تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› چەتئەل تەسىراتلىرى ›› بىر ئۇيغۇرنىڭ چۈشى(يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى مەۋجۇتلۇق)1-قىسىم
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Kurshat
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 150
    kurshat@qarluq.com

    يازما سانى : 4
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بىر ئۇيغۇرنىڭ چۈشى(يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى مەۋجۇتلۇق)1-قىسىم

     



     

    ئامېرىكا چۈشى ئالدىدىكى دۇئا

     

     

     ئامېركا چۈشىنىڭ مەندە داۋام سۈرىۋاتقىنىغا تۆت يىلغا بولاي دېگەن ۋاقىتلاردا بۇ ئوت باشتىكى بىر مەۋھۇم چۈشتىن ئاستا-ئاستا بىر رېئالىي چۈشكە ئايلىنىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسىىنى مېنىڭ ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمىدىدە پۈتتى. كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى چەتئەل چۈشى ۋە كىنولاردىكى تەسۋىرلەر قوشۇلۇپ مېنى بۇ قاينامغا قىزىقتۇراتتى ۋە ھەيرەتتە قالدۇراتتى. ئامېرىكىغا ماڭىدىغان كۈنۈم يېقىنلاشقانسىرى مەندىكى قىزىقىش يىراقلاپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر گۇمان پەيدا بولۇۋاتاتتى. مەن توغرا قىلىۋاتامدىم؟

       ھايات بەك قىسقا ئىدى، ئۆلۈم دەھشەت ئىدى قىيامەت قاتتىق ئىدى. مەن تەييارلىق قىلىشىم كېرەك دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە، مەۋھۇم بىر كۈچ ماڭا يەلكەمدە بىر غايىپتىن كەلگەن مەسئۇلىيەتنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى. ۋە مېنى ئەنسىزلىككە سېلىپ قورقۇتۇپ قوياتتى. بارلىق ئىشلاردا بىرىنچى بولۇشنى قوغلىشىپ ئادەتلىنىپ قالغان مەندەك بىر ئادەم جەمەتىمىز ئۈچۈن يېڭى بىر يول ئېچىشنى خالاپ قالغان ئىدى. ئاتا-ئانامنىڭ قوينىدا پەپىلىنىپ چوڭ بولغان مەندەك بايقۇش بۇنداق چوڭ مەسئۇلىيەتنى كۆتۈرەلىشىدىن گۇمانلىنىپ قالاتتىم چۈنكى ئۇ ئاجىز ئىدى.

          ئۆزۈمنى كۈچلۈك دەپ ئويلايمەن. گەرچە بەدىنىم ئاجىز ۋىجىك بولسىمۇ بىر يانماس ئەقىدە روھىمغا سىڭىپ گاللىرىمنى بوغۇپ قوياتتى. قىن-قىنىمغا پاتماي ئوينىغان يايرىغان ۋاقىتتا 10 مىلىيون ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئازاپنى، 1 مىلىيارت 500 مىلىيون مۇسۇلماننىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دەھشەتنى، 7 مىلىيارت ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قىيامەتنى ئەستىن چىقىرىپ قوياتتىم. مانا بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاجىز ھالقام ئىدى. چۈنكى مەن ئاجىز ئىدىم. ئاجىزلىق ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئىكەنلىكىنى پات-پات ھېس قىلاتتىم، چۈنكى ئاجىزلىق مېنىڭ كۈچىيىشكە موھتاجلىقىمنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى ئىدى. لېكىن ئۆلۈم دەھشەت ئىدى. ئەلبەتتە مەندەك بىر ئاجىز قىلىپ يارىتىلغان ئىنسان ئۆلۈمنىڭ ئازابىدىن، قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن قورقاتتى. چۈنكى ئۇ ئاجىز ئىدى.

       ئونبەش ياش !  ئۆزۈمنى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇراتتىم. ئۇلارغا قاراپ ئۆزۈمنى مەسخىرە قىلاتتىم. چۈنكى مەن بىر ئاجىز بايقۇش ئىدىم. گەرچە ھەممىمىز ئاجىز بولساقمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا ئۇنچىلىك بېسىم كەلمىگەن بولغاچقا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايتتى. پەقەت ئۆگىنىشنىڭ ۋەياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ غېمىدە ياشايتتى. لېكىن مەندەك بىر بايقۇش ئۆزىنىڭ دۇنياسى ئىچىدە ئېزىقىپ لەيلەپ بىچارە بولۇپ يۈرەتتى. ھېسىياتسىز مەخلۇق بولۇپ تېشىدا ھېچقانداق نەرسىنى بىلىندۈرمەيتتى لېكىن ئىچىدە بولسا ئالەمچە ئىشلار قاينايتتى.

       ئامېركا مېنىڭ نەزىرىمدە بىر ئەخلەت چېلىكىدەك، مەن پەقەت شۇلاردىن بىر نەپ ئىزدەش ئۈچۈن ماڭغاندەك ھېس قىلاتتىم. ۋەتەندىن چىقماي تۇرۇپ ۋەتەننىڭ قەدرى ئۆتۈلۈپ يوللارغا قاراپ-قاراپ تويمايتتىم. گەرچە ھەممە نەرسىلەر قېنىق گىرىم قىلىۋېتىلگەن بولسىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىن مەنا ئىزدەپ ھاياتىمنى خوشال ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىپ قالاتتىم. كىشىلەردىن نومۇس قىلاتتىم ئۆزۈمنى ئاشكارلىيالمايتتىم پەقەت ۋە پەقەت قەغەز ئىچىدە ياشاپ شۇنىڭ ئىچىدە بىر بايقۇش بولۇپ ئۆتەتتىم.

     

       ئامېركا  مېنى ھەر كويلارغا سالماقچى بولۇۋاتاتتى. بەزىدە قورقۇپمۇ قالاتتىم. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئاجىز كېلىپ قېلىشىمدىن، مىڭ جېنىمغا تېگىشكۈسىز بۈيۈك بايلىقىم بولغان ئېتىقادىم ۋە غايەمنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن قورقاتتىم . قىيىنچىلىق مېنىڭ نەزىرىدىمدە ئۆتكۈنچى نەرسە بولسىمۇ 8 يىلدىن كېيىن ئەخلەت دۆۋىسىدىكى ئەخلەت بولۇپ قېلىشىمدىن قورقاتتىم لېكىن تېخىمۇ قورقىدىغىنىم بولسا كىشىلەرنىڭ مېنىڭ ئەخلەت بولۇپ قالغانلىقىمغا قاراپ پەخىرلىنىشى بولاتتى. ئۆزۈمنى ئۆزۈم قەلەملىرىمدە تاۋلاپ ئىرادەمنى سىنايتتىم چۈنكى مەن بىر ياراملىق ئامېرىلىكىق -يارىماس ئۇيغۇر بولۇش تەھدىدىدە ئىدىم. ھېسىياتلىرىم دەريادەك شاۋقۇنلاپ ئاقسىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىن پاكىز سۇلارنى تاپالماي قىينىلاتتىم شۇلارنىڭ ئىچىدىن جىمجىت مەنىلىك دېڭىز تاپالماي ئاۋارە بولاتتىم.

     

       دۇنيا. ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە، قۇدرىتىگە قاراپ  ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھەيران قالغان ھالدا چوڭقۇر ھىس قىلاتتىم. ساباھىدىن  ئاكامنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۆلۈمنىڭ ئىنسانغا ئىنتايىن يېقىنلىقىنى چۆچۈپ ئېسىمگە ئالغىنىمدا مېنى بىرسى ئاسماندىن چۆرۈپ تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالدىم. چۈنكى مەن بىر ئاجىز ئىدىم. چوڭ بولغۇم كېلەتتى ئاجىزلىقىمنى يوشۇرغۇم كېلەتتى لېكىن مەن قانچە يوشۇرغانسىرى ئۇ شۇنچە نامايەن بولۇپ مېنى ئەنسىزلىككە سالاتتى. ئاھ خۇدا بۇ ئازاپلارنى مەندەك بىر ئاجىز بەندەڭدىن نېرى قىلغايسەن. مېنى زىيانكار بەندىلەردىن بولۇپ قېلىشنى ساقلىغايسەن...

       

    مەن تىرىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئەمەس ئۇ ماڭا موھتاج ئىدى. ئۇھ ھاراتتىم. ئۆزۈمنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي خېلى ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۋېتەتتىم. ماشىنىنىڭ ماڭغان ئاۋازى مېنى چۆچۈتۈپ قەدىرلىك ئاكامنى ئەسلىتەتتى. ئېھ قۇدرىتى ئۇلۇغ ئاللاھ ئاكامنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلغايسىز، قەبرە ئازابىدىن ساقلىغايسىز!

       

       ئامېركىدا ياشاپ قالمايمەن ۋە قالالمايمەن. چۈنكى مېنىڭ باغلانغان يىلتىزىم مېنى كېيىن كىندىگىمدىن سۆرەپ ۋەتەنگە تاشلىشى ئېنىق ئىدى. ئامېركىلىق بولۇپ قېلىشتىن قورقاتتىم يىرگىنەتتىم. چۈنكى ئۇنداق بولغاندا ئاللاھ ياخشى كۆرۈپ ھىدايەت قىلغان بۇ يۇرتنىڭ بىر ئادىمى بولۇپ ھېساپلانمايتتىم ۋە مەڭگۈلۈك ھىجراندا قالاتتىم. نەرسىلەردىن ھوزۇرلىنىش ئىقتىدارىم يوقاپ ئۇنىڭ ئورنىغا شەخسىيەتچىلىكىم ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىم ئالمىشاتتى چۈنكى مەن ئۆيۈمدىكى شۇ ھالىتىمنى ئەسلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالاتتىم. ۋە ئەنسىرەيتتىم. بەزىدە قەلەمنىڭ قۇدرىتىگە ھەيران قالىمەن چۈنكى ئۇ نى-نى ئىشلارنى يېزىپ ھېسىياتلارنى تۆكۈپ يەنە شۇ پېتى تۇراتتى، ھارمايتتى. ئادەملەردىن يىراقلاشنى ئىستىگەن ۋاقىتلىرىم مېنى ئەڭ ئەنسىزلىككە سالاتتى چۈنكى ئۇنداق بولغاندا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى.

     

          ئۇلۇغ ئاللاھىم، مېنى مۇسۇلمان مىللەتنىڭ ئارىسىدا قىلىپ ياراتقىنىڭىزغا چەكسىز شۈكرى قىلىمەن، سىز ۋە يۇرتى ئۈچۈن بۇرچ ئۈستىگە ئالالمايدىغان ياكى ئېلىشنى خالىمايدىغان ئادەملەردىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىغايسىز.

        تۇرۇپ-تۇرۇپ بېشىم قاياتتى ۋە چۆچۈيتتى سەۋەبىنى بىلىشكە قىزىقمايمەن چۈنكى مەن ئامېرىكىغا مېڭىۋاتاتتىم. گاھىدا بۇنداق ۋاپاسىز دۆلەتتە ئوقۇپ قېلىش مەندەك بىر بايقۇش ئۈچۈن زۇلۇم ئېلىپ كېلىشىدىن قورقۇپ قالاتتىم چۈنكى مەن بەك ئاجىز ئىدىم. ئاجىزلىقىم مېنىڭ ئارتۇقچىلىقمنى ئاچاتتى ۋە ماختىناتتىم چۈنكى مەن شۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئىدىم. كەلگۈسى مەن ئۈچۈن بىر سوقۇپ تۇرىۋاتقان يۈرەكنى ئەسلىتەتتى. ۋۇجۇدۇمدا نىشانلىق ئېقىپ يۈرگەن قانلىرىم ئالدىدا مېنىڭ ئامېركىدا تۇرۇپ قېلىشىم يۈزسىزلىك قىلغىنىم بىلەن باراۋەر ئىدى چۈنكى مەن ئاجىز ئىدىم. تېشىپ تېشىپ سوقۇۋاتقان تومۇرلىرىم ماڭا ئاتامنىڭ چوڭ چوڭ بىلەكلىرىنى ئەسلىتەتتى چۈنكى مەن ئاجىز ئىدىم، قويدەك نىشانسىز بولۇشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان مەندەك بىر بايقۇش ئالدىدا كىشىلەرنىڭ مەقسىتى مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. مەن ئادالەت ۋە ناھەق ئالدىدا تۆكۈلگەن قانلارغا شاھىت بولماقچى ئىدىم. چۈنكى مەن ئەڭ كېچىككەندىمۇ مۇشۇ 100 يىل ئىچىدە مۇقەررەر ئۆلمەكچى ئىدىم. . شۇ ۋاقىتقىچە ياخشى ياشاش مېنىڭ بۇرچۇم ئىدى لېكىن ئۇ بۇرچنى ئادا قىلالماسلىقتىن ئەنسىرەيتتىم چۈنكى مەن ئاجىز ئىدىم. ئاللاھ خالىسا بىھۇدە ئۆلۈمدىن ئېھتىيات قىلىپ يەلكەمدىكى ۋەزىپە شۇ كۈچنى قانائەت تاپقۇزۇپ ئۆلۈش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئىدى. چۈنكى بۇ غايە مېنى ياشىغۇزۋاتقان بىردىنبىر نەرسە ئىدى.

     

     

       ئېھ ئاللاھىم، ئەگەر ئامېركىغا بېرىش ئىشلىرىم قىيامەتلىگىم ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كېلەلىسە مېنى شۇ يەردىكى ئازاپلارغا بەرداشلىق بەرگۈدەك كۈچ بىلەن يولغا سالغايسىز، بولمىسا ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن يولۇمنى ئەتكەيسىز ئامىن.

     

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئامېركا , ئۆلۈم , چۈشۈم , دەھشەت
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-9-1 2:28:50
    تەھرىر : admiral
    باھا : 1 كۆزىتىش : 1088
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证