تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-ئوبزور ›› زوردۇن سابىر ۋە مەكىت(ئەسلىمە)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    jallat007
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12289
    422317806@qq.com

    يازما سانى : 13
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    زوردۇن سابىر ۋە مەكىت(ئەسلىمە)

     

     
     
     
    زوردۇن سابىر ۋە مەكىت
     
     
     
     
     
     
     
    (ئەسلىمە)
     
     
     
    مۇتەللىپ سىيىت
     
     
     
    مۇتەللىپ سىيىت 1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مەكىت ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1968 - يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، 1970 - يىلىغىچە جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايون مەكىت چاسا دېھقانچىلىق مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان. 1974 - يىلىدىن ھازىرغىچە مەكىت ناھىيىلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.
     
     
     
    مۇتەللىپ سىيىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1984 - يىلى «دولان ياشلىرى» ناملىق كىنو سېنارىيىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە «دولان ياشلىرى»، «جىگدىلەر پىچىرلايدۇ»، «ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە»، «دولان مەشرىپى»، «دولان دىيارىدا شادلىق» ناملىق كىنو ۋە تېلېۋىزىيە سېنارىيىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلغان.
     
     
     
    «ئاممىۋى مەدەنىيەت» ناملىق كىتابى، «مۈڭگۈزدىكى ئامەت» ناملىق ئەدەبىي توپلىمى، «دولان مەشرەپ مۇقاملىرى» ناملىق مۇقام تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىنغان. «مۈڭگۈزدىكى ئامەت» ناملىق ھېكايىسى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ سېنارىيىسىنى يازغان چوڭ تىپتىكى بەدىئىي فىلىم «دولان مەشرىپى» 1997 - يىلى دۆلەت رادىئو، كىنو - تېلېۋىزىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئاساسلىق تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن «شىنجاڭ مەكىت دېھقان رەسساملىرى توپلىمى»، «ئۇيغۇر دولان مۇقامى» ناملىق كىتابلار نەشر قىلىنغان. 1988 - يىلى «ئۇيغۇر دولان مۇقامى» ناملىق كىتاب دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن «ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى ياخشى كىتاب» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
     
     
     
    مۇتەللىپ سىيىت ھازىر «يېشىل گىرۋەكلەر» ناملىق رومانى، «مەن ئاتلىغان قىرلار» ناملىق ئەسلىمىلىرىنى يېزىۋاتىدۇ. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي پائالىيەت بىلەنمۇ ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئۇ مەملىكەتلىك 5 - نۆۋەتلىك «مەدەنىيەت كارىدورى» نەق مەيدان يىغىنى تەييارلىقىنى؛ ئاپتونوم رايون دولان مۇقام تەتقىقات يىغىنى تەييارلىقىنى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى نەق مەيدان يىغىنىنىڭ تەييارلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
     
     
     
    * * *
     
     
     
    مەرھۇم يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر پۈتۈن تالانتى، ئىلھامى، بىلىمىنى ئەل - خەلققە، خەلقنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىگە بېغىشلىغان ھەقىقىي خەلق يازغۇچىسى. ئۇ پۈتكۈل ئىجادىيىتى جەريانىدا ئەل- يۇرتنى ئۇلۇغلاپ، مەدھىيىلەپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىجادىيەت جەريانىدىكى كۆپ ۋاقىتلىرى ئىلى، مەكىت، تۇرپان يېزىلىرىدا خەلق بىلەن بىرگە ئۆتكەنىدى. جۈملىدىن، زوردۇن سابىر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەكىتكە ئۈچ قېتىم باردى. شۇ جەرياندا ئۇ خەلق تۇرمۇشىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈچۈن خەلق بىلەن بىرگە بولدى، خەلق نېمىنى يېسە شۇنى يېدى، خەلق بىلەن ھەمنەپەس بولدى. ئۇنىڭ مەكىت زېمىنىدا ئاياغ باسمىغان يېرى، كىرمىگەن دېھقان ئۆيى، مۇڭداشمىغان دېھقان يوق دېيەرلىك ئىدى.
     
     
     
    زوردۇن سابىر مەكىت تۇرمۇشى ھەققىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «دولان ياشلىرى»، «جىگدىلەر پىچىرلايدۇ»، «ئېھ، توپىلىق يول»، «ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە»... قاتارلىق 30 غا يېقىن ھېكايە، پوۋېستلارنى يازغانىدى.
     
     
     
    زوردۇن سابىرغا ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاپ، تەتقىق قىلىپ كەلگەن ئەدىب مۇتەللىپ سىيىت «زوردۇن سابىر ۋە مەكىت» ناملىق كىتابنى يېزىپ تاماملىدى. تۆۋەندە ئاشۇ كىتابنىڭ بىرقىسمىنى كىتابخانلىرىمىز ھۇزۇرىغا سۇندۇق.
     
     
     
    تۇنجى كۆرۈشۈش
     
     
     
    1979- يىلى يازدا مەدەنىيەت خىزمەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قەشقەرگە بارغانىدىم. ئىككى كۈنلۈك يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى (كېيىن قەشقەر ۋىلايىتىگە مۇئاۋىن ۋالىي بولغان) مەرھۇم ئەيسا شاكىر:«مەكىتتىن كەلگەنلەر قېلىپ مېنىڭ ئىشخانامغا بارسۇن، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش بار» دېدى. ياتاق ۋە يىغىن ئورنى قەشقەر چىنۋاغ مېھمانخانىسىدا ئىدى. مەن يىغىن ماتېرىياللىرىمنى ياتاققا ئەكىرىۋېتىپ، ئۇدۇل قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە بېرىپ، باشقىلاردىن سوراپ، ئەيسا شاكىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم. مەن ئەيسا شاكىرنى ناھايىتى سالاپەتلىك، سۈرلۈك كۆرەتتىم. شۇ سەۋەبتىنمىكىن ئىشخانىغا كىرىپ، ئەيسا شاكىرنى كۆرۈپلا تەنلىرىم جۇغۇلداپ، پېشانىلىرىمدىن تەر قۇيۇلۇپ، تارتىنىپ ئىشىك تۈۋىدىلا يەرگە قارىغانچە تۇرۇپ قالدىم. شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ يالغۇز كىرگىنىمگە پۇشايمان قىلدىم. «ھېچ بولمىسا باشقا ناھىيىدىن كەلگەن بىرەرسى بىلەن كىرسەم بوپتىكەن، ھەجەپ سۈرلۈك ئادەم ئىكەن» دەپ ئويلاپ قالدىم. مېنىڭ كىرىپلا ئىشىك تۈۋىدە يەرگە قاراپ تۇرۇپ قالغىنىمنى كۆرگەن ئەيسا شاكىر مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغانىكەن. ماڭا قاراپ كۈلۈپ كېتىپ:
     
     
     
    –توپاقناچىمدىى ئۆلتۈرىدىغان دولانلىق، بۈگۈن ھەجەپ تارتىنىپ قالدىڭغۇ؟ سافاغا كېلىپ ئولتۇر، سەن بىلەن سۆزلىشىدىغان مۇھىم ئىش بار، دېدىم مەن ئەيمىنىپ تەسلىكتە سافاغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
     
     
     
    –زوردۇن سابىرنى تونۇمسەن؟‿تاسادىپىى سورالغان بۇ سوئالدىن مەن تەمتىرەپ قالدىم. نېمىدەپ جاۋاب بېرىشىم كېرەك؟ شۇ يىللاردا مەن زوردۇن سابىرنىڭ«تاغ كەينىگە ئۆتكۈچە»،  قاتارلىق بىرقانچە ھېكايىسىنى ۋە «ئابرال شاماللىرى» ناملىق رومانىنى كۆرگەنىدىم. زوردۇن سابىر دېگەن ئىسىم ماڭا خېلى تونۇش ئىدى. چۈنكى ئۇ چاغلاردا ھېكايە، پوۋېست يازىدىغانلار كۆپ ئەمەس ئىدى. زوردۇن سابىرنىڭ ھېكايىلىرى ھەممىگە تونۇشلۇق ئىدى. مەن ئەيسا شاكىرغا:
     
     
     
    –زوردۇن سابىرنىى ھېكايىلىرىنى ئوقۇغان، ئىسمى تونۇشلۇق، لېكىن ئۆزىنى كۆرۈپ باقمىغان، ‿دەى جاۋاب بەردىم.
     
     
     
    ئەيسا شاكىر ماڭا تەمكىنلىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ:
     
     
     
    –زوردۇن سابىى قەشقەرگە كەلدى. ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە سىلەرنىڭ مەكىتكە بېرىپ، دولان يېزىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگىنىپ، دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە بىرنەرسە يازماقچى، مەن بىلىمەن، مەكىتنىڭ قاتنىشى ياخشى ئەمەس، يەكەن بىلەن ماڭغاندا ئاپتوبۇستا ئىككى كۈندە بارىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يول ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قاتناش بېكىتى كونا، ئەسكى ئاپتوبۇسلارنى تاللاپ مەكىتكە ئەۋەتىدۇ. زوردۇن سابىرنى ئۇنداق كونا ماشىنىلاردا ئولتۇرغۇزۇپ مەكىتكە ئاپارساق، تەسىرى ياخشى بولمايدۇ. ناھىيىگە تېلېفون بېرىپ كىچىك ماشىنا ئەكەلدۈرۈپ ئېلىپ كېتىڭلار، تۇرمۇشىغا ئوبدان قاراڭلار. زوردۇن سابىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسىدىكى ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئۇ كىشى تېپىلغۇسىز تالانت ئىگىسى. مۇشۇنداق تالانتلىق يازغۇچىلارنىڭ بىزنىڭ قەشقەرگە كېلىشى ناھايىتى ياخشى ئىش. مەن ناھىيە باشلىقلىرىغا تېلېفون بېرىۋېتىمەن، بارغاندىن كېيىن تۇرمۇش، يېزىقچىلىق ئىشلىرىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇڭلار، دەپ تاپىلىدى.
     
     
     
    مەن ئەيسا شاكىرغا: «زوردۇن سابىرنىڭ مەكىتتىكى تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىمەن،  تېلېفون بېرىپ، كىچىك ماشىنا ئەكەلدۈرۈپ ئۆزۈم ھەمراھ بولۇپ، مەكىتكە ئېلىپ كېتىمەن» دەپ ۋەدە بەردىم - دە، ئەيسا شاكىرنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ، ئۇدۇل چىنۋاغ مېھمانخانىسىدىكى ياتىقىمغا كەلدىم. كاللامدا ئەيسا شاكىرنىڭ «زوردۇن سابىر ئىقتىدارلىق يازغۇچى»، «تالانتلىق يازغۇچى»، «تېپىلغۇسىز تالانت ئىگىسى» دېگەن سۆزلىرى تەكرارلىناتتى. ياتاققا كىرىپ ئۇزۇن ئويلاندىم. ئۇزۇن ئوي - خىياللار ماڭا قەشقەر پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمنى ھەمدە مەكىت 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياشلىق چاغلىرىمنى ئەسلەتتى.
     
     
     
    مەن چىنۋاغ مېھمانخانىسىدىكى ياتىقىمدا خىيال سۈرۈپ ياتاتتىم، سىرتتىن قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسى ئاممىۋى مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ ئىش باشقۇرغۇچىسى مېھمان چوڭنىڭ مېنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ياتاقتىن چىقتىم. تېخى بەك كەچ بولۇپ كەتمىگەن بولۇپ، كۈن بالدۇر ئىدى. سىرتتا قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئېزىز خۇدابەردى مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن. سىرتقا چىقىشىمغا ئېزىز خۇدابەردى ماڭا قاراپ:
     
     
     
    –مۇتەللىامەكىتكى تېلېفون بەردىڭلارمۇ؟ ئەيسا شاكىر سۈرۈشتە قىلىۋاتىدۇ، ‿دېدى مەن مەكىتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئېزىز خۇدابەردىگە چۈشەندۈرۈپ:
     
     
     
    –مەكىاناھىيىلىى پارتكومدا بىر كىچىك ماشىنا، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدە بىر كىچىك ماشىنا بار، بىزنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ ئىدارىسىدە كىچىك ماشىنا يوق، ئەتە ئەتىگەن ئىشقا چۈشىدىغان ۋاقىتتا ھاكىمغا تېلېفون بېرەيمىكىن دەيمەن، ‿دېدىم
     
     
    ئېزىز خۇدابەردى ماڭا خاپا بولغان ھالدا:
     
     
     
    –مېنىائېزىى خۇدابەردى دېدى، دېگىن، ئوسمان قاسىم ھاكىم چوقۇم ماشىنا ئەۋەتىدۇ، پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنىمۇ ئۇقتۇرۇپ قويغىن، زوردۇن سابىر ھەققىدە بىلگىنىڭنى سۆزلەپ بەرگىن، ھاكىم ئوسمان قاسىم ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان قابىلىيەتلىك ئادەم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان تالانتلىق يازغۇچىلارنىڭ مەكىتكە بېرىپ، مەكىتنى تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىسا چوقۇم خۇش بولىدۇ، مەكىتنىڭ قاتناش قىيىنچىلىق مەسىلىسى ھەممىمىزگە ئايان. شۇنداق بولسىمۇ بىر ئامال قىلسۇن، ماشىنا قىس بولغان ئەھۋال ئاستىدا بىر ئامال قىلىپ ماشىنا ئەۋەتسۇن، بۈگۈن كەچ زوردۇن سابىرنى ئەيسا شاكىر ئۆيىگە مېھمانغا چاقىردى. ئەتە ئەتىگەنلىكتىن تارتىپ، يازغۇچىنىڭ پۈتۈن پائالىيىتىگە سىلەر مەكىت ناھىيىسىدىكىلەر مەسئۇل بولىسىلەر، ئەتىگەنلىككە ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى مېھمانخانىسىغا بېرىپ 105 - ياتاقتىن زوردۇن سابىرنى تېپىپ، مەكىتكە ئېلىپ كېتىڭلار، ‿دەى تاپىلىدى.
     
     
     
    مەن دەرھال پوچتا - تېلېگراف ئىدارىسى تىجارەت بۆلۈمىگە بېرىپ، ھاكىم ئوسمان قاسىمغا تېلېفون بېرىپ، زوردۇن سابىرنىڭ مەكىتكە بارىدىغانلىقىنى، ۋىلايەتتىن ئەيسا شاكىر بىلەن ئېزىز خۇدابەردىنىڭ «مەكىت ناھىيىسى ماشىنا ئەۋەتىپ، زوردۇن سابىرنى مەكىتكە ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ تاپىلىغانلىقىنى دېدىم.
     
     
     
    ئوسمان قاسىم كەسكىن قىلىپ، «ۋىلايەت ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، بىز ماشىنا ئەۋەتىپ بېرەيلى، بىرگە ئېلىپ كېلىڭ، يۇرتىمىزغا يازغۇچى، مۇخبىر كەلسە بىز قارشى ئالىمىز» دېدى.
     
     
     
    كېچىچە ياتاقتا يېتىپ، زوردۇن سابىر ھەققىدە خىيال سۈردۈم، مېنىڭ نەزىرىمدە يازغۇچى زوردۇن سابىر ئېگىز بوي، قاڭشارلىق، چاچلىرىنى كەينىگە تارىغان، ھەيۋەتلىك، بەستلىك، سۈرلۈك ئادەم. ئەيسا شاكىردىنمۇ بەستلىك، يوغان، سالاپەتلىك، سارجا كاستۇم - بۇرۇلكا كىيگەن، ئېگىز شىلەپىلىك، قولىدا ھاسا، ھەرقانداق ئادەم ئەيمىنىپ قاراشقا پېتىنالمايدىغان، چىرايلىق خەت يازىدىغان كاتىپى بار ئادەم دەپ ئويلىدىم. مەن رەسىمىنى كۆرگەن ۋە رەسىمىنى ساقلاۋاتقان ماكسىم گوركى، لۇشۈن، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئەلقەم ئەختەم، تېيىپجان ئېلىيوپ قاتارلىقلارغا ئوخشاتتىم. تېزرەك تاڭ ئېتىپ، ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى مېھمانخانىسىغا بېرىپ، زوردۇن سابىر بىلەن كۆرۈشۈش تەقەززاسى ئىچىدە تاڭغا يېقىن ئۇخلاپتىمەن. ئۇ چاغلاردا چىنۋاغ مېھمانخانىسىدا ئەتىگىنى مېھمانلارنى ئويغىتىش ئۈچۈن چوڭ «شەرق قىزاردى» تراكتورى چاقىنىڭ چۇيۇن قاسقىنىنى داڭ قىلىپ چالاتتى. بىرىنچى داڭ چېلىش بىلەن چالا ئۇيقۇلۇق ئويغىنىپ، يۈزۈمنى يۇيۇپلا ئۇدۇل قەشقەر ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مېھمانخانىسىغا باردىم. قەشقەر ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى مېھمانخانىسى ئەسلىدىكى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كونا ئىشخانىلىرى بولۇپ، ئاستى تاختايلىق، كونىراپ كەتكەن ئۆيلەر ئىكەن. مەن 105 - نومۇرلۇق ياتاقنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم،  ئۆي ئىچىدىن غۇلجا شىۋىسىدە بىرسىنىڭ:
     
     
     
    ‿كىمسىزى ئىشىك ئوچۇق كىرىۋېرىڭ، ‿دېگەى ئاۋازىئاڭلاندى.مەن يازغۇچىدىنئەيمىنىپ، ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ ياتاق ئۆيگە كىردىم. كۆزەينەكلىك، چاقماق كۆڭلەك كىيگەن، ئوتتۇرا بوي، قارامتۈل، سېمىز بىرەيلەن خەت يېزىۋاتقانىكەن، ماڭا قاراپ:
     
     
     
    –كىمنائىزدەيسىز؟‿دېدى
     
     
    –مەى يازغۇچى زوردۇن سابىرنى ئىزدەپكەلگەن، يوق ئوخشايدۇ، بىر يەرگە كەتتىمۇ؟–دەاسورىدىى خەت يېزىۋاتقان كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ:
     
     
     
    –ھەاماناى مانا، دولانلىق مۇتەللىپ كەپتۇ-دە، ئۇكەمەي، تارتىنماي كېلىپ ئولتۇرۇڭ، پېقىر ئۆزى زوھوردىن سابىر دېگەن شۇ، ‿دەى تۇرپان شىۋىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىگەچ مېنى كارىۋاتقا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
     
     
     
    مەن بۇ كىشىنىڭ زوردۇن سابىر ئىكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمىدى. چۈنكى ياتقان ياتىقى تۆت كىشىلىك كارىۋات قويۇلغان ئادەتتىكى ياتاق بولۇپ، يوتقان - كۆرپىلىرى تازا ياخشى ئەمەس ئىدى. ئوتتۇرا بوي، چوڭ، قېلىن كۆزەينەك تاقىغان، بېشىدا ئادەتتىكى زىغىررەڭ كەپكە، ئۇچىسىدا ئادەتتىكى چاپان، ئادەتتىكى شىم، يېڭى مايلانغان بەتىنگە كىيگەن، ساقىلى يېڭىدىن قىرىلغان، بۇرۇتى قاپقارا، ئادەتتىكى بىر ئادەم ئىدى. مېنىڭ ئاخشامقى خىيالىمدىكى ھەيۋەتلىك يازغۇچى ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى پۇقرا كۆز ئالدىمدا تۇراتتى
     
     
     
    (داۋامى)
     
     
     
    زوردۇن سابىر مېنى كۆرۈپ بىردەمدىلا قەدىناس دوستلاردەك چاقچاق قىلىشقا باشلىدى.
     
     
     
    -ئۇكەمەي-غىزا - پىزا يوقمۇ؟
     
     
     
    -ياق-بىرگە يەمىز.
     
     
     
    قەشقەرتائاملىرىمۇ ياكى دولاننىڭكىمۇ؟
     
     
     
    -قەشقەردە قەشقەرنىڭكىنى، مەكىتتە دولاننىڭكىنى.
     
     
     
    -ھە-ئەمىسە قەشقەرلىكتەك بىر چەينەك چاي بىلەن بىر گىردە ئۇشتۇپ، قۇلاقتەك ناۋات سېلىپ ناشتا قىلىدىكەنمىز - دە!
     
     
     
    –ئەتىگەندامومى بىلەن سەيمۇ بار. كۆڭۈل تارتسا پاقلان گۆشى باسقان پولۇمۇ بار.
     
     
     
    –ئۇكەمەيابىى ئىلىلىقلار ئەتىگەندە ئەتكەن چاي بىلەن سۈت ئىچىمىز، بۇ يەردە گىردە بىلەن چاي، بوپتۇ، ئەتىگەندە ئوردا ئالدىدىكى چايخانىغابارايلى، بۈگۈن بىزمۇ قەشقەر پۇقراسى - دە!
     
     
     
    ئەتىگەنلىك ناشتىنى ئوردا ئالدىغا چىقىپ، بىر چايخانىدا قىلدۇق. زوردۇن سابىر چايخانىدىكى چايخورلارنىڭ پارىڭىنى بىر سائەتتەك ئاڭلاپ، يېڭى سۆزلەرنى يانچۇق دەپتىرىگە يېزىۋالدى. چايدىن كېيىن ھېيتگاھ مەيدانىنى ئايلىنىپ، ئۆستەڭ بويى كوچىسى ئارقىلىق ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى مېھمانخانىسىغا قايتىپ كەلدۇق. زوردۇن سابىر مەندىن:
     
     
     
    –ئۇكەمەياكوڭكاڭلاى قاچان كېلىدۇ؟ مەن بېكەتنىڭ پاساژىرلار ماشىنىسىدا كېتىۋالاي دېسەم،  ئەيسا شاكىر پەقەتلا ئۇنىمىدى. ئەيسا شاكىرمۇ قەلىمى پىشقان مۇھەررىر ھەم يازغۇچى، يازغۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن، يازغۇچىنى چۈشىنىدۇ. قالتىس بەلەن جۇما، باشلىق بولماي يازغۇچى بولسا بوپتىكەن، باشلىق بولغىنىغۇ ياخشى بولغاندەك قىلىدۇ، ئەدەبىياتنى قوللايدۇ، قەشقەرنىڭ ئەدەبىياتى ئاشۇنداق مىللەتپەرۋەر، ئىقتىدارلىق ياخشى باشلىقلارنىڭقوللىشى بىلەن روناق تاپىدۇ.
     
     
     
    مەن ماشىنىنىڭ بۈگۈن چۈشلۈك دەم ئېلىشقا ئۈلگۈرۈپ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغىچە ئوبدان ئارام ئېلىپ ساقلايدىغانلىقىمىزنى دېدىم. زوردۇن سابىر مەندىن مەكىتنىڭ ئىقتىسادى، دېھقانچىلىق ئەھۋالى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى، دولان مەشرەپ ۋە دولان مەشرەپ مۇقامچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سوراشقا باشلىدى. مەكىتنىڭ ئەھۋالىنى ئەمدىلا تونۇشتۇرۇشقا باشلىشىم بىلەن قەشقەرنىڭ يازغۇچىلىرىدىن ئابلىمىت سابىر، سىيىت زۇنۇن، تۇرسۇن نىياز، ئابلىمىت ھاجى، ئابلا ئەھمىدى، ئۇچقۇنجان ئۆمەر قاتارلىقلار زوردۇن سابىرنى يوقلاپ كېلىپ، قەشقەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە قەشقەر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە سۆھبەتكە چۈشتى. سۆھبەت چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغىچە داۋاملاشتى. سۆھبەتتىن كېيىن ئۇلار قايتىپ كېتىشتى. لېكىن ھايال ئۆتمەيلا ئابلىمىت سابىر قايتىپ كىرىپ، زوردۇن سابىرنى چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلدى. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن زوردۇن سابىر بىلەن ئابلىمىت سابىر ياتاقتا تاكى كەچ كىرگىچە شاھمات ئوينىدى.
     
     
     
    ناھىيىدىن كېلىدىغان ماشىنا شۇ كۈنى كېلەلمەي، ئەتىسى چۈشكە يېقىن يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى كەچتە زوردۇن سابىرنىڭ تەكلىپى بويىچە مەن زوردۇن سابىرنىڭ ياتىقىدا قونۇپ قالدىم. كېچىچە ماڭا ئۇيقۇ ئەمەس، قىيامەت بولغاندەك تۇيۇلدى. كۆزۈم ئۇيقۇغا بېرىشى ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىلغاندەك بىر ھەيۋەتلىك ئاۋاز بىلەن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. بۇ ئاۋاز زوردۇن سابىرنىڭ خورەك ئاۋازى ئىكەن. مەن تېخى بۇ ۋاققىچە بۇنداق ھەيۋەتلىك خورەك تارتىدىغان ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. ئويغىنىپ خېلى ئۇزاققىچە كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ خورەك ئاۋازىنى تىڭشىدىم. خورەك بەزىدە قاراسلاپ بۇلۇتلار ئارا چاقماق چاققاندەك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز چىقارسا، بەزىدە لەرزان چېلىنغان مىزىگان ئاۋازىدەك يېقىملىق چىقاتتى، بەزىدە پويىزنىڭ سىگنالىدەك ئاۋاز چىقىرىپ، ئاندىن پويىزنىڭ ئېغىر ھالدا قوزغالغان ۋاقتىدەك پۇشۇلدىغان ئاۋاز چىقىراتتى.
     
     
     
    خورەك ئارىلىقىدا زوردۇن سابىر «ئۈكەمەي، ئۇخلىدىڭمۇ؟ ئوبدان ئۇخلا ‿ھەى دەپ قوياتتى. خورەك كېچىچە داۋاملاشتى. مەن كېچىچە ئۇخلىيالماي ئۆرە تۇردۇم. ئىچىمدە «زوردۇن سابىرنى تەرىتى قىستاپ ئورنىدىن تۇرۇپ ھاجەتخانىغا بېرىپ كەلگىچە (مېھمانخانىنىڭ ھاجەتخانىسى ناھايىتى يىراقتا ئىدى) بىردەم بولسىمۇ ئۇخلىۋالارمەن» دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن قېرىشقاندەك زوردۇن سابىرنىڭ تەرىتى تاڭ ئاتقىچە بىرەر قېتىممۇ قىستىمىدى. تاڭ ئاتتى، زوردۇن سابىر ئورنىدىن تۇرۇپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن سىرتقا ماڭدى. مەن ئاندىن خاتىرجەم ئۇيقۇغا كۆز يۇمدۇم. چۈشكىچە ئابلىمىت سابىر كېلىپ زوردۇن سابىر بىلەن شاھمات ئويناشتى. چۈشلۈك تاماققا ئۈلگۈرۈپ، ناھىيە ئەۋەتكەن ماشىنا كەلدى. بىز چۈشلۈك تاماقنى يەپلا مەكىتكە قاراپ يولغا چىقتۇق.
     
     
     
    بارغۇچە زوردۇن سابىر مېنىڭ كېچىچە خورەك ئاۋازىدىن ئۇخلىيالمىغانلىقىمنى ئاڭلاپ ئەپۇ سورىدى. ئۆزىنىڭ بىر قېتىم يازغۇچىلار بىلەن خورەكتە بەسلىشىپ، بىر موڭغۇل يازغۇچىغا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ، تارتقان خورىكىنىڭ تېخى باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن خورەك تارتىشتا زوردۇن سابىردىنمۇ يۇقىرى «ماھارەت»لىك خورەكچىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. گەپ ئارىلىقىدا تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ بېيجىڭدا قاتناش نازارىتىنىڭ نازىرى يولداش يۈسۈپ بىلەن بىر ياتاقتا ياتقاندا كېچىچە ئۇخلىيالماي بىر كۇپلېت شېئىر يېزىپ قويۇپ چىقىپ كېتىپ، باشقا ياتاققا يۆتكىلىپ ياتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ، تېيىپجاننىڭ:
     
     
     
    بۇرۇن چىقتى بوش خورەك،
     
     
    كېيىن چىقتى قوش خورەك.
     
     
     
    خورەك تارتقان كاماغا،
     
     
    پەشۋا بىلەن مۇشت كېرەك.
     
     
     
     
     
    يولداش ئالدى پەيزىنى،
     
     
    مەن مېھمانلىق ياتاقتا.
     
     
     
    ئىككىنچىلەپ ياتمايمەن،
     
     
    خورەك تارتقان ياتاقتا.
     
     
     
     
     
    شۇ خۇدايىم ياراتتى،
     
     
    خورەكچىنى نېمىشكە.
     
     
     
    كىرسە ئەگەر خورەكچى،
     
     
    مەن كىرمەيمەن بېھىشكە.
     
     
     
     
     
    دېگەن شېئىرنى ئوقۇپ بەردى. بۇ شېئىرنى ماشىنا شوپۇرىمۇ، مەنمۇ بارغۇچە يادلىۋالدۇق. مەكىتكە بارغاندىن كېيىن، بىرقانچە قېتىملىق پاراڭلاردا زوردۇن سابىر بۇ شېئىرنىڭ يېزىلىش سەۋەبلىرىنى مەكىتتىكى قەلەمداشلارغا سۆزلەپ بەردى.
     
     
     
    مەكىتنىڭ يولى ئۇزۇن، يەكەندىن ئايلىنىپ ماڭىدىغان بولغاچقا، يەكەندىن مەكىت دەريا كېچىككىچە بولغان ئارىلىقتا ماي ياتقۇزۇلماي قوپال تاشيولىدا ماڭىدىغان بولغاچقا، ھېرىپ - چارچاپ كەچ سائەت 10 لار ئەتراپىدا مەكىتكە يېتىپ كەلدۇق. سىرتتا تاماق يەپ زوردۇن سابىرنى كېچە سائەت 11 لاردا مەكىت ناھىيىلىك ھۆكۈمەت مېھمانخانىسىغا ئەكىرىپ ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم.
     
     
     
    زوردۇن سابىر مەكىتكە كەلدى
     
     
     
    ئەتىسى ئەتىگەندە ناشتىغا ئۈلگۈرۈپ مېھمانخانىغا باردىم. زوردۇن سابىر قەشقەردىن كەلگىچە شۇنچە ئۇزاق يولنى بېسىپ، ئەسكى توپىلىق يوللاردا سىلكىنىپ، چايقىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەتىگەن سەھەر ئورنىدىن تۇرۇۋالغانىكەن. مەن كەلسەم زوردۇن سابىر مېھمانخانا ئاشخانىسى ئالدىدا ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى لى كەييى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگىلى تۇرۇپتۇ. زوردۇن سابىر مېنى كۆرۈپ:
     
     
     
    –مۇتەللىپائۇتتۇرۇۋەتكەى خورازدەك سالپىيىپ تۇرماي، كېلىپ لى شۇجى بىلەن كۆرۈشكىن، ‿دېدى مەن دەرھال ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم. لى شۇجى مەن بىلەن ناھايىتى خۇشخۇي كۆرۈشۈپ زوردۇن سابىرنىڭ ياتاق، تاماق، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ تۇرمۇش ئۆگەنگىچە بولغان بارلىق ئىشلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشۇمنى تاپىلىدى. لى شۇجى ئالاھىدە قىلىپ:
     
     
     
    –يازغۇچىلااپارتىيى بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك، ئۇلارنىڭ ئامما ئارىسىغا بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۆگىنىپ، ياخشى ئەسەرلەر ئارقىلىق ئاممىنى تەربىيىلەش رولىغا سەلقارىساق بولمايدۇ. سىلەر مەدەنىيەت-مائارىپ ئىدارىسى بۇ ئىشقا تولۇق ئەھمىيەت بېرىڭلار، مەن يەن جۈجاڭغا تاپىلاپ قويىمەن (يەن جۈجاڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەكىت ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ ئىدارىسىنىڭ جۈجاڭى ئىدى)، ‿دېدى لى شۇجىنىڭ ھەمراھلىقىدا مېھمانخانا ئاشخانىسىغا ئەتىگەنلىك ناشتا ئۈچۈن كىردۇق. ھايال ئۆتمەي ھاكىم ئوسمان قاسىم يېتىپ كېلىپ، يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى ۋە ئەتىگەنلىك ناشتىدا بىرگە بولدى، ھاكىم ئوسمان قاسىممۇ زوردۇن سابىرنىڭ تۇرمۇش، تۆۋەنگە چۈشۈپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، خەلق ئاممىسى بىلەن تونۇشۇش قاتارلىق ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشۇمنى تاپىلىدى ھەم ئۆزىمۇ زوردۇن سابىرنى يېزىلارغا بىرگە ئاپىرىدىغانلىقىنى، ھەرقايسى يېزىلارنىڭ باشلىقلىرىغا ياخشى كۈتۈۋېلىش ھەققىدە ئايرىم تاپىلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
     
     
     
    ئەتىگەنلىك ناشتا ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتتى. يازغۇچى زوردۇن سابىر ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى نەپەر 1 - قول باشلىقىنىڭ ئالايىتەن كېلىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ مەكىتتىكى ئىشلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە ئىنتايىن خۇرسەن بولدى.
     
     
     
    زوردۇن سابىر كەلگەندىن كېيىن، ھاكىم ئوسمان قاسىم زوردۇن سابىر ۋە مېنى ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇپ يېزىلارنى ئايلاندۇردى ۋە شۇ چاغدىكى يېزا باشلىقلىرىغا زوردۇن سابىرنى ئالاھىدە تونۇشتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن يانتاق، تۈمەنتال، غازكۆل، قىزىلئاۋات، قۇمسار يېزىلىرىنىڭ باشلىقلىرى ھارۋا ئەۋەتىپ، زوردۇن سابىرنى تەكلىپ قىلدى (ئۇ چاغلاردا يېزىلىق پارتكوم شۇجىلىرى، يېزا باشلىقلىرى ئات ھارۋىسىغا چىقاتتى).
     
     
     
    زوردۇن سابىر ناھايىتى ئاددىي - ساددا، كەمتەر، كىشىلەر بىلەن چىقىشقاق ئىدى. زوردۇن سابىر ياتقان ياتاق كېسەك بىلەن ياسالغان ئادەتتىكى ئۆي بولۇپ، تام سۇۋاقلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. مېھمانخانا ئورنى زەي بولغاچقا، ياتاق ئۆينىڭ ئاستىغا باسقان خىشلارمۇ چىرىپ،  ئېزىلىپ، ياتاقنىڭ مۇھىتىنى بۇزغانىدى. ھاكىم ئوسمان قاسىم بىرقانچە قېتىم يوقلاپ كېلىپ، «ياتاقنى رېمونت قىلىپ بېرەيلى» دېگەندە، زوردۇن سابىر: «مەنمۇ دېھقان بالىسى، دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە قارىغاندا بۇ ئۆيلەر مىڭ ياخشىراق، مەكىتتە دېھقاندەكرەك ياشاي - يا» دېگەنىدى. زوردۇن سابىر مەكىتكە كېلىپ، بىر ھەپتە بولماي تۇرۇپ، ياسىن قاسىم، ئوبۇل ئاقچى، ھەسەنجان، مەمتىمىن قاتارلىق ئون نەچچە شاھمات ماھىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ دوست بولدى. تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم، تاش توختى، قادىر ھوشۇر، ئۇرايىم قاسىم، تۇرسۇن مەتنىياز، تۇردى روزى، مىجىت ھەسەن، ئوبۇل مەتنىياز، ئاۋۇت ئوسمان، ئابدۇقادىر توختى قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بىلەن تونۇشۇپ دوست بولدى. زوردۇن سابىر ياتقان102 - نومۇرلۇق ياتاق ھەر كۈنى زوردۇن سابىرنى ئىزدەپ كەلگەنلەر بىلەن تولۇپ تۇردى. كىشىلەر بىلەن ئاسانلا تونۇشۇش، بىر تونۇشقاندىن كېيىن قەدىناس ئاغىنىلەردەك بولۇپ كېتىش زوردۇن سابىرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ئىدى. زوردۇن سابىر بىر ھەپتىدىلا دولاننىڭ ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، كۆرۈشكەندە بىر - بىرىنى چاقىرىشىدىكى ئادەتلىرىنى ھەم مېھماندارچىلىق ئادەتلىرىنى ئۆگىنىۋالدى. بۇلارمۇ زوردۇن سابىرنى مەكىتلىكلەر بىلەن تېز يېقىنلىشىش، خەلق بىلەن تېز تونۇشۇش، خەلق بىلەن تېز ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ كېتىشكە مۇھىم رول ئوينىدى.
     
    .زوردۇن سابىر مەكىتكە كېلىپ، 5 - كۈنى «يانتاق» يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ئوسمان مۇھەممەت زوردۇن سابىرنى «يانتاق»قا كېلىپ، دولان مەشرىپىگە قاتنىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. زوردۇن سابىر تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ناھىيىلىك مەدەنىيەت - مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كىچىك ماشىنىسى بولمىغاچقا، (ناھىيە باشلىقلىرىدىن ماشىنا سوراشقا زوردۇن سابىر قوشۇلمىدى) ناھىيىلىك كىنو - تىياتىرخانىنىڭ «قەشقەر» ماركىلىق كىچىك تراكتورىغا ئولتۇرۇپ، يانتاق يېزىسىغا باردۇق. يول ئۈستىدە «يانتاق» يېزىسىنىڭ «بولقا» كەنتىگە كەلگەندە (كەنت يول ئۈستىدە ئىدى) زوردۇن سابىر تراكتورنى توختىتىشقا بۇيرۇدى. زوردۇن سابىر تراكتورنىڭ كابىنكىسى ئىچىدە ئىدى (ئۇ چاغلاردا بۇنداق«قەشقەر» ماركىلىق دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى زاۋۇتىدا ئىشلەنگەن تراكتور مەكىتتىكى ھەرقايسى ئىدارىلەرنىڭ ئاساسلىق قاتناش قورالى ئىدى.) ئۇ تراكتوردىن چۈشۈپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىلىرىدىكى كەپتەر پەغەزلىرىنى كۆرسىتىپ:
     
     
     
    –بىزنىاغۇلجىدى رادىئو، تېلېۋىزىيە ئانتىنالىرىنى (تيەنشەن دېمەكچى) مىس سىم، تۆمۈرلەردە ياسايدۇ. ماۋۇ دولاندا ياغاچتىن ياسايدىكەن، ياغاچتىن ياسالغان ئانتىنا رادىئو، تېلېۋىزور قاناللىرىنى تارتالامدۇ؟‿دەى سورىدى. بىز ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتۇق، زوردۇن سابىر كۆزەينىكىنى ئېلىپ سۈرتكەچ:
     
     
     
    –ئاغىنىلەرەيانېمىگى كۈلۈشىسىلەر، ئاينا، راست ئەمەسمۇ يا، ‿دەى دولان شىۋىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ بىزگە قاراپ تۇرۇپ قالدى. مەن زوردۇنكامغا:
     
     
     
    –ئاۋائۆگزىدىكى ئانتىنا ئەمەس، كەپتەر قونىدىغان پەغەز يا، ‿ غۇلجا تەرەپتە كەپتەرلەرگە ئايرىم پەغەز ئەتمىسە كېرەك، ياكى پەغەز بولسىمۇ ئوخشىمىسا كېرەك. ئاتايىتەن يولدىن 100 مېتىردەك مېڭىپ دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە باردۇق. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نۇرەك راخمان بار ئىكەن. بىزنىڭ كېلىش مەقسىتىمىزنى ئۇقۇپ، ئۆگزىگە شوتا قويۇپ بەردى. بىز شوتا بىلەن ئۆگزىگە چىقتۇق. زوردۇنكام پەغەزنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ يانچۇق دەپتىرىگە پەغەز دېگەن ئىسىمنى ۋە پەغەزنىڭ رولىنى يېزىۋالدى، ھەمدە ئۆگزىدىكى كەپتەر سولايدىغان قۇما، كاتەكلەرنى كۆرۈپ ئۇنىمۇ دەپتىرىگە يېزىۋالدى. زوردۇنكام كەپتەرلەرگە قىزىقىپ قالدى. ئۆزى قۇمىدىكى كەپتەرلەرنى ئۇچۇرتۇپ بىرھازا كەپتەر تاماشاسى قىلىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقاردى. زوردۇنكامنىڭ كەپتەرلەرگە قىزىقىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى نۇرەك راخمان كەپتەر باققان بارلىق دېھقانلارنى كەپتەرلەرنى ئۇچۇرتۇشقا بۇيرۇدى. بىردەمنىڭ ئىچىدە سانسىزلىغان كەپتەرلەر كۆك ئاسمانغا شۇڭغۇپ، توپ - توپ بولۇشۇپ ئۆز توپلىرى بويىچە ئۇچۇشقا باشلىدى. زوردۇنكامنىڭ قىزىقىپ قالغىنى كەپتەرلەرنىڭ ئويۇنچىسى (دولاندا موللاق ئېتىپ ئۇچىدىغان كەپتەرلەرنى ئويۇنچى كەپتەر دەپ ئاتايدۇ) بولۇپ، ئويۇنچى كەپتەرنىڭ قۇيرۇقىغا كىچىك «غۇڭ قاپاق» ئېسىپ قوياتتى. بۇنداق «غۇڭ قاپاق» لار كەپتەرلەر موللاق ئېتىپ ئاسماندا ئۇچقاندا «غۇڭ» قىلغان ئاۋاز چىقىراتتى. زوردۇنكام بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خاتىرە دەپتىرىگە يېزىۋالدى ۋە كېيىنكى يازغان ھېكايىلىرىدە بۇنى ئايرىم تەسۋىرلەپ يازدى.
     
     
     
    يانتاققا بارغۇچە زوردۇنكام يولدا كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر - بىردىن سوراپ دەپتىرىگە يېزىپ ماڭدى. زوردۇنكامغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەكىتكە تۇنجى كېلىپ دەريا بويىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەر يېڭى ۋە ئاجايىپ كۆرۈنگەنىدى. يولدا كېتىۋاتقان بىرەر دېھقاننىڭ پارىڭىمۇ زوردۇنكامغا يېڭى تۇيۇلاتتى. دېھقانلارنىڭ بىر - بىرىگە قىلغان سۆز - دىئالوگلىرى، سۆز ئارىسىدىكى دولانچە شىۋىلەر زوردۇنكامغا يېڭى تۇيۇلۇپ كەتتى. بارغانلىكى يېرىدە دېھقانلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئەينى بويىچە خاتىرىسىگە يېزىۋالدى.
     
     
     
    يانتاق يېزىسىغا چۈشتە يېتىپ باردۇق. چۈشلۈك تاماقنى يېزىلىق پارتكوم شۇجىسى ئوسمان مۇھەممەت ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرغانىكەن. چۆجە خوراز توغراپ ئەتكەن كۆممە قوناق كۈجىسى،  ياخشى پىشۇرۇلغان باچكا گۆشى ۋە قىرقىلمىغان ئوغلاق كاۋىپى زوردۇنكامغا تازا ياقتى. تاماقتىن كېيىن ئىسمايىل ئەخمەد قالۇنچى، ئابجىل روزى راۋابچى، مۇسا غىجەك، ھۈسىيىن يەھيالار زوردۇنكامغا دولان مۇقاملىرىدىن نەغمە قىلىپ كىچىك تىپتىكى ئۆي مەشرىپى قىلىپ بەردى. زوردۇنكام قولىغا قەلەم ئېلىپ، مۇقامچىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ھۈسىيىن يەھيا ئوقۇغان ھەر بىر مۇقام تېكىستلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تىڭشاپ تېكىست ئىچىدىكى يەرلىك قوشاقلارنى ئالاھىدە خاتىرىلىۋالدى. بولۇپمۇ دولان مۇقاملىرىدىكى
     
     
     
    قۇشقاچ قوندى زاغزاققا،
     
     
    توغاي قوندى يانتاققا.
     
     
     
    يارنى سۆيسەڭ مەھكەم سۆي،
     
     
    ئورناپ كەتسۇن تامغاققا.
     
     
     
     
     
     
     
    ئاق تىكەن گۈر - گۈر كۆيەدۇر،
     
     
    كۆك تىكەنگە چارە يوق.
     
     
     
    دەردى بار دەردتە كۆيەدۇر،
     
     
    دەردى يوقنىڭ كارى يوق.
     
     
     
     
     
     
     
    ئاق تەڭگە پۇلۇم بولسا،
     
     
    ئاق يەرگە ساراي سالسام.
     
     
     
    ئاق جۇۋان مېنىڭ بولسا،
     
     
    بوينىغا گىرە سالسام.
     
     
     
     
     
     
     
    ئېھ، خېنىم سىزنىڭ،
     
     
    مىنگەن ئېتىڭىزنىڭ
     
     
     
    بوينى ئالا قاشقا.
     
     
     
    ئىككىمىز بىرگە بولساق،
     
     
    ھېچنېمە لازىم ئەمەس،
     
     
    بىر قاپاق سۇدىن باشقا.
     
     
     
     
     
    قاتارلىق يەرلىك قوشاقلار زوردۇنكامنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى. مەشرەپ ئارىلىقىدا زوردۇنكام ھاياجىنىنى باسالماي «مەكىتتە زور خەلق قوشاق بايلىقى بار ئىكەن، خەلق قوشاقلىرى، مۇھەببەت قوشاقلىرى، ئەمگەك قوشاقلىرى... ئەدەبىياتقا ئاساس سالغۇچى، ئۇل بولمىسا بىنا بولمىغاندەك خەلق قوشاقلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزدىكى شېئىرىيەت پەيدا بولغان، خەلق قوشاقلىرىنى توپلاش، رەتلەش تەتقىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. مۇتەللىپ، سىلەرنىڭ مەدەنىيەت خىزمىتىدە بۇ ئىشلارنى چوقۇم چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەڭلار. مەن قايتىىپ بارغاندىن كېيىن ئابلىمىت سادىققا ئېيتىمەن، خەلق ئەدەبىيات - سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئىشلىرى مۇشۇنداق ئاساسىي قاتلام يېزىلاردا ئىكەن. ئۇلارمۇ تۆۋەنگە چۈشۈپ خەلق قوشاقلىرىنى توپلاپ باقسۇن، مۇھىمى، سىلەر توپلاپ«بۇلاق» ژۇرنىلىغا ئەۋەتىپ بېرىڭلار»دېدى. زوردۇنكام كېيىنكى يازغان «ئېھ، توپىلىق يول» قاتارلىق بىرقانچە ئەسەرلىرىدە بۇ قوشاقلارنى ئىشلەتتى. يازغان ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم يەرلىرىگە خەلق قوشاقلىرىنى قىستۇرۇش، نەقىل كەلتۈرۈش، تېما ئاستىغا ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئەسەرلىرىگە ناھايىتى زور مەزمۇن كىرگۈزدى.
     
     
     
    كەچتە زوردۇنكام شەرىپىگە «يانتاق» يېزىسىدا ئالاھىدە دولان مەشرىپى ئۆتكۈزۈلدى. تۇنجى قېتىملىق كۆلىمى نىسبەتەن چوڭ بولغان دولان مەشرىپى زوردۇنكامغا ئالاھىدە يېڭىلىق تۇيۇلدى. مەشرەپ سورۇنىدا زوردۇنكام مەشرەپ ئەھلى ئارىسىغا دېڭىز ئاستىغا چۆككەن غەۋۋاسلاردەك چۆكۈپلا كەتتى.
     
     
     
    زوردۇنكام دولان مۇقامچىلىرىنىڭ چىراي، قىياپەت، نەغمە قىلغان ۋاقىتتىكى ئېچىلغان ئېغىز، يۇمۇلغان كۆز، تۈرۈلگەن قاپاق، كېرىلگەن بويۇن، پېشانىلىرىدىن شۇرقىراپ ئېقىۋاتقان تەرلىرىگە ناھايىتى دىققەت قىلاتتى. ئەسلىشىمچە، شۇ چاغدىكى ھەربىر مۇقامچىنىڭ قىياپەت تەسۋىرىنى ئەينەن قىلىپ خاتىرىسىگە يېزىۋالغانىدى. بولۇپمۇ زوردۇنكام مەشرەپ سورۇنىدىكى خىلمۇخىل ئادەملەرنىڭ قىياپىتىگە، كىيىمىگە، سۆزىگە، ئوسسۇلىغا ئالاھىدە سەپسالدى. دولان مەشرىپىدىكى كىشىلەرنىڭ كىيىنىشلىرى، كىيىم شەكلى، سۆز - ھەرىكەتلىرىنى بەكمۇ دىققەت ئىچىدە كۆزەتتى. مۇقام نەغمىچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى، يېشىنى بىر - بىرلەپ سوراپ يېزىۋالغاندىن سىرت، مەشرەپ ئەھلى سورۇنىدىكى ئالاھىدە قىياپەتلىك كىشىلەرنىڭمۇ ئىسمىنى سوراپ يېزىۋالدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، زوردۇنكام مەشرەپنىڭ ھەربىر كىچىك باسقۇچ - ئۆزگىرىشلىرىگىچە خەلقنىڭ ھەربىر كىچىك تۇرمۇش دىتاللىرىغىچە شۇنچە تەپسىلىي، ئىنچىكە كۆزەتكەنىدى. كېيىن ئۇقسام، زوردۇنكام دولان مەشرىپى ئىچىدىن يازماقچى بولغان «دولان ياشلىرى» ناملىق ھېكايىسىغا خام ماتېرىيال ئىزدىگەنىكەن. مەشرەپ ئارىلىقىدا قالۇنچى ئىسمايىل ئەخمەت، تۇرەك ئاۋۇت، دولان راۋابچىسى ئابجىل روزى، داپەندى (نەغمىچى) ھۈسىيىن يەھيا، ئىسمايىل روزى، ئۇسسۇلچى مامۇت شەيخ، ئۆمەر ئوسمان، رەھىم قادىرلار بىلەن ئالايىتەن كۆپرەك سىرداشتى. ئۇلارنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى، دولان مەشرەپ مۇقاملىرى بىلەنشۇغۇللانغان ۋاقتىنى، دېھقانچىلىقئەھۋالى، ئائىلە ئەھۋالىنى سوراپ خاتىرە قالدۇرۇۋالدى. مەشرەپ ئارىلىقىدىكى دەرە ئويۇنىدا دېھقان ئۇسسۇلچى ھۆرىگۈل زوردۇنكامنى دەرە (پوتا) ئويناشقا تەكلىپ قىلدى، دەرە بىلەن بىرقانچىنى ئۇرۇپ سورۇننى جانلاندۇرۇۋەتتى. شۇ كۈندىكى مەشرەپناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتتى. زوردۇنكاممۇ ئىنتايىن رازى بولدى. مەشرەپتىن كېيىن مەن زوردۇنكامغا ھەمراھ بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت مېھمانخانىسىدا قونۇپ قالدۇق. «يانتاق» دىكى مۇقامچىلار زوردۇنكامغا ناھايىتى ئامراق، ئىجىل بولۇپ قالدى. كېچىچە مامۇت شەيخ،  ئىسمايىل ئەخمەت، تۇرەك ئاۋۇت، ئابجىل روزى، ھۈسىيىن يەھيا، ئۆمەر ئوسمان، رەھىم قادىرلار ياتاققا كىرىپ نەغمە قىلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، دەرە ئويۇنى قىلىپ، بېيىت - قوشاق ئېيتىپ زوردۇنكامنى زېرىكتۈرمىدى. بولۇپمۇ زوردۇنكام شۇچاغدىكى يېزىلىق ئىشتىن سىرتقى ئەدەبىيات-سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ سەنئەت يېتەكچىسى رەھىم قادىرنىڭ دولان مەشرىپىدىكى يۇمۇرلۇق ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىگە، سەنئەت نومۇرلىرىدىكى قىزىقچىلىقلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى. «يانتاق» خەلقىنىڭ مەشرەپ، ئوغلاق- ئات بەيگىسى، توي - تۆكۈنلىرىنىڭ كاتتا «يىگىت بېشى» مامۇت شەيخنىڭ ھەزىل چاقچاقلىرىغا ئالاھىدە قىزىقىپ، ئەينەن خاتىرىسىگە يېزىۋالدى. كېيىن ئويلىسام، زوردۇنكام «يانتاق» دىكى تۇنجى دولان مەشرىپىنى كۆرگەندىن كېيىن، كاللىسىدا «دولان ياشلىرى» ناملىق ھېكايىسىنى يېزىشنى ئويلاشقانىكەن. ئاشۇ كۈندىكى مەشرەپ زوردۇنكامنى ئەڭ ياخشى تۇرمۇش ۋە سەنئەت دىتاللىرى بىلەن تەمىنلىگەنىدى. مەن شۇ چاغدا بەزى ئىشلارنى تولۇق ھېس قىلالمىغانىكەنمەن،  زوردۇنكام كۆپىنچە ياراتماقچى بولغان ئوبرازلارنىڭ پىرتوتىپى ھەققىدىلا ئويلىناتتى. شۇڭا مەندە بىر يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئوبراز يارىتىش، تۇرمۇش دىتاللىرى ئىچىدىن ئۆزىگە لازىم بولغان ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىنى تاللاش جەھەتتە چوڭقۇر چۈشەنچە يوق ئىدى. شۇڭا دەسلەپتە زوردۇنكامنى خاتا چۈشىنىپ، ھېلىقى داۋاملىق كېلىپ كېتىپ مۇخبىرلىق قىلىدىغان ئاخبارات مۇخبىرلىرىغا ئوخشاش يۈزەكى ئەھۋال ئۇقۇپ، ئانچە - مۇنچە چىرايلىق ئەدەبىي سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، كۆرگەن ئادەملەر ۋە تاشقى مۇھىتنى تەسۋىرلەپ قويۇپ تەسۋىرىي خەۋەر ياكى ئوچېرك ياكى بولمىسا خەۋەر ماقالىلىرىنى يازىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاراپتىكەنمەن. زودۇنكام يانتاقتا بىر ھەپتىدەك تۇرغاندىن كېيىن، ناھىيىگە يېنىپ كەلدى. ناھىيىگە يېنىپ كەلگەننىڭ ئەتىسى ناھىيە بازىرىغا يېقىن «بازار جەمى» كەنتىنىڭ ياچېيكا شۇجىسى ساۋۇر شۇجى ئۆيىگە مېھمانغا چاقىردى. ساۋۇر شۇجىمۇ خېلى ئۇزاقتىن بۇيان زوردۇنكامنىڭ تەرىپىنى ئاڭلىغانىكەن. ساۋۇر شۇجىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ئېچىلىپ - يېيىلىپ، كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىش ۋە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت سۆھبەتلىشىش پۇرسىتى بولغانلىقىغا زوردۇنكاممۇ ناھايىتى خۇشال بولدى. تاماقتىن كېيىن ساۋۇر شۇجى زوردۇنكامنى باغلارنى ئايلىنىپ چىقىشقا تەكلىپ قىلدى. ساۋۇر شۇجىنىڭ ئۆيى بىلەن باغ ئارىسىدا قويۇق قاغا جىگدە بىلەن قاپلانغان چىت (دولاندا باغ ئەتراپىدىكى قاشانى چىت دەپ ئاتايدۇ) بار ئىدى. زوردۇنكام بۇنى«نېمە دەيسىلەر؟» دەپ سورىغانىدى، ساۋۇر شۇجى «باغنىڭ چېتى دەيمىز» دېدى. زوردۇنكام شۇ ھامان بۇنى خاتىرىسىگەيېزىۋالدى. شۇ چاغدا باغ ئىچىدىن بىرقانچە قىز - يىگىتلەرنىڭ كۈلكىسى ئاڭلاندى. ئارقىدىنلا بىر قىز كاككۇكنىڭكىدەك زىل ئاۋاز بىلەن كۈلگەن پېتى قېچىپ مېڭىپ، زوردۇنكامنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدى. قىزنى قوغلاپ كەلگەن ئوغۇل بالىنىڭ قولىدا راۋاب بار ئىدى. زوردۇنكام بۇ كۆرۈنۈشلەرنى ئەينەن خاتىرىلىۋالدى. ئەتىسى زوردۇنكامنى ئىزدەپ ياتىقىغا بارسام، زوردۇنكام «دولان ئوغلى» دېگەن ھېكايىسىنى يېزىپ يېرىمىنى پۈتتۈرۈپتۇ. زوردۇنكام ھېكايىنىڭ باش قىسمىنى ماڭا كۆرۈپ بېقىشىم ئۈچۈن بەرگەنىدى. مەن كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، زوردۇنكامنىڭ ئەدەبىي قابىلىيىتىگە ئاپىرىپ ئوقۇپ: «زوردۇنكا، سىلە ھەقىقەتەن سېۋەت توقۇشقا ئۇستا يازغۇچى ئىكەنلا» دېدىم.
     
     
     
    زوردۇنكام كۈلۈپ كېتىپ:
     
     
     
    –توغرادېدىڭ ئۇكا، يازغۇچى بولغان كىشى خەلق تۇرمۇشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، ئالدى بىلەن تۇرمۇشنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. تۇرمۇشنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ياخشى ئەسەر يازغىلى بولمايدۇ. بۇمۇ خۇددى سىز دېگەندەك سېۋەت توقۇشقا ئوخشايدۇ. ئوبراز يارىتىشتا تۇرمۇشنىڭ ئۆز ئەينى ئەمەس، بەلكى يازغۇچى كۆزەتكەندىن كېيىن تاللاپ ئالغان تۇرمۇش دىتاللىرىنى تۇرمۇشتىن بىر دەرىجە يۇقىرى قويۇپ، يۇقىرى جەھەتتىكى بەدىئىي تاۋلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن تىپىك ئوبراز يارىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، دېدى
     
     
    «دولان ئوغلى» يېزىلىپ پۈتكەندىن كېيىن، مەن تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم ۋە رەھمەتلىك ئاۋۇت ئوسمانلار بىر قۇر ئوقۇپ چىقتۇق. زوردۇنكام ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ ھېكايە «دولان ياشلىرى» دەپ ئۆزگەرتىلىپ، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1979 - يىللىق 10 - سانىدا ئېلان قىلىندى.
     
     
     
    ھېكايە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەكىت ناھىيىسىدە غايەت زور تەسىر قوزغىدى. بىر قىسىم ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئىدارە - ئورگان كادىرلىرى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، دېھقان ياشلىرى ئارقا - ئارقىدىن مېنى ۋە تۇرسۇنبەگ ئىبراھىمنى ئىزدەپ كېلىپ «دولان ياشلىرى» ھېكايىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى يېزىلغانلىقىنى ئېيتىشتى. بەزى ياشلار «ھەجەپ ئۇستا يازغۇچى ئىكەن، بىزنىڭ يېزىدىكى XXنى كەنجىگە ئوخشىتىپ يېزىپتۇيا دېسە، بەزى ياشلار بىزنىڭ كەنتتىكى XXنى ئاسىگۈلگە ئوخشىتىپ يېزىپتۇ» دېيىشتى.
     
     
     
    يانتاق يېزىلىق ئىشتىن سىرتقى سەنئەت ئەترىتىنىڭ سەنئەت يېتەكچىسى رەھىم قادىر (بۇ كىشى ئۇزۇن ئۆتمەي ناھىيىلىك دولان ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر ئۆمەكنىڭ رېژىسسورلۇقىنى قىلماقتا) مېنى ئىزدەپ كېلىپ: «زوردۇن سابىر كۈندە مېنىڭ ئەھۋالىمنى سوراپ، بىرنېمىلەرنى خاتىرىسىگە يېزىۋاتاتتى. ھېكايىنى ئوقۇسام، ھېكايىدىكى مەتيا ماڭا ئوخشايدىكەن، يائاللا، ھەجەپ ئوخشىتىپتۇ» دېدى.
     
     
     
    .كېيىن بىر قېتىملىق مەشرەپتە يانتاق يېزىسىنىڭ مەشرەپ بېگى مامۇت شەيخ (بۇ ئادەم ھازىر ئۆلۈپ كەتتى) ماڭا: «ھېلىقى كۆزەينەك تاقىغان، بىزنىڭ ئۆيدە كۇجا ئاش ئىچىپ ماختاپ كەتكەن مۇخبىر ھەجەپ يامان ئادەم ئىكەن (ئىزاھات: يامان ئادەم ئىكەن دېگىنى دولان شىۋىسى بولۇپ، قالتىس ئادەم ئىكەن دېگەن مەنىدە) مېنى مەتيا راۋاب دەپ يېزىپتۇ، مېنىنڭ بەزى يەرلىرىم راست مەتيا راۋابقا ئوخشايدۇ. بۇ قېتىم يانتاققا كەلسە ئەركەك پاقلاندىن بىرنى سويىمەن، دولاننىڭ قارا كۆرپە تۇمىقىدىن بىرنى كىيدۈرىمەن. ئۇ ئادەم بىز دولان خەقنى (ئىزاھات: دولان خەق دېگىنى دولانلىق ئادەم دېگەن مەنىدە)ھەجەپ ئۆز ئەينى يېزىپتۇ. ھەقىقەتەن ئارغىماققا مىندۈرىدىغان ئادەم ئىكەن» دېگەنىدى.
     
     
     
    شۇنداق، زوردۇنكام يازغان ھېكايىلىرىدىكى ھەر بىر ئوبراز ھايات ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا بىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان ئادەملەر زوردۇنكام ھېكايىلىرىدە تېپىلىدۇ. زوردۇنكام ھېكايىلىرىدە چىنلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەچكە، ھېكايىلەردىكى ئوبرازلار، تەسۋىرلەر، لىرىكىلار، ئىچكى ھېسسىياتلار، ھەربىر تەپسىلاتلار ئىچىدە بىز باردەك ھېس قىلىمىز.
     
     
     
    شۇ يىلى زوردۇنكام مەكىتتە بىر ئايدەك تۇردى، مەكىتنىڭ يانتاق، بازارجەمى، غازكۆل، قىزىلئاۋات يېزىلىرىنى ئايلاندى. دېھقانلار بىلەن سىرداشتى، دېھقانلار بىلەن ئاغىنە بولۇشتى. زوردۇنكام نەگىلا بارسا دېھقانلارنىڭ ئىسمىنى شۇ يەرنىڭ ئادىتى بويىچە چاقىرىدىغان بولغاچقا، دېھقانلار «بۇ ئادەم كىبىرىسى يوق، بىزدەك دېھقان خەقنىڭ گېپىنى قىلىدىغان، دېھقاننىڭ قاياشى ئىكەن» دەپ تەرىپلەشتى. شۇنداق بولغاچقا، بىر ئاي ئىچىدە زوردۇنكام مەكىت دېھقانلىرى ئىچىگە قۇمغا سىڭگەن سۇدەك سىڭىپلا كەتتى.
     
     
     
    مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قەلىمىم ئىختىيارسىز ھالدا 2000 - يىلى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى (دۈشەنبە) چۈشتىن بۇرۇن قاغىلىق ناھىيىسىدىن يەكەن ناھىيىسىگە يولغا چىققان بىر مىنىبۇستىكى ئىككى دېھقاننىڭ سۆزىنى يېزىشنى لايىق تاپتى. مەن بىر دوستۇمنى يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن قاغىلىققا بارغانىدىم. قايتار چاغدا قاغىلىق پاساژىرلار بېكىتىدىن بىر مىنىبۇسقا چىقتىم. مىنىبۇس ئالتە كىشىلىك بولۇپ ئارقا رەتتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئىككى دېھقان قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىكى ياڭاق باھاسى بىلەن ئۈرۈمچى بازىرىدىكى ياڭاق باھاسى، شىمالىي شىنجاڭدىكى پاختا سېتىۋېلىش باھاسى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى پاختا سېتىۋېلىش باھاسى ئۈستىدە سۆزلەشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار تۇيۇقسىز يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئەرەب يېرىم ئارىلىدا»، «باش - ئاخىرى يوق خەتلەر»، «ئېھ، توپىلىق يول»، «قەرزدار» قاتارلىق بىرقانچە ئەسەرلىرى ئۈستىدە سۆزلىشىپ كەتتى. باشتىكى ياڭاق، پاختا باھاسى ھەققىدىكى سۆزلەرگە مەن ئېتىبارسىز قاراپ ئولتۇرغانىدىم (چۈنكى بۇنداق سۆزلەر دېھقانلار يىغىلغان ھەرقانداق بىر سورۇندا بولاتتى)، كېيىنكى زوردۇن سابىر ھەققىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلاپ، مەن ئالايىتەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ھېلىقى ئىككى دېھقانغا تەپسىلىي زەن سېلىپ قاراپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ پارىڭى تۈگىگىچە ئۇلارغا قاراپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم. يېشى 35 - 36 ياشلاردا، بېشىغا بادام دوپپا كىيگەن ۋىجىكرەك، ئاق سېرىق كەلگەن دېھقان، يېشى48 - 50 ياشلاردا، بېشىغا چىمەن دوپپا كىيگەن، ساقاللىق، چىرايى بۇغداي ئۆڭلۈك كەلگەن دېھقانغا زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىدىكى دېھقانلار تۇرمۇشى ھەققىدە پاراڭ قىلدى. ئىككى دېھقاننىڭ پارىڭى ماڭا ئىنتايىن تاسادىپىي تۇيۇلدى. مەن مۇنداق سەپەر ئۈستىدە، يەنە كېلىپ ماشىنا ئۈستىدە دېھقانلارنى كىتابلار، يازغۇچىلارھەققىدە پاراڭلىشىدۇ دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.
     
     
     
    ھېلىقى ۋىجىكرەك كەلگەن ياش دېھقان:
     
     
     
    –زوردۇن سابىرنىى «ئەرەب يېرىم ئارىلىدا» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ پۈتۈن سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشتۇم. سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارغاندەك بولدۇم، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىكەن، زوردۇن سابىر ھەج قىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارغاندا، پادىشاھ مەخسۇس قوبۇل قىپتۇ، بىز ئۇيغۇرلارنى تونۇپتۇ.
     
     
     
    بۇغداي ئۆڭلۈك ساقاللىق دېھقان:
     
     
     
    –زوردۇن سابىردەى ئاتاقلىق يازغۇچىمىز بارغانىكەن، پادىشاھ قوبۇل قىپتۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا يازغۇچىمۇ باشلىقلاردەك چوڭ ئىكەن جۇما، پادىشاھ تونۇغانكەن. قاغىلىقتىن بارغان ھاجىلارنىڭ ھېچقايسىسىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى قوبۇل قىلمىدى. شۇنىڭغا قارىغاندا، يازغۇچى چوڭ ئىكەن.
     
     
     
    –يازغۇچىمائالىممۇى
    –مەن يېزى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغاندا، مۇئەللىم «يازغۇچى ئالىم ھېسابلىنىدۇ» دېگەن. مەن «قەشقەر گېزىتى»نىڭ1998 - يىللىق سانىنى ئوقۇسام، قەشقەردە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك مۇھاكىمە يىغىنى» بوپتىكەن، شۇ گېزىتتە «يىغىنغا يازغۇچى، ئالىم، تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى»دەپتۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا، ئالىم ھېسابلىنىدىغان ئوخشايدۇ.
     
     
    –ئۇندان بولسا زوردۇن سابىرمۇ ئالىم ھېسابلىنىدىكەن - دە!
     
     
    –شۇنچىۋالا كىتابنى يازغان ئادەم ئالىم بولمىسا، قانداق ئادەم ئالىم بولىدۇ.
     
     
     
    –زوردۇن سابىرنى دېھقانلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان ئالىم دېسە بولىدۇ.
     
     
    –ئالىم ئەمەسى يازغۇچى دەيمىز.
     
     
    –يازغۇچىدىن ئالىم چوڭ.
     
     
    –يازغۇچىمۇ، ئالىملارمۇ كىتاب يازىدىغان، ئىجادىيەت قىلىدىغانلار، شۇڭا ئىككىلىسى ئوخشاش.
     
     
     
    –ئائادەى ھەجەپ دېھقاننى بەك بىلىدىكەن، بۇرۇن دېھقان بولغان ئوخشايدۇ. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ھەلەڭ (ئىزاھات: ھەلەڭ - دائىملىق دېگەن مەنىدە) مەكىتتىكى دېھقانلارنى يازاتتى، ھازىر يوقاپلا كەتتى. يازمايدىغان بولدى.
     
     
     
    –سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەتكەن چېغى.
     
     
     
    گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مەن سۆزگە ئارىلىشىپ:
     
     
     
    –ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تىپىك ۋەكىلى، ئاتاقلىق يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر 1998 - يىلى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى،  دېدىم. ئۇ ئىككى دېھقان قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ، زوردۇن سابىرنىڭ روھىغا ئاتاپ «ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولسۇن! تۇپرىقىڭىزدىن گۈل ئۈنسۈن!» دەپ دۇئا قىلىشتى. ئۇلار مەندىن «زوردۇن سابىرنى تونۇمسىز؟» دەپ سوراشتى. مەن زوردۇن سابىر ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەردىم. ئۇلار يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىسىغا بارىدىغان دوقمۇش يولدا مىنبۇستىن چۈشۈپ قالدى.
     
     
     
    مەن مەكىتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى ھەقىقىي خەلق يازغۇچىسىنى خەلق تونۇيدىكەن، ئەسلەيدىكەن، ئۇلار يازغان كىتابلار خەلق ئارىسىدا مەڭگۈ ساقلىنىدىكەن» دەپ ئويلىدىم.
     
     
     
    يازغۇچى بولماق ئوڭاي، لېكىن خەلق سۆيگەن يازغۇچى بولماق ئوڭاي ئەمەس! يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش، خەلق ئارىسىغا، بولۇپمۇ دېھقانلار ئارىسىغا بېرىپ دېھقانلار تۇرمۇشىنى ئۆگىنىش، دېھقانلارنىڭ قەلبىنى چۈشىنىش ئارقىلىق ئاندىن كەڭ خەلق ئېتىراپ قىلغان خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى يازغۇچى بولالىدى.
     
     
     
    ئۇ مېنى يېزىشقا ئۈندىگەن
     
     
     
    زوردۇنكام ئەڭ دەسلىپىدە مەكىتكە كەلگەندە، مەندىن: «قايسى مەكتەپتە، نېمە كەسىپ ئوقۇغان» دەپ سورىغانىدى. مەن «قەشقەر پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن» دەپ جاۋاب بەرگەنىدىم. زوردۇنكام ماڭا «ياخشى كەسىپتە ئوقۇپسىز؟ نېمىگە قىزىقىسىز؟ نەسرىي ئەسەرلەرگىمۇ ياكى نەزمى ئەسەرلەرگىمۇ؟» دەپ سورىغانىدى. مەن «ھەر ئىككىلىسىگە قىزىقىمەن، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بىرقانچە پارچە شېئىرلىرىم‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى ۋە ‹قەشقەر گېزىتى›دە ئېلان قىلىنغانىدى. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا بىرەر نەرسە يازالمىدىم. يېزىشنى بەك ئارزۇ قىلىمەن، نەدىن يېزىشنى، نېمە يېزىشنى تازا ئاڭقىرالمايۋاتىمەن، ھېكايە يېزىپ كۆرۈپ باقايمىكىن دەيمەن، ئۆزلىرى كەلگەندىن كېيىن كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلىپ ئۆگىتىپ قويالا، ئۆزلىرىنى ئۇستاز تۇتىمەن، شاگىرتلىققا قوبۇل قىلارلا؟» دەپ جاۋاب بەرگەنىدىم. زوردۇنكام كۈلۈپ كېتىپ: «ياخشى ئويلاپسىز، شاگىرتلىققا ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىمەن، مەكىتتە شاگىرتلىققا كىرگەن ھۈنەرۋەن ئۇستىسىغا قۇرۇق قول شاگىرت بولامدۇ؟» دەپ چاقچاق قىلدى. مەن شۇئان «ياق، ئەلۋەتتە مەكىت قائىدىسى بويىچە توققۇز نان، بىر - ئىككى كىيىملىك رەخت ۋە بىر پىيالە چاي (ئىزاھات: دولاندا بىر قوي سويۇپ مېھمان قىلىشنى بىر پىيالە چاي قۇيۇش دەپ ئاتايدۇ) بېرىدۇ. مەن بۈگۈنلا قائىدىسىنى قىلىۋېتەي، يۈرسىلە، بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى» دېدىم. زوردۇنكام كۈلۈپ تۇرۇپ «چاقچاق قىلدىم يا، ئاينا» دەپ دولان شىۋىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ دولامغا شاپىلاقلاپ قويدى. زوردۇنكام ماڭا: «مەكىتتە يازغۇچىلىققا ئىشتىياق باغلىغان ياشلار خېلى كۆپ ئىكەن، مەن بىرقانچىسىنى تەربىيىلەيمىكىن دەيمەن. كۆپرەك ئادەم يېتىشىپ چىقسا ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە، سىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، خىزمەت ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئوقۇغىنىڭىز ئەدەبىيات بولغانىكەن، تىرىشىڭ، كونىلارنىڭ ‹پىچاقنابىلىمىسەى ئۇستىرىنى كاپلىمىسا داتلىشىدۇ دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى بار. قانچە كۆپ يېزىپ مەشىق قىلسىڭىز پىشىدۇ. يېزىۋېرىڭ، يازغانلىرىڭىزنى مەن كۆرۈپ تەھرىرلەپ يېتەرسىز يەرلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىمەن يا» دېدى.
     
     
     
    مەن زوردۇنكامغا: «زوردۇنكا، ‹دولان ياشلىرى‿ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، ھېكايە مەكىتتىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە شۆھرىتىڭىزنى ئاشۇردى. ھېكايە ئېكرانغا چىققان بولسا خەلق تېخىمۇ خۇشال بولغان بولاتتى، ۋاقىت چىقىرىپ كىنو سېنارىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىققان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى» دېدىم. زوردۇنكام ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېتىپ: «ناھايىتى بەلەن، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭىز، سىز ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغاندىكىن، كىنو سېنارىيىسىنى سىز يېزىپ چىقىڭ، بولمىغان يەرلىرىنى مەن ئۆزگەرتىپ بېرىمەن، سىزدە ئىرادە چىڭ بولسا قېنى بىر يېزىۋېتىڭ، بۇ مېنىڭ سىزدىن ئالغان ئىمتىھانىم بولسۇن، قېنى، ئىمتىھاننى باشلايلى» دېدى.
     
     
     
    زوردۇنكامنىڭ ئاشۇ سۆزى مېنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى. مېنىڭ كىنو سېنارىيىسى ئىجادىيىتى بىلەن ئانچە بەك تونۇشلۇقۇم بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بىرقانچە ياخشى سېنارىيىلەرنى تېپىپ قايتا - قايتا ئوقۇپ چىقتىم. شۇ ئاساستا «دولان ياشلىرى» ھېكايىسىنى سېنارىيىلەشتۈرۈشنى باشلىدىم. بىر ھەپتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق سېنارىيىنىڭ مۇقەددىمىسىنى يېزىپ، يەنە 20 كۆرۈنۈش يېزىپ زوردۇنكامغا كۆرسەتتىم. زوردۇنكام كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، «سىزدە ئۈمىد بار ئىكەن، ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز، مەن مۇقەددىمىسىنى ئۆزگەرتىپ بېرەي، قالغان قىسمىنى سىز يېزىۋېرىڭ» دېدى. زوردۇنكام سېنارىيىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ناھايىتى ياخشى ئۆزگەرتىپ بەردى. شۇ ئىلھام بىلەن مەن سېنارىيىنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە  زوردۇنكامغا ئەۋەتىپ بەردىم. ئىككى ئايدىن كېيىن زوردۇنكام سېنارىيىنى بىر قۇر ئۆزگەرتىپ ماڭا بىر پارچە خەت بىلەن ئەۋەتىپ بەردى. شۇ چاغدا زوردۇنكامنىڭ ماڭا يازغان خېتى تۆۋەندىكىچە ئىدى:
     
     
     
    ھۆرمەتلىك مۇتەللىپ:
     
     
     
    سېنارىيىنى كۆرۈپ چىقتىم. مېنىڭچە، مەتبەئەگە يارايدۇ، يەنە بىر ئىشلىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. مۇنۇ ئۈچ مەسىلىنى ئويلىنىپ كۆرسىڭىز:
     
     
     
    ئاساسىي زىددىيەت كەنجىنىڭ سەنئەتنى يامان كۆرۈشتىن ياخشى كۆرۈش جەريانىغا مەركەزلەشسە ياخشىراق بولىدۇ. مەسىلەن، كەنجى ئۇسسۇل ئۆگىنىشتىن بۇرۇنلا ئاسىدە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ بولىدىكەن، ۋەدىلىشىدىكەن. قىزدىكى مۇھەببەت ئاخىرىدا كەنجى قىزنى دەپ ئۇسسۇلنى ئۆگەنگەندىن كېيىن پەيدا بولسا، يىگىتنىڭ كۈچلۈك مۇھەببىتى، قىزنى دەپ قىلغان ئەجرى قىزنى قوزغىسا بولارمىكىن.
     
     
     
    مۆمىنجان توغرىسىدا قىستۇرما ئاز بولسۇن. مېنىڭچە، ئاسىدەنىڭ ئانىسى مۆمىنجانغا بېرىشكە رازى بولسا، مۆمىنجانمۇ لۈكچەك قىلىنمىسا، پەقەت ئەڭ ئاخىرىدا كەنجى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ساپ مۇھەببىتى بىلەن ھاشىخاننىمۇ قايىل قىلسا، مۆمىنجاننى يەڭسە ياخشى بولارمىكىن دەيمەن.
     
     
     
    كەنجىنىڭ ئازابلىرى كۆپرەك بېرىلسە، ئايسىخان بىلەن ھاشىخان ئوتتۇرىسىدا، ئايسىخان بىلەن پالتاخۇن ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلەر پەيدا بولسا بۇنىڭ بىلەن ئانا ۋە كەنجى ئازابلانسا، شۇنداقلا پالتاخۇن ئائىلىسىدىكى بۇ ئەھۋالنى بىلگەن مەتيا ئۆزلۈكىدىن كەنجىگە ئۇسسۇل ئۆگىتىپ بۇ قىيىنچىلىقتىن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم قىلسا، مەتيانىڭ خاراكتېرىدىكى ئۆزىگە خاسلىق گەۋدىلەنسە، يەنى ئۇ ئەمگەك سۆيەر، باي بولۇپ كەتمىسۇن، ئىشلەۋاتقان، لېكىن ئۇنىڭ قىممىتى سەنئەتكارلىقىدا، مۇشۇنداق بېرىلسە ياخشى بولارمىكىن.
     
     
     
    مۇھىم نۇقتا: كەنجى، پالتاخۇن، ئاسىدە، مەتيالارنىڭ ئوخشىمىغان خاراكتېرى، ھەرىكىتى، ئارزۇ - ھەۋەسلىرى، ئۆزگىرىشلىرى ئارقىلىق دولان خەلقىنىڭ سەنئەتنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقى، ياشلارنىڭ بۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش زۆرۈرلۈكى گەۋدىلەنسە بولىدۇ.
     
     
     
    ئالدىراش بولۇپ ئۆگىتەي - تۈگىتەي قىلىۋېتەلمىدىم، مەن دېگەندەك قىلىشقا بولمىسا مۇشۇ پېتى كۆچۈرۈپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، كۆپ تىرىشىڭ، كىتاب ئوقۇڭ، ۋاقتىڭىزنىڭ كۆپ قىسمىنى تۆھپە يارىتىشقا، ئاز قىسمىنى ئويۇن - كۈلكىگە سەرپ قىلىڭ، سىزگە سالامەتلىك ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن، ماڭا قىلغان ياردەملىرىڭىز ئۈچۈن چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
     
     
     
    ھۆرمەت بىلەن: زوردۇن سابىر
     
     
     
    1984 -يىل18 - ئىيۇل.
     
     
     
     
     
    خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەن زوردۇنكامنىڭ خەتتە يېزىلغان ئارزۇ - تەلەپلىرى بويىچە سېنارىيىنى قايتا ئۆزگەرتىپ چىقتىم. كېيىنكى ئۆزگەرتىلگەن سېنارىيە خېلى ياخشى چىققانىدى. مەن سېنارىيە ئورىگىنالىنى يەنە قايتا زوردۇنكامغا ئەۋەتىپ بەردىم. زوردۇنكام سېنارىيىنى قايتىدىن تۈزىتىپ چىقىپ، شۇ چاغدىكى «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ياسىن مۇخپۇل ئەپەندىگە بېرىپتۇ. ياسىن مۇخپۇل ئەپەندى سېنارىيىنى تەھرىرلەپ چىققاندىن كېيىن ئېلان قىلدى.
     
     
     
    تۇنجى ئىجادىي ئەمگىكىم بولغان «دولان ياشلىرى» كىنو سېنارىيىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى. نۇرغۇن دوستلىرىم ۋە قەلەمداشلار مېنىڭ تۇنجى مۇۋەپپەقىيىتىمنى تەبرىكلىدى. مەن زوردۇنكامنىڭ ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، ئاغىنەم ياسىن مۇخپۇل ئەپەندىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن 1987 - يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا زوردۇنكامنىڭ يەنە بىر ياخشى ئەسىرى «ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە» دېگەن ھېكايىسىنى كىنو سېنارىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقتىم. كىنو سېنارىيىسى پۈتكەندىن كېيىن، زوردۇنكام قايتا تۈزىتىپ بەردى ۋە ماڭا «داۋاملىق تىرىشىڭ، 《جىگدىلەر پىچىرلايدۇ》ناملىق ھېكايىنىمۇ كىنو سېنارىيىسى قىلىپ يېزىپ چىقىڭ، كەلگۈسىدە چوقۇم بىر ياخشى سېنارىست بولۇشقا تىرىشىڭ، شىنجاڭنىڭ كىنو - تېلېۋىزىيە ساھەسى بىر بوشلۇق بولۇپ قالدى. يېتىشىپ چىققان سېنارىستلارنىڭ سانى بەكمۇ ئاز، سۈپەت ئانچە يۇقىرى ئەمەس، مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش لازىم» دېدى.
     
     
     
    مەن ئۇستازىم زوردۇنكامنىڭ قېتىرقىنىپ تەربىيىلىشى، كۆپ ياردەم بېرىشى ئارقىلىق 1984 - يىلىدىن باشلاپ كىنو - تېلېۋىزىيە سېنارىيە ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرىشتىم. لېكىن كېيىنكى ۋاقىتتا تىرىشىشىم ئانچە ياخشى بولمىدى. بۇ ساھەدە ئىجادىيىتىم ئاز، گەۋدىلىك بولالمىدى. بولۇپمۇ سېنارىيە ئىجادىيىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتالمىدىم. بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى، مەن مەكىت ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىگە چىققاندىن كېيىن ئىجادىيەتنى تاشلاپ قويۇپ، پۈتۈن كۈچۈمنى ۋە ئەقلىي بىلىمىمنى مەكىت ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاراتتىم. نەتىجىدە مەن بىر قابىلىيەتلىك يازغۇچىمۇ بولالمىدىم، بىر ياخشى ئەمەلدارمۇ بولالمىدىم، ھەر ئىككىلىسىدىن قۇرۇق قالدىم.
     
     
     
    1997 -يىلى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى زوردۇنكامنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت مەرىكىسى بولغاندا مەن تەكلىپ بويىچە مەرىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە باردىم. مەرىكە تۈگىگەندىن كېيىن،  ئىككى كۈن ئۆتۈپ زوردۇنكام مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى. بىز زوردۇنكام بىلەن بىرگە ئايالى خەلچەم ئاچقان كىچىك ئاشپۇزۇلغا چۈشلۈك تاماققا باردۇق. تاماقتىن كېيىن زوردۇنكام ماڭا «مەكىتكە بارغان دەسلىپىدە مەن سىزدىن چوڭ ئۈمىد كۈتكەن، بولۇپمۇ سىز 《دولان ياشلىرى》ھېكايىسىنى كىنو سېنارىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتكەندە سىزدە يوشۇرۇن ئىجادىيەت تالانتىنىڭ بارلىقىنى سەزگەنىدىم. سىزمۇ ماڭا ۋەدە بەرگەن، لېكىن كېيىن سىزدە جۈيجاڭ بولۇش ئارزۇسى يازغۇچى بولۇش غايىڭىزدىن غالىب كەلدى. سىز بىر ئوبدان ئەدەبىيات ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، مەدەنىيەت ساھەسىگە كىرىپ كەتتىڭىز، كىچىككىنە ئەمەلدارلىق سىزنى ئىجادىيەت يولىدىن تاندۇردى» دېدى. مەنمۇ خىجىل بولغان ھالدا ھاياتىمدىكى مۇشۇ سەۋەنلىكنى ئېتىراپ قىلدىم. ئەپسۇسكى، مېنىڭ يىگىرمە يىللىق ھاياتىم ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن چېكىنگەنىدى. ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى تولدۇرۇش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، مېنىڭ ياشلىق قىران چاغلىرىم ئۆتۈپ كەتكەن بولغاچقا ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق ئىدى.
     
     
     
    ئەسلىدە مەندە نۇرغۇن ئارمان، ئارزۇلار بار ئىدى. بىرقانچە ھېكايە، پوۋېست، رومان ۋە كىنو - تېلېۋىزىيە سېنارىيە ئىجادىيەتلىرىى ھەققىدە زوردۇنكام ھايات ۋاقتىدا ئۈچ قېتىم تەپسىلىي مۇڭداشقان، سىرداشقانىدىم. زوردۇنكام خۇددى ئۆزىنىڭ بالىسىدەك، بىر قورساقتىن چىققان ئىنىسىدەك ماڭا كۆيۈنگەن، مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت يولۇمنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سۇدىكى كۆپۈكتەك يوق بولۇپ كېتىشىگە مەن سەۋەبچى بولدۇم. مۇھىمى، ئۆزۈم تىرىشمىدىم. ھازىر قاتتىق پۇشايمان قىلساممۇ پەيت ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئۆتۈپ كەتكەن ئاشۇ كۈنلەرنى، زوردۇنكام مەكىتتىكى چاغلاردا ماڭا بەرگەن تەربىيىلەرنى، بىر ئوبدان ياخشى پۇرسەتنى ئويلىسام ھازىر ئىچىم يېرىلىپ كېتىدۇ. زوردۇنكامغا بەرگەن بىرقانچە قېتىملىق ۋەدىلەرنى ئويلىسام، ئاشۇ ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن يۈزۈم قىزىرىدۇ.
     
     
     
    زوردۇن سابىر تىلىگەن ئارزۇ
     
     
     
    مەن ئىختىيارسىز ھالدا مۇشۇ تېمىدا زوردۇنكام بىلەن بىرگە بولغان ئاشۇ كۈنلەردە ئورتاق تىلەك قىلغان ئارزۇ، ئۈمىدلەرنى يېزىشنى لايىق كۆردۈم.
     
     
     
    1983 -يىلى10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى مەكىت ناھىيىلىك ئورمان مەيدانىنىڭ باشلىقى ئەمەر مۇھەممەت زوردۇنكامنى مەكىتتىكى «شېھىتلىك» توغراق ئورمان مەيدانىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. شۇ كۈنى ناھىيىدە مۇھىم يىغىن بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم ھەمراھ بولۇپ توغراق ئورمان مەيدانىغا زىيارەتكە بىرگە كەتتى. ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن زوردۇنكامدىن سورىسام، زىيارەت ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. شۇ قېتىمقى زىيارەتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن زوردۇنكام «تارىم سۈيى ئارقىغا يانمايدۇ» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تۈمەنتال يېزىسىدا كۆلىمى ناھايىتى چوڭ ئوغلاق تارتىشىش بەيگىسى بولدى. ئوغلاقتا بىرقانچە ئايال چەۋەندازلار ئات چاپتۇرۇپ يېزا يىگىتلىرى بىلەن ئوغلاق تارتىشتى. زوردۇنكامغا مۇشۇ مەنزىرە ناھايىتى ياقتى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كېچىچە ئۇخلىماستىن «چوغدەك ياپراقلار» ناملىق ھېكايىنى يازدى. ھېكايە يېزىلىپ پۈتكەندىن كېيىن، تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم بىلەن ئىككىمىز ھېكايىنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى ئۈستىدە كۆپ ماختاشتۇق. چۈنكى بىز ھەر كۈنى ئاشۇ ئوغلاق تارتىشىش، مەشرەپ، ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بىرگە بولساقمۇ بىزگە ھېچقانداق نەرسە يېڭى ۋە قىممەتلىك تۇيۇلمىغانىدى. لېكىن زوردۇنكامغا ھەممە نەرسە يېڭى تۇيۇلۇپ بىز ياشاۋاتقان ئاشۇ ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىچىدىن ئەڭ ئەھمىيەتلىك، ئەڭ يېڭى نەرسىلەرنى تاللاپ ھېكايە يازغانىدى.
     
     
     
    مەن بىرقانچە قېتىملىق ھەمسۆھبەتلەردە زوردۇنكامدىن «نېمىنى ئارزۇ قىلىسىز؟ شۇنى ئۇقۇپ باققۇم بار» دېدىم. زوردۇنكام قايتىلاپ مەندىن: «سىز نېمىنى ئارزۇ قىلىسىز؟» دەپ سورىدى. مەن زوردۇنكامغا: «سىز يازغان ھېكايە، پوۋېستلىرىڭىز كىنو - تېلېۋىزىيە ئېكرانىغا چىقىپ خەلق ئاممىسى بىلەن تېزرەك يۈز كۆرۈشسىكەن دەيمەن، بولۇپمۇ مەكىت خەلقى بىر كۆرسە قانداق خۇش بولۇپ كېتەر، مۇشۇ خەلقنىڭ شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىنى بىر كۆرەي دەيمەن» دېدىم. زوردۇنكام خۇشال بولۇپ كېتىپ: «ھەببەللى مۇتەللىپ، ئىككىمىزنىڭ ئارزۇسى ئوخشاش ئىكەن، مەنمۇ ھېكايە، پوۋېست، رومانلىرىمىزنىڭ تېزرەك كىنو - تېلېۋىزىيە ئېكرانىغا چىقىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن بۇ تەس ئىش» دېدى. مەن ئەجەبلىنىپ: «زوردۇنكا، بۇنىڭ نەرى تەس، سىز ھېكايىلىرىڭىزنى سېنارىيىلەشتۈرسىڭىز، كىنو ستۇدىيىلىرى كىنو قىلىپ ئىشلىسە، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى تېلېۋىزىيە فىلىمى قىلىپ ئىشلىسە بولىدىغۇ؟ نەشرىياتلار توپلام قىلىپ كىتاب چىقارغاندەكلا ئىشقۇ بۇ» دېدىم. زوردۇنكام كۈلۈپ كېتىپ: «مۇتەللىپ، گەپنى دېمەك ئوڭاي، لېكىن كىنو ستۇدىيىلىرىگە فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن كېتىدىغان پۇلنى كىم بېرىدۇ؟ تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەشكە كېتىدىغان خىراجەتنى نەدىن تاپىدۇ؟» دېدى. مەن «ھۆكۈمەت بەرمەمدۇ؟ ئاشۇ قويۇۋاتقان كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ پۇلىنى ھۆكۈمەت بەرمىسە كىم بېرىدۇ؟» دېدىم. كېيىن ئۇقسام، بۇ راستلا تەس ئىشكەن. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ يالغۇزلا سېنارىيە ئەسىرى بولۇشتا ئەمەس، مۇھىمى پۇل چىقىرىدىغان ئورۇننىڭ بولۇشىدا ئىكەن. مەن شۇنىڭدىن كېيىن زوردۇنكامنىڭ مەكىت ناھىيىسىدە يېزىلغان بىر قىسىم نادىر ئەسەرلىرىنى تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەش نىيىتىگە كېلىپ «ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە»، «جىگدىلەر پىچىرلايدۇ» قاتارلىق ھېكايىلىرىنى ئۆزگەرتىپ يېزىپ كىنو سېنارىيىلىرىمنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقتىم.
     
     
     
    1993 -يىلى مەن سېنارىيىنى يازغان، ئۆمەر سايىم رېژىسسورلۇقىنى قىلغان چوڭ تىپتىكى بەدىئىي فىلىم «دولان مەشرىپى» مەكىتتە، ئۈرۈمچىدە، بېيجىڭدا سۈرەتكە ئېلىنىپ فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ، 1994 - يىلى نورۇز بايرىمىدا شىنجاڭدىكى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن زوردۇنكام ماڭا ئاتايىتەن تېلېفون بېرىپ فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلىدى. شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك«دولان مۇقامى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» مەكىت ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەكىت ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى زوردۇنكامنى يىغىنغا تەكلىپ قىلىپ بىر پارچە تەكلىپنامە ئەۋەتكەنىدى. زوردۇنكامنىڭ ۋاقتى يەتمەي يىغىنغا كېلەلمىدى. يىغىندىن كېيىن يىغىن ئەھۋالىدىن سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىم«دولان دىيارىدا شادلىق»نى كىرىشتۈرۈش ۋە بەدىئىي فىلىم «دولان مەشرىپى»نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە باردىم. خىزمەت ئارىلىقىدا زوردۇنكامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ھېكايىلىرىنى تېلېۋىزىيە فىلىمى قىلىپ ئىشلەش مەسىلىسىنى سۆزلەشتىم. زوردۇنكام ماڭا:
     
     
     
    –مۇتەللىپ مېنىڭ ھېكايىلىرىمنى فىلىم قىلىپ ئېكرانغا چىقىرىش تەكلىپىنى مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدىڭىز. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى بىر مۇھىم ئارزۇيۇم ۋە تىلىكىم ئىدى. فىلىم قىلىپ ئىشلەنسە ئىنتايىن خۇشال بولاتتىم. لېكىن بۇنى رۇياپقا چىقىرىش ئۈچۈن مەبلەغ چىقىرىدىغان ئورۇن ياكى شەخسنى تېپىش كېرەك. بىرەر ئۈن - سىن شىركەتلىرى ياكى فىلىم ئىشلەش ئورۇنلىرى مەبلەغ چىقارسا بولاتتى. سىز بىر ئۇقۇشۇپ بېقىڭ، مەبلەغ سالىدىغان ئورۇن بولسا سېنارىيىنى مەن يازساممۇ ياكى ئۆزگەرتىپ سىز يازسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز ئۆزگەرتىپ سېنارىيىلەشتۈرگەن «دولان ياشلىرى»، «ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە»، «جىگدىلەر پىچىرلايدۇ» قاتارلىقلارنى ئىشلىسىمۇ ياكى مەن سېنارىيىلەشتۈرگەن «ئېھ، توپىلىق يول»نى ئىشلىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. مەن قەتئىي قوللايمەن،  دېدى.
     
     
     
     
     
    تەڭرىتاغ ژورنىلىدىن ئىلىندى
      
     


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : زوردۇن سابىر , مۇتەللىپ سىيىت
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-9-11 20:37:04
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 323
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证