ئەگمە2-رايون
-ئادىل تۇنىياز
(ئىنىمىز ساباھىددىن ۋاپات بولغان كۈنى شامدىن كېيىن ساباھىدىننىڭ ئۈچ قېرىندىشى بىلەن چىقىپ ساباھىدىنغا قەبرە تاللىدۇق)
تىرناقتەك ئاي ئېلىپ تاشلاندى،
قەبرە تاشلار ئارلىقىدىكى
بىرىنچى رايوندىن ئەگىپ ئۆتكەندە.
دەرەخلەر ماييولىدىن كەينىگە ياندى،
تەمكىن ھەمدە غەمكىن قەدەمدە.
يەرلىك تاللىشىمىز باشلاندى،
ئۈچ ئاكا-ئۇكا
ماشىنا چىرىقىنىڭ شولىسىدا.
ئاق ئەرۋاھلار كۆزگە تاشلاندى،
قېچىپ كەتمەكچى بولغاندەك لەيلەپ.
ئەزرائىل كەلگەندە ماشىنا ھەيدەپ،
ئىتتىك بۇرىماقچى بولدى ئۇ رولنى.
كۆردى ئالدىدا چەكسىز بىر يولنى،
ئالدى مەڭگۈلۈك دالدىغا قولنى.
ئىنىمىز ساباھىدىن
ئۆزۈڭ تاللايتىڭ، بىردىن-بىردىن
ئاق كۆڭلەكنى، قارا كۆزئەينەكنى،
گۈلنى، قىزنى، ئۇيقۇسىزلىقنى،
ئوچۇق ئامېرىكىچە تەلەپپۇزنى،
تىنچ دەۋەتنى، ئىبادەتنى،
ئۆزۈڭ تاللايتىڭ- جوۋۇتماي، بىزنى.
تۆشەك تاللىدۇق ساڭا شۇ تاپتا
تۆشۈك يەردىن، پۈچەك شەھەردىن
قىيامەتكىچە قېنىپ ئۇخلاشقا.
نۇرغۇن دوستلىرىڭنى كۆردۇق
ھازىدارلار توپىدا
سەن كۆرگەننى كۆرمەيدۇ ئۇلار،
ئۇلار گويا مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ
خۇددى سەن ئويغاق، ئۇلار ئۇيقىدا.
مەسچىتكە ماڭغىنىڭدا
ئاق گۈمبەزنى كۆرەتتىڭ
ئۈستىدىكى ئاسمان گۈمبىزىدەك.
كۈندۈزدىكى ئاينى كۆرەتتىڭ
ئويمىچى ئۇستامنىڭ قول ئىزىدەك
بۇ زور قۇرۇلۇش كىمنىڭ دەيتىڭ
قايىل بولاتتىڭ ئالەمگە بىزدەك.
كۈن چەمبەرسىمان،
ئالەمنىڭ ئەگمىسىدە
ۋاقىتنىڭ 2-رايونىدا ۋە
كۆرۈشكىچە بولغايسەن ئامان.
21-8-2012