ئۆزۈمگە
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
دۇنيانىڭ رەڭگىدە رەڭلەنگەن يۈزۈڭ،
قىلمىسۇن ئۆزۈڭدە مۇستەغرەق سېنى.
ھەزەر قىل، دىلىڭنى گوللايدۇ كۆزۈڭ،
سەن ئاڭا ئۆزۈڭنى تاپشۇرغانسېرى...
ئىمتىياز- ئۆسۈملۈك قەرز ئۇ ۋاقىتلىق،
تاپارسەن، قېيىن شۇ قايتۇرماق كېيىن.
بىل، ھەتتا ئىماننى سورايدۇ، ئەگەر
دىرى ساق، ئۆسۈمدە كام بولسا تېيىن.
لەئىن خۇش بولغۇسى سۇنۇپ ئەقىدەڭ،
ئۈممەت بوپ قوشۇلساڭ پىكىرگە قاچان!
نادامەت بولۇر ھەم ئالۇر نېسىۋەڭ،
ئەمەل يوق، ھېساب بار كۈن كەلگەن ھامان...
2012- يىل 6-سىنتەبىر سەھەر