دەرد تارتماسقا ئامالسىزمەن.....
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
1
گېرە سېلىپ ياتار سوغوق كەچمىشلىرىگە،
قوياش پاتقان كۆزلىرىمنىڭ نۇرلىرى يېتىم.
ھېچكىشىم يوق ماڭا باقار سەھەر كۆزىدە،
مۇزلىماقتا قېنىم، تاشقا ئايلىنىپ بېشىم...
قارغىش تولغان تەقدىرىمنىڭ قىسمەت چۆلىدە،
قىينايدۇ ئاھ، يالغۇزلۇقنىڭ دەھشىتى مېنى.
ھالسىرايمەن،يەتمەي ئۈمىد تۈنلەر چېكىگە،
دەرد تارتماسقا ئامالسىزمەن ،ئۇنتۇپ ھەممىنى.
2
تەكرار كۈنلەر چۈمۈلىدەك سەپ بوپ تىزىلىپ،
يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، مېنى قىلىشىپ پايخان؛
كېتەر يەنە كۆزلىرىمدە يېشىمنى كېچىپ،
ئولجا ئېلىپ جان قۇشۇمنىڭ پېيىنى يۇمران...
كۆككە قاراپ پەرۋاز قىلغۇم كېلەر خىيالەن
ئەلەم بىلەن قېقىپ پەيسىز قاناتلىرىمنى.
نېتەي! كۆڭۈل چۆللىكىدە ھالسىز ياتىمەن ،
گوللىغاچ ئاھ، ئالۋۇن كەبى ھېسلىرىم مېنى...
3
گۈر-گۈر كۆيەر بىر ئوت ئېلىپ بىزنى ئارىغا،
كۆيمەكتىمىز ،كۈل بولمىدۇق يا شۈنچە كۆيۈپ،
توۋا! ئەجەپ كۆنۈپ قالدۇق خورلۇققا ھەتتا،
بىلمىگەچمۇ ياشاشنى ئاھ، نېمىنى سۆيۈپ.....
2007-يىلى يانۋار