تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت-3
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hotanboy
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 14197
    26645828@qq.com

    يازما سانى : 7
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت-3

    «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت 

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز

     (ئەدەبىي خاتىرە) 



    3- بۆلەك  

     

    بىزلىيلىق مىليونىرلار پۇلنى قانداق تاپتى؟

    ئا. تەۋەككۈلچىلىك

    بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچالىغاندا بىزلىيلىقلار تەۋەككۈلچىلىككە تايىنىپ بېيىدى. بىزلىيلىق قاشتاشچىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ، ئۇلار سۈرە ئىمراندا كەلتۈرۈلگەن <<بىر ئىشقا بەل باغلىساڭلار ئاللاھقا تەۋەكۈل قىلىڭلار، ئاللا تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدۇ>> دىگەن مۇقەددەس ۋەھىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ ۋە ھەرۋاقىت ئەمەل قىلىدۇ. يۇقارقى بۆلەكتە ئىزاھلاپ ئۆتۈلگەن <<قاشتېشىنىڭ باھاسىنىڭ يوق>>لىقىدىن ئىبارەت تۈپ ئالاھىدىلىكمۇ قاشتېشى سودىسدا تەۋەككۈلچىلىك قىلىش روھىنىڭ، تەلەي سىناش خاھىشىنىڭ، باھا تۇيغۇسى، دىت- مۆلچەرنىڭ خېلىلا مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلار مەيلى ئۆزى سۈزۈپ، ئۆزى قازغان قاشتېشى بولسۇن ياكى باشقىلاردىن سېتىۋالماقچى بولغان قاشتېشى بولسۇن ھەر بىر پارچە قاشتېشىنىڭ شەكلى، سۈپىتى، رەڭگى، قىياسىدىكى خېرىدارى ۋە شۇ خېرىدارنىڭ ياساش مۈمكىنچىلىكى بولغان بۇيۇمى قاتارلىقلارنى تەخمىن ھالدا بولسىمۇ ئەستايىدىل مۆلچەرلەپ، ئۇ بىر پارچە قاشتاشنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بازار نەرقىنى بىرقەدەر مۇكەممەل دىتلاپ باھالايدۇ. دەل مۇشۇ يەردە بىر سىر يۇشۇرۇنغان بولۇدىكى، بىزلىيلىق قاشتاشچى سېتىۋالماقچى بولغان قاشتېشىغا باھا قويغىنىدا ئۆزىنىڭ قىياسىدىكى سېتىلىش باھاسىىڭ يېرىم باھسىنىمۇ قارشى تەرەپكە سېتىۋېلىش باھاسى سۈپىتىدە ئېيتمايدۇ. كۆپ ھاللاردا كۆڭلىدىكى سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ دەل يېرىمىنى باشلىنىش نوقتىسى قىلىپ تۇرۇپ سودىنى باشلايدۇ. بۇ خىل پىشقان روھى كۈچ ۋە يىتىشكەن تەۋەككۈلچىلىك روھى ئۇلارغا باشقا سودىلاردا خېلى بىر ۋاقىتلاردا يىتىش مۈمكىنلىكى بولغان <<تېز بېيىش>> پۇرسىتىنى ئاتا قىلغان. تەۋەكۈلچىلىەر ئۈچۈن تەۋەككۈلچىلىك پۇرسىتى ھەرزامان ئۇچراپ تۇرىدۇ.

    بىزلىيلىق مىليونىرلارنىڭ تەۋەككۈلچىلىكىگە ئائىت كۆپلىگەن ھىكايەت ۋە مىساللارنى كەلتۈرۈش تامامان مۈمكىن ئىدى. ئەمما، سەھىپە ئېھتىياجى سەۋەپلىك بۇ يەردە پەقەت ئۈرۈمچىدە ماكانلىشىپ قالغان سامپۇللۇق بىر نەپەر دىلكىشىمىزنىڭ ھىكايەتلىرىدىن ئىككىلا ئۆرنەك ئېلىشنى لايىق تاپتۇق.

    دىلكىشىم مۇنداق ھىكەيەت قىلىدۇ:

    2006- يىلى كۈز ئاخشاملىرىنىڭ بىرىدە كۈزۈم ئەمدىلا ئۇيقۇغا ئىلىنىشكەن مەزگىل ئىدى. قولفۇنۇم يېقىملىق سايرىدى. قارىسام بىزلىيلىق قاشتاشچىلاردىن بىرى ئىكەن. قىزغىن ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن بىلدىمكى، ئۇ يۇرتدىشىم شۇ تاپ ئۈرۈمچى دىيوۋپۇ ئايرىپورتىدا ئىكەن. ئىچكىرىنىڭ مەلۇم شەھرىدىن ھازىرلا قايتىپ كەپتۇ. ماڭا بىرىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر ئامانىتى بار ئىكەن. شۇنى ماڭا تۇتقۇزۇۋېلىپلا ئاخىرقى ئايرۇپىلان بىلەن يەنە بايام كەلگەن شەھەرگە قايتماقچى ئىكەن.

    يۇرتلۇقۇم ئامانەتنىڭ نىمە ۋە كىمگە تەۋە ئىكەنلىگىنىمۇ ئېيتمىدى. بۇ شەھەردە پەقەت مىنى كۆڭلى تارتقىنىنى، ئالدىغا قانچكى تىز يىتىپ چىقسام مەندىن شۇنچىلىك مىننەتددار بولىدىغىنىنى دىدى. ئادەتتە بەك قۇيۇق ئەسرارلاردا بولمىساقمۇ، كۆرۈشكىنىمىزدىكى قىزغىنلىقىمىز ھەقىقەتەن يۇقۇرى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىگە ھەر ئىككىمىز مۇساپىر. كونىلاردا <<مۇساپىر بولمىغىچە مۇسۇلمان بولماپتۇ>> دىگەن گەپ بار. لىككىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم. يېرىم سائەتكە قالمايلا ئايرىدىرومغا ئۈندۈم. يۇرتلۇقۇم قولىدا ئىككى ئېغىر چاماداننى سۆرەشتۈرۈۋاپتۇ. ئايروخانقىزدىن ئىككىسى بىلەن يەنە بىر ئامانلىق ساقلىغۇچى ئوخشاش رەڭلىك، ئوخشاش چوڭلۇقتىكى چاماداندىن ئىككىنى يىتىلىگىنىچە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپتۇ. ئوزايىدىن قارىغاندا يۇرتلۇقۇمنىڭ ئىززەت- ئېكرامى خېلىلا ۋايىنى تاپقان بولسا كېرەك، مەستخۇشلىقىدىن ئادەتتىمۇ قىسقىراق بوينى تېخىمى قىسقىراپ، بۇيىمۇ پاكارلاپ قاپتۇ. كۆزلىرىدە خۇدۈككىمۇ، ھاياجانغىمۇ، شاتلىققىمۇ، قورقۇنۇچ- ئەندىشىگىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان مۇرەككەپ بىر نۇر بالقىپتۇ. تۇنۇشۇم مىنى كۆرۈپ بۆلەكچە ھاياجانلاندى. چامادانلارنى ماڭا تۇتقۇزدى. بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆيۈمگە ئېلىپ كېتىشىمنى، ئەتە ئەتتىگەنكى بىرىنچى قېتىملىق ئايرۇپىلاننىڭ كېلىشىگە ئۈلگۈرۈپ ئايرۇپورتقا يەنە چىقىپ بولۇشۇمنى ئۆتۈندى. ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىم كىملىكىمنى نۇسخلىۋالدى. تۇنۇشۇمدىن سالاھىيتىمنى تەپسىلى سۇراشتۇردى. ئاخىرى ئىشەنچ ئېتىشكىنىدىلا ئاندىن چامادانلار مىنىڭ قۇلۇمغا ئۆتتى. شۇ چاغدىمۇ تېخى مەن چامادانلارنىڭ ئىچىدە نىمە بارلىقىنى بىلمەيتتىم. ۋەزنىدىن ۋە يۇرتلۇقۇمنىڭ مەشغۇل تىجارىتىدىن چامادانلاردىكىنى قاشتېشى دەپ پەرەزلىدىم. ئەمما ئەقلىم لال ئىدىكى، بارچە خۇتەنلىك تاشچىلار قاشتاشلارنى ئىچكىرى بازارغا يۆتكىسە مۇنۇ تۇنۇشۇم ئىچكىرىدىن تۆت چامادان سۆرەپ چىققان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئامانەتنىڭ نىمە ئىكەنلىنى سۇراشتۇردۇم.

    - پۇل،- دىدى يۇرتلۇقۇم چامادانلارنى ماشىنىغا جايلاشتۇرۇۋېتىپ ئىرەنسىز بىر ھالدا،- ماۋۇلار بۇنچە كۆپ نەق پۇلنى يۆتكىگىلى بولمايدۇ، دەپ خېلى ئاۋارە قىلدى. ئاخىرى بۇ ئىشنىڭمۇ رەسمىيىتىنى ئۆتۈدۇق. مەن يەنە قايتىپ، قالغان پۇللۇرۇمنى ئېلىپ چىقىۋالاي. مالال كۆرمەي بۇ پۇللارنى ئۈيىڭىزگە جايلاشتۇرۇپ قۇيۇپ، ئەتە ئەتتىگەن يەنە بىر قېتىم ئايرىپورتقا ئالدىمغا چىققان بولسىڭىز.

    ئەقلىمىنىڭ لاللىقى ھەسسىلەندى. ئۈستىبېشىمنى تىترەك باستى. نىمىشقىدۇر ئەتراپقا ئەنسىز باقتىم. كىچىچە پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم. گويا ئۈيۈمدە چوڭ تۆت چامادان نەق پۇلنىڭ بارلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىپ كەتكەندەك، نۇرغۇن يامان نىيەتلىك كىشىلەر شۇ تاپ ئۆيۈمگە قانداق باستۇرۇپ كىرىشنى، مىنى قانداق شۈكلەپ قۇيۇپ، چامادانلارنى قانداق ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى مەسلىھەت قىلىشىۋاتقاندەك مەشئۇم بىر خىيال تۈن بويى مىنى قارا تەرگە چىلاشتۇرۇپلا چىقتى.

    يۇرتلۇقۇمىز ئەتىسى دىگەن ۋاقىتقا قايتىپ كەلدى. قارىسام يەنە ئىككى چامادان سۆرۈۋاپتۇ. يېنىدا ھەمراھ بولۇپ چىققان ئايروخانقىز ئۈچ بوپتۇ. ئۈچىلىسىنىڭ قولىدا چوڭ- كىچىكلىكى يۇرتلۇقۇم سۆرەشتۈرۈۋالغىنى بىلەن ئوپمۇ- ئوخشاش چامادانلار تۇرۇپتۇ.

    _بۇنچىۋىلا پۇلنى نىمىشقا بانكىغا جايلاشتۇرۇپ، كارتىنىلا كۈتۈرۈپ چىقمىدىڭىز؟ نىمە دىگەن خەتەرلىك!- دىدىم، ماشىنىغا جايلىشا- جايلاشمايلا.

    _ مىنىمۇ مۇشۇنداق خەتەرگە ئامراق دەمسىز؟ سەۋەبى بار،- دىدى تۇنۇشۇم.

    تۇنۇشۇم بۇنىڭ سەۋەپ- ۋەجىنى ئۆيىمىزگە كلىپ بولۇپ ئاندىن بايان قىلدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئېلىپ كەلگەن بۇ نىسىۋىسى چوڭ تىپتىكى ئۈچ قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىكنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. بىرى، سامپۇلدا ئىككى قوشنا ساي- دۇمبەلدىن قاشتېشى قازماق نىيىتىدە شېرىكلىشىپ يېرىم قەرز ھىساۋىغا بىر تال تۇرتكۇ ۋە بىر دانە قازغۇ سېتىۋاپتۇ. سېتىۋېلىپ بولۇپ قارىسا، گەدىنىدىكى نىسىي مال پۇلى بەك كۆپ ئىكەن. يۇرۇڭقاشنىڭ قىنىدا قازغۇدەك ياخشى جاي قالمايۋاتقان شۇ كۈنلەردە قازغۇ، تۈرتكۇلەرنىڭ كەم پۇلىنى قاچان تۆلەپ بولۇشقا كۆزى يەتمەي ئۇلارنى غەم بېسىپتۇ. ماۋۇ يۇرتلۇقۇم بۇنى ئاڭلاپ قول سوزغىنىچە ئارىغا قىستۇرۇلۇپ، تەڭ شېرىك بوپتۇ. ھېچكىم كۆزقىرىنى سالمىغان ساي يىرىگە تەۋەككۈل قىلىپ ئىككى ھەپتە بولمايلا مۆجىزە يۈز بېرىپتۇ: بەئەينى تولغان ئايغىلا ئوخشايدىغان تولىمۇ جەلىپكار مېغىزرەڭلىك بىر پارچە قاشتېشى كۆز ئالدىدا جۇلالاپتۇ. قاشتېشىنىڭ داڭق- تەۋسىپى پۇر بولۇپ، نە- نەلەردىن خېرىدار يىغىلىپ، سودا ھەقدادىغا يەتكۈزۈلۈپ، نەق پۇل سانىىۋاتقىنىدا ماۋۇ تۇنۇشۇمىزنىڭ تۇرۇپلا بۇ بىر پارچە قاشتېشىنى ئۆزىنىڭ سېتىۋالغۇسى كىلىپ قاپتۇ. باشقىلارنىڭ ھايلاشلىرىغىمۇ پىسەنت قىلماي زور بىر تەۋەككۈلچىلىككە يول قۇيۇپ، بۇ قاشتېشىنى ئوڭچىلاپتۇ. نۇرغۇن رەنجى- كۈلپەتلەر ۋە دوق- مالامەتلەردىن كېيىن تۇنۇشۇم بۇ قاشتېشىنى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى مەلۇم بىر شەھەرگە ئەكىرىپتۇ. توۋا، تەۋەككۈلچىلىك يۇرتتدىشىمىزغا ياندىشىپلا ماڭغانمۇ تاڭ، باشقىلارنىڭ دەۋىتى بىلەن ئۇچراشقان چوڭ خېرىدار ئۇ قاشتېشىغا باھا قويمايلا چاخچاق ئاھاڭدا <<پالانى جايدىكى بىزەلمىگەن ئۆيۈمدە بار نەق پۇلنىڭ، ياق، ھوجرا ئۆيدىكى نەق پۇلنىڭ يېرىمىغا ساتامسەن؟>> دەپتۇ. <<ساتىمەن>> دەپتۇ، تۇنۇشۇممۇ چاخچاق ئاھاڭدا. چۈنكى تۇنۇشۇم پالانى جاينىمۇ، ئۇ يەردە خۇجايىننىڭ ئۆيى بارلىقىنىمۇ، ئۇ ئۆيدە قانچىلىك نەق پۇلنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. بۇ گەپلەرنى پەقەت بىر قېتىملىق چاخچاق دەپلا چۈشۈنىدىكەن. ئەمما، خېرىدارنىڭ زورى بىلەن چاخچاق چىڭىغا چىقىپتۇ. قوللار قېقىلىپ، ئالقانلار گىرەلىشىپتۇ. خېرىدار سودا پۈتكەن شۇ جايدا قاپتۇ. كاتتا خېرىدارنىڭ قول ئاستىدىكىلەر يۇرتتىشىمىزنى بىر مەنزىرىلىك قوروغا باشلاپ، كۈنگەي تەرەپتىكى بىنانىڭ 18- قەۋىتىگە باشلاپ چىقىپتۇ. تۇنۇشۇم بىلەن بىرگە كېلىپ ئىشىكنى ئاچقۇچىلار تۇنۇشۇمنى باشقا ياققا قاراتماي، ئۇدۇللا ھوجرا ئۆيگە باشلاپ كىرىپتۇ ۋە ئۇ ئۆيدە دۈۋىلەنگەن دەستە- دەستە نەقپۇلنى پۇتى بىلەن تەخمىنلا تەڭ ئىككىگە ئايرىپ، خالىغان بىر بۆلىكىنى ئېلىپ كېتىشنى بۇيرپتۇ. تۇنۇشۇمنىڭ كۆزلىرى كېرىلىپتۇ. يۈرەك رېتىمى بۇزۇلۇپتۇ. شۇندىمۇ ئۆزىنى چوڭ سۈپەت تۇتۇۋېلىپ دەپتۇ:

    _ بانكىغا ئاپىرىپ ئامەنەت قۇيۇپ بېرڭلار، مەن ئامانەت كارتىسىنى ئېلىپ كېتىمەن.

    _ئالساڭ ئەنە پۇل، ئالمىساڭ بۇ سودىنى قىلمىغان بولايلى. باشلىق شۇنداق دىگەن. باشلىقىمىزنىڭ ئەزەلدىن بانكا بىلەن خوشى يوق، سودىنىڭ ھەممىسىنى نەق پۇل بىلەن قىلىدۇ. خالىساڭ قاشتېشىڭنىڭ پۇلنى مۇشۇ يەردىلا ئالىسەن، شۇنىڭ بىلەن سەن بىزنى كۆرمىگەن بولىسەن. خالىمىساڭ يۇلۇڭغا ماڭ.

    تۇنۇشۇمنىڭ يۈرىكى يېڭىياچە جىغىلداپتۇ. بىزلىيلىق تۇنۇشۇم يەنە بىر قېتىم تەۋەككۈل قىلماقچى بوپتۇ: ئۆزى شەرتكە كۈنۈپلا قالماي پۇلى بىلەن باشقا- باشقا ماشىنىدا ماڭدىغان، پۇلنى ئايرۇپورتقا ئاۋۇلار ئاپىرىپ بېرىدىغان، ئۇنىڭ ھەققىنى تۇنۇشۇم ئاشۇرۇپ بېرىدىغانغا كېلىشىپتۇ.

    دىلكىشىم ھىكايىتىنى شۇنداق ئاخىرلشاتۇردى: ئۆيۈمگە دۈۋىلەنگىنى ئۈچ قېتىملىق شۇ تەۋەككۈلچىلىكنىڭ مەسھۇلى ئىكەن. ئەتىسى بانكىدىكىلەر مەخسۇس ماشىنا بىلەن ئۆيىمىزگە كەلدى. يېرىم كۈنگە يېقىن پۇل سانىشىپ، ئىززەت- ئىكرام بىلەن چەك يېزىپ بىرىپ، پۇلنى ساندۇقلاردا ئېلىپ كېتىشتى. ئايال- ئۇششاقلىرىم تۆت نەپەر بانكا خادىمىنىڭ ئۆيىمىزدە يېرىم كۈن پۇل سانىغان ئاشۇ ۋاقىتنى پات- پات ھەۋەس بىلەن تىلغا ئېلىپ قۇيىشىدۇ.

    تەۋەككۈلچىلىككە تەۋە ھېكايەتتىن ئاددى بولسىمۇ مۇئەللىپنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىدىن بىر ۋارىيانت كەلتۈرۈش مۈمكىن: 2004- يىلى مەن يېقىن كىشىلىرىمدىن ئەخمەتجان ھاجىم ۋە مۆرۈۋەتلىك ئىنىم ئابلەت ھاجىملار بىلەن شېرىكلىشىپ، يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقۇرسىدا- ئىككى قاشتا تۈرتكۈ ۋە قازغۇلار بىلەن قاشتېشى كولىغان ئىدىم. بىر كۈنى مۇھىم زۈرۈرىيەت تۈپەيلىدىن مىلىكئاۋات تەرەپتىكى تۇرتكىدىن بىرسىنى قارايانتاق تارەپتىكى قاشقا ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلدى. دەريا كەلكۈن پەسلىدە بولۇپ، لۆمشۈپ ئېقىۋاتقان سۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇق ۋە يېقىن ئەتراپتا كۆۋرۈك يوق ئىدى. بار كۆۋرۈككە ئايلىنىپ بېرش ئۈچۈنمۇ خېلى ۋاقىت كەتكەندن باشقا زەنجىرتاپانلىق تۈرتكۈنى ئاسپالىت يولدىن ھەيدەش مۈمكىنلىكى يوق دىيەرلىك ئىدى. پەقەتكىنە بىردىن بىر ئامال چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتومىبىلىدىن تېپىپ، تۈرتكۈنى شۇنىڭغا بېسىپ بىر كۈن يول يۈرۈپ دەريانىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۆتكۈزۈش مۈمكىنلىكى بار ئىدى. ئۆتۈدىغان قاش كۆرۈنۈپلا تۇرغان ئەھۋالدا ھېچقايسىمىزنىڭ ئۇ ئاۋارىچىلىقلارنى تارتقۇمىز كەلمىدى. دەريادىن ھەيدەپ ئۆتكۈزەيلى دىسەك شوپىرنىڭ ھاياتىدىن ۋايىم يىدۇق. شۇنىڭ بىلەن زور تەۋەككۈلچىلىككە تەرەددۈت قىلىپ، تۈرتكىنى ئوت ئالدۇردۇق. ماي تەپكىسىگە تاشتىن بىرنى باستۇرۇپ، شوپىرنى چۈشۈرۈۋېلىپ، تۈرتكىنى تۈۋەنكى خوتتا قارشى قىرغاققا يولغا سالدۇق. شوپىرسىز تۈرتكۈ يېيىلىپ ئېقىۋتقان كەلكۈن سۈيىدە قەھرىمانلارچە گۈرۈلدەپ، قارشى قىرغاققا قاراپ ئۈزدى. يېرىم مەنزىلىگە كەلگەندە كەلكۈن سۈيى تۈرتكىنىڭ كابىنكىسىدىن ئېشىپ، تۇرخۇنىلا كۈرۈنۈپ قالدى. ئۆزىمۇ ئاجىز تاتاتلاپ، ئىنجىقلاپ قالدى. بۇ ۋاقىتتا ھەممەيلەن <<تۈرتكۈنىڭ ئوتى ئۆچىدىغان بولدى، نەچچە يۈز مىڭ يۈئەنلىك بۇ مۈلۈكتىن مۇشۇنداقلا ئايرىلىدىغان بولدۇق>> دىيىشتۇق. ئەمما، تەۋەككۈلچىلىكنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى: شوپىرسىز تۈرتكىمىز زور قەھرىانلىق كۆرسىتىپ، ئامان- ئىسەن ھالدا  قارشى قىرغاققا ئۈزۈپ ئۆتتى!

    قاشتېشى تىجارىتىدە تەۋەككۈلچىلىكنىڭ يول- شەكىللىرى ھەقىقەتەن كوپ، پۇرسىتى ھەقىقەتەن نۇرغۇن. بۇلۇپمۇ سۈزۈك سۇ تەكتىدىن ھەر رەڭ، ھەر شەكىلدىكى جىلۋىلىك قاشتاشلارنى قول بىلەن سۈزۈش ئۆتمۈشكە ئايلانغاندىن بېرىقى قاشتېشى ئىزدەشنىڭ بارچە ئۇسۇللىرى پەقەت ۋە پەقەت تەۋەككۈلچىلىككىلا باغلىنىپ قالدى. كونا ئېقىن ئىزىدىن قاشتېشى كېنى قېزىشمۇ، ساي- دۇمبەللەردىن، دۆڭ- ئېدىرلاردىن قاشتېشى كولاشمۇ پەقەت يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ قەدىمىي تاشقىن ئىزى ياكى ئاقما يۈنۈلىشىنى تەخمىنلەپ تەۋەككۈلچىلىك قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ يەردە قاشتېشى ئىزدەيمەن دىگۈچى ھەر كىشى ئۈچۈن تەۋەككۈلچىلىك قىلمايمۇ ئامال يوق. چۈنكى، قاشتاشنىڭ فېزىكىلىق ۋە خېمىيەلىك ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى ئانچىكى قېلىنلىقتىكى تۇپا ئاستىدىكى قاشتاشنى بىرەر تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن بايقاش ئىمكانىيىتىنى بەرمىگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىلىم- پەن تەرەققى قىلىپ بەلگىلىك سەۋىيىگە يەتكەن تا مۇشۇ كۈنگىچە تۇپا ئاستىدىكى قاشتېشىنى بايقىيالايدىغان بىرەر ئۈسكىنە، بىرەر خاسىيەتلىك تېخنىكا تېخى ئىختىرا بولمىدى. بۇ ھال بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خېلىلا ناخۇش قىلسىمۇ، ھازىرچە قاشتېشى ئىزدەشتە تەۋەككۈلىلىككە تايانماي باشقا ئامال يوقتەك قىلىدۇ.

    ب. شېرىكچىلىك

    بىزلىيلىق مىليونىرلار يەنە پۇل- بىساتنى شېرىكلىشىپ تاپىدۇ. شېرىكلىشىش ۋە ھەمكارلىق قاشتېشى تىجارىتىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. قاشتاشچىلىقتىكى"شېرىك"لىك ئادەتتىكى ئاغىنىدارچىلىققا ئوخشىمايدۇ. كىشىلەر "بىرەرسى قاشتېشى سودىسى بولۇنۇۋاتقان جايدا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن <<مەنمۇ شېرىك!>> دەپ تولىسىلا بولىدىكەن‘‘، دەپ يۈرگەندەك ئۇنداق ئاسانلا ئەھياغىمۇ كەلمەيدۇ. ئۇ، قاشتېشىنىڭ سۈپىتىنى بىلەلەيدىغان، رەڭ- نۇسقىللىرىنى پەرقلىندۈرەلەيدىغان ۋە كۈندە دىگۈدەك ئۆزگۈرۈپ تۇرۇۋاتقان باھا پەمى بىر يەردىن چىقىدىغانلاردىن بىر ئىككى، ياكى ئۇنڭىدىن كۆپراق ئادەمنىڭ ئۆزئارا شىرىكلىشىپ تىجارەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بازار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان شېرىكلىكتە ھەمراھى يوق ھالدا قىلىنغان سودىغىمۇ تەڭ شىرىك قىلىنىدۇ. ئالغان پايدنىڭ كۈلكىسىى تەڭ ۋىلىقلىنىپ، تارتقان زىياننىڭ يىغىسىى تەڭ يىغلىنىدۇ. شۇڭا قاشتېشى سودىسىدىكى ھەمراھ- شېرىكلىك ئۇزاق سىنىشىشلار داۋامىدا، نۇرغۇن سودا- سېتىقلار جەريانىدا مىجەز- خارەكتىرى، ھەۋەس- قىزىقىشلىرى، تۇتقان يول، نىيەت- ئىقباللىرى ئوخشاپ كېتىدىغان، ئەڭ مۇھىمى دىل بىرلىگى، ھەركەت بىرلىگى، نىيەت بىرلىكىگە ئىگە كىشىلەر ئارا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ گويا <<پەيلىرى ئوخشاش قۇشلارنىڭ بىرگە ئۇچقىنى>>غا ئوخشاپ كېتىدۇ.

    سالغان دەسمايە، سېتىۋالغان مال- مۈلۈككە، ئاچقان كاتەك- كانغا، تۈرتكەن- قازغان ۋادىغا، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز زىيانغا تەڭ شېرىك بولۇش نىيەت- ئىرادىسى تۇلۇق شەكىللەنگەن، نەچچە ئون يىللىق تىجارەت داۋامىدا قېلىق- مىجەزلىرى ئوخشاپ كېتىدىغان ياكى بىر- بىرىنى تۇلۇقلاپ كېتىدىغان قەدىناس شېرىكلەر خۇتەندە ھەقىقەتەن كۆپ. بولۇپمۇ بۇ خىل ئېتىراپلىق شېرىكلىك بىزلىيلىقلار ئارىسىدا خېلىلا ئومۇملاشقان. بىزليلىىلاردا يەككە ھالدا، پارتىزانسىمان قاشتېشى تىجارىتى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بىرمۇ كىشى يوق. بىزلىي بايلىرىدىن ئالىم ھاجىمنىڭ شېرىكى رۇزىمۇھەممەت ھاجىم يوق ۋاقىتتا قىلغان سودىسىدىن بىر قېتىمدىلا بىر مىليون 550مىڭ يۈەن ساپ پايدا ئېلىپ، شېرىكىگە تەڭ يېرىمىنى ساق ئايرىپ قۇيۇشى ۋە بۇ ياخشى ئىشنىڭ خېلى يىللارغىچە نەمۇنە ئۈلگە سانىلىپ يۈرۈشى بىزلىيدىكى كونىرىغان ھېكايىلەرنىڭ بىرسى.

     بىزلىي بايلىرىنىڭ بۇ خىل شېرىكلىكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ، قۇدا- باجا، كۈيوغۇل- قېينئاتا، كېلىن- قېيىنئانا بولۇشقىچە تەرەققى قىلدى. بۇ ھالنى ئۇمۇملاشتى، دەپ ئېيتقىلى بولمىسىمۇ ئالقىشلاشقا تامامەن بولىدۇ.

    س. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش

     بىزلىيلىقلارنىڭ پۇل- بىساتىنى بۇنچە تىز سۈرئەتتە كۈپەيتىشىدە يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماسلىق خارەكتىرى ئالاھىدە ئۇرۇندا تۇرىدۇ. بىرەر جايدا قاشتېشىنىڭ خەۋىرى ياكى قاشتېشى سودىسىنىڭ ئۇچۇرى ئاڭلىنىدىكەن بىزلىيلىق قاشتاشچىلار قولىدىكى ھەرقانداق ئىشىنى شۇ يىرىدە تاشلاپ قۇيۇپ، سودا ھىدى بار يەرگە ئۈنۈپ بولىدۇ. كىچىكىپ قېلىش، بارماي قۇيۇش، ئەتىگە ئۆتۈنۈش، ھۇرۇنلۇق ئۇلار ئۈچۈن يات. ھەتتا ئۆزلىرى ئىچكىرىدە بولۇپ قالغان بىرەر كۈندە خۇتەندە چوڭراق سودىنىڭ شەپىسى بولۇپ قالغۇدەك بولسا، ئارىلىقنىڭ قانچىلىك يىراق بولۇشى، بىلەت باھاسىنىڭ قانچىلىك قىممەت بولىشىدىن قەتئىنەزەر سودا ئۈستىگە ئۈلگۈرۈپ كېلىپ بولىدۇ. ئۆزىگە شۇ سودىدىن پايدا چىقسۇن- چىقمىسۇن سودا پۈتكىنىدە ئاندىن ئەسلى ئىشىغا قايتىدۇ. چەتئەلدە بولۇپ قالغانلىرىمۇ شۇنداق بىر ئۇچۇر قۇلىقىغا يەتسىلا تىلىفۇن ياكى باشقا ۋاستىلار ئارقىلىق شۇ سودىغا قاتنىشىۋاتقان بىرەرىگە ئۆزىنى ھاۋالە قىلىدۇ. سودا- تىجارەتكە بولغان بۇ خىل ئاشىنالىق بىزلىيلىقلاردا خارەكتىر- مىجەز سۈپىتىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ خىل خارەكتىر ھازىرغا كەلگەندە باشقىلاردا <<بىزليلىقلار بۇ سودىغا چۇقۇم قاتنىشىدۇ، شۇڭا شۇلار كەلگۈچە كۈتەيلى>> دىگەن قاراشنى شەكىللەندۈرگەن. شەكىللەنگەن بۇ خىل ئادەت بىزلىيلىلارغا تېخىمۇ كەڭ سودا پۇرسىتى، تېخىمۇ كۆپ بېيىش ئىمكانى ياراتقان.

    د. كۆپ خىل ئىگىلىك

    بىزليلىقلار روزىغارىنى يەنە كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن كۆپەيتىۋاتىدۇ.

    بىزلىي جۇراپىيىلىك ئورنىدىن ئالغاندىمۇ ئەسلىدىن تارتىپ تاغ ئېتىكىگە يېقىن، دىھقانچىلىق بىلەن چارچىۋىلىقنى گىرەلەشتۈرۈپ تەرەققى قىلدۇرۇش پۇرسىتى بار، سۈيى ئەلۋەك، ساپ ھاۋالىق، سۇزۇنچاق بىر زىمىن. ھازىرقى دەۋىر قاشتېشىچىلىقى مۈگدەپ قالغان ئەينى يىللاردىمۇ بىزلىيلىقلار باشقا يۇرت كىشىلىرىگە قارىغاندا مال- چارۋىنى كۆپرەك باقاتتى. بۇ خىل ئادەت ھېلىمۇ رۇشەن داۋام قىلماقتا. بىزلىيلىقلار مەيلى قانچىلىك بېيىپ كەتمىسۇن ئەجداتىدىن مىراس قالغان تېرىلغۇ ئىشلىرى بىلەن چارۋىچىلىق كەسپىنى زادىلا تاشلاپ قويمايدۇ. ئاز بولغاندىمۇ ئېغىلىدىن پىتىقلاپ سەمرىگەن 40- 50 تۇياق قوي- ئۆچكىسى، بەش- 10 تۇياق كالا- قۇتىزى، ئىككى- ئۈچ تۇياق ئات- خېچىرى بار بولىدۇ. زادىلا يوق دىيىلگىنىنىڭمۇ ئېغىلىدىن بىر- ئىككى تال كالا مېلى، 10- 20 تۇياق قويى ۋە بىر تۇياق ئېشىكى چۇقۇم تېپىلىدۇ. بېقىۋاتقان قوي-ۋارانلىرىنى تۇيۇقسىز كەلگەن مىھمانغا سۇيۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى بىزلىيلىقلار ئۆزلىرىنى تەگ- يىلتىزىدىن تارتىپ دىھقان توپىغا تەۋە قەۋىم ساناپ كەلگىنى ئۈچۈن ۋە بۇ ئەسلىنى ئەسلا ئۇنۇتماسلىق ئۈچۈن، دەپ چۈشەنسەك تېخىمۇ يېقىن چۈشەنگەن بولىمىز. ئەسلىدىلا تاغدا چارۋىچىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا تاغدىن چۈشكەن، بىزلىيدا قاشتاشچىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇپ مىليونىرلىق بۆكىنى كەيگەن رۇزىمۇھەممەت ھاجىم قاتارلىق ئايرىم پۇل ئىگىلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان چارۋىچىلىق كەسپى ۋە تىكىلىك داۋىنىدىكى ئەسلى يايلىقىدا پادا- پادا مال- ۋارانلىرى بار.

    يۇقارقىدىن باشقا بىزلىيلىيلىقلار يەنە بوز يەر ئېچىش، باغ ئەھيا قىلىش ئىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قارايدۇ. پۇل تاپقان ھەر بىر بىزلىيلىقنىڭ چۇقۇمكى ئايرىم دېھقانچىلىق مەيدان شەكلىدىكى ئاچقان بوز يەرلىرى، ئاھادىلەنگەن چوڭ- كىچىك چىرايلىق باغلىرى بار. باغلىرىدا خۇتەن ئىقلىمىدا كۆكلەتكىلى بولىدىغان ھەرقانداق يەل- يىمىش ۋە گىيا- ئوتياش، گۇلى رەيھانلار كەم ئەمەس. گەرچە بۇ ئوتياش، مىۋە- چىۋىلەرنى سېتىش، بېيىش ئۈچۈن كېرەك قىلمىسىمۇ كۆپەيگەن روزىغارنىڭ مۇھىم تەركىۋى سۈپىتىدە ساناش تامامەن مۈمكىن. چۈنكى بىزلىيلىق قاشتاشچىلارنىڭ شۇ باغ، شۇ ئاھادىسىنىڭ ھەرقاندىقىغا كۆزىڭىز چۈشۈپ، سېتىۋېلىش ئىستىكىڭىز ئويغۇنۇپ مىليوندىن تۈۋەن باھادا سۇراپ قويسىڭىز باغ ئىگىسى سۆزسىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ.

    بىزلىيلىقلار يەنە كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن مەشغۇل بولۇشنى ياقتۇرىدۇ. بولۇپمۇ پۇل تاپقاندىن كېيىن كۆزى ئېچىلغان بىر بۆلۈك بىزلىيلىقلار ئۆز كەنتىسىدىن چىقىپ، ئىلچى، ئۈرۈمچى، دۇبەي، مەككە- مەدىنىلەرگە يۈرۈش قىلىپ شۇ جايلاردىن  زىمىن جاي، دۇكان- ساراي سېتىۋېلىش، ئىجارىلاش يولى بىلەن ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرماقتا. خۇتەن كاتتا قاشتاشچىلىرىدىن تاھىر ھاجىم، ئېلىي ھاجىم، مەتتۇرسۇن ھاجىم، مۇھەممەت ئابدۇللا ھاجىم... قاتارلىقلار يەنە خۇتەن ۋە ئۈرۈمچىدە ئۆي- مۈلۈك كەسپى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، مىھمانساراي- قۇنالغۇلارنى ئارتقۇزۇپ، يېڭىچە كۆزقاراش، يېڭىياچە ئىدىيە، كەلگۈسىگە تۇتاشقان پىكىر يولى بىلەن ئۆزلىرىنى بارغانچە مۇكەممەللەشتۈرمەكتە. ئالىم ھاجىملار ئۆز يىرىدە <<قاشتېشى شەھەرچىسى>> ئېلىم- سېتىم بازىرىنى قۇرۇپ، كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن مەشغۇل بولماقتا. ئەركىن ھاجىم، ئىبراھىم ھاجىم، مەتتوختى ھاجىم قاتارىقلار يۈرۈشلەشكەن تاللا بازىرى، زەنجىرسىمان تىز تاماقخانا قاتارلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى تىجارەت شەكىللىرىگە تۇتۇش قىلدى.

    مۇئەللىپكىلا ئەمەس، خۇتەندىكى خېلى كۆپ ئەقىلدارلارغا ئايانكى، يۇرۇڭقاشنىڭ قاشتېشى ھامان تۈگەيدۇ. چۈنكى ئۇ قايتىلىنىدىغان بايلىق ئەمەس. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئەسەبىيلىك، ھازىرقىدەك تەڭداشسىز قىزغىنلىق بىلىن كولايدىغان، قازىدىغان، ئىزدەيدىغان بولساق، بۇ دەريادا ھېلىغۇ كىيىنكىلەر ئۈچۈن ئىكەن، نەۋرە- ئۇششاقلىرىمىزغىمۇ بىرەر پارچە ئۇششاق زىرە قاشتېشىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدىنمۇ گۇمان قىلىش كېرەك. بۇ ھالدا ئىگىلىك يۆنىلىشىنى باشقا نوقتىلارغا بۇراش، زامانىۋى كەسىپلەرگە يۈرۈش قىلىش، ئۇزاق مۇددەتلەك تىجارەت ۋە ئىگىلىك پىلانىغا تۇتۇش قىلىش ھازىرقى خۇتەن بايلىرىنىڭ، جۈملىدىن بىزلىيلىق مىليونىرلارنىڭ چۇقۇم ئالدىن تاللىشىغا قۇيۇلغان مۇھىم تىجارەت تىمىسىدۇر. 



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت , مىليونىرلار كەنتى , مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-12-22 11:17:13
    تەھرىر : hotanboy
    باھا : 0 كۆزىتىش : 437
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证