تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    jallat007
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12289
    422317806@qq.com

    يازما سانى : 13
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئادىل تۇنىيازغا خەت



    ئادىل تۇنىيازغا دىيلوگ

     

    ئابدۇرېشىت سۇلايمان 

     

     

    ئاشۇ دوقمۇشتىكى چۇڭقۇرلۇقتىن چىقىپ كەلدىڭ .تىنىقىمدىكى بولۇشسىز پىئېللارنى نۇر تەبەسسۇمى ئىچىدە قالغان سەھەرلىرىمگە يوللاپ مونۇلوگ ئۇچۇن داستىخان راسلىغىنىمدا «بويتاق شائېرنىڭ مەخپىيىتى »بىلەن ئوڭكۇر ئىچىدىن قولللۇرۇڭنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ قايتىپ كەتتىڭ .

    ئانا ساي، بىر دەريا قەلبىمدە ئاققان ،

    يۇرەكنىڭ سىرتىدا چوڭقۇرلۇق، شەيتان .

    قار ئۇچقۇندار ئەينەكتە ،

    تۇن كېچە شۇبھىسىز ،- قاراڭغۇ ئورمان .

     

    دۇنيادىكى ھىجراننىڭ ھۇجرامدىكى مەجروھ ئەسلىمىلىرى مىنىڭ زۇلمەتتىكى سەپەرلىرىمدە تۇرنا ئۇۋىلىرىدا تۇنەشنى ئىستىگەندە يورۇقلۇققا ئىتتۇرگۇچى سەنمۇ ؟!

    قۇياش ئوخشار ياتىقىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال شامغىلا.
    كىم ياسىغان ئۇزۇن ئۇپۇق بۇ ؟
    كىم قالدۇرغان سەرگەردان سايە؟
    ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﺘﯩﻨﻤﯘ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ ،
    چۈشكىنىدە كىمنىڭ شولىسى
    بولۇپ كەتتى پارە مىڭ پارە...(ئاىل تۇنىيازنىڭ «قەدىمىي مىللەتنىڭ شوخلۇقلىرى»ناملىق شېئىردىن پارچە)

     

    ﺋﯩﺮﺍﻻﺭﺩﯨﻦﺋﺎﺗﻼﭖ ﺋﻮﺗﯘﭖ ﺋﻮﺯﯗﯕﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯘﻟﯘﻙ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯘﺭﮔﯩﻨﯩﯖﺪﻩ ‏ﺷﻪﻳﺘﺎننىڭ   ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﯩﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﻮﺭﺩﯗﯕﻤﯘ ..؟قونۇش ئۇچۇن قانغا ،ئۇيغۇر كوچىلىرىدىن چىققاندا، سۇزۇك تۇيغۇڭدا سەزدىڭمۇ ؟،-چۇش چېچەكلىرىنى ؟

    تاڭ يىپلېرىدا،

    رۈجىكىڭنى

    ئۇلاپ قويۇپ رۈجەكلېرىمگە،

    پىچىرلىشايلى تاتلىق چۈشلەرنى.

    سەن ئېيتىپ بەر چۈشۈڭنى ماڭا،

    مەن ئېيتىپ بېرەي چۈشۈمنى ساڭا.

    كىم بىلىدۇ ھەر ئىككىمىزنىڭ

    ئەڭ ئاخىرقى ئوخشاش بىر چۈشى،

    مەڭگۈلۈك بەختنىڭ

    باشلىنىشى بولامدۇ تېخى؟

    يا ئازاپلىق رىياللىقنىڭ

    مۇقەددىمىسى؟(ئاىل تۇنىيازنىڭ «چۇشكە قايتىش»ناملىق شېئىردىن پارچە)

     

    لالىلەر گۇل –چېچەك بىلەن ئورالغان سەھرىمگە تەبەسسۇم بىلەن كۇلۇپ قويدى .تۇيغۇمدىن باشلانغان يول بىلەن باھاردىكى ئورمانلىققا كەلدىم .يىشىللىق بىلەن پۇركەنگەن ئورمانلىق ئىچىدىكى قۇشلار سايىلەرگە پىچىرلىدى ،سەھەر –ئەينىكىمۇ نازۇك قەلبىمنىڭ .؟

    كېتىۋاتىدۇ يول بويىدا قار،
    ھەر قەدەمدە ئېرىپ ئاز قېلىپ.
    نەگە ماڭدىڭىز ئې،مەجنۇنتال
    كۆكلەمگە ماڭدىم دېمەس ناز قىلىپ.(ئادىل تۇنىيازنىڭ «گۈلنىڭ ئالدىدا»ناملىق شېئىرىن پارچە )

     

    تۇنلەردىكى باھار ..،قۇشلارنىڭ جىمجىت سەھرىگە سەپەر باشلىدىم .تۇن ئاستا-ئاستا  يىيىلىپ يوللىرىمدىكى نۇرغا سايە تاشلىدى .ناخشىرىمنى سەھەرگە چاچتىم .

    ئىلىپ كىردىم ناخشىلىرىمنى ،

    باھارىڭغا ،سەھەرلىرىڭگە .

    ئىلىپ كىردىم چۇشتىن كىيىنكى ،

    ئاۋازىڭغا ،قاراشلىرىڭغا .

     

    ئىلىپ كىرەي ،نىشانسىز كۇتۇش ،-

    شاماللارنىڭ مۇزىكىسىمۇ ؟

    تەبەسسۇمدا جىلمىيىپ كۇلۇش ،

    ئۇل سەنەمنىڭ مۇھەببىتىمۇ ؟

     

    ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﺎﯕﺎﻧﺎﺗﯘﻧﯘﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﻩ ....ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻧﻪﻡ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ‏ﻧﻪﺯﻩر ﺳﺎﻝ !!كۇن غەرىپتىن چىققاندا كارىدۇردۇكى ئومۇلچۇك تورلىرى ئىچىدىن سوغۇرلۇپ چىقىپ زامانلىرىڭ سۇلىرىغا ناشتىلىققا كىلىمەن .

    ئومۇلچۇك :قوۋۇرغاڭ ئۇستىدە ئومۇلچۇك يولى ،

    زامان :قەبرەمگە توقۇلدى ،سەھەر دىگەن يول .

     

    ناگانلاردا چېچەكنىڭ باھار قونغان كىرپىكلىرى بىلەن بۇلبۇلغا ئوقيا ئاتقىنىڭدا كوك ئاسمانغا چىكىلگەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىزلىمەكچى بولساڭ دەريا ئىقىنلىرىدىكى تەبەسسۇمنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا باق ،ئولۇمدىن ئوز شەكلىنى ئىزلەۋاتقان بۇلبۇلنىڭ سەھەردىكى كۇلكىسى بىلەن سەن بىلمەيدىغان سەنەمنىڭ ئولىۋىلىشى ئوتتۇرسىدا باغلىنىش يوق .چۇنكى سەنەمنىڭ ئىسمى كوك ئاسمانغا چىكىلگەن .

    بۇلبۇل :ھەر كۇنلەردە بىر زامان ،

    ئوقيا :سۇزۇك سەھەر ،كەلدىم سەنەمگە .

     

     

    ﺋﯩﺮﺍﻻﺭﺩﯨﻦﺋﺎﺗﻼﭖ ﺋﻮﺗﯘﭖ ﺋﻮﺯﯗﯕﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯘﻟﯘﻙ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯘﺭﮔﯩﻨﯩﯖﺪﻩ ‏ﺷﻪﻳﺘﺎننىڭ   ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﯩﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﻮﺭﺩﯗﯕﻤﯘ ..؟قونۇش ئۇچۇن قانغا ،ئۇيغۇر كوچىلىرىدىن چىققاندا، سۇزۇك تۇيغۇڭدا سەزدىڭمۇ ؟،-چۇش چېچەكلىرىنى ؟

    يولۇچى:ھەدىيەسىدىمەن بوشلۇقنىڭ سەھرى،

    كوچا:بوشلۇق سەھەردە مەندىن ئوتىدۇ .

     

    ياز پەسلى ئوز بەستىنى ئىگىپ ئالدىڭدىن ئوتكەندە ئۇچىنچى پەسىل باشلاندى .ئۇچۇشنى ئويلاپ يۇرگەن سەيلىدىكى قۇشلار يەنىلا ئارمانلىرىڭدا.

    پەسىل :ئوزۇمنىڭ تىنى تۇيغۇمنىڭ يولى ،

    قۇشلار :ۋىچىرلاپ سايراشتىن كەلدىن پەسىلگە .

     

    ئاشۇ دوقمۇشتىكى چۇڭقۇرلۇقتىن چىقىپ كەلدىڭ،سەپەرلىرىمدىكى ئومۇلچۇك تورلىرىغا ھەيرانمەن دىگىنىڭدە زۇلمەتكە ماڭغان ھېچكىشى سايىلىرىڭنى يورۇقلۇققا ئىتتىرۋاتقان بولۇدۇ .يوللۇرۇڭدىكى كوز ياش ئىچىدە سەھەرلىرىڭدە تۇنەيسەن .

    دوقمۇش :ئىسمىمنىڭ خەۋىرى كەلدى قەبرىگە ،

    ھېچكىشى :قەبرىدە تۇنەيدۇ ھېچكىم جەسىدى .

     

    زىيا سەپەرلىرىدە بىراۋنى يورۇتقۇچى بىلەن ئوزىنى يورۇتقۇچىلارنىڭ دىيالۇگى باشلىنىدۇ . دۇنيادىكى ھىجراننىڭ ھۇجرامدىكى مەجروھ ئەسلىمىلىرى مىنىڭ زۇلمەتتىكى سەپەرلىرىمدە تۇرنا ئۇۋىلىرىدا تۇنەشنى ئىستىگەندە يورۇقلۇققا ئىتتۇرگۇچى سەنمۇ ؟!

    ھىجران :بۇلبۇلنى ئويۇمنى چىللاي دىگەنتىم ،

    ھۇجرا:قىزىل گۇل چىرايلىق سەھەرلىرىڭدە .

    1998-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29-ﻛﯘﻧﻰ (ﻳﻪﻛﻪﻥ )

     

    ئاپتۇرنىڭ يىقىندا نەشىر قىلىنماقچى بولغان «سەھرىستان»ناملىق توپلىمىدىن ئىلىندى  

     

     

     

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابدۇرېشىت سۇلايمان , ئادىل تۇنىياز
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-9-2 11:41:12
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 846
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证