەسەر بارلىغىنى بىلمەيمەن » دىدى. گېرتسىن «قالتىس ئەسەر ، كىشىنىڭ يۇرەك تارىنى چەكىدىغان ئۇلۇق ئەسەر» دەپ باھا بەردى. لېنىن «جەھەننەم خاتىرىسى» ناملىق ئەسەر دۇنيا ۋە روسىيە ئەدىبىياتى تارىخىدىكى ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان نامايەندە ئەسەر» دەپ باھا بەردى .

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:34:16]

مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2008-1-13 11:47:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 113
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证