تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت -4
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hotanboy
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 14197
    26645828@qq.com

    يازما سانى : 7
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت -4

     


     

    «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت 

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز

     (ئەدەبىي خاتىرە)


     4- بۆلەك

     

    قاشتېشى بىلەن پۇل تېپىپ، قاشتېشى بىلەن قانات كېرىگەن بىزلىيلىق مىليونىرلار پۇلىنى قانداق جايلارغا ئىشلىتىدۇ؟

    ئا.   ئۇلارمۇ باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئوخشاشلا تاپقان تەرگىنىنى ئەڭ ئاۋال ئېسىل ۋە ياسىداق ئۆي سېلىشتىن باشلىدى.

    ئۆي ئەسلىدىنلا قۇشلارنىڭ ئۇۋا- چاڭگىسىغا ئوخشاش ئىسسىق- سوغۇقتىن، بۇران- شامالدىن دالدا بولىدىغان ئىنسان ئۇۋىسى. ئىنسان ھەرۋاقىت قۇش- جانىۋارلاردىن، ھايۋاناتلاردىن پەرق قىلىدۇ. بۇ مەنىدىن كۈزەتكەندە ئىنسان ئۈچۈن ئۆي- بىساتلىق بولماق، ياخشىراق جايدا يېتىپ قوپماق ياشاش ئېھتىياجلىرى ئىچىدىكى ئەقەللى تەلەپلەرنىڭ بىرسى. خېلى بىر زامان نامراتلىق، ئاچ- زېرىنلىقنىڭ دەردىنى <<ۋاي داد!>> دىگۈچە تېتىپ كۆرگەن، قۇتاندىن پەرقسىز- ئۆي- ئۇۋىدا يېتىپ كۆرگەن بىزلىيلىقلار ئۈچۈن پۇل تاپقاندا بىرىنچى بولۇپ ئويلىغىنىنىڭ ياخشىراق ئوي سېلىش ئىكەنلىگىنى ئەلۋەتتە ئالقىشلاشقا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇلار شۇنداق قىلدى: پۇل تاپقانسېرى، پۇلى ئاۋۇغانسېرى يىلمۇ- يىل ئۆي سېلىپ، ئۆي بېزىدى. ئۇزاقى يىلىمۇ، ئۆتكەن يىلىمۇ، بۇ يىلمۇ شۇنداق قىلدى. بىزلىيلىقلار ئۆي سېلىپ ھارمىدى. ئۆي سېلىپ بېلى مۈكچەيمىدى. گويا ئۇلار بار پۇلنى ئۆي سېلىش ۋە ئۆي ياسىتىش ئۈچۈنلا تاپقاندەك بۇ يىل ھويلىسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە كاتتا ئۆي –ئايۋان سالغان بولسا، ياندۇرقى يىلى بۇ تەرىپىگە سالدى. يەنە بىر يىلى ئاۋالقىسىنى چېقىۋېتىپ، زامانغا ماس، دەۋىرگە لايىق قىلىپ يەنە سالدۇردى. ئەمما، زامان دىگەننىڭ تىكىشى، دەۋىر دىگەننىڭ ھەپسلىسى تۇلا ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا بىزلىيلىقلارنىڭ ئۆي سېلىش ھالىتىدىمۇ شۇنىڭغا ياراش ئۆزگۈرۈشلەر دائىملا يۈز بېرىپ تۇردى. ھەتتا ئۇلار بىر ھەمەللنىڭ بىرقانچە يىرىگە، بىر شەھەرنىڭ بىرقانچە جايىغا بىر- بېرىدىن ئېسىل، بىر- بېرىدىن ياسىداق ئۆي -زىمىن ئەھيا قىلدى. بىزلىيى يىرىگە ياندىشىپ سوزۇلۇپ ياتقان <<سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانقى>>دىن بايقالغان بەلگە- ئىزنالارغا قاراپ، بىزلىيلىقلار ئەژدادىنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا ئېسىلزادىلەر پۇشتىدىن ئىكەنلىكىگە شەك بىلەن قارىمايدىغان كەمىنە بۇلارنىڭ ئۆي- ئۇۋىغا بولغان بۇ خىل ھېرىسمەنلىكىنى يامىنىغا ئويلاپ كەتمىسىمۇ، ئەمدىگە كەلگىنىدىكى چەكتىن ئاشقان ئىسراپخورلۇق ۋە خۇدىنى بىلمەي قېلىشىغا قاراپ قۇشۇمىسىنى تۈرمەي ئامالى يوق. قۇشۇمامنىڭ تۈرۈلۈشىگە يېقىندا بىزلىي بايلىرىدىن بىرسىنىڭ ئۆيۈمگە ئاتايەن ئىزدەپ كلىپ مەندىن ئالماقچى بولغان بىر مەسلىھەتى كۈچلۈك سەۋەپ بولدى:

    ياشاش ھەلەكچىلكىدە ئۈرۈمچى بىلەن خۇتەن ئارىلىقىدىراق يۈرۈيدىغان ئىنى دىمەت ئۇ سامپۇللۇقۇمنىڭ دىيىشىچە ئۇ يېقىندا ئۈرۈمچىدىن يەنە بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋاپتۇ. ئۆينىغۇ ياخشى جايدىن، بازار باھاسى بۇيىچە سېتىۋېلىپ، رەسمىيەتلىرىنى تۇلۇق ئۆتەپ بوپتۇ. ئەمدىكى بېشى قاتقىنى 86كۇدىرات مېتىرلىق بۇ ئۆيىنى مەلۇم بىر بىزەكچىلىك شىركىتى بىلەن 3مىليونلۇق باھادا بىزىتىش توختامى تۈزگەنىكەن، بىزەكچىلىك شىركىتىنىڭ باش قاتۇرۇپ پۈتتۈرگەن ئۈچ قېتىملىق بىزەش لاھىيەسى سامپۇللۇقۇمغا يارىماي قاپتۇ. 150مىڭ يەنلىك لاھىيە ھەققى بايامقى باھانىڭ سىرتىدا ئىكەن. يۇرتلۇقۇم شۇڭا مىنى ئىزدەپ كەلگىنى ئىكەن. يا شۇ لاھىيەدىن بىرىنى تاللاپ بىرىدىكەنمەن، ياكى ياخشىراق بىزەش لاھىيەسى سىزىپ بېرىدىكەنمەن.

    قۇشۇمام شۇ ۋاقىتتىلا تۈرۈلدى. ھەرقانچە ئويلاپمۇ ھازىرقى دەۋىر بىزەك ماتىرياللىرىدىن قايسىسىنى ئىشلىتىپ ئۆي بىزىسە 3مىليون يۈەن خەلق پۇلىنى 86كۇادىرات مېتىرلىق ئۆينىڭ تام- تۇرۇسلىرىغا بىر يولىلا چاپلاپ تۈگەتكىلى بولىدىغىنىنى ئەقلىمغا سىغدۇرالمىدىم. 150مىڭ يۈئەنلىك باھادىكى سىزمىنى كۆرۈڭ تېخى! شۇڭا ئۇنىڭغا ئارتۇقچە ئىلتىپات كۆرسەتمەيلا ئۇزاتماق بولۇپ ئېيتتىم:

    _ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆيىڭىز، ھېلىھەم سامپۇلدكى شۇ مەھەللىدە ياشاۋاتقان نەۋرە تۇققانلىرىڭىز، تام قوشنىلىرىنىڭىزنىڭ ئەھۋالى ماڭا بەش قولدەك ئايان. تۆت مىليون دىگەن پۇلغا خۇتەن تەرەپتە بىر بىنانى سېتىۋالغىلى، ئۇ بىناغا ئۆي- ماكانسىز نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى ماكانلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئىسراپچىلىق قىلماڭ. ھەق تائاللاھ سىزگە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆيىڭىزنى، بالا ۋاقىتلىرىڭىزدىكى شۇ كۈنىڭىزنى قايتا كۆرسەتمىگەي!

    مېنىڭچە ھەر ئىشنىڭ مۆتىدىل بولغىنى ئەۋزەل. مەيلى قاي دەرىجىدە تىقىلىپ كەتمەيلى بىزلىيلىق ئۇ دىھقان مىليونىرلار ئۈچۈن ھويلا- ھويلىلارغا مۇزىكىلىق فونتان، ئۆي- خانىلەرگە ئالى دەرىجىدىكى سۇ ئۈزۈش كۆلى، كۆپ قاناللىق تىلىۋزىيە ۋە رادىئو قۇبۇللۇغۇچلۇق دۇش- ۋاننا، ئالاھىدە ئىقتىدارلىق دۈمبە ۋە يۇتا قاشلىغۇچ... قاتارلىقلار ھازىرچە بىھاجەت.

    ب.  بىزلىيلقلار خېلى كۆپ پۇلىنى ماشىنا سېتىۋېلىش ۋە ئاپتوموبىل خىراجىتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.  كەمىنە 1992- يىلى بىزلىي كەنتىسىدە خىزمەت بىلەن بىر مەھەل تۇرۇپ قالغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتىكى خاتىرەمنى ئەمدى قايتا ۋاراقلاپ باقسام، ئەينى ۋاقىتتا بىرمۇ دىھقان ئۆيىدە ماشىنا بارلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. ئارىدىن دەل يىگىرمە يىل ئۆتكەن بۈگۈنگە قارايدىغان بولساق، يۇقارقى بۆلەكتە يېزىۋالغىنىمىزدەك بىزلىي كەنتىسىدىكى خۇسۇسى كىچىك ئاپتوموبىل 246گە يەتكەننىڭ ئۈستىگە ھەممىسى دىگۈدەك دۇنياغا داڭدار، ئالى دەرىجىلىك ئاپتوموبىللاردىن ئىدى. ھەر قېتىم قارىسام ساقال- سۇمباتلىق، كەڭ پىشەنە، قۇيۇق قاشلىق، قىڭراق قاڭشارلىق، سەدەپ چىشلىق بىزلىيلىقلارنىڭ ئۇ ئاپتوموبىللارغا تولىمۇ ياراشقانلىقىنى بايقايمەن. مەن بۇنىڭدىن چەكسىز سۈيۈنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن. چۈنكى، راھەتلىك قاتناش بىز ئۈچۈن بۇيۇن تولغاش ئۈچۈنلا يارالمىغان. راھەتتە ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭمۇ ھەققى بار. لېكىن، راھەتنىڭ ھەممىسى بەخت بولۇشى ناتايىن. بىزلىي دىھقانلىرى بۇ ماشىنىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئاز پۇل خەژلىمىگەننىڭ ئۈستىگە توختىماي يۈز بېرىۋاتقان قاتناش ھادىسىللىرى، يوق بولۇۋاتقان جان، تۆكۈلۈۋاتقان قانلارنىڭ يىغا- دەردىنىمۇ ئاز تارتمىدى. قىززىق يىرى شۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىزلىيلىقلار ئىچىدە بىر ماشىنىنى بىر يىل تۇلۇق ھەيدەپ كېيىنكى يىلغا ئاتلىغانلىرىنى ئۇچراتماق بەك تەس بولۇپ قالدى. گويا شۇنداق بىر پەرز ياكى ۋاجىپ باردەك توختىماي ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇش، ئالماشتۇرغاندىمۇ ئاۋالقىسىدىن يېڭى، ئاۋالقىسىدىن ئېسىل، ئاۋالقىسىدىن چاپقۇر، ئاۋالقىسىدىن قىممەت باھالىقىغا ئالماشتۇرۇش بۇ يەردىكى گەۋدىلىك مودىغا ئايلاندى.

    س.بىزلىيلىقلار نامراتلارغا ياردەم قىلماق، ئاجىزلارغا باشپاناھ بولماق ئۈچۈن پۇل خەژلەيدۇ. ئايدىمۇ داغ، قاشتېشىدىمۇ دەز بولغىنىغا ئوخشاش بىزلىيدىمۇ نامرات ئاھالە بار. ھېچ بولمىغاندا ھەق تائاللاھ بىزلىي بايلىرىنى كۈنى دىگۈدەك كۈرۈپ تۇرسۇن، ئىبرەت ئېلىپ تۇرسۇن دەپ شۇ كەنتكە ئاپىردە قىلغان ئاجىز، مېيىپ، بىقۇۋۇل، مەجرۇھ كىشىلەردىن بار. بىزلىيلىق پۇل ئىگىلىرى ئۇ نامراتلارنى، ئۇ بىقۇۋۇللارنى رازىمەنلىك بىلەن پاناھىغا ئېلىپ، كۈندىلىك ئاش- ئۇزۇق، يېتىپ قوپماق، داۋالىنىپ ھاياتىنى داۋام ئەتمەك قاتارلىقلاردا كۆپ ياردەملەرنى بېرىدۇ. بىزلىيدىن ئۇچرىتالمىسا ئۇچراتقان جاي- ماكاندىكى نامرات، مەجروھلارغا، تەڭلىكتىن باش تاتىلىغان ھەر جانغا ياردەم بەرمەك بىزلىيلىقلار ئۈچۈن ئۇدۇمغا ئايلاندى. بىزلىيدىكى ئالىم ھاجىمنىڭ ئۆز مەھەللىسىدىكى مېيىپ، يىتىم، مەجرۇھ قىزنى كىچىكىدىن باشلاپلا بالىچىلاپ بېقىۋېلىپ قاتارغا قوشقىنى، شۇ مەجرۇھنىڭ ئاكا- ئىنىسىنى بىر قوللۇق تويلاپ، ئۆيلەپ، ئۆي- ماكانلىق قىلىپ قويغىنى، ئۇ بالىلارغا ھېلىھەم ئاتىلارچە ئاتىدارچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقىنى بىزلىي، سامپۇلدا ھەممە بىلىدىغان رىئاللىق.

    يول- كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىش، مەسچىت- خانىقا سېلىش، نۇرغۇنلىغان نامرات ئائىلىلەرگە ئۆي سېلىپ بېرىش، قىشلىق ئىسسىنىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش قاتارلىق ياخشىلىق، ساۋاپلىق يولىنى بويلاش بىزلىي بايلىرىنىڭ دائىملىق ئادىتى. ھېچ بولمىغىنىدا باشقىلارنىڭ نەزىرىدە شۇنداقراق بىر ئاتاققا ئىرىشىش ئۈچۈن بولسىمۇ شۇنداق. بۇ ھەقتە <<خۇتەن گېزىتى>>نىڭ ھەر يىللىق سانلىرىدا كۆپلىگەن ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئۇچرۇتۇش تامامەن مۈمكىن بولغاچقا بۇ يەردە ئارتۇقچە تەكراردىن ئۈزۈمنى پىنھان تۇتتۇم.

    د.ھەج- تاۋاپ قىلماق، سەيلە- ساياھەتتە بولماق بىزلىيلىقلارنىڭ ئاساسى چىقىم تۈرىنىڭ بىرسى. ھازىرقى بىزلىي قاشتاشچىلىرى ئارىسىدا ئىككى ھەرەم بەيتۇللانى تاۋاپ قىلمىغان، پەرز ۋە ئۆمرى ھەجلىرىنى ئادا قىلمىغانلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك. ئەگەر سىز بىزلىي تۇپرىقىغا تۇنجى ئاياق باسقۇچى بولۇپ، بىرەرىدىن يول سورىماق ياكى بىرەرى بىلەن پاراڭلاشماق نىيىتىدە بولغىنىڭىزدا ئۇچرىغۇچىنى نىمە دەپ ئاتاش ھەققىدە ئويلىنىپ قالغان بولسىڭىز تەۋسىيەم شۇكى، كۆپ ئويلانمايلا <<ھاجىم>> ئاتالغۇسىدا چاقىرىۋېرىڭ. ئىشەنچىم كامىلكى بۇنداق چاقىرىشىڭىز كۆپ ھاللاردا شەكسىز توغرا چىقىدۇ. <<ھاجىم>> ئەمەس بىزلىيلىقلارمۇ نۇرغۇن دۆلەتلەردە ساياھەتتە بولۇپ كەلگەنلەردىندۇر. ھەتتا مەن بىلىدىغان بىزلىيلىقلار ئۈچۈن دوستلار ئارا بىرەر ۋاخ تاماق يەۋېتىپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى مەلۇم بىر ئىستىراھەت ئورنىنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قالغۇدەك بولسا شۇ ھامان سومكىسىنى قولتۇقىغا قىستۇرغىنىچە شۇ تامان يۈرۈپ كېتىدىغانلار خېلى كۆپ.

     جاھان كۆرمەك، دۇنياغا نەزەر سالماق ئەلۋەتتە ئالقىشلاشقا تىگىشلىك ياخشى ئىش. بىزدە <<شەھەر كۆرگەن ئىتتىنمۇ قورققلۇق>> دىگەن تەمسىل بار. دىمەك، ئەقىل ۋە ھاسىلات كۆرۈش، پىكىر يۈرگۈزۈش، سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ مەنىدىن بىزلىيلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇنيانى كۆرۈش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ئاپىرىنلاشقا ھەقلىقمىز. لېكىن، يامان يىرى بىزلىيلىقلار چەتئەلدىن تەكلىپ ۋىزىسى ئەكەلدۈرۈش، پاسپورت بىجىرىش يولىدا پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرمايدىغان بولۇۋالدى. تۈز، توغرا، مۇئاپىق، قانۇنىي يول – پىرىنسىپلار بىلەن ھەل بولىدىغان ئىشلارنىمۇ بىزلىيلىق دىھقانلار چۇقۇمكى مۇناسىۋەت يولى، بىرى- بىرىدىن ئارتۇق پۇل خەژلەش يولى، پارا- سوۋغات سۈڭگۈتۈش يولى، يۇقۇرى سوممىلىق تاپان ھەققى بىرىش يولى بىلەن ھەل قىلىپ ئۈگۈنۈپ قالدى. ئۈگۈنۈپ قالسىغۇ مەيلى ئىدى، يامان يىرى ئىش بىجىرگۈچىلەرنى شۇندىقىغا ئۈگۈتۈپ قالدى. شۇڭىمۇ ئۇلۇق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ پاسپورت قانۇنىدىكى مۇكەممەل ماددىلار خۇتەن تەۋەسىدە تامامى ئۇنتۇلۇپ، قانۇندىكى <<10 خىزمەت كۈنىدە>> چىقىدىغان پاسپورت ئىش بىجىرگۈچى ئورگاننىڭ رەھمى كەلسە بىر- ئىككى يىلدا، ئىككى- ئۈچ يىلدا ئاندىن قانۇنلۇق پاسپورت ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قولغا تىگىدىغان ھال شەكىللەندى. بۇ ئارىدا ئىلتىماسچى ئاۋام نۇرغۇنلىغان بىھۇدە يوللارنى مېڭىشقا، كۈرمىڭلىغان بىھۇدە جەدىۋەللەرنى توشقۇزۇپ، سانسىزلىغان ئارتۇقچە ئىشىك- بۇسۇغۇلاردا كۈتۈشكە، بېسىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق تامغا- تۇجاڭزىلارنى باستۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇ يوللاردا نەچچە ئاياقنىڭ چەمى ئۇپراپ ئاران دىگەندە جۇمھۇرىيەت قانۇنىغا ئۇيغۇن ھالدا ئىشلىنىپ پۈتكەن پاسپورتنى ئىلتىماسچى قولىغا ئالالىسا دەڭ تېخى! يەنە قايسىبىر ئورگانغا 50مىڭ، يۈز مىڭ، ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ رەنە پۇلى قۇيۇپ ئاندىن پاسپورتنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ھال شەكىللەندى.

    ئادالەتلىك دەۋرىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ بىھۇدىلىقىدىن ئىچىم ھەرە كۈنىكىدەك بولۇپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە يۇرتقا بېرىپ قالدىم. سامپۇلدىكى قەدىردانلىرىمدىن 10نەچچىسى ھال سورىماق بولۇپ ھويلامغا ئاياق بېسىشتى. كەلگۈچىلەر ئارىسىدا بىز شۇ تاپ <<غەيۋىتى>>نى قىلىۋاتقان بىزلىيلىق مىليونىرلاردىنمۇ بىرنەچچىسى بار ئىدى. شۇلاردىن بىرى تۇيۇقسىز سوراپ قالدى:

    _ ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقىي مۇئەللىم بىلەن ئۆزلىرى يۇرتىمىزدىن چىققان ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەر. سۇرايلى دىسەك بەرقى مۇئەللىم كەلمەپتۇ، بىزگە ئېيتىپ بەرسىلە قېنى، ھازىر دۆلىتىمىزدە نەچچە خىل تۈزۈم بار؟

    بىزلىيلىق بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ سۇئالدىن سەلگىنە ھەيران قالدىم. شۇنداقتىمۇ ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ باش لاھىيىلىگۈچىسى يولداش دىڭشىياۋپىڭ ئوتتۇرغا قويغان <<بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش>> سىياسىتىنى، يەنە بىر خىل سىياسەتنىڭ شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمىنغا قارىتىلغانلىقىنى، ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلىقىغا قۇشۇلغاندىن كېيىنكى تەيۋەنگىمۇ شۇ خىل تۈزۈم بۇيىچە مۇئامىلە قىلىنسا بولىدىغانلىقىنى ئىزاھلىدىم.

     سۇئالچى ئاچچىق كۈلدى. تەنىلىك ئۇزايىدىن قارىغاندا چۈشەندۈرۈشلىرىمدىن  بىر بولسا تۇلۇق خەۋەرداردەك، بىر بولسا گۇمان بىلەن قارايدىغاندەك قىلاتتى. سۆزلىشىشىمىز داۋامىدا بىلدىمكى، يۇرتلۇقۇم ھەر ئىككىلىسى ئىكەن. دىگەنلىرىمنى ھەم بىلىدىكەن ھەم گۇمان قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ دىيىشلىرىدىن بايقىدىمكى، تۇنۇشۇم مۇشۇ ئاي- مۇشۇ كۈنلەردە <<بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش>> سىياسىتىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ قېرىنداش ۋىلايەت- ئوبلاستلىرى بىلەن خۇتەن ۋىلايىتىنىڭ تاشقى ئالاقە، پاسپورت بىجىرىش ئىشلىرىدا قوللىنىلىدىغان تۈزۈممىكىن، دەپ قېلىۋاتقىنىنى، قانۇن ماددىلىرىنى قانچە ئۈگۈنۈپ- ئۆزلەشتۈرۈپمۇ بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋاپقا ئېرىشەلمىگىنىنى، شۇڭا ئەمدىكى نىشانىدا قايسىبىر دۆلەتتىن قىممەت باھالىق <<قامەت>> ئەكەلدۈرۈپ، شۇ دۆلەتتە ۋاقىتلىق نۇپۇسقا ئۆتۈپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا راۋان يۈرۈشۈپ تۇرۇش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈردى. بىلىشىمچە ئۇنداقلار بىزلىي تەۋەسىدە، جۈملىدىن خۇتەن تەۋەسىدە خېلىلا كۆپىيىپ قاپتۇ. <<قامەت>> دىگىنى مەلۇم بىر دۆلەتتە ئىشلەمچى بولۇش ھوقۇقۇنى سېتىۋالدىغان ئىش بولۇپ، بىزدىكى <<ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى>>گە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. شۇ كىنىشكە ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پۇل خەژلەيدىغان ۋە ئۇ پۇلىنى ھەر يىلى تۈلەپ تۇرىدىغان گەپ ئىكەن. شۇنداق كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە بىمالال چىقىپ- كىرىشى خۇتەندە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىكەن. <<قامىتى يوق>> ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قانۇنلۇق پاسپورتى پاسپورت ئىگىسىنڭ قۇلىدا تۇرغۇزۇلمايدىكەن.

    دۆلىتىمىز ئالاقىدار قانۇن- نىزاملىرىغا تۈپتىن خىلاپ بۇ ئىشلارنىڭ راستلىقى ئۈچۈن ھويلامغا جەم بولۇشقان ھەممە باش تەڭلا گىلدىڭلاشتى. كىيىنكى كۈنلەردىكى سۈرۈشتۈرۈشۈمدىن ئايان بولدىكى، بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرىم ھەقىقەت بولغاننىڭ ئۈستىگە خۇتەندە ئۇمۇملىشىپ قالغان بىر قائىدە ئىكەن. بۇ ئىشلارنىڭ ۋەجىنى مەن يەنىلا بىزلىيلىق، خۇتەنلىك قاشتاشچىلارغا ئارتماي تۇرالمىدىم. دەل شۇلار شۇنداق ئۈگۈتۈپ قويمىغان، ئىش بىجىرگۈچىلەردە يامان سۈپەتلىك رېفلىكىس پەيدا قىلىپ قويمىغان بولسا، ئىشلار بۇنچىلىك بۇلۇپمۇ كەتمەسمىدىكىن؟!

    ئې.بىزلىيلىقلار ئۆزىنى كۆز- كۆز قىلىش ئۈچۈن پۇل خەژلەيدۇ. كىيىم- كىچەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىنە، ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە باشقا تۈرلۈك- تۈمەن سېتىۋالغۇلۇقلاردا بىزلىيلىقلار سېتىۋېلىش نىشانىدىكى شۇ بۇيۇمنىڭ ئۆزىگە خوپ كېلىدىغان- كەلمەيدىغانلىقى، يارىشىدىغان- ياراشمايدىغانلىقى، زۈرۈر كېرەك ياكى ئەمەسلىكى بىلەن ئارتۇقچە ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قىممەت بولسىلا ئەڭ ياخشى، يېڭى چىققانلا بولسا شۇ ئەڭ ياخشى. كۈزۈتۈشۈمچە ئۇلارنىڭ تاۋار سېتىۋېلىشى ئۈچۈن ئىككىلا شەرت باردەك قىلىدۇ: بىرى، تۇنجى سېتىۋالغۇچى بولۇش. يەنە بىرى باشقىلاردىن ئارتۇقراق تۇرىدىغىنىنى قىمەتراق باھادا سېتىۋېلىش. ماھىيەتتە بۇ ئىككى خىل <<سېتىۋېلىش>>نىڭ ھەر ئىككىسى نىشانىدىكى نەرسىنى تۇلۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ قارىغۇلارچە پۇل خەژلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىش پۇرسىتىنى پۇل تۈلەپ تۇرۇپ يارىتىشنى مەخسەت قىلغاندەك تۇرىدۇ. بۇ خىل ئۆز ئىڭىكىگە ئۆزى ئۇرۇپ تۇرۇپ <<مەن سېمىز>> دەپ يۈرۈش تولىمۇ نادانلىق ۋە ئاددىلىقتىن باشقا مەنە بىرەلمەيدۇ.

    بىزلىيلىقلارنىڭ نەرسە سېتىۋالغاندىكى يەنە بىر ئەخمىقانە ئالاھىدىلىكى، ئۇلار مۇقۇم باھالىق ئەمەس دۇكاندارلار بىلەنمۇ زادىلا باھا تالاشمايدۇ. ئاشخانا، ماگزىنلاردا قايتۇرۇلغان ئوشۇق پۇللارنى ئېلىشنى نۇمۇس بىلىشىدۇ. بىزلىيلىقلاردىكى بۇ خىل روھى غالىبىيەتچىلىك خۇتەندە مال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا خۇتەندە كۆكەمە، مۇتىھەم، قارام تىجارەتچىلەرنىڭ كۈنساناپ ئاۋۇشىنى، تىجارەتتىكى ئىنساپ ۋە ئەخلاقنىڭ بارغانچە سۇسلىشىشىنى غولداتتى. بۇ ھال قاشتېشىچىلىق قىلمايدىغان سانسىز كىشىلەرنىڭ چىشىنى ئۇپرىغۇدەك دەرىجىدە غۇچۇرلاتتى.

    بىزلىيلىقلاردىكى ئۆز- ئۆزىنى كۆز- كۆز قىلىشنىڭ يەنە بىر ئالامىتى ئۇلار قەيەردە بىر چولپاننىڭ ھىد- بۇسىنى پۇرىغۇدەك بولۇپ قالسا ھەر ئاماللار بىلەن شۇ <<چولپان>> بىلەن ياندىشىپ يۈرۈش ئىمكانىنى يارىتىدۇ. چولپاننىڭ ئۆزىگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى ئۇلار ئۈچۈن ئۇنچە مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئۆزىنىڭ شۇ چولپان بىلەن بىرگە يۈرگىنىنى ئامال بار كۆپراق ئادەمنىڭ بىلىشى، ئاڭلىشى. بۇ يەردىكى چولپاننڭ كەسپىمۇ، مەشغۇل ئىش تۈرىمۇ ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، ئىشقىلىپ بىزلىيلىقلارنىڭ ئۆلچىمىدىكى <<چولپان>> نۇرمال ئادەملەردىن غەيرىراق بولسىلا بولدى!

    ف.    بىزلىيلىقلار پۇلنى تۈزۈم ۋە تۈزۈلمىلەرنى بۇزغۇنچلىققا ئۇچرۇتۇش، يەرلىك ئەمەل ساھىپلىرىمىزنى چىرىتىش ئۈچۈن خەژلەيدۇ. بىزلىيدىكى ھەر بىر قاشتاشچىنىڭ يۇقۇرى- تۈۋەندە كۈنى دىگۈدەك يوقلاپ تۇرىدىغان ئەمەل ساھىبلىرى بار. قاشتېشى تىجارىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ پۇل، ئىناۋەت تاپقانلارنىڭ خۇتەندىكى كالتە- كۈسەي ئەمەل ساھىپلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ھەقىقەتەن قۇيۇق. قاشتاشچىلىقنىڭ تىجارەت يولىدا پۇت تىرەپ تۇرۇش، قاشتېشى قازىدىغان يەر- زىمىنغا ئىگە بولۇش ئۈچۈنلا ئەمەس ئۆزىنى كۆز- كۆز قىلىش، ئۆزىنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغىنىنى ئىسپات- كۆرگەزمە قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ قولىدا ئەمەل تايىقى، بېشىدا مەنسەپ كۇلاھى بار ھەرقانداق چوڭ- كىچىك ئەمەلدار بىلەن يېقىنلىشىش، مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشى مۇشۇ كەملەردە خۇتەندە مودا ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. بىزلىيلىقلارنىڭ ئۇلار بىلەن پۈتتۈرىدىغان ئىش- كۈشى چىقىپلا تۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ بولمىسا تۇققىنىنىڭ، تۇققىنىنىڭ بولمىسا قوشنىسىنىڭ، ئۇنىڭمۇ بولمىسا بىرەر ھاجەتمەننىڭ ئىشى چۇقۇم بار. ئىش پۈتتۈرۈش ئۈچۈن تايانچ بولمىسا بولمايدۇ. تەڭلىكتىن باش تاتىلىغان ھەر جان، ھاجىتىنى راۋا قىلىشنىڭ يولىنى تاپالمايۋاتقان ھەر ئىنسان تالاي دوقمۇشلاردا بۇرنى قاناپ، تالاي ئىشىكلەردە بويۇن قىسىپ بولغىنىدىن كېيىن بىزلىيلىق قاشتاشچىلاردىن بىرەرىنى ئىزدىسە، بۇرنىدىكى قان شۇ ھامان توختاپ، قاراڭغۇلۇققا پاتقان مىسكىن كۈلبىسى نۇر-زىياغا تۈڭلۈك ئاچىدۇ. بۇمۇ گۈل بار جايدا ھەسەل ھەرىسى، پوق بار جايدا چىۋىن دىگەن ئۇچراپلا تۇرغاندەك بىر ئىش. يەرلىك ئەمەلدارىلىرىمىزدىن بىر بۆلىكى بۇنداق <<گۈل شىرنىسى>>گە تولىمۇ كۈنۈپ كەتكەن. ئۇنداقلار شۇ <<شىرنە>>دىن ئاز- تۇلا ئوتلىۋالسىلا ھۆكۈمەت ئىشى، دۆلەت سىياسىتى، خەلق مەنپەئەتىنىڭ قانداق بولۇشى ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. بۇ ھاياجانلىرىمىزغا مىسال:

    دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى بولغان <<پىلانلىق تۇغۇش>> تۈزۈمىگە ئېغىر خلاپلىق قىلىپ بەشىنچى پەرزەنتىنى كۆرگەن بىر بەگچەك ئايالى ئالتىنچى بالىغا قۇرساق كۆتۈرگەن ۋاقىتتا ئۇ ئىشنى بايقاپ قېلىپ ئۆيىگە كەلگەن پىلانلىق تۇغۇت مەسئۇل خادىمىنىڭ ئالدىغا 25مىڭ يۈئەن نەق پۇلنى قۇيۇپتۇ ۋە <<بۇ پۇلنى ئېلىڭ، ئايالىمنىڭ قۇرسىقىدىكى بالىنى ئاۋالقىغا ئوخشاش يۇقۇرىدىكىلەردىن يۇشۇرالىسىڭىز بۇ پۇلمۇ سىزنىڭ بولسۇن، بۇ قېتىم يۇشۇرالمىسڭىز مەندىن ئالىدىغان جەرىمەنىگە ھىساپلاڭ>> دەپتۇ. پىلانلىق تۇغۇتقا مەسئۇل خادىم پۇلىنى ئېلىپ قايتىپ كىتىپتۇ ۋە ئانچە ئۆتمەي بەگچەكنىڭ ئۆيىگە يەنە كېلىپ، ئۇ ئىشنى يۇقۇردىكىلەردىن يۇشۇرماقنىڭ تەس كېلىۋاتقىنىنى، شۇڭا تېزدىن ئىككى ئىش قىلماقنىڭ زۈرۈرلىگىنى ئېيتىپتۇ: بىرى، بەگچەك پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتىغا زۈرۈر بەزى ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىپ بىرىشى كېرەك ئىكەن. يەنە بىرى ئۆتكەنكى پۇلنى يەنە بىر قاتلىمىقى زۈرۈر ئىكەن. بەگچەك ئاۋال بىرىنچى شەرتنى ئادا قىپتۇ ۋە ئانچە ئۆتمەي <<پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى نەمۇنىچى شەخس>> بولۇپ كەڭ تەشۋىق قىلىنىپتۇ. <<نەمۇنىچى شەخس>>نىڭ سىياسەتكە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كىم كۆرۈپتىكەن؟ شۇنداقتىمۇ كىيىنكى شەرتنىمۇ ئادا قىپتۇ. نەتىجىدە يۇقارقى ئۇسۇل- ئاماللار بىلەن ھېلىقى بەگچەك ئالدىنقى يىلى 9- پەرزەنتىنىڭ يۈزىنى كۆرۈپتۇدەك.

    بۇ ھېكايەتنى كەلتۈرۈپ بولۇپ ئۆز نۆۋىتىدە ئۈزەم ياخشى كۆرۈدىغان، خەلق ھۆرمەتلەيدىغان، ئاۋامنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ، سۈيىدە ئېقىشنى ئارزۇلايدىغان خۇتەندىكى پاك چوڭ- كىچىك ئەمەلدارلىرىمىزغا شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ: يەرلىك ئەمەلدارلىرىمىز ئاگاھ ۋە دانا بولسۇنكى، بىزلىيلىق پۇل ئىگىللىرىنىڭ تولىسى ۋاپاسىز. ئۇلار سىز ئەمەل- مەنسەپ كۇرسىڭىزدىن ئايرلغان، ياكى دەم ئېلىش ، ئارامغا چىقىش كىنىشكىڭىزنى پۈتتۈرگەن كۈنىڭىزدىلا سىز بىلەن ياتلىشىپ، تاشلىشىپ ئۈلگىرىدۇ. ھەتتا سىزگە يۈزسىزلىك قىلشتىن، يالا- بۆھتانلارنى چاپلاشتىن، يېڭى باشلىققا سىزنىڭ <<قارا ماتىريالىڭىز>>نى توملاپ يەتكۈزۈشتىن يانمايدۇ!

    گ.كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ۋە ئاشنا ئۈچۈن ئايىماي پۇل خەژلەش بىزلىيدىكى بىر يامان ئۆسمە.

    ئەسلىدە <<كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش>> ۋە ئاشنا- تۇقال تۇتۇشتەك خۇتەن قاشتاشچىلىقى، جۈملىدىن بىزلىي بايلىرى ئۈچۈن كونىرىغان بۇ تېتىقسىز مەزمۇننى مەكۇر يازمىدا تەكرالىمىساقمۇ تامامەن بۇلاتتى. ئەمما، خۇتەندە كۈنسېرى غولداۋاتقان گەپ- سۆزلەر ۋە رىئال كۈرۈنمىلەرگە قارىغاندا قوش ۋە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش، ئاشنا –تۇقال تۇتۇش ، پىشقەدەملەر، ئوتتۇرا ياشلىقلار توپىدىن ياشلار ئارىسىغا يۇقۇملۇق كىسەلدەك يامراپ، شۇ تۈپەيلى ۋەيران بولغان ئائىلە، تۇل بولغان خوتۇن، يىتىم بولغان نارىسىدىلەرنىڭ بارغانچە ئاۋۇپ قېلىۋاتقانلىقى بىزنىڭ بۇ تېتىقسىزلىق ھەققىدە قەلەم ئۇپرىتىشمىزغا سەۋەپ بولدى. تەكرارلىشىمىزنىڭ سەۋەبى: مەتبۇئاتنىڭ ھېيىقتۇرۇش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، شۇ خىلدىكى ئۆزىنى تۇيمايۋاتقان ياشلىرىمىزنى سىلكىشلەپ قۇيۇشتىن باشقا مۇددىئادا ئەمەسمىز.

    خۇتەندە كۆپ خوتۇن ئالغۇچىلار ھەققىدىكى يېرىم يۇمۇرغا ئوخشاپ كېتىدىغان << بىزلىيلىق بىر قانچە ئاغىنە ئۆزلىرىنىڭ تۇقاللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلماق بولۇشۇپ، شاھەنە سورۇن راسلاپتۇ. ئاخىرىدا ھەممىسىنىڭ چىللاپ كەلگىنى بىر خوتۇن بولۇپ چىقىپتۇ>> دىگەن بىر مەزىسىز ۋە لوگىكىسىز لەتىپىنىڭ ئېقىپ يۈرگىنىگە خېلى يىللار بولۇپ قالدى. بۇ لەتىپە گەرچە خۇتەن ئۈچۈن ياخشى نام تارقاتمايدىغان، يۇرت- يۇرتلارنى كېزىپ يۈرگەن يېرىم يۇمۇر بولسىمۇ، نىمىلا دىگەن بىلەن خۇتەن، جۈملىدىن بىزلىي رىئاللىقىنى قىسمەن بولسىمۇ ئېچىپ بىرەلىگەنلىكى ئۈچۈن قىممەتلىك.

     مەن بۇ يىل 2- يانۋار كۈنى تاسددىپىي پۇرسەتتە بۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىكراق بىر ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ قالدىم. شۇ كۈنى خۇتەن شەھرىنىڭ ئىتتىپاق مەيدانىغا يانداش سېلىنغان چىرايلىق قورونىڭ 3- قەۋىتىدە ئولتۇراۇشلۇق بىر دىلكىشىمنىڭ خانىسىدە مىھماندارچىلىقتا بولغان ئىدىم. بىركەملەردە ئىختىيارسىلا درىزە يېنىغا كىلىپ تەكچىگە جەينەك تىرەپ، پەردىنى قايرىشلاپ سىرتنىڭ مەنزىرىسىگە زەڭ قۇيۇپ قاپتىمەن. بۇ ھالىتىم نىمىشقىدۇر كۆڭلى يۇمشاق ئۆي ئىگىسى خانىمغا ياقماي قاپتۇ. ئۇ مىنىڭ يېنىمغا ئالدىراپ كەلگىنىچە قۇلۇمدىن تارتىپ كەينىمگە قايتۇردى ۋە دەرىزىنىڭ قېلىن پەردىسىنى شۇ ھامان يېپىۋەتتى.

    _ خاپا بولماڭ،- دىدى، ئۇ ئۆزرە ئورنىدا،- نەچچە كۈندىن بېرى مۇشۇ دەرىزىگە قارىساملا قورققىنىمدىن تىنىم جۇغۇلداپ، يۈرۈگۈم گېلىمغا كەپلىشىپ قالىدۇ.

    يېزىش قىممىتى نوقتىدىدىن دىتلاپ مۇشۇنداق گەپ- سۆزلەرنى تەگلەيدىغان ئادىتىم يەنە قىمىرلىدى. خېلى سۈيلەش، ئۈتۈنۈشلىرىمدىن، خانىمىغا مەدەت بېرىشىمدىن كېيىن ئاق كۆڭۈل ئۆي ئىگىسى ئۆتكەن ھەپتە مۇشۇ دەرىزە تۈۋىدە ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەن بىر قاباھەتنى خىتىلداپ تۇرۇپ تەسلىكتە بايان قىلىپ بەردى:

    شۇ كۈنى خانىم ئۆي تازىلىماق بولۇپ سىرتقا چىقمىغان ئىكەن. كۈن چۈشتىن كېيىنگە قايرىلغاندا تازىلاش نۆۋىتى دەل مۇشۇ دەرىزىگە كەپتۇ. خانىم پەردىلەرنى تۇلۇق قايرىۋېتىپ، دەرىزە ئەينەكلىرىنى ئىخلاس بىلەن سۈرتىۋاتسا دەھشەتلىك بىر چىشى چىقىراقنىڭ ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭ خانىم سۈرتىۋاتقان ئەينەك ئالدىدىن قىپ يالىڭاچ بىر قىز پەس تامان شىددەت بىلەن ئۇچۈپ چۈشۈپتۇ ۋە بىرىنچى قەۋەتتىكى سىمۇنۇت پولغا يەتكىنىدىن كېيىن ئوبدانلا بىر قېتىم قاڭقىۋېتىپ، سۇنايلىنىپ يېتىپتۇ. شۇ قاڭقىش بىلەن تەڭ قىپ- قىزىل قان بىچارىنىڭ بۇرۇن- قۇلاقلىرىدىن، قۇرسىقىدىن، چاترىقىدىن بۇلدۇقلاپ ئېقىپتۇ.

    كۆز ئالدىدىلا روي بەرگەن بۇ كۈرۈنمىنى كۆرۈپ ئەقلى- ھۇشىدىن بىگانە بولغان خانىم بىرپەسكىنە نىمە قىلارىنى بىلمەپتۇ. قويغان تۇتقىنى يەرۇ- ئاسمان بىلەن تەڭلا تۇرمۇزلۇنۇپ قالغاندەك خېلىغىچە تۇرۇپ قاپتۇ. ئانچە ئۆتمەيلا قورونى لەرزىگە كەلتۈرگەن قىيا- چىيادىن ھۇشىغا كېلىپ بارماق چىشلىگىنىچە پەسكە چۈشۈپ قارىغۇدەك بولسا سۈترەڭ بىر قىزنىڭ سىلكىنىشتىن قۇرسىقى يېرىلغان، بېشى مىجىلغان، ئانىدىن تۇغما ھالەتتىكى جەسىدىنى كۆرۈپتۇ. خانىم قىزنى تۇنۇمايدىكەن. لېكىن ئۆزىگە ئوخشاش يىغىلغان قوشنىلارنىڭ شۇ چاغدىكى پەرىزىچە مەرھۇمە 8- قەۋەتتىكى ئاۋۇ ئۇچۇق تۇرغان دەرىزىدىن سەكرىۋالغانمىش.

    خانىم شۇ ھامان 8- قەۋەتكە قاراپتۇ. دەرىزە تۈۋىدە بىرنەچچەيلەن بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ھۇدۇققىنىدىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىشقان ئىكەن.

    ئاق كۆڭۈل خانىم ياش تۆككىنىچە ئۈيىدىن ئەدىيال ئېلىپ چۈشۈپ، مەرھۇمەنى ئەل كۈزىدىن پىنھانغا ئاپتۇ. ئانچە ئۆتمەي كىشىلەر يىغىلىپتۇ. ساقچىلارمۇ كەپتۇ. جەسەت يىغىشتۇرۇلۇپ، نەق مەيدان تازىلىنىپتۇ. لېكىن ماڭا بۇ ھىكايەتنى سۆزلەپ بەرگۈچى خانىمنىڭ دىيىشىچە تا شۇ ۋاقىتقىچە 8- قەۋەتنىڭ دەرىزىسىدىن كۆرۈنگەن باشلاردىن بىرەرىمۇ جەسەت يېنىدا پەيدا بولماپتۇ.

    <<بىر قىز 8- قەۋەتتىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋاپتۇ>> دىگەن خەۋەر ھەممە يەرگە پۇر بولۇپ 3- كۈنى ساقچىلار بۇ قوروغا قايتا كەپتۇ. كەلگۈچىلەر، تەكشۈرگىچىلەر ئاۋۇپتۇ. شۇندىلا ھەممە ئىش ئايان بوپتۇكى، رەھمەتلىككە ئايلانغان ئۇ قىز ھېچقاچان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئەمەس ئىكەن.

     ئەسلىدە يۇقۇرى قەۋەتتىكى ئۇ ئۆي قاشتېشىچىلىق بىلەن بېيىغان ياشقىنە بىر يىگىتنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، شۇ كۈنلەردە ئايالىنىڭ كۆزى يۇرۇپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ئىكەن. ئازادە قالغان يىگىت يېڭىدىن ئېلىۋالغان ياش توقىلىنى مۇشۇ ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ بىرگە تۇرۇۇپتۇ. بۇ ئىش ئانچە ئۆتمەي بىرىنچى خانىم ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانا، ئۇرۇق- تۇققانلىرىنىڭ قۇلىقىغا يىتىپتۇ. نەتىجىدە ئۇ ۋاپاسىز كۈيوغۇلغا ئوغىسى قايناپ تاشقان ئاتا- ئانا- ئۇرۇق- تۇققانلار نۇمۇسسىزلارنىڭ نەق ئۈستىدىن چۈشمەك بولۇپ، شۇ كۈنى تۇيۇقسىزلا 8- قەۋەتتىكى شۇ ئىشىك تۈۋىدە ئۈنۈپتۇ. ئىشىكنىڭ تۇيۇقسىز گۈمبۈرلىشىدىن چۆچۈگەن ياش بىر جۈپلەر ئىشىكنىڭ ئوغرى كۆزىدىن مارىلاپتۇ. ئۆز قېينىئاتا- قېينى ئانىسىنى، ئايالىنىڭ ئاكا- ئىنىلىرىنى كۆرگەن يىگىتنىڭ ھۇدۇقۇشتىن ئېغى نەمدىلىپتۇ. بۇ ئۆيدە بىرەرىنى يۇشۇرۇپ قويغىدەك ئاۋۇلاردىن پىنھان جاي بولمىغاچقا <<ئەقىللىق يىگىت>> قىزنى كارۋات كىرلىكىگە ئوراپ دەرىزە سىرتىغا ساڭگىلىپتىپ، پەردىنى چۈشۈرۈۋېتىپ قىزنىمۇ، ئۆز ناشايانلىقىنىمۇ يۇشۇرماقچى، كەلگەنلەر ھېچنىمىنى كۆرەلمەي قايتقان ھامانلا قىزنى تارتىپ چىقىرىۋالماقچى بوپتۇ. تەمتىرىگەن قىز ماقۇل كەپتۇ.

    قاباھەتنىڭ ئاخىرىنى ئەقىللىق ئۇقۇرمەنلەر پەرەزلەپ بولدىغۇ دەيمەن؟ توغرا، ئىش شۇنداق بوپتۇ: <<تەكشۈرگۈچى>>لەر ئۆي ئىچىدىن ھېچنىمىنى تاپالماي قايتماققا تۇتۇنغان دەل شۇ پەييتە قورققان، توڭلاپ كەتكەن بىچارە قىزنىڭ تىترىكىدىن دەرىزە چىگىشى ئاجراپ، يالىڭاچ قىز پەس تامان چۈشۈپ كىتىپتۇ...

    خۇتەندە بولۇنغان كىيىنكى گەپلەردىن كۆرە مەرھۇمە تېخى 2011- يىلى يازدا قايسىبىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەن تولىمۇ خۇشپىچىم، لىۋەن بىر قىز ئىكەنمىش. ئۇ لىۋەننىڭ تاشچى بەگچەككە تۇقال بولىدىغان ئىشىدىن قىز ئانىسىنىڭ تۇلۇق خەۋرى بار ئىكەنمىش. شۇڭا كىيىنكى دەۋا- دەستۇردىمۇ قىز ئانىسى ھەق- تەلەپ تەلىۋىدىن ۋاز كىچىپ، يەڭ ئىچىدە بىر مۇرەسسەگە كەلمەك بوپتۇدەك. بۇ ئىشلارنىڭ قايسىسى راس، قايسىسى كۆپتۈرمە- قۇشۇلما كەمىنە ئۈچۈن تازا ئېنىق بولمىسىمۇ، 10 گۈلىنىڭ بىر تال غۇنچىسىمۇ ئېچىلمىغان شۇنداق بىر نازىنىننىڭ خۇتەندىكى <<قوش خوتۇنلۇق بولۇش>>نىڭ قارا قۇربانىغا ئايلىنىپ، لەھەتكە ئەبەدى يول ئالغىنى راست. 



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت , مىليونىرلار كەنتى , مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-12-22 11:19:06
    تەھرىر : hotanboy
    باھا : 0 كۆزىتىش : 462
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证