تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› بىر ئۇيغۇرنىڭ چۈشى(يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى مەۋجۇتلۇق)5-قىسىم
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Kurshat
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11167
    kurshat@qarluq.com

    يازما سانى : 10
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بىر ئۇيغۇرنىڭ چۈشى(يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى مەۋجۇتلۇق)5-قىسىم

     



    پۇتنام ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئىشلار 

      

       ئۇنچىلىك ئىشلار نېمىتى، مەن ئاسماندا ئىگىسى بار ئىنسان تۇرسام؟ ئۇنچىلىك ئىشلار نېمىتى، مەن ئالاھىدە مۇھىتتىن، ئالاھىدە نىشان بىلەن كەلگەن ئادەم تۇرسام؟ ئۇنچىلىك ئىشلار نېمىتى، مەن كۇرشات تۇرسام؟...

       بېشىمنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىغىنىغا بەرداشلىق بېرىپ مېنىڭ شۇ ۋەدىلىرىمنى ئېسىمگە ئالدىم، مۇئەللىمنىڭ دەرسنى قىينىلىپ ئاڭلاپ، تاماقنىڭ تەمىنى تېتىماي يەپ، تاپشۇرۇقنى تەھدىد ئىچىدە ئىشلەپ، كېچىدە ئوغۇرلۇقچە تورغا چىقىپ ماقالە يېزىپ، كۈلۈپ ياشاپ خۇددى ئۆزۈمنى راستلا ماشىنا ئادەمدەك ھېس قىلىپ قالدىم. مەكتەپ تۈزۈمى، سىنىپ ئاتلاپ چىقىۋالغان يىللىقتىكى دەرسلەرنىڭ سالمىقى، ياقا-يۇرت خورلۇقى مېنى ھاردۇرۇپ قويدى.

       مەنچە بۇنى ئۆزى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان ئادەم ئۇقمايدۇ. تەس كەلگەنلىكىنى ھىس قىلساممۇ،  لېكىن ئاغزىمدىن تەس دېگەن گەپ چىقمايتىغۇ؟ ھەر-بىر قېتىم ئۆيدىكىلەر بىلەن دوستلۇرۇم بىلەن كۆرۈشكۈنۈمدە بىر ئىلھام تاپاتتىم. تۇرمۇشۇمنى يېڭى بىر مەناغا ئىگە قىلغاندەك خوشاللىق ئىچىدە ئىشلىرىمنى قايتىدىن باشلايتتىم. كەچ ياتاق قاراڭغۇ بولسىمۇ كومپىيوتېر يورۇقى بىلەن كۆڭلۈم يورۇق تۇراتتى. چۈنكى شۇ ئارقىلىق كۆڭلۈم خوشال بولاتتى. ئۇيغۇر بالىلار بىلەن تالاغا بىر نەرسە سېتىۋالغىلى چىقتۇق، تۆت ئامېرىكىلىق ئوغۇل بالىلار ئارىمىزدىكى بىرىمىزگە مەن سەن بىلەن توي قىلىشنى خالايمەن، مەن بىلەن مەڭگۈ بىللە بولۇشنى خالامسەن؟ دەپ ئەخمەق قىلدى. ئۇرۇشقىلى تاس قالدۇق، لېكىن ئارىمىزدا 18ياشتىن يۇقىرى بالىلار بولغاچقا ئۇرۇشۇپ تۈرمىگە كىرىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى، چىدىدۇق چۈنكى بۇ خەقنىڭ يۇرتى ئىدى. چىدىدۇق چۈنكى بىز ئاز ئىدۇق، چىدىدۇق چۈنكى بىز ئامېرىكىدا ئىدۇق. خەپ… لېكىن نېمە قىلالايتۇق؟ شۇنى ئويلاپ ئاچچىق كۈلدۈم، قارىغاندا مۇشۇ مۇساپىرلىقتەك قىلىپ تۇراتتى. ياتاقتا ئۇيغۇر ساۋاقدىشىم بىلەن كومپىيوتېردا تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتاتتۇق. بىر تۈركمەن كەلدى، ۋە بىزگە قارىتىپ(ئاناڭنى ھ…مەن جا..پ شۇملار) دەپ ھاقارەت قىلدى، ئاچچىقىم كەلدى، مەنىسىنى سورىدىم، توغرا دەپ بەردى، دېمەك ئۇقىدىكەن، قارىغاندا بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇر بالىلار ئۆگىتىپ قويغاندەك قىلاتتى چىدىدۇق چۈنكى ئۇرۇشساقلا بۇ ئۇششۇق گۇيلارنى ئۇرۇپ قويۇپ مەكتەپتىن قوغلىناتتۇق. يەنە بىر قېتىم دېدى، تېخىمۇ بەتتەرلەشتى. تۆت-بەش قېتىم داۋاملاشقاندىن كېيىن ساۋاقدىشىم چىدىمىدى، ئېتىلىپ بېرىپ كارىۋاتتىن ياتقان پەدىسىدە پەسكە ئىشتىرىپ چۈشتى، ۋە ئەمدى ئۇرۇشىغا مەن تۇتىۋالدىم، چۈنكى بولمىسا مەكتەپتىن ئىككىلىمىز قوغلىناتتۇق، تۈركمەن قورقۇپ نەپسى گېلىغا تىقىلىپ نەپەس ئالالماي قالدى. دوستۇمنىڭ چىرايىنى كۆرگەن ئۇ گەپ قىلالماي قالدى. شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى قېتىم ئۇ بىزگە تىكىلىپ قارىيالمىدى، پۈتۈن تۈركمەنلەرگە باھا بەرگىم كەلمىدى. لېكىن بۇ باي تۈركمەنلەر، تۈركمەنلەر قورقۇنچاق ئىدى، گەپنى چوڭ قىلالىغان بىلەن مۇش ئاتالمايتتى. ۋاقتى كەلسە ئۆتتۈرىمەن دەپ ئالدىغا بارسىڭىز بىر بۇلۇڭغا كىرىپ كېتەتتى، چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمدىن قورقاتتى، بىزچۇ؟ بىز قورقمايمىز ئەلۋەتتە، چۈنكى ئۆلۈم ياخشىدە، ئۆلۈمدىن قورقۇش كاپىرنىڭ ئىشى، شۇ بەلكىم ئۆلۈش ئالدىدىكى بىر مەزگىل قورقۇنۇچلۇقتۇ؟ لېكىن ئۇ جەننەتنىڭ ئالدىدا نېمىتى؟؟ خۇدايىمنى كۆرۈشكە نېسىپ بولىدىغان قۇدرەتنىڭ ئالدىدا نېمىتى؟ ئۆلۈم. بەزىدە ھېس قىلىمەن.

     

       ئۇزۇن يىل ئاتىزىم تەربىيىسى ئالغان،  قەلبىدە بۇرچ-ئىمان، يەلكىسىدە ھىچ بىر غايە -يۈك بولمىغان بۇلاردا ئادىمىيلىك يوق ئىدى، ھەتتا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە ياكى مۇھەتتنىمۇ كاللىسىدا كونتىرول قىلىپ ھېس قىلىپ كۆنۈپ قالغان بۇ ئادەملەر بىلەن ياشاش شۇنچىلىك ئېغىر كەلدى. نە پىكىر، نە ئېتىقاد، نە ئادىمىلىك، نە بىر بىلىم ھەققىدە پاراڭ قىلىشنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدىغان بۇ قوساق بەندىلىرى بىلەن راستىنلا چىقىشالمىدىم، ياخشى كۆرەلمىدىم.

        لېكىن مەن ئۇلارغا ياردەم قىلىۋىدىم ئۇلار مېنى ياخشى كۆردى چۈنكى مەن ھەممىسىگە چىن مۇئامىلە قىلاتتىم، كۈچۈمنىڭ بارىچە ياردەم قىلاتتىم. ئاللاھقا مىڭ شۈكرى،  ئۆلۈمنى، بۇرچنى، ھەتتا ئاتا-ئانا ۋە ۋەتەننى ئۇنتۇغان بۇ ئىنسانلار ھەر ھالدا ياخشى گەپ نەسىھەتتىن تەسىرلىنەتتى، خىجىل بولاتتى لېكىن ئۆزگەرمەيتتى، شۇڭا بارا-بارا مەن ئۇلارغا بىر فورمۇلا تۈزەپ شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلدىم. سەبرىنى ھەمرا قىلىپ ھەممىسىنىڭ ياخشى دوستى بولۇپ كەتتىم.

        مۇئەللىملەر مەسئۇلىيەتسىز ئىدى، ياردەم قىلىڭ دېسىڭىز ياق دېيىشكە ئاران تۇراتتى. ئەگەر ۋەتەندە تولۇقسىزدا مۇشۇنداق مۇئەللىم بولۇپ قالىدىغان بولسا بالىلاردىن تاياق يەپلا ئوڭشىلىپ كېتەر بولغىيتتى. قىلغان ئىشلىرىغا قاراپ چىشلىرىم غۇچۇرلاپ كېتەتتى. لېكىن مېنىڭ يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى سەۋەپلىك ياق دېسە ئارقىمغا يانماي چاپلىشىۋېلىش ئالاھىدىلىكىم بىلەن دەرسلەرنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۋالدىم. مۇئەللىملەرنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماڭا قىلغان ئەسكىلىكلىرىگە، ئىچىنى تار قىلىپ، ئىتتەك بولۇۋېلىشىغا قاراپ تىللايدىغان ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەك ئىت بولۇپ تاقابىل تۇرىدىغان ھالغا ئۆتتۈم، چۈنكى ئېتىقادسىز-غايىسىز كىشىلەر ئەسكى بولاتتى. خۇددى قارىغۇلارنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس دېگەندەك ئىككى كۆزۈمنىڭ ھەممىنى قىسىپ ئۇلاردىنمۇ بەك ئەسكى بولۇپ جاھىللىق بىلەن تۇرىۋالدىم. ئارقىدىن ئۇلار مېنىڭ ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلىقمنى ھېس قىلدىمۇ؟ بەك ھۆرمەتلەپ كېتىشتى، نەرگىلا بارسا چاقىرىپ مېنى ئۆزىگە باش قىلىۋالدى، قارىغاندا بۇ گۇمپىنى تازا ياخشى ئىشلىتىپتىمەن. ۋارقىرسا مۇش كۆتۈرۈپ ياندىكى ئىشكاپنى بىرنى قويسام يۇۋاشلايدىغان بۇ گۇيلار گەپ يوق مېنى ھۆرمەتلىدى. ھاھا قارىغاندا ئىتلارغا قانداق سۆڭەك تاشلاپ بېرىشنى ئۆگىنىۋالغاندەك قىلىپ تۇراتتىم، بايلىق ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ قويغان بۇنداق گۇيلارغا چىرايلىق گەپ قىلىشنىڭ ئۆزى بىر زۇلۇم ئىدى، شۇڭا بارا-بارا قانداق دوستلىشىپ، قانداق دۈشمەنلىشىشنى ئۆگىنىۋالدىم، قارىغاندا بۇمۇ يامان ئىشتەك قىلىپ تۇرمايتتى.

    9-ئاينىڭ 23-كۈنى

     

     ئەتىگەندىكى دەرس شۇنداق خوشياقمايدۇكى بىر تىرىك مۇرددەك قوپۇپ يۇيۇنۇپ، ئاشخانىغا چىقىپ، بىرىنچى سائەتلىك دەرسكە قاتنىشىپ بولغىچە ئۇيقۇم كېلىپ تاس-تاس قالىمەن تامغا ئۈسۈۋالىغىلى، قارىغاندا بۇ ئادەتلىنىپ قالغان خۇي ئىدى، خەنزۇ مەكتەپتە يۇقتۇرۋالغان كونا ھورۇنلۇق ئىدى. لېكىن بۇ ساۋاقداشلىرىمغا ھەيران قالىمەن، ئەتىگەن بولىشىغىلا ياتاق قايناپ، كىچىككىنە ياتاقتىن سۇخانىغا كىرىپ بولغىچە كەم دېگەندە 10 قېتىم ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن دېگەن گەپنى (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەمەس) ئاڭلايمەن، ئىچىم بەك سىقىلىپ كېتەتتى، چۈنكى ئۇخلاپ قالاي دېگەندە خەقلەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاشنىڭ ئۆزى بىر زۇلۇم ئىدى، بىر كۈن ئاخىرى چىدىماي ھەممىسىگە ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن دەپ چىقتىم، ھەم قىزىقارلىق يېرى ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەيپىياتىممۇ ئوڭلىنىپ قالدى. بۇ گەپتە بىر سېھىر بار ئوخشىمامدۇ؟ ئەتىگەنلىكى تاماقتىن چىقىپ دەرسكە كىرگۈچە شۇنداق مۇرەككەپ ھېسىياتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ قىزىق چاينى بىرنى ئېلىپ ئاران جايىمغا كېلىپ ئولتۇرىۋالىمەن. بۇ يەردىكى مۇئەللىملەر قىزىقارلىق ئىدى، سىنىپتا بىرەرسى ئۇخلاپ قالسا، ياكى مۇئەللىمنى ھۆرمەتلىمەي گەپ قىلىپ يۈرسە قەتئىي ئىپادە بىلدۈرمەيتتى لېكىن كەچتە بالىنىڭ ئۆزى بەك پۇشايمان قىلاتتى چۈنكى ئۇ شۇ كۈنلۈك دەرستىن نۆل ئالغان بولاتتى. بۇ يەردە نومۇر قويۇش ئۇسۇلى بەك قىززىق ئىدى. يەنى: سىزدىن كۈندە ئىمتاھان ئالاتتى، شۇڭا سىزنىڭ نەتىجىلىرىڭىز بېشىدا كۈندە ئوخشىماس چىقاتتى، لېكىن بارا-بارا ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇلار قېلىپلىشىپ نومۇرىڭىزنى تۆۋەنلىتىشمۇ تەس، يۇقىرلىتىشمۇ تەس بولاتتى، ھەم شۇنداق قىلىپ بىر مەۋسۇمنى توشقۇزاتتىڭىز،  

     سىزگە بىر كۈنلۈك مۇئەللىملەرنىڭ نومۇر قويۇش ئۇسۇلى(ماتىماتىكىنى مىسال قىلىپ ئۆتەي):

     دەرسكە بولغان پوزىتسىيە نومۇرى: 30 نومۇر

     تاپشۇرۇق ئىشلەش نومۇرى: 30 نومۇر

     ئىمتاھان نومۇرى: 40 نومۇر، بۇ يەردە ئىمتاھانلار ئۈچ تۈرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئوخشىمىغان ھالدا: كۈئىز(ھەپتىدە بىر ئالىدىغان ئىمتاھان)، تېست(ئايدا بىر ئالىدىغان ئىمتاھان(دەرس مەزمۇنىغا ئاساسەن ئوخشىمايدۇ.)، ئېگىسەم:(مەۋسۇملۇق ئىمتاھان).

     شۇڭا سىز ئەگەر مۇئەللىمگە ئەدەپسىزلىك قىلسىڭىز ياكى دەرستە ئۇخلاپ قالسىڭىز پوزىتسىيە نومۇرىڭىزدىن نومۇر تارتىدۇ. شۇڭا بىر سائەت ئۇخلاپ چىقسىڭىز 30 نومۇرىڭىزنى تارتقان بىلەن ئىككى 70 نومۇر بىلەن يەنىلا ياخشى بولۇپ ھېساپلىنىسىز، مېنىڭ جوڭگونىڭ ئىمتاھان سېستىمىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىمتاھان سېستىمىسىدا ھېس قىلغان ئىككى ئوخشىمايدىغان تەرىپىم بولسا: ئامېرىكىدا نومۇرنى 100دىن باشلايدىكەن، ۋە شۇنىڭدىن تارتىدىكەن، لېكىن جوڭگۇدا نومۇرنى 0 دىن باشلايدىكەن ۋە شۇنىڭغا نومۇر قويىدىكەن، لېكىن مەنچە ئامېرىكىنىڭ دەرس سالمىقى جوڭگونىڭكىدىن ئېغىر بولۇپ، جوڭگۇدا ھەممە ئادەمنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتى ئاساسەن ئوخشايدۇ، لېكىن ئامېرىكىدا باشقىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقىت ئىككى سائەت، لېكىن مېنىڭ بولسا يەتتە سائەت، چۈنكى مەن جىق نەرسىلەرنى ئۇقىدىغان بولساممۇ ياخشى ئۇقتۇرالمايدىغان بولغاچقا ئۇقتۇرۇشقا تىرىشىپ جىق ۋاقىتلىرىم سەرپ بولۇپ كېتىدىكەن. ۋە بارچە كۈچۈم بىلەن نەتىجەمنى بىرىنچى قىلىشقا تىرىشقان بولساممۇ بەزىدە ئازراق ھورۇنلۇقۇم ۋەياكى يېرىم سائەتلىك ئۇخلاپ قالغانلىقىم سەۋەپلىك بالىلارنىڭ ئارقىدا قېلىۋاتىمەن.

     ھەم مېنىڭ مەكتىپىمنى ئۆلچەملىك ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرگە ئوخشاتقىلى بولمايدۇ، بۇ يەردە 70% ئوقۇغۇچى باشقا يەردىن كەلگەن بولغاچقا تۈزۈم باشقا مەكتەپلەرنىڭ تۈزۈمىگە نىسبەتەن قاتتىق ۋە ئېغىر، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تۈزۈمى جوڭگودىكى ياتاقلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تۈزۈمى بىلەن ئوخشاش. مۇئەللىملەر بىلەن ياخشى ئۆتسەممۇ لېكىن تۈرك ئوقۇتقۇچىلار ۋە ياتاق مەسئۇللىرى بىلەن جىق قېرىشىپ قالدىم، ئۇلار مېنى ھېچنىمىنى ئۆگەنمەي ئويناپ كەلگەن تۈركلەرگە ئوخشىتىپ مۇئامىلە قىلىشلىرىنى مەن كۆتۈرەلمەي ئاچچىقىمدا قارشىلىقىمنى بىلدۈرسەم دەرھال ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن جۆندەپ ئىچىمنى سىقىۋەتتى. تاپشۇرۇقلۇرۇم تۈگىمىسىمۇ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلىرىم بولسىمۇ ئابىيلار ئۇخلا دەپ ئاچچىقىمنى كەلتۈرۋەتتى، سائەت 11 دىن كېيىن ئوبىرنىغا چىقساممۇ كىرىشۋېلىپ ساراڭ قىلىپ قويغىلى تاس قالدى. بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار بۇلارغا ناچار تەسىر بەردىمۇ ياكى نېمە بولدىكى مەكتەپتىكى باشقا ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئارىلاشسام ئاچچىقى كېلىپ چوقۇم ئۆزەڭنىڭ يىللىقىدىكى بالىلار بىلەن ئارىلاش دەپ تۇرىۋالدى. سائەت 11 دىن كېيىن كىيىم ئالماشتۇرىمەن دەپ چىراغنى ياقساممۇ ياقمايسەن دەپ چىراغنى ئۆچۈرۋېتىپ ئاچچىقىمنى كەلتۈرىۋەتتى. كەچتە ماقالە يازسام مۈشۈكتەك كىرىپ كومپىيوتېرىمنى تارتىۋېلىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالدى. ھەي قانداقمۇ قىلسام بۇلار؟ قېلىپتا ياشاپ ئۆگەنگەن بۇ ئىنسانلارنى قانداقلارچە باشقىلارنىڭ ئادىتىنى ھۆرمەت قىلىشقا يېتەكلەرمەن؟

    9-ئاينىڭ 24-كۈنى

     

    بەزىدە مەقسەتلىك ئۈمىدسىزلىنىش ئېلىپ كېلىدىغان كۈچ-قۇۋەتنىڭ كۈچى قۇرۇق ئۈمىدسىزلىنىپ قاقشاللىشىپ كېتىشىتىن ياخشىدۇر.

    نېمىشقا چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۇخلىغان ۋاقىتلىرىمدا ئەتە ئەتىگەن ئوخشاش قۇياشنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىمەن؟ نېمىشقا كىشىلەردىن, نەرسىلەردىن، مۇھىتتىن ئاغرىنغان ۋاقتىمدا سەۋەبىنى ئويلاپ باقمايمەن؟ نېمىشقا ھەممە كىشىلەرنىڭ مۇساپىر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ ئۆزۈمنى يالغۇز بىچارىدەك ھېس قىلىمەن؟  نېمىشقا ئۆزەمنىڭ غايىلىرىدىن پەخىرلىنىپ كېتىۋاتقىنىمدا ئالدىمدىن بىر تازلىق ئىشچىسى ئۆتسە كىشىلەردىن ئاغرىنىپ غايىسىز دەپ تىللايمەن ۋە ئاغرىنىمەن؟ 

    كەلگۈسۈمدىن ئەنسىرەيتتىم، بۇ مەكتەپتە تۆت يىل ئوقۇپ ھېچنىمىگە يارىماس بولۇپ قېلىشىمىدىن ئەنسىراۋاتقاندەك ھەممە نەرسىنى ئۆگىنىپ ماڭاتتىم، ماقالىلىرىم ئارقىلىق ئېزىپ كەتكەن بولسام قايتىدىن يولۇمغا قايتاتتىم، غايىلىرىمنى، مەسئۇلىيىتىمنى قايتىدىن ئەسكە ئالاتتىم ۋە ئۆزۈمگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ تۇراتتىم، تۆت يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالىمنى توختىماي تەسەۋۇر قىلاتتىم، تۆت يىلدىن كېيىنكى پىلانلىرىمنى توختىماي ئېسىمگە ئالاتتىم، شۇنداق قىلىپ ئالدىراشلىقتىن ھوزۇرلۇنۇپ كۈن ئۆتكۈزەتتىم، كەچتە شۇ ھاياجىنىمنى، شۇ ھېسىياتىمنى سىياھ ئارقىلىق كومپىيوتېردا يازاتتىم، گەرچە قىينىلىۋاتقان بولساممۇ ماقالەمدىن ئۆزۈمنى-ئۆزۈم خوش قىلىپ ئالداپ ئۆتۈپ كېتەتتىم، بۇ بىر خىل ئالدامچىلىقمۇ؟ ياق، بۇ بىر پەخىرلىنىش ئىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇخلاپ قالاتتىم، شۇنداق شېرىن خىياللارغا ئەللەيلىنىپ ئۇخلاپ قالاتتىم، كەلگۈسى، مۇۋاپىقىيەت خۇددى قىمارغا ئوخشاش ئىكەن، ئۇتقانسىرى ئۇتقىسى كېلىدىغان، ئۇتتارغانسىرى ئۇتقۇسى كېلىپ بولالماي قالىدىغان نەرسە ئىكەن، ھوزۇرلىنىش ئىچىدە پەپىلىنىپ ئۇخلاپ قالغان ۋاقتىمدا چۈشۈمدە ئۈرۈمچىنى كۆرەتتىم، سېغىنغاندەك قىلاتتىم، لېكىن بۇ قىماردىن كېچەلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلاتتىم، خۇددى خۇمار بولۇپ قالغاندەك بەزىدە يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىپ ئۆگىنىش قىلغىم كېلىپ كېتەتتى، خۇددى بۇ مېنىڭ مەجبۇرىيىمدەك قىيىنچىلىقلار ماڭا تۇيۇلماتتى، بەلكى ئىختىيارسىز توپقا ئەگىشىپ قىلىپ تۈگىتەتتىم، لېكىن بۇ چەكسىز قۇملۇقتەك كەچ سائەت 11غىچە تاپشۇرۇق ئىشلەپ تۈگىتەلمىگەن ۋاقىتلىرىمدا ھېرىپ قالاتتىم، ۋە ئەتىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىكەنلكىنى ئويلاپ ھېرىپ كېتەتتىم. ۋە ئۇخلاپ قالاتتىم، خۇددى ئادەتلىنىپ قالغانغا ئوخشاش تاپشۇرۇق ئىشلەۋېرەتتىم، ئۇققان بولساممۇ تەكرارلاۋېرتتىم، ھەپتىدە 8پەندىن ئىمتاھان بولغاچقا، ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىپ تاپشۇرۇق ئىشلەپ، سىرتقى دۇنيا بىلەن ئارىلاشماي كەلدىم، مانا بۈگۈن تالاغا چىقىپ باقمىغىلى ئىككى كۈندىن ئېشىپتۇ،دېمەك ساپ ھاۋانى تىنىپ باقمىغىلى ئىككى كۈندىن ئېشىپتۇ، لېكىن باشقا بالىلار بولسا كۈندە بېشى تايغان پۇتى قايغان يەرلەردە لاغايلاپ ئويناپ يۈرەتتى، ۋە ئىمتاھاندا مەندىن يۇقىرى ئېلىپ خىيالسىز ئويناۋېرەتتى. ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالاتتى بۇلارغا قاراپ؟ مەن نېمىشقا ئۇلاردىن ئاشالمايمەن؟ ئۆزۈمگە بېسىم قىلىش ئادەت ۋە مەجبۇرىيەت بولۇپ قالغاندەك شەنبە كۈنىمۇ ئۆزۈمگە بېسىم قىلىۋېلىپ ئىچىم سىقىلىپ كېتەتتى. لېكىن يەنىلا بۇ گۇيلارنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيتتىم.. خەپ خەپ خەپ

    9-ئاينىڭ 25-كۈنى

     

     ئۆزۈمنى بارا-بارا نورمال ھېس قىلىشقا باشلىدىم، باشقا بالىلار بىلەن باراۋەر كۆرۈشكە باشلىدىم. دېمەك بۇ مېنىڭ بىر ئايلىق جاپالىق تىرىشچانلىقىمنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك. بىر ئاي پولاتتەك تۈزۈم ئىچىدە ياشاپ ئاخىرى ئادالەتسىزلىك ھېس قىلمايدىغان بولدۇم، بەلكى تېخىمۇ قاتتىق تىرىشىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم، چۈنكى ئالدىمدا تېخىمۇ جىق سىناقلار ۋە ئۆتكەللەر مېنى ساقلاپ تۇراتتى. تۇنجى قېتىم نەتىجەم بىر ئامېرىكىدا تۇغۇلغان تۈركنىڭ ئالدىغان ئۆتۈپ كەتكەندە ئۆزۈمنى خۇددى بۇ جەڭنىڭ يەڭگۈچىسىدەك ھېس قىلىپ كەتتىم، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئەمدى تىرىشىدىغان ۋاقتىم كەلگەن ئىدى. چۈنكى دەرسلەر ئەمدى ھەقىقىي تەسلىشىپ مۇئەللىملەر ئەمدى ھەقىقىي ئەسكىلەشكەن ئىدى. خۇددى جەڭدىن بۇرۇن بەدەن قىزىتقانغا ئوخشاش، مانا ھازىرمۇ جەڭدىن بۇرۇن ياخشى بەدەن قىزىتقان ئىدىم، لېكىن ئەمدى جەڭگە كىرىدىغان ۋاقتىم كەلگەن ئىدى. ئويلىسام ھېرىپ كېتىدىغان ئۆگۈنۈشلەر مېنى يۈزلىنىشتىن قورقۇتۇپ ئەنسىرتىپ قوياتتى. ھەي بۇ جەڭلەر ئالدىدا قانداق قىلسام بولسا؟ تېخىمۇ تىرىشىشىم كېرەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغۇزۇپ قويىدىغان دەرسلەر مېنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلغۇزالمايتتى، لېكىن باشقا بالىلار يەنە بۇ دەرسلەر توغۇرلۇق قىلچە ئەنسىرەش يوق، خالىغىنىنى قىلىپ يۈرىۋېرەتتى، ھەي، قارىغاندا بۇ گۇيلار مۇشۇنداق تۇغۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ. كەچتە ئۆزۈمنى زورلاپ ئۇخلىتىپ قىينىلىپ كەتكەن ۋاقتىمدا ئەتىدىن ئەنسىرەش مېنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى، ئاتالمىش ھورۇنلۇق مېنى كەچتىسى كومپىيوتېرغا ئەتىگىنى ئۇيقۇغا زورلايتتى، ئەتىگىنى ئىككى بىلەن ئۇخلىغان ۋاقىتلىرىمدا يەنە بەشتە قوپۇشنىڭ غېمىدە بولاتتىميۇ لېكىن يەنە سەككىز بىلەن يۈگۈرۈپ ئاشخانىغا چاپاتتىم. ئىشقىلىپ دەرسلەر تەس كەلگەن ۋاقىتتا، مۇئەللىملەر بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن چىقىشالمىغان ۋاقتىمدا ئۆينى سېغىنىش ھورۇنلۇقنىڭ ئىسپاتى بولۇپ قالدى، چىدىمىغانلىقىمنىڭ ئىسپاتى بولۇپ قالدى، لېكىن ئۆي ھورۇنلۇققا، چىدىماسلىققا ۋەكىل بولۇپ قالسا بولمايتتى. ئۆيگە قايتىش ماڭا ئەڭ چوڭ تەسەللىي بولىدىغان ۋاقىتلار پەقەت ۋە پەقەت نەتىجەم چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتلاردا بولاتتى، ۋە ياكى بېسىملارغا چىدىمىغان ۋاقىتتلاردا بولاتتى. لېكىن بۇلارغا بولسا غەلبە قىلىش ئۆينى ئەسلىتىدىغاندەك ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىلىرىنى ئاتا-ئانىسىغا دوكىلات قىلىۋاتقاندا ئۆزۈمنى ئەيىپلەيتتىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئازراق كەينىدە قېلىش ماڭا مەغلۇبىيەتتىن بېشارەت بېرەتتى، شۇڭا پەقەت چىشىمنى چىشلەپ قاتتىق تىرىشىشىم كېرەك ئىدى، گەرچە ئۆگىنىش داۋامىدا گېلىمدىن بىرسى سىققاندەك بولسىمۇ پەرۋا قىلماي ئۆگىنىش، بەلكى ئىزچىل ئۆگىنىش مېنىڭ ئادىتىمغا ئايلىنىپ قالدى. ھەي قاچان بىر ئەركىن نەپەس ئالارمەن ھە؟؟

    9-ئاينىڭ 30-كۈنى

     

     دەرستىن چۈشۈپ قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۇخلايتتىم، ۋە يېرىم سائەتلىك ئۇيقۇدىن كېيىن ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا قوپۇپ يۈزۈمنى يۇيۇپ ئۆگىنىش زالىغا كىرەپ ئۆگىنىش قىلاتتىم، مۇئەللىمنىڭ يېتەكلىشىدە، كاللامنى چىدىغۇسىز ھارغىنلىق كۆپۈكلىرى قاپلاپ كەتكەن بولۇپ مەيۈس ھالدا ئەتىكى ئىمتاھانغا تەكرار قىلاتتىم چۈنكى ئەتەمنىڭ بۈگۈنۈمگە ئوخشاپ قېلىشىنى خالىمايتتىم. دەرسلەرگە شۇنچە تىرىشقىنىم بىلەن ھەر قېتىملىق نەتىجىلىرىمدىكى پەرق ئاز-ئازدىن يۇقىرلايتتى. ئىشنى سىرتقى كۆرۈنۈشى ئۈچۈنلا قىلىپ ئادەتلىنىپ قالغان مەن بۇ يەردىكى ئەستايىدىللىق سېستىمىسىغا كۆنەلمەي ئىچىم سىقىلپ كېتەتتى. ئۇقىدىغان نەرسىلىرىمنىڭ دەپتەر يۈزىگە چىققاندا ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئارامسىزلىنىپ كېتەتتىم. قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمدا ئېكران يۈزىدىكى ئۇكىلىرمنىڭ رەسىمىگە قاراپ بۇرۇنقى ئىشلىرىمنى ئەسلەيتتىم، ۋە كۈلەتتىم، پەقەت ۋە پەقەت خوشال بولىدىغىنىم يۇرتۇمدا قىلغان ئىشلىرىم ۋە ھېسىياتىم. قىلغان ئىشلىرىمغا قاراپ ھەيران قېلىپ قانداق قىلغاندىمەن؟ دەپ ئويلاپ كېتەتتىم. شۇنچىلىك چۈشكۈنلىشىپ كەتتىمكى نەرسىلەرنىڭ ئاسانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ تاغدەك تەس بىلىنىپ ھېرىپ كېتەتتىم، لېكىن يېرىم سائەتلىك ئۇيقۇدىن كېيىن ياخشىلىنىپ قالاتتىم. مۇئەللىملەر دەرسلەر ئەمدى ھەقىقىي قىياپىتىنى ئاشكارلاۋاتامدۇ؟ ياكى ماڭا شۇنداق بىلىنىۋاتامدۇ؟ بۇرۇن يېرىم سائەتتە قىلىۋېتىدىغان ئىشلارنى ھازىر ئىككى سائەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمەن. نەتىجەم بارا-بارا ياخشىلاندى. لېكىن ئۆزۈمدىن ھالىقىپ كېتىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس ئىدى. ھەممە ئىشلىرىم ئېلېكتىرونلىشىپ ماشىنىلىشىپ كېتىۋاتقان بۇ كۈنلىرىمدە ئاشخانىدا تارقىتىدىغان ئالمىنىمۇ چىشىمغا پايدىلىق دەپ يەيدىغان بولۇۋاتىمەن. ھەممە ئىشلارنىڭ تەمىنى ئۇنتۇپ كاللام بىلەن ھۆكۈم قىلىۋاتىمەن. مانا سائەت 12 بولۇپتۇ، ھازىر ئۇخلىمىسام ئەتە قوپۇپ ئىسپانچە بىلەن بىئولوگىيە يادىلىيالمايمەن، ئۇخلايچۇ. شۇنداق قىلىپ كارىۋاتقا چىقتىم، بېشىمنى ياستۇققا قويدۇم، ۋە چۈشۈمدە نېمە كۆرۈشنى بەلگىلىگەش ئۇخلاپ قالدىم.

    10-ئاينىڭ 1-كۈنى

     

     ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرگە ئومۇمىي بىر باھا:

     مەن دوستلۇرۇمدىن، تۇققانلىرىمدىن جوڭگونىڭ مائارىپىنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى، ئامېرىكا مائارىپىنىڭ ياخشى تەرىپلىرىنى جىق ئاڭلاپ كەتكەن بولغاچقا، ھەم ئۆزۈممۇ بۇرۇن جوڭگونىڭ مائارىپىنى تىللاپ ماقالە، لىكسىيە سۆزلىگەن بولغاچقا ماقالەمدە مۇشۇ توغۇرلۇق بىر چۈشەنچە بېرىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم:

     كونكىرىت دەرسلىك سېلىشتۇرمىسى:

     جوڭگو:

     دەرسلەر مۇئەللىملەر تەرىپىدىن تاللىنىپ، بىر يىللىقتىكى بالىلار ئوخشاش سىنىپلاردا ئوخشاش دەرسلەرنى ئاڭلايدۇ.

    ئامېرىكا:

     بالىلار دەرسلەرنى ئۆزى تاللايدۇ، ئادەتتە بىر يىللىقتا ئوخشىمىغان 20 خىل دەرس بولىدۇ، سىنىپلارمۇ دەرسلەرگە ئاساسەن ئۆزگىرەيدۇ، جوڭگودا مۇئەللىم دەرسكە كىرىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان سىنىپلارغا يۈگۈرسە، ئامېرىكىدا ئوقۇغۇچىلار دەرسلەرگە كىرىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان سىنىپلارغا يۈگىرەيدۇ. ئامېرىكىدا ئادەتتە مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسى ئۆزىنىڭ سىنىپى بولىدۇ، بىر دەرسنىڭ ئۇزۇنلىقى 45 مىنۇت، بەش مىنۇت تەنەپۇس، بىر كۈندە سەككىز سائەت دەرس بار، دەرستىن چۈشۈپ ئۈچ سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئىككى سائەتلىك تاپشۇرۇق ئىشلەش دەرسى بار. دېمەك كۈندە 10 سائەت دەرس بار. بۇ جوڭگودىكى دەرسلەرگە ئوخشايدۇ. ئەمدى بالىلار ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىدىغان ۋاقىتقا كەلسەك: ئەتىگىنى بالىلار ئىككى سائەت يادىلايدىغان مەزمۇنلارنى يادىلايدۇ، سائەت بەشتىن يەتتىگىچە، ۋە ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن دەرسكە چىقىدۇ. دەرستىن سائەت 3:45 تە چۈشۈپ 15 مىنۇتلۇق تەنەپۇستىن كېيىن كۇلۇبلار باشلىنىدۇ. مەن سەيشەنبە، جۈمە كۈنى ماشىنا ئادەم ياساش كۇلۇبىغا قاتناشقان بولغاچقا شۇ كۈنى ئىككى سائەت كۇلۇبقا قاتنىشىمەن. باشقا كۈنلەردە بولسا چۈشەنمىگەن تاپشۇرۇقلۇرۇمنى مۇئەللىمنىڭ قېشىغا كىرىپ ئىشلەيمەن. شۇنداق قىلىپ كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئىككى سائەت تاپشۇرۇق ئىشلەش دەرسىگە قاتنىشىپ بولۇپ سائەت توققۇزلاردا ياتاققا قايتىپ كېلىپ كومپىيوتېردا ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەيمەن، ۋە ئىككى سائەتكىچە تۈگىتىشكە تىرىشىمەن، ئەگەر تۈگىمەي قالسا ئەتىسى ئىشلەيمەن، كەچتە چىراغ سائەت 11دە ئۆچۈرۈلىدۇ. دېمەك بىزنىڭ كۈندە ئۆگىنىش قىلىش ۋاقتىمىز 16 سائەت.  بۇ جوڭگودىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىلىدىغان ئۆگىنىش ۋاقتىدىن ئارتۇق. لېكىن بىر پەرقى بولسا بۇ يەردە ھېچكىمنىڭ سىز بىلەن كارى بولمايدۇ، لېكىن توختىماي ئۆگىنىش قىلمىسىڭىز ھەرخىل ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خورلۇقلارغا ئۇچراپ ئۆزلىكىڭىزدىن تىرىشىشنى ئۆگىنىشنى تاللايسىز، پۇرسەت تاپسىڭىزلا ئۆگىنىۋېلىشنىڭ كويىدا بولىسىز، لېكىن جوڭگۇدا مۇئەللىملەر، ئاتا-ئانىلار زورلاپ تۇرغاچقا ئۆگىنىش بىر يۈككە ئايلىنىدۇ دەرسلەر خوشياقماي جىق نەرسە ئۆگىنەلمەي ئۆتۈپ كېتىسىز، ۋە ئىچىڭىز سىقىلىپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىسىز. پۇرسەت تاپسىڭىزلا ھەرگىز ئۆگىنىش قىلمايسىز.

     ئەمدى دەرسلەرنىڭ سېلىشتۇرۇلمىسىنى كۆرۈپ باقايلى:

                                                                                                                                                                                                      

    1. ماتىماتىكا

    ئامېرىكا:   

     ئامېرىكىدا مەن ئالىدىغان ماتىماتىكا ئىككى خىلغا بۆلۈنگەن بولۇپ: گېئومېتىريە ۋە ئالگىبىرا، مەن ئالىدىغان گېموتىريەدە ئاساسلىق شەكىللەرنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆتىدۇ. جوڭگودىكى تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقنىڭ دەرسى.

     جوڭگودا ماتىماتىكىنى بۇ يەردىكىدىن ياخشى، سۈپەتلىك ئۆتىدۇ. شۇڭا ماتىماتىكىنى جوڭگودا ئۆگىنىپ چىققان ياخشى.

     

    2. گۈزەل-سەنئەت

     ئامېرىكا:

     بۇ يەردە گۈزەل سەنئەت دەرسى ئىككى خىلغا بۆلۈنگەن بولۇپ بىرسى رەسىم سىزىش يەنە بىرسى فوتوگىرافلىق. مەن رەسىم سىزىشنى تاللىغان بولۇپ، رەسىم دەرسىنىڭ كۈزىتىش ۋە تەقلىدلەش ئىقتىدارىنى تەلەپ قىلىدىغان قىيىن، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان پەن ئىكەنلىكىنى بۇ يەرگە كېلىپ ھېس قىلدىم.

     جوڭگودا رەسىم سىزىش دەرسى بەك زېرىكىشلىك بولۇپ، بۇ دەرىس جوڭگونىڭكىدىن جىق ياخشى

     

    3. بىئولوگىيە

     ئامېرىكا:

     بىئولوگىيە دەرسى ئاساسەن تەس، جوڭگودىكى تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقنىڭ بىئولوگىيەسىگە توغرا كېلىدۇ. كىتابتىكى مەزمۇنلار شۇنچىلىك كۆپكى ناۋادا جۇڭگۇ ئۇسلۇبى بىلەن يادىلايمەن دىسە بىر كىتابقا ئىككى يىل يەتمەسلىكى مۈمكىن. مەن ئۆمۈرۈمدە بىئولوگىيە ئۆگۈنۈپ باقمىغاچقا، ھەم بۇ دەرستە كەسپىي سۆزلەر بەك جىق بولغاچقا بۇ دەرس مەن ئۈچۈن ئەڭ تەس. بىراق بۇ دەرسلىك شۇنچىلىك ئەتراپلىق، ئويلىغان سوئالنىڭ ھەممىسىەە جاۋاب تېپىلىدۇ. يەنە كېلىپ  بۇ يەرنىڭ بىئولوگىيە دەرسى جوڭگونىڭكىدىن قىزىقارلىق مەزمۇنلۇق بولۇپ توختىماي ھايۋاناتلار ياكى ئۆسۈملۈك باغچىسىغا بېرىش، تەجىربە ئىشلەش جەريانىدا قىزىقىپ قالىسىز، ئادەم قورقۇتقان توم كىتاپتىكى مەزمۇنلارنى بىلىپ بىلمەيلا ئاستا-ئاستا ئۆگىنىپ قالىسىز.

     

    4. دۇنيا مەدەنىيتى

     ئامېرىكا:

      بۇ دەرس پۈتۈن دۇنيانىڭ تارىخىنى، ئىقتىسادىنى، مائارىپىنى ئۆتىدىغان دەرس بولۇپ، بەك ئەھمىيەتلىك مۇھىم دەرس، لېكىن يىلنامىلەرنى يادىلاشنى بەك مۇھىم ئورۇندا قويىدىغان بولغاچقا بۇ دەرستە قىينىلىپ قالىمەن.

     جوڭگودا تارىخ دەرىسى مەدەنىيەت دەپ قارالمايدۇ، كىشىلەرگە سوتسىيالىستىك نۇقتىنەزەردە باھا بېرىمىز. داڭلىق كىشىلەر تاشلىنىپ قېلىپ تاينى يوق كىشىلەرنى، ئۆزىمىزگە مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى تاشلاپ باشقىلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى  ئۆگىنىمىز. مەنچە تارىخ دەرسىمۇ ئامېرىكىدا ياخشى تۈزۈلگەن.

     

     

    5. ئەدەبىيات

     ئامېرىكا:

     بۇ دەرس مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دەرس بولۇپ مېنىڭ ئاڭلاۋاتقىنىپ كەسپىي ئەدەبىيات بولغاچقا سىنىپتا بۇ دەرسنى تاللاپ ئوقۇغاندىن ئاران 5 بالا بار. دەرس ۋاقتىدا بىز ئورۇندۇقنى يۆتكەپ يېقىن ئولتۇرۇپ توختىماي ئۇقۇشلۇقلار، داڭلىق ئەسەرلەر، ماقالىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىمىز ۋە ياكى ماقالە يازىمىز. شۇڭا مەن بۇ دەرسنى بەك ياخشى كۆرىمەن.

     

     چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى: بىر سائەت

     

    6. ئىسپانچە

     ئامېرىكا:

      ئىسپانچە دەرستە مۇئەللىم بەك قاتتىق قول بولۇپ، ئىسپانچە دەرس مەن ئۈچۈن بىر تۈرمە ھېساپلىنىدۇ. لېكىن مېنىڭ تىرىشىشىم سەۋەپلىك نەتىجەم بېشىدىكى نۆل سەۋىيەدىن 76 غا ئۆرلىدى. لېكىن يەنىلا بەك ناچار. 

     

    7. تەنتەربىيە

     ئامېرىكا:

     تەنتەربىيە دەرس بەك قىزىقارلىق بولۇپ بەزىدە ۋالىبول ئوينىساق بەزىدە ۋاسكېتبول ئويناپ، بەزىدە پۇتبول ئوينىساق بەزىدە يۈگىرەپ مۇسابىقىلىشىمىز، تەنتەربىيە دەرس جوڭگونىڭكىدەك قېلىپلىشىپ قالمىغان بولۇپ بىز ئادەتتە بۈگۈن نېمە قىلىدىغانلىقىمىزنى ئۆزىمىز تاللايمىز. تەرلەيدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەنھەركەت دەپ قاراپ تاللىشىمىزغا يول قويۇلىدۇ.

     

    8. ئوقۇشلۇق

     ئامېرىكا:

     ئوقۇشلۇق دەرسى ئەمەلىيەتتە دەرس ئەمەس مۇئەللىم تەۋسىيە قىلغان ياكى بىز تەلەپ قىلغانغا  ئاساسەن بىر سائەت كىتاپ ئوقۇيمىز. مەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن بېرى بەش يۈز بەتلىك بىر ئېنگىلىسچە روماننى ئوقۇپ بولدۇم، ۋە ئىككىنچى كىتابىمنى باشلىدىم.

     

     جوڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مائارىپ سېستىمىسىنى قايتا-قايتا ئويلاش داۋامىدا، جوڭگونىڭ نېمىشقا ماشىنا ئادەم ياساش مەكتىپى ئامېرىكىنىڭ نېمىشقا دائىم ئەڭ ياخشى تاللاش يولى بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. يەنلا ئادەم مەسىلىسى ئىدى. مەن ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان مەكتەپتە 4000 ئادەم بولۇپ، بىر سىنىپتا 60 ئادەمدىن بار ئىدى. جۇڭگۇدا مەكتەپلەر ئاز، مەركەزلەشكەن، دۆلەتنىڭ مائارىپ چىقىمىدىن باشقا شەخسلەر ياكى كوللىكتىپ، شىركەت، جەمىيەتلەرنىڭ مەكتەپ ئېچىشى چەكلىنىدۇ. بۇ مائارىپنىڭ قاتماللىقىنى، يۈكىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندەك قىلىدۇ. ئامېرىكىدا كىملا مەكتەپ قۇرماقچى بولسا رۇخسەت قىلىنىۋېرىدىكەن، شۇڭا مەكتەپ سانى بەك ككپ سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى بەك ئاز،    بىزنىڭ پۇتنامدىكى مەكتەپتە ئىككى يۈزدەك بالىلار بولغاچقا بىر تاللاپ ئوقۇيدىغان سىنىپتا 5- 10 بالا بولغاچقا مۇئەللىم بالىلارغا ككپرەك ۋاقتىنى بېرەلەيدۇ. بالىلارمۇ ياخشى ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرەلەيدۇ دەپ قارىدىم.  شۇڭا قارىغاندا مائارىپ سۈپىتىنى ياخشىلاش، ساپا مائارىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دىگەندەك بۇنداق ئىشقا ئامال يوقتەك قىلىپ تۇراتتى.

     

       مەن ئامېرىكىدا بىر ئاي جېنىمنى تىكىپ تىرىشىش داۋامىدا تىرىشچان ئادەمنىڭ ھەرقانداق نەرسىنى ئۆگىنىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا، تىرىشمايدىغان ھورۇن ئادەمنىڭ ھامان كەينىدە قالىدىغاندەك ئاددىي قانۇننى چۈشىنىپ يەتتىم. ھەر قېتىم ئۆزۈمدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمدا باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ تولۇقسىزنى تۈزۈك ئوقۇماي مەكتەپتىن چىقىۋالغانلىقىمنى ئەسلەيتتىم. ۋە شۇڭا دەرسلەردە قىينىلىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلاتتىم، ۋە ئاز-پاز پۇشايمان قىلاتتىم. لېكىن بەزىدە ھورۇنلۇقۇم سەۋەپلىك مۇھىم ئۆگىنىشلەرنى، ئاچقۇچلۇق ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۈپ قويۇپ ئۆزۈمنى قورۇپ يەۋەتكىدەك بولۇپ كېتەتتىم. شۇڭا مېنىڭ ئامېرىكىغا ياكى چەتئەلگە چىقماقچى بولۇۋاتقان بالىلارغا دەيدىغىنىم ئەگەر جوڭگودىكى ئوقۇشى ياخشى بولسا دەرسلەردە بىرىنچى بولۇپ ئوقۇشنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقانلار بولسا ئامېرىكا ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش، لېكىن مەكتەپتە ئوقۇيالماي، دەرستە قىينىلىپ قېلىۋاتقانلارنىڭ ئامېرىكىغا چىقماقچى بولۇشى ئۆزىنى تۈرمىگە ئەكىرىپ بېرىۋاتقىنىدۇر. چۈنكى بۇ يەردە دەرىجە پەرقى بەك ئېنىق بولۇپ پەۋقۇلاددە تىرىشچان ئادەملا دەرسلەرنى ئۆزلەشتۇرۇپ مېغىزىنى چېقىپ يېيەلەيدۇ لېكىن بوش تىرىشچان ئادەم بولۇپ قالسا دەرسنىڭ ئەخلىتىنى يېۋېلىپ ئىچى ئاچچىق بولۇپ يەنە كەينىگە يېنىشنى ئويلاپ قالىدۇ. دەيدىغىنىم ھەر قانداق ناچار مۇھىتتىمۇ ئۆگەنگۈدەك ياخشى بىلىملەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى دەرسنى ياخشى ئۆگەنمەي تۇرۇپ چەتكە چىقساق جاپانى ھەسسىىۋالغان بولىمىز!

    10-ئاينىڭ 6-كۈنى

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئامېركا , مائارىپ , تىرىشچانلىق
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-10-7 9:20:22
    تەھرىر : admiral
    باھا : 1 كۆزىتىش : 4429
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证