تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› چەتئەل تەسىراتلىرى ›› ئامېركىلىق مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى(2-قىسىم)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Kurshat
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11167
    kurshat@qarluq.com

    يازما سانى : 10
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئامېركىلىق مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى(2-قىسىم)



     

     

     شۇنداق قىلىپ بۇ مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىۋالدىم. مەكتەپنى تەكشۈردۈم، ئوقۇغۇچىلارنى چۈشەندىم، نېمىشقا ئامېركىغا كەلگەنلىكىم توغۇرلۇق ئويلاندىم؟؟ ئامېركىدىكى بالىلار ئەركىن چوڭ بولاتتى، لېكىن بۇ ئەركىنلىك بۇلارنى ئەدەپسىز قىلاتتى، كىشىلەرگە يۈزەكى مۇئامىلە قىلىپ، مەسخىرە قىلىش بۇلارنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى. بۇ چەمبەرنى ياخشى كۆرمىدىم، لېكىن چىكىتىپ قالسام بۇلارنى چۈشىنەلمەسلىكىم مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىچىگە كىردىم، تازا ئويۇن قېپى بالىلار بىلەن ئارىلاشتىم، بۇلارنىڭ بىر فورمۇلاسى بولاتتى، ئەگەر سەن مەكتەپتە ئاخسا ۋەياكى مودا بولاي دېسەڭ چوقۇم باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ ئۇنىڭ بېشىغا چىقىپ ئېگىز بولۇشۇڭ كېرەك ئىدى. بۇ خىل رىقابەت ئېڭى بۇلارنى چېنىقدۇرۇپ، رىقابەتكە نىسبەتەن يېڭىلمەس ئادەتنى يېتىلدۈرۋەتكەن ئىدى. شۇڭا مەسخىرە قىلىنىغان بالا دائىم چۈشكۈن، مەسخىرە قىلغان بالا دائىم خوشال بولاتتى. گەرچە مەن مەكتەپتە داڭلىق بولساممۇ، ئۇلاردەك داڭلىق بولۇپ قېلىشنى خالىمايتتىم، كىچىكىمدىن يېتىلگەن ئاق-كۆڭۈل ۋە سەمىمىي مىجەزىم مېنى باشقىلارنى مازاق قىلىشنى گۇناھ دەپ تونۇغۇزاتتى، مەن جىقراق ھۆرمەتنى تەشەببۇس قىلاتتىم. لېكىن مەكتەپتىكى ئاخسا بالىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىشتىنمۇ ساقلىنالمىدىم.(بۇلار ھەرگىز مۇشلاشمايتتى، بەلكى چېلىشىپ يىقىلغانلارنى بېسىۋېلىپ يەڭگەنلىكىنى ئىسپاتلايتتى.) شۇنداق قىلىپ بېشىدا قېقىلىپ يۈرۈپ مانا ھازىر مەكتەپتە ئۆزۈمنىڭ ئورنىنى تىكلىۋالدىم. لېكىن مۇشۇ يېقىندا بەك ئەركىن بولۇپ كېتىپ باراتتىم. بالىلارنى خالىغانچە بوزەك قىلغىم كېلىدىغان بولۇپ، كەچتە مەكتەپتىن قېچىپ، ئىمتاھانلاردا، ۋەياكى تاپشۇرۇقلاردا كۆچۈرىدىغان بولۇپ قالدىم. قارىغاندا بۇ مەن تۇرىۋاتقان مۇھتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بالىلار قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر 100 ئېلىشقا تىرىشاتتى. ھەم بۇ يەردە كۆچۈرۈش ئاسان بولۇپ تاپشۇرۇقلارنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىسىنى بىلىۋالسىڭىزلا ئۆزىڭىز خالىغانچە جۈملە تۈزەپ تاپشۇرۇقنى تولۇپ پۈتتۈرەلەيتىڭىز. ئىمتاھاندا ئىنتايىن يۇقىرى تېخىنىكا بىلەن كۆچۈرىدىغان بولغاچقا جىق ھاللاردا مالىملارنىڭ بۇنى بىلىشى ئىنتايىن تەس ئىدى. ئەلۋەتتە كىشىلىك تۇرمۇشتا ئىنتايىن ئوچۇق-يورۇق بولمىسىڭىز ھېچكىم ئارىغا ئالمايدۇ، شۇڭا بۇ يەردە ئەڭ تىرىشىپ، ھېچكىم بىلەن ئالاقە قىلمايدىغان بالىلارنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئويۇنقېپى بالىلارنىڭ نەتىجىسى پەرقلىق ئەمەس ئىدى. ئامېركىغا كېلىپ ھەرقانداق ئادەم بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئۆگەندىم، كىشىلىك تۇرمۇشتا جىق ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق بولغان پىسخىكىلىق سۆزلەر يادا بولۇپ كەتتى. بۇرۇن دوست دېگەن يۈرەكتىن بولىدۇ، ئۇنى تېشىدا ئىپادىلەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايتتىم. لېكىن ئەمدى ئويلىسام تېشىدا دوستلىقىنى ئىپادىلمىسە يېڭى دوست تۇتۇش، ئالاقە قىلىش ئىشلىرى پالەچ بولۇپ قالىدىكەن، مەكتەپ بىر تۈرمىگە ئايلىنىپ ھېچنىمىدىن ھوزۇرلىنالمايدىكەن. لېكىن مانا مەن ئەمدى ئامېركىدىن ھوزۇرلىنىشقا باشلىدىم. لېكىن شۇنى ئۇنتۇپ قالمىدىمكى بۇ ھوزۇر چوقۇم ۋە چوقۇم چەكلىك بولۇشى كېرەك. بولمىسا مەن كەلگۈسىدە شۇ ئەخلەت ساندۇقىدىكى ئەخلەت ساندۇقى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىم بەك يۇقىرى. 

    11-ئاينىڭ 2-كۈنى

     

     ئىچىم سىقىلىپ كېتىپ باراتتى، چۈنكى ئېزىقىپ قېلىۋاتاتتىم. ئۆزۈم ئۇنتۇپ ئويناشمۇ؟ ياكى ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ ئۆگىنىش قىلىشمۇ؟ توغرىسى قايسىنى قىلىشنى ئۇقمايۋاتاتتىم، چۈنكى ئىككىلىسىنىڭ پەرىقى قالمىغاندەك تۇراتتى. نەتىجەمنىڭ ياخشى بولۇشىغا ئەگىشىپ ئۆگىنىش قىلىشىمنىڭ زۆرۈىيتىنى يوقۇتۇپ قويغاندەك قىلاتتىم، ئۆزۈمنى ماختىغانسىرى ئورنۇمنى يوقىتىپ قويغاندەك قىلاتتىم، ئۈمىدسىزلەنگەنسىرى قانداق خوشال بولۇشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتىم، ئۆزۈمدىن ئاغرىنغان ۋاقتىمدا بۇرۇن قانداقلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتىم. شۇنداق قىلىپ بىر ئۆزۈمگە قايتىپ بىر ئۆزۈمنى يوقىتىپ ھايات يولىدا ئېزىقىپ مېڭىۋاتاتتىم. بارا-بارا مەسئۇلىيتىمنى يوقىتىپ قويغاندەك، ئۆزۈمنىڭ ئەسلىنى يوقىتىپ قويغاندەك، كېلىشتىن بۇرۇنقى غايىلىرىمنى يوقىتىپ قويغاندەك ھەممە نەرسىدىن خاتىرجەم خىيالىي يۈرەتتىم. مۇناسىۋەت دائىرەم تارىيىۋاتقاندەك، كىشىلەردىن يىراقلاۋاتقاندەك، ئورنۇمنى تۆۋەن ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۆزۈمنى ئىنتايىن چىرايلىق بېزەلگەن قەپەسدەدەك ھېس قىلىپ، بۇ قەپەستىن چىقساملا چىرايلىق قۇچقا ئايلىنىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، لېكىن ئۇچالىشىم نامەلۇم ئىدى. تاشقى قىياپىتىمگە، باشقىلارنىڭ باھاسىغا، خەقلەرنىڭ ماڭا بولغان چۈشەنچىسىگە بەك دىققەت قىلىپ ئۆزۈمنى، ھەققىقىي ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويغاندەك قىلاتتىم. ئۆزۈمدىكى، ئىچىمدىكى چۈشكۈنلۈك مېنى ئامېركىغا كەلگەندىمۇ قىينايتتى. كېچىلەردە ئۆزۈمنى ۋە خۇدايىمنى ئويلىغان ۋاقتىمدىلا بۇ تەگسىز چۈشكۈنلىك مېنى قىيناپ ئارامىمدا قويمايتتى.  مەن ھازىر توغرا قىلىۋاتامدىم؟ بولسا مەسىلىنى ئامېركىغا، مەكتەپكە، ۋەياكى ئۆزۈمگە قويۇپ جاۋابىنى تاپالمايتتىم. كىشىلەردىن، ئەڭ مۇھىمى ئۆزۈمدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ باشتا يازغان ماقالىلىرىمنى ئوقۇپ ئەسلىمگە قايتاتتىم. دېمەك مەن ئارقىمغا يېنىۋاتامدىم؟ مەن چېكىنىۋاتامدىم؟ بۇ نامەلۇم ئىدى. چۈنكى بۇرۇن بىلىملىرىمنى باشقا بىر نۇقتىدىن ئۆلچىگەن بولسام مانا ھازىر يەنە باشقا بىر نۇقتىدىن كۆزىتىۋاتاتتى. داۋاملىق باشقىلارنى ئۆزۈمنى نۇقتىسىدىن كۆزۈتۈپ ھاراتتىم، چۈنكى خۇددى ھەممە ئادەم لاياقەتسىزدەك!! بۇ راستمىدۇ؟ مەن دۇنيادىن ئايرىلىپ قېلىۋاتامدىم؟ مەن تاشقى پىلانىت ئادىمىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتامدىم؟

    11-ئاينىڭ 6-كۈنى]

    ?

    _____

     ئىككى ھەپتە جوڭگونىڭ مائارىپىنى، ئىشكىردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى، ئۈرۈمچىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى جوڭگونىڭ مائارىپى كاللامدا بىر پۈتۈن ھالىتىدە ئەكىس ئەتتى. جوڭگو تەۋەلىگىدە ئوقۇۋاتقان ھەرقانداق ئوقۇغۇچى ھامان جوڭگو مائارىپىنى تىللايتتى، دەرسنىڭ تەسلىكىدىن، مۇئەللىملەرنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بېسىمىدىن قاقشايتتى. بۇ مەسئۇلىيەتنى بىر تۇرۇپ مالىملارغا ئارتىپ باقاتتىم، بىر تۇرۇپ مائارىپ سېستىمىسىغان، كىتاپلارغا ئارتىپ باقاتتىم، بىر تۇرۇپ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە ئارتىپ باقاتتىم. لېكىن ھەقىقىي مەسئۇلىيەتتنىڭ زادى كىمدە ئىكەنلىكىنى تاپالمايتتىم. چۈشكۈنلەشكەنسىرى ئېنىرگىيە توپلانسىمۇ، مۇشۇ ئېنىرگىيەلىرىمنىڭ خوراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. سىلەرگە تۆۋەندە شاڭخەيدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇۋاتقان بىر بالا بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزنى بايان قىلىپ ئۆتەي:

     

    'ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم'- مەن

    'ۋەلەيكۇم ئەسسالام'-ئوقۇغۇچى

    'ئىشكىردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتى قانداقراق؟'-مەن

    'زېرىكىشلىك'

    'دەرسلەر قانداقراق؟ تەسمۇ؟'

    'دەرسلەر بەك تەس، ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن كەچ سائەت ئونغىچە ئۆگىنىش قىلىمىز، تاپشۇرۇق ئىشلەيمىز. لېكىن ئۆگىنىۋاتقان دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت'

    'تالاغا كۈندە قانچە قېتىم چىقىسىلەر؟'

    'ھەر يەكشەنبە كۈنى ئىككى سائەت تالاغا چىقالايمىز'

    بۇ ئېنىقلا تۈرمىكەنغۇ دەپ ئۇ بالىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلغىم كەلمىدى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ مەكتەپ شۇنداق ئىكەن، ئۇ بالا شۇنداق قىلىپ مەكتەپنى تىللاپ چۈشۈپ كەتتى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تىللاشنى لايىق كۆرمىدىم، چۈنكى تىللىغاندىن كېيىنكى يولنى كۆرسىتىپ بېرەلىشىم كېرەك ئىدى، داۋاملىق ئىزدىنىشىمنىڭ كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم، داۋاملىق مائارىپ توغۇرسىدا جىق كىتاپ كۆرۈپ تەتقىق قىلىشنى لايىق تېپىپ قالدىم، لېكىن 10 بالىنى زىيارەت قىلسام جاۋاپ ئاساسەن ئوخشاش چىقاتتى، مائارىپ توغۇرلۇق ماتىريال كۆرسەممۇ ھەممىسى ئوخشاشتەك ھېس قىلىپ قالدىم، بۇ مەندە كۆرۈلىۋاتقان مەسىلىمۇ؟ ئۆزۈمنى بۇ جەھەتتە قۇلۇپلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم، ئويلىسام ئويلىسام ئوخشاش ئىشنى ئويلايتتىم، ئوخشىمىغان يېڭى ئىشنى ئويلاشنى ئارزۇ قىلاتتىميۇ ئويلىغانسىرى يەنە ئوخشاش نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشاتتى، شۇڭا بۇ توغۇرلۇق تېخىمۇ جىق ماقالىلەرنى كۆرۈپ، تېخىمۇ جىق ئادەملەرنى زىيارەت قىلىشنى لايىق تاپتىم. 

    پەقەت ئۈمىد قىلىدىغىنىم يېڭى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇنداق ئاخىرى چىقماس ئويلاردىن زېرىككىنىمدە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ئۆزۈمگە ئېنىرگىيە توپلاشنى ئادەت قىلىۋالدىم.

    11-ئاينىڭ 21-كۈنى

     

    چارچىدىم، چارچىمايسەن، ئەرك دەپ بېلىم باغلانغان،

    ئەسكىلىك قاينىغان زاماندىن تېنىم مەجرۇھ-داغلانغان.

    كۈرەش سېپىنىڭ ئەزاسىمەن، قەلبىم ئوت بولۇپ يانغان،

    چېكى سۆكۈلگەن دۇنياغا نەپرەت كۆزۈمنى ئالايتقاندا.

    _مۇخەممەس.

    بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، لۇتپۇللا مۇتەللەپنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ھېس قىلىپ قالىمەن، ئىككىمىزنىڭ ئويلىرىنىڭ نەقەردەر ئوخشايدىغانلىقىنى، بەزىدە شائىرنىڭ مەن ئىنتايىن كۈچەپ ئىپادىلىمەكچى بولغان ئويلارنى ئىپادىلىۋەتكىنىگە، خۇددى بۇرۇن يادىلىغان شېئىرلىرىمنىڭ ئەمدى مەنىسىنى ھېس قىلىۋاتقاندەك ھاياجانلىنىپ كېتىمەن. ئۆزۈم بىلەن پىكىرداش ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشالماي ئىچىم سىقىلىپ كېتىپ بېرىۋاتقان بۇ كۈنلەردە غايىۋى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇيقۇ كەلمىگەن كىچىلەرنى مەنىلىك ئۆتكۈزىۋاتىمەن. شېئىردىن ھوزۇرلىنىش بىر شائىرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ دەپتىكەن بىر شائىر، مېنىڭ شائىرىي ھۈجەيرىلىرىم قايتىدىن ئويغىنىپ ئۈمىدسىزلىك ئىچىكى ئويلاردىن قۇتۇلۇپ ئىشلارنى شائىرىي تەپەككۇر قىلىپ ھوزۇرلىنىۋاتىمەن، نېمىدىگەن راھەت.. لېكىن ئويلىغان ئويلىرىمنىڭ، جاۋابىنى ئىزدەۋاتقان سوئاللىرىمنىڭ جاۋابىنى شائىرىي ھېسىياتلىرىم تاپالمىدى، بىر نەرسنىڭ جاۋابى چوقۇم قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە چىقامدىغاندۇ؟؟ شائىرىي ھېسىيات پەقەت ھوزۇرلىنىشتىلا ئىشلىنەمدىغاندۇ؟ كاللامدا سوئاللار توشۇپ كەتكىنىدىن بەزىدە ئۆزۈمنىڭ قايسى سوئالغا جاۋاپ ئىزدەۋاتقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتىم. كەچ سائەت ئۈچ يېرىمدا تىڭشىغۇچنى قۇلۇقۇمغا تىقىپ كۆزۈمنى يۇمغان ھالدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىنى ئەسلەيتتىم. نەقەدەر ئۇستىلىق بىلەن يېزىلىپ ھېسىياتنى توغرا ئىپادىلىيەلىگەن ھە؟ ئاددىي بىر جۈملىدىنمۇ مەنا تېپىپ ھەر بىر ئۆتىۋاتقان سېكىنوتنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ماقالە يازغىم كېلىپلا تۇرىدىغان بولۇپ قالدى، ئېغىر ئەمەس يېنىك ماقالىلەرگە كۆڭلۈم بېرىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۆزۈمنى ئالغا ئىلگىرلەپ ئويلىنىشتىن تەكرار ئويلىنىشقا مېڭىۋاتقان بولۇپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيتتىم. لېكىن پەقەت ۋە پەقەت خالاپ قېلىۋاتقىنىم ناخشا ئاڭلىغاچ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىنى ئويلاش بولۇپ قالدى.

    تېڭىرقايمەن دوستلار، تىلەيمەن، ئالىي تىلەكلەرنى،

    چۈشۈرمەيمەن كۆرەشكە دەپ تۈرگەن ئۇ بىلەكلەرنى.

     

    مەرت باغۋەن غازاڭ قىلمايدۇ ۋاقىتسىز باغنى،

    تەربىيسىز سۇلدۇرۇپ گۈل-چېچەكلەرنى.

     

    خىيالىم خۇددى تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر سەبىي بالا،

    ئىمىش ئۈچۈن قەدىردان ئانىدىكى قوش ئەمچەكلەرنى.

     

    لەززەتلىك خىياللار ئارىسىدا بېقىپ ئاسمانلارغا،

    تەپەككۇر كۆزى بىلەن كۆرىمەن روشەن بۇرجەكلەرنى.

     

    ئەزەلدىن خىيالچان…. مۇڭلۇق بىر يىگىت ئىدىم،

    تىڭشىغاچ مومان ئاغزىدىن ساماۋىي چۆچەكلەرنى.

     

    سۆيگۈ دېڭىز چوڭقۇرلىقىدا مەن قايناپ تۇرسام،

    ئۇسسۇزلۇقۇم قانداق قانسۇن، ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى؟

    _خىيالچان تىلەك.

    11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتىگەن سائەت 4

     

     قېنى ئەمدى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىدىن ھوزۇرلانغايسىلەر:

     

    ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ

    ﮬﺎﯞﺍ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ ﺋﻪﻱ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ،ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭼﺎﻍ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟
    ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﺎﺯ ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﻰ ﺋﯚﺗﺘﻰ،ﺑﯘ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﻗﯩﺶ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

    ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﺋﺎﭼﺎﻟﻤﺎﻱ ﻛﯚﺯ،ﻳﺎﺗﯘﺭﺳﺎﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗ؟
    ﺋﺎﻳﺎ ﺋﯩﺨﯟﺍﻥ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﯗﺭ ﻗﯩﺶ،ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

    ﻳﺎﺗﯘﺭﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﺘﻪ،ﺋﯚﻟﯜﻛﺘﻪﻙ ﻗﯩﻤﯩﺮﻟﯩﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ﮬﯧﭻ،
    ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﺘﻰ،ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﺱ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

    ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﯟﺍﯓ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ،ﺗﯧﭙﯩﺶ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﻣﯘﺷﻜﯘﻝ،
    ﮬﯧﻠﯩﮭﻪﻡ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺗﯘ،ﺋﯧﺮﺧﯘﺍ ﻛﯧﺘﯩﺶ،ﺳﻪﻧﺨﯘﺍ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

    ﮬﺎﺭﺍﺭﻩﺕ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻱ ﺳﻪﻧﺨﯘﺍ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﺩﺍﻟﺪﺍ،
    ﻗﻮﭘﯘﯕﻼﺭ!ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﮬﻪﻡ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

    ﻗﻮﭘﯘﯕﻼﺭ ﺋﻪﻱ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭ،ﺋﯚﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﻣﻪﻳﻠﯩﯖﻼﺭ،
    ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺗﯘ،ﺋﯧﺮﺟﯩﻴﯘ ﻛﯩﺮﯨﺶ،ﺳﻪﻧﺠﯩﻴﯘ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

    ﺋﯩﺸﯩﺘﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭ،ﻗﯘﻻﻕ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺳﺎﻗﻤﯘ؟
    ﻛﯩﻜﯩﺮﺩﻩﻙ ﺟﯩﻖ ﻗﯩﭽﻘﯩﺮﯨﭗ،ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﻡ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

     

    ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ

    ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ،ﻳﻮﺭﯗﻣﯩﻐﺎﻥ ﺯﯗﻟﻤﻪ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ،
    ﺑﺎﺳﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.

    ﭼﻪﺭﺧﻰ ﮔﻪﺭﺩﯗﻥ ﺗﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻤﻪﻙ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻳﺎﺭﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻢ،
    ﺗﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﭼﻪﺭﺧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ.

    ﺋﻪﻱ ﭘﻪﻟﻪﻙ،ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﻪﺭﺥ ﮬﻪﻡ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺭﺍﯞﺍﻥ،
    ﻳﻮﻝ ﺗﯘﻧﯘﭖ ﻳﯘﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ.

    ﻧﻪﻩ ﺑﺎﺭﺳﺎﯓ ﺑﺎﺭﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺑﺎﺭ ﯞﻩﺗﻪﻥ،
    ﮬﺎﺭﺩﯗﻗﻰ،ﺗﯩﺒﯩﺒﻰ ﻳﻮﻕ،ﺩﻩﺭﺗﻠﯩﻚ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.

    ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺑﺎﺭ،
    ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻡ ﻗﻪﻟﺒﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻳﺎﺭﺍﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.

    ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻏﯩﻨﻰ ﺑﯩﻞ ﭘﻪﺭﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﮬﯧﭽﻜﯩﺸﻰ،
    ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻰ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﮕﻪ ﺯﯨﻨﺪﺍﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ. 

     

    ئاريىلمىغىل

     

    ﮬﯩﻤﻤﯩﺘﯩﯖﺪﯨﻦ،ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﻝ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﯩﻐﯩﻞ،
    ﮬﻪﻗﻠﯩﻘﯩﻦ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﻮﻟﯘﯕﺪﯨﻦ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺑﻪﺭ،ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﻤﯩﻐﯩﻞ.

    ﻣﺎﻧﯩﺌﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻱ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﺑﺎﺱ،
    ﺗﺎﻏﯘ-ﺗﺎﺵ،ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﻥ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻞ.

    ﺋﺎﺕ ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺑﻪﮬﺮﯨﮕﻪ،ﻳﺎ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻝ،ﻳﺎ ﺗﺎﭖ ﮔﯚﮬﻪﺭ،
    ﺷﯩﺮﻧﻪ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﻛﻪﺑﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺋﯩﺰﯨﯖﺪﯨﻦ ﮬﯧﭻ ﻳﺎﻧﻤﯩﻐﯩﻞ.

    ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻳﺎﯞ ﮬﯘﯞﻟﯩﺸﯩﭗ،ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯩﻎ ﺗﻪﯕﻠﯩﺴﻪ،
    ﺋﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﺑﻮﻳﺎﻝ،ﻧﻮﻣﯘﺳﻨﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺳﺎﺗﻤﯩﻐﯩﻞ.

    ﻛﯩﻤﻜﻰ ﮬﻪﻕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺷﯘﻧﯩﯔ،
    ﺑﯘ ﻧﯧﭽﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻩﭖ،ﻳﻮﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻞ.

    ﺳﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﯦﺴﻪﯓ،ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻧﺎﻣﯩﯔ ﻗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ،
    ﺑﻮﻝ ﺟﻪﺳﯘﺭ،ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻧﯩﺸﺎﻥ،ﻛﯚﻟﭽﻪﻙ ﺑﯘﻻﻗﻘﺎ ﻗﺎﻧﻤﯩﻐﯩﻞ.

    ﺋﺎﺑﺪﯨﺨﺎﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ،
    ﺋﯘﺷﺒﯘ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯜﺗﻤﻪﺱ ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻞ.
    1929-ﻳﯩﻠﻰ

     

    ئويغان

    ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،
    سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.
    بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،
    ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

    قوپ! دېدىم، بېشىڭنى كۆتۈر! ئۇيقۇڭنى ئاچ!
    رەقىبىڭ باشىنى كەس، قانىنى چاچ!
    كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،
    ئۆلىسەن ئارماندا بىر كۈن نائىلاج.

    ھىلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،
    شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟
    قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،
    ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟!

    كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،
    ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلان ئۇزاق.
    كەتسە قولدىن بۇ غەنىيمەت پۇرسىتى،
    كېلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.

    ئىچىنار كۆڭلۈم ساڭا ئەي ئۇيغۇرۇم،
    سەپدېشىم، قېرىندىشىم، بىر تۇغقىنىم.
    كۆيۈنۈپ ھالىڭغا، ئويغاتسام سېنى،
    ئاڭلىمايسەن زادى، نېمە بولغۇڭ؟

    كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،
    تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.
    «خەپ» دېسەڭ ئۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالار،
    شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بېرىسەن.

    غەزەپ ۋە زار

     

     

    ئەي پەلەك، بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن،
    ئىستىدىم كۆپ، تاپمىدىم بۇ دەردىمە ھېچ دارىمەن.

    ئاتا-بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،
    گاھ ئۆلۈپ، گاھ تىرىلىپ، كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.

    بىر پۇراپ كۈلسەم نە ئارمان، بېغىم باھارى گۈلىنى،
    ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.

    دوستلىرىم ئوۋغا چىقاردا كەلتۈرەر مىسالىغا،
    قارچىغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.

    يۈزمۇ يۈز قىلماس تەئەرروز كۆپ كۆڭۈلچاندۇر ئۇلار،
    كۆرسەم چاينار نىجىس گوياكى دىل ئازارىمەن.

    لا ئەقىل دەپ ئويلىدى چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،
    يېڭىلىپ كەتتى ئۇلار، كۆپتىن بېرى ھۇشيارىمەن.

    <قولىدىن كەلمەيدۇ ئىش> دەپ، دائىم غىدىقلايدۇ مېنى،
    مەن ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە بەكمۇ-بەك خۇنبارىمەن.

    پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ كاپىر، جەدىت دەپ قارغىشۇر،
    بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بۇلۇپ يانارىمەن.

    چۆل-جەزىرە، دەشتۇ-سەھرا ئىچرە قالدىم نائىلاج،
    ئاھ قاچان بىر يول تېپىپ قوشۇلاي قاتارىمەن.

    سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل، بىپايان مۇنبەت زېمىن،
    مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش، قاينام بۇلۇپ قاينارىمەن.

    ئويغىنىپ كەتتى جاھان، مەغرىبى-مەشرىق تامام،
    مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.

    باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،
    مەن مىسالى يالاڭئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.

    ئىلىم پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت، خەۋپ-خەتەر،
    ھالىمىز قۇلدىن بەتتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن.

    تىل ھاقارەت، تەنە-دىخمار ۋاي داد!...بۇ جاننى قىينىدى،
    ئەمدى نە قىلماق كېرەك، ئەجەپمۇ بولدۇم خارىمەن.

    زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى،
    تاغ كەبى دولقۇنىدا ئۆرلەپ، ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.

    دەۋرى جەبرىدىن ئىسىت! ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋايىكىم،
    جاننى ئالقانغا ئېلىپ چىق، تاپمايسەن باشقا چارىسەن.

    1927-يىلى

     

    كەيپىياتىم ياخشى ئىككى ئايدىن بېرى تارتقان جاپالىرىمنىڭ، ئۈمىدسىزلىكلىرىمنىڭ مۇكاپىتىدەك نەتىجىسى ھەممە پەندە سەكسەندە يۇقىرىلارغا تارقاتقان تەقدىرنامىغا ئېرىشتىم، گەرچە ئۈچ پەندە نەتىجەم سەكسەنگە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ھەممىسى 85دىن يۇقىرى ئىدى، جوڭگودىن كەلگەن كورشات دەپ ئىسمىمنى چاقىرغاندا شەرەپ بىلەن ئالدىغا چىقتىم، قارىغاندا بۇ كىملىكىدىن پەخىرلىنىش بولسا كېرەك، مەكتەپتىكى ئۇيغۇرلانىڭ ئىچىدە مەن بىرلا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بەلكىم ئېنگىلىسچەم ياخشى بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك، لېكىن ئىككى تۈركمەن نەتىجىسىنىڭ 90دىن يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەپلىك دەرىجىسى مەندىن يۇقىرى تەقدىرنامىغا ئېرىشتىم، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى، بىز ئۇلاردىن ئۆتۈپ كېتەلمەمدۇق؟ بىر ئەقىللىقراق ئەمەسمۇ؟ ئېنگىلىسچىنىمۇ تۈزۈك ئۇقمايدىغان بۇ تۈركمەنلەرگە ئاچچىقىم كېلىپ قالدى، ھەيي… نېمىلا دېگەن بىلەن مۇكاپات تارقىتىش يىغىنى تۈگىدى، لېكىن ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى. بىز نېمىشقا تىرىشالمايمىز؟ بىز نېمىشقا يۇقىرى نومۇر ئېلىپ تۆردىن ئورۇن ئالمايمىز؟؟  تىرىشىش كېرەك، پەقەتلا ۋە پەقەت تىرىشىش كېرەك، كەيپىياتىم يۇقىرى بولسىمۇ كاللامغا يېڭىدىن كەلگەن بۇ ئوي مېنى تېپىپ ئارىمىمدا قويمايۋاتاتتى. چوقۇم قاتتىق تىرىشىمەن، چوقۇم كېلەر قېتىم مەكتەپ بويىچە ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن بىرىنچى بولىمەن.

     11-ئاينىڭ 19-كۈنى تەبرىكلەش يىغىنىدىن كېيىن

     

     بۈگۈن مەكتەپ بويىچە تىزىملىكىمىز چىقتى، مەن شۇ ياخشى نەتىجەم بىلەن مەكتەپ بويىچە 67-بولۇپتىمەن، مەكتەپتە 150 بالا بار، ئىچىم تېخىمۇ ئاچچىق بولدى، بىر ئۇيغۇرمۇ 50 نىڭ ئىچىگە كىرەلمەپتۇ، ئۆزەمدىن بەك پەخىرلىنىپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم، گەرچە باشقا بالىلار سەۋەپنى مۇھىتقا، ئېنگىلىسچىگە ئارتقان بولسىمۇ ماڭا ئۇنداق تۇيۇلمىدى، 150 بالىنىڭ ئىچىدە بىر ئۇيغۇر تۇرۇپ 67- بولۇش ماڭا بەك نومۇس قىلارلىق ئىش تۇيۇلدى، بەك قاتتىق تەگدى. نېمىشقا قاتتىق تىرىشمىغاندىمەن؟ نېمىشقا؟؟؟ نېمىشقا نېمىشقا نېمىشقا جىق پۇرسەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ قويغاندىمەن؟؟

     شۇ كۈنى كەچ.

    _______

    بۇ ھەپتە دەرسلەر قاتتىق ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە ماقالەممۇ ئۆزۈممۇ ئويلىغاندەك ياخشى چىقالمىدى، ھەم تۈزۈك كاللامنى بىر يەرگە يىغىپ ماقالە يېزىپ بولالمىغاچقا ماقالىلىرىم ئازراق قالايمىغان چىقىپ قالدى، ئەپۇ قىلغايسىلەر. كېلەر ھەپتە ماقالەمنى ئەڭ ياخشى ھالىتىدە يېزىشقا تىرىشىمەن.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئامېركا , ئۇيغۇر , شېئىر , مائارىپ
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-11-25 12:30:31
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 3576
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证