تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› بەزى ئىشلارنى ئەستە ساقلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بەزى ئىشلارنى ئەستە ساقلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق



     

    بەزى ئىشلارنى ئەستە ساقلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق

    ئىلگىرى قايسى بىر ژورنالدىن «بەزى ئىشلارنى بىلگۈم يوق» دېگەن تېمىدىكى بىر ماقالە ئوقۇغۇنۇم ئېسىمدە. ماقالىدە، «بىز نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى كۆپ بىلىۋالغانلىقىمىز ۋە بالدۇر بىلىۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇ ئىشلار ئەسلىدىكىدىن بەكرەك مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا، ئەڭ ئاسان ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھېچنىمىنى بىلمەسلىك» دەپ يېزىلغان ئىدى.

    ئەمما ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ئۆزىمىزنىڭ بىلگۈسى بولمىسىمۇ، كېيىن ئامالسىز بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ قالىمىز. شۇ سەۋەبلىك، سىزگە مۇنداق بىر ئېغىز سۆز قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ: بەزى ئىشلارنى ئېسىڭىزدە تۇتىشىڭىز ھاجەتسىز!

    مىسالغا ئېلىپ ئېيتساق، بىرى كەينىمدىن ھەرخىل سۆزلەرنى تارقىتىپ ماڭا تۆھمەت چاپلىدى. «ياخشى سۆز بوسۇغا ئاتلىغىچە، يامان سۆز تاغ ئاتلاپتۇ» دەپ بۇنداق سۆزلەر بەكمۇ ئىتتىك تارقىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئاڭلايدىغىنى مەن بولىمەن. ئەمما ماڭا تۆھمەت چاپلىغان كىشى مەن بىلەن يېقىن دوست، ھەمدە ئۇ ئۆزىنى ئۇ ئىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئەيىبلەپ گۇناھىنى تونىدى. يەنە مىسالغا ئالساق، سىز بىلەن ئىنتايىن يېقىنلىقنى ساقلاپ كېلىۋتقان ئۆزىمۇ ئىنتايىن ئېسىل بىر يىگىت ئىلگىرى بىر قېتىملىق تاسادىپىيلىق بىلەن تۈرمىدە يېتىپ چىققان ئىدى. سىز بۇنى بەك كېيىن بىلدىڭىز، بىلگەن ۋاقتىڭىزمۇ ھەم تازا مۇۋاپىق ئەمەس ۋاقىت بولۇپ قالدى. ئەمما سىز، ئۆتكەن ئىشنى ئۆتكۈزۋېتىشنى ئويلىدىڭىز، چۈنكى ئۆتمۈش ھەرقانچە گۈزەل بولسۇن ۋە ياكى ھەرقانچە رەزىل بولسۇن، ئۇ ھازىر ھېچنىمە ئەمەس. يىللار قوينىدا يۇيۇلۇپ ئۆتكەن ئۇ ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنى سىزنىڭ ئېسىڭىزدە تۇتۇپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

    مۇبادا بىرلىرى سىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى شۇ ھېچنىمە ئەمەس ئىشلىرىڭىزنى تىلغا ئېلىپ قايتا ئوتتۇرىغا چىقارغاندا، ئۇنى كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. گەرچە ئۇ ئىشلارنىڭ ئىچىدە سىزنى چوڭقۇر ئازابلىغان، سىزنى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ئىشلار بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئۇ ئىشلارنىڭ ئەھمىيىتى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس. سىزمۇ ھەم «قورسىقى كەڭ ئادەمنىڭ قورسىقىغا ھەرقانداق ئىشلار پېتىپ كېتىدۇ» دېگەندەك سۆزلەرگە بەك ئىشىنىپ كەتمەسلىكىڭىز كېرەك، مەيلى سىزنىڭ كۆڭلى-كۆكسىڭىز قانچىلىك كەڭ بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭمۇ توشۇپ قالىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ھايات يولىڭىزدا بىر ياقتىن ماڭغاچ، بىر ياقتىن بەزى ئىشلارنى تاشلاپ مېڭىشنى، بۈگۈننىڭ ئۆزىدە ياشاشنى، ئەتىنى ئالدىن پىلانلاشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز بۇلارنى ئۆگىنىۋالالمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ قىممەتلىك بۈگۈنىڭىزنى ئاشۇ كونا ئىشلار بىلەن ئىسراپ بولۇپ، ئارزۇ-ئىستەككە تولغان ئەتىڭىزنى ئۆز قولىڭىزدا يىرتىپ تاشلىغان بولىسىز.

    ئەلۋەتتە، بەزى ئىشلار سىزنىڭ تۈنۈگۈنكى ئۇتۇقلىرىڭىز، سىزنىڭ مەڭگۈلۈك پەخرىڭىز بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ئىشلارنىمۇ سىزنىڭ ئېسىڭىزدە تۇتۇپ يۈرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. مۇبادا سىز بۇلارنى پەقەتلا ئۇنتۇيالمىسىڭىز مەيلى،ئەمما ئۇنى ئېسىڭىزدە بەك ئېنىق تۇتۇۋالماڭ. تۈنۈگۈنكى ئۇتۇقلارنى ئۇنتۇپ كېتىش، بۈگۈنكى روھلىنىشىڭىز ئۈچۈن. ھەر قېتىملىق نەتىجە قازانغان ۋاقتىڭىز دەل كېيىنكى ئۇتۇقىڭىزنىڭ باشلىنىش نۇتۇقى بولسۇنكى، ھەرگىزمۇ ئۆتكەنكى ئۇتۇقلىرىڭىز ئىچىدە مەس بولۇپ يۈرمەڭ!

    ئەمما بەزى ئىشلارنى سىز چوقۇم ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ تاشلىشىڭىز، ئۇنتۇپ كېتىشىڭىز كېرەك، دۇرۇس. بارلىق ئۆچ-ئاداۋەتلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىردەملىك ھاياجانلىنىش، بىردەملىك ئۆزىنى تۇتالماسلىقتۇر. مەيلى سىزنىڭ ئۇ ئۇتۇقلىرىڭىز مەيلى قانچىلىك شەرەپلىك بولسۇن، ئۇ ھامان ئۆتمۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئوڭۇشسىزلىقلىرىڭىز  بولسا سىزنىڭ ھايات يولىڭىزدىكى سەكرەش تاختىڭىز بولالايدۇ. مۇبادا سىز ھەممە ئىشلارنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاپ يۈرۈيمەن دېسىڭىز، قەلبىڭىزدىكى قاراڭغۇ سايە بارغانسېرى چوڭىيىپ بارىدۇ، سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى بوشلۇق بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىدۇ. ئادەمنىڭ بەدىنىدە ئاستى-ئۈستى بولۇپ نۇرغۇن ئەزالىرى بولىدۇ، بەزى كىشىلەر بەدىنىدىكى ھەممە ئەزالىرىنى بۇ ئەسلىمىلەر بىلەن لىققىدە تولدۇرىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، كۆڭۈللۈك بەخت ئۇنىڭ ئىشىكىنى چەككەندە، ئۇ كىشى ئۆز بەدىنىدە ئۇ بەختلىك مىنۇتلارنى سىڭدۇرىدەك بوش ئورۇن تاپالماي قالىدۇ.

    بىرسىنىڭ مۇنداق دېگەن سۆزى ئسىمدە: «ئۇنتۇپ كېتىش بىزنىڭ ئۆزگۈرۈپ كەتمەيدىغان تەقدىرىمىز، ئۆتمۈشتىكى بارلىق ئىشلار قايتىپ بارغىلى بولمايدىغان كەچمىشتۇر. بەزى ئىشلار بىزنىڭ يېنىمىزدىن ئۆتكەنىكەن، بىز ئالدىغا ماڭغانىكەنمىز، ئۇنداقتا بىز ئارقىدا قالغان ئىشلار بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزغا ئوڭ تاناسىپ ھالدا، چوقۇم ئۇنتۇپ كېتىشىمىز كېرەك.» ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، ئۆتمۈشكە قايتالمىغانىكەنسىز، ئۇنداقتا ئۆتمۈشنى چوقۇم ئۇنتۇپ كېتىشىمىز كېرەك. خۇددى گۈللەرنىڭ چېچەكلەپ ئېچىلىشى، بۇلۇتلارنىڭ كېلىپ-كېتىشى، كۈننىڭ چىقىپ-پېتىشىنى ئېسىمىزدە تۇتمىغىنىمىزغا ئوخشاش، ئۇلارنى ئېسىمىزدە تۇتۇۋېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنداق بولغاندا سىز بىر دانە ئەركىن-ئازادە يۈرەككە ئېرىشىپ، تېنچ ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىسىز.

    بەزى ئىشلارنى خاتىرىڭىزدىن چىقىرىشىڭىز لازىم. بۇ ھەرگىزمۇ تېگگە يەتكىلى بولمايدىغان ھېكمەت ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە ئادەتتىكى ئىنتايىن ئاددى تۇرمۇشقا ئوخشايدۇ ــــ بەزىبىر ئازابلارنى ئۇنتۇپ كەتكەندە، تۇرمۇش يولىڭىز كۆپرەك خوشاللىققا تولىدۇ؛ قالايمىقان بېسىلغان شۇ قەدەملىرىڭىزنى ئۇنتۇپ كەتكەن چېغىڭىزدا، سىزنىڭ يولىڭىز راۋان بولغان بولىدۇ؛ بەزى ئۇتۇق ۋە شانۇ-شۆھرەتلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ كەتكىنىڭىزدە، ئالغا باسقان قەدەملىرىڭىز تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. قەلبىڭىزدىكى چىقىش ئىشىكىنى ئېچىۋېتىڭ! بۇ قەلبىڭىزنىڭ بۇ ئىشىكىنى زورلاپ مەھكەم ئېتىۋالغانغا قارىغاندا كۆپ ئاسان، ئەلۋەتتە. بىلىشىڭىز كېرەككى، ئەپۇ قىلىش، ئۇ پەقەت ئۇ ئىشنى كۆڭلىڭىزدە ئوغۇرلۇقچە مۆكتۈرۋېلىش؛ پەقەت سىزنىڭ ئۇنتۇپ كېتىشىڭىزلا، تېگى-تەكتىدىن تەل-تۆكۈس بولغان كەڭ قورساقلىقىڭىز بولغان بولىدۇ.

    يۇسران

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەستە ساقلاش ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-9-29 18:53:17
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1428
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证