تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سىزگە يەنە ئىشىنەمدىم



     

    سىزگە يەنە ئىشىنەمدىم

    ئىشىنىش دېگەن زادى نېمە؟ مەنچە ئىشىنىش دېگەن كىشىلەرنى ئۆزئارا باغلاپ تۇرغان كۆرۈنمەس بىر ئارغامچا. بۇ خىل ئارغامچا ئىككى تەرەپنىڭ ھاياتلىق كەلگۈسىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى تۇرمۇشنىڭ ھەرخىل قىيىن ئۆتكەللىرىدە ئۆزئارا چىڭ باغلاپ، تۇرمۇش ھالاكەتلىرىدىن ئامان-ئېسەن ساقلايدۇ. مۇبادا كىملا بۇ ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى بوشىتىپ قويىدىكەن، ئۇ قاتاردىن چۈشۈپ قالىدۇ ياكى ئۆزىنى نابۇت قىلىدۇ.

       ئىشەنچ ئۇ يەنە بىر خىل ئىللىق كۆيۈنۈش، بىرەر ئېغىز ۋاپادارلىق قەسىمى بولۇپ، ئۇ سەمىمىيەتنىڭ مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ. مۇھەببەتكە تولغان بىر قېتىملىق ئىللىق بېقىشلارمۇ بىزنى ئۈمىدسىزلىكنىڭ ھاڭلىرىدىن تارتىپ چىقىرالايدۇ. مەن بىر ياش ئانىنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇ  ئانا تۇغۇلغىنىغا نەچچە ئايلىقلا بولغان قىزىغا ھەمراھ بولۇپ ياتقىنىدا، ئۆزىنىڭ كۈندۈزى تارتقان بارلىق جاپالىرىنىڭ بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، قىزىنىڭ كۈنسېرى چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزىلا ئۆزىگە نىسبەتەن ئالاھىدە بىر بەخت ئىكەنلىكىنى، بىر كۈنى قىزىنىڭ يېرىم كېچىدە كۆزىنى تۇيۇقسىزلا ئاچقانلىقى، بوۋاقلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئەمەلىيەتتە يىغلاپ ئانىسىنى چاقىرىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كۈنى قىزىنىڭ كۆزىنى ئېچىپلا ئۆزىگە مېھىر بىلەن بېقىپ تۇرغان ئانىسىنىڭ كۆزلىرىنى كۆرۈپ، پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ يەنە داۋاملىق ئۇخلاۋەرگەنلىكى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ خېلى ۋاقىتلارغىچە تەسىرلىنىپ، ھاياجانلىنىپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بۇنىڭ قىزىنىڭ ئۆزىگە بولغان بىر ئىشەنچىسى ئىكەنلىكىنى، بىر خىل تەبىئىي بولغان، تۇغۇلىشىدىنلا بولغان ئىشەنچ ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئانىسى يېنىدىلا بولسا ئۆزىنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىيالايدىغانلىقىنى دېدى. مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزۈمچە كىچىك بالا نېمىنى بىلەتتى، ئانا بولغۇچى شۇنداق چۈشىنىۋالغان گەپ دەپلا ئويلىغانىدىم، ئەمما كېيىن يەنە ئويلاپ قالدىم، راست شۇنداق بىر خىل ئىشەنچ بولىدىكەن، ئۇنداق ئىشەنچ روھ، قەلبتىن كەلگەن بىر خىل سىرلىق ئالاقە بولىدىكەن.

       نەچچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ بىر تېلىۋېزىيە پىروگراممىسىنى كۆرۈپ، قورققىنىمدىن بەدەنلىرىم شۈركۈنۈپ كەتتى. ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ئىنتايىن قەبىھ ئىت ئېيىقتىن بىر نەچچىنى كىچىكىدىن تارتىپلا باققان بولۇپ، ئۇلانىڭ دېيىشىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ خىل ئىشەنچ تۇرغۇزۇلغان ئىكەن. بۇ ئىشەنچلەرنىڭ ئارىسىدا ماددى جەھەتتىكى ئىشەنچمۇ، مەنىۋىي جەھەتتىكى ئىشەنچمۇ بار ئىكەن. ھەر قېتىم ئىت ئېيىقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇن كۆرسىتىشتىن ئىلگىرى ئۇلار ئېيىقلارغا يەيدىغان نەرسە بېرىدىكەن. ئۇ نەرسىلەرنى يەپ ئېيىقلارنىڭ قورسىقى تويغاندىن كېيىن، ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننىڭ ھەرقانداق بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ ئۇيۇن كۆرسىتىدىكەن. ئۇ كۈنى پىروگراممىغا نۇرغۇن تاماشىبىنلار بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننىڭ بۇ ۋەھشىي ئېيىقلار بىلەن زادى قانداق ئۇيۇن كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈشكە كەلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاكىسى قولىغا كامىرانى ئېلىپ سۈرەتكە ئېلىشقا تەييارلاندى، ئىنىسى بولسا ئېيىقلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن مۆرىدىشىپ ئويناشقا باشلىدى. مەيداندىكى ھەممە تاماشىبىنلار ماڭا ئوخشاشلا جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى. چۈنكى بۇ ئېيىقلار قارىماققىلا بەك ۋەھشىي ياۋۇزلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئەمما ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن بۇ ئېيىقلارنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك ئەركىن تەبىئىي بولۇپ، ئېيىقلار بىلەن بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىللىك ئىشەنچنىڭ شەكىللەنگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇنى كۆرۈپ كۆپچىلىكمۇ ئاستا-ئاستا ئۆزىگە كېلىشكە باشلىدى، ئۇكىسى بولسا تۆۋەندىكى تاماشىبىنلارنى سەھنىگە چىقىپ ئېيىقلار بىلەن بىللە ئويناشقا تەكلىپ قىلدى. ئەمما شۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىزلا ھېلىقى ئېيىقنىڭ بىرى كەينىگە ئۆرۈلۈپلا يىگىتنى چىڭ قۇچاقلاپ چىشلىۋالدى. يىگىتنىڭ قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىرىشى بىلەنلا يىگىتنىڭ ئاكىسى ۋە نەچچە تاماشىبىن ئېتىلىپ بېرىپ يىگىتنىڭ ئېيىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىرىۋالدى، ھېلىقى ئېيىق بولسا تېخىچە پۇشۇلداپ، ھاسىراپ بىر ئىشتىن قاتتىق نارازى بولغاندەك ئىدى. ئاكىسى ئۇكىسىنىڭ بويۇن تەرىپىنىڭ ئېيىق تەرىپىدىن چوڭقۇر چىشلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ قۇتقۇزۇش ئەتىرىتىنى چاقىرىپ بولغۇچە ئىنىسىنىڭ تىنىقى توختىدى. ئاكىسى شۇندىلا كۆپچىلىككە ئىنىسىنىڭ بىر ئىشنى خاتا قىلغانلىقىنى، يەنى ئىنىسىنىڭ ئېيىقلارغا بېرىدىغان يېمەكلىكنى بەرمەي تۇرۇپلا ئۇلارنى ئۇيۇن كۆرسىتىشكە چاقىرغانلىقىنى، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شەكىللەنگەن ئۇزۇن يىللىق ئىشەنچنى بۇزغانلىقىنى ئۈچۈن، ئېيىقنىڭ ئىنىسىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى دېدى. ھايۋانلار ئىنسانلاردىن ئەنە شۇنداقلا ئۆچ ئالىدۇ. چۈنكى سىز ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭىز ۋە ياكى ئۇلار بىلەن ئارىڭىزدىكى ئىشەنچ زەنجىرىنى ئۈزدىڭىز.

    ئەمما ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى ئىشەنچ كىرزىسى ئەلۋەتتە بۇنداق ھەل قىلىنمايدۇ. بەزى كىشىلەر ئىشىنىش ئىشەنمەسلىككە بەك پىسەنت قىلىپ كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىغىنى ماددى مەنپەئەتلا بولىدۇ. مەنپەئەتلا بولىدىكەن، ئۇ چاغدا ئىشەنچ بىر نىقابقا ئايلىنىدۇ-دە، لازىم بولغاندا تاقىۋالىدۇ. كېرىكى قالمىغاندا ئېلىپ تاشلايدۇ، ئاندىن ئۆزىگە قايتىدۇ. ئەمما مەنپەئەت بولغان تەقدىردىمۇ ئىشەنچ ئۈستىدە بولىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ قاراڭغۇ بازاردا بېلەت ئەتكەسچىلىكى قىلىدىغان بىرى بولۇپ، بىر قېتىم بېلەت تازا قىس بولۇپ، قاراڭغۇ بازارچىلارنىڭ سودىسى ئوتتەك بولۇۋاتقان چاغدا، ئۇ ئەتكەسچىنىڭ بىر كونا خېرىدارى شۇنچە ساقلىسىمۇ كەلمەپتۇ. ئاخىرىدا بېلەتنىڭ كۈنى ئۆتۈپ، بىكار بوپتۇ. كۆپچىلىك ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، بېلەتنىڭ ئالتۇندەك ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭ، شۇ خېرىدارىڭ ئۈچۈن ئەرزىمدۇ؟ دېيىشىپتۇ. ھېلىقى ئەتكەسچى مۇنداق دەپتۇ. بۇ خېرىدار نەچچە يىلنىڭ ياقى مەندىنلا بېلەت ئېلىۋاتقان تۇرسا، مەن ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئىشىنىمەندە! كېيىن ھېلىقى كونا خېرىدار ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتلارغىچە كەلمىگەندىن كېيىن، بۇ ئەتكەسچى ئۇ خېرىدارىنى ئىزدەپ بېرىپتۇ. ئەسلىدە ھېلىقى كونا خېرىدار ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن بېلەت ئالغىلى بۇ كىشىنىڭ يېنىغا كېلىۋاتقاندا ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ئىكەن. بېلەت ئەتكەسچىسى كونا خېرىدارىنىڭ يېنىدا ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە تۇرۇپتۇ. ھېلىقى كىشى ياشقا تولغان كۆزلىرىنى بېلەت ئەتكەسچىسىگە تىكىپ تۇرۇپ:

    -بېلەتنى ماڭا سېتىپ بېرىڭ! سىزنى زىيان تارتقۇزسام بولمايدۇ!-دەپتۇ.

    بېلەت ئەتكەسچىسى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:

    -ياق، بېلەتنى ۋاقتى ئۆتتى، بەرىبىر ئىشلىتەلمەيسىز، بۇ يەرگە سىزگە بېلەتنى سېتىۋالغىلى كەلمىدىم، سىزنى كۆرگىلى كەلدىم!-دەپتۇ.

    ئۆتكەن يىلى بىر نەشىرىيات بىلەن كىتابىمنى چىقىرىش ئۈچۈن دېيىشىپ، توختامنىمۇ تۈزۈشۈپ، كىتابنى يازمىسىنىمۇ تاپشۇرۇپ بولغان ئىدىم. سەككىز ئايدىن كېيىن كىتابنىڭ نەشىردىن چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا دېيىشكەن ئىدۇق. مەن بۇ سەككىز ئاينى ئىنتىزارچىلىق ئىچىدە توشقۇزدۇم. چۈنكى بۇ مېنىڭ تۇنجى ئەسىرىم ئىدى. بۇ خۇددى بىر ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ تۇغۇلىشىنى ساقلىغاندەكلا ئىش ئىدى. ئەمما تېخى سەككىز ئاي توشماي تۇرۇپلا، نەشىرىيات ماڭا، كىتابنى يەنە يېرىم يىلدىن كېيىن چىقىرىدىغانلىقىنى قانداقتۇر بىر سەۋەبلەر بىلەن ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئۇ يېرىم يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇلار يەنە يېرىم يىلدىن كېيىن چوقۇم نەشىردىن چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، مەن ئۇلارغا يەنە ئىشەندىم. ئەمما يېرىم يىلدىن كېيىنكى جىمجىتچىلىقنى كۆرۈپ، ماقالەمنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلاپ، ئۇلار ئۆزۈم تېلىفون قىلدىم، ئەمما ئۇلار يازغۇچىلارنىڭ چوقۇم ئۆزلىرىگە ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، يەنە يېرىم يىل ساقلىشىمنى ئۆتۈندى. ئۇلارغا ئىشىنىشنى خالىدىم. ئەمما مانا ئىككى يىل بولاي دېدى. كىتابىم تېخىچە چىقمىدى. مەن نەشىرىياتقا بىر كونۋېرتلا ئەۋەتىۋەتتىم. سىرتقا يوغان قىلىپ: «مەن سىزگە يەنە ئىشىنەمدىم؟» دەپ يازدىم.

    يۇسران

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئىشىنىش , ئارغامچا
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-9-29 18:01:10
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1265
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证