ئاددىي ئالىيجاناب كىشى
بىر ئاتا ئوغلىنى ئېلىپ، ۋانگوف تۇرغان جايغا زىيارەتكە كەپتۇ. ئوغلى ۋانگوفتىن قالغان ئەبجەق كارىۋات ۋە ئۇنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن ئايىقىنى كۆرۈپ ئاتىسىدىن سوراپتۇ:
-ۋانگوف ئەجابا مىليونېرلاردىن ئەمەسمىتى؟
ئاتىسىدىن دەپتۇ:
-ۋانگوف خوتۇن ئالىدىغانغىمۇ پۇلى يوق نامرات.
بىر يىل ئۆتۈپتۇ، ئاتا ئوغلىنى ئېلىپ دانىيەگە كەپتۇ. ئۇلار ئاندىرسون ئىلگىرى تۇرغان ئۆيگە زىيارەتكە كەپتۇ. ئوغلى يەنە تېڭىرقىغان ھالدا ئاتىسىدىن سوراپتۇ:
-ئاتا، ئاندېرسون خان ئوردىسىدا تۇراتتىغۇ؟ ئەجەبا ئۇ ھايات ۋاقتىدا مۇشۇ كاتەكتەك ئۆيدە تۇرغانمۇ؟
ئاتىسى جاۋاب بېرىپ دەپتۇ:
-ئاندېرسون بىر موزدۇز ئىدى، بالام، ئۇ ھايات ۋاقتىدا دەل مۇشۇ ئۆيدە تۇرغان.
بۇ ئاتا بولغۇچى كىشى بىر ماتروس بولۇپ، ئۇ ھەريىلى شىمالىي تېنچ ئوكياننىڭ ھەرقايسى پورتلىرىدا قاتناپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ بۇ ئوغلى بولسا ئېتو پىروجيۇ بولۇپ، دۇنيادىكى پۇلېتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى قارا تەنلىك مۇخبىر ئىدى.
يىگىرمە يىلدىن كېيىن، ئېتو پىروجيۇ ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋىرلىرى توغرىسىدا توختالغاندا، مۇنداق دېدى:
-ئەينى ۋاقىتتا بىزنى ئائىلە بەكلا نامرات ئائىلە بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر نېگىر ئائىلىسى ئىدۇق، شۇڭا دادامنىڭ جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ جان بېقىشىغا توغرا كېلەتتى. شۇڭا خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە مەن بىزگە ئوخشاش جەمئىيەتتىكى ئورنى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان نېگىرلار ھېچقانچە بىر ئىستىقبالغا ئىگە بولمايدۇ، دەپ ئويلايتتىم. مېنىڭ ئاتام ماڭا ئاندېرسون بىلەن ۋانگوفنى تونۇشتۇردى. ئاتام ماڭا يەنە نېگىر بولۇشنىڭ ھېچقانداق بىر تۆۋەن، پەس ئىش ئەمەسلىكىنى، مۇشۇ ئىككى داڭلىق كىشىنىڭ ھاياتىدىن تەڭرىنىڭ قارا تەنلىكلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»
باي كىشىنىڭ چوقۇم بىر ئالىيجاناب كىشى بولىشى ناتايىن، كەمبەغەل كىشىنىڭمۇ چوقۇملا تۆۋەن پەس ئورۇندا بولۇشى ناتايىن. تەڭرى ئەزەلدىن شۇنداق ئادىل. تەڭرى پۇرسەتنى ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا ئوخشاش بېرىدۇ. شۇڭا تۆۋەن ئورۇندىكى كىشىلەرمۇ شۇ پۇرسەتتىن ئوخشاش بەھرىمان بولالايدۇ. ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاش قەلىبكە قېقىلغان بىر دانە مىخ، مۇبادا ئۇنى ۋاقتىدا ئېلىپ تاشلىمىغاندا، ئۇ مىخ كىشىنى ھەردائىم شۇنداق قىيناپ تۇرىدۇ.
يۇسران