تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت -5
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hotanboy
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 14197
    26645828@qq.com

    يازما سانى : 7
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت -5

     



     

    «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت 

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز

     (ئەدەبىي خاتىرە)

     

    5- بۆلەك

     

    ئەھلى  يۇرت <<مىليونىرلار كەنتى>> ۋە شۇ كەنتتىكىلەردىن نىمىلەرنى كۈتىدۇ؟

     باشقىلارغا نەسىھەت قىلماق ئاسان، نەسىھەتنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتمەك مۈشكۈل.

    بۇ مەنىدىن ئالغاندا مىنىڭ يۇرتقا ۋەكىل سىياق ھالدا بىزلىي كەنتىسى ۋە ئۇ كەنتنىڭ ھەقدار ئىگىللىرىگە <<ئۇنى قىلىش كېرەكتىيەي>>، <<بۇنى قىلىش لازىم ئىدىيەي>> دەپ يۈرۈشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. لېكىن، تىلىم ئاجىزلىق قىلسىمۇ دىلىم ئاجىزلىق قىلمايدۇ. چۈنكى، بىزلىيلىقلار ئەڭ ئاۋال خۇتەندىكى ھەممە جاننىڭ ئورتاق مۈلكى ھىساپلىنىدىغان ھاتەمدەك سېخى، ئانىدەك مىھرىبان، چەكسىز مېھىر- شەپقەتلىك ۋە تارتىنچاق دەريا- يۇرۇڭقاشتا تەۋەللۇت قىلىنغان بىر مۆجىزىۋى نىئمەت -خۇتەن قاشتېشىدىن قۇۋەت تېپىپ بېيىدى. قاشتېشى سۈزۈلگەن، ئۇچرىتىلغان، قېزىۋېلىنغان، سېتىۋېلىنغاندىن كىيىنلا ئاندىن خۇسۇسقا تەئەللۇق بولالايدۇ. ئۇنىڭدىن ئاۋال ئۇ بىر غايىۋى خەزىنە. غايىۋى خەزىنە بولغان ئىكەن ئۇنىڭدا ھەممە جاننىڭ ھەقدارلىقى بار. شۇڭا ئۆز – ئۆزۈمگە ئىشەنچ بىلەن ئېيتىمەنكى، بىزلىيلىق مىيونىرلارنىڭ بېيىش مەنبىيى بولغان قاشتېشىدا ئەسلىدىنلا مىنىڭمۇ بىر ئۆلۈش كۆرۈنمەس مەنىۋى ھەققىم بار بولغىنى ۋە ئۇلار مىنىڭ شۇ مەنىۋىي ھەققىمنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ يىلسېرى ئاۋۇپ بارغان روزىغارىغا تۇلۇقى بىلەن قۇشۇۋىتەلىگىنى ئۈچۈن بىزلىيلىق پۇل ئىگىلىرىگە مۇنداق بىرقانچە نوقتىنى دىيىشكە ئاۋازىم يىتىدۇ دەپ قارايمەن:

    ئا.بىزلىيلىقلار ئەڭ ئاۋال ئۆزلىرىنى ۋە بالا- ئۇششاقلىرىنى مەنىۋىي تەرەپتىن تەربىيەلىشى كېرەك. بۇ تولىمۇ مۇھىم بىر نوقتا.

     مەن بىلىدىغان بىزلىي كەنتىسىدە باشلانغۇچ مائارىپ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاساسى جەھەتتىن ئۇمۇملاشقان بولۇپ، تۇلۇقسىز سىنىپ ئۇقۇتۇش نوقتىسى 1997- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى بىزلىي بۇيىچە ئەڭ سېمىز ئىنسان ئايپۇلات باراتنىڭ ئايۋىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاددى مۇراسمدىن كېيىن ئاندىن <<بىزلىي ئوتتۇرا مەكتەپ >> بولۇپ قۇرۇلغانىدى. مەكتەپ قۇرۇلغان بىلەن ھېلىھەم بىزلىي يۇرتىدا <<تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئاساسەن ئومۇملاشتى>> دىيەلمەيمىز. چۈنكى بىزلىي ئوتتۇرا مەكتىپىگە 200 مىتىرلا كېلىدىغان دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئاۋات، ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى قاشتېشى بازىرى ۋە بۇ بازارنى تەمىن ئېتىدىغان تۈرلۈك زۈرۈرىيەتلەر بالىلارنى كەلگۈسىنىڭ نىسىي ھەقلىرىدىن كۆرە بۈگۈننىڭ نەق ماددىۋىيىتىگە قىزىقتۇرۇپ، مەكتەپكە بىر كۈن بارسا ئىككى كۈن بارمايدىغان، بىر يىل ئۇقۇسا ياندۇرقى يىلى مەكتەپتىن قالىدىغان ھالنى شەكىللەندۈرگەن. مەكتەپنىڭ ياش مۇدىرى مۇھەممەتجاننىڭ كەمىنەگە دىيىشىچە نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئىسمى بولغىنى بىلەن ئۆزى يوق ئىكەن. خېلى كۆپ ساندىكى ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپكە كېلەلىگەن ۋاقىتلىرىدا كاتتا كىچىك ماشىنىلارنى ھەيدەپ كېلىشىدىكەن. كانسىپىك يازغۇدەك، تاپشۇرۇق ئىشلىگۈدەك ۋاقىتقا ئاساسەن <<ئېشىنالمايدىكەن>>. دەرس ۋاقىتلىرىدىمۇ قولفۇنلىرى توختىماي سايرىشىپ تۇرىدىكەن. بۇ خىل ھالەتتىكى بىزلىي پەننى مائارىپىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئالىي مائارىپ بۆلىكىدىن چىش يىرىش تېخىمي قىيىن. شۇنداق ئەھۋالدا بىزلي بايلىرىغا ئەڭ ئاۋال دەۋەت قىلىدىغىنىمىز دەل پەننىي مائارىپ بىلەن ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ يىلتىزلىرىنى ئۇزۇقلاندۇرۇشقا دەۋەت قىلىش.

     بىزلىي پۇل ئىگىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- 60- يىللىرىدا تۇغۇلغان، ئۆز ئىسمىدىن باشقا خەتنى، ئۆز تىلىدىن ئۆزگە زۇۋاننى ئۇنچە بىلىپ كەتمەيدىغان ئاق كۆڭۈل بايلاردىن. گەرچە سودا ۋە بازار ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئالىم ھاجىم، رۇزىمۇھەممەت ھاجىم جاپپار ، ئابدۇرىشىت ئاخۇن ھاجىم، ئۆمەر قارىھاجىم قاتارلىق تەرەققىپەرۋەر بىر تۈركۈم مىليونىرلار مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىلا بىزلىيغا خەنزۇ تىلى مۇئەللىمەلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، مۇئەللىمەلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ نەق بېرىپ، ئۆزى، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئەتراپتىكىلەرنى تىل ئۈگۈنۈش كۇرۇسلىرىغا تەشكىللەپ، خېلى زور ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئۆزىدىن باشقا يەنە بىرنى تۇغمايدىغان ۋاقىتنىڭ ئالدىراشلىقىدا ئۇ خەيرىلىك ئەمگەكلەرمۇ يېرىم يولدا تاشلىنىپ قالدى. شۇندىن كېيىن بىز ئالىم ھاجىمنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئابدۇلئەھەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى << <ئاتلان> تىل تەربىيەلەش مەكتىپى>>دە بىر مەۋسۇمدەك ئۇقۇغىنىدىن باشقا بىزلىي بايلىرىنىڭ بىرەرىنىڭ بىرەر مەكتەپكە كىرىپ تۆت سائەت دەرس ئاڭلاپ باققىنىنى، بىزلىيدىكى بىرەرمۇ مىليونىر بالىسىنىڭ بىرەر ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغۇنىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. بۇ تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق بىر تىراگىدىيە!

    ب.بىزلىيلىقلار تىجارەت شەكلى ۋە تىجارەت تەپەككۈرىدە ئومۇمىيۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك.

    كۆرۈنۈپ تۇتۇپتۇكى، يۇرۇڭقاش ۋە يۇرۇڭقاشنىڭ كونا ئېقىن ئىزىدىكى قاشتېشى ھامان تۈگەيدۇ. بىزلىيلىق قاشتاشچىلىرىمىزغا ھەم ئايانكى، شۇنداق بىر كۈن ئاللىقاچان پۇت- قولىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ بولدى. بۇنداق ھالدا <<ئەرزان ئېلىپ، قىممەت ساتارلىق>>تىن ئىبارەت بۇ ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ ئىپتىدائىي، ئەڭ قالاق، ئەڭ جەۋرىلىك، ئەڭ روناقسىز تىجارەت ئۇسۇلىنى ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات مىراس قالدۇرغىلى بولىدىغان، كارخانا تىپىدىكى، زاۋۇت خارەكتىرىدىكى تىجارەت شەكلىگە ئۆزگەرتىش ۋە ئۇ كارخانا ئۇ زاۋۇتنى زامانىۋىي ئىدىيە، كەلگۈسىگە ئۇلاشقان پىكىر ئەندىزىسى بويىچە باشقۇرۇش ئىزىغا  سېلىشنىڭ پەيت- پۇرسىتى بۈگۈنكىدىن ئەۋزەل بولماس!

    س.بىزلىيلىق پۇل- مال ئىگىلىرى ئۆملۈك، بىرلىك ھاسىل قىلىشى كېرەك. بىز يۇقۇرقى بىر بۆلەكتە <<شېرىكلىشىپ پۇل تېپىش>> بىزلىيلىقلارنىڭ بېيىپ تىقىلىپ كېتىشىدىكى نەمۇنە ئۇسۇل دەپ سۆزلەپ ئېغىزىمىزدىن كۆپۈك قايناتقان ئىدۇق. ئۇ گېپىمىزنىڭ راستلىقىغا قىل سىغمىسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى <<شېرىكچىلىك >> تار دائىردىكى بىردەملىك مەنپەئەت ھەمكارلىقى بولۇپ، بىر پۈتۈن يۇرت، بىر پۈتۈن قەۋىم- توپ، بىر پۈتۈن رايۇن، بىر پۈتۈن مىللەت، بىر پۈتۈن دۆلەت نوقتىدسىدىن، ھەتتا شۇ شەخسنىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتى نوقتىسىدىن كۈزەتكەندە بايامقى شېرىكلىكنىڭ زىيىنى بولسا باركى، تەرەققىيات ئۈچۈن پايدىسى يوق دىيەرلىك. شۇڭا بىزلىي بايلىرى كۆزىنى تېخىمۇ كېرىپ ئېچىشى، كەڭ كېرىلگەن شۇ قوي كۆزلىرى ۋە ئەقىل كۆزلىرى بىلەن دۇنياغا، دەۋىرگە، ئېقىمغا، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىمىقى زۈرۈر.  سىنچىلاپ قارىسىلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرگىلى، بايقىغىلى، ھېس قىلغىلى، ئۆزلەشتۈرگىلى، ئۈگەنگىلى، ئىجات قىلغىلى، رىۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ.

    د.بىزلىيلىقلار ئۆزلىرىدە ئەڭ كەم بولغان <<سەمىمىيەت>>نى تىز پۇرسەت ئىچىدە يىتىلدۈرمىكى كېرەك.

    سەمىمىيەت ۋە راستچىللىق ئىنسان پەزىلەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئادەتتىكى تەركىپلەرنىڭ بىرسى. ئەپسۇسكى، بىزلىيلىقلاردا دەل مۇشۇ ئادەتتىكى تەركىپ ئىنتايىن كەمچىل. گەرچە بىزلىيلىقلار چوڭ ھەق- چوڭ ھوقۇق مەسىلىلىرىدە پىرىنسىپال مەيدانى ئېنىق، كۆزقارىشى مۇكەممەل، بايرىقى رۇشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، ئوغۇلبالىچىلىقى جايىدا گەۋدىلىنىدىغان، ئۇيغۇرنىڭ ئېسىل سۈپەتلىرى ۋۇجۇدىدىن تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان سۈيۈملۈك خەلق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەشغۇل بولۇۋاتقان ئالاھىدە كەسپى شۇنداق بىردەملىك يالغان سۆزلەشنى، بىر- بىرىنى كىچىك ئىشلاردا باپلاشنىڭ، كوملاشنىڭ، يىقىتىشنىڭ، زىيىنىغا دەسسىتىشنىڭ كويىدا بولۇشنى تەقەززا قىلسىمۇ، ئەسلىدىكى بۇ كىچىك مىجەزلەر ھازىرغا كەلگەندە بىزلىيلىقلار مىجەزىدە خارەكتىر سۈپىتىدە كۆرۈلۈشكە، ئومۇملۇشۇشقا باشلىدى. ھەتتا يۈزلىرىنى پولودەك پارقىرىتىپ تۇرۇپ <<خۇدايىم بۇيرىسا....>> دىگىنىچە ئاللاھنى شىپى كەلتۈرۈپ يالغان سۆلەيدىغان بۇ چۈپەي خارەكتىر بىزلىي ياشلىرىدىن بىزلىي بالىلىرىغا كۆچۈۋاتىدۇ. بۇ نوقتىنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى پەرەزلەپ يەتكەن بىزلىي بايلىرىنىڭ بىرقانچە قېتىم <<ئەگەر بىر جايغا جىددى رەۋىشتە مۇناپىق كېرەك بولۇپ سان -ئېدىتىنى شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىلا توشقۇزۇش زۈرۈر بولۇپ قالسا، نېرى- بېرى ئىزدەپ يۈرمەيلا بىزلىيلىق تاشچىلاردىن ئۇچرىغىنىنى شۇ سان ھېساۋىدا ئۆتكۈزسە سورتقا تامامەن توشىدۇ>> دىيىشكىنىنى ئاڭلىغانمەن. گەرچە بۇ گەپ خېلىلا ئېغىر ئېيتىلغان بولسىمۇ ھەرھالدا بىزلىيلىق مىليونىرلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە شۇنچىلىك ئويلۇنۇشلاردا بولۇشى، ئۆز خارەكتىرىدىكى ئۇ ناباپلىقلاردىن يىرگىنىچ تۇيغۇسىدا ئازاپلىنىشى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتمەك ئۈچۈن قىمىلدىشىنىڭ ئۆزىگىلا قول سىقىپ تۇرۇپ ھەشقاللا ئېيتىشقا ئەرزىيدۇ.

       

      

       مەنبە: <<تەڭرىتاغ>> ژورنىلى 2012- يىللىق 2- سان. 



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت , مىليونىرلار كەنتى , مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-12-22 11:20:49
    تەھرىر : hotanboy
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1063
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证