تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سىز ئېلىپ كەلگەن باھار

     

     



     

    سەن ئېلىپ كەلگەن باھار

    1

    توردا پاراڭلىشىش جەريانىدا ئابىدە ئۆزىنىڭ قارگۈلى ئورمىنىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئېلدانغا ئېيتتى. ئېلداننىڭ بۇ يەر ئىسمىنى يېقىملىق گۈزەل ئىسىمكەن دەپ ماختىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئېلدانە كۈلۈپ قويدى-دە:

    -بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ خىيالىڭىزغا گۈللەر ئېچىلغان، دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان باغ-بوستانلار كەلدى، ھەقىچان؟

    ياق، دېدى ئېلدان، ئۇ ئۆزىنىڭ خىيالىغا شاخلىرىدا گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن دەرەخلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى دېدى.

    راستلا ئويلاپ باقمىغانلا بىر تەسەۋۋۇر. ئابىدە يەنە كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇنداق كۈلمىگىنىگە خېلى بىر زامانلار بولغان ئىدى.

    ئەمەلىيەتتە، ئابىدە ياخشى نام-ئىسىملارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەملەردىن ئىدى. بولمىسا ئۇ ھېلىقى ئادەملىرى سوغ شەھەرنىڭ تېنچلىق يولىدا تۇرماس بولغىيتتى.

    تېنچلىق يولى، نېمىدىگەن ياخشى ئىسىم-ھە؟! ئابىدە شۇ يەردە بىر يىل تۇردى.

    ئەمما، شۇ يەردىكى كىشىلەر راستلا  تېنچ-ئامان ئۆتەمدىغاندۇ؟ بۇنىسى ناتايىن.

    ئابىدە ئۇچرىغان شۇ قېتىملىق ماشىنا ھادىسىسى قاردىن كېيىنكى بىر سەھەردە يۈز بەرگەن ئىدى. شۇ يىلى قىش، ئۇ يول بويىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان كىچىك-كىچىك قار دۆۋىلىرىنى  ئاۋايلاپ دەسسەپ كېتىپ بارغاندا، كەينىدىن كەلگەن قارا رەڭلىك پىكاپ يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كېتىۋاتقان ئابىدەنىڭ كەينىدىن ئۇرۇۋەتتى، ئابىدە يەرگە يىقىلدى، نېرىپلىرى ئاغرىقنى سېزىپ بولغۇچە ئۇ سېزىمىنى يوقاتتى.

    ئابىدە ھۇشىغا كەلگەندە سول پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى. ئەركىن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى، ئاپىسى توختىماي كۆز يېشى قىلىۋاتاتتى. دادىسىنىڭ كۆزلىرىدىن قەھىر-غەزەپ، مېھرى-مۇھەببەت، ئىچ ئاغرىتىش، غەم-قايغۇلار تۆكۈلۈپ تۇراتتى.

    يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇ يالغان پۇت بىلەن ئۆرە تۇرۇپ ماڭالايدىغان بولدى، ئەمما ئەركىن ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. ئابىدە ئەركىننى ئەيىبلەشكە مادارى يېتىشمەي قالدى، چۈنكى ئۇنىڭ مېيىپ بەدىنى ئەركىندىكى مۇكەممەللىككە ماس كەلمەي قالغانىدى. ئەركىننىڭ كېتىپ قېلىشىدا ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بار، دەپ بىلدى ئابىدە.

    ئابىدە يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. ئەمما ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ كۈندىلا ئېچىلماي، ئاھ ئۇرۇپ تۇرىدىغان شۇ ئەيىبلەش، شۈكرىسىزلىك، ئاغرىنىش ئارىلىشىپ كەتكەن چىرايلىرىغا كۈندە قاراپ ئولتۇرۇشتىن ئىچى سىقىلىپ، كۆچۈپ چىقتى-دە، قارگۈلى ئورمىنى  مەھەللە رايونىدىكى بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالدى، ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ھەجۋىي رەسىم سىزىشنى ئۆگەندى، بۇ ئۇنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ئارزۇ قىلىدىغان قىزىقىشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى سېستىمىلىق ئۆگىنىپ باقمىغانىدى. دائىملا ئۆزىنىڭ تەبىئي تالانتىغا تايىنىپ ئانچە-مۇنچە سىزىپ قوياتتى. ئاندىن ئۆزىنىڭ تور  بېتىگە قويۇپ،  باشقىلارنىڭ ماختاشلىرىنى ئاڭلاشنى ياقتۇراتتى. ھازىر، ئۆزى ئېرىشكەن تۆلەم پۇلى ئارقىلىق، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قىزىقىشىنى قايتىدىن سېستىمىلىق ئۆگۈنۈشنى پىلانلاپ، شۇ يەردىكى ھەجۋىي كارتون رەسىم تەربىيىلەش سىنىپىغا تىزىمغا ئالدۇردى.

    بەختسىزلىك ھەر دائىم كىشىلەر ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك دەپ ھېس قىلغان ۋاقتىدا يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنىڭ تور بېكىتىنىڭ نامىنى تېنچ تار كوچا، دەپ قويدى. ئۇ ئۆيى بىلەن تەربىيىلەش سىنىپىنىڭ ئارىلىقىدىكى شۇ بىر كىچىككىنە تار يولدىنمۇ ئىنتيايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆتەتتى، ماشىنىلار كېلىپ تۇرغان شۇ چوڭ كوچىلارغا قاراشتىمۇ يۈرىگى ئاغرىيتتى.

    2

      

    ئېلدان بولسا، ئابىدەنىڭ ئىلگىرىكى يەنى ھادىسىگە يولۇقماستىن ئىلگىرىكى ھېلىقى شىركىتىگە يېڭى كەلگەن خىزمەتچى ئىدى. ئېلدان خىزمەتكە چۈشۈشىگىلا ئەمدىلا شىركەتتىن ئايرىلغان ئابىدەنىڭ كومپىيوتېرى بۆلۈپ بېرىلگەن ئىدى. ئەمما كومپىيوتېرغا مەخپىي شىفىر سېلىنغاچقا، ئېلدان ئابىدەگە تېلىفون قىلىپ شىفىرنى سورىغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدى.

    بىرىنچى قېتىملىق تېلىفون خىزمەت تاپشۇرۇۋېلىش ۋە خىزمەت تاپشۇرۇش قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن قىلىنغان ئىدى. ئىككىنچى قېتىملىق تېلىفون بولسا، ئېلدان كومپىيوتېردىكى ئابىدە سىزغان ھەجۋىي رەسىملەرنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىش ئۈچۈن ئابىدەگە قىلغان ئىدى.

    ئېلدان ئابىدەدىن ئۇنىڭ چ چ سىنى سوراپ ئالدى-دە، ئابىدەگە ئۆزى سىزغان رەسىملەرنى ئەۋەتىپ بەردى. ئۇ بۇنى پىكىر ئالماشتۇرۇش دەپ ئاتىدى. بۇ ئابىدەنى تۇيۇقسىزلا خوشاللىق ئىچىگە ئېلىپ كىردى ــــ چۈنكى ئابىدە ئېلداننىڭمۇ رەسىم سىزىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلدان رەسىمنى ئۇنىڭغا قارىغاندا خېلى ئوبدانلا سىزاتتى. ئابىدە كېيىن ئۇنىڭ سەنئەت مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىتنى پۈتتۈرگەنلىكى ھەمدە ئىلگىرى كىيىم لايىھىلىگۈچى بولغانلىقىنى، ھازىر شىركەتە سەنئەت تېخنىكا يېتەكچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى.

    ئابىدە ئۆزىنىڭ ئۇ شەھەردىن ئايرىلىپ كېتىپ، يەنە شۇ شەھەردىكى ئېلدان بىلەن تونۇشۇپ، ياخشى دوست بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. ئىككىسى كومپىيوتىردا ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان شەھەر توغۇرلۇق سۆزلىشەتتى. ئېلدان ھەر قېتىم ئابىدەدىن ئۇ تۇرۇۋاتقان قارگۈلى ئورمىنى رايونى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشنى ئۆتۈنەتتى.

    ئابىدە ئۆزى بىلەن مۇشۇ تېمىلار توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، پىكىرلىشىدىغان بىرىنىڭ بولغانلىقىدىن بەك خۇشال ئىدى. ئۇ ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بارغانسېرى جىمغۇر بولۇپ كەتتى، ئۇ يۈگۈرەلمەيتتى، سەكرەپ-تاقلىيالمايتتى، يول مېڭىشنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن ئازابلىق ئىش ئىدى. ئەمما، ئېلداننىڭ پەيدا بولۇشى، يەنى ئېلداننىڭ دائىملا ئابىدە تۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ مەنزىرە رايونلىرىدىن بىرى بولغان قارگۈلى ئورمىنى رايونىنىڭ ئىنچىكە مەنزىرىلىرىنى سوراپ تۇرۇۋېلىشى سەۋەبلىك، ئۇ بۇ مەنزىرە رايونىنى سەيلە قىلىشنى ياقتۇرۇپ قالدى، ئۇ بوينىغا بىر رەقەملىك ئاپپاراتتىن بىر ئېسىپ، بۇ مەنزىرە رايونىدىكى ھەربىر كىچىك كارتىنىلارنى سۈرەتكە تارتتى، دەرەخ تۈۋىدە ئۆتكەن-كەچكەنگە قاراپ ياتقان سېرىق ئىت بولامدۇ، دەز كەتكەن كىچىك تەشتەكلەردە ئەمدىلا ئېچىلغان كىچىك گۈللەر بولامدۇ ۋە ياكى سېرىق خازانلارغا تولغان باغچا يولى بولامدۇ، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەسىمگە تارتاتتى. ئاندىن بۇلارنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىگە چىقىرىپ، ئېلداننىڭ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلاتتى.

    -سىزنىڭ كۈنلىرىڭىز شۇنچە غېرىبمۇ؟-دېدى بىر كۈنى ئېلدان توردا پاراڭلىشىۋېتىپ.

    -قانداق دەيسىز؟

    -سىزنىڭ تارتقان سۈرەتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى تېنچ تۇرغان، يالغۇز، يىگانە شەيئىيلەر ئىكەن. سىزغان رەسىملىرىڭىزمۇ ئادەملەرنىڭ يان كۆرۈنۈشىلا بولۇپ قالماستىن، ئۇلارنى ئۆزىڭىزدىن يىراق ھالەتتە تۇرغۇزۇپ سىزىدىكەنسىز، مۇشۇلار ئارقىلىق مەن سىزنىڭ قەلبىڭىزنىڭ ئىنتايىن غېرىن ئىكەنلىكىنى، كىشىلەر بىلەن مەلۇم ئارىلىق ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىم.

    ئابىدەنىڭ يۈرىگىگە زىڭڭىدە كىرىپ ئاغرىق كىرىپ كەتتى.

    -شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى، مەنچە سىز ئۇ سايىدىن قايتىپ چىقىپ كەتسىڭىز بولاتتى.-دېدى ئېلدان.

    ئېلدان ئابىدەنىڭ بۇ شەھەردە يولۇققان بەختسىزلىكىنى بىلەتتى. ئۇ بۇنى شىركەتتىكى خىزمەتداشلىرىدىن ئاڭلىغانىدى.

    -بەزى جايلارنى سىز تاشلاپ كەتسىڭىزمۇ، ئەمما ئۇ يەردە سىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھېكايىڭىز قېلىپ قالىدۇ، مانا شۇنىڭ ئۆزى ھاياتكەن،-ئابىدە ئۇھسىنىپ دېدى.

    -ھاياتنىڭ ھەربىر بۆلىكىنىڭ ئۆزىگە خاس مەنىسى بولىدۇ،-دەپ ئۇھسىندى ئېلدانمۇ.

    تور مۇشۇنداق ئۇھسىنىپ خۇرسىنىپ پاراڭلىشىدىغان ئەڭ ياخشى يەر.

     

    3

    پەيشەنبە كۈنى ئابىدە مەۋسۈملۈك ئىمتىھانىنى تۈگۈتۈپ، ئىشىكتىن چىقىشىغىلا  قار يېغىشقا باشلىدى. يولنىڭ تېيىلغاق بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئابىدە ئادەتتىكىدىنمۇ بەك ئاۋايلاپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز تېلىفون كەلدى، تېلىفوننى ئەركىن ئۇرغانىدى. ئەركىن ئۇنىڭغا ھاۋانىڭ سوۋۇپ كەتكەچكە، ھال ئەھۋال سوراپ تېلىفون قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

    ئابىدە چەكسىز ھەيران قېلىپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى، ئەركىن ئەسلىدە ئۇنى شۇنداق ئەسلەپ تۇرۇۋاتقانىكەن-دە! ئەمما، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ نېمىدەپ مېنى تاشلاپ كېتىدۇ؟

    ئەركىن ئابىدەگە ھازىر ئۆزىنىڭ ئىنتايىن پۇشايمان قىلغانلىقى، ئابىدەنىڭ ئۆزىنى كەچۈرۈشىنى سورايدىغانلىقىنى، پەقەت ئابىدە ئۇنى ئەپۇ قىلىشنى خالىسىلا، ئۆزىنىڭ ھازىرلا ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى، مەڭگۈ ئابىدەگە ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    قار گۈللىرى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى، ئۇچقانداۋاتقاندەك كۆرۈنگەن قار ئۇچقۇنلىرى كوچا چىراغلىرى ئاستىدا تەرتىپسىز، قالايمىغان كۆرۈنەتتى. ئابىدەنىڭ مېڭىسى، خخيالى، يۈرىگىمۇ شۇنداق قالايمىقان ئىدى:

    -كەچۈرۈڭ، مېنىڭ ھازىر بۇ توغرىسىدا سۆزلەشكۈم يوق،-دېدى ئابىدە تۆۋەن ئاۋازدا.

    تېلىفوننى قويۇۋېتپ، ئابىدە بەدەنلىرى جۇغۇلداپ مۇزلاۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ئىلگىرى ئۆزى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىپ تەقەززا بولغان شۇ ئىش راستىنلا يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، ئۇ ئىشنىڭ بەكمۇ خۇشاللىق ئىش ئەمەسلىكىنى ۋە ياكى ئۇ ئىشنىڭ خۇشال بولۇشقا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى. مۇبادا ئابىدە ئەركىننىڭ بۇنداق تېلىفونىنى بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن تاپشۇرۇۋالغان بولسا، ئۇ چوقۇم خۇشاللىقىدىن يىغلاپ تۇرۇپ، ئەركىننىڭ ئۆز يېنىغا قايتىپ كېلىشىنى ئېيتقان بولاتتى. ئەمما، ئۈچ ئايدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بۇنداق بولۇشنى خالىماي قالدى.

    چۈنكى ئۇ ئەركىننىڭ ئۆزىگە تېلىفون قىلىشىنىڭ مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى  بىلەتتى. بىرى، ئەركىن ھازىرقى قىز دوستى بىلەن سوقۇشۇپ، ماي تارتىشىپ قالغان بولۇشى، يەنە بىرى، بەلكىم بۈگۈن ئۇ كۆپرەك ئىچىۋالغان بولۇشى، ياكى بولمىسا قىش كىرىپ ھاۋا سوۋىغان بولغاچقا، ئەركىننىڭ كىيگەن كۆپ ساندىكى پوفايكا ۋە شارپىلىرىنى ئابىدە ئۆز قولى بىلەن توقۇپ بەرگەن بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۇ ئابىدەنى سېغىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، بۇ ئەر كىشى راستلا پۇشايمان قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

    ئابىدەنىڭ بۇلارنى سۈرۈشتۈرگۈسى كەلمىدى.

    ئۇ ئىشلارغا ئىككى يىل بولدى، ئابىدەنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ، ئەركىننىڭ ئايرىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغىنىغا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئابىدەنىڭ قار-يامغۇر يىغلاپ، كېچە-كېچە ئۇخلىماي، ئورۇقلاپ قۇرۇق قاخشالدەك بولۇپ قالغىنىغا ئىككى يىل بولغانىدى. ئەمما بۇ ئىككى يىل جەريانىدا ئابىدەمۇ ئاستا-ئاستا بۇ ئازابنىڭ قوينىدىن قۇتۇلۇپ،  بەزى ئىشلارنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەقدىر-پىشانە دەپ بىلىپ، بۇ رېئاللىقنى قۇبۇل قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

    شۇنداقتىمۇ، ئۇ ھەردائىم ئۆزىنى يارىلانغان بىر قۇشتەك، بىچارە يىگانە قۇشتەك ھېس قىلاتتى. بارلىق تاغنى تالقان، باغنى بوستان قىلىدىغان ۋەدە-قەسەملەر، تۇرمۇشتىكى ئۆزگۈرۈشلەر ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەچكە، بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق بىر ئەركەك زاتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ بولۇپ قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇراتتى.

    ئالدىنقى ھەپتىنىڭ دەم ئېلىش كۈنى، قاچا يۇيىدىغان سۇ ئورنى توسۇلۇپ قالدى، ئابىدە يەرگە گېزىتتىن نەچچىنى يېيىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە يېتىپ تۇرۇپ، تۇربىدىن چۈشكەن سۇنىڭ نېمىگە شۇنداق توسۇلۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ شۇ پېليونكا تۇربىنىڭ ئىچىدىكى شۇ لاتقىلارنىڭ ئاجىز ئېقىۋاتقان سۇلارنى توسۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى-دە، ئىككىلا سۇ تۇربىسىنىڭ سۈيىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئېچىۋەتتى. ئېتىلىپ چىققان سۇلار تۇرۇبا ئىچىدىكى توسالغۇ لاتقىلارنى بىراقلا سۈپۈرۈپ چۈشۈپ كەتتى. ئابىدە گەرچە چارچىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن بىرخىل ئۆزگىچە غەلبىنىڭ لەززىتىنى تېتىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تور بېتىگە، مۇبادا بىر ئايال ئۆز ئۆيىنىڭ توسۇلۇپ قالغان تۇرۇبىسىنىمۇ ئوڭشىيالىسا، ئۇنداقتا بۇ ئايالغا ئەرنىڭ نېمە كېرىكى؟! دەپ يازدى.

    ئېلدانمۇ دەل ئۇنىڭ مۇشۇ يازمىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ شۇ غېرىبلىقى ۋە سوغۇقلىقىنى ئېچىپ تاشلىغانىدى. ئابىدەگە شۇ ئايان ئىدىكى، ئېلداننىڭ قىلغىنى توغرا ئىدى.

     

    4

    يەنە يېرىم يىلدىن كېيىن ئابىدە ئوقۇشنى پۈتتۈرەتتى. ئۇ يەنىلا توردا ئېلدان  بىلەن سەنئەت مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق چىقىش يولىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشەتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، رەسىم كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىر بولسا ئوقۇش پۈتتۈرۈگەندىن كېيىنمۇ توختىماي رەسىم سىزىشى، تاكى ئۇلار سىزغان رەسىملەر كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى تارتىپ، مۇئەييەن ساندىكى قىممەت ياراتقۇچە سىزىشى كېرەك؛ ياكى بولمىسا، ئۆز ئالدىغا شىركەت ئېچىپ، ئېلان ياكى لايىھىلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك ئىدى.

    -مېنىڭ رەسىم سىزغۇم،ھەجۋىي رەسىم سىزغۇم بار،-دېدى ئابىدە.

    -ئۇنداق قىلىمەن دەيدىكەنسىز، سىزنىڭ چوقۇم ئالاھىدە تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىڭىز بولۇشى ۋە ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ھېكايىڭىز بولۇشى كېرەك،-دېدى ئېلدان،- شۇنىڭ ئۈچۈن سىز سىرتقا چىقىپ تۇرمۇشنى كۆرۈشىڭىز، ھېكايە توپلىشىڭىز كېرەك.

    -مەن ھەركۈنى سىرتقا چىقىمەن،-دېدى ئابىدە كۈلۈپ كېتىپ.

    -سىز چوقۇم يىراقراق مېڭىشىڭىز، كۆپرەك كۆرۈشىڭىز كېرەك

    -ئۇنداقتا، قانچىلىك ئۇزۇن ماڭسام، يىراق ماڭغان بولىمەن؟

    -مەسىلەن، باشقا بىر شەھەرگە، باشقا بىر دۆلەتكە بېرىشىڭىز، يېڭى بولغان مۇھەببەتنى سىناپ كۆرۈشىڭىز كېرەك!

    ئەمەلىيەتتە، ئېلداننىڭ سۆزىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسىدە ئىدى، بۇنىسى ئابىدەگە ئايان ئىدى.

    بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن، ئېلدان روسىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيىنىڭ بارلىقىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئۆگىنىدىغىنى ماي بوياق رەسىم ئىكەنلىكىنى، روسىيە دۆلىتىنىڭمۇ دەل مۇشۇنداق ئەنئەنىۋىي رەسىم سىزىش ئۇسۇللىرىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئەڭ ياخشى ماي بوياق ئۇستىلىرىنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئابىدەدىن سورىغانىدى:

    -مەن بىلەن بىللە بېرىشنى خالامسىز؟

    ئابىدەگە ئېنىقكى، ئېلداننىڭ بۇ سورىشىدا ئالاھىدە بىر مەقسەت بار ئىدى.

    ئابىدەنىڭ كاللىسىدا بىرىنچى بولۇپ ئويلىغىنى بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئەلۋەتتە بۇ مۇمكىن  بولمايدىغان ئىش ئىدى. بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى، تۇرمۇش پۇلى قاتارلىقلارنى يىغقاندا ئون-يىگىرمە تۈمەن كېتەتتى، ئېنىقكى، بۇ پۇللارنى ئابىدە چىقىرىپ  بولالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ قىزىقىدىغىنى ھەجۋىي رەسىم، بۇ جەھەتتە ياپونىيە ياكى كورىيە ئەڭ ياخشى تاللاش ئىدى.

    -مەن پەقەت سىزنىڭ بۇنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىڭىزنى سوراۋاتىمەن، خالاش-خالىماسلىق ئۇ بىر پوزىتسىيە خالاس،-دېدى ئېلدان.

    -مەن..... خالايدىغاندىمەن ئەمدى...

    ئابىدە مۇشۇنداقراق جاۋاب قىلدى. ئۇنىڭ پوزىتسىيىسىمۇ دەماللىققا خۇنۇكلىشىپ كەتتى. گەرچە ئېلداننىڭ ئالدىدا بارغانسېرى ئازادە-ئەركىن، سەمىمىي بولۇپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئېلداننىڭ ئۇنداق يوشۇرۇن پۇرىتىپ ئۆتۈشىگە ئابىدە ئۇنداق جۈرئەتلىك بولالمىدى.

     

    5

    ئىككىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ھەممە كىشى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ئۈچۈن ئالدىراش يۈرگەن ھارپا ئاخشىمى ئابىدە مۇزلىغاندەك بولدى، پارۋايغا قولىنى شۇنچە تۇتسىمۇ ۋۇجۇدى ئىسسىمايۋاتاتتى، ئابىدە توك پارۋاينى ئېلىپ توكقا چېتىشىغىلا، بىخەتەرلىك سىمى چۈشۈپ كېتىپ، ئۆينىڭ ئىچى قاپقاراڭغۇ  بولۇپ كەتتى، ئابىدە ئاستا كارىدورغا چىقىپ، بىخەتەرلىك توك توسما تاختىسى ئۈستىگە تارتتى، ئەمما ئەمدىلا چىققان توك توسما تاختىسى يەنە چۈشۈپ كەتتى، نەچچە قېتىم شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئابىدە ئامالسىز خوجىلىق شىركىتىگە تېلىفون قىلدى. خوجىلىق شىركىتىنىڭ خادىمى خېلى ئۆتكەندىن كېيىن ئاران كەلدى.

    -شۇنداق ئاددى ئىشقۇ؟ شۇنىمۇ قىلالمىدىڭىزمۇ؟-دېدى ھېلىقى قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان رېمونتچى بالا.

    -مەن سىز دېگەندەك قىلدىم، ئەمما يەنىلا بولمىدى،-دېدى ئابىدە

    -قانداق قىلغانىدىڭىز؟ يەنە بىر قىلىپ كۆرسىتىپ بېقىڭە قېنى؟

    ئابىدە بۇ بالىغا ئۆزىنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

    -قاراڭە سىزنى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش كونۇپكىسىنى باسمىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟-دېدى ھېلىقى بالا، قولى بىلەن توسما تاختىسىنىڭ يېنىدىكى كىچىككىنە قارا رەڭلىك كونۇپكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. ئۇ بالا سۆزىنى تۈگۈتۈپلا ھېلىقى قارا رەڭلىك كۇنۇپكىنى باستى-دە، ئاندىن توك توسما تاختىسىنى ئۈستىگە كۆتۈردى، دېگەندەك ئۆينىڭ ئىچى لاپپىدە يورۇپ كەتتى.

    ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۇنۇپكىسى. ئابىدە بۇنى ئېسىدە چىڭ تۇرۇۋالدى.

    مۇبادا  سىز ئەسلىگە كەلتۈرۈش كونۇپكىڭىز ئارقىلىق ئەسلىگە كەلمەيدىكەنسىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ قايتلاۋاتقىنىڭىز ئۆتمۈشتىكى كونا خاتالىقلار بولىدىكەن، پەقەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېينلا، ئاندىن ھەممىنى باشتىن يېڭى باشلىغىلى بولىدىكەن. ئۇنداقتا، مۇھەببەتمۇ شۇنداق بولامدىغاندۇ؟

    شۇ كۈنى كەچتە ئابىدە ئۆزىنى خۇددى توك توسما تاختىسى چۈشۈپ كەتكەندەك، يۈرىگىنىڭ بولسا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كوبۇپكىسى بېسىلىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق يېپيېڭى بولغان مۇھەببەتنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەكلىكىدەك تۇيغۇغا كەلدى.

     

    6

    تۆتىنچى ئاينىڭ بىر كۈنى، ئېلدان تۇيۇقسىزلا ئابىدەنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالدى.  ئەسلىدە ئېلدان لايىھىيلىگەن بىر ئېلان ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئابىدە تۇرۇشلۇق شەھەردىكى گۈزەل-سەنئەت ئورنىغا مۇكاپاتىنى ئالغىلى كەلگەنىدى. ئېلداننىڭ بۇنداق تۇيۇقسىزلا كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇپ قېلىشى، ئابىدەنى ھەم ھەيران ھەم خۇشال قىلىۋەتتى.

    ئېلدان ئابىدەنىڭ ئۆزىنى بۇ قارگۈلى ئورمىنى رايونىنى سەيلە قىلدۇرۇشنى ئۆتۈندى.  ئابىدە بىلەن ئېلدان ئىككىسى قارگۈلى ئورمىنى مەھەللىسىدىكى شۇ ئۇزۇن، تار چېغىر يوللاردا ئاستا مېڭىشتى، ئېلدان يول بويى سۈرەتكە تارتىپ ماڭدى. شۇندىلا ئۇ چەكسىز ھەيران قېلىپ، بۇ قارگۈلى ئورمىنى مەھەللىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر ئاجايىپ يەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. جاي نامىنىڭلا گۈلدەك بولۇپ قالماي، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەربىرى ئاھالىنىڭ  كونا، قەدىمىي ئاھالىلەردىن ئىكەنلىكىنى، ھەممە يەر گۈل تۇرسىمۇ، ئەمما بۇيەرنى يەنىلا ئورمان دەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ چەكسىز ھاياجانلاندى. نېمە ئۈچۈن؟ نېمە ئۈچۈن؟

    ئابىدە كۈلۈپ كەتتى.

    -دېڭىز ئېتى دېگەن ھايۋانمۇ ئات ئەمەسقۇ؟ مۈشۈكئېيىقمۇ مۈشۈك ئەمەسقۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاشلا بۇمۇ ئىنتايىن نورمالغۇ؟! نۇرغۇنلىغان شەيئىلەرنىڭ نامىمۇ ئۆزىگە ماس كەلمىگەن، نۇرغۇنلىغان تەپەككۈر ئويلارمۇ رېئاللىققا ماس ئەمەسقۇ، نۇرغۇنلىغان مۇھەببەت ھېكايىلىرىمۇ ئۇنداق مۇقەددەس ئەمەسقۇ؟!

    ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملىنى ئابىدەنىڭ دېگۈسى يوق ئىدى، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئېغىزىدىن شۇنداق چىقىپ كېتىپ قالدى. ئۇ شۇ سۆزنى دەۋاتقىنىدا كاللىسىدىن ئەركىن لاپ قىلىپ ئۆتكەندەك بولدى.

    -سىز يەنىلا قورقۇۋاتامسىز؟-سورىدى ئېلدان كۈلۈپ كېتىپ.

    ئابىدە سۆز قىلمىدى.

    -بۇياققا كېلىڭە، مەن سىزگە ھەقىقىي قار گۈلىنى كۆرسىتىپ قوياي.

    ئېلدان قولىدىكى ئاپپاراتنىڭ ئىچىدىكى «قار گۈلى» دەپ ناملانغان بىر ھۆججەتنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە سۈرەتنى ئاچتى.

    -بۇلارنى مەخسۇس سىز ئۈچۈن ساقلىغان ئىدىم.

    بىرىنچى پارچە سۈرەتتە توغرىسى ۋە ئۇزۇنسىغا قالايمىقان ئۆتۈشۈپ كەتكەن، نېمە دەرەخنىڭ شېخى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان قارا رەڭلىك دەرەخ شاخلىرى ئۈستىدە، ئۇيەر-بۇ يېرىدە دۆۋىلىشىپ تۇرغان ئاپئاق قارلار، خۇددى ھېلىلا ئېچىلغان قارا رەڭلىك گۈللەرگە ئوخشايتتى.

    -مانا بۇ مېنىڭ نەزىرىمدىكى قارگۈلى ئورمىنى،-دېدى ئېلدان.

    ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككىنچى پارچە سۈرەتتە بولسا، ئابىدەنىڭ كۆزىگە يېشىللىققا تولغان، يېڭىدىن چىقىۋاتقان يېپيېشىل يۇمران يۇپۇرماقلار كۆرۈندى.

    شاخلارنىڭ تۈزۈلۈشى، ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن بۇ ئىككى پارچە سۈرەتنىڭ بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئوخشاش بىر يېرىدىن، ئوخشاش بىر نۇقتىدا تۇرۇپ تارتىلغانلىقى ئېنىق چىقىپ تۇراتتى.

    -شۇنداق، ئالدى-كەينى ئىككى پارچە سۈرەتنىڭ ئارىلىقىدا ئۈچ ئاي ۋاقىت ئۆتكەن، مېنىڭ مەقسىتىم پەقەت سىزگە قار-مۇزلار ئېرىپ كەتكەندىن كېيىنكى، يۇمران يۇپۇرماقنىڭ قانداق كۆزنى قاماشتۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى، دەل شۇ چاغنىڭ باھار دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئىدى. ئەمما سىزچۇ؟ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، سىزنىڭ قەلبىڭىزگە بىر قېتىم باھار كېلىپ باقمىدى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

    شۇ پەيتتە ئابىدەنىڭ قەلبىدىمۇ بىر ئىللىق سېزىم ئېقىپ ئۆتۈۋاتقان ئىدى. ئۇ كۆز چاناقلىرىدىكى ياشلىرىنى زورىغا تۇتۇپ تۇرۇپ، ئېلدانغا دېدى:

    -ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ كېلىشىڭىزغا ئەگىشىپلا قارگۈلى ئورمانلىقىغىمۇ باھار كەلدى!

    يۇسران

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابىدە , قاتناش ۋەقەسى , ئېلدان , باھار
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-9-30 12:39:33
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 838
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证