تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› چەتئەل تەسىراتلىرى ›› بىر ئۇيغۇرنىڭ چۈشى(يېڭى قۇرۇقلىقتىكى مەۋجۇتلۇق) 2-قىسىم
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Kurshat
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 150
    kurshat@qarluq.com

    يازما سانى : 4
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بىر ئۇيغۇرنىڭ چۈشى(يېڭى قۇرۇقلىقتىكى مەۋجۇتلۇق) 2-قىسىم

     



     

     ماقالەمنى باشلاشتىن بۇرۇن شۇ ئىشنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن.

     مېنىڭ ئامېرىكىدا سەككىز يىلدىن تۇرۇشتىن كېيىن ئۆزگىرىش  ئېھتىمالىم ئەڭ يۇقىرى ئىشلار:

    1. بەك چۈشكۈنلىشىپ كېتىش(ھېچنىمە خوشياقمايدىغان بولۇپ قېلىش، پەس نەرسىلەرگە بېرىلىپ يوقاپ كېتىش)

    2. كېلىش مەقسىتىمنى ئۇنتۇپ قېلىش، غايەمنى ئۇنتۇپ قېلىش، ۋە باشقا ۋاقىتلىق كەسىپلەرنى قىلىپ كۈنۈمنى ئاران ئالىدىغان كۈنگە چۈشۈپ قېلىش

    3. ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى بەك مۇھىم بىلىدىغان بولۇپ قېلىش، ئەرزىمەس نەرسىلەرنى قوغلىشىپ يارىماس ئادەم بولۇپ قېلىش

    4. كىشىلەرنى ياراتمايدىغان بولۇپ قېلىش، ئۆزۈمنىڭ بەزىبىر ئارتۇقچىلىقىنى دەپ كىبىر قىلىدىغان بولۇپ قېلىش.

    5. ھېچقانداق ئۆزگەرمەسلىك، شۇ پېتى تۇرۇپ قېلىپ ھەممە غايىلىرىمنى ئۇنتۇپ قېلىش، قۇرۇق پاخال ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىش

     مانا بۇلار مېنىڭ ئامېركىدا 8 يىل تۇرۇش جەريانىدا ئۆزۈم ئويلىغان ۋە ئۆزگىرىپ كېتىش مۇمكىنچىلىقىم 0.1 بىر پىرسەنت بولغان ئېھتىماللىقلار~ ھازىر ئېلان قىلىمەن. ئەگەر مەندە شۇنداقراق ئىشلار كۆزگە چېلىقىپ قالسا رەھىم قىلماي قاتتىق رەددىيە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

     

      شۇنداق قىلىپ ئامېركىغا ماڭغانمۇ بولدۇم، ئۆيدىن ئايرىلدىم، ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن خوشلاشتىم، تۇققانلىرىم بىلەن خوشلاشقان ۋاقتىمدا كۆزۈمدىن ياش چىقمىدى، چۈنكى ئىشەنمىدىم. ئۆزۈمنىڭ ئامېركىغا بارالايدىغانلىقىمغا ئىشەنمىدىم. ئاتا-ئانامنىڭمۇ مېنى شۇنچە ئاسان يولغا سېلىپ قويىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتىم. ئادەم دېگەن قىززىق بولىدىكەن دېدىم ئىچىمدە.  شۇنداق قىلىپ ئۆيدىن ئايرىلىپ چىقتىم. ئايروپىلان ئىستانىسىدا يۈكۈم 6 كىلو ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەپلىك ئارتۇق 400 يۈئەن تۆلەپ بېلەتنى ئاران ئېلىۋالدىم. نەجمىدىن ئاكامنىڭ شاڭخەيدە 7 كۈنلۈك ئوقۇشى بولغاچقا ئىككىمىز شاڭخەيگە تەڭ ماڭماقچى بولغان، لېكىن نەجمىدىن ئاكام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئورنى ئىككى ئايروپىلاندا بولۇپ قالغانلىق سەۋەپلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ئايرىلدۇق. مەن ئايروپىلان ساقلاش ئۆيىدە بىردەم ساقلىغاندىن كېيىن ئايروپىلانغا چىقتىم ۋە شاڭخەيگە قاراپ ئۇچتۇم. ساقلاش جەريانىدا تىنىچلىنىپ ئۆزۈمنى ئامېركىغا تەييار قىلماقچى بولۇپ قالدىم، لېكىن ئويلىساممۇ بىر خىل شىنجاڭنىڭ بىر يەرىگە ساياھەتكە ماڭغاندەك، ياكى تالاغا بىر نەرسە سېتىۋالغىلى ماڭغاندەك ھېسىياتتا ئىدىم. ئايروپىلاندا ئازاپلىق تۆت سائەتنى كومپىيوتېردا كىنو كۆرۈپ توشقۇزدۇم. شۇنداق قىلىپ تۆت سائەتتىن كېيىن شاڭخەيگە ئامان ئېسەن چۈشىۋالدىم. لېكىن نەجمىدىن ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئايروپىلان ئىستانىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئايروپىلاندىن چۈشكەن بولغاچقا نەجمىدىن ئاكام بىلەن ئۇچىرشىپ بولغىچە ئىككى سائەت ئالدى كەينى بولۇپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ كەيپىياتىمىز ناچار ھارغىن ھالدا نەجمىدىن ئاكام بىلەن ياتاققا قايتىپ كەلدۇق. بىز ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغىچە سائەت 3 بولۇپ كەتكەن بولۇپ بامداتنى قازا قىلىپ قويماسلىق مەقسىتىدە مەن ئۇخلىماي سائەت 5 كىچە نەرسە-كېرەكلىرىمنى تەييارلىدىم. گەرچە ئامېركىغا بارىدىغان نەرسىلىرىم تولۇق بولسىمۇ ئىچىمدىن ئىشەنمەيۋاتاتتىم. چۈنكى ئامېركىغا بارالايدىغانلىقىمغا ئىشەنمەيتتىم. ئەتىگەن بامداتنى ئوقۇپ بولۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن ۋە ئۈچ سائەتلىك ئۇيقۇدىن كېيىن مېھمانخانىنىڭ ماشىنىسىدا پۇدوڭ خەلقارالىق ئايروپىلان ئىستانىسىغا بارىدىغان يەر-ئاستى پويىز ئىستانىسىغا كەلدۇق، ۋە يەر ئاستى پويىزىغا چىقتۇق. گەرچە پويىزدا چايقىلىپ ئىككى سائەت ئولتۇرغان بولساممۇ ئۇيقۇم كەلمىدى، بەلكى ئېرەنچىكلىك بىلەن خەنزۇلارنى كۆزەتتىم، خەلىقنىڭ ھاياتنى كۆزەتتىم. خەنزۇ مەكتەپتىكى ھاياتىم ئېسىمگە كەلدى. كۈلدۈم، خۇدايىم توۋا. شۇنداق چايقىلىشلار بىلەن بولۇپ سائەت 11 لەر بىلەن پۇدوڭ خەلقارالىق ئايروپورتقا كەلدۇق. AA ئايروپىلان شىركىتى سائەت 12 دە بېلەت چىقىرىشنى باشلايدىغان بولۇپ مېنىڭمۇ بېلىتىم AA شىركىتىنىڭ بولغاچقا بىر سائەت ساقلاپ ئاخىرى بېلىتىمنى قولۇمغا ئالدىم، ۋە نەجمىدىن ئاكام بىلەن ئايروپىلان ئىستانىسىدا بىر كىچىلىك ياتاق ئېلىپ ياتاقتا پىشىننى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن ئالدىراپ ئايروپىلان ئىستانىسىغا قايتتۇق، ۋە مەن ئاكام بىلەن خوشلىشىپ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم. مېنىڭ يېشىمنىڭ كىچىك بولغانلىقى سەۋەپلىكمۇ ياكى ئۇيغۇر بولغانلىقىم سەۋەپلىكمۇ ئۇقمىدىم ئىشقىلىپ تەكشۈرۈش ماڭا كەلگەندە مېنى ساقلاپ تۇر دەپ قويۇپ باشلىقىنى چاقىرىپ كەلدى شۇنىڭ بىلەن باشلىقى مېنى ئىچىدىكى بىر ئورۇندۇققا ئەكىلىپ ئولتۇرغۇزدى ھەم چامدانلىرىمنى 10 مىنۇت تەكشۈرۈپ يېشىمنىڭ كىچىلىكىنى باھانە قىلىپ يەنە بىر مۇنچە سوئاللارنى سورىدى ئىشقىلىپ شۇنداق مۇرەككەپ ئىشلاردىن كېيىن ئاخىرى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتۈم ۋە بىردەم ساقلىغاندىن كېيىن ئايروپىلانغا چىقتىم، (ئايروپىلان خانقىزلىرى) 50~60 ياش ئەتراپىدا بولۇپ ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلىدە بولدى، چۈنكى ئېنگىلىسچەم ياخشى ئىدى. كېچىچە ئۇخلىمىغاچقىمۇ ئايرۇپىلانغا چىقىپ سائەت 6دە چىقىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن ۋە سائەت 10لار بىلەن بېشىم ئاغرىغان ھالدا قوپتۇم. مەن قوپقان ۋاقىتتا ھەممەيلەن ئۇخلاۋاتقان بولۇپ قوپۇشۇمغىلا ئايروپىلان خانقىزى ماڭا چوشقا گۆشى ئارىلاشتۇرۇلغان تاماق ئەكىلىپ بەردى مەن گەرچە زۇكام بولۇپ قالغان بولساممۇ پۇراپلا ئۇنىڭ غەرىي گۆش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم ۋە ئۆزۈمىڭ مۇسۇلمانچە تاماق يەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم لېكىن مەن بېلەت زاكاس قىلىدىغان ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمانچە تاماق يەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويمىغاچقا ئۇلاردا مۇسۇلمانچە تاماقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى شۇنىڭ بىلەن مەن ئەمسە ماڭا مىۋە ئەكىلىپ بەر دېسەم نەرسىلەرنى ئايرىم زاكاس قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىپ تۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاچچىقىمدا بولدى ئەمىسە تاماق يېمەي دېدىم مېنىڭ كەيپىياتىمنى كۆرگەن مۇلازىمەتچى ئىززا تارتتىمۇ ياكى نېمە بولدىكى بولدى مەن ئۆزۈم تەييار قىلىپ بېرەي دەپ كەتتى مەن ئۇنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەي يېرىم سائەتتەك ساقلاپ تۇرسام ھەر-خىل مىۋىلەر بىلەن كۆكتاتلارنى تىزىپ ئەچىقىپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن خالىغىنىمچە ئېلىپ قورسىقىمنى تويغۇزدۇم ۋە كومپىيوتېرىمدا بىردەم كىنو كۆرۈپ ئولتۇردۇم. ئىككى سائەت كىنو كۆرگەندىن كېيىنلا تېشى يورۇپ كەتتى. ھەيران قالدىم بېشىم قېيىم ۋاقىت قارىشىم پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ بەش-ئالتە سائەت چىدىۋەتكەندىن كېيىن ئاخىرى چىكاگو كەلدىم(قارىغاندا ئايروپىلاندا 12 سائەت ئۇچقان ئوخشايمەن) ۋە ئىككى سائەت ئۆچرەت ساقلاپ چېگرىدىن ئوڭۇشلۇق كىرگەندىن كېيىن ئۇھ دېۋىتىپ بوستونغا بارىدىغان ئايروپىلانغا ئالماشتىم، ۋە ئۆيدىكىلەرگە ئامېركىدىكى مالىمغا تېلېفون ئۇرېۋېتىپ خاتىرجەم ئايروپىلان ساقلاشقا باشلىدىم. شۇنداق قىلىپ ئىككى سائەتلىك ساقلاشتىن كېيىن بوستونغا قاراپ ئۇچتۇم. ئايروپىلاندا ئۇخلاپلا كەلگەچكە ئانچە چارچىمىدىم. ۋە مەكتەپكە كېلىپلا ئورۇنلىشىپ ئامېركا ھاياتىمنى باشلىۋەتتىم.

     

    9-ئاينىڭ 7-كۈنى

     

     شۇنداق قىلىپ ئامېركىغا ئوڭۇشلۇق كېلىپ ئورۇنلىشىۋالدىم. ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى چەتئەللىكلەر ئىدى، ھەممىسى تېشىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقانلا ئىدى. ساۋاقداشلىرىم، تاماق، دەرىسلىك، مالىملار، مەكتەپ مۇھىتى، ھەممىسى كۆڭلۈمدىكىدەك ئىدى. لېكىن يەنە بىر يەرىم كامچىلدەك، خۇددى بەدىنىمنىڭ بىر قىسمى ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقاندەك، ئامېركىغا، بۇ مۇھىتقا كەلگىنىمگە ئىشەنمەيۋاتاتتىم. بۇ يەردىمۇ ئۆز قەدرىمنى تاپتىم ئۆزۈمنىڭ مەلۇم ئارتۇقچىلىقم بىلەن ئەگەشكۈچىلىرىمنى تاپتىم. لېكىن يەنە بىر قىسمىم ئۈرۈمچىدە تىنىپ شۇ يەردە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. قارىغاندا بۇ چەتئەلگە چىققانلارنىڭ ئورتاق ھېسىياتى بولسا كېرەك. قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قەدىرلەشكە تىرىشىۋاتقان شۇ ۋاقىتلىرىمدا قەدىرلىمىگەن نەرسىلىرىمنىڭ قەدرىگە يېتىۋاتاتتىم. كىشىلەر ماڭا قاراپ ھەيران قېلىشاتتى چۈنكى مەن ھەرقانداق ئىشنى قىلاتتى. ئەگەر پۇتبول كوماندىسى ئېچىلسا مەن قاتنىشاتتىم، ئەگەر ماشىنا ئادەم ياساش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلسە مەن ئۇنىڭغا قاتنىشاتتىم، چېنىقىش كۇرسى ئېچىلسا مەن يەنە دەرھال قاتنىشاتتىم. خۇددى ھەممە ئاچچىقىم ھەممە ئىچ پۇشۇقۇمنى شۇنىڭدىن چىقارماقچى بولغاندەك خۇددى ھەممە ئارزۇلۇرۇمنى ھەممە غايىلىرىمنى شۇ ئارقىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغاندەك بارلىق كۈچۈم بىلەن تىرىشاتتىم. ھەممىسى مېنى ھۆرمەتلەۋاتقان ۋە مېنى ياخشى كۆرىۋاتقان بۇنداق ۋاقىتلاردا مەن ھەممىنى قەدىرلەيتتىم خۇددى بۇ مېنىڭ يۇرتۇمدا قېلىپ قالغان بىر قىسمىمنى سېغىنغاندەك. ئۈرۈمچى توغۇرلۇق ئويلاندىم، ھېچنىمىنى ھېس قىلالمىدىم. خۇددى ھەممىسى يالغان ۋەياكى قېلىپلاشتۇرۇپ قويغاندەك توۋا بۇرۇن ئۈرۈمچى توغۇرلۇق ۋە دۇنيا ياكى كىشىلەر توغۇرلۇق ئويلىشىپ باقماپتىكەنمەن بەلكى ئۆزۈم توغۇرلۇق بىردىنبىر ئۆزۈم توغۇرلۇق ئويلىشىپتىكەنمەن. دۇنيا چوڭ ئىكەن، كىشىلەر ئەقىللىق ئىكەن. ئامېركىغا كەلدىم ئۆزۈمنىڭ بەك كىچىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ئۆزۈم ئويلىمىغان دەرىجىدە تىرىشىشىم زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇرۇنقى تەپەككۇر ئىقتىدارىم، باھا بېرىش ئىقتىدارىم، ۋەياكى قابىلىيتىم بۇ يەرگە كېلىپ پۈتۈنلەي گۈمۈرۈلگەندەك بولدى چۈنكى ھەممە نەرسە مېنىڭ تەپەككۇرۇم ۋەياكى قابىلىيتىمدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. بۇ يەردە نەرسىلەرگە قايتىدىن باھا بېرىشنى، قايتىدىن قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشۈم كېرەك ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. كۆپرەك ئويلانماي كۆپرەك ئىش قىلىشىم كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم چۈنكى ئۆزۈمنىڭ روھىي جەھەتتىمۇ ئەمەس بەلكى جىسمانى ۋەياكى ئەقلىي جەھەتتە ئىنتايىن ئاجىز ۋەياكى ئاددىي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئويلىغان ئىشلىرىمنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. كۈچىيشىم، غايەت زور دەرىجىدە كۈچىيشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. غايەمگە يېتىشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى چىشىمنى قاناتقىچە چىشلەپ تىرىشىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۆزۈمنى ئەڭ كۈچلۈك دەپ ئويلاۋاتقان ۋاقىتلاردا كىشىلەرنىڭ مەندىن كۈچلۈك بولۇپ قېلىشى مېنىڭ تېخىمۇ تىرىشىشىم كېرەكلىكىنى ئەمەس بەلكى قانداق قىلىپ تىرىشىشمنى ھېس قىلدۇرۇپ قويۇۋاتاتتى. بۇلارنىڭ قابىلىيتىنى كۆرۈپ ئېشىپ كېتىش ئەمەس بەلكى باشلىقى بولۇۋېلىش كاللامغا كەلدى… كۈلدۈم، قارىغاندا بۇ ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى ئىكەندە؟ تىرىشماقچى بولدۇم~! چۈنكى غايەمنىڭ پەقەت ئويلار بىلەن ۋەياكى پىلانلار بىلەن ئىشقا ئاشمايدىغانلىقى بەلكى قاتتىق رەھىمسىز تەربىيە ۋە ئىشلار ئارقىسىدا ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى تېخىمۇ كۈچىيشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى. 

     

    9-ئاينىڭ 8-كۈنى

     

     كىشىلەر ماڭا «ئەمدى مۇساپىر بولدۇڭ» دىيىشتى، مەن ئۇلارغا «بىزمۇ بۇ دۇنياغا مۇساپىر ئەمەسمۇ» دېدىم . دەرسلەر گەرچە ئاسان بولمىسىمۇ مۇئەللىم بىلەن دېيىشىپ تولۇق ئىككىنچى يىللىققا يۆتكىلىۋالدىم ۋە ئەڭ تەس دەرىسلەرنى تاللىۋالدىم، خۇددى مۇشۇنىڭ بىلەن ئىچ-پۇشۇقۇمنى چىقارماقچى بولغاندەك. سائەت 12 بولدى تېخىچە تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتىمەن. ئەدەبىيات تاپشۇرۇق 18 بەت بىر ماقالىنى ئوقۇپ شۇنىڭغا ئىككى بەت ئەتراپىدا چۈشەندۈرۈش ماقالىسى يېزىپ ئارقىدىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىش ئىدى. گەرچە ئەدەبىياتىمنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلساممۇ بۇنچىلىك نەرسىنى ھەزىم قىلىش مەن ئۈچۈن تەس كېلىپ قېلىۋاتاتتى. ئۇيقۇم كېلىپ يىقىلىپ قالماسلىققا تىرىشۋاتقان بولساممۇ ئاخىرى دۈم چۈشتۈم. سائەت ئۈچ بولۇپتۇ كارىۋاتقا يۆلىنىپ بېشىمنى قاتلىغىنىمچە ئۇخلاپ قالغىنىمدىن بولسا كېرەك بوينۇمنىڭ ئاغرىقىدىن ئويغىنىپ كەتتىم. بېشىمدىن مىدىرلىتالماي مايماق بولۇپ قالدىم، بەش مىنۇت تۇرۇپ كۆزۈمدىن ياش قۇيۇلۇپ كەتتى، ياشىماق ھەقىقەتەن تەس ئىدى، بېشىمنى ئالدىرماي تۈزىگىنىمچە سوزۇلۇپ يەردە يېتىۋالدىم، خۇددى مۇشۇنداق قىلسام بارلىق تاپشۇرۇقلىرىم تۈگەپ بارلىق غەملىرىم تۈگەت كېتىدىغاندەك يۈزۈمنى يۇيۇش ئۈچۈن قوپتۇم چۈنكى يەنە داۋاملىق ئىشلىشىم كېرەك ئىدى. چارچاش، تاپشۇرۇق ئىشلەش مەن ئۈچۈن ئادەت بولۇپ قالغان بۇ ۋاقىتلاردا مېنىڭ قۇدرىتىم يەتمەيدىغان نەرسىلەرگە تىرىشىشنىڭ تەس بولىدىغانلىقىنى ھسې قىلدىم، قارىغاندا ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت ئىدى. قوپتۇم چۈنكى يەنە تىرىشىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى مېنىڭ تاپشۇرغۇم بار ئىدى. ئەتراپىمدىكىلەرگە ئىچىم ئاغرىيتتى چۈنكى ئۇلار بۇ تاپشۇرۇقلارنى نېمە ئۈچۈن قىلىدىغانلىقىنى ئۇخمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئىچىم ئاغرىيتتى چۈنكى ئۆزۈمنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قىلىدىغانلىقىمنى ئۇخمايدىغانلىقىمنى ئۈچۈن. تۇيۇقسىز ھېس قىلىپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە بىز بۇ دۇنيادا ياشىمايدىكەنمىز بەلكى بىر چەمبىرەكنىڭ ئىچىدە ياشايدىكەنمىز. يەنى ئۇ چەمبىرەكنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ دوستلىرىمىز، ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز، تونۇش-بىلىشلىرىمىز بولىدىكەن بىز شۇلار ئارقىلىق ياشاپ شۇلار ئارقىلىق تىنىدىكەنمىز. ئەسلىدە بارلىق ئۇيغۇرلار تەڭ بىر تىنىقتا تىنىدىكەنمىز. ئۆزۈمنىڭ يالغۇزلىقىدىن پەخىرلەنگەن ئىدىم بىر ۋاقىتلاردا لېكىن ھازىر ئۆزۈمنىڭ يالغۇز بولۇپ قالغانلىقىغا ئىچىم ئاغرىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز تىنىقىمدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ھە ئەمدى چۈشەندىم ئەسلىي مەن ئۇيغۇرۇم ئارقىلىق تىنىدىكەنمەن ئەمەسمۇ؟ ھە ئەمدى چۈشەندىم مەن يۇرتۇمدا ئۆزۈم توغۇرلۇق جىقراق ئويلىناتتىم مانا ئەمدى ئۇيغۇرۇم توغۇرلۇق جىقراق ئويلىنىۋاتاتتىم. ئۆزۈمنىڭ مۇساپىرلىقىدىن داڭلىنىپ ئۈمىدلىنىپ ئۈمىدسىزلىنىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئەتراپىمدىكىلەرنىڭمۇ مۇساپىر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدىم. توغرا ئۇلارمۇ مۇساپىر ئىدى لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ھېس قىلمايدىغاندەك تۇراتتى ياق بەلكىم ھېس قىلىشى مۇمكىن لېكىن بەلكىم ھېس قىلىش ئۇسۇلى مېنىڭكىگە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. دېمەك بىز ھەممىمىز كىچىك چەمبىرەكتىن چىقىپ بىر چوڭ چەمبىرەككە قوشۇلماقتا ئىكەنمىزدە… خۇددى ئۆزۈمنى خاتىرجەم كېرىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىۋاتقان بۇ كۈنلىرىمدە ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ قانداق كېرىلىدىغانلىقىنى ئويلىمايۋاتاتتىم چۈنكى پەقەت بىردىنبىر كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم مېنى چۆرىدىگەن ئاساستا مېنىڭ ئۇيغۇرۇم ئىدى. باشقىلارنىڭ مېنىڭ ماقالىلىرىمنى ھوزۇرلىنىپ ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇغاندا ھېس قىلغان ھېسىياتلىرىنىڭ مېنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇشىنى ئېنىق ئىدى. چۈنكى ئۇلار بۇنى پەقەت بىر ھوزۇر ئۈچۈن ئوقۇيتتى خۇددى بىرسى ئۆلۈپتۇ دېسە ئاپلا قانداق ئۆلۈپتۇ؟ دەپ راست دىققەت قىلغان بولۇۋالغانغا ئوخشاش مېنىڭ ماقالىلىرىمنى كىشىلەرنىڭ ئوقۇپ ھەجەپ ئۇيغۇرنى ياخشى كۆرىدىكەن ۋەياكى مۇساپىرلىقنىڭ جاپاپىسىنى تارتىپتۇ دېيىشىۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى لېكىن يۈرەكتىن ئوقۇيالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى چۈنكى مەن بۇنى قولۇم ئارقىلىق يېزىپ يۈرىكىمنى شۇنىڭ ئارىسىغا تىقىپ قويغان ئىدىم، بۇنى مەن ئوقۇساملا ھەقىقىي مەنىسىدىن چۈشىنەتتىم ۋە ھوزۇرلىناتتىم چۈنكى بۇ ماقالىدىكى يۈرىكىمنىڭ پارچىسىنى مەن پەقەت ۋە پەقەت مەنلا تاپالايتتىم. چۈنكى بۇنى مەن يۈرىكىمدىكى قانلارنى سېموۋول قىلىپ يازغان ئىدىم. چۈنكى ئۇنى قانسىز بەدەندىكى قانغا ئوخشىتىپ چۈنكى ئۇنى ئىچىملىكىدىن ئايرىلغان بوتۇلكىغا ئوخشىتىپ يازغان ئىدىم. شۇڭا ئۇنى مەنلا ھېس قىلاتتىم ۋە چۈشىنەتتىم.

     

    9-ئاينىڭ 9-كۈنى

     

    شۇنداق قىلىپ مەكتەپكىمۇ ئورۇنلىشىپ، دەرسلەرنىمۇ ئۆزلەشتۈرۈپ، كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ، قىيىنچىلىقلار بىلەن تولغان بىر ھەپتىنىمۇ توشقۇزۋالدىم. مانا بۇ مېنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش-تەرتىپلىرىم:

     ئەتىگەن ئەزاننىڭ چىقىشى بىلەن سائەت تۆتتە چۆچۈپ ئويغىنىمەن. ۋە تەرەت ئېلىپ بامداتنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن گاراڭ ھالدا جايىمغا چىقىپ ئۇخلايمەن. ۋە ئابىرىمنىڭ(ئابىي دېگىنىمىز تۈرك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ ئۇلار بىز بىلەن بىللە تۇرۇپ بىزگە مەسئۇل بولۇپ ھەل قىلالمىغان ئىشلىرىمىزگە ياردەم قىلاتتى) چاقىرشى بىلەن سائەت 7:20 دە ئويغىنىمەن. ۋە سوپۇن-لۈڭگىلىرىمنى ئېلىپ مۇنچىغا كىرىمەن. ھەم 7:30 غىچە يۇيۇنۇپ، كىيىنىپ تەييار بولۇپ بولىمەن. ئاندىن كېيىن ئالدىراپ سومكامنى ئېسىپ ئاشخانىغا چىقىمەن. ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ مەزمۇنى: 

    ئۈچ قوشۇق پۇرچاق،

     ئۈچ قوشۇق قايماق، 

    ئىككى تۇخۇم،

     بىر ئىستاكان سۈت،

     بىر پىيالە سۈتكە چىلانغان يۇمىلاق پاخپاق،

     ئۈچ قاقما بولكا،

     كىچىك بوتىلكىدىكى ھەسەل،

     شوخلا قىيمىسى. 

    بۇلار بىلەن قورساقنى تويغازغاندىن كېيىن ئۇھ دەپ تىنىۋېتىپ ئالدىراپ دەرىسكە چىقىمەن. بىرىنچى سائەتلىك دەرىس 8دىن 20 دە باشلىنىدىغان بولۇپ ئارىلىقتا 5 مىنۇتلۇق تەنەپۇس قوشۇلۇپ بىر سائەت دەرس 50 مىنۇتتا تۈگەيدۇ. ئەتىگەن بەش سائەت ئوقۇيمىز، چۈشتىن كېيىن ئۈچ سائەت ئوقۇيمىز. ئەتىگەنلىك دەرىسلەر:

    1. ئالگېبىرا(ئادەم سانى:8)

     بۇ دەرىسنى پاكار ئامېركىلىق ئايال بېرىدىغان بولۇپ دەرىس ئۆتۈش ئۇسۇلى ياخشى ئىدى. ئەلۋەتتە مەن بۇ دەرىستە سىنىپ بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئادەتتە دەرس ۋاقتىدا 12-يىللىقىنىڭ ئىمتاھان قەغىزىنى ئىشلەپ يۈرەتتىم.

    2. گۈزەل-سەنئەت(ئادەم سانى:6)

     بۇ دەرىس بەك يەڭگىل دەرىس بولۇپ ئادەتتە ناخشا ئاڭلىغاچ رەسىم سىزىمىز، مەن بىر رەسىم ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان بولۇپ پىلانىمدا 8كۈندە پۈتمەكچى بۈگۈن ئالتىنچى كۈنى. ئاز قالدى، تۈگىگەندە سىلەرگە رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتىپ بېرەي.

    3. بىئولوگىيە: ئادەم سانى(10)

     بۇ بىزدىكى بوتانىكا، زوئولوگىيە ۋە گىگىنىا پەنلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، گەرچە تەبىئەتكە قىزىقساممۇ بۇرۇن مەن ئۆگىنىپ باقمىغان بولغاچقا بۇ ھەقتىكى كونكىرت بىلىمىم يوق ئىدى ، شۇڭلاشقا دەرىس تەسرەك بىلىندى.   ئەمما بۇ دەرستە تەجربە ئىشلەش بەك جىق بولغاچقا مەن ياقتۇرۇپ قالدىم، ياقتۇردۇممۇ دىمەك ئەمدى تەس ئەمەس، گەرچە مەن ئۇقمايدىغان  كەسپى سۆزلەر جىق بولسىمۇ بۇ دەرىستە كۈندە تەكرار قىلىپ ئارقىسىدا سىنىپ بويىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىدە مېڭىۋاتاتتىم.

    4. دۇنيا تارىخى(6)

     بۇ دەرس ئەڭ ئاسان بولۇپ ئادەتتە سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە مەنلا جاۋاپ بېرىۋاتىمەن. ھەم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تارىخىنى لىكسىيە قىلىپ تەييارلاپ سۆزلەپ ئۇلارنىڭ قايىللىقىنى ئېلىپ ھازىر مۇئەللىم ماڭا قاراپلا دەرس سۆزلەيدۇ.

    5. ئەدەبىيات(11)

    بۇ دەرىس مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دەرس بولۇپ مۇئەللىممۇ ماڭا ئوخشاش ھېسىياتچان، بىر ئىشلارغا باھا بېرىشكە ئامراق مۇئەللىم بولۇپ، بۇ مۇئەللىم بىلەن بەك چىقىشىپ ئۆتۈپ كەتتىم، ئوقۇغان كىتابلىرىم كۆپ بولغاچقا ھازىر سىنىپ بويىچە ئىككىنچى ئەتراپىدا. بەزى ئامېركىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تۈركلەر بولسا مېنىڭ ئارقىمدا.

     چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى ئادەتتە بىر سائەت بولۇپ 12:20 دىن 1:20 گىچە. بۇ ۋاقىتتا بىز كۆپ ھاللاردا ئاشخانىدا بولىمىز. تاماقلارنىڭ سانى 50 دىن ئاشىدىغان بولۇپ ھەر كۈنى بىر ئادەم ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان تاماقلار چىقىدۇ. گەرچە دەرس بەك جىق بولسىمۇ جىق ھاللاردا شۇ ئىچ پۇشۇقىمىزنى تاماقتىن ھوزۇرلىنىپ چىقىرىمىز. تاماقلارنىڭ ئىسمىنى ئۇقمايمەن. كېيىن تېلېفون ئالغاندا سىلەرگە رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتىپ بېرەي.

    6. ئىسپانچە(9)

    ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ياكى گىرىك تىلى(قەدىمقى يۇنان تىلى ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن)، ياكى لاتىن تىلى(قەدىمقى رىم ئىمپىرىيىسى ۋە ئەدەبىيات سەنئەت ئويغىنىش دەۋرىدىكى دانتى، داۋىنچى ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن) تاللاپ ئۆتىلىدىكەن، لاتىن تىل سېستىمىسىغا تەۋە ئىسپان تىلى ۋە فرانسۇز تىلى ئامېرىكىدا ئىككىنچى ئورۇندىكى چەتئەل تىلى ھىساپلىنىدىغان بولغاچقا مەكتەپتە ئىككىسىدىن بىرنى تاللاپ ئوقۇيدىكەنمىز. ئىسپان تىلى قوللىنىدىغان دۆلەتلەر ۋە نوپۇس سانى فرانسۇز تىلىدىن بىر ھەسسە كۆپ يەنە كېلىپ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدا 50مىلىيۇدىن ئارتۇق ئىسپان تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار بولغاچقا مەكتەپ ئىسپان تىلىنى تاللاپ ئۆتىدىكەن.  بۇ دەرستە مەن ئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى بولۇپ ئۆتكەندە دەپ ئۆتكىنىمدە بۇ قېتىمقى ئىمتاھاندا نۆل ئاپتىمەن. ئاساسلىق سەۋەبى بولسا باشقا بالىلار ھەپتىگە ئالتە سائەتتىن بىر يىل ئىسپانچە ئۆگەنگەن، مەن بولسام ئۆمۈرۈمدە ئىسپانچە بىر ئېغىز گەپ ئاڭلاپ باقمىغان بولغاچقا مەنچە بۇ قېتىمقى نۆل ئالغىنىمنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

    7. تەنتەربىيە: (38)

     بۇ دەرس دۆلەتتىكى دەرىسكە ئوخشاش بولۇپ شۇ بەزىدە يۈگرەيمىز، توپ ئوينايمىز، ۋاسكېتبول ئوينايمىز. بىر ئىشنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ قويۇشۇمغا ئەرزىيدۇ يەنى مەن بۇ يەرگە كېلىپ ئۆزۈمنىڭ پۇتبولدا ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بەلكىم كىچىك ۋاقتىمدا ئوينىغىنىمنىڭ پايدىسى بولغان بولسا كېرەك. شۇنداق بولغاچقىمۇ پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپ قالسا مەن ئاساسلىق توپچى.

    8. ئوقۇشلۇق: (14)

     بۇ دەرىس مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دەرىسلەرنىڭ بىرسى بولۇپ بۇنىڭدا ھەممىمىز جىمجىت ئولتۇرۇپ ئېنگىلىسچە رومان ئوقۇيمىز. مەن دۈشمەن ناملىق قاتىللىق روماننىنى ئوقۇۋاتقان بولۇپ ھازىر 245-بېتىگە كەلدىم. بۇ كىتاپ جەمىي 444 بەتلىك كىتاپ ئىكەن.

     

     بىز ئادەتتە دەرىستىن سائەت 3:45 تە چۈشىمىز، شۇنىڭ بىلەن سائەت تۆتكىچە ھەممىمىز تەييارلىقىمىزنى قىلىپ كۇلۇپقا قاتنىشىدىغانلار كۇلۇپقا، ئوينايدىغانلار ئوينايدىغان جايغا، ئۆگىنىدىغانلار كۈتۈپخانىغا كىرىپ كېتىپ ياتاق يەنە قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ. مەن دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئادەتتە: بىئولوگىيە مۇئەللىمنىڭ قېشىغا كىرىپ يېرىم سائەت ئەتراپىدا دەرس ئۆگىنىمەن. چۈنكى مەن بۇ يەرگە كېلىپ بىئولوگىيەدىن ھېچنىمە ئۇقمايدىغانلىقىمنى، ھەم ئۇ پەننىڭ ئىنتايىن قىزىقارلىق ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنداق قىلىپ يېرىم سائەت بىئولوگىيە تاپشۇرقى ئىشلىگەندىن كېيىن ياتاققا قايتىپ توردا بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەيمەن. ئادەتتە دۇنيا تارىخى بىلەن بىئولوگىيەدە جىقراق توردا ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇق بېرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ سائەت 5:30 گىچە توردىكى تاپشۇرۇقنى ئىشلەيمەن. ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن كارىۋاتتا بەش مىنۇت كېرىلىپ يىتىۋېتىپ ئوسمان ئىسىملىك 11-يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالا بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى مۇسۇلمانچە توخۇ گۆشى ساتىدىغان قاتلىما دۇكانغا كىرىپ ئىككى دوللارغا بىر قاتلىما كاۋاپ، ۋە يېرىم دوللارغا ۋىتامىن سۇ ئېلىپ كۆلنىڭ بويىغا بېرىپ ئولتۇرىمىز، ۋە تاغدىن-باغدىن گەپ قىلىشىپ سائەتنى 6:30 قىلىمىز ۋە ياتاققا قايتىمىز. لېكىن بەزىدە كەچلىك تاماقنى مەكتەپتە يەيمەن. شۇنداق قىلىپ ھەممە ئىشلىرىمنى 6:30گىچە تۈگىتىۋالغاندىن كېيىن سائەت 7دىن 9غىچە ئۆگىنىش زالىغا كىرىپ يازمىچە تاپشۇرۇقلىرىمنى كۆزەت ئاسىتىدا ئىشلەپ بولىمەن. ۋە خۇپتەندىن كېيىن سائەت ئونغىچە تور ئارىلايمەن گۈدۈك ئاڭلىغاچ چالىمەن، مۇزىكا ئاڭلايمەن. ۋە يەنە بىر كېرىلىۋېتىپ ئىسپانچە كىتاپ بىلەن ئېنگىلىسچە كىتاپنى كۆتۈرۈپ ئۆگىنىش زالىغا كىرىپ كېتىمەن. ۋە بەزىدە 1 گىچە بەزىدە ئىككىگىچە بىر نەرسە يادىلاپ ئۆگىنىش قىلغاندىن كېيىن جايىمغا كىرىپ ياتىمەن. ۋە ئەتىسى ئەزاننىڭ ئاۋازى بىلەن ئويغىنىمەن.

     بەش كۈن ئوخشاش تەرتىپ، ئوخشاش دەرس، ئوخشاش ئۆگىنىشلەرنى قىلىۋەتكەندىن كېيىن خاتىرجەم ھالدا شەنبە-يەكشەنبىنى كۈتىۋالىمەن. 

    شەنبە، يەكشەنبە:

     شەنبە كۈنى ئەڭ خوشاللىق كۈنلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ئەتىگىنى 10 غىچە كېرىلىپ ئۇخلىغاندىن كېيىن قوپۇپ يۇيۇنۇپ يۈزۈمنى يۇيۇپ، ئۆتكەن قېتىم تاللا بازاردىن ئەكىرۋالغان سۈت بىلەن بولكىدا ئاددى ناشتا قىلىمەن، ۋە ناشتىدىن كېيىن بىر بولسا باغچىغا ساۋاقداشلىرىم بىلەن بېرىپ چېنىققاچ پىكىر ئالماشتۇرىمىز، بىر بولسا تاللا بازىرىغا بېرىپ كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئالىمەن، بىر بولسا كۆل بويىغا چىقىپ (كۆلنىڭ ئۇزۇنلىقى 5 كىلومېتىردەك كېلىدۇ) كومپىيوتېرىمدا ماقالە يازىمەن، ئەتراپدىكى مەنزىردىن ھوزۇرلانغاچ بىر نەرسە ئىچىپ ئولتۇرىمەن. شۇنداق ئىشلار بىلەن ئىككى سائەت كۆڭلۈمنى ئاچىمەن، ۋە كىرىپ چۈشلۈك تاماق يەپ بولۇپ ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرىنى قىلىمەن. ھەم كەچتە ئادەتتە كىنوخانىغا بېرىپ كىنو كۆرىمىز. يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەنلىك ئىشلىرىمنى تۈگىتىۋەتكەندىن كېيىن چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ كىيىملىرىمنى كىر يۇغۇچقا سېلىپ قويۇپ كېلەركى بەش كۈننىڭ تەييارلىقىنى قىلىمەن. ۋە ئەتىسىدىن باشلاپ يەنە دۈشەنبىنى كۈتىۋالىمەن.

    ئىشلىرىمنىڭ رەت-تەرتىپ ئورۇنلاشتۇرىشى تۈگىدى.

     

    9-ئاينىڭ 13-كۈنى

     

     دەرىسلەر ئادەتتىكىچە ئىدى، كۆڭلۈمنى تارتالمايۋاتاتتى. پەقەت يەنە ئويلىناتتىم، ئويلىناتتىم. يەنە شۇ كونا تېما توغىرسىدا؟ مەن نېمىشقا دۇنياغا كەلدىم؟ بىر مەقسەت ئۈچۈنغۇ؟ خۇدايىم مېنى مۇنداقلا يارىتىپ قويمىغانغۇ؟ چوقۇم بۇ دۇنياغا بىر مەسئۇلىيەت بىلەن كەلدىم. قايسى مەسئۇلىيەت؟ بۇ مەسئۇلىيەتنى قانداق بىلەلەيمەن؟ ئائىلە شارائىتى، ئاتا-ئانام. ھەئە توغرا. خۇدايىم ماڭا بۇ مەسئۇلىيەتنى ئورۇنداش ئۈچۈن يېتەرلىك قوراللارنى تەييارلاپ بېرىپتۇ چۈنكى قۇرئاندا سىلەرنىڭ قۇدرىتىڭلار يەتمەيدىغان ئىشلارغا زورلانمايسىلەر دەپ يېزىلغان. دېمەك مېنىڭ بۇ زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتكە كۈچۈم يەتكۈدەك، چۈنكى مەن ئۇنى ھېس قىلدىم. دېمەك ھازىر قوراللارنى تەييارلىدىم. جەڭگە چىقىش كېرەك! قايسىز جەڭگە؟ مەسئۇلىيەتنى ئورۇنداش جېڭىگە. قانداق قىلىپ چىقىمەن؟؟ ياق ياق مەن ئاللىبۇرۇن چىقىپ بولۇپتىمەن قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسى شۇ جەڭنىڭ ئالدىنقى ئۇرۇشلىرى، ۋە تەييارلىقى ئىكەن ئەمەسمۇ؟؟ ھە ئەمدى چۈشەندىم. دېمەك بۇ قېتىملىق جەڭ قايسى؟ ئامېركىدىكى ئوقۇش؟ ياق ياق بۇنى مەن ئاللىبۇرۇن يېڭىپ بولدۇم. ئامېركىنى يېڭىپ بولدۇم. ئەمدىچۇ؟ ئالىي مەكتەپ جېڭى؟ ياق ئۇنىڭمۇ ئۇرۇش قىلىۋاتىمەن. ئەمىسە نېمە؟ ھە ئەمدى چۈشەندىم. ئەسلىي مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ قېتىملىق جېڭىنى نېمە بىلەن قىلىشنى ئويلىشىۋېتىپتىمەندە. ئەمدى چۈشەندىم. دېمەك نېمىلەر كام؟ قوراللار؟ ھە ئۇقتۇم، مەن بۇ قوراللارنى بۇ قېتىملىق جەڭدىن ئالىمەن. ئەگەر يېڭەلىسەم قورالنى ئوڭۇشلۇق ئالالايمەن، ئەگەر ئۇتتۇرسام ئۆزۈمنىڭ قوراللىرىنى تاتقۇزۇپ قويمەن. ئەمدى چۈشەندىم. دېمەك ئۆگىنىش كېرەك. قانداق؟ تىرىشىش كېرەك. كۈنىگە 16 سائەتلىك ئۆگىنىش يېتەرلىك ئەمەس. ھە ئۇقتۇم 16 سائەتلىك ئۆگىنىشمۇ يېتەرلىك ئەمەس.دېمەك 16 سائەتنى 24 سائەتكە ئۆزگەرتىش كېرەك. چۈنكى بەزىدە ئۇخلاشمۇ ئەڭ ياخشى ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى…  تىرىشىش كېرەك، چۈنكى بەزىدە ئۇ ئادەمنى دۇنيادىكى ئەڭ ياۋۇز قاتىلغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

    9-ئاينىڭ 14-كۈنى

     

     خاتىمە:

     شۇنداق قىلىپ ئامېركا ماڭا ئۆزۈمنىڭ يەنە بىر قېتىم كىملىكىمنى تونۇتۇپ قويدى، ۋە كۈچىيىشىم كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ شارائىتلارنى تەييارلاپ بەردى. دېمەك يەنە كۈچىيشىم كېرەك! ھۇررا قېرىنداشلىرىم!! كەلگۈسى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلىرىم ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ھۇررا!

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئامېركا , غايە , ئۇيغۇر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-9-15 10:00:07
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1089
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证