تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› چەتئەل تەسىراتلىرى ›› بىر ئۇيغۇرنىڭ چۈشى(يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى مەۋجۇتلۇق) 4-
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Kurshat
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11167
    kurshat@qarluq.com

    يازما سانى : 10
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بىر ئۇيغۇرنىڭ چۈشى(يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى مەۋجۇتلۇق) 4-

     



     

    ئامېرىكا چۈشى(ئامېرىكىدا تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇش قەدەم-باسقۇچلىرى)

     

     مېنىڭ ئامېرىكىدا كوننىكتۇت شىتاتى پۇتنام ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن بەزى دوستلار مېنىڭ قانداق قىلىپ ئامېرىكىدا تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمنى سۆزلەپ بېرىشىمنى سورىدى. مەن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈلىرىنىڭ ئامېرىكىغا چىقىپ سۆز-پىكىر ئەركىنلىكى مۇتلەق كاپالەتكە ئىگە بولغان بۇ دۆلەتتە ئۆزگىچە مائارىپتىن نەھرىمەن بولسۇشىغا ياردىمى بولسۇن دىگەن مەقسەتتە  ئامېرىكىغا چىقىش ئارزۇسى بولغانلارغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن بۇ يازمىنى تەييارلىدىم.   كۆپچىلىك يازمامدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 

     كىچىككىنە پايدىلىنالىسا ۋە ياكى مۇشۇ يازما سەۋەبى بىلەن بىرەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئامېرىكىغا چىقىپ كېيىنكى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سالالىسا مەن خىزمىتىمدىن رازى بولغان بولاتتىم.

     

     مۇقەددىمە:

     

    1. ئامېركىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش ھەققى:

     2011-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن مەن جۇڭگۇنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى مائارىپ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندىم. گەرچە قارلۇقنىڭ مائارىپ شۇئارى بولغان 《ئەڭ ئالى ئۇنىۋېرسىت ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش》نى تولۇق ھىس قىلساممۇ بەزىدە كوللىكتىپنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزەمنى كونترۇل قىلىش ئارزۇسىدا بولۇپ قالغانلىقم تۈپەيلى يەنىلا دەسلەپكى مائارىپ ئاساسىمنى مەكتەپلەردە تولۇقلاش نىيىتىدە ئىدىم. شۇنداق قىلىپ مەن  ئامېركىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشنى باشلىدىم،  تەخمىنەن يېرىم يىلدەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ  تەخمىنەن 500 ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ ئامېركىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگەللەپ بولدۇم. شۇڭا مەن بۇ ماقالەمدە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئامېرىكىدا ئوقۇماقچى بولغان ياشلار ۋە   ئاتا-ئانىلارغا ئازراق مەسلىھەت بېرىپ قويماقچى.

     

        ئامېركىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئوقۇش ھەققى تۆۋەن بولغاندا 5000$ يۇقىرى بولغاندا 50000$ غىچە بولۇپ، ئەلۋەتتە ئوقۇش پۇلى قانچە تۆۋەنلىگەنسىرى شارائىت شۇنچە ناچارلىشىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يىللىق كىرىم ئۈچ يۈزمىڭ يۈئەندىن تۆۋەن بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئامېركىدا ئوقۇتۇشنى يەنە بىر قېتىم ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى بالىلىرىنى يىللىق ئوقۇش ھەققى 10000$ تۆۋەن ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقاندىن كۆرە مەنچە رايونىمىزدىكى بەزىدە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ توفىلدىن ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇش مۇكاپاتى ئارقىلىق ئامېركىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇنى ياخشى. ئامېركىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئادەتتە ئۈچ تۈرگە بۆلۈنگەن بولۇپ:

     

    (1). ھۆكۈمەت ئوتتۇرا مەكتەپلىرى

     توردىن ئىگەللىشىمچە ئامېركىدا تەخمىنەن 27,468 ھۆكۈمەت مەكتىپى بار بولۇپ، بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى بىكارلىق لېكىن ئوقۇغۇچىلىرى چوقۇم شۇ يەرنىڭ پۇقراسى بولۇپ شۇ يەرگە باج تۆلەۋاتقان بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاچقا بۇنداق مەكتەپلەرگە بىزدەك چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا مۇمكىن ئەمەس.

     

    (2). دىنىي مەكتەپ

     ئامېركىدا خىرىستىيان ئوتتۇرا مەكتەپلەر، كاتولىك ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە ھەتتا بۇددا ، ھىندى، باھائى ۋە باشقا بىز ئاڭلاپ باقمىغان دىن-مەزھەپلەر  ئاچقان  ئوتتۇرا مەكتەپلەر بار بولۇپ، دىنى جەمىيەت ۋە كىشىلەرنىڭ ئىئانە ياردەملىرى بولغانلىقتىن بۇلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ئاساسەن 20000$ دىن تۆۋەن بولىدۇ. لېكىن بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ دىنى ئارقا كۆرۈنۈشى قاتتىق، دەرس سېتكىسىدا دىنى مەزمۇنلار ئاساس قىلىنغان بولۇپ  ، دىنى بىلىمى تۆۋەن مۇسۇلمان بالىلارنىڭ بۇنداق مەكتەپلەردىن ئېھتىيات قىلغىنى ياخشى. مەن ئۆزگەرمەيدىغنلىقىمغا ئىشىنىمەن دىگەن تەقدىردىمۇ مەكتەپ كوللىكتىپى بىلەن سىڭىشىپ ئۆتۈش مۈمكىن ئەمەس، يەنىمۇ مۇھىمى دىنى دەرس مىقدارى قانچە كۆپەيسە ئوقۇش پۇلى شۇنچە ئاز بولىدىغان ئەھۋال بار بولغاچقا  ھەپتىلىك دەرس ۋاقتىنىڭ 10 نەچچە سائىتى كېرەكسىز دىنلارنىڭ يالغان ياۋىداقلىرىنى ئۆگۈنۈشكە سەرپ بولۇپ كېرەكلىك ئاساسى بىلىم ئىگەللەيدىغان  ۋاقىت ئاز بولۇپ قالىدۇ.  ئامېرىكىدا ئوقۇش ھەققى ئەرزان ئىسلام دىنى مەكتەپلىرىنىڭ بار يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈردۈم، ئەمما ئامېرىكىدا دىنى جەمىيەتلەر چىقىمىغا مەسئۇل بولغان ئىسلام دىنى ئوتتۇرا مەكتىپى يوق بولۇپ شەخسلەر ئاچقانلىرى بار ئىكەن، بۇنى تۆۋەندىكى شەخسلەر مەكتىپىنى تونۇشتۇرغان مەزمۇندا تىلغا ئالاي.

     

    (3). شەخسىي ئوتتۇرا مەكتەپ:

     شەخسىي ئوتتۇرا مەكتەپلەر شەخسىلەر ئۆزى قۇرغان مەكتەپلار بولۇپ ئامېركىدا ئۇنداق ئوتتۇرا مەكتەپتىن 28996سى بار. بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك 5000$دىن 50000$ غىچە بولۇپ ھەر خىل شەرتلەر بىلەن مەسىلەن  ھىندى ياكى قارا تەنلىكلەرنىڭ ئوقۇش پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى كەچۈرۈم قىلىدىغان، مەلۇم ئەزاسى مېيىپلەرنىڭ  ياكى مەلۇم ئالاھىدىلىكى بار بولغانلارغا قارىتىلغان نىسبەتەن  خەيرى-ساخاۋەت تۈسىنى ئالغانلىرىمۇ بار ئىكەن،  ئەمما مەن بىزگە  مۇۋاپىقلىرىنى تاپالمىدىم.  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بايلار مەكتىپىنىمۇ كۆردۈم ئەمما ئۇ يەردە ئىلىم ئۆگىتىلىدىغاندەك ئەمەس، ئامرىكىدىكى بايلارمۇ بالىلىرىنى بايلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتمايدىكەن، ئاساسەن لاتىن ئامېرىكىسى، جۇڭگۇ ۋە ئافرىقىدىن كەلگەن باينىڭ بالىلىرى يىللىقىغا 50مىڭدىن ئىككى يۈزمىڭغىچە دوللار تۆلەپ ئۇ ھەشەمەتلىك مېھمانخانىغا ئوخشايدىغان مەكتەپلەردە ئۆمۈرنى زايە قىلىدىكەن. ئوقۇتۇش سۈپىتى ئەمەلى ئىگەللىنىدىغان بىلىم ۋە ئامېرىكا جەمىيىتىگە سىڭىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بىزدىن بېرىشنى خالىغانلارغا ئوقۇش چىقىمىنى تولۇق كۆتىرىدىغان ئوتتۇرىھال سەۋىيەدىكى   ئوقۇش پۇلى  15000$~25000$ غىچە بولغان شەخسىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرلا ماس كېلىدىكەنبەزى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تاماق ياتاق ھەققى ئايرىم-ئايرىم بولىدىغان بولۇپ دېمەك ئۇنى ئۆزى بارماقچى بولغان مەكتەپنىڭ ئەھۋالىغان قاراپ بېكىتسە بولىدۇ. دېمەك ئۆزىڭىزنى ئەھۋالىغا قاراپ مەكتەپ تاللىسىڭىز مەنچە ئۆزىڭىزگىمۇ ياخشى بالىڭىزغىمۇ ياخشى. شەخسلەر ئاچقان، بولۇپمۇ ئەھمەدىلەر، شىئەلەر، ئومان خاۋارىجلىرى ئاچقان ساناقلىقلا مەكتەپ بار  ئىكەن بالىنى ئىسلام مەكتىپىگە ئەۋەتتىم دەپلا تېگى تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەي بۇنداق بەد مەزھەب مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ سېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك .  ئەھلى سۈننى مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئەقىدە جەھەتتىن يېقىنراق كېلىدىغان تۈركىيە نۇرچىلار مەكتىپى ئامېرىكىدا بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ئاساسەن ھەر قايسى شتاتلاردا دىگۈدەك بار ، ئوقۇش پۇلىمۇ مەكتەپ سارائىتىغا قاراپ  ئوتتۇرىھالدىن يۇقىرى ھىساپلىنىدىغان 25مىڭ دوللاردىن  40مىڭ دوللارغىچە ئىكەن.  ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بېرىدىغانلار ئۈچۈن بۇ مەكتەپلەرمۇ بوپ قالىدۇ. شۇنىسى ئېنىق بولسۇن ئامېرىكىدا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى چەتئەللىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىدىغان بىرمۇ مىسال ئۇچراتمىدىم، بىر نەچچچە مەكتەپ بىلەن ئالاقىلاشسام ئۇلار ھەرقانچە تالانتلىق بولساممۇ ئوقۇش مۇكاپاتىنى مەكتەپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئالى مەكتەپكە چىققاندا شىركەتلەرنىڭ ياردىمىنى ئېلىش ئىمكانىىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.    

     

     

     ئامېركىغا بېرىش قەدەم باسقۇچلىرى:

     1. پاسپورت

     2. مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىش

     3. ۋىزا بېجىرىش 

     4. ئامېركىغا مېڭىش

     

    1. پاسپورت:

     مەن ئاتام بىلەن ماڭا پاسپورتنىلا ھەل قىلىپ بەرسە ۋە قولۇمغا 2000 يۈئەن بەرسە قالغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئۆزۈم قىلىدىغانلىقىى ئېيتىپ دېيىشكەن شۇڭا ئاتام ماڭا پاسپورتنى بېجىرىپ بەرگەچكە ئۇ يوللارنى ئانچە تەپسىلىي ئۇقۇپ كەتمەيمەن، كەچۈرۈڭلار، لېكىن تۆۋەندە مەن پاسپورت چىققاندىن كېيىنكى قەدەملەرنى تونۇشتۇرۇپ چىقاي.

    2. مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىش:

    مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك مەن ئامېركىغا بېرىش جەريانىدا جەمىي 500 ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن ئالاقىلەشتىم ۋە ئاخىرى تاماق، شارائىت، ئوقۇش ھەققى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ نىيوركنىڭ قېشىدىكى بىر بىر تۈرك ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ چاقىرىق ئەۋەتكۈزدۈم. تۆۋەندە مېنىڭ مەكتەپ ئىزدىگەن جەريانىمنى ئاددىيلاشتۇرۇپ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:

    1. ئامېركىدىكى داڭلىق200 شەخسى مەكتەپلەرنىڭ تور-بېكىتىنى توردىن ئىزدەش.

    2. ۋە ئۇلارنىڭ تور بېكىتىگە چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغان ئاساسەن تاللاش. تۆۋەندە مېنىڭ ئۆلچەملىرىمنى دەپ ئۆتەي:

    (1.) تاماق(چوقۇم ھالال تامىقى بولۇش كېرەك)

    (2.) ياتاق( چوقۇم مەكتەپنىڭ ئۆزىنىڭ ياتىقى بولۇش كېرەك. چۈنكى جىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۆزلىرى ئالاقىلەشكەن ئائىلە ياتاقلىرى بولىدىغان بولۇپ ئۇنىڭدا سىز خەقنى ئۆيىدە ياتىسىز ۋە ئايلىقىغا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 700$ تۆلەيسىز)

    (3.) ئوقۇش پۇلى 15000$دىن 25000$ غىچە بولىشى كېرەك.(ياتاق-تاماق چوقۇم ئىچىدە بولىشى كېرەك)

    (4.) ئوقۇغۇچىلىرى جىق، شەھەر ئىچىدە بولىشى كېرەك.

     ماڭا شۇ ۋاقىتتا بۇ ئۆلچەمگە چۈشكەن 37 مەكتەپ چىققان.

    3. تاۋباۋدىن 100 كويلۇق سىكايىپ نىڭ 1000 مىنۇتلۇق تېلېفون كارتىسىنى ئېلىش.

    4. مەكتەپلەرنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ ھەممە مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە تەلەپنى ئېنىق دەپ ئەھۋالىنى ئىگەللەش ھەم ئۆزىنى قوبۇل قىلامدۇ قىلمامدۇ ئېنىق ئۇقۇش. شۇ ۋاقىتتا ماڭا 37 مەكتەپتىن 8 مەكتەپ مېنىڭ شەرتىمگە چۈشكەن ئاساستا مېنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    5. مېنى قوبۇل قىلماقچى بولغان سەككىز مەكتەپنىڭ ئىككىسى ھەربىي مەكتەپ، ئۈچىسى پەنلەر كەسپىي مەكتىپى، ئۈچىسى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ تەلىپىمگە لايىق چىققانلار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ھەممە تەلەپلەرنى ئويلىشىپ نىيوركتىكى تۈرك مەكتەپنى تاللىدىم ھەم چاقىرىق ئەۋەتكۈزدۈم. ئارىلىقتا شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشۇم كېرەككى پاسپورتنى ئالغان كۈندىن باشلاپ ئامېركىغا ماڭغىچە بولغان بىر ئايدا بىر كېچىمۇ ئۇخلىمىدىم، بەلكى كۈندۈزى ئۇخلىدىم چۈنكى ئامېرىكا بىلەن بىزنىڭ ۋاقتىمى نەق 12 سائەت پەرقلىنىدىغان بولغاچقا ئامېركىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىلەن كېچىسى ئالاقىلىشىم كېرەك ئىدى.

     

    3. ۋىزا بېجىرىش:

       مېنىڭچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئامېركىغا ۋىزا ئېلىش ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاسان بولۇپ(ۋىزا دېگىنىمىز ئامېركىغا كىرىش ھوقۇقى) شەخسەن مېنىڭ پاسپورتۇم 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چىقتى ۋە 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېركىغا ماڭدىم(پۈتۈن يولنى ئۆزۈم ماڭدىم) لېكىن ئامېركىغا بارىدىغان 90% ئادەم ئامېركىغا ئوقۇغۇچى چىقىرىدىغان ۋاستىچى شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشپ شۇلار ئارقىلىق چىقىدۇ. ئادەتتە ۋاستىچى شىركەتلەر مۇلازىمەت ھەققىگە 35مىڭدىن 50 مىڭغىچە پۇل ئالىدۇ(پاسپورتنى ئۆزىڭىز بېجىرىسىز، ئارىلىقتىكى ئايروپىلان ھەققى، سېۋىز ھەققى، ۋىزا ھەققى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىز تۆلەيسىز). ۋىزا بېجىرىشقا تەخمىنەن 10000 يۈئەن كېتىدۇ.

    1. ۋىزا ھەققى(中信银行 غا بېرىپ تاپشۇرىدىغان پۇل): 1024 يۈئەن

    2. كونسۇل كارتىسى(كونسۇلغا تېلفون ئۇرىدىغان كارتا): 54 يۈئەن (12مىنۇت)

    3. بېرىپ كېلىش ئايروپىلان ھەققى(بېيجىڭ_ئۈرۈمچى): 5000 يۈئەن(بېلەتنى بالدۇر ئالسىڭىز تېخىمۇ ئەرزان)

    4. سېۋىس ھەققى(ئامېركا بىخەتەرلىك ئىدارىسى): 200 دوللار

    5. بېيجىڭ ياتاق ھەققى: بىر كۈنلۈك 500 يۈئەن

    6. پوچتا ئىدارىسى(پاسپورت بىلەن ۋىزىنى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئورۇن): 36 يۈئەن

    7. ئامېركىغا بارغىچە بولغان كىرا ھەققى: تەخمىنەن 10000 يۈئەن.

    8. سىكايپې تېلېفون ھەققى: 100 يۈئەن(مىڭ مىنۇت)

     شۇنداق قىلىپ پاسپورت چىققاندىن باشلاپ ئامېركىغا بېرىش ئىشىم تەخمىنەم 17300 يۈئەن بىلەن پۈتتى.

    تۆۋەندە مەن قىلغان ئىشلىرىمنى تەپسىلىي ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:

     مەن مەكتەپتىن چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 中信银行 غا بېرىپ 52 كويغا 12 مىنۇتلۇق كارتا ئالدىم ۋە تېلېفون ئۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ كونسۇل بىلەن كۆرۈشۈپ ئامېركىغا چىقماقچى ئىكەنلىكىمنى شۇڭا مېنى كونسۇل بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېيتىم شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماقۇللۇقنى بىلدۈردى ۋە مەندىن تۆۋەندىكى نەرسىلەرنى سورىدى:

    1. تولۇق ئىسىم-فامىلەم؟

    库尔夏提 斯拉吉丁

    kuershati silajiding

    2. پاسپورت نومۇرى؟

    e0017XXXX

    3. كىملىك نومۇرۇم؟

    65010219970802XXXX

    4. ۋىزا پۇل تاپشۇرغانلىق تالوننىڭ نومۇرى؟

    01905XXX

    5. ئالاقىلىش ئۇسۇلۇم؟

    138998XXXXX

    6. ئامېركىغا بېرىش مەقسىتىم؟

    7. مېنىڭ جوڭگۇدىكى مۇقىم تۇرىدىغان ئادىرسىم؟

    新疆,乌鲁木齐………….

    8. ئامېركىغا بېرىش مەقسىتىدە رەت قىلىنىغانلىقىم بارمۇ؟

    ياق.

     مەن بۇ گەپلەرگە جاۋاپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ماڭا ئۈچ كۈندىن كېيىن يەنى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:45 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭ كونسۇلخانىسىغا كېلىپ بولۇشۇمنى ئېيتتى شۇنىڭ بىلەن ماقۇللۇقۇمنى بىلدۈرۈپ ماتىريال تەييارلاشقا چۈشۈپ كەتتىم، ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن كونسۇلغا بېرىپ بىرىنچى قېتىمدىلا ۋىزىنى ئوڭۇشلۇق ئالدىم. ئەگەر ماڭا ئامېركىغا بېرىش ئارزۇيۇڭلار بولۇپ قالسا دېسەڭلار ياردەم قىلىشنى خوشاللىق دەپ بىلىمەن. ھەم ئەمدى ئۆزۈم ئوقۇۋاتقان مەكتىپىم توغۇرلۇق ئازراق ئۇچۇر بېرىپ قوياي:

     

    مەكتەپ ئىسمى:

     Putnam Science Academy

     

    ئوقۇغۇچى سانى

    200

     

    مەكتەپ ئورنى:

     نېيوركقا يېقىن ئەتراپتىكى بىر جىمجىت مەنزىرسى گۈزەل يەردە

     

    يىللىق سانى:

    9-يىللىقتىن~12-يىللىققىچە

     

    مالىملار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭلىمىسى:

    9 ئوقۇغۇچىغا بىر مۇئەللىم توغرا كېلىدۇ

     

     بۇ مەكتەپ مەخسۇس ئوغۇللار مەكتىپى، ئايرىم ئېنگىلىسچە ئۆگەتمەيدۇ، شۇڭا بۇرۇن ئېنگىلىسچە ئاساسى يوق بالىلار ئازراق قىينىلىپ قېلىشى مۇمكىن، مەكتەپتە بەش ئۇيغۇر بار، بۇ مەكتەپ تۈرك مەكتىپى بولغاچقا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن بالىلار كۆپ، تاماق، ناماز، شارائىت جەھەتتىن ھېچقانداق مەسىلە يوق. پەقەت ئوقۇش بېسىمى باشقا ئامېركىدىكى مەكتەپلەرگە قارىغان ئېغىر، بالىلارنىڭ سۈپىتى ياخشى، ئەگەر ئامېركىغا چىقىش ئارزۇسى بولۇپ قالغانلارغا مېنىڭ مەكتەپ ئۆلچەش ئۇسۇلۇم بويىچە بۇ مەكتەپ ئامېركىدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپ دەپ ئېيتالايمەن.

     ئەگەر مەكتەپ توغۇرلۇق بىرەر سوئالىڭىز بولۇپ قالسا ماڭا ئۇچۇر يوللاڭ، مېنىڭ ئېلىكتورونلۇق خەت ساندۇقۇم: kurshat@qarluq.com

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئامېركا , تولۇق ئوتتۇرا , پۇل
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-9-29 8:19:51
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 3447
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证