تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hotanboy
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 14197
    26645828@qq.com

    يازما سانى : 7
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئۆلۈككە خەت - داۋامى

     



     

    ئۆلۈككە خەت

    ( مەمتىمىن ھوشۇر )

     

     

    بىزنىڭ بىر قوشنىمىز بولىدىغان، ئۇ سالام-سەھىتى جايىدا، رەتلىك كىيىنىپ يۈرۈيدىغان، ناھايتى قائىدىلىك ئادەم ئىدى. پىنسىيىگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇ دوختۇرخانىدا بوغالتىرلىق خىزمىتى ئىشلەيتتى. ئۆمرى بىر تەرىپى ئىگىز، بىر تەرىپى پەس، ھەربىر زىخچىسىدا ئون تالدىن ئۇرۇقچىسى بار كونا روس چوتنى سوقۇپ ئۆتۈپ كەتكەن ئادەم ئىدى. يېقىندىن بېرى ئۇنىڭ غەلىتە بىر قىلىقىنى بايقاپ قالدۇق.

    باشتا بۇ ئىشقا بىزمۇ دىققەت قىلماپتۇق. مەھەللىدىكى پىنسىيىگە چىققان بىر نەچچىمىز ھەر كۈنى دىگۈدەك كىچىك بەندىڭلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كۆۋرۈك بېشىغا يىغىلىپ قارتا ئوينايتۇق. كۆۋرۈك پارچە-پۇرات نەرسە-كېرەكلەرنى ساتىدىغان بىر نەچچە دۇكانمۇ بار ئىدى. بىز قارتا ئوينىغاچ ئۆتكەن – كەچكەنلەر بىلەن سالاملىشىپ، كۆرگەن-بىلگەن يېڭىلىقلىرىمىزنى بىر-بىرىمىزگە يەتكۈزۈشەتتۇق. ياز كۈنلىرى كۆۋرۈك ئاستىدىن گۈرۈلدەپ ئۆتۈپ تۇرغان سۈزۈك سۇ سالقىن شامال پەيدا قىلىپ، كىشىنى ھوزۇرلاندۇراتتى. سۇ بويىدىكى يوغان بىر تۈپ قارىياغاچ كۆۋرۈك بېشىغا سايە تاشلاپ تۇراتتى. بىز ئۇچۇن بۇ يەر ھەر قانداق پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ باغچىسىدىن راھەتلىكرەك ئىدى. . .

    ھېلىقى قوشنا بىزنىڭ كۆۋرۈك بېشىدىكى ئويۇنلىرىمىزغا ئارلاشمايىتتى. بەزىدە ئۇ ئۆيىدىن چىقىپ، قوللىرىنى ئىشقىلاپ «ئۇنىڭغا خەت يېزىۋەتتىم »دەپ قويۇپ يىنىمىزدىن كۈلۈپ ئۆتۈپ كېتەتتى. مۇنداق چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدە موھىم بىر ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنداپ بولغان ئادەملەردە بولىدىغان خۇرسەنلىك ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.

    بىر كۈنى بىز پىنسىيىچىلەر كۆۋرۈك بىشىدا قارتا ئويناپ ئولتۇرۇپ، ئەزىمجاننىڭ پارىڭىغا چۈشۈپ قالدۇق.

    -ھوي، بۇ ئادەم دائىم ئۆيىدىن چىقىپلا «ئۇنىڭغا خەت يېزىۋەتتىم» دەيدۇ، زادى كنمگە خەت يازىدۇ ؟-دەپ قالدى بىرەيلەن. بىزمۇ:

    -راسىت، ئۇ كىمگە خەت يازىدۇ؟ ئۆيلۈك –ئوچاقلىق بولۇپ كەتكەن بالىلىرى مۇشۇ شەھەردە تۇرىدۇ. باشقا ئۇرۇق –تۇققانلىرىنىڭمۇ تايىنى يوق بولىدىغان. . . . قىزىق ئىش –ھە!- دېيىشتۇق.

    شۇنداق دېيىشىپ تۇراتتۇق، ئەزىمجان يەنە ئۆيىدىن كەلدى ۋە بىزگە يېقىنلاشقاندا:

    -ئۇنىڭغا يەنە بىرپارچە خەت يېزىۋەتتىم، -دەپ كۈلۈمسىردى.

    -كىمگە ؟!- دېيىشتۇق بىر نەچچىمىز تەڭلا.

    -خوتۇنۇمغا. . . . . مېنىڭ خەت يېزىشىدىغان باشقا كىمىم بار، دەيسىلەر، -دېدى ئۇ خاتىرجەم ھالدا.

    بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى. مەنمۇ چۈشۈۋاتقان قارتامدىن ئېزىپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئايالى ئۆلۈپ، يىل نەزىرسىنىڭ پولۇسىنى يەپ بولغىنىمىزغىمۇ خېلى ئايلار بولۇپ قالغانىدى. مانا مۇشۇ ئولتۇرغانلار جامائەت بىلەن بىللە رەھمەتلىكنىڭ نامزىنى چۈشۈرۈپ، تاۋۇتىغا ئەگىشىپ چىقىپ يەرلىكىدە قويغانىدۇق. بۇ چاغقىچە ئۇنىڭ قەبرىسىنى قېلىن شىۋاق ئوتلار بېسىپ كەتكىنى ئېنىق ئىدى.

    ئەزىمجان يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ گېپىمىزمۇ قولاشماي قالدى. ئاغزىمىزدا دېمىسەكمۇ، كۆڭلىمىزدە قوشنىمىزنى «بىچارە، ئالجىپتۇ –دە!»دەۋاتقىنىمىز كۆزىمىزدىن چىقىپ تۇراتتى. قېرىغانداشۇنداق كۈنلەرگە قېلىشتىن خۇدا ئۆزى ساقلىسۇن !. . . ئويۇنىمىزمۇ ئويۇن بولماي قالدى، قارتىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆيگە قايتىشقا ئالدىرىدۇق.

     

    ※     ※            ※          ※

     

    بۇ گەپ شۇ كۈنىلا ئۆيدىكى خوتۇنلارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. خوتۇن خەق دېگەن تۇرمۇشنى يەنە باشقىچە مۇلاھىزە قىلىدىغان جامائەت-دە.

    ۋاي بىچارە، يالغۇزلۇقتا غېرىبسىنىپ، تازا زىرىكىپتۇ-دە ! دېدى ئايالىم.

    --- زېرىكىپتۇ ؟!. . . بىز ئاينىپ قالغان ئوخشايدۇ، دېيىشتۇققۇ.

    --- ئوھۇش. . . تۈپتۈزۈكلا ئادەم ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق نېمىدەپ ئاينىپ قالاتتى، زىرىككەن گەپ !

    --- نېمىدىن زىرىكىدۇ ؟

    -- نېمىدىن زىرىكەتتى، ئۇ ئادەم سىلەرگە ئوخشاش دوقمۇشقا چىقىپ قۇرۇق گەپ سېتىپ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشنى بىلمىسە، ئوڭچە قۇرودا، تۆت تامنىڭ ئىچىدە يالغۇز يېتىپ قۇپۇپ زېرىكمەمدۇ ؟. . . قۇلۇم قوشنا بولغاندىن كېيىن مۇڭدىشىپ ياتقۇدەك بىرەر لايىقنى تېپىپ، ئۆيلەپ قويساڭلار بولمامدۇ. . .

    ئەتىسى كۆۋرۇك بېشىغا يىغىلغاندا ئاغىنىلەرگە ئايالىمنىڭ ئەقلىنى يەتكۈزدۈم. قىزىق يىرى، خۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك ھەممەيلەننىڭ ئۆيدىكىللىرى شۇ گەپنى قىپلىپتۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا، بىز ئەر خەقلەر بەزى ئىشلارغا قارىغاندا ھەقىقەتەنمۇ كالتە پەم ئوخشايمىز. . . شۇنىڭ بىلەن قارتا ئويناشنىمۇ ئۇنتۇپ، قىزىق مەسلىھەتكە چۈشۈپ كەتتۇق. شۇ ئەتراپتىكى ئۆزىمىز بىلىدىغان تۇل خۇتۇنلارنىڭ ئىسمىنى بىر –بىرلەپ ئاتاپ چىقتۇق.

    -- بىزنىڭ ئۆينىڭ يېنىدىكى مۇئەللىم بالا قانداق ؟ --دىدى بىرەيلەن، -- بالىسىمۇ يوق. چالا –پۇچۇق بىر ئەرگە تېگىپ چىقىپ كەتكىنىنى دېمىسە قىز دېسىمۇبولىدۇ.

    -- بولمايدۇ، ئۇ بەك ياش ! - دەپ قەتئىي رەت قىلدۇق باشقىلار.

    -- ئاۋۇ تۇرداخۇن ناۋاينىڭ  قوروسىدىكى سەتەڭچۇ ؟--دېدى يەنە بىرەيلەن، -- كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدۇ –دە، كاساپەتنىڭ . . .

    -- قويۇڭلار،-- دېدى يەنە بىرەيلەن، -ئۇ كوچىدىن كىرمەيدىغان ئابدال خوتۇن. تونۇشتۇرىدىغان بولغاندىن كېيىن ئوبدانراق بىرىنى تاپايلى.

    -- ماۋۇ داۋالاش پونكىتىدىكى ھېلىقى ئوكۇل ئۇرىدىغان چوكانچۇ؟. . . . ئېرى ئۆلۈپ كەتكىنىگىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قالدى.

    -- ئۇغۇ بولىدىغان پاكىز ئايال. بىراق، بالىلىرى جىق-دە، قوشنىمىزغا باش ئاغىرىقى تېپىپ بېرەرمىزمىكىن.

    -- ھە، راسىت، مانا مۇنۇ دوقمۇشتىكى ماشىنىچى خېنىمنىڭ گېپىنى قىلمايسىلەرغۇ ؟. . . پاھ سېمىزلىكى، ئۇنىڭ يېنىدا جاڭ - جاڭ سوغۇقتا يوتقان يېپىنماي ياتساڭمۇ تەرلەپ چىقىسەن. . . . .

    -- يېشىمۇ قىرىقتىن ئېشىپ قالغان، تازا باب خوتۇن. بىراق، ھالى چوڭ. . .

    ئۇ بىر نېمە دېدى، بۇ بىر نىمە دېدى. ئاخىردا بىرەيلەن :

    -- ئاغىنىلەر، ئاۋۋال ئەزىمجاننىڭ ئۆزى بىلەن بىر پاراڭلىشىپ، ئۆيلىنىش خىيالىنىڭ  بار –يوقلۇقىنى بىلىپ باقايلى جۇمۇ. بولمىسا، سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپ قاپتۇ دېگەندەك ئىش بولمىسۇن ! –دېدى.

    بۇ گەپنى ھەممىمىز توغرا تاپتۇق . مۇنداق ئىشلارنى گۈلگە كەلتۈرۋېتىدىغان گېپى يۇمشاق، شېرىپجان دەيدىغان بىر دوختور بار ئىدى. ئۇمۇ ئىلگىرى ھېلىقى قوشنىمىز بىلەن بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەيتتى. پېنسىيىگە چىققاندىن كىيىن ، كۆۋرۈك يېنىغا بىر دۇكان ئېچىپ، سەكسەنخالتا قىلىپ، كەسپىنى تېۋىپقا ئۆزگەرتىۋالدى. بۇ ئەتراپتىغۇ ئۇنىڭغا كېسەل كۆرسىتىدىغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق ئىدى. ئۇنىڭ خېرىدارلىرى كۆپرەك يىراق سەھرا، قىرلاردىن كېلەتتى. دورىلىرىنىڭ ھەيۋىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن  ئۇ دۇكىنىنىڭ تاملىرىغا قۇرۇتۇلغان پاقا، كەسلەنچۈك، ئېيىق تاپىنى، يىلان قاسراقلىرى دېگەندەك نېمىلەرنى ئېسىۋىتەتتى. خېرىدار يوق چاغلارغا  ئۇ بىزنىڭ قېشىمىزغا چىقىپ، ئويۇنىمىزغا ئارلىشىپ قالاتتى. دوختۇرنىڭ ئۆيىمۇ ئەزىمجان بىلەن تام قوشنا ئىدى.

    ئۇ :

    - بولدى، بۈگۈن كەچتىلا مەن ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پاراڭلىشىپ باقاي، - دېدى.

    ئەتىسى ھەممىمىز كۆۋرۈك بېشىغا يىغىلغاندا دوختۇردىن :

    - قانداق بولدى ؟ - دەپ سورىدۇق.

    - راسىتتىنلا ساراڭ بوپتۇ ! -دېدى ئۇ.

    ئۇقساق، دوختۇر كەچكە يېقىن ئەزىمجاننىڭ قېشىغا كىرىپتۇ. گەپنىڭ ئۇچىنى چىقىرا-چىقارمايلا ئەزىمجان ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ :

    - سەن مېنى نىمە كۆرىۋاتىسەن ؟. . . . خوتۇننىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالىدىغان بۇ ئىش ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىغىمۇ سىغامدۇ ؟ ھەر قايسىڭ قوشنا تۇرۇپ، مېنى مۇشۇنداق يامان ئىشقا سالا قىلىشساڭ بولامدۇ ؟. . . شۇڭىلاشقىمۇ  سەن خەققە  ئارلاشمايىتتىم، چىقە ئۆيۈمدىن !- دەپ دوختۇرنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ.

    - توۋا ! -دېيىشىپ ياقىمىزنى تۇتۇشتۇق، -«خوتۇنى  ئۆلگەنگە ئىككى يىل بولاي دېگەن ئادەم، ئەمدى ئۆيلەنسە قانداقمۇ خوتۇننىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالغان بولىدۇ !؟ ». . .

    - ھوي، ئاغىنىلەر ، ھەيران بولماڭلار، -دېدى دوختۇر، - بۇمۇ بىر خىل روھىي كېسەل. مەن شۇنداق قارىسام، بىزغۇ ئەزىمجان بىچارىنىڭ خوتۇنىنى جامائەت بىلەن نامىزىنى چۈشۈرۈپ كۆمۈپ قويۇپ كەلدۇق، دەيمىز . ئەمما، ئۇ خۇتۇننىڭ روھى ھازىرغىچە ئەزىمجان بىلەن بىللە ياشاۋاتقاندەك قىلىدۇ . . . ئۈلۈشكۈن ئۇ قوشنامنىڭ ئۆيىگە كىرسەم، تامغا رەھمەتلىك مەريەمنىڭ يوغان بىر سۈرىتىنى ئېسىپ قۇيۇپتۇ، ئۆزى گىلەم ئۈستىدە ياستۇقنى قىرلاپ قۇيۇپ ئايالىغا قاراپ ياتىدۇ، مۇنداق ئادەم ئۈلۈپ كەتكەن كىشىنىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزى بىلەن بىللە تۇرغاندەك ھىس قىلىۋېرىدۇ، خۇتۇنى بىلەن ھەر كۈنى غايىبانە سۆزلىشىپ، ئۇنىڭغا خەت يېزىپ ئۆزىگە تەسەللىي تاپىدۇ، ئۇ سىز بىلەن بىز ئويلىغاندەك ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەس، ئۇنى ئارامىدا ياشىغىلى قۇيايلى.

    شۇنىڭدىن باشلاپ ھېلىقى قوشنىمىز بىلەن كارىمىز بولمايدىغان بولدى، بەزىدە قارتا ئويناۋاتقان ۋاقتىمىزدا «ئۇنىڭغا خەت يېزىۋېتىپ كەلدىم» دەپ قالسا، «ھە، ئۇبدان بۇپتۇ ! » دەپلا قۇيىدىغان بولدۇق.

    ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتمەي ئۇ قوشنىمىزمۇ ئالەمدىن ئۆتتى، يەرلىكىنى ئايالىنىڭ قەبرىسى يېنىدىن كولاپ دەپنە قىلدۇق.

     

     

    ※  ※  ※  ※  ※  ※  ※  ※

     

    دۇنيادا ئۆلمەيدىغان كىم بار؟ ئۆلۈممۇ بۇ ئالەمنىڭ بىر قىزىقى ئوخشايدۇ. ھېلىقى قوشنىمىز شۇ ئۆلۈپ كەتكەنچە ئۆلۈپ كەتكەن بولدى، لېكىن، بىزنىڭ قارتا سورۇنىمىزدا ئۇزاققىچە ئۇنىڭ غەلىتە قېلىقلىرى توغرىسىدا پاراڭ بولۇپ تۇردى.

    بىرى:

    -- ھېلىقى رەھمەتلىك ئەزىمجاننى خۇتۇنىنىڭ يېنىغا كۆمگىنىمىز ياخشى بولدى. باشقا يەرگە كۆمگەن بولساق گۆرىدىمۇ خاتىرجەم ياتالمايتتى،- دېسە، يەنە بىرەيلەن:

    -- بۇ چاغقىچە ئۇ ئاغىمىز ئىچ گۆرىنى تاتىلاپ تىشىپ خۇتۇنىنىڭ قېشىغا چىقىۋالدىغۇ دەيمەن،-- دەيىتتى . يەنە بەزىلەر:

    -- توۋا! ئەزىمجان شۇچاغدا خۇتۇنىغا راستتىنلا خەت يېزىپ يۈرگەن بولغىيدىمۇ ؟

    -- خەت يازغان بولسا، ئادرىسىنى نېمە دەپ يازغان بولغىيدى؟

    -- «ئۆلۈپ كەتكەن خۇتۇنۇم مەريەمخانغا تەگسۇن» دەپلا سالغان بولسا، پوچتىكەشلەرمۇ بۇ خەتنى نەگە ئاپىرىشىنى بىلەلمەي تازا بېشى قاتقاندۇر؟

    -- ئايرۇپىلان زاكاز قىلغاندىمۇ ياكى ... –دېيىشىپ، چاقچاق ئارىلاش مۇلاھىزە قىلىشاتتى. ھېيىت –ئايەملەردە تۇپراق بېشىغا چىقىپ قالسا، ئەزەمجاننىڭ بېشىغا بېرىپ، قۇرئان ئوقۇپ قۇيۇشنىمۇ ئۇنتۇمايتتۇق.

     

    بىر كۈنى كۆۋرۈك بېشىغا ئاغىنىلەردىن بۇرۇنراق بېرىپ قاپتىكەنمەن، دۇختۇر دوكىنىدىن بېشىنى چىقىىپ مىنى چاقىردى. يېقنلاپ بېرىۋىدىم، ماڭا قاراپ كۈلۈپ:

    قوشنىنىڭ خەتلىرىنى ئوقۇپ باققىڭىز بارمۇ دىدى ؟ -- دىدى .

    -- نېمە خەت، قايسى قوشنىنىڭ ؟ -- دىدىم مەن .

    -- ھېلىقى رەھمەتلىك ئەزىمجاننىڭ خەتلىرىنىچۇ؟

    -- نېمە دەۋاتىسىز؟ ئۇ راستتىنلا خەت يېزىپ تۇرغانمىكەن، سىزنىڭ قولىڭىزغا قانداق چۈشۈپ قالدى؟

    ئەسلىدە، ئەزىمجان جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغاندا دۇختۇر ئاغىنىمىز ئۇنىڭ بېشىدا ئىكەن. رەھمەتلىك تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن بىر بولاقنى ئېلىپ، دۇختۇرغا سۇنۇپ :

    -- ئۆلۈپ كىتىپ قالسام، مۇشۇ نەرسىلەرنى ئۇنتۇماي مەن بىلەن بىللە يەرلىكىمگە كۆمۈۋېتىڭلار، ماڭا قىلغان قوشنىدارچىلىقىڭلار شۇ بولسۇن،-- دەپتۇ.

    بۇنىڭ ھېلىقى مەريەمخانغا يېزىلغان خەتلەر ئىكەنلىكىنى دوختۇر چۈشىنىپتۇ. بىز « ئەزىمجان ئايالىغا راستتىنلا خەت يېزىپ تۇرغان بولسا ئۇنى پوچتىغا سالغانمىدۇر، زادى نېمە قىلغاندۇر ؟ » دەپ ئەقلىمىزنى يەتكۈزەلمەي كېتىپتىمىز، بايا ئۇ يازغان خەتلىرىنى ئۇدۇنياغا بارغاندا خۇتۇنىغا ئوقۇپ بىرىش ئۈچۈن يىغقان ئىكەن. دۇختۇر بۇ خەتلەر توغرىسىدا ئەزىمجاننىڭ بالىلىرىغىمۇ ئۈن چىقماپتۇ. ئەزىمجان دىگەندەك ئۇنىڭ بىلەن بىللىمۇ كۆمۈۋەتمەپتۇ.

    توپىغا كۆمۈۋەتكەن بىلەن چىرىپ تۈگەيدۇ شۇ ! –دىدى دۇختۇر،-- مانا بۇ خەتلەرنى قوشنىمىزدىن خاتىرە بولۇپ قالسۇن، دەپ ساقلاپ قويدۇم، سىزگە بىرەي، ئوقۇپ بېقىڭ. خېلى قىزىق گەپلەر بار. ئەمما، بىر شەرت، ئۆزىڭىز بىلىسىز، بىراۋنىڭ سىرىنى باشقىلارغا يېيىپ يۈرۈش ياخشى ئىش ئەمەس. ئوقۇڭ-دە، مەزمۇنىنى ھېچكىمگە تىنماڭ!

    دۇختۇر پاكىزە يىپەك رەخىتكە ئورالغان بىر بولاقنى ئېلىپ ماڭا سۇندى، بىزنىڭ ھەممىمىزدە مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلىشكە ئوتتەك قىزىقىدىغان بىر مىجەز بولىدۇ. ئالدىراپ ئۆيگە قايتىپ، ئىشىكنى مەھكەم ئەتتىم، -- دە خەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىدىم.

     

    ※            ※             ※

    «مەريەم !

    يېقىندىن بىرى پات-پات چۈش كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم. چۈشەكىسەملا، چۈشۈمدە سېنى كۆرىمەن. سېنى كۆرمەي كىمنى كۆرەتتىم، دەيسەن؟ ئويلاپ باقسام دۇنيادا سېنىڭدىن باشقا يېقىنراق ئادىمىممۇ بولمىغان ئىكەن ...

    بالىلارنى باقتۇق ، چوڭ قىلىپ ئۆيلۈك-ئۇچاقلىق قىلدۇق، ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ، بىزگە ئېشىنىدىغانغا چولىسى تەگمەيدىغان بولۇپ قالدى، ئاخىرىدا يەنە ئىككىمىز يالغۇز قېلىۋىدۇق، سەنمۇ مېنى تاشلاپ كىتىپ قالدىڭ. سەندىن ھەرگىز رەنجىمەيمەن، بۇنىڭ ھەممىسى ياراتقان ئىگىسىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولۇۋاتقان ئىشلار. دۇنيادا نېمە ئارمىنىم قالدى دېسەڭ، ئۇ دۇنياغا سېنىڭ بىلەن بىللە كەتمىگەنلا ئارمىنىم قالدى. سەن كېتىپ تولىمۇ غېرىبسىندىم.

    ... يېقىندىن بىرى كۆڭلۇم يەنە كۆتۈرۈلۈپ قالدى، چۈشۈمدە بولسىمۇ سېنى كۆرۈپ تۇرىدىغان بولدۇم. ئويغانساممۇ ئۆينىڭ بىر يېرىدە يەنە سەن ماڭا قاراپ تۇرغاندەك، بازارغا مېڭىۋاتقىنىمدا، يەنە ئادىتىڭ بويىچە : «قاراڭ، بىر نېمىلەرنى ئۇنتۇپ قېلىپ يۇرمەڭ، قىلىدىغان سودىلىقىڭىزنى بىر قەغەزگە يېزىۋېلىڭ، پۇلنى مەھكەمرەك يەرگە سېلىڭ، يولنىڭ چېتى بىلەن مېڭىڭ!»دەپ جېكىلەۋەتقاندەك تويۇلىسەن- ۋاي-ۋۇي ! مەن بىر يەرگە بارماقچى بولسام، سەن خۇددى مېھرىبان ئانا كىچىك بالىسىنى يولغا سالغاندەك، شۇنداق قىلىدىغان ئىشلارنى جېكىپ ئۇزىتىپ قالاتتىڭ. ئۆمرۇڭ مېنى كۈتۈپ، مەن ئۈچۈن پايپاسلاپ ئۆتتى، مېنىڭ سالامەتلىكىمدىن ئەنسىرەپ يۈرۈپ تۇيۇقسىز يىقىلدىڭ-دە مەندىن بۇرۇن ئالەمدىن كەتتىڭ. قارىغاندا، ئەمدى مېنى يالغۇز قالدى دەپ قەبرەڭدىمۇ خاتىرجەم ياتالمايۋاتقان ئوخشايسەن. روھىڭنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندىم. ئاخشام ئىشىكلەرنىڭ يىنىك غىچىلداپ قىيا ئېچىلغانلىقىنى، سېنىڭ شىپىرلاپ يېنىمدىن ئۆتكەن ئاياغ تىۋىشىڭنى ئىنىق ئاڭلىدىم. ئويغانساممۇ، ئۇخلىساممۇ سېنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ھېس قىلىدىغان بولدۇم... »

      

     

    داۋامى

    ※            ※             ※

    «مەريەم !

    قالايمىقان چۈش كۈرۈپ ياخشىراق ئۇخلىيالمىدىم، دەپ دادلايدىغان ئادەملەرگە ھەيرانمەن.چۈش كۆرمىسە ئۇيقۇنىڭ نېمە لەززىتى؟!....كېچە مەن ئاجايىپ چۈش كۆردۈم . چۈشۈمدە سەن ياشىرىپ ، بەكمۇ چىرايلىق بولۇپ ، نېپىز كۆڭلەك بىلەن ئالدىمدا تۇرغۇدەكسەن . ھە ،جەننەتتىكى ھۆرلەر شۇنداق كىيىنىدىكەن _ دە ! دەپ ئويلىغۇدەكمەن . شۇ چاغدا ، كېپىنەكتەك پەرۋاز قىلىپ ، شۇنداق چىرايلىق ئۇسۇلغا چۈشۈپسەنكى ، ئاغزىمنى ئېچىپ ھەيران قاپتىمەن ....

         ياش ۋاقتىڭدا ئانچە_ مۇنچە ئۇسسۇل ئوينايدىغىنىڭ ئېسىمدە ، بۇ ناھايتى ئۇزاق يىللارنىڭ ئالدىدىكى بىر گەپ ئىدى . ئۇ كەملەردە ھەربىر مەھەللىدە دېگۈدەك سەنئەت كۇرژۇكلىرى بولىدىغان ، سېنىڭ ئارتىس بولۇپ، باشقىلارغا ئوخشاش سەھنىلەرگە بىر چىقىپ باققۇڭ بار ئىدى . ياشلىقتا ئادەمنىڭ شۇنداق غەلىتە_غەلىتە ئارزۇلىرى بولىدىغان بولسا كېرەك . مېنىڭمۇ ئاتلىق ئەسكەر بولۇپ ، قاپقارا بۇرۇت قويۇپ ، ياخشى ئارغىماقتىن بىرنى مىنىپ ، مەھەللىنىڭ كوچىلىرىدىن بىر ئۆتۈپ باققۇم كېلىدىغان ......كېيىن بىز توي قىلدۇق ، بالىلىق بولدۇق ، تۇرمۇشنىڭ ئاۋارىچىلىكىگە بېشىمىزچە پاتتۇق ؛ ھېلىقى خىياللىرىمىز نەلەردە قالدى ، ئۇنتۇپلا كەتتۇق .

            ئادەم ئۆلۈپ قايتا تىرىلىدۇ ، دېگەن سۆزگە ئىشىنىمەن . بۇئالەمدىن بالدۇرىراق خوشلىشىپ قېشىڭغا قايتىپ بېرىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىمەن . ماڭا ئۇ دۇنيانىڭ جەننەتتىكى ھۆر- پەرىلەردىن كۆرە چاچلىرىنى ئاق ئارلىغان ، تۇرمۇش مۇشەققىتىدىن چىرايلىرىنى قورۇق باسقان بولسىمۇ ، يەنە كۆزلىرىدىن ساداقەتلىك ، مېھرىبانلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئۆزۈڭ بولمىساڭ بولمايدۇ . »

     

    ※            ※             ※

     

          «...كېچە سەن مەندىن بالىلارنى سوراپ قالدىڭ . تۈن شۇنچە قىسقا ، كۆملۈمدىكى گەپلەرنى ئېيتىپ ئۈلگۈرمەيلا غايىپ بولىسەن . قالغان گەپلەرنى ساڭا خېتىمدە يازاي .

         بالىلار پات _ پات كېلىپ يوقلاپ تۇرىدۇ . قىزلار كىر _ قاتلىرىمنى يۇيىدۇ . دادا ، سىزگە يالغۇزلىقتا ئېغىر بولدى ، بىزنىڭ ئۆيگە كۆچۈپ بېرىڭ، بىللە تۇرايلى ، دېيىشىدۇ . ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەھمەت . ھازىرچە تېنىم ساق . ئىش _ كۈشلىرىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا چامىم يېتىدۇ  ، ئاناڭلارنىڭ تۇتقان ئكيىنىڭ چىرىغىنى مەن بولساممۇ ئۆچۈرمەي تۇراي ، دەيمەن . بىر كۈنى ئوغلىمىز : بولمىسا مەن سېنىڭ يېنىڭغا كۆچۈپ كېلەي ، دېدى . ئۇنىڭغىمۇ : بولدى قىل ، بۇ كىچىكىنە قورۇنىڭ نەرىگە پاتىمىز ، رەھمەت ! دېدىم . بالىلار ئۆزىمىزنىڭ بولغان بىلەن كۈيئوغۇللار ، كېلىنلەر يات ، ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق مىجەز _خۇيى بار _دە !...مېنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىمنى ، سېنىڭ ھەر كۈنى كەچتە كېلىدىغانلىقىڭنى  ئۇلارغا  قانداقمۇ ئېيىتقىلى بولسۇن !... شۇ يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرىمەن ؛سەن چۈشۈمگە كىرىپ تۇرىدىغان ، ئۆزۇم يېگانە يېتىپ تاتلىق خىياللارنى سۈرىدىغان شۇ ھالەتنىڭ بۇزۇلىشىنى خالىمايمەن .  

     

     

     

    داۋامى بار ...



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۆلۈككە خەت , خەت , مەمتىمىن ھوشۇر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-11-17 15:31:45
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 5329
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证