تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت -1
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hotanboy
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 14197
    26645828@qq.com

    يازما سانى : 7
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت -1

     

     

    «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت 

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز

     (ئەدەبىي خاتىرە)

    1- بۆلەك

     

     

    <<لوپ ناھيىسىنىڭ سامپۇل يېزا بىزلىي كەنتى مەملىكەت بويىچە مىليونىرلار ئەڭ كۆپ كەنت ئىكەن!>>

    ئالىي مائارىپ تەربىيەسىنىڭ خېلى تۆرىدە ئۇقۇۋاتقان يۇرتداش ياغۇچى، دىلكەش بۇرادىرىمدىن بىرسى بىر يىل ئاۋالقى مۇشۇ پەسىلنىڭ يېرىم كىچىسىدە ماڭا ئاتايەن تىلىفۇن قىلىپ، تور تاراتقۇلىرىدىن ھېلىلا بۇ خەۋەرنى كۆرگىنىنى، بۇ كاتتا خەۋەر ھەققىدە مەن بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغىنىنى ئېيتتى. راست- ياكى ئەمەسلىكىگە تازا ھۆكۈم قىلالمىساممۇ، ھاياجانغا لىققىدە چىلاشقان بۇ جۈملىنى ئىلگىرىمۇ خېلى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. شۇنداقتىمۇ شۇ كېچىسىلا تورنى ئېچىپ، شۇ ھەقتىكى ئۇچۇر- بىلدۈرگۈلەرنى تەپسىلى بىر نۆرى كۆرۈپ چىقتىم. مىجەزىم شۇ ئىدى: ئارتۇقچە ھاياجاندىن كۆرە پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئەلا بىلەتتىم. بۇ كېچىدىمۇ شۇنداق بولدى. ئىلگىرى مۇشۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ۋاقىتلىرىمدىكىدەكلا ئارتۇقچە خۇشال بولۇشتىنمۇ، بىھۇدە ھەيرانلىقتىنمۇ خالى ھالدا ئۆز  تەپەككۈرخانامغا ئىخلاسلىق چۈمكىنىپ، سامپۇل ۋە ئۇنىڭ بىزلىي كەنتىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزدۈم.

    سامپۇل مىنىڭ كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئانا يۇرتۇم. ئۇ، ئۆزىنىڭ شەجەرىلىك تارىخىدا ئەدەبىيات كىلاسسىكلىرى، تىبابەت ئەللامىلىرى، يۇرت قوغدىغان جانكۈيەر سانغۇن- پەھلىۋانلىرى بىلەنلا ئەمەس، ھېلىھەم ئۆز قوينىدا قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ شۇنچە كۆپ ئىزنالىرىنى باغاشلاپ ياتقان دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق نوقتسى بارلىقى بىلەنمۇ نام تەۋسىپى مەشھۇر بىر يۇرت. خانبالىق مۇزىيدىمۇ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئېكىسكۇرسىيە قىممىتى بار چوڭ مۇزىيلارنىڭ كۆپىنچىسىدىمۇ <<سامپۇلدىن قېزىۋېلىنغان>> دىگەن نام پەتتىسى قۇيۇلغان خېلى كۆپ جەسەت، تۇلۇق جابدۇقلۇق پۈتۈنسۈرۈك ئات، تاج، مۆھۈر، ئوقيا ۋە پۈتۈك ئىزنالارنى ئۇچرۇتۇش تامامەن مۈمكىن. ئۈزەم شۇ يۇرتنىڭ ئۇنچە يىراققا ئېتىلالمىغان بىر تال چالمىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يۇرتۇم سامپۇلنى تولىمۇ ياخشى كۆرۈمەن. گال قەلىمىم سەتھىسىدىكى ھەر بىر ئەسىرىمدە شۇ يۇرتقا ئائىت بىرەر سۆز، بىرەر ئۇچۇر بىرىشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. پىرسۇناژلىرىمنىڭ تولىسىغا شۇ يۇرتتا ئۆزەم كۆرگەن، دىدار- مۇلاقەتتە بولغان، شۇ ئەسەردىكى پىرسۇناژنىڭ ئىندىۋۇدىئاللىقىغا سىڭىشەلەيدىغان بىرەرىنىڭ ئىسمىنى تاللاپ ئالىمەن. تەسۋىرىمدىكى پىرسۇناژلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇرەككەپ روھى تىندۇرمىسىنىمۇ شۇ <<بىرەرى>>نى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ يازىمەن. سېخى دەريا يۇرۇڭقاشنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن بويىدىن جاي ئالغان، مۇشۇ كۈنلەردە <<مىليونىر>>لىقتىن تاجۇ نام كەيگەن بىزلىي كەنتىسىمۇ مېنىڭ تۇغۇلغان مەھەللەمگە ئۇنچە يىراق بولمىغىنى ۋە ئۇ تاجۇنامنىڭ ھەقدارلىرى بولمىش كاتتا باي- پۇل ئىگىللىرى بىلەن ھەر كۈنى دىگۈدەك دىدار ئەسرارلىشىپ، ھەر ھېيتتا دىگۈدەك قىزغىن پەتىلىشپ تۇرغۇنۇم ۋە ئۇلارنىڭ مىليونىرلىق تارىخىغا يانداشما كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە ھەمشېرىك بولۇپ كەلگىنىم ئۈچۈن يۇرتۇم ھەققىدىكى بايامقى ياخشى خەۋەرنى ئۇقۇپ- ئاڭلىغانلىرىمدا ئەلۋەتتە خۇشھال بولۇشۇم كېرەكتۇ. ئەمما، نىمىشقىدۇر ئۇ كىچە ئۇنداق قىلالمىدىم. ئۇيقۇ باتنىغان، يېرىم يۇمۇلغان كۆز ئوڭۇمغا بايامقى خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنغان، مەن تۇنۇيدىغان نۇرغۇن <<مىليونىر>>لار بىر- بىرىنى ئىتتىرىپ دىگۈدەك نامايەن بولۇشتى. بىر- بىرىدىن جۇشقۇن، بىر- بىرىدىن ئالدىراش، پۇل- بىساتتا بىرى يەنە بىرىدىن ئۆتۈپ كېتىشنىلا نىشان قىلغان بۇ سىمالار گويا مېنىڭ جىمجىت خانەمدە يىگانە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقىنىمنى بىلىۋاتقاندەك ئامالىنىڭ بارىچە خۇشپېئىل، يېقىشلىق سىياقتا كۆز ئوڭۇمدا زاھىر بولدى. تۇرۇپلا شۇلار ھەققىدە بەدىئىي ۋە ئىژتىمائىي قىممىتى بار بىرەر پارچە يازما پۈتۈشنى خىياللاپ قالدىم. ئۈزەمنى شۇ كەنت ۋە شۇ مىليونىرلار ھەققىدە يازما پۈتۈشكە تۇلۇق ھۇقۇقلۇقتەك بىر تۇيغۇ ۋۇجۇدۇمنى لەرزىلەپ ئۆتتى. شۇندىن كېيىنكى خېلى بىر كەملەرگىچىمۇ شۇ ھالدىن يىراق بۇلالمىدىم.

    مەن بىلىدىغان <<بىزلىي>> سىياسى بىرلىك ئۈچۈنلا ئۈچ كىچىك مەمۇرى كەنتكە بۆلۈنگەن بىر جاي ئىدى. خوتەن شەھرىگە 11كىلومىتىر، لوپ ناھيە مەركىزىگە 18 كىلومىتىر، سامپۇل يېزا بازىرىغا 10 كىلومىتىر كېلىدىغان، يۇرۇڭقاش دەرياسىنى بويلىتىپ ياسالغان خۇتەن- بۇيا تاشيولىنىڭ شەرىق تەرىپىگە سوزۇلۇپ جايلاشقان، بىر تەرىپى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان <<سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقى>>غا تۇتىشىدىغان، 807 ئائىلىگە، 3170 نۇپۇسقا ئىگە بىزلىيلىقلارنى <<مەملىكەت بويىچە مىليونىرلار سانى ئەڭ كۆپ>> دىگەن نامدا ئاتاشقا گەرچە سۇس گۇمان بىلەن قارىساممۇ، رىئاللىق ھەقراست دەپ تۇراتتىكى، مۇشۇ يىللاردا بىزلىيلىقلار ھەقىقەتەن بېيىپ- تىقىلىپ كەتكەن، ھەتتا بىر قىسىملىرى رىسىق- روزىغارىنىڭ كۆپلىكىدىن پۇلنىڭ قىممىتىنى پەقەت سان – مىقدار مەنىسىدىلا چۈشۈنۈدىغان ھالغا يەتكەن ئىدى. بىزلىينىڭ شېغىل يوللىرىدا خانتاجى، ئاۋدى، كادىلاك، لىنكولىن، مىرسىدىس ... قاتارلىق ئېسىللىقى دۇنياغا مەشھۇر ماشىنىلاردىن 246سى كۈنبويى ئۇچقاندەك چېپىشىپ، كۆرگەن كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇراتتى. بۇ يوللاردا سانتانا، پاسسات تىپىدىكى ئادەتتىكى ماشىنىلارنى ئۇچرۇتۇش تەس، دۆلىتىمىز ئىچكى بازارلىرىدا ياسالغان كىچىك ئاپتوموبىللارنى ئۇچرۇتۇش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. قۇرامىغا يەتكەن 911 كىشىدىن ھۆكۈمەت تەرەپ ئېنىق سىتاتىكىسىدا 18 نەپەر كىشىنىڭ مىليون، نەچچە مىليون، نەچچە ئون مىليون ھەتتا بىرەريۇز مىليونلۇق بىساتى بار ئىدى. بىزلىيدا ھەتتا دۇبەي بايلىرىغا ئوخشاش بىر ھويلىغا ئېسىل ئىمپورت ماشىنىلاردىن بەش- ئالتىسىمۇ توختىتىپ قۇيۇلغان دىھقان ئۆيلىرىنى ئۇچراتقىلى تامامەن بولاتتى. مەشغۇل بولۇۋاتقان تىجارىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خەۋىپ- خەتەر ئەندىشىسى بىزلىيلىقلارنىڭ نەق پۇل ئۇچۇرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئۆزگىلەردىن سىر تۇتقۇزىشىنى قەيت قىلغان بولغاچقا مىليون مۈلۈكلۇكلەر سانى بايامقىدىن خېلىلا ئارتۇق بولۇشى، <<مىليونىر>>لىق ئۆلچىمىگە توشمىغان مۇتلەق كۆپ ئاھالىنىڭمۇ مىليون دىگەن شۇ سانغا يېقىن ۋە ئۇنىڭدىنمۇ  ئارتۇق مال- مۈلۈك ۋە پۇل- پۈچەككە ئىگە ئىكەنلىكى ئەقىلغا مۇۋاپىق ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن <<مەملىكەت بويىچە...>> دىگەن ئۇ بۇخۇناقنىڭ ئارىسىغا بىزلىي بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن سامپۇلنىڭ قارا يانتاق، قاراقىر، شامالباغ كەنتلىرىمۇ قۇشۇلۇپ كەتكەندۇ. چۈنكى بۇ كەنتلىك كىشىلەرمۇ ئۆزلىرىنى <<بىزلىيلىق>> دەپ ئاتاشقا ئادەتلىنىپ كېتىشكەن. (خەۋەردە <<بىزلىي>> دەپ ئېلىنغىنى ئۈچۈن مەن بۇ يازمىدا باشقا كەنتلەرنىڭ سىتاتىكىسىنى كەلتۈرمىدىم) بىزلىيلىق مال ئىگىلىرىنىڭ جاي- جايلاردا ئايۋان- سارايلىرى، شەھەر- شەھەرلەردە بىنا- بىنا ئۆيلىرى، تاغلاردا پادا- پادا مال چارۋىلىرى، تۈزلەڭلەردە ئاچقان مىڭ مولاپ بوز يەر، ئەھيا قىلغان پايانسىز مىۋىلىك باغلىرى بار ئىدى. قازناق- قازناقلاردا ھەر رەڭ، ھەر شەكىلدىكى پۇللۇق قاشتاشلىرى، پەم بىلەن ياسىتىۋالغان ئىشكاپ– ئۇيۇقچىلارغا ئۆزىدىن باشقا بىراۋ ئاسانلىقچە تاپالماس قىلىپ ئۇرۇنلاشتۇرغان بىخەتەر ئىشكاپلىرىدا رەت- رەت باغلىمى بىلەن تىزىپ قويغان مۇنەك- مۇنەك پۇلى بار ئىدى. كۆپلىرىنىڭ شۇ روزىغارىغا چۇشلۇق قىلغان خەيرىلىك ئىشلىرى، ئېھسانلىق ئىئانىلىرى ھەم بار ئىدى. ماڭا ھەم سىر ئەمەس ئىدىكى، شۇ مىليونىرلار ئارىسىدا يەنە ئاسماندىن پوشكال ياغقاندەك بۇنداق تۇيقسىزلا بېيىپ كېتىشنىڭ غەپلەت- بىھۇشلۇقىدا خۇدىنى يۇقۇتۇپ، ئىشرەتنىڭ، كەيىپ- ساپانىڭ بەندىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق تۈرىنى چالا قويغىسى كەلمەيۋاتقانلىرىمۇ، قوش خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ غەۋلە- جودالىردا بېشىنى ئالالمايۋاتقانلىرىمۇ، ھېلىھەم تۇتقان ئاشنا- تۇقاللىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن ماختىنىپ مەيدە مۇشتلاپ يۈرۈۋاتقانلىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. بېيىش، ھاللىق سەۋىيىگە پۇت قۇيۇش، <<مىليونىرلق>> بۆكىنى كىيىش يولىدا بىھۇدە تۆكۈلگەن قان، ئۇرۇنسىز يوق بولغان جانلارمۇ كەم ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنچە كۆپ دەپئى دۇنياسىنىڭ كېلىش مەنبىيىنى بىرلا جۈملىگە ئىخچاملاپ كېسىپ ئېيتىشقا بولاتتتىكى، بۇ ۋەج، بۇ روزىغارلار ئىككى جاھاننىڭ ھەق ئىگىسىنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن ھىممىتى بولمىش خۇتەن قاشتېشى ۋە بىزلىيلىقلارنىڭ خۇتەن قاشتېشىغا سىڭدۈرگەن ئەجرى مېھنىتىدىن كەلگەن ئىدى. ۋۇجۇدۇمنى لەرزىلەۋاتقان پىكىر تۇغۇندىلىرى مىنى توختىماي ئۈندەيتتىكى، يۇقارقى ھادىسىلەرنى ۋە ئۇ ھادىسىلەر ئۆز پىنھانىغا ئالغان ئەسلى ماھىيەتلەرنى چۇقۇم يېزىش كېرەك ئىدى. يازماي بولمايتتى. ياخشىلارغا ھەمدۇ، يۈز بېرىۋاتقان ناشايانلىقلارغا قارغىش ياغدۇرۇپ ئولتۇرۇپ قەلەم تەۋرىتىشنىڭ زۈرۈرىيىتى ھەقىقەتەن بار ئىدى.

    ۋۇجۇدۇم، دىلخانەم شۇ پىكىرلەرنىڭ غىدىقلىشىدا ئارامسىز قىچىقلىنىپ، تەپەككۈرخانەمدە بىر سۇئال توختىماي جاۋاپ ئىزدىدى: سامپۇلنىڭ قولغا چىش كولىغۇچنى ئېلىپ زېھىن بىلەن ئۇچ تىرەپ ئىزدىمىسە خەرىتىدىن تاپماق بەسى مۈشكۈل بىزلىي كەنتىسى راستىنلا جۇڭگو بويىچە مىليونىرلار سانى ئەڭ كۆپ كەنتمىدۇ...؟

    بۇ يەردىكى گەپ <<بىزلىي كەنىتنىڭ ھەممە ئادىمى مىليونىر>> دىگەن مەنىدە چۈشۈنۈۋېلىنمىسىلا بايامقى خەۋەر ئەقىلغا مۇۋاپىقتەك قىلاتتى. شۇڭا مۇشۇ تۇتقۇلۇق تىمىنى چۆرىدەپ قاشتېشى تىجارىتى ئاساسىدا بېيىغان ئۇيغۇر بايلىرى، ئۇيغۇر پۇلدارلىرى، ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى توغرىسىدا، ئۇلارنىڭ ياخشى- يامان ئىش- ئىزلىرى ھەققىدە چىنلىقى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى بولغان ئەسەرلەرنى يېزىپ، نەمۇنە بايلارنى مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاش مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، پۇل تاپقان لېكىن ئەقىل تاپمىغان بىر قىسىم بايلىرىمىزنىڭ ناشايانلىقلىرى ھەققىدە قول چىنەپ تۇرۇپ << ئاشكارا غەيۋەت>> قىلىپ، ئۇلارنى مەتبۇئاتنىڭ ھېيىقتۇرۇش كۈچى ئارقىلىق توغرا يولغا يىتەكلەش بۇرچىمىزنى ئادا قىلماق زۈرۈر ئىدى.

    مۇشۇنداق ئىرادىلەنگەن كۈنلەردە مەن يەنە ئويلاپ قالدىم: بەدىئى ئەدەبىياتنىڭ چاقىرىق كۈچى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىغا، ئۇيغۇر پۇل ئىگىلىرىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ تاماششا جەلىپكارلىقلىرىدىن ۋاختى ئېشىنالمايۋاتقان ئۇ بايۋەتچىلەر يازما ئەدەبىياتتىن قايسى دەرىجىدە زوق ۋە ئىلھام ئېلىپ، ئۆزى ۋە ئۆزلىرى تەۋە قەۋىم- توپ ھەققىدە قانچىلىك ئويلۇنۇشلاردا بولىدۇ؟!

    جاۋاپنى يەنە ئۆزۈم بەردىم: يازمىلىرىمىز ئۇلارغا مەيلى قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىشىدىن، مەيلى ئۇلارنى قانچىلىك ئويلۇنۇشلارغا سۆرەپ كىرىشىدىن قەتئىنەزەر مېنىڭ ۋە كەسىپداشلىرىمنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى شۇ: بىز پەقەت ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي زوقلاندۇرۇش كۈچىدىن قۇرال شەكلىدە پايدىلىنىپ ئۆزىمىز توغرا ۋە ئىلغار دەپ قارىغان دىلرايىمىز، كۆزقاراش- تەشەببۇسىمىزنى يازما شەكىلدە ئىپادە قىلالايمىز. ئۇلارغا مەدەت- ئىلھام بىرەلەيمىز. ئاز بولسىمۇ ئۆز نىسىۋىسىدىن رازىمەنلىك بىلەن ۋاز كېچىپ، يوقسۇل- بىقۇۋۇللارغا باشپاناھ بولۇۋاتقان، ھەق- ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرگە ئىنئام قىلىۋاتقان، ئاجىز- ناتىۋانلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئۇرۇنسىز ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىغا ئالقان تەڭلەۋاتقان، دەردىگە داۋا ئىزدەپ، كۈلپەت- رەنجىگە شىپايى ھەمدەم بولۇۋاتقان شۇ ھىممەت ئىگىللىرىگە مەدىھيە كۈيى غىڭشىيالايمىز. مىليونىرلىقنىڭ كاتتا بۆلەنچىگىدە خىرامان چۈش كۆرۈۋاتقان، ئىشرەت كوچىسىدا ئۆزىنىمۇ، ئۆز قەۋمىنىڭ رىئالىنىمۇ ئۇنتۇپ ئويۇن- تاماششاغا مەستۇ- مۇستەغرەق بولۇۋاتقان ئۇ باي قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بىرەر ئۈندەش، بىرەر چكىت، بىرەر پەش بەلگىسى بولسىمۇ تاشلىيالايمىز.

     دىمەك، پانىيدىكى ھەر بىر ياشىغۇچىنىڭ ئۆزىگە ياراش مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بار بولۇپ، مەن پەقەت ئۆز بۇرچۇم ۋە مەسئۇلىيىتىمنى قۇلۇمدىن كېلىدىغان ئەڭ يۇقۇرى چەكتە ئادا قىلالىسام ئۇ مېنىڭ بۇ ئالەمدە ياشاپ ئۆتكۈنۈمدىن دېرەك ۋە بەلگە- ئىزنا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ياراتقۇچىنىڭ ماڭا بىمەخسەت نىسىپ ئەتمىگەن بەدىئى دىتىنى زايا قىلىۋەتمەسلىك زۈرۈرىيىتىدىن بولسىمۇ ئۇ بۇرچۇمنى ئادا قىلىشىم كېرەك.

    ئەمەلىيەتتە بايامقى خەۋەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان <<مىليونىرلاركەنتى>>  ھەققىدە شۇ تىلىفۇن خەۋىرى كەلگەن ئاي كۈنلەردىن ئىلگىرىراق خۇتەن قاشتېشى تىمىسىدا بىر ئەسەر تاماملىغان ئىدىم.  ئۇ قەدىرلىك ئەمگىكىمگە تۇتۇش قىلىشىمغا بىر چاغلاردىكى <<گۇڭگا شېئىرلار>>نىڭ قۇربېشى، دوستۇم غالىپ راخماننىڭ خۇتەن قاشتاشچىلىغى ھەققىدە بىرەر رومان يېزىلىشىنىڭ زۈرۈرلىگى، قاشتېشى سۈزۈش، كولاش، سېتىش جەريانىغا تۇلۇق قاتناشقان مېنىڭ بۇ تىمىدا ئەسەر يېزىشقا ياخشى نامزات ئىكەنلىگىمنى پۇرۇتۇشى ۋە چۇقۇم ياخشى يېزىپ چىقالايدىغانلىمغا بولغان ئىشەنچىسى تۈرتكە بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن ئاۋالراق پانىيىدىكى مېمانلىقى 30 يېشىغىمۇ توشمايلا ئاخىرلاشقان رەھمەتلىك ئىنىم، يازغۇچى ئېزىز سەيپۇللا ئۆزىنىڭ قاشتېشى تىمىسىدا چوڭراق بىرەر ئەسەر يېزىپ چىقىش ئويىنىڭ بارلىغىنى، مۈمكىنچىلىك ئوڭ كۆزىدە باققىنىدا ئۇ ئەسىرىنى ئۆز مەبلىغى ئارقىلىق ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئەرەپ، ئېنگىلىس تىللىرىدا (رەھمەتلىكنىڭ بۇ تىللاردا بەلگىللىك ئاساسى بار ئىدى) قۇر بويىچە كىرىشتۈرۈپ نەشىر قىلدۇرۇش ئىرادىسى بارلىغىنى پۇراتقان ئىدى. قازايى قەدەر ھەم ئىنىم ھەم دىلكەش بۇرادىرىم بولمىش ئۇ مىھرىباننىڭ ياخشى تىلىگىنى ئارمان بىلەن چىشلەنگەن لەۋلىرىگە ئىلىنشتۈرگەن پېتى بىرگە ئېلىپ كېتىپ قالدى. شۇ گۈلگۈننىڭ ئارمانىنى چىچەك ئاچقۇزۇش  ۋە دوستۇم غالىپ راخماننىڭ تەۋسىيىسىگە يۈز كېلىش يۈزىسىدىن بىر يىل ۋاقىت خەژلەپ خۇتەن قاشتېشى تىمىسىدا بىر پارچە ئەسەر يېزىپ تاماملىدىم. ئۇ يازمامدا يۇقاردا قەيت قىلىنغان <<مىليونىرلار كەنتى>> ۋە ئۇ كەنتتىكى بىر قىسىم پۇل ئىگىللىرىنىڭ ئىسمى، ھايات كەچمىشلىرىنى ئەينەن يېزىپ، مەندەك بىر كالتە پەم يازغۇچىنى باغرىدا ئەللەيلەپ ئۆستۈرگەن يۇرتۇم سامپۇلغا، ماڭا ھىممەت كۆزى بىلەنلا قارايدىغان، مەن ئىزگۈ ئىزلىرىدىن سۈيۈنۈپ، ناشايانلىقلىرىدىن سەسكىنىپ يۈرگەن بىزلىيلىق شۇ مىليونىرلارغا تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇشنى نىيەت قىلغان ئىدىم. ئەپسۇس، يازمام تامام بولۇپ نەشىرياتتىن خۇشخەۋەر كەلگەن بولسىمۇ يازمامنىڭ ئاخىرقى چىكىتىنى قويغىنىمدىن ھازىرغىچە ھېچبىر قانائەت ھاسىل قىلالمىدىم. چۈنكى مەن ئۇ يازمامدا شۇ <<مىليونىرلار كەنتى>> ھەققىدە راۋۇرۇس بىر قېتىم بىرەسمىي <<غەيۋەت>> قىلىپ، تۈنۈگۈنكى كۆكنامراتنىڭ بۈگۈنكى ئىشرەتكە تۇيۇنغان كۈنلىرىنى يېزىش ئارقىلىق پۇل تاپقان، ئابروي- ئىناۋەت تاپقان خۇتەن قاشتاشچىلىرى ۋە ئۇيغۇر باي- بەگچەكلىرىنى ئەجرى بىلەن ئەھيا قىلغان ئۇ روزىغارىنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلىشقا ئۈندىمەكچى ئىدىم. يازمامدا ھادىسىدىن كۆرە ماھىيەتنى، ھېكايىچىلىقتىن كۆرە ئىدىيىنى يۇرۇتۇشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بىلەن قارىغان ئىدىم. نەزىرىمدىكى ئەزىز يۇرت سامپۇل، سامپۇلنىڭ بىزلىي كەنتى ۋە بىزلىي كەنتىگە يانداشتۇرۇلغان خۇتەن قاشتاشچىلىقىدا يېزىلىشقا، قەلەمگە ئېلىشقا ئەرزۈگۈدەك دېتال ۋە كۆرۈنمە- ھادىسىلەر، ئۇ ھادىسىلەر ئۆز قوينىغا يۇشۇرغان ماھىيەتلەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ئىدى. شۇ ھېكايەت ۋە شۇ ماھىيەتلەرنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان تىرىشچانلىغىم قانداقراق ئۈنۈم بەردى، باھايى يازمام باسمىدىن چىققىنىدا كىتاپخانلارغا تالىق بولسىمۇ، ئەپسۇسكى،  <<مىليونىرلار كەنتى>> ۋە ئۇ كەنتنىڭ خۇجايىن ئىگىلىرىنى ئاساسى پىرسۇناژ قىلىپ، خۇتەن قاشتېشى ۋە قاشتاش خاسىيىتىدىن بېيىغان مىليونىرلار ھەققىدە تۈگەللەنگەن ئۇ يازمام مېنى ھاردۇقتىن چىقىرالمىدى. گويا يازماقچى، كىتاپخانلارغا بىلدۈرمەكچى بولغان، شۇ مىليونىر يۇرتداشلىرىمنىڭ سەمىگە سالماقچى بولغان ھەممە گەپلىرىم تۇلۇقى بىلەن قەلىمىم قۇرسىقىدا قېلىپ قالغاندەك، خۇتەن قاشتېشى ۋە بىزلىيلىق ئاشۇ مىليونىرلار ھەققىدە ھېچبىر گەپنى يازمىغاندەك، يازالمىغاندەك، دىيەلمىگەندەك ناخۇش تۇيغۇ مىنى ئارامسىزلاتتى. نەتىجىدە <<مەملىكەت بويىچە مىليونىرلار سانى ئەڭ كۆپ>> بىزلىي كەنتىنى ئۆزىگە ئىلھام مەنبىيى، خۇتەن قاشتاشچىلىقى ۋە قاشتېشى تىجارىتى بىلەن بېيىغان پۇل ئىگىللىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاساسى گەۋدە  قىلغان، چىنلىقى بەدىئىيلىكىدىن قۇۋەتلىكراق بولغان بۇ يازمىنى پۈتۈپ، كىتاپخانلار ۋە ئۇيغۇر پۇل ئىگىلىرىنى ئۆزۈم بىلەن تەڭ بەزى زۈرۈر ئويلۇنۇشقا باشلاپ كىرمەككە تۇتۇندۇم. 



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت , مىليونىرلار كەنتى , مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-12-22 11:12:30
    تەھرىر : hotanboy
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1392
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证