تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    چاچلىرىڭ ئارىسىدىكى لىرىكا



     

    چاچلىرىڭ ئارىسىدىكى لىرىكا

    بۈگۈن كەچتىكى ئۈرۈمچى ئادەتتىن تاشقىرى مەپتۇن قىلارلىق بولۇپ كەتكەنىدى.  ھەممىلا بوغۇملىرى ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇۋاتقاندەك ھاياتىي كۈچكەتولغان ئىدى. بەخت يولىدىكى بۇ ناخشا ئېيتىش ئورنىدىن بولسا قالايمىقان ناخشا ئاۋازلىرى ئەتراپقا ئاڭلىنىپ، ھەممە كىشىلەرگە بۇيەرنىڭ دەردىنى تۆكۈپ ئىچىنى بوشىتىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.

    نىگارنىڭ سۈپسۈزۈك يۈزلىرىگە قاپقارا چاچلىرى بەكمۇ ياراشقانىدى، ئۇنىڭغا ھەتتا ئۆزىنىڭ  دوستلىرىمۇ شۇنچە ھەۋەس قىلىپ، ئامراقلىق قىلىشاتتى، بۈگۈن ئۇباشلىقى بىلەن بىرنېمە دېيىشىپ قالغاچقا،كۆڭلى يېرىم ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن نەچچە دوست بىللە بۇ يەرگەكېلىپ ناخشا ئېيتىپ، ئاغىل-تاغىل توۋلاپ ئىچىنى بوشىتىۋالماقچى بولدى.

    ئۇلار پۈتۈن ئاۋازى بىلەن كىمدۇر بىرىنىڭ «سۆيگۈ»  دېگەن ناخشىسىنى ئېيتىشماقتا ئىدى. نەچچەقىزنىڭ چىقىراق ئاۋازى پۈتۈن ئايرىمخانىنى بىر ئالغان بولۇپ، ناخشا ئېيتىۋاتامدۇ ياكى ئىچىدىكىنى ۋارقىراۋاتامدۇ بىلگىلى بولمايتتى.

    شۇ ۋاقىتتا ئىچىدىن تاقىۋېلىنغان ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكى قاتتىق چېكىلدى. شۇنچە ۋاراڭ-چۇرۇڭدا ئاڭلانغۇدەك چەككەندىكىن بۇئىشىك خېلى يامان ئەمەس چېكىلگەن ئىدى، ئەلۋەتتە.  نىگار ئاچچىقى بىلەن ئىشىكنى ئېچىشىغىلا بىريىگىت سوقۇلۇپ-پۇتلىشىپلا ئىشىكتىن كىردى، يىگىتنىڭ بۇ تۇرقى قىزلارغا ناھايىتى ئۆلچەملىك90 گىرادۇسلۇق سالام بېرىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.  نىگار بۇنچەقاملاشقان سالاپەتلىك يىگىتنى بۇنداق قاملاشمىغان ھالىتى بىلەن كۆرۈپ بايىقى ئاچچىقى يوقىغاندەك بولدى.

    مانا بۇنىگارنىڭ پولاتنى تۇنجى ئۇچرىتىشى ئىدى، بۇھەم بۇ ئىككىيلەننىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا دائىم دېيىشىپ كۆڭلىنى ئاچىدىغان بىر ئىش بولۇپ قالدى.

    پولات سەل ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، دۇدۇقلاپ دېدى:

    -ھەي، قىزلار، ئاۋازىڭلارنى سەل پەسرەك قىلامسىلەر؟

    پولات شۇنداق دەپ بولغاندىن كېيىن، قەددىنى رۇسلاپ قىزلارنىڭ جاۋابىنى ساقلاپ تۇردى.  

    نىگار ئۇنىڭ بۇنداق بالىلارچە ھالىتىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى-دە، سوزۇپ دېدى:

    -ماقۇل، دىققەت قىلايلى، ئەمدى چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ.

    يىگىت ئېسىلزادىلاردەك سالاپىتى بىلەن كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى، نىگارنىڭ كاللىسىدا بۇيىگىتنىڭ خىجىللىقتىن قىزارغان يۈزلىرى بىلەن ھودۇققان كۆزلىرى قېلىپ قالدى.

    يىگىت چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، نىگار «ئەسلەيمەن»   دېگەن ناخشىنى «تېرەكبوستان»نىڭ ئاھاڭىغا سېلىپ ئېيتىپ كەتتى، قىزلار نىگارنى بايامقى يىگىت خىيالىڭنى بۇزدى، دەپ مەسخىرە قىلدى، بۇنى ئاڭلاپ تېرىككەن نىگار قاپقارا چاچلىرىنى سىلكىپ چىقىپ كەتتى.  ئۇئىشىكتىن چىقىپلا ھېلىقى خىجالەتچان كۆزلەرنى ئىزدىگەندەك قىلدى.

    2

    نىگار بۇ ناخشا ئېيتىش ئايرىمخانىسىغا ئىككىنچى قېتىم كەلگەندە، پولاتنىڭ ئىسمىنى بىلىۋالدى. ئىسمى پولات بولغىنى بىلەن ئۆزى ئىنتايىن مۇلايىم، خىجىلچان، ئەدەبلىك يىگىت ئىدى. شۇڭا ئۇنى ئايلىنىپ يۈرۈيدىغان قىزلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.

    قىزلار نىگارغا:

    -ساراڭ بولۇپ قالمىغانسەن نىگار؟شۇنچىۋالا ياقتۇرۇپ قالغان بولساڭ، قېنى چاقىرىپ كىرىپ بىزگە نەچچە ناخشا ئېيتقۇزۇپ بەرمەمسەن؟-دېيىشتى نىگار بىلەن ئېيتىشىپ.

    نىگار بۇ  سۆزنى ئاڭلاپ،ھېچنىمە دېمەستىن ئورنىدىن تۇردى-دە، ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى. بىردەمدىن كېيىن بولسا پولاتنى باشلاپ قايتىپ كىردى. قىزلار پولاتنىڭ قىزارغان يۈزى ۋە تەمتىرەپ تۇرغان كۆزلىرىنى يەنە كۆردى. يىگىت قىزلارغا سالام قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مىكروفوننى ئېلىپ بىرنەچچە ئاممىباب ناخشىلارنى شۇنداق ياخشى ئېيتىۋەتتى. نىگارمۇ قىزلارغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ ناخشىسىغا مەست بولۇپ، قولى بىلەن ئېڭىكىنى تىرەپ ئولتۇرۇپ كەتتى.

    نىگارنىڭ بۇيەرگە كۆپ كېلىشى بىلەن بۇئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ خېلى قويۇقلىشىپ قالدى.

    نىگار مەلۇم بىر يېمەكلىك شىركىتىنىڭ شۇيەردىكى ۋاكالەتچىلىك ئورنىنىڭ بوغالتىرى ئىدى. ھېلىقى كۈنى ئۇنىڭ بىر مۇشۇ يەرلىك باشلىقى بەك چىشىغا تېگىپ كەتكەچكە، پەقەت بەرداشلىق بېرەلمەي، مۇشۇ يەرگە ناخشا ئېيتىپ ۋارقىراپ جارقىرىغىلى كەلگەن ئىدى.  پولات بولسا ئالىي مەكتەپنىڭ پۈتتۈرۈش يىلىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئانچە-مۇنچە مۇشۇيەرگە كېلىپ ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقاتتى.

    نىگارغا بارغانسېرى بۇناخشا ئېيتىش ئورنىغا كېلىش بىرخىل ئادەت بولۇپ قالدى، ناخشا ئېيتمىسىمۇ، ھەركۈنى دېگۈدەك كېلىپ پولات بىلەن بىردەم-يېرىمدەم پاراڭلىشىپ قايتىپ كېتەتتى.  مۇبادا بىرەر ئىككى كۈن پولاتنىڭ يېنىغا بارالماي قالسا، بىرنەرسىسى كامدەك بولۇپ قالاتتى.

    3

    شۇنداق قىلىپ  بىردەمدىلا باھارمۇ يېتىپ كەلدى، ئوتلاقلاردىكى ئوت-چۆپلەر نىگارنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەتتەك ئاستا-ئاستا كۆكلىمەكتە ئىدى.

    بەزى كۈنلىرى نىگار پولات بىلەن تېز تاماقخانىلارغا تاماق يىگىلى باراتتى، شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا نىگارنىڭ يەيدىغان نەرسىلەرنى پولاتنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويۇشى پولاتنى تولىمۇ خىجالەت قىلاتتى. پولات بېشىنى كۆتۈرۈپ نىگارغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى.

    نىگار يەنە پولات بىلەن قول تۇتۇشۇپ بازارئايلىناتتى، ئۆزى ياقتۇرغان كىيىملەرنى كىيىپ چىقىپ پولاتنىڭ ئالدىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ئالا-چەكمەن قىلىۋېتەتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا نىگار پولاتتىن كىيىملىرىنىڭ ياراشقان-ياراشمىغانلىقىنى سورىغاندىمۇ، پولات خىجىل بولغىنىدىن نەگە قارىشىنى بىلەلمەي قالاتتى.

    ئىككىسى شۇنداق بىرگە بازارئايلانغاندا نىگار دائىم پولاتنى بىلىكىدىن قولتۇقلىۋېلىشنى ياقتۇراتتى. پولاتمۇ دائىملا ئۇنىڭ سول تەرىپىدىن مېڭىپ ئۇنى قوغداپ تۇراتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا پولات قارىماققا بىر يىگىت ئەمەس، بەلكى بىر ھەقىقىي ئەركەكلەردەك ئىدى.

    ئەمەلىيەتتە بۇئىككىيلەننىڭ ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغانلىقىنى، نىگار ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىغىمۇ دېمىگەن ئىدى.  بولۇپمۇ، كۈيئوغۇللۇق بولۇش ئارزۇسىدا كۆيۈپ پىشىۋاتقان ئاپىسىغا دېمىگەن ئىدى.

    نىگارنىڭ ئۆيىدىكىلىرى25 ياشقا كىرىپ قالغان نىگارنىڭ توي ئىشى ئۈچۈن باشلىرىنى قاتتۇرۇپ يۈرگىلى خېلى بولغانىدى. گەرچە نىگار كىچىكىدىنلا قىلىمەن دېگىنىنى قىلىپ، بىرىگە بويسۇنۇپ كەلمىگەن قىزبولسىمۇ، ئەممائۆيدىكىلىرى تونۇشتۇرغان ھەربىر لايىق بىلەن كۆرۈشۈپ چىققانىدى، ئەمماھەممىسىنىڭ نەتىجىسى ئوخشاش دېگۈدەك بولۇپ، بىرىنى پىت كۆزكەن دېسە، يەنەبىرىنى ئايال كىشىدەك نازۇككە ندەيتتى.  بەزىسىنى بولساتولا گەپقىلىدىكەن دەپ رەت قىلاتتى.

    ئۇنىڭ دوستلىرى بولسا:

    -پولات سەندىن كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرىدىكەن، قاچان خىزمەتكە چىقىپ سېنى باققۇدەك بولغىچە، باشقىسىنى ئويلىمىساڭمۇ كەلگۈسۈڭنى ئويلاپ قوي،-دەپ نەسىھەت قىلغانىدى.  ئەمما نىگاربۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئاچچىقلاپ:

    -نېمانداق پەس خىياللاربۇ؟ نېمانچىۋالا ماددىيلىشىپ كەتتىڭلار؟-دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

    نىگارنىڭ قەلبىنى ئەڭ ھاياجانغا سالغان ئىش بولسا، پولاتنىڭ «قەھرىماننىڭ گۈزەلنى قۇتۇلدۇرىشى»  دېگەندەك بىر ئىش قىلغانلىقى بولدى.

    ئۇ كۈنى نىگار ئۆزى يالغۇز، پولات ئىشلەيدىغان ناخشائېيتىش ئورنىدا ناخشا ئېيتىۋاتاتتى، ياندىكى ئايرىمخانىنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدىكى، ئادەمنىڭ قۇلاق پەردىسىنى ئاغرىتقۇدەك ئىدى، بۇئېنىقكى مىجەزى ئىتتىك نىگارنىڭ كەيپىنى ئۇچۇردى.

    نىگار چىقىپ ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى ئۇردى، شۇنچە ئۇرسىمۇ ئىچىدىن ئادەم چىقمىغاننى كۆرۈپ، نىگارئىشىكنى بىرلا ئىتتىرىپ كىردى، ئىچىدە بىر نەچچە لۈكچەك چىراي بالىلار ئاغىل-تاغىل ۋارقىرىشىۋاتاتتى،  ياق توغرىسىنى ئېيتقاندا ساراڭلاردەك چىرقىرىشىۋاتاتتى.نىگار ئۇلارغا ئاۋازىنى سەل تۆۋەنلىتىشنى ئېيتىشىغىلا، ئىچىدىن بىرى كېلىپ نىگارنى تارتىشتۇرغىلى تۇردى، نىگار ئۇنىڭ قولىنى سىلكىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىشىغىلا، بايام تارتىشتۇرغان ھېلىقى لۈكچەك كېلىپ نىگارنى تىللاشقا باشلىدى، نىگارمۇ ئىشىكتىن چىقىپ بولغانلىقىغا قارىماي ئۇ لۈكچەك نىتىللىدى، ئويلىمىغان يەردىن ياندا قاراپ تۇرغان بىرسى كېلىپلا، نىگارنىڭ مايكىسىدىن تۇتۇپ ئايرىمخانىغا سۆرىشىگە، نىگارنىڭ كىيىمى يىرتىلىپ كەتتى-دە، نىگار چىرلا قىلىپ چىرقىرىدى.

    ئەمما ھېلىقى لۈكچەكلەرنىڭ ئارىسىدىن بىرەرى چىقىپمۇ، دوستىغا ھاي دېمىدى. ھېلىقى لۈكچەك تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، نىگارنىڭ چېچىدىن سۆرەشكەباشلىدى.بۇ ۋاقىتتا خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پولات پەيدا بولدى-دە، نىگارمۇ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىرخىل ياۋۇز تۈرى بىلەن ھېلىقى لۈكچەكلەر بىلەن جان تىكىشىپ كەتتى، ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە، پولاتنىڭ يۈز-كۆزىنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئىششىپ قان ئۇيۇپ كەتكەن كۆزلىرىنىڭ بىربۇرجىكى بىلەن بۇلۇڭدا تېلىفونىنى قولىدا تۇتقان پېتى روھى چىقىپ كەتكەندەك ئولتۇرغان نىگارغا ئاران قارىيالىغان پولات:

    -خاتىرجەم بولۇڭ، نىگار، سىزنى مەن ھېچكىمگە بوزەك قىلدۇرمايمەن،-دېدى، ئاندىن كەڭ غۇلاچلىرى بىلەن نىگارنى ئاستا قۇچاقلىدى، نىگارنىڭ يۈزى ئۇنىڭ گۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇرغان يۈرىگىگە تەگدى.

    شۇنداق قىلىپ بۇئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ يېقىنلاپ كەتكەنىدى، پولات دائىم نىگارنى ئېلىپ تاغقا ئوينىغىلى چىقاتتى، تېخى نىگارغا خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنى خىياللار قوينىغا غەرق قىلاتتى. بىرقېتىم پولات ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن نىگارنىڭ تۇنجى تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئايرىمخانىسىغا چىقىپ ناخشا ئېيتىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنىدى:

    -چۈنكى مەن چاچلىرى ئۇزۇن ھەم قارا قىزلارنى خىيالىمدىلا قالدى، دەپ ئويلىغانىدىم، شەھەرلەردىغۇ تاپقىلى بولماس بولۇپ كەتتى يۇرتتا،يېزا تەرەپلەردە  بار دېيىلسىمۇ، ئۇلار شەھەرگە ئوقۇشقا كېلىپ ئىككىنچى تەتىل قىلغىچە، ئۇچاچلىرىنى بوياپ، كېسىپ، بۈدرەقىلىپ بولىدۇ، مۇشۇنداق بىر چاچنى كېسىۋېتىپ بۈدرە قىلىش، بوياش مودا بولۇۋاتقان كۈندە، سىزدەك قاپقارا ئۇزۇن چاچلىرىنى ھېچنىمە قىلماي ئاسراپ كەلگەن قىزنى كۆرۈپ راستلا بەك ھەيران قالغان ئىدىم، شۇڭا سىزنىڭ ئۇكۈندىكى تەكلىپىڭىزنى ماڭاكەلگەن ئامەت دەپ بىلىپلا چىققان ئىدىم.

    چىن قەلبىدىن چىققان سەمىمىي سۆزلىرىگە مەست بولغان نىگار بۇنداق ۋاقىتلاردا پولاتنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپ، بەختنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك بولاتتى.

    ناخشا ئېيتىشنى ياقتۇرىدىغان نىگار، قارىماققا مۇزدەك كۆرۈنىدىغان، ئەمماقەلبىدە ۋولقان قاينايدىغان پولاتنى سۆيەتتى.  پولات بولسا نىگارنىڭ قۇندۇزدەك قاپقارا چاچلىرىغا كۆيەتتى.

    4

    ناخشىخانىدىكى ھېلىقى ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، نىگار ئۇ يەرگە ئىككىنچى بارمىدى، پولاتمۇ ئىشتىن بوشىتىۋېتىلدى-دە، مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسسىرتاتسىيىسى ۋە دوكلات ئۇيۇنىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى.

    باھارنىڭ شۇ كۈنلىرىدە نىگار بىلەن پولات بەختنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلەندى. نىگار پولاتنىڭ مەكتىپىدىكى ئاق تېرەك ئورمانلىقىدا پولاتنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلايتتى، نىگار شۇ دەرىجىگە يەتتىكى بەزى كۈنلىرى پولات تېلىفون قىلىپ ئۇنىڭغا ناخشا ئېيتىپ بېرەلمەي قالسا، ئۇ ئۈنگە ئېلىۋالغان ناخشىنى قۇلىقىغا تۇتۇپ ئۇخلايتتى. ئۇ ئۆزىنى، پولاتنىڭ ناخشا ئاۋازىغا ساراڭلارچە كۆنۈپ قالدىم، دەيتتى.

    پولاتمۇ ھەر قېتىم ناخشا ئېيتىپ مەشىق قىلغاندا، نىگارنىڭ قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرىنى بارمىقىغا يۆگەپ تۇرۇپ مەشىق قىلىشقا كۆنگەن ئىدى، ئۇ نىگارنىڭ چاچلىرىدىن چىققان خۇشپۇراقتىن مەس بولىدىغانلىقىنى، شۇ مەستخۇشچىلىقتا ئاجايىپ گۈزەل ئاۋازلار چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى نىگارغا ئېيتقانىدى.

    نىگار پولاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئاۋازى بىلەن جان باقىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇنى ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، دائىم ئۇنىڭ ئاۋاز چىقىرىشىغا پايدىق قىلىدىغان يەرلىك دورىلارنى ياساپ كېلىپ، پولاتنىڭ مەكتىپىگە كېلەتتە-دە، پولاتقا ئۆز قولى بىلەن ئىچىرىۋەتمىگۈچە خاتىرجەم بولمايتتى. پولات ياتاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا پەخىرلەنگەنلىكىدىن بېشى كۆككە يېتەتتى.

    نىگارنىڭ ئۇچىسىدىكى گۈللۈك چىت كۆينەك پولاتنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىشىغا بارغانسېرى يېقىنلاپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.

    مۇزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىدى، نىگار بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ، پولاتقا خىزمەت ئۇقۇشقان بولسىمۇ، ھەممىسى قۇدۇققا چۈشكەن پاقىدەك جىم ئىدى. نىگار ئاخىرى پولاتقا بىر قېتىملىق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى تونۇتۇش پۇرسىتى بېرىش ئۈچۈن، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، شىركەتنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە تەۋەككۈل قىلدى.

    7-ئايدا، پولات ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئايرىلىش ناخشىلىرىنى ئېيتىپ تۇرۇپ، ئانا مەكتىپىدىن ئايرىلدى. نىگار ياتاقتا قالغان پولاتقا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن، ئوغۇللار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئىنتايىن شەرەنداز ياسانغان بىر قىزنىڭ ناز بىلەن پولاتنى قولتۇقلاپ چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن نىگارنىڭ ئىچ-باغرى كۆيگەندەك، ئۈچەيلىرى تارتىشىپ قالغاندەك بولدى. تەپەككۈرى قالايمىقانلىشىپ، مېڭىسى توختاپ قالغان نىگارنىڭ قۇلىقىدا دوستلىرىنىڭ دېگەن سۆزلىرى ياڭرىدى: «ھەدە-ئىنى مۇھەببىتى دۇنيا بويىچە ئاخىرى چىقمايدىغانلىقىنى ئېنىق بولۇپ كەتكەن مۇھەببەت، بۇنىڭغا ئازار تارتىدىغىنى مەڭگۈ شۇ ھەدە ئورنىدىكى قىز بولىدۇ!»

    نىگارنىڭ يۈرىگى ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان مۇزغا ئوخشاش يەرگە تېگىشنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا پۈتۈن سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلەپ يەرگە چۈشۈپ پارە-پارە بولۇپ كەتتى.

    نىگار كەينىگە بۇرۇلۇپ كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي كېتىپ قالدى، كەچتە ئۇنىڭ يانفونى تىترىدى: «مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ!» پولاتنىڭ ئۇچۇرى ئىدى. نىگار قان ئارىلاش ياش ئېقىۋاتقان كۆزلىرى بىردەم يۇمۇپ تۇردى-دە، ئاخىرى ئۇچۇرنى ھەمدە پولاتقا مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىنى يۇيۇپ تاشلىدى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى، ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىگە بولغان تازىلىشى ئىدى.

    5

    گەرچە نىگار چۈشلىرىدە دائىم بىر ئېغىر-بېسىق يىگىتنىڭ ئۆزىنىڭ چاچلىرىنى ئويناپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىمۇ، ئەمما مۇھەببەتتىكى بۇ ئوڭۇشسىزلىق ئۇنى بۇرۇنقى تۇرمۇشىغا زورلاپ قايتۇرۇپ ئەكىلىۋاتاتتى. شۇ ئىش بولۇپ بىر يىلدىن كېيىن، نىگار ئۆيىدىكىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىر ئادەتتىكى خىزمەتچى يىگىت بىلەن توي قىلدى. ئۇ يىگىت ئەلۋەتتە پولاتتەك جەلپ قىلارلىق ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭدەك ناخشا ئېيتالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

    نىگار ئەسلىدە ئۆز تۇرمۇشىنى مۇشۇنداق ئېقىن سۇدەكلا ئۆتىدۇ، ئەمدى چوڭ دولقۇن بولمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەمما بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بەندە بىر نېمە دەپ بولالمايدىغانلىقىنى ئۇ يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدى.

    توي قىلىپ بىر يىل بولغان بولسىمۇ، نىگارنىڭ بويىدا قالمايۋاتاتتى، بۇ كۈنى، ئۇنىڭ يولدىشى نىگارنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا كۆرۈنگىلى كەلدى، نىگارنىڭ تەكشۈرۈشى تۈگىگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش نۆۋىتى يولدىشىغا كەلدى، نىگار يولدىشىنى ساقلىغاچ، كارىدوردا يانفونىنى ئويناپ ئولتۇردى.

    كۆزى تېلىپ كەتكەن نىگار بېشىنى كۆتۈرۈپلا، ئۇدۇلىدىكى ئىشىكتىن چىققان بىر سىماغا كۆزى چۈشتى، شۇنچىلىك تونۇش، شۇنچىلىك سېغىنىشلىق بىر ھېسىىيات ئۇنىڭ كۆز سېزىمى بىلەن يۈرىگىگە باردى.

    راست شۇ ئىدى! نىگار بېشىنى قانداق تېز كۆتۈرگەن بولسا، يەنە شۇنداق تېز چۈشۈردى-دە، پولاتنىڭ ئۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ بارغانسېرى يىراقلاۋاتقان سىماسىغا يەر ئاستىدىن كۆز يۈگۈرتتى. پولات چىققان تەكشۈرتۈش ئۆيى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىراپ-سالدىراپ ماڭغان ھالىتىدىن نىگارنىڭ كۆڭلىگە تۇيۇقسىزلا «ئەيدىز» دېگەن ئۇقۇم كېلىپ قالدى.

    سەل ئۆتكەندىن كېيىن نىگار ئۆزىنى تۇتۇۋالدى، كۆڭلىدە بۇ ئىشنىڭ تەكتىنى چوقۇم سۈرۈشتۈرىمەن، دەپ ئويلىدى. پولاتنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكى يوق، ئۇنىڭ دائىملىق پائالىيەت قىلىدىغان ئورۇنلىرىدىن شۇنداق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە كەچلىك بەزمىخانىلارىڭلا بارلىقىنى ئويلىغان نىگار ۋاقىت چىقىرىپ بېرىپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگىنىدە، ئۇنىڭ دوستلىرى تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭغا، پولاتنى يېقىن ئەتراپتىكى بىر كۆڭۈل ئېچىش بەزمىخانىسىدا كۆرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساراڭلارچە ئۇيۇن قويۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭغا قاراپ ئۇنىڭغا چوقۇم بىرەر ئىش بولغانلىقىنى پەرەز قىلىشقانلىقىنى ئېيتىشتى.

    نىگار شۇ كۈنىلا دوستلىرى دېگەن يەرگە باردى، تۈگۈشۈپلا كەتكەن پولاتنى كۆرۈپ كۆڭلى غەش بولدى. شۇنچە ئىككىلىنىشلەر ئىچىدە تۇرسىمۇ يۈرىگى يەنە بىر قېتىم پولات ئۈچۈن مۇجۇپ ئاغرىدى. ئەمما پولاتنىڭ ھازىرقى ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن، ساراڭدەك ھالىتىغا چىدىيالمىدى-دە، سەھنىگە چىققىنىچە پولاتنى نەچچە تەستەك سېلىۋەتتى، نىگار كۆڭلىدە شۇنداق قىلىپ پولاتنى سەل سەگىتكەندىن كېيىن، ئەيدىزنىڭ ئىشىنى سوراشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، پولات ئالدىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان نىگارغا سېكونت تىكىلىپ قالدى، ئاندىن مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، مۇزىكىچى بالىغا مۇزىكا! دەپ ۋارقىرىدى-دە، يەنە داۋاملىق جان تىككەندەك ناخشا ئېيتىشقا چۈشۈپ كەتتى.

    نىگار سەھنىدىن چۈشكىنىچە يىغلاپ سىرتقا يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى، ئۇ كۆڭلىدە، پولات ھېچ بولمىغاندا كەينىمدىن قوغلاپ كېلىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما نىگار شۇ يىغلىغىنىچە ئۆيگە مېڭىپ قايتىپ كېلىپمۇ، پولاتنىڭ سايىسىنى كۆرمىدى، نىگار يەنە بىر قېتىم يەكۈنلىدى، پولات سۆيىدىغان كىشى ھەرگىزمۇ مەن ئەمەس!

    نەچچە كۈن ئۆتۈپ، نىگار ئۆزىنى ھەممىنى بۇرۇنقىدەك ئۇنتۇپ كېتىشكە كۆندۈرۈۋاتقان كۈنلەردە، ئۇنىڭ بىر دوستى پولاتنىڭ ئۇنىڭغا يازغان بىر پارچە خېتىنى ئېلىپ كەلدى:

    «نىگارىم، ھېلىقى كۈنى مەن دوختۇرخانىدا سىزنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭنى غۇۋا كۆرگەندەك قىلىپ قالدىم، ئەمما مېنىڭ سىز بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشكىدەك ماجالىم بولمىغاچ، ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىپ كەتتىم. سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان شۇ ۋاقىتتا، دادام تۇيۇقسىزلا مېڭە پاراللېچ بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا ئەلۋەتتە كۆپ پۇل كېتەتتى، ھېلىقى قىز مېنىڭ ساۋاقدىشىم، شۇنداقلا بۇ شەھەردىكى داڭلىق باينىڭ قىزى بولغاچقا، 300 مىڭ يۈەنگە ئۇنىڭ بىلەن تويلاشتىم. شۇ كۈنى مەن قەستەنگە شۇ قىز بىلەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا پەيدا بولۇپ، سىزنى مەندەك بىر ئىپلاستىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلغانىدىم.

    شۇ كۈنى كەچتىلا ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يۇرتقا يولغا چىقتۇق، ئۇ ماشىنا ھەيدىدى، مەن يېنىدا ئولتۇرۇپ سىزگە ئۇچۇر يوللاپ ھەممىنى دەي دەپ تۇرۇشۇمغا، ئۇ يانفونۇمنى قولۇمدىن تاتىۋالدى-دە، ئۆزى بىر ئۇچۇرنى يوللاپلا يانفوننى دېرىزىدىن سىرتقا تاشلىۋەتتى، شۇنداق قىلىپ مېنىڭ سىز بىلەن بولغان ئالاقەم پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى.

    ئەمما دادام كېسەلنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىدى، ئېنىقكى، ماڭا ھېچنىمىنىڭ كېرىكى قالمىغانىدى، سىزدىن باشقا! مەن كېلىپ سىزنى ئىزدىدىم.... ئەمما سىز ئاللىبۇرۇنلا.... شۇنىڭ بىلەن مەن قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، كېچىلىك بەزمىخانىلارنىڭ سەھنىلىرىدىكى تۇرمۇشۇمنى باشلىۋەتتىم، ھەركۈنى نەچچە ئورۇندا قاتناپ يۈرۈپ ئىشلىدىم، ئەلۋەتتە، پۇل تېپىش ئۈچۈن كىشىلەر تۇتقان ھاراقتىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچمايتتىم، شۇنداق يۈرۈپ بىركۈنى غىرق مەس ھالدا، دائىم كېلىپ ناخشامنى ئاڭلايدىغان بىر ئايال بىلەن بىللە بولۇپ قالدىم. ھېلىقى ئايالنىڭ ماڭا كۆڭلى بارلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما ئۇنداق ئايال..... شۇ گۇمانىمدا دوختۇرخانىغا باردىم. ھېلىمۇ ياخشى باشقا ئىش يوق ئىكەن.

    مەن بىلىمەن، سىز ھازىر تولىمۇ بەختلىك، مۇشۇ تۇرمۇشىڭىزنى قەدىرلەڭ، ئەمدى مېنى ئىزلىمەڭ، مەن باشقا شەھەرگە كېتىمەن. ئىلگىرى سىزنىڭ چېچىڭىزنى كېسىۋالغىنىم ئېسىڭىزدىمۇ؟ نىگار. شۇ چاچ ھېلىھەم كىتابىم ئارىسىدا بار، سىزنى سېغىنسام، سىزنى پۇرىغىم كەلسە شۇ چاچنى ئېلىپ پۇرايمەن، شۇ چاچقا ناخشا ئېيتىپ بېرىمەن. شۇ ناخشىلىرىمنى سىزنىڭ چاچلىرىڭىز ئارقىلىق قۇلىقىڭىزغا يېتىپ بارىدىغاندەك ھېس قىلىمەن.

    .........»

    ئوقۇپ، ئوقۇپ نىگارنىڭ پۇشايمانلىق كۆز ياشلىرى قەغەزنى ھۆل قىلدى.

    شۇنىڭدىن ئېتىبارەن نىگار ئۇزۇن چاچلىرىنى كەستى، پولاتنىڭ ناخشىلىرىنى غىڭشىماس بولدى، ئۇنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى پولاتنىڭ ناخشىسىغا ئەگىشىپ شامالدا ئۇچۇپ كەتتى.

    يۇسران

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : نىگار , چاچ , ناخشا , پولات
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-9-30 15:50:17
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 930
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证