تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› چەتئەل تەسىراتلىرى ›› ئامېركىلىق مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى(1-قىسىم)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Kurshat
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11167
    kurshat@qarluq.com

    يازما سانى : 10
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئامېركىلىق مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى(1-قىسىم)

     


     

     

      ئامېركا چۈشى مودا بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە مېنىڭ ئامېركىغا چىققانلىقىم تەلەيلىك بولغىنىمدىن بولاتتى، ئامېركا پۇل، كەلگۈسى، بەخىت، ئىلىم-پەننىڭ چوققىسى بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە مېنىڭ ئامېركىغا چىققانلىقىم بەزىلەرنىڭ ھەسىتىنى قوزغىسا بەزىلەرنىڭ خوشاللىقىنى قوزغايتتى.

        ئەمما مەن  ئويلىدىم، ئۈرۈمچىدىكى ۋاقىتىمدا نېمىشقا ئامېرىكىنى ھەممە نەرسىلەرنىڭ چوققىسىغا ئايلاندۇرۋالغاندىمەن؟ نېمىشقا ئامېرىكىنى ئۆزۈمنىڭ كاللىسى بويىچە تەسەۋۇر قىلىپ، شۇنىڭغا ئىشىنىپ، شۇنى خەققە تەشۋىق قىلىپ يۈرگەندىمەن؟

        مەنچە ئۈرۈمچىدە ئامېرىكىدىن ئىزدىگىنىم ياخشى بىر مائارىپ سېستىمىسى بىلەن باراۋەر بىر تۇرمۇش ھالىتى بولسا كېرەك. مائارىپ تولۇق مۇكەممەل بولغان كىتاپ، مۇئەللىم شۇ كىتاپنى باشقىلارغا ئەڭ ياخشى ھالىتىدە يەتكۈزۈپ بەرگۈچى، ئوقۇغۇچى شۇ بىلىملەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئۆگەنگۈچى. مەن جوڭگونىڭ مائارىپىنى تىللىمايمەن، چۈنكى ئەمدى ئويلىسام مەن ئۆگەنمىگەن شۇ تولۇقسىزدىكى دەرسلەر، شۇ باشلانغۇچتىكى دەرسلەر ئەمەلىيەتتە ئادەم بولۇشنىڭ ئەڭ ئاساسىي تۈۋرۈكلىرى ئىكەن ئىدۇق، ئازراق پۇشايمان قىلىپ قالدىم، چۈنكى ئەزەلدىن ئۆزۈمنى باشقىلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن دەپ ئويلايدىغان مەن، بۇ يەرگە كېلىپ باشقىلار بىلەن تەڭ ئوقۇپ قالدىم، ئۈرۈمچىدە توفېلدىن 100 ئېلىۋېتىپ كەلمىگەنلىكىمگە پۇشايمان قىلىپ قالدىم، ئېنگىلىسچىنىڭ تىلشۇناسى بولۇۋەتمىگىنىمگە ئاغرىنىپ كەتتىم. مائارىپىمدىن، ئامېرىكىنىڭ مائارىپىدىن، جوڭگونىڭ مائارىپىدىن ئاغرىنغان ۋاقىتىلرىم كۆپ بولدى، ھەقىقەتنى كۆرۈپ بەزىدە قوبۇل قىلغىم كەلمەي قالدى. شۇڭا مەن بۇ يەردە جوڭگونىڭ مائارىپى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مائارىپىنى لىللا سېلىشتۇرۇپ كۆرمەكچى:
     
     جوڭگونىڭ مائارىپىغا بىر تەنقىدىي پوزىتسىيە:
     مەنچە ئوقۇتقۇچىلىق بىر كەسىپنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان ۋاقتىدا قىلىدىغان كەسىپ، مەنچە بىر بىلىم ئوقۇتقۇچىلار ئارقىلىق مەيدانغا چىقىپ تارقىتىلىشى كېرەك، ئوقۇتقۇچىلىق جان باقىدىغان كەسىپ بولۇپ قالماي، بەلكى جاننى كۆيدۈرۈپ شۇ كەسىپ ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى بولىدىغان ھالەتكە يېتەلىشى كېرەك، ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن جاننى كۆيدۈرەلىشى كېرەك، تىللاشلا ئەمەس ئۇنىڭدىن كېيىنكى توغرا يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك، ئوقۇغۇچىنى تىللىيالىغان ئوقۇتقۇچى يەنە مۇشۇ ئوقۇغۇچنىڭ كەلگۈسىنى ئالدىن كۆرەلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولماي قالسا ئوقۇتقۇچىنىڭ مەدىكاردىن، بۇلاڭچىدىن ياكى بولمىسا بىر قاتىلدىن ھېچقاندا پەرقى قالمايدۇ. ھەممە نەرسىنىڭ قىممىتى پۇل بىلەن ھېساپلىنىدىغان بۇ جەمىيەتتە پەقەت ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ، ئوقۇتقۇچىنىڭلا باھاسىمۇ پۇل بىلەن ھېساپلىغۇسىز بولالىشى كېرەك. ئۆزىنى مەكتەپنىڭ ئىشچىسى قىلىۋالماي بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي يېتەكچىسى، ئەۋلادلارنىڭ تەربيەچىسى، ئوقۇتقۇچىسى بولالىشى كېرەك، ئەلۋەتتە بىلىمەن مائارىپ ھوقۇم باسمىسا بولمايدىغان بىر جەريان لېكىن بەزىدە تېڭىرقايمەن نېمىشقا ئامېرىكا ئوخشاش بىر بىلىمنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بىلەن ئوقۇغۇچىلاغا سىڭدۈرەلەيدۇيۇ يۇرتتىكى مەكتەپ بىزگە بىر تۈرمىنى ئەسلىتىدۇ؟ ۋەياكى بىر ماشىنا ئادەم تەربىيلەش مەكتىپىنى ئەسلىتىدۇ؟ ئامېرىكىدا ئۆگىنىش قىلىش بىر مودا ئىشقا ئايلىنىپ جوڭگودا بولسا ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان زۇلۇم ئىشقا ئۆزگىرىپ قالىدۇ؟ دەرسلەرنى كۆزەتتىم، ئەمەلىيەتتە جوڭگونىڭ دەرسلىكى ئامېرىكىنىڭكىدىن مول ۋە مەزمۇنلۇق ئىكەن. لېكىن چاتاق يېرى جوڭگودىكى مۇئەللىملەرنىڭ كۆپچىلىكى پەقەت مۇئاش ئۈچۈنلا ئۆزىنىڭ نېمە سۆزلەۋاتقانلىقنى ئۇقماي ئالۋاڭغا دەرس ئۆتىدىكەن، لېكىن ئامېرىكىدىكى مۇئەللىملەر قانداقسىگە كىتاپتىكى مەزمۇندىن مەزمۇن چىقىرىپ دەرسنى بېيىتىپ دەرس ئۆتەلەيدۇ؟ جوڭگودا قىزىقارلىق ئىدى، ئەگەر مۇئەللىملەردىن دەرستىن تاشقى بىر سوئال سورىسىڭىز جاۋاپ بېرەلمەيدۇ.(ھەممە مۇئەللىملەرنى، ھەممە دەرسلەرنى تەنقىدلىمەكچى ئەمەسمەن) تارىخ، ئەدەبىيات، ياكى خەنزۇتىلى قاتارلىق دەرسلەردىن بىرەر تاشقى سوئال سوراپ قالسىڭىز سىز مۇئەللىمنىڭ ۋاقتىنى ئالغان بولۇپ ھېساپلىنىپ دەرسكە مۇناسىۋەتلىك سوئال سورىشىڭىز تەكىتلىنەتتى. لېكىن ئامېرىكىدا بولسا خالىغان بىر سوئال سوراپ قويسىڭىز مۇئەللىم تاكى شۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپقۇچە كۈنلەپ-كۈنلەپ دەرس ۋاقتىدا شۇ توغۇرلۇق پىكىر يۈرگۈزەتتى. جوڭگونىڭ مائارىپىنى تىللايمىز، ھەممىمىز تىللايمىز، لېكىن ھېچقايسىمىز ياخشى بىر ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپالمايمىز، بىر بولسا جەمىيەتكە، ۋە ياكى دۆلەتكە، ياكى ئوقۇغۇچىلارغا ئارتىپ قويۇپ خۇددى ئۆزىمىز ئۇنىڭ بىلەن قەتئىي ئالاقىمىز يوقتەك ئىش قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ئۆتىۋېرىدۇ.، ئەخلەت دەرسلەر ئۆتۈلىۋېرىدۇ، بالىلار چوڭ بولۇۋېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چوڭ چاتاق چىقىدۇ، مىللەت تۈگەيدۇ! ھەممە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزى ئۆتكەن دەرسنى ئەڭ ياخشى ئۆگىنەلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن بىلىم دىگەن نىمە؟ كىتابنى يادلاپ يۈز ئېلىش تەكىتلەنگەن بىلەن ئىنساننىڭ دۇنيانى چۈشىنىش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يېتىلمىسە، مۇھىمى ئىنساننىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقى ئۆلتۈرىۋېتىلسە ، ئەشۇ تالانت قاتىلى بولمىش مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەڭ ياخشى بىلىملەرنىڭ ئۆگىتەلمىگىنىگە، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى، مىللەتنىڭ ئىدىيىسىنى ، ئىقتىدارىنى نابۇت قىلىۋەتكىنىگە  پۇشايمان قىلالامدۇ؟ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ياشاپ، ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن كۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يىغلىيالامدۇ؟ مائارىپ بىر خىل جان بېقىش ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ھەممە مۇئەللىملەر مەسىلىنى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىۋالىدۇ. ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىگەنلىك، ياكى دەرسنى ياخشى ئۆگىنەلمىگەنلىك پەقەت ۋە پەقەت شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىسى، ئوقۇتقۇچىسى، دوستلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۇ بالا ئۆزىنى بىر دۆت ئادەمدەك، تۇغما دۆتتەك ھېس قىلىدۇ ۋە ئۈمىدسىزلىنىدۇ ئاندىن ھەرخىل پەس ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ، چۈنكى باشقىلار ئۇنىڭغا ئاللىبۇرۇن ئەڭ پەس، دۆت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بولغان ئىدى. ئۈرۈمچىىدىكى شۇ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيالمىغان، ۋەياكى دۆت ھېساپلانغان ئەسكى بالىلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ، لېكىن ئامالىنى ئويلاپ چىقىشقا قۇدىرتىم يەتمەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلاردىن جىق ئۈمىد كۈتىمەن، ھەممە ئادەم جىق ئۈمىد كۈتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىلىق دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەسىپ. مەسىلەن: قۇرئان، دۇنيادىكى ئەڭ نادىر كىتاب، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام، دۇنيادىكى ئەڭ نادىر ئوقۇتقۇچى.

        ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىغا ئۆگىتىدىغىنى ئادەم بولۇش، ھەق ناھەقنى پەر ئېتىش، جاھان رىقابىتىدە ئۆز ئىقتىدارى بىلەن باشقىلاردىن غالىپ چىقىش. ھەق ناھەقنى پۇلغا ساتىدىغان، پۇلغا ئۆگىتىدىغان ئادەم باشقىلارغا ئادەم بولۇشنى ئۆگىتەلەمدۇ؟

      كىشىلەر ئۆز جېنىنى پىدا قىلىپ تۇرۇپ ئاۋلادلىرى ئۈچۈن بەخت يارىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەچچىلىك پۇلغا تەلمۈرۈپ قېلىشى، يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشىنىڭ ئۆزى بىر قاتىللىق، لېكىن ئۈرۈمچىدەك يۇقىرى ئىستىماللىق شەھەردە ئوقۇتۇچى بولۇشنىڭ ئۆزى ئەلۋەتتە ئەڭ ئاۋال بىر مۇئاشلىق ئورۇنغا ئىگە بولۇش، ئۇندىن كېيىن ئەشۇنچىلىك پۇلغا تايىنىپ كۈندە بىر خىل تۇرمۇش ئۇسسۇلىنى تەكرارلاپ ھاياتىنى بىر خىل رېتىمدا تاماملاش بىلەن باراۋەر بولىدۇ. نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇتقۇچىلا ئەمەس نۇرغۇن زىيالى خىزمەتكە چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئاساسەن كىتاب ئوقۇمايدۇ، بولۇپمۇ دۇنيانى چۈشىنىش، ۋە ئۆزئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىسى يېتىدىغان كىتابلارنى تېخىمۇ ئوقۇمايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ 40 ياشلار چامىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن ناۋادا مۇئاشىدىن قۇرۇق قالسا چىقىپلا ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان، باشقىلارغا ياشاشنى ئۆگەتمەكچى بولغانغا چۇشلۇق ياشىيالايدىغان ئىقتىدارى بارلار بەك ئاز بولىدۇ. بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىمىز بار قورودا بىر دەرۋازىۋەن بولىدىغان، كېيىن  بىلسەك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كېسەل پىنسىيىسىگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن. مەن بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز بىلىمى، ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى جارى بولىدىغان بىرەر خىزمەت قىلماي باشلانغۇچ سەۋىيىسىگە ئىگە بولسىمۇ قىلغىلى بولىدىغان بىر خىزمەتكە رازى بولۇۋاتقىنىغا، زايا بولۇۋاتقان ئىقتىدارىنى بىرەر شەكىل بىلەن ئىسپاتلاش كويىدا بولمىغىنىغا ھەيران قالغان ئىدىم.
    مائارىپىمىز بىزنىڭ كەلگۈسىنى بەرپا قىلىدىغان كىشىلەرنى تەربىيىلەش ئۇسلۇبىمىز.  ئۇنداقتا بۇ مۇھىم مەسىلىمىزنى قانداق قىلىمىز؟ بۇنى ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قانداق ئۆگىتىشنى ئۇقالمىدىم‫، لېكىن يەنىلا تىرىشىپ بېقىشنى لايىق تاپتىم. مىللەتنى قۇتقۇزىدىغان مائارىپنىڭ بىزنىڭ قۇتقۇزىشىمىزغا تەلمۈرۈپ قالغىنىنى ئويلىساملا ۋەزىپىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقى ھىس قىلىمەن، مائارىپ مىللەتنى سۆرەپ ماڭىدىغان ۋاقىتتا، مائارىپنىڭ بىر سۆرەلگۈچى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئۆزى بىر ماڭا تەگسىز ئېغىر ئازاپ يۈكلىگەن ئىدى. تىرىشىپ باقاي دەيمەن ئىچىمدە، چۈنكى بۇ مېنىڭ مەجبۇرىيتىم ‬، ئۆزۈمنىڭ قىلالايدىغان دەرىجىسىدە تىرىشىشلا ياراتقۇچىنىڭ مەندىن تەلەپ قىلىدىغىنى ۋە مېنىڭ يارىلىشتىكى سەۋەبىم.


    10-ئاينىڭ 16-كۈنى

     ئامېرىكىنىڭ مائارىپىغا تەنقىدىي پوزىتسىيە:
     ئامېرىكىغا كەلگەن يېڭى كۈنلىرىمدە ھەممە نەرسىگە ھەۋەس قىلدىم، مۇئەلىملەرنىڭ گەپ قىلىش ئۇسۇلىغا، دەرسنىڭ مەزمۇنىغا، بالىلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرىشىغا دىققەت قىلدىم، كىشلەرنى جىمجىت كۆزەتتىم، بىر ھەپتە ئۆتتى، ئۆزۈم ئويلىغان ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىمگە ھازىرغىچە ئىشىنەلمىدىم، ئامېرىكىنى بەك يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالغانلىقىم سەۋەپلىكمۇ بۇ مەكتەپنىڭ، مۇئەللىملەرنىڭ سەۋىيەسىدىن ئازراق گۇمانلىنىپ قالدىم. جىق تۈزۈملەر ئاتا-ئانىلارنى خوشال قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئىدى، جىق گەپلەر ئاتا-ئانىلارنى خوشال قىلىش ئۈچۈن دېيىلگەندەك بىلىنىپ قالدى. تۈزۈم بارا-بارا چىڭىيىشقا باشلىدى، مۇئەللىملەر بارا-بارا ئەسكىلىشكە باشلىدى، ياتاق باشلىقلىرى بارا-بارا قاپىقىنى ئاچماس بولۇۋالدى، بالىلار بارا-بارا چۈشكۈنلىشىشكە باشلىدى. 365 كۈن ئۆزگەرمەيدىغان زېرىكىشلىك مۇھىت، ئوخشاش كۈن-تەرتىپى، ئۇيقۇ، تاماق، ئۆگىنىش، كىشىلىك مۇناسىۋەت تەمسىزلىشىپ قالدى. يېڭىلىق ئازلاپ بۇرۇقتۇرمىچىلىق مەكتەپنى قاپلاپ كەتتى. ئۆزۈمنىڭ پىسخىكىسىدىن چاتاق چىقتىمۇ ياكى بۇنداق ئۆگىنىش رىتىمىدىن زېرىكتىممۇ ئىشقىلىپ نەرسىلەر ئازراق خوشياقماس بولۇپ قالدى. بىر رىتىم ئىچىدە ئالدىراش بولۇپ، بىر مەقسەت ئۈچۈن تىرىشىپ، خۇددى ئۇنىڭدىن باشقا ئىش بولۇپ قالسا ئۆزۈمنى قىلالمايدىغان بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. دەرسلەر تەس ئەمەس ئىدى. مېنى قىينايدىغان ئۆتكەللەر سىناقلار يوق ئىدى. كىچىكىمدىن يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىچە ئىش قىلىپ كۆنەپ قالغان مەن، ئۆزۈم قىلالايدىغان ئىشنى قىلغىم كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بولسا خارۋاردنىڭ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشكۈم، بولسا ئالمىنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ مەخسۇس تەربىيلەنگۈم كېلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۆگىنىش قىلغىلى كەلگەن ئادەملەر ئۈچۈن بۇ ياخشى يەر ئىدى، لېكىن مەندەك ئىش قىلغىلى كەلگەن ئادەم ئۈچۈن بۇ يەر زېرىكىشلىك بوپقالاتتى. كۆنۈپ قالغاندىن كېيىنلا، ماڭا نىسبەتەن تەھدىد، رىقابەت يوقىغاندىن كېيىن تەبئىي زېرىكىپ ۋاقتىمنى بىكار ئۆتۈپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ قالاتتىم. ئىنتايىن ئاستا قەدەمدە بىلىم ئۆگىنىشتىن ئازراق سىقىلىپ قالاتتىم. شاۋقۇنلۇق، رىقابەتلىك ھاياتنى ئىزدەيتتىم. تىرىشمىغانلار شاللىنىدىغان، ۋەياكى ئۇتتۇرغانلار ئۆتتۈرلىرىدىغان تۇرمۇشنى خالاپ قالاتتىم. يىغىلىپ قالغان ئېنىرگىيەلىرىم بىر قوزغىلىپ ھەممە پەندە يۈز ئېلىۋېتىپ  يەنە زېرىكىپ قالاتتىم. ئۆزۈم قىلالايدىغان ئىشنى قىلغىم كەلمەيتتى. بۇرۇن بېشىمنىڭ ئۈستىدە ھېس قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ بېشىغا چىقىۋېلىپ ھازىر نېمىنىڭ بېشىمغا چىقىۋالغانلىقى توغۇرلۇق ئىزدىنەتتىم. بۇ بولسىمۇ سىتانفورد ياكى ماساچۇستىس ئىدى. كېلەر يىلى مۇشۇ ئىككىسىدىن بىرسىگە ئۆتۈپ كېتىشنى قارار قىلدىم. ۋە قاتتىق پىلان تۈزۈپ توفېلغا ۋە SAT غا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم، چۈنكى رىقابەتسىز ياشىغانلىق ماڭا مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرەتتى.
    10-ئاينىڭ 26-كۈنى

     ئامېرىكىنىڭ مائارىپىغا تەنقىدىي پوزىتسىيە: (يەنە بىر نۇقتىدىن كۆزىتىش)
     ئامېرىكىدا قانداق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن مېنىڭ ئۆگىنىش سۈرىتىم، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىم، تاپشۇرۇقلارغا، ئىمتاھانلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئىلگىرلىدىم. GPAرىم  (سەككىز دەرستىكى ئومۇمىي نومۇر) بېشىدىكى 1‪.‬9 نومۇردىن 3‪.‬7گە ئۆرلىدى، تولۇق نومۇر 4. بۇ يەردە دەرستە تۆۋەن نومۇر ئېلىش ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرەتتى. بالىلارنىڭ ئالدىدىكى يۈز-ئابرويىڭىز، مۇئەللىملەرنىڭ ئالدىدىكى ئىناۋىتىڭىز، ئابىيلارنىڭ ھۆرمەتلىشىدىن ئايرىلىپ قالاتتىڭىز، ھەممە ئادەم چەتكە قېقىپ خۇددى ئۆزىڭىزنى بىر ئەخلەتتەك ھېس قىلىپ قالاتتىڭىز(مېنىڭ شەخسىي قارىشىم). شۇڭا بۇ يەردىكى نومۇر سىزنىڭ بارلىق شان-شەرىپىڭىزگە ۋەكىللىك قىلاتتى. گەرچە مەن جوڭگودا بۇ دەرسلەر ئەخلەت ئىكەن دەپ مەكتەپتە بەك ئەلاچى بولۇپ ئوقۇمىغان، بۇ تۈپەيلى بىرەر ئابرويۇمدىن ئايرىلمىغان، ئۆزەمنىڭ باشقا تالانتلىرى ئارقىلىق يەنىلا باشقىلارنىڭ كۆزىنى چاقنىتىپ ‹ۋاھ ، ئالامەت بالا بوپتۇ› دېيىشلىرىدىن بەھرىمەن بولغان بولساممۇ لېكىن  ئامېرىكىغا بېرىپ نومۇرنىڭ ھەممە نەرسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، نومۇر ئالدىدا قەتئىي باھانە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بېشىدا مەڭگۈ ئۇقالمايدىغاندەك بىلىنگەن دەرسلەر بىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاسان تۇيۇلدى، قارىغاندا بۇ تۇغما خۇي ئوخشايدۇ. شۇنداق قىلىپ بارا-بارا ئەتراپىمدىكىلەرنى كۆزىتىشكە باشلىدىم، بۇ يەردىكى مائارىپ كىشىلەرنى خىيالىي قىلىپ، ھاياتتىن ھوزۇرلىنىشقا ئادەتلەندۈرۈپ قويغان ئىدى. بۇ ئويۇن، كۆڭۈل ئېچىش تەرتىپىنى ئۈرۈمچىدىن پەرقلىق ھېس قىلالمىدىم. ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەن ۋاقتىمدا بۇ ئىشلارنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قالاتتىم، مانا ئەمدى بۇنىڭدىن شۈبھىلىنىشكە باشلىدىم. قىلىۋاتقىنىم، ئويناۋاتقىنىم، ھوزۇرلىنىۋاتقىنىم توغرىمۇ؟ ياق، ياق، ياق بۇ يەرگە ئوينىغىلى كەلمىدىم، بەلكى ئون مىلىيون ئۇيغۇرنىڭ، بىر يېرىم مىرلىياد مۇسۇلماننىڭ بۇرچىنى، مەسئۇلىيتىنى يەلكەمگە يۈدۈپ ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ، ياراتقۇچىدىن ئەجىر قىلغۇدەك ئىرادە ۋە ئەجرىمگە ساۋاپ تىلەپ كەلدىم. شۇڭا بۇ يەردە ئويناش مەن ئۈچۈن نومۇس قىلارلىق ئىش بولۇشى كېرەك!!!!

     ئەمدى ماقالەمنىڭ ھەقىقىي مېغىزىنى باشلاي:
     جوڭگودىكى ۋە ئامېرىكىدىكى ئادەمنى تىرىشىشقا ئۈندەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئىشلار:

     ئامېرىكىدا بىزنى تىرىشىشقا ئۈندەيدىغان ئامىللار:
    1. GPA. بۇ بولسا بىزنىڭ نەتىجىمىز بولۇپ تولۇق نومۇر تۆت، نەتىجىمىزنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن بىز ئەڭ تۆۋەن قاتلامغا چۈشۈپ قالىدىغان بولغاچقا، جىق بالىلار مۇشۇ نەتىجە ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
    2. ئومۇمىي كەيپىيات. كىتاپخانا، بالىلار ئۆگىنىش قىلىۋاتىدۇ، دوستلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى دەرستە ياخشى، مۇھىت ياخشى، ئۆگىنىش قىلىمەن دېسىڭىز ھەممىسى تەييار.
    3. رىقابەت: بالىلارنىڭ ئارىسىدا رىقابەت بەك كۈچلۈك بولۇپ، بالىلار نەتىجىسى بىلەن چۈشكۈنلىشىپ، نەتىجىسى بىلەن خوشاللىنىدۇ.
    4. ئورۇن. پاتنەم دېگەن يەرنىڭ(مەن ئوقۇيدىغان مەكتەپنىڭ ئورنى، بىر يېزا) ئورنى بەك كىچىك، بىر سائەت ماڭسىڭىز تاشيولغا چىقىپ كېتىسىز، ئەتراپىدا ھېچقانداق ناچار يەرلەر يوق. شۇڭا بەزىدە قىلىدىغان ئىش يوق زېرىكىپ ئۆگىنىش قىلىسىز.
    5. 27 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى تۆلەپ ئوقۇغاندىن كېيىن كۈندە كېتىۋاتقان پۇلغا قورسىقىڭىز ئاغرىيدۇ، ۋە ئامال يوق تىرىشىسىز.
      پەقەت بۇ يەردە ئوقۇسىڭىز، زېرىكىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن باشقا تىل، دەرس جەھەتتىن تىرىشسىڭىزلا چاتاق چىقمايدۇ. تىرىشسىڭىزلا بىرىنچى بولالايسىز.
    ئامېرىكىدا ھەممىسى ئىچىڭىزدىن كېلىدىغان خەۋپسىرەش.

    جوڭگودا بىزنى تىرىشىشقا ئۈندەيدىغان ئامىللار:
    1. ئاتا-ئانىمىزنىڭ، مۇئەللىملىرىمىزنىڭ، بېسىمى.
    2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى بېسىم، تىرىشىش رىقابەت كۈچى.
    3. توپقا ئەگىشىش. بالىلار توپ كۆرگىلى كېتىشىۋاتىدۇ، مەنمۇ توپ كۆرگىلى باراي. ئۆيدىكىلەر تېلىۋىزور كۆرۈۋاتىدۇ، ، مەنمۇ بىكار ئولتۇرغاندىن تېلېۋىزور كۆرەي.
     جوڭگودا ھەممىسى سىرتتىن كېلىدىغان بېسىم، ھېچكىم-ھېچكىمگە پۇرسەت بەرمەيدۇ.

    سېلىشتۇرۇش:
     1. ئامېرىكىدا ئۆزلىكىڭىزدىن ھەقىقەتنى تونۇپ تىرىشىسىز، جوڭگودا بېسىم ئارقىلىق تىرىشىسىز.
     2. ئامېرىكىدا ئويۇننىڭ ئەڭ نوچىسىنى خاتىرجەم ئوينايسىز، جوڭگودا بېسىم سەۋەپلىك ئويۇننىمۇ خاتىرجەم ئوينىيالمايسىز
     3. ئامېرىكىدا ھەقىقىي دەرسلەرنىڭ ئېغىرلىقىدىن چارچايسىز، جوڭگودا كۆپۈك بېسىملار سەۋەبىدىن – ئاتا-ئانىڭىز، ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ تاپا-تەنىسىدىن چارچايسىز.
     
     4. جوڭگودا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قېشىڭىزدا، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىڭىز ئەتراپىڭىزدا كۆڭلىڭىز توق ياشايسىز، ئامېرىكىدا يېتىمسىرەپ، ئازار يېگەندە روھىي جەھەتتىن ئاجىزلاپ، بىچارە بولۇپ سىزنىڭ ھۆرمىتىڭىزمۇ ، ئادىمىلىكىك ئىززىتىڭىزمۇ نەتىجىڭىز بىلەنلا باغلىق بولغاچقا قاچان سەپتىن چۈشۈپ قالارمەن دەپ ئەنسىرەپلا ياشايسىز.
    5. جوڭگودا تاپشۇرۇقلارنى، ئىمتاھانلاردا مۇئەللىملەر سىزگە ئېتىبار قىلىپ بېرىدۇ، دوستلىرىڭىز ياردەم بېرىدۇ. لېكىن بۇ يەردە نومۇر قويۇشتا ئادىمىلىك يوق، ئېتىبار يوق، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزىڭىزنى ماشىنا ئادەم ھېس قىلىسىز.
    6. جوڭگودىكى خاتىرجەملىك روھىي ھالىتىڭىز، ئامېرىكىغا بارغاندا ئاجىزلاپ ئۆزىڭىزنى ئىنتايىن ئاجىز، يار-يۆلەكسىز ھېس قىلىسز.

    دېمەك ئامېرىكا كاللىڭىزنى نوچى قىلغان بىلەن، روھىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولمىسىڭىز ئادىمىلىك غۇرۇرىڭىزنى  پارە-پارە  قىلىۋېتەلەيدۇ.
    جوڭگودا كۆڭلىڭىز توق، روھىي جەھەتتىن مۇكەممەل بولغاچقا، ھەر قانداق ئىش بولسىمۇ ئارقىڭىزغا يانمايسىز، چۈنكى كەينىڭىزدە بۇ مېنىڭ ۋەتىنىم دەيدىغان چوڭ تام بار.
    شۇڭا مەنچە ئامېرىكىغا چىقماقچى بولغانلارنىڭ ئۆزىنى بىر سىلكىۋېتىپ، چىدامدىم دېگەن سوئالنى سورىۋېتىپ، ئىچىڭىزنى توق قىلىپ چىقىشى كېرەك. بولمىسا بۇ يەرگە چىقىپ ھوزۇرلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن ھوزۇرلىنالماي، كۈلىدىغان چاغدا كۈلەلمەي روھىڭىزنى نابۇت قىلىۋالىسىز.
    10-ئاينىڭ 19-كۈنى

     مەن مائارىپقا بولۇپمۇ ئۇيغۇر مائارىپىدەك بۇنداق ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئۆزىگە يۈكلىگەن مائارىپقا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، چۈنكى مەن بىر مائارىپشۇناس ئەمەس، مېنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئىپادىلىمەكچى بولغىنىم ئامېرىكىغا چىقماقچى بولغانلارغا ئامېرىكا توغۇرلۇق ئەڭ ياخشى، توغرا ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش، شۇڭا مېنىڭ بۇ ماقالەم دائىم مائارىپنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەمەس، بەلكى ئۆزەمنىڭ ھىس قىلغان ئويلىغانلىرىم بىلەن  ئۆزۈمنى ئۆزۈم تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدىكى پىكىرلىم ئارىسىدا بولىدۇ، چۈنكى مەن قارلۇقنىڭ مائارىپىدىكى «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش مەكتىپى» دىگەن شۇئارنى ئۇنۇتقىنىم يوق،   ھامان ۋە ھامان ئامېرىكىنىڭ مائارىپى مېنىڭ ئادىمىلىكىم ۋە ئېتىقادىم ئاساسىدىكى ئۆز  مائارىپىمنىڭ ئالدىدا ھېچنىمە!!!
    -------------------
     ماقالەمنىڭ ئىككىنچى قىسمىنىڭ پىلانىى:
     مېنى كېلەر ھەپتە چىقىدىغان ماقالەم (ئامېرىكىلىق مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى) 2-قىسىم جوڭگونىڭ مائارىپىغا ۋە ئامېرىكىنىڭ مائارىپىغا تېخىمۇ چۆككەن ھالدا يېزىلىدۇ. داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن
     
    ئاچقۇچلۇق جۈملىلەر:
    كۈچلۈك ماشىنىغا ئايلاندۇرۇش، ئەڭ نوچى بولۇش ئۈچۈن ھەممە ئادەم ماشىنا ئادەمگە ئوخشىشى كېرەك.
     بەزىدە بىلىدىغان نەرسىلىرىمنىڭ ئازلىقىدىن، ئۇيغۇرچە سۆز بايلىقىمنىڭ، زېھنىمنىڭ، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىمنىڭ يېتىشمىگەنلىكى تۈپەيلى جىق نەرسىلەرنى ئىپادىلىيەلمەي قىينىلىپ كېتىمەن.
     ئامېرىكا ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى مىللەتچىلىك
      كېلەركى ماقالەمنى كېلەر يەكشەنبە ئوكياندا كۆرۈڭ.
      مەن توغۇرلۇق تېخىمۇ جىق ئۇچۇرلارنى مېنىڭ مىكروبلوگومدا كۆرۈڭ:
      http://guduk.com/1390
     مەندىن سورايدىغان بىرەر سوئالىڭىز بولۇپ قالسا، ماڭا خەت يېزىڭ:
    Gmail‪:‬ kurshat‪@‬qarluq‪.‬com
    ‪QQ: 1006959186‬
    ----------------------------
     بىر ئۇيغۇرنىڭ چۈشى يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى مەۋجۇتلۇق ناملىق ماقالەمنىڭ يېڭى چېچىندىلىرى:

    بارا-بارا ئۆزۈمنى ئارقىغا چېكىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، تۈزۈك كىتاپ ئوقۇماي، ۋاقتىمنى پاخاللىق بىلەن ئۆتكۈزىدىغان، بۇرۇنقى بىر كۈندە قىلغان ئىشلىرىمنى تىزىپ بېرەلەيدىغان ھالەتتىن، ئەتىسى قوپۇپ بۈگۈنى نېمە قىلغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم. قارىغاندا ئەتراپىمدىكى خىرىس بىلەن بېسىم يوقىغاندىن كېيىن بوشاپ كەتكەن ئوخشايمەن، مۇھىتنى ئۆزگەرتىشىم كېرەككەن، تېخىمۇ قاتتىق بېسىملارغا تەشنا بولۇپ كەتتىم. دېمەك مېنىڭ ئەمىلىيتىم دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدا بىلىمنىڭ ئەمەس كۆڭۈل ئېچىشنىڭ بىرىنچى ئورۇندا  تۇرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى. بىزنىڭ مەكتەپ بويىچە ھەقىقىي ئۆگەندى دېگۈدەك ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىنى تېپىش تەس ئىدى. كۈنىگە ئىككى سائەت تاپشۇرۇق ئىشلەش بىلەن قاينامغا ئەگىشىش بۇ يەردىكى تۇرمۇشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ قالغاندەك قىلىپ تۇراتتى. تۇرۇپلا ئۈرۈمچىدىن بۇ يەرگە ھەقىقىي مائارىپنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىمگە پۇشايمان قىلىپ قالاتتىم، چۈنكى ئەڭ نوچىسى ئۆزۈمنىڭ مائارىپى ئىكەندۇق. بىراقلا ئالىي مەكتەپكە كىرىپ كېتىش ئۈچۈن، ئۆگىنىش قاينىمىغا كىرىپ كېتىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپكە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم، چۈنكى بىلەن بۇ بىر قېتىملىق تاللىشىم مېنىڭ ئۈچ يىللىق ۋاقتىمنى قىسقارتالايتتى، كىشىلەردىن ئۈچ يىل ئالدىغا باستۇرالايتتى.
    10-ئاينىڭ 30-كۈنى
     
     بەزىدە شۇنداق ھاياجانلىنىپ كېتەتتىمكى، ئۆزۈمنى ھەرقانداق ئىشنى قىلىۋېتەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم، بەزىدە قاتتىق چۈشكۈنلىشىپ كېتەتتىمكى، ئويلايدىغان نەرسەم ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىقلا بولۇو ئىبادەتتىن باشقا ھەممە تىرىشىنىڭ مەزىسى يوقتەك ھىس قىلاتتىم. كىشىلەردىن ئۆزۈمنىڭ سىماسىنى ئىزدەپ، ئۆزۈمنى تاپالماي قېيىپ يۈرەتتىم، تالادىن، ھاۋادىن، بۇلۇتتىن ئۆزۈمنىڭ سىماسىنى ئىزدەپ كۈلۈپ كېتەتتىم. شائىرىي ھېسىياتلىرىم كەلگەندە بولسا بىر يەردە مۇڭلىنىپ ماقالەمنى يازاتتىم ۋەياكى جىمجىتلىق ئىچىدە كىتاپ ئوقۇيتتۇم. ئۆزۈم توغۇرلۇق ئويلىنىش مېنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش-تەرتىپىمنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىدى. ئۆزۈمنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش مېنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانىم ئىدى. كىشىلىك دۇنيادىكى بەزىبىر كۆڭۈلسىزلىكلەر مېنى ئارامسىزلاندۇرسا، ياراتقۇچىنىڭ ئاتا قىلغان نېمىتىنى ئويلاپ ئۇلارنى دەرھال ئۇنتاتتىم. ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويغاندەك ئوقۇۋاتقان ماقالىلىرىمدىن ئۆزۈمنى توختىماي ئىزدەيتتىم. خۇددى ئۆزۈم باشقا بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك ئەتراپىمدىكىلەرگە قاراپ بەزىدە ھەيران قالاتتىم، بۇ ھەيران قېلىش ھەۋەس قىلىش بىلەن چوڭ پەرقلىنەتتى. بۇلارنىڭ غايىسى يوقمىدۇ؟؟ كەلگۈسىدە نېمە قىلىدىغانلىقى بىلەن چاتىقى يوقمىدۇ؟ نېمىشقا دۇنياغا تۆرەلگىنىنى ئۇنتۇغانمىدۇ. ياراتقۇچىغا تىلاۋەت قىلىپ توغرا يول تېپىش بىر كۈندىكى ئەڭ ھاياجانلىق ۋاقىتلار ئىدى، چۈنكى بىر مەزگىل مۇھىت تەرىپىدىن يوقىلىپ كەتكەن ئۆزۈم نامىزىم ئارقىلىق ئەسلىگە كېلەتتى. خۇددى ياراتقۇچى بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمدا بىر يول باردەك ياراتقۇچىنى ماڭا بەك يېقىندەك ھېس قىلاتتىم. شۇڭا تولىراق ئويۇم ئۆلۈم بىلەن خاتىمىلىنەتتى. كىشىلەرنىڭ نەزىردىكى مېنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىم ئىدى. چۈنكى ئالدىراپ كىشىلەرگە ئۆز ئويۇمنى ئىپادىلىمەي بەلكى مۇشۇ قەدىرلىك قەلىمىمگە ئىپادىلەيتتىم. تاشقى تۇرمۇشتا مەن چوقۇم قاينامغا ئەگىشىشىم كېرەك ئىدى، لېكىن روھىمنى ئۆزۈم خالىغانچە كونترول قىلاتتىم. شۇڭا كەچ سائەت ئۈچ، تۆتلەر بىلەن ماقالە يازغاندا ھەقىقىي ئۆزۈمگە قايتقاندەك ئەركىن ھالەتتە پەپىلىنىپ ئۇخلاپ قالاتتىم. قارىغاندا ئۈرۈمچىدىكى چۈشۈم ئامېرىكىدىمۇ داۋاملىشىۋاتقاندەك قىلاتتى…. بىراق بۇ چۈش مەقسەتسىز ئىدى.، پەقەت ۋە پەقەت ئاخىرەتلىك چۈش ئىدى. ياراتقۇچىنىڭ ئالدىدىكى چۈش ئىدى.
     بىر ئۇيغۇرنىڭ چۈشى مۇشۇ يەردە تامام… ئەمدى ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغىنى بولسا ئامېرىكىلىق مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئامېرىكا , ئۇيغۇر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-11-7 16:03:37
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 5832
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证