تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سۈيقەست

     




     

    سۈيقەست

     

        رەنا قاتار چايدىن چىقىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، سائەت ئوندىن ئاشقانىدى. يولدىشى مۇراتنىڭ تېخىچە ئۆيگە قايتمىغانلىقىنى كۆرۈپ رەنانىڭ كۆڭلىنى قاراڭغۇ سايىلەر قاپلاشقا باشلىدى. رەنا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇرات بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا توي قىلغان ئىدى. تويدىن كېيىن مۇرات ئوقۇتقۇچىلىقنى تاشلاپ سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. سودا ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈپ مېڭىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. بەزىدە كېچىسى ئۆيگە قايتمايمۇ قالاتتى، رەنا بۇ توغۇرلۇق سورىسىلا، ئەرلەرنىڭ ئىشى، سودا ئىشى دەپ بولدى قىلاتتى. 
    رەنا ئويلىغانسېرى بەزى ئىشلاردا راستلا چاتاق باردەك ھېس قىلى، ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايۋاتاتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ كېچىمۇ مۇرات ئۆيگە قايتمىدى. ئەتىسى ئەتىگەن سائەت ئالتىلەر بىلەنلا ئۆينىڭ تېلىفونى قاتتىق جىرىڭلاپ رەنانى ئويغاتتى، رەنا تۇرۇپكىنى قولىقىغا تۇتۇشىغىلا، قارشى تەرەپتىن غەلىتىلا غاراڭ-غۇرۇڭ ھالدا: «سىزگە دەپ قوياي، يولدىشىڭىز مۇرات ئۆيۈڭلارنى رەنىگە قويۇپ بىزنىڭ $$$ رەنە قويۇش ئورنىمىزدىن خېلى كۆپ قەرز ئالدى، ئىشەنمىسىڭىز، بىزنىڭ $$$ رەنە قويۇش ئورنىمزغا كېلىپ كۆرۈپ كەتمەمسىز.....» دېگەندەك غەلىتىلا ئاۋاز ئاڭلاندى-دە، قارشى تەرەپنىڭ گېپى تۈگەپلا تېلىفون ئۈزۈلۈپ قالدى. رەنا بىردىنلا سەگىگەندەك بولۇپ قالدى: نەچچە كۈن ئالدىدا ئۇ مۇراتنىڭ ئىشتان يانچۇقىدىن شۇ رەنىگە قويۇش ئورنىنىڭ ئېلانى چاپلانغان چاقماقنى تېپىۋالغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كىيىم-كېچەكلەرنى يۇيۇش ئۈچۈن مۇنداقلا ئاختۇرۇپ قولىغا چىقىپ قالغاچقا بۇنىڭغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگەنىدى. رەنا ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندىلا ئالدىنقى ھەپتىدىكى ساۋاقداشلار چېيىدا قىزلارنىڭ دېيىشكەن بەزى گەپلىرىنى ئېسىگە ئالدى. چايدا رەنانىڭ بىر ساۋاقدىشىنىڭ يولدىشى سىرتتا بىرى بىلەن تېپىشىپ قېلىپ، ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ تۇرغان ئۆيىنى رەنىگە قويۇپ، ئاشنىسىغا بىر ئۆي ئېلىپ بەرگەنلىكىنى يىغلاپ تۇرۇپ دەپ بەرگەن ئىدى. 
    $$$ رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىپ ئورنى ئىككى قەۋەتلىك ئادەتتىكىدەكلا بىر بىنادا ئىدى. رەنا بىناغا كىرىپ ئىككىنچى قەۋەتكە چىققىچىمۇ ئالدىغا بىرەرسى ئۇچرىمىدى. رەنا $$$ رەنىگە قۇيۇش ئورنى دېگەن خەت چاپلاقلىق ئەينەك ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ يۈرىگە ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى. ئۇ ئىشىكنى ئاستا ئىتتىرىپ ئىچىگە كىرمەكچى بولدى، ئەمما ئىشىك ئىچىدىن قۇلۇپلاقلىق ئىدى. رەنا قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي ئىشىكنىڭ تۈۋىدە سەل تۇردى، ئۆينىڭ ئىچىدىن ھېچقانداق تىۋىش چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ، باشقا ئىشىكى بولۇشى مۇمكىن دەپ كەينى تەرەپتىكى پەلەمپەي تەرەپكە ماڭدى. ئارقا پەلەمپەي ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەر چىقىش ئىشىكىگە تۇتىشىدىغان بولۇپ، ھېلىقى ئىشخانىنىڭ يەنە بىر ئىشىكى دەل مۇشۇ يەردە ئىدى، رەنا بىر نەرسىگە پۇتلاشقاندەك بولۇپلا ھېلىقى ئىشىككە تېگىپ كەتتى، ئىشىك ئېچىلدى. 
    رەنا ئىشىكنى ئاستا چېكىپ بوسۇغىدىن پۇتىنى ئالدى-دە: 
    -ئادەم بارمۇ؟-دەپ بوش ۋارقىرىدى. 
    رەنا شۇنداق دەپ نەچچە ۋارقىرىغان بولسىمۇ، بىرەر جاۋاب چىقمىدى. رەنا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كېتەي دەپ تۇرۇشىغا، ئۈستەلنىڭ ئارقىدا بىر ئايالنىڭ مىدىرلىماستىن ياتقىنىنى كۆردى. ئۇ ئالدىغا ئىككى قەدەم ئېلىپ قاراپلا، يۈرىگە ئاغزىغا قاپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ نەپەس ئالالماي قالدى. ئۈستەلنىڭ يېنىدا بىر ئورۇندۇق توغرىسىغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ئورۇندۇقنىڭ يېنىدا ئايال ئوڭدىسىغا ياتاتتى، ئايالنىڭ بوينىغا ئىككى قەۋەت ئىنچىكە ئارغامچا ئورالغان بولۇپ، ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچى ئورۇندۇققا چىگىپ قويۇلغان ئىدى. 
    ـ ئادەم ئۆلدى!
    رەنا شۇنداق دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئوقتەك ئېتىلىپ بىنادىن پەسكە چۈشتى، كاللىسىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك! دېگەن ئۇقۇملا بار ئىدى.
    ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئۆلگۈچى $$$ رەنىگە قويۇش ئورنىنىڭ خوجايىنى بولۇپ ئىسمى مارجان ئىدى. ساقچىلار يەنە نەق مەيداندىن بىخەتەرلىك ساندۇقىنىڭ ئېچىقلىق ھالدا بوش تۇرغانلىقىنى بايقاپ، ھەمدە جەسەت تەكشۈرۈپ دوكلاتى ئارقىلىق دېلونىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى سائەت ئوندىن بۇرۇن يۈز بەرگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. بۇ دېلوغا مەسئۇل ساقچى پولاتنىڭ تەجرىبىسى مول بولغاچقا، ئۇ بۇ دېلونى بايقىغان ئۆي ئايالى رەنادىن بۇ يەرگە نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن، يەنە بىر قاتار سۇئاللارنى سوراشقا باشلىدى. 
    -تۈنۈگۈن ئاخشام يولدىشىڭىز ئۆيدىمۇ؟
    -ياق، ئۆيگە كەلمىدى. يېقىننىڭ ياقى كۆپرەك سىرتتا قونۇپ قېلىۋاتقان.
    -سىزگە تېلىفون قىلغان ھېلىقى ئادەم قانداقراق ئادەمدۇر؟
    -بىلەيمەن، تېلىفون قىلغان كىشى ئاغزىنى تۇتۇۋېلىپ سۆزلىدى، قارىغاندا قەستەن شۇنداق قىلدىمىكىن، ئاۋازىنى تونۇپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ.
    تېلىفون قىلغان كىشى بەلكىم قاتىل بولۇشى مۇمكىن، قاتىل مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق رەنانى نەق مەيدانغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى نەق مەيدان دېلو مەلۇم قىلغۇچى قىلىش مەقسىتىگە يەتكەنىدى. ئەمما نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ بۇ گۇمان بىلەن ساقچى پولات رەنىگە قويۇش شىركىتىنىڭ كەلگەنلەرنى تىزىملاش دەپتىرىنى ئاختۇردى، ئەمما دەپتەردىن رەنانىڭ يولدىشى مۇراتنىڭ ئىسمى كۆرۈنمىدى. بۇ مۇراتنىڭ بۇ يەردىن ھېچقانداق قەرز ئالمىغانلىقىنى، ئۆينى رەنىگە قويۇش ئىشىنىڭ يالغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. ئەمما ساقچىلار نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قاتىلنىڭ ئەر كىشى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۆلگۈچى بىلەن ئىنتايىن يېقىن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى جەزىملەشتۈردى. 
    شۇ كۈنى سائەت مۇرات ئۆيگە كەچ سائەت 11 لەر بىلەن ئاران قايتىپ كەلدى. مۇراتنى كۆرۈپلا رەنا ئۇنى ساقچىلارنىڭ رەنىگە قويۇش ئورنىدىكى دېلو توغۇرلۇق چاقىرتقان-چاقىرتمىغانلىقىنى سورىدى. 
    -ئەلۋەتتە چاقىرىدۇ-دە! دېلونى مەلۇم قىلغان ئادەم سىز تۇرسىڭىز!- مۇرات نارازىلىق بىلەن ئايالىغا قاراپ قويدى، ھاراق ئىچكەچكە مۇراتنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى،-ئۇنداق يەرلەرگە نېمىگە باردىڭىز؟
    -بۇنى مەندىن سوراۋاتامسىز؟ سىز زادى ئۇ رەنىگە قويۇش ئورنىدىن نەچچىلىك پۇل قەرز ئالدىڭىز، دەڭە قېنى؟
    -...... ئىشقىلىپ ساقچىلار بۇنىڭ ھەممىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ، شۇ چاغدا بىلىپ قالىسىز. ئەمما مەن قانداق بۇلۇپ ئۇ ئايالنى ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىمەن؟ ئۇ يەرنىڭ نەدىلىكىنىمۇ بىلمىسەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېنىڭ نەق مەيداندا ئەمەس ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھچىلىرىم بار.
    -گۇۋاھچىلىرىم؟
    رەنانىڭ كۆڭلىدىكى مۇرات ئادەم ئۆلتۈرگەنمىدۇر؟ دېگەن گۇمان لەپپىدە كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەك بولدى. 
    -ئەسلى تۈنۈگۈن *** شەھىرىدىكى خېرىدارلار بىلەن كۆرۈشكىلى بارماقچى ئىدىم، ئەمما ئۇلار بىر يىغىن بىلەن ئۆزلىرى كەپتۇ بۇ يەرگە، شۇنىڭ بىلەن شىركەتتىكى ئىككى بالا بىلەن ئۇلارغا ھەمراھ بولدۇق. قاتىللىق يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، بىز تازا كۆڭۈللۈك ئويناۋاتقانىدۇق.
    -مېنى ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ، ئۆزىڭىز ئويناپ يۈرۈپسىزدە!-رەنانىڭ يۈرىگى خېلىلا ئورنىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما مۇراتنى مۇنداقلا بوش  قويۇۋەتكۈسى كەلمەيۋاتاتتى. 
    ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى، $$$ رەنىگە قويۇش شىركىتىدىكى دېلودا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمايۋاتاتتى. تېلىفون قىلغان ھېلىقى ئادەم نېمە ئۈچۈن رەنانى ئۇ يەرگە بارغۇزۇش قەستىدە بولىدۇ؟ بۇ يەنىلا بىر سىر ئىدى. مۇراتنىڭ ئىسمى رەنىگە قويۇش شىركىتىنىڭ تىزىملاش دەپتىرىدىمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ نەق مەيداندا يوقلىقىغا گۇۋاھ بولىدىغان بىر قاتار ئادەملەر بار ئىدى. ساقچىلار ئۇنى گۇناھسىز دەپ قارىدى. 
    بۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەر ئەتراپىدا، ئۆينىڭ تېلىفونى يەنە سايرىدى. 
    -رەنا، مەن ـــ شەرىپە. ئاداش يولدىشىڭنى كۆردۈم.... بايىلا تېخى، يولدىشىڭنىڭ ماشىنىسىنى كۆرۈپ قالدىم، شەرقىي ئايلانما يولغا يېقىن كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ...
    -ئېنىق كۆردۈڭمۇ؟ راستلا مۇراتمۇ؟
    -چىرايىنى كۆرەلمىدىم، ئەمما مەن ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن خېلى ئېنىق كۆرسۈم، يېنىدا بىر ئايال ئولتۇرىدۇ.... ھېلىقى يېڭى ئاچقان ئاشىق-مەشۇقلار ئارامگاھى دېگەن مېھمانخانىنىڭ ئالدىدىن ئەگىلىپ كېتىۋاتقان ئىكەن. شۇڭا ساڭا تېلىفون قىلغانىدىم....
    رەنا دەمەللىققا نەپىسى يېتىشمەي قالغاندەك بولۇپ قالدىم. 
    -ئاداش، بۇ ئىشتىن خەۋىرىڭ راستلا بولمىسا، مەنچە بېرىپ كۆرۈپ كەلسەڭ بولارمىكىن. چوقۇم شۇ مېھمانخانىغا كىردى، ماشىنىسىغا قاراپ باققىن يا بولمىسا، ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا قاراپ باقساڭمۇ بولىدۇ. 
    شەرىپەنىڭ سۆزلىرىدىن قۇتراتقۇلۇق چىقىپلا تۇراتتى. 
    رەنانىڭ نېرىپلىرى ئۆز كونتروللىقىنى يوقاتتى:
    -بىلدىم، رەھمەت ساڭا، ئۆزۈم بىر ئامالىنى قىلاي.
    شۇنداق دەپلا رەنا تېلىفوننى قويىۋەتتى. ئۇ تامدىكى چىكىلداپ مېڭىۋاتقان سائەتكە سېكونت تىكىلىپ قالدى-دە، شۇ مېھمانخانىغا بېرىپ قاراپ بېقىش قارارىغا كېلىپ ئۆيدىن چىقتى. 
    ئاشىق-مەشۇقلار ئارامگاھى دېگەن ئۇ ئاق رەڭلىك بىنا رەنانىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى، رەنا ئولتۇرغان كىرا ماشىنىسى مېھمانخانىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ، ماشىنا توختىتىش مەيدانى تەرەپكە قاراپ قايرىلىشىغا، «مېھمانخانىغا چۈشكەن مېھمانلارنىڭ ماشىنىلىرىدىن باشقا ماشىنىلارنىڭ كىرىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ» دېگەن خەت كۆزگە چېلىقتى. شۇنىڭ بىلەن رەنا شۇ يەردىنلا كىرا ماشىنىسىدىن چۈشۈپ، ئالدىدىكى ماشىنا توختىتش كارىدورىغا قاراپ ماڭدى. ماشىنا توختىتش مەيدانىغا قارايدىغان ياشانغان بىرى رەنانىڭ ئالدىنى توستى:
    -مېھمانخانىدىكى ياتاق كارتىڭىزنى چىقىرىڭ، خانىم.
    ماشىنا توختىتىش كارىدورىنىڭ ئىشىكى تار بولغاچقا، رەنا قانداق قىلىپمۇ ئىچىدىكى ماشىنىلارنى ئېنىق كۆرەلمىدى. ئۇ ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ بېقىش نىيىتىگە كېلىپ ئالدىغىراق ماڭدى:
    -بايا ئىچىگە بىر نەرسەمنى چۈشۈرۈپ قويۇپتىمەن، ئىزدەپ باقاي...
    -نېمە نەرسىتى ئۇ؟- ھېلىقى ئادەم رەنانىڭ يالغانچىلىقىنى بىلىپ قالغاندەك مەسخىرە ئارىلاش كۈلۈپ قويدى،-مېنى ئالدىماقچىما؟ ئۇنىڭ ئىچىگە يولدىشىڭىزنىڭ ماشىنىسىنىڭ بار-يوقلىقىنى كۆرگىلى كىرەرسىز ھەقىچان، شۇنداقمۇ؟
    -بۇ... مەن...
    رەنا ھودۇققىنىدىم گەپمۇ قىلالماي قالدى. 
    -بۇ يەرگە سىزدەك يولدىشىنىڭ ماشىنىسىنى تەكشۈرگىلى كېلىدىغان ئاياللار كۆپ كېلىدۇ، ئەمما بىزنىڭ بەلگىلىمىز بار: نېملا ئىزدەپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ بۇ يەرگە  كىرىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. كەچۈرۈڭ، قايتىپ كېتىڭ!
    رەنا ئامالسىز سالپايغىنىچە ئۆيگە قايتىپ كەلدى. 
    بۇ كۈنى كېچە سائەت 11دىن ئېشىپ كەتسىمۇ مۇرات قايتىپ كەلمەيۋاتاتتى، رەنانىڭ يۈرىگىنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قېلىۋاتاتتى. رەنا ئاچچىقىدا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قېلىۋاتقاندا مۇرات قايتىپ كەلدى. 
    -سىزگە شۇنداق ياخشى نەرسە ئەكەلدىم!
    ھەممە يېرىدىن ھاراق پۇرىقى كېلىۋاتقان مۇرات رەنانىڭ ئاچچىقىنى يەنە بىر گەز ئۆرلىتىۋەتتى. ئايالىنىڭ گەپ-سۆز قىلماي ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن مۇرات يانچۇقىدىن كىچىك بىر قۇتىنى چىقىرىپ ئايالىغا ياخشىچاق بولماقچى بولغاندەك ئاھاڭدا دېدى:
    -ئېلىڭە، مانا بۇ سىز ئېلىشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان قاشتېشى كۆزلۈك ئالتۇن بىلەيزۈك!
    رەنا يەنە گەپ-سۆز قىلمىدى. مۇرات قۇتىدىن يېشىل رەڭلىك قاشتېشىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغان تولىمۇ نەپىس بىلەيزۈكنى چىقاردى. رەنا شۇندىلا تەخىرسىزلىك بىلەن ئۇنىڭدىن سورىدى:
    -بۈگۈن سىز بىلەن ئاشىق-مەشۇقلار ئارامگاھى مېھمانخانىسىغا بارغان ئۇ ئايال زادى كىم؟
    -ئاشىق-مەشۇقلار ئارامگاھى؟ مېھمانخانا؟
    -خۇپسەنلىكنى ئاز قىلىڭ! شەرقىي ئايلانما يولىنىڭ كۆۋرۈكى ئاستىدىكى ھېلىقى يېڭى سالغان مېھمانخانىچۇ؟ ئۇ يەردە ھېلىقى ئايال بىلەن تازا كۆڭۈل ئاچقانسىز؟
    رەنانىڭ تەلەپپۇزى ئىنتايىن قاتتىق ئىدى. 
    -قاراڭە سىزنى! ھېلى مېنى گۆرۈخانىنىڭ خوجايىنىنى ئۆلتۈردۈڭ دېسىڭىز، ئەمدى قوپۇپ مېنى باشقا ئايال بىلەن مۇناسىۋىتىڭ بار، دەۋاتىسىز! كاللىڭىز جايىدىمۇ-يا؟! راستلا سىرتتا شۇنداق ئايال بولغان بولسا، بۇ سوۋغىنى شۇنىڭغا بېرەر بولغۇيتتىم، سىزگە بېرىپ نېمە قىلاتتىم مەن؟
    -بۇنى ماڭا بېرىپ ماڭا ياخشىچاق بولماقچى بولۇۋاتقانسىز! كۆڭلىڭىزدە جىن بولغاچقا خۇدۇكسىرەپ. شەرىپە بۈگۈن سىزنى ئۇ ئايال بىلەن ئېنىق كۆرۈپتۇ. سىز ماشىنىڭىزنى شۇ مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپسىز، بىلىسىزغۇ، شەرىپە يالغان گەپ قىلىدىغان ئادەم ئەمەس!
    شەرىپە بىلەن رەنا ئىككىلىسىلا مۇراتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. مۇرات بۇرۇنمۇ شەرىپەنى سەمىمىي دەپ تولا ماختايتتى. 
    -بۇ.... چوقۇم خاتا كۆرۈپ قاپتۇ. ماشىنا نومۇرىغا قاراپلا مېنىڭ ماشىنام دېسە قانداق بولىدۇ؟
    رەنا يېرىم ئىشىنىپ يېرىم ئىشەنمەي مۇراتقا قاراپ قويدى. 
    شۇنىڭدىن يەنە ئۈچ كۈن ئۆتتى. مۇراتنىڭ ئۆيگە قايتمىغىنىغا ئىككى كېچە بولدى. ئىلگىرىمۇ ئۆيدىكىلەرگە دەپمۇ قويماي سىرتلاردا قونۇپ قالىدىغان ئىشلىرى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككىنچى كۈنىلا ئۆيگە قايتىپ كېلەتتى. رەنا بۇ قېتىم راستلا ئەنسىزلىككە چۈشتى: ساقچىغا مەلۇم قىلايمۇ؟ يا شىركىتىدىلەرگە تېلىفون قىلىپ باقايمۇ؟
    چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 11 لەر بىلەن ئۆيگە ئىككى ساقچى كىرىپ كەلدى. ھېلىقى پولات دېگەن ساقچى بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ئادىمى رەنا بىلەن بىردەم ئۇنى-بۇنى دەپ پاراڭلاشقاندىن كېيىن:
    -يولدىشىڭىز ھازىر نەدە؟-دەپ سورىدى.
    -بۇ.... بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن. ئىككى كۈن بولدى كېچىسى ئۆيگە قايتمىغىلى.- رەنا ئالاقزادە بولۇپ تۇرۇپ جاۋاب قىلدى. 
    -بىز بايا ئۇنىڭ شىركىتىگە باردۇق، ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ نەدىلىكىنى ئايالى بىلىدۇ، دېدى.
    پولات ساقچىنىڭ كۆزلىرىدىن رەنانىڭ سۆزلىرىگە بولغان ئىشەنمەسلىك چىقىپ تۇراتتى. 
    -مەن راستلا بىلمەيمەن، مەن تېخى ساقچىغا مەلۇم قىلايمىكىن دەپ تۇرغانىدىم.
    -ئەجەبا يولدىشىڭىز ئۆيدىن چىقىپ كەتتىما؟ بۇنى ئىسپاتلىغۇدەك بىرەر نەرسە بارمۇ؟ مەسىلەن، پۇل چېكى ياكى كىيىم-كېچەكلىرىنى ئېلىپ كەتتى، دېگەندەك...
    -توختاڭ-ھە!
    رەنا شۇنداق دەپلا ئالدىراپلا مۇراتنىڭ كۈتۈبخانىسىغا كىرىپ، كىچىك بىخەتەرلىك ئىشكاپىنى ئاچتى. رەنا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق چەك ۋە كارتىلارنى تەكشۈرۈپ بېقىپ، ھەممە نەرسىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى بىلدى. 
    -دېمەك، يولدىشىڭىز ئۆيدىن چىقىپ كەتمەپتۇ. ئەمما بۇنىڭغىمۇ بىر نەرسە دېمەك تەس. بىزنىڭ يولدىشىڭىزنى ئىزدەپ كېلىشىمىزدىكى سەۋەب، $$$ رەنىگە قويۇش شىركىتىنىڭ ئايال خوجايىنى مارجاننىڭ كىيىملىرى ۋە ئۇنىڭ بەدىنىدە قېلىپ قالغان بارماق ئىزى بىلەن يولدىشىڭىزنىڭ بارماق ئىزى بىردەك ئىكەن. 
    رەنا دىڭڭىدە قېتىپ قالدى. 
    -قارىغاندا يولدىشىڭىز بىلەن ئۆلگۈچى ئارىسىدا ئىنتايىن يېقىن بىر خىل مۇناسىۋەت مەۋجۈت ئىكەن. 
    -مەن راستلا بىلمەيمەن! 
    رەنا بېشىنى قاماللىغىنىچە ۋارقىرىدى، ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيۋاتقىنى، مۇراتنىڭ راستلا سىرتتا ئاشنا تۇتۇۋالغانلىقى ئىدى، تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى كونا ئاشنىسى ئەمدىلا ئۆلسە، كەينىدىنلا يېڭى ئاشنىسى بىلەن مېھمانخانىدا يۈرگەنلىكى ئىدى. 
    ساقچىلار رەناغا ئىچ ئاغرىتىش نەزىرى بىلەن قارىدى، رەنانىڭ كۆزلىرىدىن مەنىسىنى بىلگىلى بولمايدىغان ياشلار ئېقىپ تۇراتتى. 
    -ئەمما يولدىشىم، ئۆزىنىڭ نەق مەيداندا ئەمەسلىكىگە ئىسپات بولالايدىغان گۇۋاھچىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان تۇرسا.....
    -بۇنى بىزمۇ بىلىمىز، بىزنىڭ ئەنسىرەۋاتقىنىمىزمۇ دەل مۇشۇ ئىش. يولدىشىڭىز راستلا قاتىل بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما يولدىشىڭىز قاتىلنى چوقۇم تونۇيدۇ. مانا ئەمدى يولدىشىڭىز ھېچقانداق بىر خەۋەرمۇ بېرىپ قويمايلا نەچچە كۈن يوقاپ كېتىپتۇ....
    رەنا ئەمدى بىلىۋاتاتتى، ئەسلىدە پولات ساقچى مۇراتنىڭمۇ شۇ قاتىل تەرىپىىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئىدى. 
    -ئىشقىلىپ مەيلى قانداقلا ئۇچۇر بولسۇن، يولدىشىڭىزغا مۇناسىۋەتلىكلا بولسا بىزگە دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىڭ، ھە راست، يېقىننىڭ ياقى يولدىشىڭىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدە بىرەر نورمالسىزلىقنى سەزگەنمىدىڭىز؟ مەيلى نېمىلا ئېسىڭىزگە كەلسۇن بىزگە دەرھال ئېيتىڭ.
    -نەچچە كۈن بۇرۇن، ئۈچ كۈن بولدىغۇ دەيمەن .... بىرى يولدىشىمنىڭ شەرقىي ئايلانما يولنىڭ كۆۋرىكى يېنىدىكى يېڭى مېھمانخانىدا ماشىنا توختاتقانلىقىنى كۆرۈپتىكەن، ماڭا تېلىفون قىلغان ئىدى.......
    -ئۇ بىرى كىم؟
    -ئاۋازىنى مەنمۇ تونۇيالمىدىم.... ئۇ ئايال يولدىشىمنىڭ باشقا بىر ئايال بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنىلا دېدى.
    شەرىپەنى بۇ ئىشقا چېتىۋالماسلىق ئۈچۈن، رەنا ئۇنىڭ ئىسمىنى چىقارمىدى. ئەمما، رەنادىكى بۇ خىل روھىي ھالەت ئىككى ساقچىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.
    يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، شەھەرلىك مەلۇم ئۇنۋېرسىتېتتا ئىشلەيدىغان ئالىم بىلەن قىز دوستى ئاينۇر ئىككىسى قار يېغىۋاتقىنىغا قارىماي، جەنۇبىي تاغقا مەنزىرە كۆرۈپ ئوينىغىلى باردى. ئۇلار تاش يول بويلاپ مېڭىپ، بارغانسېرى قۇيۇقلىشىۋاتقان ئورمانلىقلارنى كۆرۈپ ماڭدى. ئۇلار ئاخىرى ئورمانلىق تەرەپتىكى بىر بوشراق يەرگە كېلىپ ماشىنىنى توختاتتى. قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان بۇ بىر جۈپلەر ماشىنىدىن چۈشۈپ ئوينىشىشقا باشلىدى. ئەمما ئاينۇر تۇيۇقسىزلا تۇرغان جايىدا قېتىپلا قالدى.
    -نېمە بولدى؟-ئالىممۇ شۇنداق دېگەچ ئاينۇر قارىغان تەرەپكە قارىدى. يىراق بولمىغان يەردە بىر ئادەم ياتاتتى، ئۇ كىشى تۈگۈلگەن ھالدا بولۇپ، قارىماققا دەرەخكە يۆنىلىۋالغاندەك كۆرۈنەتتى. 
    -جىملا تۇرىدىغۇ؟ ئاغرىپ قالدىمۇ-يا؟.... ئالىم ئىچىگە چوڭقۇر تىنىپ قويۇپ، ئۇ كىشى بار تەرەپكە قاراپ ماڭدى. 
    -ھەي، سىزگە نېمە بولدى؟
    ئۇ كىشىنىڭ يەنە جىم تۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئالىم ئۇ كىشىنىڭ مۆرىسىنى نوقۇپ باقتى. ئويلىمىغان يەردىن ھېلىقى كىشى يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشتى. ئۇ كىشىنىڭ كۆزلىرى يېرىم ئېچىلغان ھالدا بولۇپ، ئاغزىدىن بىرخىل غەلىتە كۆپۈكچىلەر قايناپ تۇراتتى. ئىنتايىن روشەنكى، بۇ كىشى ئۆلگەنىدى. 
    يەرلىك ساقچىخانا بۇ دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىشتى. بۇ ئەلۋەتتە ئادەتتىكى كېسىلى قوزغىلىپ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن دېلو ئەمەس ئىدى. بىرىنچىدىن، شەھەرلىك بۇنداق مەدەنىي بىر ياش بۇنداق چەت تاغقا بۇنداق پەسىلدە ھەرگىزمۇ پىيادە كەلمەيتتى. ئىككىنچىدىن، ئۆلگۈچىنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ تۇرغان قان ئارىلاش كۆپۈكچىلەر بۇنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئۆلگۈچىنىڭ يېنىدا مەلۇم ماركىلىق ھاراقنىڭ قۇرۇق بوتۇلكىسى بولۇپ، كىشىگە قارىماققا ھاراق ئىچىپ قان قۇسۇپ ئۆلگەندەك تەسىر بېرەتتى. مۇبادا راستلا شۇنداق بولسا، ھاراق بوتۇلكىسىنىڭ ئىچىدە ئۆلگۈچى زەھەرلەنگەن ماددىلارنىڭ قالدۇقى قېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ساقچىلار نەق مەيداندىن بايقىغان ئۈچىنچى گۇمانلىق نۇقتا، يەردە دەرەخ شېخى بىلەن جىجاپ يازغان: «ئەلۋىدا» دېگەن خەت بولۇپن بەك دىققەت قىلمىسا كۆرگىلى بولمايتتى.
    ئۆلگۈچىنىڭ يېنىدىكى ئىسىم كارتوچكىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ مەلۇم بىر مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ خوجايىنى مۇرات ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ساقچى ئىدارىسى ئالدى بىلەن مۇراتنىڭ شىركىتىگە تېلىفون قىلدى، شىركەتتىكىلەر ئارقىلىق ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئادرىسىنى، ئالاقىلىشىش نومۇرىغا ئېرىشىپ، رەنا بىلەن ئالاقىلاشتى. 
    پولات ساقچىلار ئۆيگە كېلىپ-كەتكەندىن بۇيان رەنانىڭ كۆڭلى پەقەتلا تىنجىپ باقمىدى، كۆڭلىدە بىر خىل ئەنسىزلىك، خاتىرجەمسىزلىك ھۆكۈم سۈرۈپلا تۇراتتى. ئۇ دائىملا ئۆز-ئۆزىگە، مۇراتنى بىرەرسى قەستلەپ قويغانمىدۇ؟ دەپ سۆزلەپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ ئەندىشىگە چۈشۈپ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ھەريانغا ئۆزىنى ئۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھېلىقى ساۋاقدىشى، يەنى يولدىشىنىڭ ئۆينى گۆرۈگە قويۇپ، ئاشنىسىغا ئۆي ئېلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان رىزۋان ئىسىملىك دوستى تۇيۇقسىز ئۇنى ئىزدەپ كەلدى.
    -كەچۈرگىن.... ئالدىنقى قېتىملىق ساۋاقداشلار چېيىدا ساڭا ھېلىقى گەپلەرنى دەپ بولۇپ..... سەن بەك ئىنچىكە ئايال.... بۇ ئىشلارنى چوقۇم بەك كاللاڭغا كىرگۈزۈۋالدىڭ، شۇڭا سېنى ئالايىتەن يوقلاپ كېلىشىم.... يولدىشىڭچۇ؟ ئۆيدىمۇ؟
    -بىلمىدىم، ئاداش، نەچچە كۈن بولدى ئۆيگە قايتمىغىلى. شەرىپەنىڭ دېيىشىچە ئۇ نەچچە كۈن ئاۋۋال بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا يولدىشىمنىڭ ماشىنىسىنى كۆرۈپتىمىش.
    رەنا نېمىشقىكىن ئەزەلدىن كىشىگە دەردىنى ئېيتمايدىغان ئادەم، بۈگۈن مانا ئۆزىگە ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلگەن ساۋاقدىشىنى ئالدىدا ھېچنىمىنى يوشۇرۇشنى خالىمىدى. 
    بۇ گەپنى ئاڭلىغان ساۋاقدىشى رىزۋان قاپىقىنى تۈرگىنىچە سورىدى:
    -سەن قانداق قارايسەن؟
    -نېمە؟
    -ھېچنىمە، ئەمما شەرىپەنىڭ سۆزى سەل گۇمانلىق، ئاداش، سەن ئويلاپ باققىن، ئۆزى ماشىنا ھەيدەۋاتقان ئادەم توختىمىغان بىر ماشىنىنىڭ نومۇرىنى شۇنداق ئېنىق كۆرەلەمدۇ؟ مەنچە ئۇ يالغان سۆزلىدى. بۇنداق دېسەم بەلكىم توغرا بولماس، ئەمما شەرىپە مەنچە چوقۇم يالغان سۆزلىدى.
    -ئەمما، ئۇ نېمە دەپ ماڭا بۇنداق دەپ يالغان ئېيتىدۇ؟ 
    رەنا شۇنداق قايتۇرۇپ سورىدى، كۆڭلىدە بولسا ئۆزىمۇ بىر نەرسىلەردىن گۇمانلانغاندەك ئىدى. 
    -مەن مۇنداق ئويلاپ قالدىم،- رىزۋان ئۆتكۈر كۆزلىرىنى رەناغا تىكتى،- مەنچە يولدىشىڭ بىلەن ھېلىقى مېھمانخانىغا بارغان ئادەم شەرىپە بولۇشى مۇمكىن... بەلكىم بۇ ئىككىسىنى بىرەر تونۇشلار ئۇچرىتىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن شەرىپە كېيىنچە بۇ ئىشنىڭ سېنىڭ قۇلىقىڭغا يېتىپ قالغۇچە ئۆزىلا دەۋالغان گەپ. شۇنداق بولغاندىلا كېيىن سەن ئاڭلاپ قالغان تەقدىردىمۇ، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتۈۋالالايدۇ..... ئاداش مەن راستلا ئەنسىرەپ قالدىم، مۇبادا يولدىشىڭ راستلا كېلەلمەيدىغان بولسا....
    رىزۋان شۇنداق توختىماي سۆزلەۋاتقاندا تېلىفون جىرىڭشىپ كەتتى. ساقچى ئىدارىسى رەناغا جەنۇبىي تاغنىڭ شىمالىدىكى بىر ئورمانلىقتا بىر نەپەر ئەرنىڭ جەسىتىنى بايقىغانلىقى، جەسەتنىڭ يېنىدىكى ئىسىم كارتوچكىسىغا مۇرات دەپ يېزىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ دەرھال شۇ يەرگە كېلىپ جەسەتنى تونۇپ بېرىشىنى ئۇقتۇردى. رەنانىڭ قولىدىن تۇرۇپكا يەرگە تورۇككىدە چۈشتى، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدە كۈچ دېگەن نەرسە قالمىغاندەك بولۇپ يەرگىلا ئولتۇرۇپ قالدى.
    -نېمە ئىش بولدى؟
    رىزۋان رەنانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى يۆلەشتۈردى. 
    -مۇراتنىڭ... مۇراتنىڭ جەسىتىنى ساقچىلار جەنۇبىي تاغنىڭ يېنىدىكى بىر ئورمانلىقتن تېپىپتۇ.... مېنى كېلىپ تونۇپ بەر دەيدۇ....
    رەنا شۇنداق دېدىيۇ، رىزۋاننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. 
    تاغلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان ئۇ ئورمانلىقتىكى بىر پارچە ئاق يەردە، مۇراتنىڭ جەسىتى تۈپتۈز قىلىپ ياتقۇزۇلۇپ، ئۈستىگە بىر پارچە رەخت يېپىلغان ئىدى. رەنا تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن رەختنى ئېچىپلا، ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلاپ يەردىلا ئايلىنىپ قالدى. ئېنىقكى، ئۆلگەن كىشى مۇرات ئىدى. رىزۋان خېلى يىراقلا بىر يەردە بۇيەردىكى كىشىلەرگە قاراپ تۇراتتى. 
    -يولدىشىڭىز قارىغاندا بۇ يەرگە يالغۇز كېلىپ، زەھەر سېلىنغان ھاراقنى ئىچىۋالغان ئوخشايدۇ، سىز بۇ بوتۇلكىنى تونۇمسىز؟-ساقچى پىيونكىلانغان ھاراق بوتۇلكىسىنى ئەمدىلا ھۇشىغا كېلىپ توختىماي يىغلاپ تۇرۇۋاتقان رەناغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ سورىدى. 
    -ياق.
    رەنا بېشىنى ئاستا مىدىرلاتتى. 
    -يولدىشىڭىزنىڭ بۇرۇنمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئويى بولۇپ باققانمىدى؟
    -ياق، ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان.
    -ئۇنداقتا ماياققا كەلسىڭىز بوپتىكەن. قاراڭ، جەسەت مۇنۇ دەرەخكە يۆنىلىپ ياتقان بولۇپ، ئالدىدىكى بۇ يەردە، مانا مۇنۇ خەتلەر يېزىلغان ئىكەن، بۇ يولدىشىڭىزنىڭ پۇچۇركىسىمۇ؟
    رەنا قىڭغىر-قىيسىق قىلىپ يېزىلغان بۇ «ئەلۋىدا» دېگەن خەتكە قارىدى، قارىماققا بۇ خەت مۇراتنىڭ خېتىدەكمۇ قىلاتتى، يەنە بىر قارىسا ئۇنداق ئەمەستەكمۇ تۇراتتى. 
    -بۇنىڭغا مەن بىر نېمە دېيەلمەيمەن.... بەلكىم......
    رەنانىڭ كۆڭلىدە تۇيۇقسىزلا بىر گۇمان باش كۆتۈرۈپ قالدى.
    -بەلكىم؟ بەلكىم نېمە؟
    -يولدىشىم ئىنتايىن ئەستايىدىل، ئىنچىكە ئادەم. ئەگەر ئۇ راستلا ئۆلىۋالىدىغان بولغان بولسا چوقۇم ۋەسىيەتنامە قالدۇرغان بولاتتى.
    -ئۇنداق بولۇشىمۇ ناتايىن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلار ئادەتتە ھېچقانداق ۋەسىيەتنامە قالدۇرمايدۇ. ئەمما، سىز بۇنداق دېگەن يەردە بىز چوقۇم بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇپ مەسىلىنى يەنە باشقىدىن تەھلىل قىلىمىز. 
    بۇ ۋاقىتتا، رىزۋان يېتىپ كەلدى-دە، ئۇ ئىككىسىنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىپ تۇردى. 
    -يولدىشىڭىزنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىدىن ئىبارەت مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغاندا، مۇنداق بىر چۈشۈنۈكسىز ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ قېلىشى. ئۇ بۇ يەرگە قانداق كەلگەن؟ ئۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقىمۇ ئولتۇرماپتۇ، كىرا ماشىنىسىدىمۇ كەلمەپتۇ، ئەجەبا يولدىشىڭىزنىڭ ماشىنىسى يوقمىتى؟
    -يولدىشىمنىڭ ئۆزىنىڭ ماشىنىسى بار، بەلكىم شىركەتتە بولۇشى مۇمكىن.
    -بۇنداق بولغاندا يولدىشىڭىز مەلۇم بىر سەۋەبلەر تۈپەيلى باشقىلارنىڭ ماشىنىسى بىلەن بۇ يەرگە كەلگەن، ئەمما ماشىنىنى ئۆزى ھەيدىمىگەن. شۇنى نەزەردە تۇتقاندا، يولدىشىڭىزنى باشقىلار ئۆلتۈرۈپ بۇيەرگە تاشلاپ قويغان بولىشىمۇ مۇمكىن.
    ساقچى شۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ رەنانىڭ ئىنكاسىغا زەڭ سېلىپ تۇردى. 
    جەسەتنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، رەنا يولدىشى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خوشلىشىۋالدى-دە، ئۆزى يالغۇز ئۆيگە قايتتى. رەنا ئۆزى يولۇقۇۋاتقان بۇ ئىشلارغا ئۆزىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەي، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغىنىدا، ئىشىكنىڭ قوڭغۇرىقى سايرىدى. ئەسلى پولات ساقچى كەلگەن ئىدى. 
    -راستلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن،-دېدى ساقچى،- بىز يولدىشىڭىزنىڭ قاتىل بولۇپ قېلىشىدىن گۇمانلىنىۋاتقاندا، ئۇمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراپتۇ. قارىغاندا مەن مەسىلىنى بەك ئاددى چاغلاپ قاپتىمەن.
    -يولدىشىمنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى بىلەن مارجاننىڭ ھېلىقى دېلوسى ئۆز-ئارا چېتىشلىقمۇ؟
    -بۇنىڭغا ھازىرچە بىرنېمە دېمەك تەس. ئەمما بىزچە يولدىشىڭىزنى ئۆلتۈرگەن ئۇ قاتىل بىلەن مارجاننى ئۆلتۈرگەن قاتىل چوقۇم بىر ئادەم. يولدىشىڭىز چوقۇم مارجاننى ئۆلتۈرگەن ئۇ قاتىلنى تونۇيدۇ. بۈگۈن مەن جەنۇبى تاغقا بېرىپ كۆرۈپ باقتىم، بۇ دېلو قارىماققا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا بەكرەك ئوخشىسىمۇ، ئەمما يولدىشىڭىز ئىشلەتكەن ھېلىقى بوتۇلكىنىڭ ئاغزى ھېچيەردە كۆرۈنمەيدۇ، مەن شۇنچە ئىزدەپمۇ ئۇ بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى تاپالمىدىم.
    -بۇ؟
    رەنا پولات ساقچىنىڭ سۆزلىرىنى چۈشۈنەلمەي قالدى. 
    -يولدىشىڭىز نەق مەيدانغا يېقىنراق يەردە ھاراق ئىچكەن، بۇ ۋاقىتتا قاتىل ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ھەر ئاماللار بىلەن يولدىشىڭىزنى ھاراقنى ئىچىۋېرىشكە زورلىغان. بوتۇلكا دەل شۇ يەردە ئېچىلغان، چوقۇم شۇ يەرگە چۈشۈپ قېلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما مەن ئۇ نەرسىنى ئۇ يەردىن پەقەتلا تاپالمىدىم.
    -بۇنى قاتىل...
    -توغرا! بۇنى دەل قاتىل ئېلىپ كەتكەن. شۇڭلاشقا مەن سىزنى ياردەمگە، مۇنداقچە ئېلىپ ئېيتقاندا سىز بۇ دېلو ئۈچۈن مۇنداق بىر ئۇيۇن ئوينىشىڭىزنى سورايمەن. 
    -ئۇيۇن ئويناش؟
    رەنا تېخىمۇ قايمۇقۇپ كەتتى. 
    -بىز مۇنداق دەپ ھۆكۈم چىقاردۇق. قاتىل يولدىشىڭىز ئىچكەن ھاراققا كۆپلەپ كۈچلۈك زەھەر سېلىۋەتكەن بولغاچقا، يولدىشىڭىز ئۇ ھاراقنى ئىچكەندە قاتىل قاتتىق جىدىيلەشكەن، ئۇ بەلكىم ھاراقنىڭ ئاغزىنى ئۆزى ئېچىپ بېرىپ، شۇ يەرگە تاشلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ قايتىپ بېرىپ ئۇ بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئېلىۋالغان. بىز مانا دەل مۇشۇ نۇقتىدىن پايدىلىنىپ بۇ دېلونى يەشمەكچى. ئەمەلىيەتتە مەن نەق مەيداندىن شۇ بوتۇلكىنىڭ ئاغزىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر ئېغىزنى تېپىۋالدىم. بىز قاتىلنى سىزنىڭ قولىڭىزدىكى بۇ بوتۇلكا ئېغىزىنىڭ دەل يولدىشىڭىز ئىچكەن ھاراق بوتۇلكىنىڭ ئېغىزى ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ قولىدىكىسى بولسا باشقا بىر ئېغىز ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرىشىمىز كېرەك.
    -بوتۇلكىنىڭ ئۇ ئاغزى شۇنچىلىك مۇھىممۇ؟
    -چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىدە قاتىلنىڭ بارماق ئىزى بار. قاتىل بۇنى ئاڭلىسا چوقۇم قاتتىق ساراسىمگە چۈشىدۇ.
    -ئۇنداقتا مەن نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن؟
    -بىزچە، قاتىلنىڭ سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارغا بولغان چۈشەنچىسى ئىنتايىن چوڭقۇر. شۇڭا سىز كىمنىلا تاپسىڭىز بولىۋېرىدۇ، دوستلىرىڭىزغا، ساۋاقداشلىرىڭىزغا، ئۆزىڭىزنىڭ نەق مەيداندىن بوتۇلكا ئېغىزى تېپىۋالغانلىقىڭىزنى، ئۇنى ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كېلىپ يولدىشىڭىزنى ئەسلەيدىغان خاتىرە قىلىپ  قويماقچى بولغانلىقىڭىزنى كۆپتۈرۈپ ئېيتىڭ.....
    ساقچى كەتكەندىن كېيىن، رەنا بۇ ئىش توغرىسىدا ئويلىشىشقا باشلىدى، كىمگە دېسەم بولار؟ شەرىپەنىڭ قاتىل بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. مۇبادا ئۇنىڭغا بىۋاستە دېسەم بۇ بەك خەتەرلىك. يەنىلا رىزۋانغا دەي، شەرىپە رىزۋان ئارقىلىق بىلگىلى ياخشى....
    قاچاندىن باشلانغانلىقى ئېنىق ئەمەس، رەنا شەرىپەنى قاتىل دەپلا قاراۋاتاتتى. شۇڭلاشقا ئۇ رىزۋاننىڭ ئۆيىگە تېلىفون قىلدى، گەرچە خېلى كەچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، رىزۋان تېلىفوننى ئىنتايىن تېزلا ئالدى.
    -ھېلىقى كۈنى يېنىمدا بولغانلىقىڭغا رەھمەت، سەن بولمىغان بولساڭ قانداقمۇ قىلاتتىم ئاداش.
    -تۈزۈت قىلمىغىن. بىز دېگەن دوست تۇرساق، بۇنچىلىك ياردەم نېمىتى؟
    -..... سەن بولغاچقىلا ئۆيگە ساق-سالامەت كېلىۋالدىم، ھېلىقى كۈنى سەن بىلەن بىللە قايتماسلىقىمدىكى سەۋەب، مەن ئۇ يەردە خېلى كەچكىچە ئايلاندىم، ھە راست، شۇ يەردىن مۇرات ئىچكەن ھاراق بوتۇلكىسىنىڭ ئېغىزىنى تېپىۋالدىم. 
    رەنا بۇ ۋاقىتتا ساقچىنىڭ دېگەنلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ پۈتۈنلەي سىنارىيىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. 
    -بوتۇلكىنىڭ ئېغىزى؟-رىزۋان ھەيران بولۇپ سورىدى.
    -ھەئە، شۇ بوتۇلكىنىڭ ئېغىزى، مەن بۇنى خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قويايمىكىن دەيمەن. ئۇنىڭدىن ئەڭ ئاخىرىدە قېلىپ قالغان نەرسە شۇ بوپ قالدى....
    -ئۇمۇ توغرا
    رىزۋاننىڭ ئاۋازى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتتى. 
    رەنا تېلىفوننى قويۇۋېتىپپ ئويلىدى. بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بولار؟ قېنى ئەتە رىزۋان بۇ گەپلەرنى شەرىپەگە دېگەندىن كېيىن ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ-دە! رەنا ئۆينىڭ ئۈستىدىكى بالىخانىدا ياتتى، يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا ئۇ پەستىن بىر تىۋىشنى ئاڭلىغاندەك قىلدى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ دىققەت قىلىپ تىڭشىدى، راستلا بىرسىنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتاتتى. رەنانىڭ يۈرىگى ئاغزىغا قاپلىشىپ قالدى، يولدىشى تۈگەپ كېتىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىسىمۇ كەلمەي، مۇشۇ ئۆيدە قېلىپ قالغىنىغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئۇخلاۋېرىشقا كۆزى يەتمەي، كارىۋاتتىن ئىرغىپ تۇردى-دە، پەلەمپەينىڭ يېنىدىكى چىراغنى ياندۇردى، ئاندىن پەسكە چۈشتى، ئەمما ئۇ ئالدىدا بىرىنىڭ تۇغانلىقىنى كۆرۈپ، دىڭڭىدە تۇرۇپلا قالدى. غۇۋا چىراغ ئاستىدا ئالدىدا تۇرغان بۇ ئادەمنىڭ دەل رىزۋان ئىكەنلىكىنى كۆردى. 
    -خەپ! ئاخىرى بىلىپ قالدىڭ!-رىزۋان قولىدىكى پىچاقنى رەنانىڭ ئالدىدا پۇلاڭلىتىپ دېدى،- قورقۇپ كەتتىڭمۇ؟ شۇنداق، بۇ مەن. يولدىشىڭنىڭ قاتىلى، مانا ئەمدى سېنىڭمۇ قاتىلىڭ!
    -سەن... سەن نېمە دەۋەتىسەن؟ نېمىدەپ.. نېمىدەپ بىزگە بۇنداق قىلىسەن؟
    رەنانىڭ تامدەك ئاقارغان چىرايىنى قورقۇنچنىڭ ئورنىغا ھەيرانلىق، يىرگىنىش ئىگىلىگەنىدى. 
    -ئۆلۈم بۇرنىڭغا پۇرىغاندىمۇ سۇئال سوراۋاتامسەن؟ بوپتۇ، ساڭا دەي، يولدىشىڭ بىلەن ھېلىقى گۆرۈخانىنىڭ خوجايىنى مارجان ئىككىسى تېپىشىپ قالدى، مارجان مەن بىلەن بىر نەۋرە تۇغقان. شۇڭلاشقا ئۇ ماڭا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئاغزى بىلەن دەپ بەردى. ئۇنى بىلسەڭ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر بېقىپ چوڭ قىلغان. ئۇنىڭ شۇ شىركەتنى ئېچىشىغىمۇ بىز ياردەم قىلغان ئىدۇق، ئەمما ئۇ شىركەتنى ئېچىپلا بېيىپ كەتتى. بىزنى بولۇپمۇ مېنى كۆزگە ئىلماس بولۇپ كەتتى. ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ پۇللىرىنى ئېلىپ كېتىشىم مۇشۇ ئۆچۈمنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈنلا ئىدى. ئەمما يولدىشىڭ جىم يۈرمەي مەن بىلەن مارجاننىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلىپ قالدى. گەرچە ئۇ مەندىن ھازىرچە گۇمانلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھامان گۇمانلىناتتى، شۇڭلاشقا مەن ھېلىقىدەك بىر قاتار ئۇيۇنلارنى ئوينىدىم. سېنىڭ يولدىشىڭغا ئاكتىپلىق بىلەن يېقىنلاشتىم.  ھەر راست ساۋاقداشلار چېيىدا ساڭا دېگەن ھېلىقى سۆزلىرىم ھېلىھەم ئېسىڭدىمۇ؟
    رەنا رىزۋاننىڭ قولىدا يالتىراپ تۇرغان پىچاققا قارىغىنىچە بېشىنى ئاستا لىڭشىتتى. 
    -ھاھا.... شۇنداق ئەخمەق ئاياللارمۇ بولىدىكەن. شۇنداق قىلىپ سەن مېنىڭ گېپىمگە كىرىپ مارجان ئۆلگەن نەق مەيدانغا باردىڭ، بۇنى كۆرۈپ سەن يولدىشىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىڭنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈردۈڭ، بۇنىڭلىق بىلەن مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىگە بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگەە ھېلىقى كۈنى مۇرات بىلەن مېھمانخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىمىزنى شەرىپە كۆرۈپ قالدى.... كېيىن مۇراتمۇ مەندىن يىراقلىشىپ مېنىڭ قىلمىشىمنى ساقچىغا مەلۇم قىلماقچى بولدى. بېشىدا مەن ئۇنى ئۆزۈمنىڭ تېنى بىلەن تۇتۇپ قالماقچى بولغان بولساممۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا مەندىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن جىددى ئىش كۆرمىسەم بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ مۇراتنى ئۆلتۈرۈۋېتىش نىيىتىم يوق ئىدى، قانداق؟ يولدىشىڭنى قانداق ئۆلتۈرگەنلىكىمنى ئاڭلىغىڭ بارمۇ؟
    رەنا ئۇنىڭغا ئىپادىسىز قاراپ تۇراتتى.
    -ئۇ كۈنى مەن ھاراقنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە زەھەر سالدىم. بىز مېنىڭ ماشىنام بىلەن تاغقا باردۇق. ئۇ ۋاقىتتا كۈن ئولتۇراي دېگەن ۋاقىت ئىدى. ھە راست، مېنىڭ يولدىشىڭنى قانداق قىلىپ قىلتاققا ئىلغىنىمغا قىزىقىۋاتىسەنغۇ دەيمەن-ھە؟! ئەينى ۋاقىتتا مارجان ئۇ ئىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ تارتماقچى بولۇپ، بارلىق ھالال-ھارام پۇللىرىغا ئالتۇن ئېلىپ، مۇشۇ تاغنىڭ بىر يېرىگە كۆمۈپ قويغانىدى. مەن مۇراتنى شۇ ئىش ئۈچۈن چاقىرتتىم. ئۇ ئەلۋەتتە خۇشاللىق بىلەن چىقتى. مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئالتۇن تېپىلسىلا مۇرات مېنى ساقچىلارغا تۇتۇپ بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا ھېلىقى ھاراقنى ئىچكۈزۈۋەتتىم. ئەمما مەن نەق مەيداندىن قايتىپ كېلىدىغان چاغدا بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى پەقەتلا تاپالمىدىم، ئىزدەي دېسەم ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويۇشتىن ئەنسىرىدىم، شۇنىڭ بىلەن سەن جەسەت تونىغىلى بارىدىغان كۈنى، سېنى كۆرگىلى كەلگەن بولۇپ، سەن بىلەن بىللە نەق مەيدانغا بېرىپ ئىزدەپ تېپىۋالدىم. ئەمما ئاخشام سېنىڭ ئۇ بوتۇلكا ئېغىزىنى تېپىۋالغىنىڭنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ كەتتىم. بەلكىم مېنىڭ تېپىۋالغىنىم شۇنداق ئوخشاش خىلدىكى بوتۇلكىنىڭ ئېغىزى بولۇشى مۇمكىن،دەپ ئويلاپ تەشۋىشلەندىم، ئۇ بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىدە مېنىڭ بارماق ئىزىم بار. ئۇ سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈپ قالسا پەقەتلا بولمايدۇ. مانا قالغىنىنى ئۆزۈڭ كۆرۈۋاتىسەن. ئەمەلىيەتتە مېنىڭمۇ سېنى ئۆلتۈرگۈم يوق ئىدى. سەندەك دۆت خوتۇننى، چاي ئوينايدىغان شۇ ئاياللارنىڭ نەدىكى ئۇخلاپ قوپسا چۈشىگە كىرمەيدىغان سۆزلىرى ئۈچۈن، يولدىشىڭنى بوسۇغىدىن تېشىغا چىقىرىپ قويۇپ، ئاخىرى بېشىغا چىققان سەندەك كالۋا خوتۇننى تىرىك قويغاننىڭمۇ پايدىسى يوق.
    رىزۋان شۇنداق دەپلا رەناغا تاشلاندى. ئەمما ئۆينىڭ دېرىزە پەردىسىنىڭ كەينىگە مۆكۈپ تۇرغان ئىككى كىشى ئوقتەك ئېتىلىپ، رىزۋاننى بېسىۋالدى، بۇ ئىككىيلەن ئەسلى «بوتۇلكا ئېغىزى ئويۇنى»غا رىياسەتچىلىك قىلغان پولات ساقچى بىلەن ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى. 
     

    يۇسران

      

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ساقچى , سۇيقەست , پۇل
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-9-30 12:29:26
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1481
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证