تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت -2
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hotanboy
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 14197
    26645828@qq.com

    يازما سانى : 7
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت -2

     



     

    «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت 

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز

     (ئەدەبىي خاتىرە)

     

    2- بۆلەك

     

    ئادەم ئاتا بىلەن  بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ قارا قۇرۇم  تېغى ئۈستىدە ئۇچراشقاندىكى بىر تېمىم پارچىسىدىن ئاپىردە بولغان رىۋايەتكە باغلىنىدىغان، ئۆز يىرىدە تارىخى يازما مەنبە نوقتىسىدىن تولىمۇ بەختسىز بولۇپ قالغان << خۇتەن قاشتېشى>> ھەققىدىكى مەن بىلىدىغان قەدىمىيراق يازما مەنبە نەقىلچىلەرنىڭ ماركوپونىڭ <<ساياھەتنامە>>سىدىن كەلتۈرۈلگەن سىتاتاسى بولسا كېرەك. مەشھۇر سەيياھ ماركوپولو ئۆزىنىڭ ئۇ سەپەر خاتىرىسىدە <<ئۇدۇن دەريا ئېقىنىدىن ئالاھىدە بىر خىل قارا، يېشىل رەڭلىك قاشتېشى چىقىدۇ. سودىگەرلەر بۇ قاشتاشلارنى كۇچا ۋە تۇرپانغا ئېلىپ بېرىپ پۇل قىلىدۇ>> دەپ يازغان. خۇتەن قاشتېشى ھەققىدىكى يازما مەنبەلەردىن يەنە فادىر ئالۋارىز سىمىدونىڭ جۇڭگو ھەققىدىكى <<ساياھەتنامە>>سىنى، جون باۋرو تۈزگەن <<رەسىم ۋە ھۆسىن خەتلەر لوغىتى>>نى مىسال قىلىش مۈمكىن. ئالدىنقىسىدا <<خۇتەندىن قاشتېشى چىقىدۇ. تۇتۇق ئاقلىرىنىڭ سۈپىتى نىسبەتەن ناچار. يېشىل قاشتېشىنىڭ سۈپىتى بەك ياخشى. باھاسى ناھايىتى قىممەت. ئۇنىڭدىن ئەمەلدارلارنىڭ باش بىزەكلىرى ياسىلىدۇ>> دىگەن بايانلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كېيىنكىسىدە <<خۇتەندىن چىقىدىغان قاشتېشى يېشىل ۋە قارا رەڭلىك قاشتاشلارغا قارىغاندا سۈپەت جەھەتتىن كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ھېقىقتىنمۇ يۇقۇرى بولۇپ، پەقەت كاربونىت بىلەنلا كەسكىلى بولىدۇ>>دەپ يېزىلغان. ماركو پولو قاتارلىقلارنىڭ ئۇ بايانلىرى بىلەن ھازىرقى خۇتەن قاشتېشىچىلىقى ئوتۇرسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق باردەك قىلىدۇ. بۇ يەردىكى پەرق بازارلىق قاشتاشلارنىڭ رەڭگىدىلا ئەمەس سېتىلىش يوللىرى، پۇلغا ئايلاندۇرۇش دائىرىسىدە رۇشەن كۆرۈلىدۇ. ھازىرقى دەۋىر ئۇچۇر- ئالاقىسى ۋە قاتناش راۋانلىقى يەر شارىنى نىسبىي كىچىكلىتىپ، زۈرۈرىيەتچى ئۈچۈن تولىمۇ تار بىر دائىرىگە ئوخشۇتۇپ قويدى. بۇ ھال خۇتەن قاشتاشچىلىقىغىمۇ كۆپلىگەن تىجارەت يولىنى يارىتىپلا قالماي، بازار ئېھتىياجىنى مەلۇم دەرىجىدە خەلقئارالشتۇردى. بازارلىق قاشتېشىنىڭ رەڭ، شەكلىدىن كۈزەتكەندىمۇ ھازىرقى دۆلەت ئىچى ۋە يېڭىدىن گۈللىنىشكە باشلىغان خەلقئارا بازاردا ئاۋۇ سەيياھلار ئېيتقان قارا رەڭلىك قاشتاشنىڭ باھاسى بەكلا تۈۋەن. ئاق، قىزىل، قوي مېيى رەڭدىكىسىنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدۇ.  ماركوپولو ماختاپ تۇرۇپ ئېيتقان يېشىل رەڭلىك قاشتېشىنىڭ ھازىرمۇ ھەرھالدا بازىرى ۋە ئۆزىگە ياراش خېرىدارى بولسىمۇ، يەنىلا ئاقلىرىنىڭ، سارغۇچ رەڭدىن ئۈستىۋاش كەيگەنلىرىنىڭ ئالدىدا خۇدۈك بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ يۈننەن تاغلىرىدىن قېزىلىدىغان يېشىل رەڭلىك بىر خىل تاش خۇتەن يېشىل قاشتېشى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن بولۇپ، يۇننەن يېشىل تېشى گەرچە قاشتېشى بولمىسىمۇ، بايلىق مەنبىيىنىيڭ موللىقى بىلەن خۇتەن يېشىل قاشتېشىدىن مەھسۇلات سالمىقىدا زور ئۈستۈن تۇرىدۇ. يۈننەن يېشىل تېشى ھازىرقى ئىچكى بازاردا توننا- توننىلاپ تاراشلاپ كېسىپ يۆتكىلىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى كاززاپ مال ياسىغۇچىلار يۈننەن يېشىل تېشىدىن ياسالغان ئويما ماللىرىغا "خۇتەن يېشىل قاشتېشى"دىن ياسالدى، دەپ نام كارتوچكىسى ئېسىۋېلىشقا باشلىدى. ئېسىۋېلىنغان كارتۇچكىلاردا يەنە ئاللىكىملەرنىڭ تۇجاڭزا- مۆھۈرلىرى بېسىلغان <<لاياقەتلىك گۇۋاھنەمەسى>>مۇ ئالاھىدە ساڭگىلىتىپ قۇيۇلغان بولۇپ، نۆرىتىدە شۇ خىل تەييار مەھسۇلات سودىسىغا يۇلۇققانلارنى ئېھتىياتتا كەم بولماسلىقنى ئەسكەرتىمەن.

    ئەنگىلىيىنىڭ بۇنىڭدىن ئىككىيۈز يىللارچە بۇرۇن ئېلىمىزگە باشئەلچى قىلىپ ئىۋەتىلگەن ماركېتىنىڭ خاتىرسىدىمۇ چىيەنلۇڭ خاننىڭ ئەنگىلىيە پادىشاھى جورجى 3كە سوۋغا قىلغان سوۋغات تىزىملىكى ھەققىدە توختالغان. ئۇ  يازغان <<ئالىلىيلىرىغا جۇڭگو خانىنىڭ سوۋغا قىلغان بىرىنچى دەرىجىلىك سوۋغىتى قاشتېشى تىلەك بىزەك. ئۇ، تىنىچلىق ۋە بەخت- سائادەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. جۇڭگولۇقلار تىلەك بىزەكنى ئىنايىن ياخشى كۆرىدۇ>> دىگەن بايانلىرى ۋە شۇ تىلەك بىزەك بۇيۇمنىڭ چوڭلۇقى ھەققىدىكى ئىزاھاتىدىن خۇتەن قاشتېشى ھەققىدە يەنىمۇ ئىچكىرىلىگەن مەلۇماتلارغا ئىرىشىش مۈمكىن. باشقا مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە خۇتەن قاشتېشىدىن ياسالغان ئۇ تىلەك بىزەك 1882- يىلى جامىس چرىستى تۈزگەن باھاسى تالاشتۇرۇپ سېتىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ رەسىملەر مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە باھاسى ناھايىتى يۇقىرى قۇيۇلغان. چارروسىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى پىرژىۋالىسكىنىڭ 1885- يىللىرى خۇتەن دەرياسى ۋە ئۇنىڭ ئېقىن مەنبىيى بولغان خۇتەن تاغلىرىنى تەكشۈرۈش ھاسىلاتلىرىدىن قالدۇرغان خاتىرلىرىدە خۇتەن قاشتېشىنىڭ ھازىرىغا خېلىلا يېقىن كېلىدىغان نۇرغۇن گەپلەرنى دىگەن. ئۇنىڭدا خۇتەن دەرياسى ۋادىسىكى تاغلىق رايۇنلار مول قاشتېشى ماكانى ۋە خۇتەن قاشتېشىنىڭ يىراق- يېقىنغا داڭلىق ئىكەنلىگى، يىراق شەرىقتىكى كىشىلەرنىڭ قاشتېشىدىن ياسالغان مەبۇت بۇيۇملارنى بالا- قازادىن ساقلايدۇ، دەپ تونۇيدىغانلىغى، بولۇپمۇ ئىچكىرى جايلاردىكى خەنزۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تولىمۇ يىراق بولغان خۇتەن دىگەن جايدىن چىقىدىغان قاشتېشىدا ياسالغان بۇيۇملارنى ئەڭ قىممەتلىك تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلايدىغانلىغى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى يازغان. پىرژىۋالىسكى  تاغ رايۇنىغا كىرىش ئالدىدا بىر پارچە قاشتېشى سودسىنى ئۇچراتقان بولۇپ، ئۇ ئۆز يازمىسىدا شۇ قاشتېشىنىڭ باھايىنىڭ جۇڭگو پۇلىدا 100 يامبۇغا توختالغىنىنى، ئۇنى ئۆز ئېلىنىڭ رۇبلىسى ھىساۋىغا سۇندۇرغاندا 10مىڭ كۈمۈش رۇبلىغا دەل كېلىدىغىنىنى يېزىپ، خۇتەن قاشتېشىنىڭ ھەقىقەتەن قىممەت بۇيۇم ئىكەنلىگىگە بولغان ھەيرانلىغى ۋە سۈيۈنۈنىشىنى ئىپادىلىگەن.

    خۇتەن قاشتېشى توغرىسىدىكى تارىخى مەنبەلەر ھەققىدە يەنە يۈەن سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى بۇيەننىڭ چاغاتاي ئېلىگە كېلىپ، خۇتەندە 90 توننىدىن ئارتۇق كېلىدىغان چوڭ بىر پارچە قاشتاشنى كۆرگىنى، چىيەنلۇڭ خاننىڭ خۇتەندىن ئەكەلدۈرگەن غايەت زور قاشتېشىدىن نۇرغۇن ئۇستا ۋە كۆپ كۈمۈش سەرىپ قىلىپ ياساتقان <<دايۈنىڭ سۇنى تىزگىنلىشى>> ناملىق ھەيكەلنى ئويدۇرغىنى، چىيەنلۇڭ دەۋرىدە خۇتەن ئېلىدە يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق داۋام قىلغان <<قاشتېشى سەيسىسى>>، سەئىدىيە خانىدانى ئابدۇرىشىتخاننىڭ ئۆز ئوغلى- خۇتەن سۇلتانى ئۇرەيىسخان ھوزۇرىدا ئەقىلنى لال قىلغۇدەك چىرايلىق ۋە غايەت زوربىر پارچە قاشتېشىنى كۆرگىنى قاتارلىق نۇرغۇن مىساللارنى ساناپ ئۈتۈش تامامەن مۈمكىن ئىدى. ئەمما، مەزكۇر ئەسەردىكى يېزىش نوقتىمىز ئۇ تىمىلاردىن يانداپ ئۆتۈشنى تەقەززا قىلغىنى ئۈچۈن بۇ يەردە ئارتۇقچە گەپتىن ئۆزۈمنى تارتتىم. قانداقلا بولمىسۇن، خۇتەن قاشتېشى ئالماس، بىرىليانت، ياقۇت، كەھرىۋا، زۇمرەت، مەرۋايىت، پىروزە، لەئەل، خىرۇستال، سەدەپ... قاتارلىق جاۋاھىراتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارختىن ھازىرغىچە يۇقۇردا ئىسمى قەيت قىلىنغان ئاسقۇ، بىزەك بۇيۇم ماتىرياللىرىنىڭ شاھىنشاھى بولۇپ كەلگىنى ئېنىق. شۇنىسى ھەم ئېنىقكى، بۈگۈنكى زامان ئېلىمىز ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىدىكى پۇلغا يارايدىغان جاۋارىراتلار ئىچىدە خۇتەن قاشتېشى بىلەن بەس تالىشالايدىغان يەنە بىر بىباھا گۆھەر يوق! جاھان ئەھلىگە تۇنۇشلۇق بولغان ۋە خەلقئارا پۇل بازىرىنىڭ قىممەت ئايلىنىشىنى ۋاستە قىلغان ئالتۇنمۇ باھا جەھەتتە خۇتەن قاشتېشى ئالدىدا خۇدۈكسىرەپ قېلىۋاتىدۇ. شۇل سەۋەپ ھازىرقى كۈندە <<خۇتەن قاشتېشىنىڭ باھاسى يوق>> دىگەن ئاتالغۇ روياپقا چىقتى. بۇ يەردىكى <<باھاسى يوق>>لۇق قاشتېشىغا باھا قويغىلى بولمايدىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى بازار نەرقى نوقتىسىدىن خۇتەن قاشتېشىنىڭ يەنە بىر تەڭدىشىنىڭ يوقلىقىغا قارىتىلغان.

     دىمەك،  كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدۇكى، دۇنيادا <<گۆھەر>> دىگەن رىۋايەتسىمان ئۇ نەرسە يوق. ئەگەر بار دىيىلسە قاشتاش شۇ! قاشتاش بولغىنىدىمۇ سېخى دەريا يۇرۇڭقاشنىڭ قاشتېشى دەل ئۆزى شۇ!

    بۇ بىر جۈملە سۆز نىمىشقا بۇنچە زوق بىلەن كېسىپ ئيتىلىدۇ؟ <<قاشتېشى>> بىلەن <<خۇتەن قاشتېشى >>نىڭ بىر ئۇقۇم ئەمەسلىگىنى ئۇقۇرمەنلەرگە ئايانلىتىپ بولغىنىمىزدىن كېيىنكى جاۋاپ ناھايىتى ئاددى بولۇپ، قاشتېشى  دۇنيادىكى 10 نەچچە دۆلەت ۋە 110غا يېقىن رايۇندىن چىقىدۇ. تىرىتورىيىسى خېلىلا كەڭ ھىساپلىنىدىغان ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭمۇ 70چە جايىدىن قاشتېشى چىقىدىغانلىقى مەلۇم. ئەمما، ئۇ دۆلەت ۋە رايۇنلاردىن چىقىدىغان قاشتېشى يۇرۇڭقاشتىن چىقىدىغان قاشتاشلاردەك ياغلاش، پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئەپلىك ئەمەس. قاراقۇرۇمدىن پارچىلىنىپ، قاش- قىرغاققا ئۇرۇلۇپ، تاشتىن- تاشقا سەكرەپ شوخ ئېقىۋاتقان يۇرۇڭقاشنىڭ ئەركەك سۈيىگە چىلىشىپ، ئەسىر- ئىرالاپ دەريا قىنىدا كۆمۈلۈپ ياتقان يۇرۇڭقاشنىڭ قاشتېشى ئۆزىنىڭ سۈزۈكلىگى، رەڭ تۈرىنىڭ كۆپلىگى، پارقىراق- جەلپكارلىغى، ھەرقانداق ئىنچىكە سىزىق- نەقىشلەرنىمۇ بىجىرىم ئويۇپ چىقىرىشقا بولىدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا قاشتاش تۈرلىرىگە شاھىنشاھ بولغان. شۇڭا ئۇنىڭدا ئەلمىساقتىن تارتىپ تاجىدارلارنىڭ مۆھۈر- تامغىلىرى، چوقۇنغۇچىلارنىڭ مەبۇت، قۇت بەلگىلىرى ياسىلىپ كەلگەن. كاتتا ئىنئام، سوغات ۋە خاتىرە بۇيۇملىرى قاتارىدا ئەل ئارىسىدا ئەتىۋارلىنىپ تارقىلىپ، تەۋەرۈك بۇيۇم سۈپىتىدە ساقلانغان. تۈرلۈك بىلەيزۈك، قۇلاق، بۇيۇن ئاسمىلىرى، تۇمار-مارجانلار ياسىلىپ گۈزەللىك ئۈچۈن بىزەك، تۈرلۈك- تۈمەن كۆرۈنمەس بالايى- خەتەرلەردىن ساقلىنىش مەنىسىدىكى تىلەك بۇيۇملىرىدىن بولۇپ كەلگەن.

     بىزلىيلىقلار جاھاندا يەنە بىر تەڭدىشى ھەقىقەتەن يوق بولغان دەل مۇشۇ خۇتەن قاشتېشىغا تايىنىپ چارەك ئەسىر ئاۋالقى قاقسەنەم نامراتلىق بۆكىنى بۈگۈنكى كۈندە مىليونىرلىق تاجۇنامىغا ئالماشتۇردى. ئېيتماققا، يازماققا شۇنچىلىك ئاددى بولغىنى بىلەن بۇ تاجۇنامنى كەيمەك ئۈچۈن تارتقان رىيازەت- مۇشاقىتى، رەنجۇ- كۈلپىتى، تۆلىگەن بەدەللىرى ئاز بولمىدى. ئۇلار ئۈچۈن دەريايى يۇرۇڭقاش ۋە شۇ دەريادىن چىقىدىغان قاشتاش ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن تەڭداشسىز نېئمىتى ئىدىكى، شۇ نىئمەت بولمىغىنىدا ئۇلارلا ئەمەس، مۇئەللىپمۇ بىزلىيلىقلارنىڭ بۈگۈنىنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلالماس ئىدى.

    بىزلىيلىقلار خېلى قەدىمدىن باشلاپلا قاشتېشى سۈزۈش، كولاش، سېتىش بىلەنلا ئەمەس، قاشتېشى ئويمىچىلىقى بىلەنمۇ مەشغۇل بولغان. بۇ ھۆكمىمىزگە دەلىل  سۈپىتىدە ھازىرقى باش بىزلىي كەنتىسى بىلەن قارايانتاق كەنتىسىنىڭ پاسىلىغا جايلاشقان نوقىتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنيەت يادىكارلىق ئىزناسى- <<قازمىلىق>> قاشتېشى ئويمىچىلىق ئورنى خارابىسىنى كۆرسىتىش مۈمكىن. قاچانلاردىدۇر سەل- كەلكۈننىڭ لاي- لاتقىسىغا غەرق بولغان شۇ ئىزنادىن مەلۇمكى، بىزلىينىڭ ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىك يىلتىز خەلقى نەچچە زامان ئاۋاللا قاشتېشىدىن چىراقپاي، شامدان، ھاۋانچا، تۇرۇز تېشى ياسىغان. بەلكىم، ئۇلاردىنمۇ سەنئەتلىكراق ئويمىلارنى ئىشلىگەنلىكىنى كۆڭلىمىز تۇيۇپ تۇرسىمۇ بۇ يەردە پاكىتسىز سۆزلەشكە تىلىمىز كۆيىدۇ. چۈنكى، <<قازمىلىق>> خارابە ئىزى تېخى تۇلۇق، سېستىمىلىق قېزىش <<شەرىپى>>گە ئېرىشمىدى. يىل دەۋرىمۇ مۇتخەسىسلەر تەرىپىدىن مۇكەممەل شەرھىلىنىپ بېكىتىلمىدى. شۇ ھالدىمۇ بايامقى تېپىندىلاردىن بىز ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدە خېلىلا روناق تاپقان قاشتېشى ئويمىچىلىق زاۋۇتى ئىكەنلىگىگە شەك كەلتۈرەلمەيمىز. كەمىنە بۇنىڭدىن 10 يىللار ئاۋال شۇ خارابىلىك ئىزىغا ئۇنچە يىراق بولمىغان جايدىن قاشتېشى كولاۋېتىپ ئۇچراتقان قۇپال ياغاچ گۈرجەك، ياغاچ قۇپارغۇ (پىشاڭ)، زەمبىل پارچىسى قاتارلىقلارمۇ ئۇ قارىشىمىزغا زەررىچە دەلىل بولالايدۇ.

    سەھىپىمىزنىڭ ئۆزىگە قايتىپ، بىزلىيلىقلارنىڭ ھازىرقى <<مىليونىر>>لىق بۆكىنى كىيىش قەدەم- ئىزلىرىغا زەن قۇيىدىغان بولساق، ئازاتلىقتىن كېيىنكى خېلى يىللارغىچە قاشتېشى سودىسى ھۆكۈمەت ھەركىتىگە ئايلىنىپ، سۈزۈلگەن، تىرىۋېلىنغان قاشتاشلار ئىلچىنىڭ توزغاق كوچىسىغا جايلاشقان 2- يىنىك سانائەت ئىدارسىغا قارام قاشتېشى ئويمىچىلىق كارخانىسىغا سېتىپ بېرىلىدىغان يىللاردىمۇ بىزلىيلىقلار ئۆز ئۆيى ئالدىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان يۇرۇڭقاشتىن ھەرۋاقىت قاشتاش سۈزۈپ، تېرىپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى كۈنلەردە توزغاق كوچىسىدا پۇلغا ئايلاندۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە بولغانلىقى مەلۇم. گەرچە ئۇ ۋاقىتلاردىكى قاشتاشقا قۇيۇلىدىغان باھانىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى بولمىسىمۇ، پىريومچىلارنىڭ قاشتېشىنىڭ سورت- سۈپىتىگە قۇيىدىغان ئۈستۈننەزەر ئۆلچىمىنى دەۋېلىشنىڭ زۈرۈرىيىتى بار، ئەلۋەتتە.

     قاشتېشى قىزغىنلىقى ۋە قاشتېشى بازىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 يىللىرىنىڭ ئوتۇرلىرىدىن باشلاپ كۆلەملەشتى ۋە تىز سۈرئەتتە ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز سودا پۇرسىتىنى ياراتتى. 90- يىللارغا ئولاشقىنىدا بولسا ئۇ خىل قىزغىنلىق تېخىمۇ كۈۋەجىدى. بازارمۇ زور دەرىجىدە ئېچىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە، ھەتتا خەلقئاراغا ئۇلاشتى. يېڭى ئەسىر كىرگىنىدىن كېيىن بولسا بۇ قىزغىنلىق بىر خىل ئەسەبىيلىككە، بىر خىل بەھەيۋەت دولقۇنغا ئۇرۇن بۇشاتتى. ئەسلىدىنلا تىرىشچان ۋە ئەقىل تىپىغا تەۋە بىزلىقلار بۇ كۈۋەجەش، بۇ ئولۇشۇش ۋە بۇ ئەسەبىيلىككە جان- جەھلى بىلەن ئاۋاز قۇشۇپلا قالماي قاشتېشى دولقۇنى، قاشتېشى ئەسەبىيلىكىنىڭ جەڭگىۋار باشچىلىرىدىن بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ بىزلىي ياشلىرىدىن ئالىمجان، ئۆمەرجان، ئابدۇرىشىت، ئوخشاش ئىسىملىك ئىككى رۇزىمۇھەممەت قاتارلىقلار بۇ باشچىلارنىڭ سەركىلىرى قاتارىدا تىزلا كۆزگە كۆرۈندى. بۇ باش، بۇ سەركىلەرنىڭ باشلامچىلىقىدا بىزلىيغا جايلاشقان چوڭ ئازما بېشى جاھان بويىچە ئەڭ كاتتا قاشتېشى بازىرىغا ئايلاندى. شۇ بازار ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ سۈيۈملۈك قوشنىلىرىغا تەسەۋۋۇرىدىكىدىن نەچچە باراۋەر يۇقۇرى رىسىق ئېيتتى. نەتىجىدە بىزلىي يىراق- يېقىندىن كېلىپ قاشتېشى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ، غايىپ خەزىنىدىن رىسىق تەمەسىدە كەلگۈچىلەرنىڭ، زىيارەتچى- سەيلىچىلەرنىڭ تەۋەككۈل جايىغا ئايلاندى. ئەمدى چوڭلار كۆزى چۈشكەن سۈزۈكرەك بىرەر تاشنى "قاشتېشىمىكىن...؟" دەپ قولىغا ئېلىپ، يۈزىگە سۈرتۈپ يۈرەكلىرى بىر نۆرى بالقيدىغان، ئايىقى چىققان ھەربىر خۇتەن بالىسى قولى سىيپاشقان ھەر بىر تاش، ھەر بىر ئۇرۇقچە- ئۈكچىلەرنىمۇ "كاشتېشى!" دەپ تىرىۋېلىپ، يۈگۈرگەن پېتى ئانىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتىدىغان ھال ھەر بىر خۇتەن ئائىلىسىگە ئومۇملاشتى.

     قاشتېشىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى قىزغىنلىقى خۇتەندىن ھالقىپ كەتتى. داڭىق- تەۋسىپى جاھانغا پۇر بولدى. خۇتەنگە مۇخبىرلار كەلدى. تىلىۋىزىيىنىڭ ئايخېنىم رىياسەتچىلىرى، قايسىبىر تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ كۆزئەينەكلىك، پاينەكباش تەتقىقاتچىرىمۇ كەلدى. مىس ساقال، ئۇنچىراي چەتئەللىكلەرمۇ كەلدى. كەلگەنلەرنىڭ ئېغىزى قاشتېشىدەك ئۇماقلىشىپ، يازمىلىرى قاشتېشىدەك نۇرانىلاشتى. سۈلكەت- يېقىشلىقى قاشتېشىدەك سىلىقلىشىپ، قىلغان قېلىقلىرى قاشتېشىدەك بەدىئىلەشتى. رەسىم ئاپاراتلىرىنىڭ پوكۇس نوقتىسى قاشتېشىغا، تىلىكامىرانىڭ سۈرلۈك ئېغىزلىرى قاشتېشىغا، ھارماس قەلەملەرنىڭ قەترە تامغۇر ئۇچلىرى قاشتېشىغا توغرىلاندى. قاشتېشىغا توغرىلانغانىكەن، ئەلۋەتتە بىزلىيلىق قاشتشچىغىمۇ توغرىلاندى.

    -قاشتېشى سۈزۈشنى قانداق ئۈگۈنۈپ، قاچان باشلىغانتىڭىز؟ سىز نەچچىنچى ئەۋلات قاشتاش ۋارىسى؟ سىز قاشتېشى تىجارىتىدىن قانچىلىك پۇل تاپتىڭىز؟ بېيىش تەجرىبىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟ - دەپ سورىدى مۇخبىر، بىزلىقلاردىن.

    -بىز سىزنىڭ يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن قاشتېشى سۈزگەن كۆرۈنىشىڭىزنى سۈرەتكە ئالايلى، تىلىۋىزوردا چىقىسىز، قاشتېشىنى قاچان سۈزۈپ بىرىسىز؟ سىز قۇلىڭىزدىن چىقارغان قاشتاشلارنى كىمنىڭ، نىمىلەرگە ئىشىلىتىدىغىنىنى بىلەمسىز؟- دىدى، تېلىكامىراچى، بىزلىقلارغا.

    - قاشتېشىنىڭ تەركىۋىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىىلەمسىز؟ ئۇنىڭ باشقا تاش تۈرلىرىدىن تۈپكى پەرقى نەدە ؟ ئەڭ ياخشى سۈپەتلىك قاشتېشىنىڭ سۈپىتى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟- دىدى تەتقىقاتچى.

    - قاشتېشىدىن كىيىنكى بالا- ئەۋلاتلىرىڭلارغا بىر پارچىنىمۇ قالدۇرماي، ھەممىنى كولاپ تىرىۋالايلى، دەپسىلەردە؟- دىگنىچە باش چايقىدى، مىس ساقال، ئۇنچىرايلار چەتئەللىكلەر بىزلىيلىقلارغا قاراپ.

    بۇ ۋاقىتتا بىزلىيلىق قاشتاشچىلار مەڭدىدى. بىزلىيلىقلار ھودۇقتى. كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىشتى. چۈنكى، ئۇلار تىگى مەنىدىكى دىھقان ئىدى. دىھقان ئۇ خىل قىينىقى بار سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلمەيتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانچىنچى ئەۋلات قاشتاشچى ئىكەنلىگىنى بىلمەيتتى. دادىسىدىنمۇ، چوڭ دادىسىدىنمۇ سوراپ كۆرمىگەن ئىدى. دەريادىن قاشتېشى سۈزۈپ بىرەي، دىسە بۇ يىللاردا دەريا سۈيىدە چايقىلىپ ئېقىۋاتقان قاشتېشى ئاللىقاچان تۈگۈگەن ئىدى. باش ئېقىندىن-قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن، تىكىلىك داۋىنىنىڭ يۇقۇرىسىدىن قاشتېشىنىڭ قاچان پارچىلىنىپ چېقىلىدىغىنى، قاچانلاردا ئۆزىنىڭ تىرىش، سۈزۈش ئىمكانىنىڭ يار بىرىش دائىرىسىگە ئېقىپ كېلىدىغىنى بىزلىيلىقلار ئۈچۈن سىر ئىدى. لېكىن، بىزلىيلىق، خۇتەنلىك <<تاشچىلار>>نىڭ ھەرقاندىغى قاشتېشىنى تۇنۇيتتى. كۈندۈزىلا ئەمەس، كېچىسى سىلاپمۇ ياخشى- يامىنىغا ھۆكۈم قىلالايتتى. قاشتېشىنىڭ جاھان- ئىقلىمدىكى ھەرقانداق نەرسىدىن قىممەت ئىكەنلىگىنى، ھەتتا ئالتۇن، كۈمشلەردىن نەچچە باراۋەر قىممەت باھادا ساتقىلى بولىدىغىنىنى بىلەتتى. بىزلىيلىق قاشتاشچىلار ئۆزى سۆيگەن، مىھىر- ئامىراقلىغىنى يەتكۈچە بەرگەن، ئۆزىنى تۇلۇق بېغىشلىغان قاشتېشىنىڭ دەريا قىنىدا بارغانچە ئازلاۋاتقىنىنى ھەم بىلەتتى. بۇ ھالدىكى بىزلىيلىقلارنىڭ نەزىرىدە قاشتېشى كولاش ئىشىنى كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ئەمەس ئەتىگە قالدۇرۇشقىمۇ بولمايتتى. شۇڭا ئەمدى دەريانىڭ ئۇلىنى تۈرتكۈ، قازغۇ، كولىغۇ قاتارلىق ماشىنا ئۈسكىنىلەر بىلەن كولاش ئۇسۇلى ئىجات قىلىندى. بۇ ئۇسۇلنىمۇ ئەڭ دەسلەپ يەنە شۇ بىزلىيلىق سەركىلەر ئويلاپ تاپتى. نەتىجىدە 2002-يىللاردىن باشلاپ <<كات>>، <<ۋولۋو>>، <<لىگۇڭ>>، <<كوماتسو>>، <<دايوۋ>> قاتارلىق يۇقۇرى ئات كۈچىگە ئىگە قازغۇ، كولىغۇلار يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ توڭغۇزلۇق دىگەن بۆلىكىدىن جىيىنىڭ تاۋغاز تەۋلىكىگىچە بولغان سوزۇنچاق رايۇنىدا كېچە- كۈندۈز  گۈركىرەپ، تۇپا- بۇخۇناق پۇرقۇپ، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ بىز ئۈچۈن كىنولاردىلا كۆرۈش مۈمكىنچىلىكى بولغان تەسۋىرىنى خۇتەن تەۋەلىكىدە قايتا نامايەن قىلدى. دەريا قىنى كىچە- كۈندۈز تىلغاندى. قاش- توسمىلار نەچچە رەت كولىنىپ قايتا ئىشلەندى. كۆپ ئۆتمەي دەريا قېنىدا سالغان مەبلەغنى قايتۇرۇپ كەلگۈدەك قاشتېشى قالمىغىنى پەرەزلىنىپ، تۈرتكۈ، قازغۇ، كولىغۇلار قوشۇنى قاشقا- ئەسىر- ئىرالار ئاۋالقى كونا ئېقىن ئىزلىرىغا يۈرۈش قىلدى. نەتىجىدە يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدىكى كىچىك- كىچىك تۈزلەڭ- ئېدىرلاردىن باشقا لوپ بوستانلىقىنىڭ چاھارباغ، بۇيا يېزىلىرىغا يانداش ئۈزۈك- ئۈزۈك قۇرشاۋىدىكى <<سۇغاققۇم >> چۆللۈكى قاشتېشى كولاشنىڭ ئاساسى مەنبىيى بولۇپ قالدى. دەل شۇنىڭغا ئۈلگۈرۈپ، ئاۋال دەريا باشقۇرغۇچى، ئارقىدىن يەر- زىمىن بايلىق باشقۇرغۇچى، ئارقىدىنراق مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۆزىنىڭ فوتنكىتسىيىلىك رولىنى تۇيۇقسىز يادىغا ئېلىشقاندەك ئۆلچىگۈچ- ئايرىغۇچلىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە سوغۇققۇم چۆللىكىگە يۇپۇرۇلۇپ كىرىشتى.كىرگەنلەر ئارىسىدا يەنە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رىۋىزىيە ئورۇنلىرىنىڭ، قاتناش، سۇ، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، ئوتلاقچىلىق... قاتارلىق سۇغاققۇم چۆلى ياكى يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ كونا ئېقىن ئىزى بىلەن  ئانچىكى چېتىشلىقى بارلىكى ئۇرۇنلارنىڭ ھەممىسى پەيدا بولدى. ئەگەر ئۆز ئۇرۇنلىرى، ئۆز مەجبۇرىيىتىنىڭ سۇغاققۇمدىن قاشتېشى كولاش بىلەن چېتىشلىقى سۇس بولسا قۇيۇقلاشتۇرۇشقا، يوق بولسا بار قىلىشقا ئۇرۇندى. چۈنكى بۇ كۈنلەردە سۇغاققۇمدىن نەپ چىقىدىغانلىقى ھەر قۇلاقنى پاڭ قىلىپ، ھەر كۆڭۈلنى لەرزىلەپ بولغان ئىدى. نەپ بار يەردە كىم يوق؟! شۇ بىرلا سەۋەپ تۈپەيلى سۇغاققۇمغا <<ۋەزىپە>> بىلەن كىرگۈچىلەرنىڭ چېھرىدىن مۇدھىش ياغدى. كۆزلىرىدە قاشتېشىدىن نىسىۋە ئىزدىگۈچى ئاۋام توپىغا مىھرىبانلىقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. قاشتېشى كولىغۇچىلار بۇ ھالدىن گاڭگىراشتى. نەۋاختىن بېرىقى <<ئۆزى خان، ئۆزى بەگ>> بولۇپ، ئۆز رايى، ئۆز ئۆلچىشى، ئۆز تاللىشى، ئۆز خاھىشى بويىچە يەر- پاسىل ئايرىشىپ، قاشتېشى كولايدىغان ئاسايىش كۈنلىرىنىڭ قاياققا ئۇچۇپ كەتكىنىنى بىلەلمەي قېلىشتى. ئۇلارنىڭ ئاڭلىغىنى ئۆزلىرى  رەت قىلالمايدىغان <<ئېكىلوگىيىلىك بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش>>، <<سۇ- تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى چەكلەش>> دىگەن چىرايلىق باھانىلەر بولدى. لېكىن، باھانە بىلەن قاشتاش قازغۇچىلار كۆرگەن ئەمەلىيەت ئوتۇرسىدىكى رۇشەن پەرق قاشتېشى كولاشتىن تۇرۇپلا مەھرۇم قالغۇچىلارنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.
    ئەگەر نەلەرگىدۇر <<ئېقىپ كىتىۋاتقان>>، <<ئاسمان تامان پۇرقۇراپ ئۆرلەۋاتقان>>، <<كۆك قەھرىدىن يامغۇردەك تۆكۈلۈۋاتقان >> تۇپراققا كۆڭۈل بۆلۈش راست بولۇپ، ئاتمۇسپۇرانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئېكىلوگىيىلىك مۇھىت ۋە كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەقىقەتەن شۇئار- تەگبىرلەردە ئېيتىلغاندەك ھەقىقى بولىدىغان بولسا، بارلىق قازغۇ، تۈرتكۈ، كولىغۇلار ئومۇمىيۈزلۈك توسۇلغان، ھەر بىر قاشتېشى كولىغۇچىنىڭ چۆل يىرىنى تۈرتەكلەپ تۇپا سورۇۋاتقان قىلمىشى راۋۇرۇس چەكلەنگەن بولۇر ئىدى. ئەمما ئەھۋال ئۇنداق بولمىدى. چەكلىگۈچى، توسىغۇچى، بۇزۇلۇشنىڭ، ئېقىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى تارماق ياكى ئورگاننىڭ <<رۇخسەت- ئىجازىتى>> بىلەن بولۇنۇۋاتقان بۇزغۇنچىلىق سۇغۇققۇمدا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن كۈچلۈك ۋە دەبدەبە بىلەن باشلاندى. ئۇ تارماق ۋە ئۇ ئۇرۇنلارنىڭ قانداق كىشىلەرگە <<يېشىل چىراق>> يېقىپ، قانداق تەلەيلىكلەرگە كولاش ئۈچۈن يەر بۆلۈپ <<قېزىش ئىجازەتنامىسى>> بىجىرىپ بېرىدىغىنى ئانچە ئۆتمەيلا ئەقىل ئىگىلىرىگە ئايان بولدى: شۇ ئۇرۇن، شۇ تارماق مەسئۇلىدىن تارتىپ، شۇ ئۇرۇندا خىزمەت قىلىدىغان ئادەتتىكى خىزمەتچىگىچە ئەتە- ئاخشاملاردا يارىشىقىنى قىلىپ <<يوقلىغان>>، يانچۇق- ھەميانلىرىنى توشقۇزۇپ قويغان، ئىگىسىز بانكا ئامانەت كارتىلىرىنى يۇچۇق- يىرتىقلىرىغا قىستۇرۇپ قۇيالىغانلارنىڭ قازغۇ- تۈرتكىلىرى، كولىغۇ- ئۈسكۈنىلىرى ئەتىسىلا گۈرۈلدەپ ئوت ئالغىنىچە <<چۆلنى بوستان ئەيلەش>>كە تۇتۇندى. قارىغاندا بۇنداقلارنىڭ كىچەيۇ- كۈندۈز تۇزۇتقان توپىسى ھاۋانى بۇلغۇمايدىغاندەك، ئاتمۇسپۇرانى ساپلاشتۇرىدىغاندەك، خۇتەندە يىلسېرى ئاۋۇپ بېرىۋاتقان قۇم- بۇران ئاپىتىنى دەپئى قىلىش رولىنى ئوينايدىغاندەك قىلاتتى. ھېچبولمىغاندا شۇلارغا بىجىرىپ بىرىلگەن نەچچە تامغىلىق رەسمىيەت- ئىجازەتنامىلارنىڭ شۇنداق خاسىيىتى باردەك ياكى بىجىرىلگەن ئاشۇ ئىجازەتنامىلەر ۋە قىزىل سۇرۇخقا بارماق چۆكۈرۈپ بېسىلغان ئاشۇ قوش- قوش تامغىلىق مەسئۇلىيەتنامىلەر خۇتەننڭ پۈتكۈل ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بويىچە ئەڭ ئاجىز ئېكىلوگىيىسىنى شۇنداق ئۇسۇلدا قوغدايدىغاندەك قىلاتتى. بۇنى بەك ئۇچۇق كىنايە بولۇپ كەتتى دەپ قارىساق، چوڭ- كىچىك خۇتەن ئەھلىگە ئېنىق بولغان بىر ئىش باركى، ئۇ خىل باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يۇقۇرىغا شۇنداق مەلۇماتلارنى يوللىغىلى، ئۆز خىزمىتىنى چۆل- جەزىرىلەرگە ياياق كىرىشتىنمۇ يانماي ساداقەتمەنلىك بىلەن بىجاندىل ئىشلىگەنلىكىگە گۇۋاھ- ئىسپات قىلغىلى بولاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى: <<سوغاققۇمدا قاشتېشى كولاش چەكلىنىپتۇ>> دىگەن بۇخۇناق ھەممە يەرنى بىر ئالدىيۇ، قېزىش، تۈرتۈش، كولاش ئۈسكىنىلىرىنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك گۈركىرىكى بىر كىچە- كۈندۈزمۇ ئۆچۈپ باقمىدى. شۇنىڭ باراۋىتىدە باشتا قىسقا مەزگىل گاس- گاراڭلىقتا قاشتېشى قېزىشتىن توختاپ قالغان بىزلىيلىق قاشتاشچىلار پۈتۈن سەپ بۇيىچە ئاتاكىغا ئۆتتى. <<چەكلەش>> قانچىكى كۈچەيگەنسىرى سۇغاققۇمدا قاشتېشى قېزىش شۇنچە ئەۋىج ئالدى. ئىجازەتنامىنىڭ نەرقى- ناۋاسى بارغانچە ئۆسۈپ باردى. نەتىجىدە چەكلەش بىلەن ئىجازەت قىلىش، توختىتىپ قۇيۇش بىلەن يول قۇيۇش گويا دېسنى كارتۇنلىرىدىكى <<مۈشۈك بىلەن چاشقان ئۇيۇنى>>دەك شۇنچىلىك رېتىملىق، شۇنچىلىك چىرايلىق، شۇنچىلىك ئۈنۈملۈك رەۋىشتە توختىماي داۋام قىلدى.

    شۇنداق قىلىپ خۇتەندە مىلادى 2004- يىللىرىدىن تارتىپ رەسمىي باشلانغان <<ئېكىلوگىيىنى قوغداش>>نى قالقان قىلغان قاشتېشى قېزىشنى چەكلەش سىياسىسى ھېچقاچاچان ۋە ھېچبىر ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئەگەر ئۇ سىياسەتنى <<بىرەر نەتىجىگە ئېرىشتى>> دىيىلسە، دەل خۇتەندە ھازىر كۆچمە مەنىدە قوللىنىلىۋاتقان <<بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالدىن بېيىشى>> ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپە قوشتى دىگىلى بولىدۇ. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقان <<بىر قىسىم كىشىلەر>> ئاشۇ ئىجازەتنامىلەرگە بېسىلغان تامغا- مۆھۈرلەرنى تۇتۇش، سىلاش، بېسىش، پۈۋلەپ قۇرۇتۇش ئىمتىيازىغا ئىگە كىشىلەرنى ۋە شۇلارنىڭ ئەتراپىدا چاپان چۆرۈگۈچلۈك قىلىشىپ يۈرگەن <<يەلپۈگۈچ>> <<روچىۋىنلار>>نى ۋە شۇلارغا كۆرسەتمە- يوليۇرۇق بىرىش ئىمتىيازىغا  ئىگە كىشىلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئەلۋەتتە!

     بۇ گەپلىرىمىز كىملەرنىڭدۇر قۇشۇمىسىنى پۈرۈشتۈرۈپ، يەنە كىملەرنىڭدۇر ئوغىسىنى قاينىتار. لېكىن ۋىجدانغا تالىق بولغان ئىچكى  ئوتنىڭ تۈرتەكلىشى بىلەن يېزىلىۋاتقان بۇ ئەسەرگە نىسبىتەن ئالغاندا مۇئەللىپ تېخى ئۆزى دەۋاتقانلىرىنى <<سۇغاققۇمدا قاشتېشى قېزىشنى چەكلەش ۋە يول قۇيۇش>> ئۇيۇنى داۋامىدا كۆرگەن، ئاڭلىغان، بىلگەن، سۈرۈشتۈرگەن، خاتىرە قالدۇرغان نۇرغۇن  ناشايانلىقلار ئالدىدا ھېچقانچە گەپ دەپ قارايدۇ. ھەتتا بىرەرى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئەگىتمە ھادىسىلەرنى يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئۆزىگە ئېلىۋېلىپ، كەمىنىنىڭ بۇ قۇرلارنى يېزىش مۇددىئاسى ۋە خاھىشىنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولىدىكەن ئاپتۇر ئۇنى <<قورققان ئاۋال مۇشت كۆتۈرۈپتۇ>> مەنىسىدە چۈشۈنۈش بىلەن بىرگە مەسخىرىلىك كۈلۈپ قۇيۇدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ يۇشۇرغىلى بولمايدىغان رىئال پاكىتلار ئارقىلىق ئۇلارنى قايىل قىلىپ قۇيۇشتىن باشقا سۇغاققۇمدا قاشتېشى كولاش نەتىجىسىدە قاراپ تۇرۇپ يوق قىلىۋېتىلگەن- لوپ ناھيىسىنىڭ چاھارباغ يېزا تەۋەلىكىگە جايلاشقان نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق نوقتسى - <<سۇغاققۇم بۇددا خارابىسى>>نىڭ پۈتۈن- پۈتۈن بۇت ۋە ساڭراملىرىنىڭ سۈرۈشتۈرمىسىنى قىلىدۇ. چۈنكى، قايتا  ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۈمكىن بولمايدىغان، ئئەينى دەۋىر مەدەنىيىتىنىڭ رۇشەن ئىز- بەلگىسى بولمىش ئۇ ساڭرام ۋە ئۇ بۇتلارنىڭ ئېنىقى مۇشۇ يەتتە يىل ئىچىدە سۇغاققۇمدا قاشتېشى كولاش جەريانىدا ئۈزىل- كېسىل پەرسۇدە بولغىنى، ئاخىرى بېرىپ تۇلۇق يوق بولغىنى شەكسىز ئېنىق ! ئۇنىڭسىزمۇ مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان مىنۇتلاردىمۇ ئۆپكەم ئىخيارسىز ئۆرلەپ لەۋلىرىم سۇئال بەلگىسىدەك پۈرۈلۈپ توختىماي مىتىلدايدۇكى: قېنى سىلەرنىڭ جىيا، بۇيا، چاھارباغ پاسىللىرىدىكى قوغدىغان يەر- زىمىنىڭلار؟ <<قېزىشقا  ئىجازەت قىلغان زىمىننى چەكلىك ۋاقىت  ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈمىز>> دىگىنىڭلار قېنى؟ <<ئەسلىگە كەلتەرۈش ھەققى>> دەپ يىغقان شۇنچە كۆپ زاكالەت پۇللار قېنى؟ ئوڭغۇل- دوڭغۇل قىلىپ تىلغانغان، ئۆرە- تۈپە قىلىۋېتىلگەن، تاش- شېغىللىرى نەچچە مىتىرلاپ، ئوننەچچە مىتىرلاپ ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتلىگەن پايانسىز تۇپراققا سىلەر نىمە دەيسىلەر؟ ئۇزاققا سۇزۇلغان شۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈتۈپ ئاجىز تىپىرلىغىنىچە نابۇت بولغان نەچچە مىڭ، نەچچە ئونمىڭ مولاپ يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئورنىدا پەيدا بولۇپ كۈنبويى كۆزنى ئاچۇرمايۋتقان، كۆھىقاپقا ئايلانغان قۇملۇققا نىمە دەپ جاۋاپ قىلىسىلەر؟ سىلەر شۇ زىمىنغا يۈز كىلەلەمسىلەر؟

     سىلەرنىڭ جاۋاپ بەرمىكىڭلار نارىسىدىلەرگە ئاسان بولغىنى بىلەن ھەقىقەتكە ھەقىقەتەن تەس!

    تىمىدىن بىرئازغىنە چەتنەپ كەتكىنىمىزنى تەن ئېلىپ ئەسلى گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، بىزلىيلىق قاشتاشچىلار سوغۇققۇمدىكى بۇ قاشتېشى كولاش جېڭىگە ئىلچى، قارىقاش، جىيا، يۇرۇڭقاش، بۇيا، چاھارباغ، سامپۇل، ھاڭگىيا، لوپ جەڭگىۋارلىرىدەك قويغان- تۇتقىنىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە ئەسەبىلىك بىلەن كىرىشمىگەن بولسىمۇ ھەرگىزمۇ چەتتە قالمىدى. بۇ پەسىلدە ئۇلار سېخى دەريا يۇرۇڭقاشنىڭ ئۆزلىرىگە قاشتېشىدىن تۇنجى رىسىق ئېيتقان قاراياناتاق، مىلىكئاۋات بۆلىكىدىن تىرىشىپ كولايدىغان يەر ئىگىلەش بىلەن بىرگە سۇغۇققۇمدىن قېزىلىۋاتقان قاشتېشىنىڭ سودىسىنى قىلىشقا كۈچىدى. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئەقىلغا تالىق ئىش بولۇپ، ھەممە ئادەم قېزىش بىلەنلا بولۇپ كەتكەن شۇ ئاي- يىللاردا، بىزلىيلىق ئەقىلدارلار قاشتېشى سودىسىغا- ئۇنى كولىغۇچىلار، قازغۇچىلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىرى بازارلارغا يۆتكەپ سېتىشقا بەكرەك كۈچىدى. نەتىجىدە رىسىق يەنە شۇلار تەرەپكە لۆمشۈپ ئاقتى. ئاخىرى بېرىپ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قاشتېشى بازىرىدىكى يىلتىزلىق ئورنىنى بارغانچە مۇستەھكەملىدى. 



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت , مىليونىرلار كەنتى , مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-12-22 11:14:56
    تەھرىر : hotanboy
    باھا : 0 كۆزىتىش : 512
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证