تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Kurshat
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11167
    kurshat@qarluq.com

    يازما سانى : 10
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    نىيۇيوركقا سەپەر

     

     




     

     

     ئەتىگەن مۇرادىل دېگەن باشلانغۇچتىكى ساۋاقدىشىمنىڭ ئويغىتىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغاندىم، ئاپلا سائەت7:30 بولۇپ كېتىپتۇ. تۈنۈگۈن مۇھەممەتئىمىن دادام بىلەن نېيوركقا بارىدىغان بولۇپ دېيىشىپ قويغاچقا دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈزۈمنى يۇيۇپلا ئاشخانىغا يۈگەردىم، ئاشخانىدا مۇھەممەتئىمىن دادام، ئىلىياس، ۋە مۇرادىللار ساقلاپ قالغان ئىدى (مۇرادىل بىلەن ئىلىياس بۇ مەكتەپكە كەلگەن يېڭى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار). شۇنداق قىلىپ مەن ئاشخانىدا بولكا بىلەن تۇخۇمنى سۈتكە چىلاپ تېزلىك بىلەن ئىچىپ مۇھەممەتئىمىن داداملار بىلەن نىيوركقا بارىدىغان ماشىنىغا چىقتۇق. مەن تۇرىۋاتقان پاتنەم دېگەن يەردىن نېيوركقا ئۈچ سائەتلىك يول بولۇپ، تۈنۈگۈن زاكاس قىلغان تاكسىغا چىقىپ يۈرۈپ كەتتۇق. شوپۇر 50 ياش ئەتراپىدىكى بىر تۈرك بولۇپ، بىز يولدا ئۇندىن-بۇندىن پاراڭلاشقاچ مېڭىپ ئۈچ سائەتلىك يولنى، ئۇخلاپ، تاماق يەپ، كېرىلىپ، ئەتراپدىكى مەنزىرىدىن ھوزۇرلىنىپ ئاران تەستە ئۆتكۈزدۇق.

     

       نېيوركقا يېقىن قالغان ۋاقىتتا مەن ئەتراپدىكى ئەڭ ئەرزان ياتاقنى تېلېفوندا ئۇقۇشتۇم. بۇ تۇنجى قېتىم ئامېركىدا ياتاق زاكاس قىلىشىم بولغاچقا يېرىم سائەت ۋاقىت كەتتى، لېكىن ئاخىرى JKF ئايروپىلان ئىستانىسىنىڭ قېشىدىكى بىر كىچىك تۆت كىشىلىك ياتاقنىڭ بىر كېچىلىكىنى 157 دوللارغا زاكاس قىلدىم. مەن تېلېفون بىلەن بولۇپ كېتىپ ئەتراپنى ئانچە ياخشى كۆزەتمىگەن بولۇپ، تېلېفوننى قويغاندا بىز ئاللىبۇرۇن نېيوركقا كىرىپ بوپتۇق. نېيوركقا نەزەر سالدىم… يولنىڭ ئوڭ تەرىپى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى ئايرىپ تۇرىدىغان تام، سول تەرىپى كۆز يەتكۈسىز دېڭىز-ئاتلانتىك ئوكياننىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئۈستىدە مېڭىۋېتىپ خۇدايىمنىڭ قۇدرىتىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. يىراقتىن ئەركىنلىك ئىلاھى كۆرۈندى، تېلېۋىزورلارنى ئۇنى بەك جىق كۆرۈپ كەتكەچكىمۇ ماڭا ئانچە يېڭىلىق تۇيۇلمىدى. شۇنداق قىلىپ سائىتىگە 90 كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن نىيوركقا ئاستا كىرىپ كەتتۇق. 

     

     تەخمىنەن 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈگەپ ئادەتتىكى چوڭ يولغا چىقتۇق. بۇ يەردىكى بىنالار 5~6 قەۋەتلىك بولۇپ، كوچىلار مەينەت ئىدى. بۇ مەنزىرە مەن تۇرىۋاتقان، يېشىللىق بىلەن قاپلانغان پاتنەم دېگەن يەرنىڭ مۇھىتىدىن بەك پەرقلىق بولۇپ بارا-بارا بۇ خىل مۇھىتقا كۆنۈشكە باشلىدۇق. تەخمىنەن يېرىم سائەتلەردىن كېيىن بىز پىلان بويىچە بىر چوڭ ئاۋىماتكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق، ۋە پەسكە چۈشتۇق. نىيوركنىڭ ھاۋاسىنى قېنىپ تېتىۋالغاندىن كېيىن ئاۋىماتكىنى ساياھەت قىلىش، رەسىمگە چۈشۈشلەر بىلەن بولۇپ  ئەتراپنى بىر ئايلىنىۋېتىپ ماشىنىغا چىقتۇق.

     

       بۇ ۋاقىتلاردا سائەت بىرلەر بولۇپ قالغان بولۇپ نېيوركتىكى ئۇيغۇر قەشقەر ئاشخانىسىغا كەلدۇق. مەن ئۇيغۇر تاماقلىرىنى بەك سېغىنىپ كەتكەچكە لەغمەن بۇيرۇتۇپ، چاي بىلەن ئىشتىھالىق قىلىپ يەۋالدىم، ئامېرىكىدەك يىراق بىر قۇرۇقلۇقتىمۇ ئانا يۇرتۇمنىڭ تاماقلىرىدىن ئېغىز تېگىشكە نېسىپ قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتقاندىن  كېيىن  ئەتراپنى كۆزىتىشكە باشلىدىم. بۇ ئاشخانا گەرچە يۇرتنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئادەمگە يەنىلا بىر خىل ئامېركىلىقنىڭ ئاشخانىسىدەك بىلىنىپ ئىسسىقلىق ئاتا قىلالمايتتى، تامىقى ئوخشىغان بىلەن ئادەمگە باشقىچە مېھر ئاتا قىلالمايتتى، قارىغاندا بۇ مۇساپىرلىق تۇيغۇسى تاماقنىڭلا ئىشى ئەمەس ئىكەن. شۇنداق قىلىپ تاماقنى ھوزۇرلىنىپ يېۋالغاندىن كېيىن ياتاققا قايتىش مەقستىدە مېھمانخانىغا قاراپ ماڭدۇق. ئۇ مېھمانخانا بىز تۇرىۋاتقان يەردىن ئىككى سائەتلىك يول بولغاچقا ئالدىرماي ماشىنىغا چىقىپ، مېھمانخانىغا يۈرۈپ كەتتۇق. ئەمدىكى پىلاندا ياتاقتا ئازراق ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن كەچتە نىيوركنىڭ ۋاقىت مەيدانىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولدۇق، مەن بۇيرۇتقان ياتاق يۈز ئەللىك دوللارلىق ياتاق بولغاچقا شارائىتى ئازراق ناچار، يەر ئاستىدىكى بىر ياتاق ئىدى، ماڭا تېلېفوندا گەرچە تۆت كىشىلىك دېگەن بولسىمۇ ياتاقتا ئىككى كارىۋات تۇراتتى. ئاچچىقىم كېلىپ، كەلگەن ئۇيقۇممۇ كېتىپ قالدى. شۇنداق قىلىپ بىز ياتاققا ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن ياتاقتا مۇھەممەتئىمىن دادامنى قويۇپ مەن مۇرادىل، ئىلىياس ئۈچىمىز ياتاقنىڭ تېشىغا چىقتۇق.

       بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئادەمگە كىتاپلاردىكى ئامېركىنىڭ 80-يىللاردىكى ۋاقتىنى ئەسلىتىدىغان بولۇپ يوللاردا گېزىتلەر ئۇچۇشى، كىشىلەر قۇلاقچىلىرىنى چىڭ ئېتىپ يوللاردا تېز-تېز مېڭىشلىرى، ھاۋانىڭ نەم بولۇشى ئادەمنىڭ تېنىنى بىر خىل شۈركەندۈرۈپ قوياتتى، بىز تاللا بازىرىدىن ئىچىملىك ئېلىش ئۈچۈن بىر كىچىك ماگىزىنغا كىردۇق. ئىچىملىكنى ئېلىپ پۇلنى تۆلەپ تۇرىشىمىزغا مۇلازىمەتچى سىلەر نەدىن دەپ سورىدى، شۇنىڭ بىلەن مۇرادىل دېگەن دوستۇم بىز جوڭگودىن دەپ جاۋاپ بېرىشىغا ھېلىقى قارا تەنلىك مۇلازىمەتچى خەنزۇچە ياخشىمۇسىز دېدى، بىز بۇنىڭ قاراپ كۈلگىنىمىزچە تېشىغا قاراپ ماڭدۇق، قارىغاندا بۇ ئامېركىلىقلاردىكى بىر مەدەنىيەتنىڭ ھاسىلاتى بولسا كېرەك. شۇنداق قىلىپ تېشىدا ئىككى ئۈچ سائەتنى ئۆتكۈزۈپ شام ۋاقتى بىلەن ياتاققا قايتتىپ كىردۇق، ۋە شامنى ئۆتۈۋېلىپ ۋاقىت مەيدانىغا ماڭدۇق. يولدا مەن تۇيۇقسىز ئالمىنىڭ ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاچقان دۇكىنىنى كۆرۈپ قالدىم، ۋە قاتتىق ھاياجانلاندىم، ھەم شوپۇرغا دەرھال توختاشنى دەپ ماشىنىدىن چۈشتۇق، مۇھەممەتئىمىن دادامنىڭمۇ ئالمىدىن ئالىدىغان نەرسىسى بولغاچقا بىز تەڭ ماشىنىدىن چۈشۈپ ئالمىنىڭ دۇكىنىغا قاراپ ماڭدۇق، ئالمىنىڭ دۇكىنى بەك چوڭ بولۇپ ھەممە ئادەملەر بەك ئالدىراش كۆرۈنەتتى، ھەم ئىچى-تېشىدىن بەك چىرايلىق لاھىيەلەنگەچكە ئادەمگە بىر خىل ئەركىن تۇيغۇسى بېرەتتى. بىز دۇكانغا كىرىپ تۇرىشىمىزغا بىر مۇلازىمەچى قېشىمىزغا كىرىپ بىزگە نېمە كېرەكلىكىنى ئېيتتى. مەن مۇھەممەتئىمىدىن دادامنىڭ دېگىنى بويىچە ئالما كومپىيوتېردىن ئىككىنى، ئايفوندىن ئىككىنى، ئايپەددىن ئىككىنى ئالىدىغانلىقىمىزنى مۇلازىمەتچىگە ئېيتتىم. شۇ ئىشلار بىلەن ئالما دۇكىنىدا ئالاھىزەل ئىككى سائەت ھايال بولدۇق، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتى ئىزچىل بەك ياخشى بولدى، ۋە ئىنتايىن ئەدەپ بىلەن سېستىما قاچىلاپ بەردى، ئالمىنىڭ دۇكىنىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەتتىن ھوزۇرلانغىنىمىزچە ئىككى سائەتتىن كېيىن تېشىغا چىقتۇق، ۋە ماشىنا بىلەن ۋاقىت مەيدانىغا يېتىپ كەلدۇق. مەن يول بويىدىكى مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىپ قانداق ۋاقىت مەيدانىغا كەلگەنلىكىمىزنى ئۇقالماي قالدىم، ئەتراپ ئېگىز ئېكرانلىق بىنالار بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ ئادەملەر بىلەن تولغان ۋاراڭ-چۇڭ ھاياجانلاندىم، كۆز يەتكۈسىز بىنالار ئارىسىدا ئەتراپتىكى مەنزىرىدىن، كىشىلەرنىڭ ھاياجىنىدىن تەڭ ھوزۇرلاندىم، بىر تەرەپتە بىر مۇنچە كىشىلەر تەڭ ناخشا ئېيتىۋاتاتتى، بىر تەرەپتە خەقلەرنى ئاغزىغا قارىتىپ قويۇپ غەلىتىپ ئادەملەر گەپ قىلىپ يۈرەتتى، بىر تەرەپتە بىر قارا تەنلىك مۇسكۇلىنى مايلاپ تۇراتتى، ئىشقىلىپ بۇ چوڭ مەيداندا دۇنيانىڭ تەرەقىياتىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى، ئەتراپ ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان بولۇپ يەر ئازراق مەينەت بولسىمۇ بۇ كېچىدىكى يورۇق شەھەردە ئادەم ئۆزىنى يوقىتىپ قوياتتى، شۇنداق قىلىپ بىز بۇ ۋاقىت مەيدانىنى ئىككى سائەت ئەتراپىدا ئايلىنىۋەتكەندىن كېيىن ياتاققا قايتىپ كەلدۇق، ئەتىسى ئەتىگەندە پۇتنەمغا قاراپ ماڭىدىغان بولغاچقا دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى قاتتىق ئۇيقۇغا چۈشۈپ كەتتى، لېكىن مەن ئۇخلىيالمىدىم، بەلكىم سەپەردىن ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولسام كېرەك، ماقالەمنى يازغاچ يەنە ئۆزۈم توغۇرلۇق ئويلىنىشقا باشلىدىم. مەن ئىلگىرلەۋاتامدىم؟ شۇنچىۋالا تىرىشچانلىق بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەنگە چۇشلۇق ھوسۇل ئالالىدىممۇ؟

     

    نېيوركقا 10-ئاينىڭ 20-كۈنى شەنبە كۈنى ئەتىگەن كەلدۇق، ۋە ئەتىسى يەكشەنبە پاتنەمگە قايتتىپ كەلدۇق.

     

     مەن يېڭى يېزىۋاتقان ئامېركىلىق مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ناملىق ماقالەمنىڭ 2-قىسمى كېلەر شەنبە ئېلان قىلىنىدۇ، ھوزۇرلانغايسىلەر...

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : نېۋيورك , ئامېرىكا
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-11-19 8:24:01
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1653
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证