تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    jallat007
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12289
    422317806@qq.com

    يازما سانى : 13
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    نۇربەگ:شائىرنىڭ كىملىكى



     

    شائىرنىڭ كىملىكى

     

    (شېئىر ۋە شائىر ھەققىدە ئەركىن مۇلاھىزە)


      20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن يېتىشىپ چىققان ياش شائىرلىرىمىز  ئىلگىركىلەرنىڭ تەجرىبە ساۋىقىنى قۇبۇل قىلىپ، شېئىرىيەت ئەمەلىيىتى بىلەن شېئىرىيەت نەزىرىيىسى ئۈستىدە ئىسلاھاتچىل روھقا تويىنىشى بىلەنشېئىرىيەت مۇساپىسىنى باشلىدى. بۇ جەرياندا بەزىلەر ئۆزىنى ياراتتى، بەزىلەر غايىپ بولدى ياكى سەپتىن چۈشۈپ قالدى. قالدىلارچۇ؟ ئېھتىمال بىر ئەسلىمە ! ئەلۋەتتە، كىمنىڭ قانداق يولدا مېڭىشى تامامەن ئىجادىيەتتىكىئەركىنلىك ! لېكىن ئىلگىركى « ئۇلار»نى بۈگۈنكى « ئۇلار » بىلەن  سېلىشتۇرغاندا،شېئىرنىڭ شائىر بولغۇچىدىن قانداق روھ كۈتىدىغانلىقى ئايان !  مەن باشقىلار ئۈستىدەئارتۇق سۆزلىمەي ، ئۇستازىم ئابدۇقادىر جالالىدىن يازغان «لوندوندىكى ئۇيغۇربالىلىرى» دېگەن شېئىرنى ئوقۇپ، ھەقىقەتەن شائىر بولۇشنىڭ قىيىنلىقىنى ھېس قىلدىم . بىر تۇرۇپ ئۇستازىم بۇ شېئىرنى نېمىشقا يازغاندۇ ، دەپ ئاچچىقلاندىم. « توزغاق»،«ئۇنتۇلغان بۇلۇڭ» دېگەن شېئىرلارنى « لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى » بىلەنسېلىشتۇردۇم. نەتىجىدە، ئۆزۈمگە ئابدۇقادىر جالالىدىن شائىر بولسا بولاتتى، دەپپىچىرلىدىم.)بىزدە شېئىرىيەت ئۈچۈن قۇربان بەرگەنلەرنىڭ دېگۈدەكتاينى يوق، ئەمما، ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىدىن شائىرلىقنى تەلەپ قىلىۋاتقانلارنىڭ سانىبەك كۆپ . نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ مەسىلە يەنىلا ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىدا .ئوقۇرمەنلىرىمىز  ئادەم بىلەن شېئىرنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرىۋېلىپ، ھەقىقى باھانىبېرىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدى. ياراملىق ئوقۇرمەن قاتلىمىنى شەكىللاندۈرەلمىگەنبىر مىللەتنىڭ شېئىريىتىنى مېنىڭچە ساختا ھاياجانغا تولغان، يازمىلار توپى، دېسەكشېئىريەت رېئاللىقىغا قارا سۈركىگەن بولىمىزمۇ؟ شېئىر دىگۈدەك شېئىر قانداق شېئىر؟بىزنىڭ شائىرلىرىمىز نىمە ئۈچۈن نەزىرىيە تەپەككۇرىغانامرات؟ نەزىرىيە تەپەككۇرىغانامرات كىشىنى يەنە شائىر دەمدۇق؟ بىز ئەسلىدە ئويلىنىدىغان مەسىلى تاشلاپ قويدۇق.  شۇنداق بولغاچقا بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىز « كونا » يولدا بەك ئۇزۇن مېڭىپ كەتتى.  مېنىڭچە بولغاندا ، بىزئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈستىدە رەھىمسىزلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان بىر قېتىملىقئىسلاھاتقا ئېچىرقىدۇق! شېئىرىيەت سەنئىتى ـ شېئىرىيەت ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان « قارايۈز »لەرگە مۇھتاج! « قارا يۈز » لەر قوشۇنى بەرپا بولمىغۇچە،شېئىريىتىمىز  «ئەنئەنە» نىڭ پاتقىقىدا گۇمران بولىدۇ.

    بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇرشېئىرىيىتىدىكى شائىرلارغا قايتىدىن باھا بېرىپ، سامان بىلەن داننى ئايرىيدىغانۋاقىت ئۆتۈپ كەتكىلى ئۇزۇن بولدى. ئەسلىدە  بۇ « قۇرۇلۇش » قا ئۇيغۇرمەتبۇئاتى ھۆددىگەر بولىشى كېرەك ئىدى. سەۋەبى ، « ئېچىق بېشى»دا تۇرىۋاتقانلارنىڭكۆپىنچىسى شېئىرنى سۆيمەيۋاتىدۇ ! ئۇلار ئۆز رىزقى ئۈچۈن شېئىرنىڭ روھىنى سېتىپ جانساقلاۋاتىدۇ ! بۇ قاتمال رېئاللىق بۇزۇلمايدىكەن، جاڭيۇ ئېدىشىغا تاشلانغان گۈلبەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا سېسىپ بولغاندەك، بارچە تىرىشچانلىق مەغلۇبىيەت بىلەنخاتىمىلىنىدۇ.        بىزدە، ئۆزىنىڭ كىملىكى ئۈستىدە ئويلانغان ياش شائىرلاردىنكىملەر بار؟ بۇ سۇئالنى مۇنازىرىگە تۇتۇرۇق بولىدۇ، دەپ قارايمەن. مۇمكىن بولسا،بىز« يۈز »نى چۆرۈپ تاشلاپ، سۇغۇققانلىق بىلەن شېئىريىتىمىزنى ھازىرقى ھالسىزھالىتىگە قايتا باھا بېرىپ باقساق، دېگەن ئۈمىدتە!

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 80-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلانغان يېڭىچە ئەدەبىيات دولقۇنىدىن باشلاپ ھىساپلىغاندىمۇ   خىلىكۆپ ۋاقىت ئۆتتى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بۇ موھاكىمە توختىمىدى بەلكى بىز ئوقۇغانئەدەبىيات ۋە شېئىرىيەت نەزەرىيىسىدىمۇ ۋە بۇ يولدا ھالال ، مىننەتسىزئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ ئىدىيىسىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ كەتمىدى .كىرزىس ئېڭى بولمىغان كىشىدەشېئىرى ھۈجەيرە بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا شېئىرىيەت تامچە-تامچە قانلارنىڭ مەھسۇلىدۇر-خالاس!

    ئالدىبىلەن، شائىرنىڭ كىملىكى دېگەن نېمە؟بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، رولان بارت ئوتتۇرىغاقويغان« ئاپتورنىڭ ئۆلۈمى »دېگەن چۈشەنچە ئۈستىدە توختالماي بولمايدۇ. شېئىرنىڭ ئاپتورى كىم؟ئۇ شائىر، ئەلۋەتتە ! ئۇنداقتا، شائىرنىڭ ئۆلۈمىنىمۇ ئېلانقىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردىكى شائىرنىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭ ئاپتورلۇقسالاھىيىتىنىڭ ئۆلۈمىنى كۆرسىتىدۇ. شائىر ئۆزى يېزىۋاتقان شېئىرغا بولغان ئاپتورلۇقسالاھىيىتىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئاڭا قالىدىغىنى، رولان بارتنىڭ تىلى بىلەنئېيتقاندا، پەقەت كۆچۈرگۈچىلىك سالاھىيىتىدىنلا ئىبارەت. يەنى، شائىر ئاپتورلۇقىنىيوقىتىپ، كۆچۈرگۈچىگە ئايلىنىدۇ. بۇ نېمە دېگەنلىك؟ بۇ - شېئىرنى بايانقىلىۋاتقىنى شائىر ئەمەس، شائىر پەقەتلا بايان قىلغۇچى تەرىپىدىن دېيىلىۋاتقانشېئىرنى خاتىرىلەيدۇ. يەنى، ئۇنى قايتا كۆچىرىدۇ، دېگەنلىكتۇر. دېمەك، شېئىرنىبايان قىلغۇچى ھەرگىزمۇ شائىر ئەمەس!

    ئۇنداقتا، شېئىرنىڭ بايان قىلغۇچىسى كىم ؟ 2مارتىن ھېيدېگىرنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، سۆزلەش، ئەسلىدە، سۆزنىتىڭشاشتۇر. « سۆزنى تىڭشاش » دېگەنلىك « سۆز سۆزلەۋاتىدۇ » دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ. دېمەك، شائىرنىڭ سۆزلىشى، يەنى، شېئىر يېزىشى، ماھىيەتتە، سۆزلەۋاتقان شۇسۆزنى تىڭشىغانلىقتىن، شۇنداقلا، تىڭشاۋاتقىنىنى قەغەزگە كۆچۈرگەنلىكتىن باشقانەرسە ئەمەس. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شېئىرنىڭ بايان قىلغۇچىسى دەل شۇسۆزلەۋاتقان سۆزنىڭ ئۆزى. شائىر بولسا، ئەنە شۇ بايان قىلغۇچىنىڭ كۆچۈرگۈچىسى. ئەمىسە، ئۇ سۆزنەدە تۇرۇپ سۆزلەيدۇ ؟ يەنى، ئۇنىڭ ئورنى قەيەر؟ئۇنىڭ ئورنى - شېئىر، ئەلۋەتتە ! بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى، بىزنىڭ شېئىر ئوقۇشىمىز،ئەسلىدە، شېئىردىكى سۆزنى تىڭشاش، شۇنداقلا، بىزنىڭ شېئىر يېزىشىمىز، يەنىلا، بىزقۇلاق سالغان شۇ سۆزدىن ئاڭلىغىنىمىزنى خاتىرىلەش ! مۇشۇ ئاساستا، شېئىرىيەتتوختىماي سۆزلەۋاتقان سۆزنىڭ خاتىرىسىگە ئايلىنىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،شېئىرىيەت سۆزنىڭ تارىخى دېمەكتۇر. شائىرلار مانا مۇشۇ تارىخنىڭياراتقۇچىلىرىدۇر.       يۇقۇرىدىكى«سۆزلەۋاتقان سۆز»نى مەن«دېيىلمە»دەپ ئاتايمەن. شېئىرنىڭ بايان قىلغۇچىسىبولغان بۇ دېيىلمە شائىرنىڭ كىملىكىنى يارىتىدۇ. مانا مۇشۇ دېيىلمىگەنىسبەتلەشتۈرۈلگەن ئاساستا كىمنىڭ ھەقىقىي شائىر ۋە كىمنىڭ ساختا شائىر ئىكەنلىكىنىپەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، شېئىردىكى بايان قىلغۇچى دېيىلمەئەمەس، بەلكى، شائىرنىڭ ئۆزى بولسا، ئۇ چاغدا، بۇ شائىرنى ھېچ ئىككىلەنمەيلا ساختاشائىر دەپ ئاتىيالايمىز. چۈنكى، بىزنىڭ شېئىردىن ئاڭلايدىغىنىمىز دېيىلمىنىڭ سۆزى،ھەرگىزمۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەس!
    :    بىز شېئىرىيەت چۈشەنچىسىدە بەك كونا بولغانلىقىمىز ئۈچۈنشېئىر بىلەن بىزنىڭ ئارىلىقىمىز بەك يىراقلاپ كەتكەن ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتىئاددىي. بىزدە قەدىمدىن قالغان شېئىر خۇمارلىق قان بار. بىز بۇ « خۇمار »بىلەنئۆزىمىزنى تۈگىمەس ئىشقىي سەۋدانىڭ بايانچىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىمىزنى شېئىرنىڭسىرتىغا قويۇپ، توپنىڭ مۇھەببىتىنى كۈيلەيدىغان ، شېئىرنىئومۇمىيلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەممە ئادەم گۇيا قۇلىدىكى بىر بوردا ناننىھىچ كۈچىمەيلا يەپ، مەلۇم ۋاقىتقىچە قورساقنىڭ « دەردى »دىن چىققىنىغا تەققاسلىدۇق.   شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىزدە « قاپىيە ئويناش »دېگەن يېڭى ئويۇنلار كېلىپ چىقتى.  ھەتتا، شېئىر توغرىسىدا ھىچقانچە ئويلىنىشلاردا بولمىغان ، شېئىرنىڭ تەبىئەت ۋە ئادەمنىڭ  ئىچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تىڭشاشنى ھارئالىدىغان« تالاي شائىر »لار بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭ سىمۇۋۇلىغائايلاندى،  بۇلار ئۈستىدە پىكىر قىلغانلار « تالانتلىق شائىر »نىڭ كۈشەندىسى بولدى . « شائىرنىڭ كىملىكى »توغرىسىدىكى ئىزاھاتتىن بىز ئىلگىركى بىزگە تۇنۇشبولغان، بىز نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ سالۇن-سالۇنلاردا جارقىرىغان، ئونۋېرسىتىت ، ئىنىستىتوت مۇنبەرلىرىدە كۆزىگە ئەمدىلەتىن شېئىرنىڭ نۇرى قۇنۇشقا باشلىغانبۇغۇنلارنى ئالداشنى تۇقتىتىدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. بىز يەنە مۇنداق بىرمەسىلىنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كەلدى. شائىرنىڭ شېئىردىن چىكىنىشمەسىلىسى بىزنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغاندەك تۇرىدۇ. مېنىڭچە بولغاندا، سۆز بىلەن ئاۋاز،شېئىر بىلەن سۆز، شېئىر بىلەن شائىرنىڭ مۇناسىۋىتىدە بىز تالاي زىكرى قىلغان« ئىپادىلەش »دېگەن شېئىرى ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا قانداق قارايمىز؟ مېنىڭ ھېسقىلىشىمچە، شائىر سۆزنى ئەمەس، سۆزدىكى ئاۋازنى  خاتىرلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگەبولغان بەلگە سېستىمىسى، يەنى سۆز ئارقىلىق خاتىرلەپ ، شېئىردىكى رېتىمنىڭ مەڭگۈلۈك ئاۋازىنى يەتكۈزگۈچى، دەپ ئويلايتتىم.  يۇقۇرىدىكى ئىزاھاتتىن ئايان بولدىكى،  سۆزلەۋاتقانسۆزنى تىڭشاش، تىڭشىغان سۆزنى ئىپادىلەش ئەمەس، بايان قىلىش ياكى خاتىرلەش شېئىرنىڭجەريانى ، دەپ قارالدى. ئېنىقكى، شائىر شېئىردىن چىكىنىپ، ئورنىنى سۆزگە بەردى.  مېنىڭچە بولغاندا بۇ شېئىرنىڭ ئەسلى ئاۋازىغا ئېرىشىشتىكى بىر ئۇرۇنۇشمۇ قانداق؟ناۋادا بىز شۇنداق ئىمكانىيەتنى ھازىرلىيالايدىغان بولساق، ئىنسانىيەت تالايئەسىرلەر داۋامىدا سۆزنى ئالدىغان بولسا، ئەمدى ئالداش نۆۋىتى سۆزگە كېلىدىغانئەھۋال كېلىپ چىقارمۇ؟ «  ئىنسانىيەتنى ئەڭ ئالدىغان نەرسە سۆز بولىشى مۇمكىن » دېگەن قاراشنىڭ قانچىلىك ئورنى بار؟ بۇ قاراشنىڭ ئوتتۇرىغا قويىلىشىدا، بىز شېئىرىيەتتارىخىمىزدا سۆزگە بەك ئۇۋال قىلدۇق. بولۇپمۇ بىزدىكى سىمۇۋۇل قاتماللىقى بىردىنبىر پاكىت. يەنە كېلىپ بىز سۆزنى ئاۋازىدىن ئايرىپ تاشلاپ، ئۇنى مىسرا ئۈچۈن قۇربانقىلدۇق. بىزدىكى بۇ شېئىرنى شائىرنىڭ مۇئەسسەسىسىگە ئايلاندۇرۇش ھىچ بولمىغانداشېئىر بىلەن تەبىئەتنى ئايرىۋەتتى . شېئىر بىزگە ئەمەس، بىز شېئىرغا قەرزى بولدۇق ،دەپ ئويلىغان ئىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە بىز يەنىلا سۆزگە قەرز بوپتۇق.<سۆز>ھەققىدە توغرا ئۇقۇم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى‹گەپ›تىن پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە، ئۇيغۇر تىلىدىكى‹گەپ›دېگەن سۆز مۇئەييەن مەنىنى تولۇق ھەم ئېنىق ئىپادىلەيدىغان ئىبارىلەرگە قارىتىلغان .ئەمما، ‹سۆز›بولسا‹گەپ›نىڭ ئەكسىچە، مەنىنى تولۇق ھەم ئېنىقئىپادىلىمەيدىغان ئىبارىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ‹گەپ›دېيىلگەن پەيتنىڭ ئۆزىدىلامەنە ئاخىرلاشقان بولسا،‹سۆز›دېيىلگەن پەيتنىڭ ئۆزىدە مەنە باشلىنىدۇ، مەنەكىرىزسى باشلىنىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،‹گەپ› نى كەسكىنلىك بىلەن،‹سۆز›نى مۈجىمەللىك بىلەن سۈپەتلەش مۇمكىن. ‹گەپ›دېيىلىدۇ - دە،تۈگەيدۇ؛‹سۆز›دېيىلگەنسېرى دېيىلىشكە مۇھتاج بولىدۇ. ئالدىنقىسىمۇنازىرىنى، كېيىنكىسى دېئالوگنى تەلەپ قىلىدۇ. ئالدىنقىسى دېگۈچىنىڭ مۈلۈكى(ھۆكۈمى) ھېساپلانسا، كېيىنكىسى دېگۈچىگە ئارىيەت (قاراش) ھېساپلىنىدۇ .  ‹گەپ›قىلغۇچى ھاياجانلانغۇچى،‹سۆز›لىگۈچى ئويلانغۇچىدۇر. مۇنداقچە قىلىپئېيتقاندا،‹گەپ›تىل ھاكىمىيىتىنى ياقلىغۇچى،‹سۆز›قارشى تۇرغۇچىدۇر  !ئالدىنقىسى تىلنىڭ مەركىزىدە، يورۇق تەرىپىدە، كېيىنكىسى قىرغاقلاردا، قاراڭغۇتەرەپتىدۇر. ‹گەپ›بىلەن ‹سۆز›نىڭ پەرقى شېئىر بىلەن تىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەڭئىنچىكە نوقتىدىن پەرقلەندۈرىشىمىزگە يېڭىچە ئوي ئاتا قىلدى . بىزدە مۇشۇنداقئىنچىكىلىك بولمىسا بولمايتتى. شېئرغا تىل نوقتىسىدىن قانداق مۇئامىلىدە بولۇش ،سۆزدىكى ئاۋازنى «بايانچى» قانداق خاتىرلەش توغرىسىدا مۇئەييەن نەزىرىيىۋى بىلىشكەئىگە بولدۇق.شېئىردا ‹گەپ›بىلەن ‹سۆز›نىڭ ئورنى ئالمىشىدىغان بولسا،كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت شېئىرنىڭ شېئىرلىقى بىلەن ئەمەسلىكى بارغانچەئايدىڭلىشىشقا باشلىغان  ئىجادىيەت رېئاللىقىمىزدا ، مەن يەنىلا دېداكتىكا تېماقىلىنغان «شېئىر»لارنىڭ ‹سۆز›نى ئەمەس‹گەپ›نى ئاساس قىلغانلىقىغا بىر نەرسەدېيىشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتتىم. بىر چاغدا ئۇستاز شائىر ئوسمانجان ساۋۇت«دېداكتىكا شېئىر ئەمەس» دېگەن بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مەن ئوسمانجانساۋۇتنىڭ بۇ «پىكىرى»نىڭ  توغرىلىقىنى ئەمدى بىلدىم. بىزدەدېداكتىكا ،  شېئىرى شەكىلنى ئېتىبارغا ئالغاندا، «ساتىرا»دېگەن (قىزىقى بۇ لىرىكشېئىرنىڭ بىر تۈرى ، دەيدىغان توغرا بولمىغان نەزىرىيە تېخى تىرىك !) شېئىرى شەكىلدەئۆز ئىپادىسىنى تېپىقلىق . مېنىڭچە بولغاندا ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە يەنىلائەتراپلىق دېئالوگ زۆرۈردەك قىلىدۇ. شېئىرى تەپەككۇردىكى  بۇ خىل ئالدىنىش ئۆزچەمبىرىكىدىن ھالقىپ، ھازىر بىزدە« قەلىمى پىشقان» شائىرلىرىمىز مۇھەببەتلىرىكىسىغىمۇ دېداكتىكا قىستۇرۇشقا باشلىدى. بۇ شېئىرىيىتىمىزدىكى چۇقۇم بىر تەرەپقىلىشقا تېگىشلىك بولغان بىنورماللىق.

    مەن بۇ دېئالوگدىن بەك سۈيۈندۈم. مىنىڭ بۇ جەھەتتە بىلىمىميىتەرلىك بولمىسىمۇ لىكىن ئازراق سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ .  ئەلشىر نەۋائىدىن كىيىن شېئىرىيەتنى زىلزىلگە سالغۇدەك يەنەبىر شائىرمەيدانغا كەلمىدى، دېگەن سۆزلەرنى دائىم ئاڭلاپقالىمەن . 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى شائىرلىرىمىزدىنلۇتپۇللا مۇتەللىپ ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، مەمتېلى ئەپەندىلەر مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇريېقىنقى زامان شېئىرىيىتىگە قارىساق يەنە ئۇستاز بۇغدا ئابدۇللا، ئوسمانجانساۋۇت، مۇھەممەتجان راشىدىن، قاتارلىق شائىرلىرىمىزمەيدانغا كەلدى. بۇ ھال شېئىرىيەتتە يېڭى جانلىنىشلارنى بارلىققا كەلتۈردى. شېئىر ئۇقۇشقىزغىنلىقى كۆرۈنەرلىك يوقۇرى كۆتۈرۈلدى . مەن بۇ خىل كەيپىياتتىن بەك شاتلاندىم . مەنئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا كىتاپخانىلارغا كىرسەم شېئىرلار توپلىمىنىڭ توپابېسىپ تۇرغانلىقىنى كۆرەتتىم ،شېئىر كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كىتەي دەپ قالغانئىدى، شېئىرنىڭ تەبئىيلىكى قاپىيە قوغلىشىش سەۋەبىدىن ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلىنغان ئىدى. بۇ خىل ئەھۋالدا ھازىر نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، شۇنداقتىمۇ شېئىر ۋە شائىرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس شېئىرئۇ مەڭگۈلۈك سەپەر ، شائىر بۇ سەپەردە يۈرىكىنى تىڭشىغۇچى، روھىدىكى سۈزۈك بۇلاقلارنىقېزىپ چىققۇچى . شېئىر مەقسەت ئەمەس ۋاستە ، تاغ چوققىسىدىكى چاقناۋاتقان ئۆزلۈككە يېتىشيولىدىكى بىر جەريان. ئۇ ھەقىقى مەقسەت بۇلۇپ قالغان كۈنى شېئىرنىڭ ئۆلگەن كۈنىبۇلىدۇ ، شائىرمۇ ساختا شائىر بولغان بۇلىدۇ . شائىر رېئاللىقتىكىنى ئەينەن يېزىپ قويساروھ بىلەن ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ كۆرۈنمەس باغلىنىشى مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىدۇ ، ئەڭنازۇك تۇيغۇلار سۆز بىلەن شائىرنىڭ كىملىكىنى يارىتالمايدۇ . مەن بەزىدە شېئىرىي ئىلھاملارغا تولۇپ قالىمەن ، قەلەمنى ئالغىنىمدا مىسرالار تىزىلمايدۇ ، مەلۇم مەزگىلئۆتكەندىن كىيىن ۋاللىدە بىر يارقىن مىسرا پەيدا بۇلىدۇ ، قەلەمنى ئېلىپ ئىختىيارسىزھالدا ئۇنى خاتىرلىۋالىمەن ، ۋاللىدە قىلغان تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇنسۆزلەر مىنى ئىلكىگە ئىېلىۋالىدۇ ، مەن مۇشۇ پەيىتنى شېئىرنىڭ تۇغۇلۇشى بولسا كېرەكدەپ ئويلىدىم . نېتچىنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزى بار «مەن ئەسەرلەر ئىچىدە يۈرەك قېنىبىلەن يېزىلغىنىنى ياخشى كۆرىمەن » بۇ شائىرنىڭ كىملىكى ئۈچۈن مۇھىم بىر تەرەپ بولساكېرەك.

    شېئىر ۋاستىمۇ ئەمەس، ھەم مەقسەتمۇ ئەمەس. ناۋادا سىز دېگەندەك بوپ قالىدىغان بولسا،شېئىر بارلىقىدىن ئايرىلغان بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ شائىر  ناۋاداشېئىرنى مەقسەت، دەپ قارايدىغان بولسا، شېئىر چوقۇمكى، شائىرنىڭ« غەرەزلىك  » پىكىرئىپادىلىشىگە ئايلىنىدۇ. پىكىر ئەسلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىپادىلەشنىڭ سىرتىدابولىدۇ. مۇنداقچە ئېلىپ ئېيتقاندا، شائىر پىكىرنى ئىپادىلىمەيدۇ ھەم پىكىرئىپادىلىنىدىغان تەپەككۇرنىڭ پائالىيىتىمۇ ئەمەس. ناۋادا شائىر پىكىرنى ئوتتۇرىغاقويىمەن، دەيدىغان بولسا، تۇيغۇ شېئىردىن سىقىپ چىقىرىلىدۇ . نېمە ئۈچۈن شۇنداقدەيمىز؟ پىكىر ئەسلى مەنىدىن قارىغاندا ، لوگىكىلىق تەپەككۇر جەريانى . شېئىرلوگىكىنى ئۆزىگە «خۇرۇچ» قىلىدىكەن، ئۇ تامامەن ئەقلىي پائالىيەتكە ئايلىنىپ،قەلىبتىكى رېئاللىق بۇرمىلىنىدۇ. بىز شېئىرنى «تۇيغۇنى خاتىرلەش» دېگىنىمىزدە ،شېئىرنىڭ باشقا سەنئەت شەكىللىرىدىن بولغان خاسلىقى نەزەردە تۇتۇلغان . شېئىر  ناۋادا «ۋاستە» دەپ قارىلىدىغان بولسا، شېئىرنىڭ بىرلەمچىلىكى يوققاچىقىرلىدۇ . شائىر شېئىرنى ۋاستە قىلدى ، دېگەنلىك، ماھىيەتتە ئىدىيە يۈكلىدى،دېگەنلىكتۇر. بىزنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى شېئىرلىرىمىز بۇ قاراشنىڭ قۇربانىغائايلاندى. بىزنىڭ شائىرلىرىمىز شېئىر ئارقىلىق گەپلىشىشكە ئادەتلەنگەنكە، تۇيغۇدىكىشېئىر بىلەن پىششىقلانغان شېئىرنىڭ ئارىلىقى بەك يىراقلاپ كەتكەن. بۇ ھال ئۇيغۇرشېئىرىيىتىدىكى مەغلۇبىيەتنىڭ يەنە بىر يۈزى. سىز تىلغا ئالغان دېمۇكراتىكئەدەبىياتتىكى شائىرلىرىمىز شېئىرنى «ۋاستە» دەپ قارىغاچقا، شېئىر ئۆز روھىغائەگەشمەي سىياسى مايىللىقا ماسلاشتۇرۇلغان. شۇنى دەيمىزكى ، شېئىرنىڭ سىياسىبىلەن مۇتلەق مۇناسىۋىتى يوق. بىزدە تىلغا ئېلىنىۋاتقان «سىياسى لىرىكا»لارئەمەلىيەتتە شېئىر ئەمەس! بىز قارىشىمىزنى تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويساق،دېموكراتىك ئەدەبىيات بۇرمىلانغان ئەدەبىيات . سەۋەبى ، بىزنىڭ شۇ مەزگىللەردىكىشائىرلىرىمىز  شېئىر ئارقىلىق سىياسى شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. قاراڭ، بۇ قانداقمۇشېئىر ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان «ۋەزىپە» بولسۇن. بىزنىڭ شېئىرتەتقىقاتچىلىقىمىز  بۇرمىلانغان بولغاچقا، دېموكراتىك ئەدەبىياتقا قويۇلغاندېئاگنۇز ھازىرغىچە خاتا بولدى. دېئاگنۇزدىكى خاتالىقنىڭ قانداق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپچىقىرىدىغانلىقىنى   ئىزاھلىمىساممۇ، ھەممىگە تۇنۇش بىنورمال ئەھۋال.  سىز لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاپ» نىڭ مۇستەقىل ئىجادىيەت ئىكەنلىكىگە جاھىللارچەئېسىلىشىڭىز مۇمكىن؟ ئەمما، بۇ شېئىر يەنىلا شېئىرنىڭ داۋامى.بىلال ئەزىز«يىللارغا سۇئال» دېگەن بىر يازمىنى يازغان. بۇ دەل شۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋاپتۇر!  مەن 1997- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا « گۇڭگا شېئىرلارنىڭ ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى ئورنىۋە ھازىرقى ھالىتى» دېگەن دېسسىرتاتسىيەمنى ياقلىغاندا، بىرسى مەندىن« دېموكراتىكئەدەبىياتقا قانداق قارايسىز؟» دەپ سۇئال سورىغاندا، مەن « بۇ ئەدەبىيات دەۋرىشائىرسىز ئەدەبىيات دەۋرى!» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىم. ھازىر شېئىرىيەت تەتقىقاتچىسىدەپ قارالغان قاۋسىلقان قامىجان، ئەنەيتۇللا قۇربان، تۇرسۇن قۇربان ...قاتارلىقلاربىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە يېرىم كۈن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىپ، ئاخىرى ھەر قايسىمىز ئۆزپىكىرلىرىمىزدە قېلىشقان ئىدۇق، ھېلىمۇ شۇ قارىشىمدا چىڭ تۇرىمەن.

     «شائىرنىڭ كىملىكى» ئۈستىدىكى دېئالوگدا، يەنە كىمنى شائىردەيدىغانلىقىمىز بەك مۇھىم. بىزنىڭ شائىر بىلەن شېئىر توغرىسىدىكىئىزاھاتلىرىمىز  بىزنى يەنىلا ئىلگىرىكىدەك تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ. بىز شائىردېسە، دەرھال شېئىر «يازالايدىغان» كىشىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. ئەمەلىيەتتەشائىر شېئىر يازامدۇ؟ شېئىر يېزىلىدىغان سەنئەتمۇ؟ مېنىڭچە، شائىر شېئىر يازمايدۇ.نېمىشقا شۇنداق دەيمىز؟ بىزنىڭ يازغان نەرسىمىز چۇقۇمكى، شېئىر ئەمەس. ناۋادايازغان نەرسىمىز شېئىر بولىدىغان بولسا، شائىر بىلەن شېئىر، شېئىر بىلەن ئوقۇرمەنئوتتۇرىسىدا ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر بوشلۇق شەكىللىنىدۇ. چۈنكى، يېزىلغاننەرسە شېئىر ئەمەس، يازما بولىدۇ. بۇيەردە شۇنى ئېتىراپ قىلىمىزكى، «يېزىلغان شېئىر » بىلەن « يېزىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان شېئىر» تامامەن ئىككى ئۇقۇم. شائىر شېئىريازدى ، دېگەندە، سۆزسىزكى، ‹گەپ› تۇيغۇنى ئاسىيلىقى بىلەن يوققا چىقىرىدۇ. بىزبۇ دەمدە يەنە ‹گەپ› نىڭ «ئالدىشى» غا دۇچار بولىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن  شائىرشېئىرنى «يازدى» دېگەندە، شېئىر يازارمەننىڭ كونترۇللىقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.  شائىرنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن «تۇيغۇ» بىرلەمچە ئەمەس، ئىككىلەمچەسالاھىيەتكە ئېرىشىپ، ئۇنىڭدىكى ئاۋاز دەخلىگە ئۇچرايدۇ. تەبىئەت تەبىئەتلىكسالاھىيەتتە ئەمەس، يازارمەن تەرىپىدىن بۇرمىلانغان «تەبىئەت» كە ئايلىنىدۇ .  بۇ يەردە بىزگە تاپشۇرۇلغىنى «قايتا پىششىقلانغان» ئۆزى ئەمەس بىر «يازما»،خالاس. بىز ئىزدەۋاتقان شېئىرچۇ ؟ ئۇ بىزنىڭ تۇيغۇمىزدا ! ئۇ( شېئىر ) بىزدىن يېزىشنى ئەمەس،ئەكسىچە ئۇقۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. تۇيغۇنى ئۇقۇش ئەسلىدىكى شېئىرغا بولغانيېقىنلىشىشنىڭ سەنئەتلىك يولى. « يېزىش» شۈبھىسىزكى ، ئىدىيە توقۇشتەك بىنورمالبولغان خاھىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، « ئوقۇش» بۇ خىل بىنورماللىقنى چەتكە قاققانبولىدۇ. شېئىرغا ئىدىيە يۈكلەندى دېگەنلىك، شېئىرغا شېئىر قۇبۇل قىلمايدىغان « يۈك» نى ئارتىپ قويىدۇ. بۇ « يۈك » نېمە ؟ بىز دەۋاتقان، شېئىر بىلەن ھىچقانداقمۇناسىۋىتى بولمايدىغان «تەربىيەۋى رولى». ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىئاساسەن دېگۈدەك ئەنئەنىۋى رولىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. شېئىر ئادەمتەربىيىلەمدۇ ؟ بۇنىڭغا پەقەت«ياق! »دەپلا جاۋاب بېرىمىز. پىكىرنىكەڭرەك دېگىنىمىزدە، ئەدەبىياتمۇ ئادەم تەربىيىلىمەيدۇ ! ئادەم تەربىيىلەشنى« ئۈستىگە ئالغان ئەدەبىيات » ئەدەبىيات ئەمەس ! ناۋادا ئەدەبىيات ياكى شېئىرغاشۇنداق « يۈك » ئارتىلىدىغان بولسا، دىن بىلەن ئېتىكا ئۆزىنىڭ فونكىسىيىلىك رولىنىيوقىتىپ، ئەدەبىياتقا ئايلىنىدۇ. بۇ ئەدەبىيات يا ئەدەبىياتقا يا دىنغا ۋەياكىئېتىكىغا ئوخشىمايدىغان «ئەدەبىيات» بولۇپ شەكىللىنىدۇ. بىز بۇ يۆلىنىش بويىچەئۇيغۇر شېئىريىتىگە قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ شېئىر بىلەن شائىرغابولغان«تەلەيسىز» لىكىمىز ئاشكارىلىنىدۇ .

    ئوسمانجان ساۋۇت ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ھەممىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن شائىر. پىراففىسور، دوكتۇر غەيرەتجان ئوسمان « ئۇ تىلدىن قېلىۋاتقان سۆزلەرنى شېئىر ئارقىلىق ساقلاپ قالغۇچى» دېسە، شائىر ئادىل تۇنىياز « ئۇ بۇزۇلماس ئالماش قاپىيلەر ئىچىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان رەققاس» دېگەن ئىدى. ئوسمانجان ساۋۇت توغرىسىدا يەنە پىراففىسور، دوكتۇر يېتەكچىسى ئازات سۇلتان « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى شائىر » دەپ تەرىپلىگەن. ئۇنداقتا، « خەلقنىڭ ئىتراپىغا ئېرىشىش » بىلەن « شائىرنىڭ كىملىكى » نىڭ ئانچە مۇناسىۋىتى يوقمۇ  ـ نېمە ؟ بىزنىڭ خەلقىمىز كىملىكى يوق شائىرغا تون كىيدۈرىدىغان دەرىجىدە نادانمۇ؟ ئوسمانجان ساۋۇت « شېئىرنىڭ مەقسىتى ئادەملەرنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت ئۇرۇقى چېچىش» دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ‹ گەپ › بىلەن ‹ سۆز › نىڭ شېئىردىكى ئورنىغا ئەمەس، ئەلگە نەپ بېرىدىغانلىقىغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلىمىز. مېنىڭچە، بۇ قاراشلارنىڭ شېئىر ئۈچۈن قانچىلىك ئەھمىيىتى باردۇر؟ئۇيغۇشېئىريىتى بىلەن ئۇيغۇر ئۇقۇرمەنلىرىنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتى « شائىرنىڭ كىملىكىبىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بىزنىڭ شېئىرىيەت تارىخىمىز  سەنئەتنىڭ اشقاتۈرلىرىگەقارىغاندا بىر قەدەر  ئۇزۇن. بىز مۇنبەت فولكلور  تۇپرىقىغا ئىگەبولغانلىقىمىزئۈچۈن ، بىزنىڭ يازما ئەدەبىياتىمىز  «سۈت ئانا» سىنىڭ « پەپىلىشى»دە  شېئىرنىمەركەز قىلىپ، ئۆرلەش بىلەن چۆكۈشنىڭ تەكرارلىقىنى ياراتقان. زاماننىڭئالدىغاسىلجىشى بىلەن شېئىرنىڭ روھقا چۆكۈشى ماس مۇناسىۋەت ھاسىل قىلالمىغانبولسىمۇ،بىز  بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىريىتنىڭ « تېنى »گە ئېرىشتۇق. « ئاممىباب شائىر»دىگەن بۇ  ئاتالغۇ بىزنىڭ شېئىر ئىستىمالىمىزدا20ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ كېيىنكى ېرىمىدىنوخشىمىغان پىكىر ئېقىنىدا ئۆزسايىسىنى بېيىتىپ باردى. بىز بۇئاتالغۇنىڭ قانداق ئارقاكۆرنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىتوغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئىگەبولالمىدۇق. لېكىن ،ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى شۇنىدەلىللىدىكى، بۇ تىپتىكىشائىرلار  تۇرمۇشنى شېئىرى شەكىلدەبايان قىلىش بىلەنئۇيغۇر شېئىريىتىگە شېئىرىيەت ايانچىلىقىنى تەقدىمقىلدى.  ئۇلار  شېئىرنى پۈتۈنسۈرۈك ھەزىم قىلىشنىڭ يېڭى لىنىيەسىنى يراتقاندەككەيپىياتتاشائىرلىق بۇرچقا ئېرىشتى. تەپەككۇر ئېلىپ كېلىدىغان ئەقىل ساپاسىدىنئۆزىنى چەتكەئېلىشقا ئادەتلەنگەن ئوقۇرمەنلەر قاتلىمى ئىچكى قاتلىمىبولمىغانتاشقى بايانغا كۆنۈكتى. شائىرنىڭ قىسقىغىنا ھاياتىنىڭ ئۆزىدىنئاشمايدىغانلىقىدىنئىبارەت بىر ھەقىقەت كۆزىگەتىنىپ كەتكەن توپا-چاڭدا ھالسىرىدى. قىزىق ھادىسە شۇكى،بىزنىڭ شائىرلىرىمىزتۇرمۇش ئۈگىنىشكە ئۆتۈپ، ئۆزىنى شېئىرنىڭسىرتىداقالدۇردى.  « چۇقۇم شېئىر يېزىشكېرەك !»  بۇ شۇئار  شېئىرنىڭ تەبىئىيلىكىنىيوققاچىقىرىپ، شېئىرنى مىخانىكىلاشتۇرۇپ،شېئىر بىلەن شائىرنىڭ ئارىلىقىنىيىراقلاشتۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى شېئىر بىلەن رېتىمنىڭمۇناسىۋىتىنى  « قاپىيە » گەئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ يەردە شۇنى ئىزاھلايمىز، قاپىيەنىشېئىرھەرگىز چەتكەلېكىن قاپىيە شېئىرنىڭ ئىچكى ئالاھىدىلىگى ئەمەس،بەلكىتاشقىئالاھىدىلىگى. بۇ ئالاھىدىلىك شېئىرنى چۇقۇمكى مۇئەييەن ئاھاڭدارلىققائىگەقىلىشتىن تاشقىرى ، سۆزنىڭ  مەنىسىزلىكتىكى مەنىسىنى ئوقۇرمەنلەرگەئاڭلىتىشىسالاھىيىتىگە ئىگە بولىشى كېرەك.  « ئاممىباب شائىر » لار  ئوقۇرمەنلەرگە قارىتاقاپىيىگەقاراپلا شېئىرغا باھا بىرىشتىن ئىبارەت شېئىرىيەت ئىستىتىكىسىغا ماسبولمىغانبۇ  « ئويۇن» دا  نېمىگە ئېرىشتى ؟  سۆزسىزكى، بىرىنچىدىن، شېئىرنى شېئىر تېنىدىنئايرىپ تاشلىدى. ئىككىنچىدىن، شېئىرنى مەزمۇن ئۈچۈن قۇربان بولغان گەپدۆۋىسىگەئايلاندۇردى. ئۈچۈنچىدىن، ئوقۇرمەنلەرنى شېئىردىن مەزمۇن ئىزدەشتىنئىبارەت شېئىرىيەتئىستىتىكىسىغا ماس بولمىغان غەيرى ئىستىتىكىغا ئىگە قىلدى. تۆتىنچىدىن، ھاياتىدا بىرمىسرا شېئىر يېزىپ باقمىغان بولسىمۇ، شېئىرىيەتتەنقىدچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانساختا ئەدەبىي تەنقىدچىلەر قوشۇنىنى بارلىققاكەلتۈردى. ئاقىۋەتتە بۇ تىپتىكىشائىرلار  شېئىرنى شېئىرغا، شائىرنى شائىرغاقەرز  قىلدى. مانا بۇ بىزنىڭ شېئىريىتىمىزدىكى «ئاممىباب شائىر » لارنىڭشېئىريىتىمىزدە سالغان تالاپەتچىلىكىنىڭ بىر يۈزى.

    بىرىنچى، سالاھىيەت. مەسىلەن، مەمىتاخۇننىڭ شەخسىي كىملىكى دېگەندەك.

    ئىككىنچى، بىرلىك. مەسىلەن، مەمىتاخۇننىڭ مىللىي كىملىكى دېگەندەك.

    ئۈچىنچى، ئوخشاشلىق. مەسىلەن، مەمىتاخۇننىڭ ئىدىيىۋى كىملىكى دېگەندەك.

     ‹‹ كىملىك » نىڭ ‹ ئوخشاشلىق › دېگەن مەنىسى يەنە كەسىپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن،« موزدوز دېگەن كىم ؟ » دېگەن سوئالغا بېرىلىدىغان جاۋاب دۇنيادىكى بارلىق موزدوزلارنىڭ كەسپى ئوخشاشلىقىغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ.

    ئەگەر بىرسى مەندىن « پۇقرا دېگەن كىم ؟ » دەپ سوئال سورىسا، مەن ئۇنىڭ سوئالىنى تۈزىتىپ قويىمەن ھەم بۇ ئادەمنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن چالا ساۋات ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلمايمەن. ئەمما، تەلىيىمگە يارىشا مۇشۇ كەمگىچە مەتبۇئات ياكى ئېغىز تىلىدا بولمىسۇن « پۇقرا دىگەن كىم ؟ » دېگەن سوئالنى قويغانلار چىقمىدى. « پۇقرا دېگەن نېمە ؟ » مانا بۇ سىز سورىغان سوئالنىڭ توغرىسى. چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا كىم ھەم كىملەر دىگەن سوئال پەقەت جېنى بار ھەم قېنى بار جانلىقلارغا قارىتا ئېيتىلىدۇ. نېمە ۋە نېمىلەر دېگەن سوئال شەيئىلەرگە جۈملىدىن جانلىق ياكى جانسىز نەرسىلەرگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ. « پۇقرا » دېگەن سۆزنىڭ تەبىرىدىكى مەزمۇنىغا كىم ئەمەس نېمە دېگەن سوئال باب كېلىدۇ. چۈنكى، « پۇقرا » دېگەن ئۇقۇم كىشىنىڭ شەخسىي سالاھىيىتىنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ، پەقەت ئىجدىمائىي سالاھىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.

    مىللىي كىملىك دېگەن ئۇقۇممۇ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىدا خاتا ئىستىمال قىلىنىۋاتىدۇ. يەنى، بۇ ئۇقۇمغا قارىتا « مىللىتىڭ نېمە ؟ » دېگەن سوئال  توغرا قويۇلغان بولىدۇ. چۈنكى. مىللەت دېگەن بىر كىشىنىڭ شەخسىي سالاھىيىتىنى ئەمەس ئىجدىمائىي سالاھىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئۇقۇمدۇر. شۇڭا، بىر شەخسىگە نىسبەتەن مىللىتىنىڭ نېمىلىكى ھەققىدىكى ئۇقۇم مەۋجۇدكى، مىللىتىنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى ئۇقۇم مەۋجۇد ئەمەس. ئەمدى « ئوخشاشلىق » تىكى « مەمتاخۇننىڭ ئىدىيىۋى كىملىكى » دېگەن ئۇقۇم مۇنداق ئىككى مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ بىرى، بۇ ئىدىيە كىمنىڭ ئىدىيىسى دېسەك، ئۇ چاغدا مەمتاخۇننىڭ ئىدىيىسى، دەپ جاۋاب بېرىمىز. بۇ چاغدا سوئال قويغۇچىمۇ بۇ يەردە ئىدىيىنىڭ نېمىلىكىگە ئەمەس بەلكى ئىدىيە ئېگىسىنىڭ شەخسىي كىملىكىنى سوراۋاتقان بولىدۇ. دېمەك، مەمتاخۇننىڭ ئىدىيىسىنىڭ كىملىكى دەل- مەمتاخۇننىڭ كىملىكىدۇر. شۇڭا، سوئال قويغاندا بۇ ئىدىيە كىمنىڭكى دەپ سوئال قويىلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە بىرسى، ئىدىيەنىڭ مەزمۇنىغا ئۇيغۇر تىلىدا ھېچقاچان مەمتاخۇننىڭ ئىدىيىسى كىم ؟ دەپ سوئال قويۇلمايدۇ. پەقەت ئىدىيىسى نېمە ؟ دېگەن سوئال قويىلىدۇ. « كىم » ياكى « كىملىك » دېگەن سوئال ئۇيغۇر تىلىدا شەخسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇكى، ھەرگىزمۇ كەسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. مەسىلەن، موزدوزلۇق دېگەن قانداق كەسىپ ياكى موزدوزلۇق دېگەن قانداق ئىش ؟ دەپ بۇ سوئال تولۇقى بىلەن سورىلىدۇ.

    « شائىر دېگەن كىم ؟ » دېگەن بۇ سۇئال مۇنداقئويلىنىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:بىرىنچى،‹ شائىر ›دېگىنىمىزدە دۇنيادىكى بارلىق شائىرلارنى كۆزدەتۇتامدۇق ياكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىمۇ؟ مەن دۇنيادىكى بارلىق شائىرلارنى كۆزدەتۇتتۇم..ئىككىنچى، «شائىر دېگەن كىم ؟» دېگەن بۇ سۇئالغا « شائىر شېئىر يازىدىغانئادەم » دەپ جاۋاب بېرىمىز. « شائىر شېئىر يازىدىغان ئادەم » دېگەن بۇ سۇئال « ئادەمنېمىنى يازغاندا شېئىر يازغان بولىدۇ ؟» دېگەن يەنە بىر سۇئالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . دېمەك،‹ نېمىنى يېزىش ›ئادەمنىڭ شېئىر يازغان - يازمىغانلىقىنى، ئاندىن،ئۇنىڭ شائىر بولغان - بولمىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. يەنى، ‹ نېمىنى يېزىش ›شائىرنىڭ كىملىكىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەمگە ئايلىنىدۇ.ئۈچىنچى، مەن دۇنيادىكى بارلىق شائىرلارنى كۆزدە تۇتقانلىقىم ئۈچۈن،‹ نېمىنى يېزىش› تىكى‹ نېمە › نىڭ، يەنى،‹ يېزىلمىنىڭ نېمىلىكى › نىڭمىللىيلىك چەمبىرىكىدىن ھالقىپ (شائىر قوللانغان تىلدىن باشقا)، ئىنسانىيلىقچەمبىرىكىگە تەۋە بولغان خۇسۇسىيەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردۈم.ۆتىنچى،يېزىلمىنىڭ (ياكى دېيىلمىنىڭ) ئىنسانىي خۇسۇسىيىتىنى دۇنيادىكى بارلىق شائىرلارنىڭئوخشاشلىقى ۋە بىرلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ كىملىكىگەئورتاق ئۆلچەم قىلدىم. بەشىنچى، ئىنسانىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بۇ دېيىلمە ئۆز ئىچىگەئالغان مەنىنىڭ شەخسىي خاھىش ئەمەس، بەلكى،  ئومۇمىيلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەمدە،ئۇنىڭ (دېيىلمە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىنىڭ) ئاپتورلۇق ھوقۇقىنىڭ شائىرغا تەۋەئەمەس، بەلكى، شائىر تەۋە بولغان ئەدەبىي مىراسقا تەۋە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا،ئۇنىڭ (دېيىلمە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىنىڭ) مەنبەسىنىڭ ھەرقانداق بىر ئېتىقادچىلىقياكى ھەقىقەت ئەمەس، بەلكى، مەنىسىزلىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردۈم.ئالتىنچى،مەن شائىرلىقنىڭ مانا مۇشۇنداق كىملىك ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاساستا،ئوسمانجان ساۋۇتقا ئوخشاش شائىرلىرىمىزغا باھا بېرىشكە ئۇرۇندۇم. ئەگەر بۇنىمۇۋاپىق ئۆلچەم ئەمەس دەپ قارىسىڭىز، ئۇ چاغدا، سىزمۇ بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان يەنەبىر ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا تامامەن ھەقلىق! ئەگەر‹ ۋەزىن ۋە قاپىيە› نى شائىرنىڭ كىملىكىگە ئۆلچەم  قىلساق، ئۇ چاغدا: بىرىنچىدىن،دۇنيادىكى بارلىق شائىرلار كۆزدە تۇتىلىدۇ. چۈنكى،‹ۋەزىن ۋە قاپىيە›ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگىلا ئەمەس، دۇنيا شېئىرىيىتىگە ئورتاق ھادىسە.ئىككىنچىدىن، سۆزنى‹ ۋەزىن ۋە قاپىيە › لىك يېزىش، يەنى،‹ نېمىنىيېزىش›ئەمەس،‹ قانداق يېزىش ›شائىرنىڭ كىملىكىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەمگەئايلىنىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ‹ شېئىرنىڭ نېمىلىكى›ئەمەس، ‹ شېئىرنىڭ قانداقلىقى›شېئىر ئىجادىيىتىدىكى بىرلەمچى ئامىلغائايلىنىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ‹ ۋەزىن ۋە قاپىيە ›دۇنيادىكى بارلىق شائىرلارغائورتاق بولغانلىقى ئۈچۈن، ‹ قانداق يېزىش› تىكى‹ قانداق › نىڭ، يەنى،‹ يېزىلمىنىڭ قانداقلىقى› نىڭ مىللىيلىك چەمبىرىكىدىن ھالقىپ (شائىر قوللانغانتىلدىن باشقا)، ئىنسانىيلىق چەمبىرىكىگە تەۋە بولغان خۇسۇسىيەت ئىكەنلىكىمۇئەييەنلەشتۈرىلىدۇ.4 تۆتىنچىدىن، ‹ ۋەزىن ۋە قاپىيە›نىڭ بۇنداق ئىنسانىي خۇسۇسىيىتى دۇنيادىكى بارلىقشائىرلارنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە بىرلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل سۈپىتىدە ئۇلارنىڭكىملىكىگە ئورتاق ئۆلچەم قىلىنىدۇ.بەشىنچىدىن،  ‹ۋەزىن ۋە قاپىيە›  شەخسىي خاھىش ئەمەس، بەلكى،  ئومۇمىيھادىسە، ھەمدە، ئۇنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى شائىرغا تەۋە ئەمەس، بەلكى، شائىر تەۋەبولغان ئەدەبىي مىراسقا تەۋە، يەنى،‹ ۋەزىن ۋە قاپىيە›شائىر ياراتقانيېڭىلىق ئەمەس، شائىردىن بۇرۇن بار بولغان ئەنئەنە. بىراق، ئۇ ‹ۋەزىن ۋە قاپىيە›ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغادن مۇقەددەس قانۇن ياكى ھەقىقەت ئەمەس، شۇڭا ئۇمۇشائىرنىڭ كىملىكىگە مەڭگۈلۈك ئۆلچەم بولالمايدۇ.يۇقارقى ئويلىنىشىمنى مۇنداق ئىزاھلاپ باقاي: بىرىنچى، ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئەدەبىي مىراسىنىڭ چەكلىكلىكى. يەنى، بۇ ئەدەبىي مىراسنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ دۇنيا ئەدەبىياتىغا قاراپ كېڭىيەلمىگەنلىكى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب – دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ بىزدىكى تەرجىمىسىنىڭ نامراتلىقى. ئىككىنچى، ئۇيغۇر شائىرلىرىدىكى تەپەككۇر قابىلىيىتىنىڭ ئاجىزلىقى. بۇنداق قابىلىيەت ئادەتتە ئۆزى ئۈستىدە ئويلانغان ئادەمدە يېتىلىدۇ. ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار تېخىچە ئۆزلۈك ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ باققان خەلق ئەمەس. ئۈچىنچى، ئۇيغۇر شائىرلىرىدىكى ئىدىيىۋى قاتماللىق. ئۇيغۇرلار ئادەتتە مۇتلەق ھەقىقەتكە ئىشىنىدۇ. بۇنداق ئىشەنچدە گۇمانغا، نىسپىيلىككە ، مەنىسىزلىككە ئورۇن يوق. ‹ كىملىك › كەڭرى مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىرنى رەت قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ پەقەت سىياسىي ۋە ئىجدىمائىي ‹ ھازىر › لا ئەمەس ، ئەڭ مۇھىمى ، ‹ ئېپىستىمولىگىيىلىك ھازىر › دۇر. تۆتىنچى، ئۇيغۇر شائىرلىرىدىكى ھاياجانلانغۇچى ئاڭ. بۇنداق ئاڭنى يېتىلدۈرۈشتە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە تەقدىر ھەققىدىكى تەشۋىش ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. بۇ ئاڭ ھەرقايسى ساھالەردە، بولۇپمۇ ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدە ساقچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، ‹  شائىرنىڭ كىملىكى › ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان بۇ تېمىمىزدىمۇ ئۇنىڭ ئاياغ تېۋىشىنى ئېنىق ئاڭلىماقتىمىز.

    شېئىر چوقۇم خەلقنىڭ سەۋىيىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇ چاقىرىق پەقەت شېئىرىيەت ھەققىدە قاپىيە يادقا ئېلىشتىن باشقا تەييارلىقى بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ شوئارى. بىز بۇ شوئارنى « سەنئەت ئارقىلىق مەزمۇن ئىپادىلەش » ئېقىمىدىكى سەۋەب – نەتىجىلىك مۇناسىۋەتكە تايانغان » شائىرلارنىڭ يۈرەك سۆزى دېگەندىن كۆرە، ئۆزى ھەم ئۆزگىنى ئالداشتىكى ساقتا نىقابى، دېگىنىمىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. نېمىشقا شۇنداق دەيمىز؟ بىز يۇقارقى شوئارنى دىققەت بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق شائىر بولغۇچى مەلۇم بىر تېمىدا شېئىر يازماقچى بولسا، ئالدى بىلەن بۇ شېئىرنى ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىنى ئۆلچەپ ئاندىن ‹ ئاتالمىش شېئىر › نى يازىدىكەن. قېنى، ‹‹ ئاممىباب شائىر ›› لار ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ سىمىۋولى قىلماقچى بولغانلار ئويلاپ بېقىڭلار؟ شېئىر بۇ دەرىجىدە  مېخانىكىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە تىل سەنئىتىمۇ؟ ئەقىل ئېگىلىرىمۇ قايمۇقىدىغان بىر مەسىلە شۇكى-شېئىر يېزىشتىن ئاۋۋال ئوقۇرمەننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش. شائىرلار قوشۇنىدىكى ئۆزىنى يېڭىلىماسلىقتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت ‹‹  ئاۋامچە تەپەككۇر ›› نى  سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. دۇنيانىڭ قايسى بىر يېرىدە بۇنداق ئاتالغۇنىڭ بارلىقىغا ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بۇ رېئاللىققا نېمە دېگۈلۈك؟ « ئاممىباب شائىر » لارنىڭ تەپەككۇرى بىلەن « ئاۋامچە تەپەككۇر » نىڭ ئۇپۇقتىكى بىردەكلىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بولىدىغان بولسا، بىزدە قاپىيىدىن باشقا ھېچقانداق شېئىرىي تەييارلىق بولمىغان شائىرلىرىمىزنى دۇنيا شېئىرىيىتىنىڭ قايسى بۇلۇڭىدا نۇسرەتكە تەييارلايمىز؟ شائىر شېئىر ياراتقاندا ئۆزىنى بوغۇپ تاشلاش بەدىلىگە باشقىلار ئۈچۈن شېئىر يېزىشى، ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنىڭ شائىردىن ئۆزى چۈشەنگۈدەك شېئىر تەلەپ قىلىشى ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسىي ھالىتى، يەنە كېلىپ ئوقۇرمەننىڭ شائىرنى ئۆز مۇئەسسەسىگە ئايلاندۇرىشىدۇر. ئوقۇرمەن ئۈچۈن تەپەككۇر بوشلۇقى قالدۇرغان شائىرنىڭ چوقۇم ئانا تىلىدا شۇ تىلىدىكىلەر ئۈچۈن« شېئىرنى  تەرجىمە قىلىش » ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيەت ئاسمىنىنىڭ زۇلمەتكە ھازا ئېچىشىدۇر، خالاس.

    شېئىر « گۇڭگا » بولمايدۇ. بۇنىڭغا بىز شۇنداق دەپ قالپاق كىيدۈردۇق. كەمچىلىككە تولغان دەۋرگە پەقەت شېئىرلا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. مەۋجۇتلۇق ئۆزىنى يوقىتىپ قويدى. ھومېر ئاشۇ يىراقتىكى ۋەھىيلەرنى يەنى مەۋجۇتلۇق يىلتىزى تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ تېۋىشىنى ئاڭلىدى. بۇ يىراقتىكى تېۋىشلار ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى تېپىۋېلىشىنى ئۆزلۈكسىز تەقەززا قىلدى. مانا بۇ شېئىرنىڭ زامان- ماكاندىن ھالقىپ داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ يارقىن نامايەندىسى. تەپەكككۇر نامراتلىقى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بىر ئىزىدا سەكرىشىگە سەۋەبچى بولدى. تار تەپەككۇر بىلەن قوراللانغان تالاي شائىرلىرىمىز تەپەككۇر چوڭقۇرلىقىغا ئىگە غەربتىكى ئاۋانگارت شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئەقىلگە سىغدۇرالمىدى. بۇ خۇددى قۇياش بىردىنلا باشقا ياقتىن چىققاندەك ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا سېۋىت ئىتتىپاقىچە نەزىرىيە تەپەككۇرىمىزنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىپ قويدى. بىز چوقۇم شېئىرنى سۆيىمىز دەيدىكەنمىز بۇ رېئاللىقىنى قۇبۇل قىلىشىمىز كېرەك.
        - 90-يىللارنىڭكېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ بىزنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالغان مىڭلىغان شېئىر ھەۋەسكارلىرىنىجەلىب قىلىۋالغان سۆيۇملۈك شائىرىمىز ئادىل تۇنىيازمۇ ئىجادىيەتتە بۆلەكچەكۆرىنەرلىك قىياپەتتە ‹‹نىسبىيلىك، مەنىسىزلىككە قەتئى يول قويمايدىغانئېپىستېمولوگىيىلىك ھازىر›› غا قارشى ئىجادىيەت خاھىشىنى تولۇق گەۋدىلەندۇردى دەپقارايمەن.مۇشۇمەنىدىن  ئېيىتقاندا ئادىل تۇنىياز، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت قاتارلىق شائىرلارنىڭ« چوققا ›› لىقىغا قانداق قاراش، يەنە بىزنى ئۆمىدسىزلەندۇرگەن شائىرلىقكىملىكىگە قانداق باھا بىرىش مۇمكىن؟

    -  سىز يۇقۇرىدا ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان نۇقتىنى چۈشەنگەندەك قىلىمەن.

    ئەگەرخاتالاشمىسام، سىز مېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىمنى تازا ئاڭقىرالمىغاندەك قىلىسىز . بولۇپمۇ مۇنداق ئىككى مەسىلىدە:

      بىرىنچى، ئادىل بىلەن غوجىمۇھەممەدنىڭ باشقا ئۇيغۇر شائىرلىرىغاسېلىشتۇرىلىشى ئۇيغۇر شېئىرىيەت قاتلىمىنى ئاساس قىلغان بولسا، شائىرلىق كىملىكمەسىلىسىدە دۇنيا شېئىرىيەت قاتلىمى ئاساس قىلىندى. شۇڭا، ئالدىنقى قاتلامدا قەدكۆتۈرۈپ تۇرغان چوققىلار كېيىنكى قاتلامدا كۆرۈنمەي قالغان. مېنىڭچە، بۇ ھەيرانقالارلىق ئىش ئەمەس.

     ئىككىنچى،ئادىل تۇنىيازدەك بىر تەقۋا ئادەمنىڭ ئىدىيىسىنى مەنىسىز تەپەككۈر بىلەنسۈپەتلىگەنلىكىڭىزگە قارىغاندا، سىز بىر بولسا ئادىلنى، بىر بولسا مەنىسىزلىكنىتازا چۈشىنىپ كەتمەيدىغاندەك قىلىسىز!

    -نەزىرىمدىكى ئادىل تۇنىيازنىڭ ئىدىيىسىنى سىز  ئېيىتقاندەكقانداقتۇر  مەنىسىز تەپەككۇر دەپ چۇشىنىۋالغىنىم يوق. ئادىل تۇنىيازنىڭ ئۆزتىلىبىلەن ئېيىتقاندىمۇ ‹‹شېئىر- مەنە سەپىرى . شېئىر-مەدەنىيلىشش جەريانىدا يوقىتىپقويغان ھېسسياتىمىزنى قايتۇرۇپ بىرىدۇ، قولدىن كەتكەن ۋە جەزمەن ئېرىشىدىغاننەرسىلىرىمىزدىن بېشارەت بىرىدۇ.›› بۇيەردىكى مەنە خاتا چۇشەنمىسەم : شائىر نەزىرىدىكى-ئاللاھنى، شېئىربولسا ئاللاھ تۇرمۇشىمىزغا ئاتا قىلغان قىممەتنى ئىزدەش   جەريانىنىكۆرسىتىدۇ. شۇڭىمۇ ئادىل تۇنىيازنىڭ پۇتۇن ئىجادىيىتىدە مۇتلەق ھەقىقەت(تەڭرى)گەبولغان تەلپۇنۇش ، يالغۇزلۇق چىرماپ تۇرغان دەقىقىلەردىمۇ ئەنە شۇ مەنائېچىدە  كىرىزس تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەن مەنىسىزلىككە ئورۇن قالدۇرماسلىقى، ھەمىشەئۆزىنى ئاللاھنى ئۆزئېچىگە ئالغان زور كوللىكتىپ ئېچىدە ھېس قىلىشى. ئائىلىدىكىئۇششاق تەپسىلاتلاردىن ، بىر قەۋىم دۇچ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھەل بولمايدىغانمەسىلىلىرىگىچە تەپەككۈر يۇرگۈزۇپ ، ھوزۇرلۇق مىسرالارغا ئايلاندۇرۇپ ، ئاڭا گۇمان ۋەنېسبىيلىككە ئورۇن قالدۇرمايدىغان دىنى خاھىشىنى سىڭدۈرگەنلىكىنى كۆزدەتۇتقانىدىم.مېنىڭ يۇقارقىلارنى  بۇ يەردە قەيىت قىلىپئولتۇرۇشۇمدىكى سەۋەپ : ئادىل تۇنىيازدىكى بۇھال  دەۋرىمىزدىكى بىر تۈركۈم ياش قەلەمكۈچلىرىگە زور تەسىر قىلىپ مەلۇم خاھىشچانلىقنى پەيدا قىلدى.. مېنىڭچە يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ ئېپىستىمولۇگىيىلىك ھازىر» دېگەن ئاتالغۇنى مېنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالغان تالاي شېئىر ھەۋەسكارلىرى ھېچقانچەچۇشەنمىگەن بولسا كېرەك، ھالبۇكى سىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇھال بىزدەخاھىشچانلىققا ئايلانغان ‹‹مەنە سەپىرى›› دىن بەلگىلىك قارمۇ قارشىلىق ھاسىل قىلغانبولسا كېرەك.

    -ماۋۇ ئىنكاسىڭىزدىن سىزنىڭ ئادىل تۇنىيازنىمۇ، مەنىسىزلىكنىمۇ ئوبدانچۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى بايقىدىم، ئالدىنقى گەپلىرىم ئۈچۈن سىزدىن ئەپۇ سورايمەن !بىراق، ماۋۇ ئىنكاسىڭىزدىكى « ئادىل تۇنىيازنىڭ پۇتۇن ئىجادىيىتىدە مۇتلەقھەقىقەت(تەڭرى)گە بولغان تەلپۇنۇش ، يالغۇزلۇق چىرماپ تۇرغان دەقىقىلەردىمۇ ئەنە شۇمەنە ئىچىدە  كىرىزس تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەن مەنىسىزلىككە ئورۇن قالدۇرماسلىقى،ھەمىشە ئۆزىنى ئاللاھنى ئۆزئېچىگە ئالغان زور كوللىكتىپ ئېچىدە ھېسقىلىشى، ئائىلىدىكى ئۇششاق تەپسىلاتلاردىن ، بىر قەۋىم دۇچ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھەلبولمايدىغان مەسىلىلىرىگىچە تەپەككۈر يۈرگۈزۈپ ، ھوزۇرلۇق مىسرالارغا ئايلاندۇرۇپ، ئاڭا گۇمان ۋە نېسبىيلىككە ئورۇن قالدۇرمايدىغان دىنى خاھىشىنى سېڭدۈرگەنلىكىنىكۆزدە تۇتقانىدىم » دېگەن بايانىڭىز بىلەن ئالدىنقى قارىشىڭىزدىكى « سۆيۈملۈكشائىرىمىز ئادىل تۇنىيازمۇ ئىجادىيەتتە بۆلەكچە كۆرىنەرلىك قىياپەتتە ‹‹ نىسبىيلىك،مەنىسىزلىككە قەتئى يول قويمايدىغان ئېپىستېمولوگىيىلىك ‹ ھازىر› غا قارشىئىجادىيەت خاھىشىنى تولۇق گەۋدىلەندۇردى دەپ قارايمەن » دېگەن بايانىڭىزنىڭئوتتۇرىسىدا زىتلىق بارلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. قانداقلا بولسۇن، مېنىڭ ئۇيغۇرشائىرلىرىدىكى ئىدىيىۋىي قاتماللىق ھەققىدە ئېيتقان « ئۇيغۇرلار ئادەتتە مۇتلەقھەقىقەتكە ئىشىنىدۇ. بۇنداق ئىشەنچتە گۇمانغا، نىسبىيلىككە، مەنىسىزلىككە ئورۇنيوق.  ‹كىملىك›  كەڭرى مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىرنى رەت قىلىش بىلەنباشلىنىدۇ. بۇ پەقەت سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي‹ھازىر› لا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى،ئېپىستېمولوگىيىلىك‹ھازىر› دۇر » دېگەن قارىشىم ئادىلنىمۇ ئۆز ئىچىگەئالىدۇ.

     ئەمدى، سىز ئەسكەرتكەن ‹ مەنە سەپىرى › گە كەلسەك، ئۇ ھەرگىزمۇ ‹ مەنىسىزلىك › بىلەن بەلگىلىك قارىمۇ - قارشىلىق ھاسىل قىلمايدۇ. قېنى، ئېيتىپبېقىڭچۇ، ئەگەر ئالدى بىلەن مەنىسىزلىكنى مۇئەييەنلەشتۈرمىسىڭىز، قانداقسىگە مەنەسەپىرىگە ئاتلىنىسىز؟ سىزنى مەنە قايغۇسىغا بەند قىلغان ئامىل ئەسلىدە مەنىسىزلىكبولماي نېمە؟ نېتچىنىڭ « بىز دۇنياغا مەنە ئاتا قىلىش ئۈچۈن كەلدۇق » دېگەن سۆزىدەدۇنيانىڭ مەنىسىزلىكى ئالدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئەمەسمۇ ؟  نېتچىنىڭ بۇ سۆزنىتەڭرىنىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئېيتقانلىقى يادىڭىزدىمۇ ؟ شۇنداقلا،دۇنيانىڭ مەنىسىزلىكى سىزدە مۇتلەق ھەقىقەت (تەڭرى)گە بولغان گۇمان پەيدا قىلماسمۇ؟سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقەت مۇتلەقلىقتىن نىسبىيلىككە ئاغماسمۇ؟ ئادىل تۇنىيازنىڭنەزىرىدە تەڭرى بىردىنبىر مەنىدۇر. شۇنداق ئىكەن، يەنە « مەنە سەپىرى » گە چىقىشنىڭنېمە ئەھمىيىتى؟! يەنە مەنە قايغۇسىدا پۇچىلىنىشنىڭ نېمە مەنىسى؟! شائىرنىڭقايغۇسىغا سەۋەب بولغان نەرسە يوقىتىشتۇر، مەنىگە بولغان يوقىتىش. چۈنكى، ئۇنىھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغىنى مەنىسىزلىك، ئۇنىڭ ئۈستىدە تاتىرىپ تۇرغىنى تەڭرىسىزئاسمان!  شۇڭا، بىزنىڭ ئەسلىمىز مەنىسىزلىك، مەنە بولسا بىزنىڭ ئويغاقلىقتىكىچۈشىمىز؛ بىزنىڭ رېئاللىقىمىز مەنىسىزلىك، مەنە بولسا بىزنىڭ خام خىيالىمىز.  مەنىسىزلىكنى ئىنكار قىلمايمىز (ئىنسان ئەسلىنى قانداقمۇ ئىنكار قىلالىسۇن؟بىراق، ئۇنى قوبۇلمۇ قىلمايمىز، ئىنسان يوقلۇقنى قانداقمۇ قوبۇل قىلالىسۇن؟)  چۈنكى، بىز بار بولۇشنى ئىستەيمىز، مەنە بىزنىڭ ئەنە شۇ بارلىقىمىز، ئۆزتۇرالغۇسىنى غايىبلىقتا تۇتقان بارلىقىمىز .مانا بۇ « مەنە سەپىرى » نىڭ ھەقىقىي مەنىسى.
       ـ مەن بىرقانچە يىل ئالدىدا ئوكتاۋىئو پازنىڭ« ھازىر ھەققىدەئىزدىنىش» (نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىش نوتىقى) نى ئوقىغانلىقىمشۇتاپ يادىمدىن كەچتى. بۇ مەن ئەڭ قېتىرقىنىپ ئوقىغان ماقالىلەرنىڭ بىرسىبولسىمۇ  ئۇ ھەقتە پەقەت ئوكتاۋىئو پازنىڭ بالىلىقىدا يۈز بەرگەن ئىشنىڭ ئۇزاق يىللارئۆتكەندىن كېيىن يەنى دەۋر ، شارائىت ئۆزگەرگەن ئەھۋال ئاستىدا كۆز ئالدىدىكىرېئاللىق (ھازىر) بىلەن تاسادىبى ئورتاقلىق ھاسىل قىلغانلىقى (بەلكىم بۇ تاسادىبىيلىقپازنىڭ نەزىرىدە مۇقەررەرلىك بولۇشى مۇمكىن) دەك بىر ھېكايە سۆزلىنىپ ۋاقىت ۋەنەزىرىمىزدىكى ھازىرغا قارىتا كۈچلۈك گۇمانىنى بايان قىلغانلىقى غۇۋا يادىمغا يەتتى. بۇ خىل ھازىر ئۇقۇمى بورخىس ھېكايىلىرى ۋە پاۋلو نېرۇدانىڭ نوتۇقلىرىدىمۇگەۋدىلىنىدۇ. مەن بۇنى پەقەت ھېس قىلالايمەن ، تۈزۈك چۈشەنچە يوق.«مەنە سەپىرى» ھەققىدىكى قىسقىغىنە بايانىڭىزدىن مېنىڭ بۇ ھەقتىكىچۈشەنچەم خېلى چوڭقۇرلاشتى . مېنىڭ بۇيەردە سىزنى  مالال قىلىپ ،يەنە  تەلەپقىلدىغىنىم  بىزدىكى ئادەت خاراكتېرلىك  ھازىر قارىشىىدىكى ساقلىنىۋاتقانپەرقلەر، يىتەرسىزلىك ۋە ئاڭسىز ھالەتلەرنى  كۆرسىتىپ   بەرگەن بولسىڭىز. خىجىللىق ئىچىدە شۇنى ئىقرار قىلىمەنكى، بىزنىڭ كىملىكىمىزنى رەت قىلىۋاتقان« ئېپىستىمولوگىيىلىك ھازىر » دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدىمۇ مەندە ھېچقانداقتونۇش يوق. شۇڭا سىزدىن تەمەگەرلىك بىلەن جاۋاپ كۈتۇپ تۇرۇپتىمەن.

    ـ ئۇيغۇرچىدىكى ‹ھازىر›دېگەن سۆزنىڭ مۇنداقئىككى مەنىسى بار ( يەنە باشقا مەنىلىرىمۇ بار، ئەلۋەتتە): بىرىنچىسى، ئۆتكەن زامانبىلەن كەلگۈسى زامان ئوتتۇرىسىدىكى زامان. يەنى، « ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كېلەچەك» تىكىھازىر. ئىككىنچىسى، شۇئان. مەن ئىشلەتكەن « ئېپىستېمولوگىيىلىك ھازىر » دېگەنئىبارىدىكى‹ ھازىر ›بىرىنچى مەنىدىكى ھازىر بولۇپ، ئوكتاۋىيو پاز تىلغائالغان‹ ھازىر ›ئىككىنچى مەنىدىكى ھازىر، يەنى،‹ شۇئان › دۇر.
     بىرىنچىمەنىدىكى‹ ھازىر ›، ئادەتتە، كەڭ تارقالغان، ئېقىپ يۈرگەن، مەۋجۇت بولۇپتۇرىۋاتقان، ساقلىنىۋاتقان، خاھىشقا ئايلانغان... دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ.

    ئىككىنچىمەنىدىكى‹ ھازىر ›، يەنى،‹ شۇئان›  بولسا پەلسەپىۋىي ئۇقۇمدۇر. بۇئۇقۇمنىڭ گېئومېترىيىلىك ئېنىقلىمىسى ئىككى تۈز سىزىقنىڭ كېسىشمە نۇقتىسى بولۇپ،ئۇنىڭ فىزىكىلىق ئېنىقلىمىسىنى ئىككى توك سىمىنىڭ بىر - بىرىگە تېگىپ كېتىشى دەپكۆرسىتىش مۇمكىن. مۇشۇ ئاساستا،‹ شۇئان › نى ئۇچقۇن ھەم پارتلاش دەپتەسۋىرلەشكە بولىدۇ. ئۇ چاك كېتىش لەھزىسىدۇر. لەھزە ھەرگىزمۇ بىرىنچى مەنىدىكى  ‹ ھازىر › نىڭ ئەڭ كىچىك پارچىسى ئەمەس، بەلكى، ئۇ شۇ ‹ ھازىر ›نىڭ چاككېتىشى ۋە يېرىلىشى (ئېچىلىشى) دۇر. دېمەك،‹ شۇئان ›، ئىجادچان بىر لەھزەسۈپىتىدە،  كەڭ تارقالغان، ئېقىپ يۈرگەن، مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان، ساقلىنىۋاتقانۋە خاھىشقا ئايلانغان‹ ھازىر› دا بىر يېرىق (بوشلۇق) ھاسىل قىلىدۇ. مۇشۇمەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،‹ شۇئان›  ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەكنىڭ كېسىشمەنۇقتىسىدۇر.

    ـ «  ئاممىباب شائىر » لارنىڭ  « ئۇقۇر » دىكى ئېچىنىشلىقھالى، ئۇلارنىڭ يەنە بىر  يۈزى . شېئىر يېزىلامدۇ ياكى خاتىرلىنەمدۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلە ھەل قىلىنغانبولسىمۇ، ئۇزۇن مەزگىللىك قاتماللىق يەنە ئۆز سايىسىدە پىكىرنى بوغىۋاتىدۇ. بۇنېمە ئۈچۈن؟ 19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلانغان « ئۇيغۇر رېئالىزم » نىڭ تەدرىجىتۇرمۇشتىن يىراقلىشىشى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بىز تېما ئېتىبارى بىلەن تىلسەنئىتىنىڭ باشقا تۈرلىرى ئۈستىدە پىكىر قىلماي، شېئىريىتىمىزنى ئاساسىي مەنبەقىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، دېئالوگ بۇ نوقتىدا بولىدۇ. «ئاممىبابشائىر» لىرىمىز  تۇرمۇشنى ‹‹ شېئىرىي شەكىللەرنىڭ ياردىمىدە يېزىش» تىن ئىبارەتتوغرا بولمىغان نەزىرىيىۋى چۈشەنچىدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، شېئىربىلەن تۇيغۇنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلالمىدى. يەنە كېلىپ « تۇرمۇش سەنئەتنىڭمەنبەسى » دېگەن ۋاقتى ئۆتكەن نەزىرىيە  تېخىچە پۇت دەسسەپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن،شېئىرنىڭ ئۇپۇقتىكى كېسىشمىسى ئىچىدە گاڭگىراپ قالدى. مۇنداقچەئېيتقاندا،  تۇيغۇ ئەركىنلىككە  ئېرىشەلمىدى. بۇنىڭ ئىپادىسى قانداق؟ھەۋەسكارلىرىمىزدىن پىشقەدەملىرىمىزگىچە بولغان شېئىرىي ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنىدا، « تۇيغۇ » غا مەنە يۈكلەش خاھىشى بارغانچە ئېغىرلىشىپ كەتتى. تېخىمۇ دىققەت قىلىشقاتېگىشلىك بىر ئەھۋال شۇكى، شېئىردىن خۇلاسسە چىقىرىش!  مانا بۇ تامامەن شېئىرىي خاتىرىلەشكە ئۇيغۇن بولمىغان بىر تۈرلۈك بۇزۇلۇش. شېئىر « روھنىڭ جەريانىنىخاتىرلەش »  تىن ئىبارەت سەنئەتنىڭ ئالاھىدە شەكلى.  شېئىرنىڭ سۇبيېكتىپ بىلەنبولغان مۇناسىۋىتىدە، ئۇ ئاۋامنى قۇبۇل قىلمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شېئىرنىڭخەلق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق! « خەلق ئۈچۈن شېئىر يېزىش » بىر تۈرلۈك ئالداشخارەكتىرىدىكى ئۆزنى نىقابلاش ! بىز دەيمىز، سەن خەلق ئۈچۈن ئەمەس، مۇھىمى ئۆزۈڭدىنبىر قېتىم قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياز! سېنىڭ تۇيغۇڭدا پەقەت سەنلا بار، باشقىلار ھامانتۇيغۇڭ سىرتىدا! پىكىرنىڭ بۇ قاتلىمىدا، دېموكراتىك ئەدەبىياتنىڭ بولۇپمۇ بىز تولازېكرى قىلغان دېموكراتىك شائىرلارنىڭ مەغلۇبىيىتى ئاشكارىلىنىدۇ. شېئىر سىياسىنىڭۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىنىڭ ھىچقانچە زۆرۈريىتى يوق! ناۋادا شۇنداق بولىدىغانبولسا شېئىر ئۆزىنىڭ رولىنى يوقىتىپ، شۇئارغا ئايلىنىدۇ.  شۇنى بىلىمىزكى، شېئىرشۇئار ئەمەس، شېئىر- شېئىردۇر . « ئاممىباب شائىر » لار دەپ باقسۇن، سىلەر شېئىرغا قانچىلىك بەدەل تۆلىدىڭلار؟سىلەردە ئۇقۇشماسلىقتىن كېلىپ چىققان  « ئۇقۇر»  يەنى « ساختا سالاھىيەت » سىلەرنىچۈشەپ قويغانلىقىنى بىلىشىڭلار كېرەك ئەمەسما ؟ مەن يۈرەكلىك بىلەن شۇنى دەيمەن،شېئىر ھەرگىز ئادەم تەربىيىلىمەيدۇ ! ناۋادا شېئىر ئادەم تەربىيىلەشنى مۇددىئاقىلسا، ئۇ شېئىر بولمايدۇ ! شائىر ئادەم تەربىيىلىگۈچى ئەمەس، ھەر دەقىقىدە ئۆزىنىيېڭىلاپ تۇرغۇچى ! مەن ، تەربىيەنى مۇددىئا قىلغان بارلىق شېئىرنى شېئىر ئەمەس، بىرئەخلەت، دەپ قارايمەن! بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇرشېئىرىيىتىدە شائىر دېگۈدەك شائىرغا بارمىقىمىز توشمايدۇ! بۈگۈنكىدەۋر  ئۇيغۇر شېئىرىيىتى بۇ ئاچچىق رېئاللققا رەھىمسىزلەرچە ئوت ئېچىشى كېرەك.

    ـ مەن بەزىدە ئۆزۈمنىڭ ئەدەبىيات بىلەن شوغۇللانغۇچى بىر ئاددىي ھەۋەسكار بولۇشۇمغا قارىماي كىملەرگىدۇر ئەدەبىياتىمىز بولۇپمۇ شېئىرىيىتىمىز ھەققىدە ئاز – تولا سۆزلىگۈم كېلىدۇ. لېكىن ۋاقىت چەكلىمىسى، ئۆزۈمدىكى ئەدەبىيات بىلىمىمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ئۆزۈمگە ئايان بولغاچ بەزىدە يەنە سۈكۈت قىلىمەن. بىراق مېنىڭ نەزىرىمدىكى بەزى ئەدەبىيات سەركەردىلىرىنىڭ بىلىپ – بىلمەي ياكى نەق مەيدا بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويغان ئەدەبىيات نەزىرىيىلىرى ھەققىدىكى پىكىرلىرى كۆڭلۈمنى غەش قىلىدۇ. ‹ شائىرنىڭ كىملىكى › توغرىسىدىكى بۇ دېئالوگلاردىكى بىر قىسىم قاراشلار مېنى ئازراق پىكىر قىلىشقا قىستىدى. شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمەنكى، مەيدانغا چۈشكەنا ئادەم ئۇسسۇلنى ۋايىغا يەاتكۈزۈپ ئويناپ خەقنىڭ كۆزىنى ئالا ـ چەكمەن قىلىۋېتەلمىسىمۇ، مەيدانغا چۈشۈشنىڭ ئۆزىمۇ بارغانسېرى ئىچ مىجەز بولۇپ كېتىۋاتقان، پايانسىز سۈكۈت ئىچىدە ياشاشقا كۆنۈپ قېلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئويلىنىشىغا پىلتە بولسا ئەجەب ئەمەس. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدە كىملىك ياراتقان شائىرلاردىن يېنىكلىك بىلەن مەرھۇم باتۇر روزى بىلەن ئوسمانجان مۇھەممەد  پاسئان تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ، مېنىڭچە بۇ خىل باھا ئىنتايىن يۈزەكى ۋە بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالدىمۇ – قانداق؟ نېمىشقا دېگەندە مەرھۇم باتۇر روزى بىلەن پاسئان ئىزچىل ھازىرقى يېڭىچە شېئىرلارنى يېزىۋاتىدۇ. بىز كىملىك بېرىش مەسىلىسىدە كىمنىڭ قانداقتۇر شېئىرىيەتتە يېڭىلىق ياراتقانلىقىغا ئەمەس ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە قانچىلىك نەپ ئېلىپ كەلگەنلىكىگە قاراپ باھا بەرسەك قانداق بولار؟ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر شېئىرىيەت شەكلىدە يېزىلغان ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ۋە ناخشىلىرى ئاۋامغا ھېلىھەم قانچىلىك نەپ بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ خەلق تۇرمۇشىغا يېقىن، پەردازسىز ھالەتتە يازغان تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە شېئىرلىرى خەلقنىڭ قانچىلىك ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە مەن ئارتۇق سۆزلىمىسەممۇ بولىدۇ. مەرھۇم شائىر روزى سايىتنىڭ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ قوي سويۇپ مېھمان قىلغانلىقى بىزگە سىر ئەمەس. مانا بۇ ‹ شائىرنىڭ كىملىكى › توغرىسىدىكى دېئالوگلاردا كىملىكىگە ئېرىشەلمىگەن شائىرلىرىمىزغا تالايلىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەرگەن كىملىكىدۇر! مەرھۇم باتۇر روزى بىلەن  پاسئانغا كەلسەك، مېنىڭ بىلىشىمچە مەرھۇم باتۇر روزى شېئىرىيەتتە « ئايسىز ئايدىڭ » دەك ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ كىيىن شېئىرىيەتتىن قول ئۈزۈپ ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە بىر قىسىم ئوچېرىك، ئىجدىمائىي خارەكتىرلىك ماقالىلەرنى يازدى. بىز ئەلۋەتتە باتۇر روزىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى چەتكە قاقمايمىز بىراق بۇ دېئالوگلاردا ‹ شائىرنىڭ كىملىكى › ھەققىدە پاراڭ بولىۋاتقاچقا يەنىلا مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە قارايمىز. ‹ شائىرنىڭ كىملىكى › دېگەن نېمە؟  مەن بۇنى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شېئىرىيەتتە ئۇتۇق قازانغان ۋە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى كەڭ شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىغا ۋە  شېئىرىيەت ئوقۇرمەنلىرىگە بىلدۈرگەن شائىرلارغا بېرىلىدىغان مەنىۋە جەھەتتىكى نام دەپ قارايمەن. مەرھۇم باتۇر روزى گەرچە بىر قىسىم شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ مەرھۇمنى كۆپ كىشىلەرنىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن شۇڭا مۇشۇنداق كىملىكنى بېرىۋېرىدىغان  بولساق نۇرغۇن شائىرلىرىمىز ئېلىپ كېتىدىغان كىملىكنىڭ قىممىتى قالمايدىغان بىر بۆھرانغا دۇچ كېلىمىز. ئەمدى پاسئانغا كەلسەك، ئۇ شېئىرىيەت سېپىگە يېڭىدىن قېتىلغان بىر ھەۋەسكار. ئۇ گەرچە نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ، ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى ھەتتىدىن زىيادە سىرلىقلاشتۇرىۋېتىلگەن سۆزلەر ئىچىگە يوشۇرۇپ قويۇش بىلەن كۇپايىلەندى. شېئىرلىرىدا ئاساسەن بىر خىل تېما بىر نەچچىلا مەزمۇننى ئىپادىلەپ كەلدى، پاسئاننىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان نۇرغۇن ئوقۇرمەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى چۈشىنەلمىگەنلىكى ھەققىدە ۋايسىدى. شۇڭا پاسئانچە شېئىرىيەت شەكلى تالاي ئوقۇرمەننى ئۈمۈدسىزلەندۈردى، بۇ خىلدىكى شېئىرلارنى چۈشىنىش نىسبىتى پەقەت مەخسۇس ئەدەبىيات بىلەن شوغۇللانغۇچىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. بۇ مىڭ تەستە يازغان شېئىرنى ئوقۇرمەننىڭ چۈشىنەلمەسلىكى غەلىبە ئەمەس بەلكى پاجىئە.

    بىز دائىم دۇنياۋى شېئىرىيەتتە كىملىك ياراتقان شائىرلارغا ھەۋەس قىلىمىز، ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنى ھە دېسىلا كۆز – كۆز قىلىمىز. بىز داڭلىق شائىر سېرگىي يېسىنىننىڭ شېئىرلىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باققىنىمىزدا، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا بىز بىلمەيدىغان ئالاھىدە ئۆزگىچىلىك، بىز دورىيالمايدىغان ئىپادىلەش ماھارىتىمۇ يوق. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىتىكى سەۋەب پەقەت ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى ھەربىر ئىنچىكە ھالقىنى تەپسىلىي كۆزەتكەنلىكىدە. بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسسۇلى شائىر مۇختار بۇغرادىمۇ بار . شائىر مۇختار بۇغرانىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇساقمۇ ، تۇرمۇشتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغانلىقىنى سەزمەي قالمايمىز . ئەمدى « شېئىر ئادەم تەربىيىلىمەيدۇ » دېگەن بىر تەرەپلىمە قاراش ھەققىدە ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى دەپ باقاي. ئەگەر شېئىر راستىنلا ئادەم تەربىيىلىمىسە خەلق نادانلىق پاتقىقىغا پاتقان، جاھالەتنىڭ قارا پەردىسى خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى توسىۋالغان ئاشۇ كونا جەمئىيەتتە شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك شائىرلىرىمىز بولمىغان بولسا تالاي مەرت ئەركەكلەر ئۆزلىرىنى ئەجەل ئوقلىرى يېغىۋاتقان پوتەيلەرگە ئۇرامتى؟ ئەگەر شېئىر ئادەم تەربىيىلىمىسە ھازىرقى جەمئىيەتتە شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئەخلاق تەربىيىسى بېرىدىغان، ئىللەتلەر سۆكۈلگەن شېئىرلىرى ئاھاڭلارغا سېلىنىپ كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئېرىتەلەمتى؟ ئەگەر شېئىر ئادەم تەربىيىلىمىسە شائىرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇغان ئوغرى، يانچۇقچى، ئاق تاماكا چەككۈچىلەرمۇ يىراقتىن شائىرغا سالام قىلىپ ھۆرمىتىنى بىلدۈرەمتى؟ ناۋادا بىز ئۆزىمىز ئۈچۈنلا شېئىر يازساق ئۇ دۇنيالىقنىڭ راھىتى ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى راھەتتىن ۋاز كېچىپ قەلەندەرخانا ۋە ئۆڭكۈرلەرگە مۆكۈنىۋالغان ئۆزى ئۈچۈن ياشايدىغان، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدىغان زاھىدلادىن نېمە پەرقىمىز؟

    ــــ  شېئىر توغرىسىدىكى قارىشىڭىزدا « خەلققە نەپ بېرىدىغان » دېگەنئىبارىنىڭ تەكرارلانغانلىقىغا قارىغاندا، سىزنىڭچە شائىرنىڭ كىملىكى شېئىرنىڭخەلققە نەپ بەرگەن - بەرمىگەنلىكى بىلەن ئۆلچىنىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ ئەگەر شۇنداقبولسا، بۇنىمۇ شائىر كىملىكىنىڭ يەنە بىر ئۆلچىمى دەپ تونۇساق بولىۋېرىدۇ. بىراق،بۇ يەردىكى مەسىلە: شېئىر قانداق بولغاندا خەلققە نەپ بېرىدۇ؟ يەنى، خەلققە نەپبېرىدىغان شېئىرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى نېمىدىن ئىبارەت؟ بايانلىرىڭىزدىن كۆرىۋېلىش تەسئەمەسكى، خەلقنى ھاياجانغا سېلىش شېئىرنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى ئىكەن. دېمىسىڭىزمۇ،باتۇر روزى بىلەن ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئاننىڭ شېئىرلىرى بۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگەئەمەس؛ بۇنىڭ ئەكسىچە، مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن روزى سايىتنىڭ شېئىرلىرى بۇخۇسۇسىيەتنى ئۆزىدە يېتىلدۈرگەن شېئىرلاردۇر. مېنىڭچە، شېئىر ئارقىلىق خەلقنىھاياجانغا سېلىش ئۇيغۇر خەلقىدىكى ھاياجانلىق ئاڭنى غىدىقلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس  . شۇنداقلا، ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئاڭنىڭ سىياسىي ئاڭ ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالغىنىمىزداشۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى، سىز تەكىتلەۋاتقان مەزكۇر خۇسۇسىيەتنىڭ شېئىرنىتەشۋىقات بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇشتىن باشقا رولى يوق. شېئىرنىڭ بۇنداق جەڭگىۋارۋاستىلىقىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ھاياجانلىق ئاڭ تەرىپىدىن مۇقەددەس بىر نەرسە سۈپىتىدەمۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن روزى سايىتقا قاراڭغۇبولمىغانغا ئوخشاش، باتۇر روزى بىلەن ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئانغىمۇ قاراڭغۇ ئەمەس.  يەنى، مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن روزى سايىت ئۇيغۇرلاردىكى ھاياجانلىق ئاڭنىغىدىقلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايدىغانلىقىنى بىلگەنگە ئوخشاش،باتۇر روزى بىلەن ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئانمۇ بۇنداق ئاڭنى غىدىقلاشنىڭ شېئىربولمايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنداق قاراشنىڭ سىزگە ئوخشاش ئوقۇرمەنلەردىكى ھاياجانلىقئاڭنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار (باتۇر بىلەنپاسئان) شېئىرنىڭ خەلقنى ھاياجانغا سالىدىغان نەرسە ئەمەسلىكىنى، تەشۋىقات بويۇمىئەمەسلىكىنى، بىر مىللەتتىكى ھاياجانلىق ئاڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنىتەكىتلەيدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، باتۇر روزى بىلەن ئوسمانجانمۇھەممەد پاسئان تاللىغان شېئىرىيەت يولى مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن روزى سايىتتاللىغان يولدىن ئاسان ئەمەس. مېنىڭچە، ئاۋۇ ئىككى ئۇستاز ماڭغان بارسا كېلەريولنىڭ ئورنىغا ماۋۇ ئىككى ھەۋەسكار بارسا كەلمەس يولنى تاللىغان! بۇنداق تاللاشتا « ھېكمەت – پاراسەت » كەم بولسا بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ جۈرئەت كەم ئەمەس. مېنىڭچە، شېئىرھەققىدە ئىزدىنىش چۆچەكلەردىكى بارسا كەلمەس يولدا مېڭىشقا ئوخشايدۇ، بۇنداق يولداماڭغانلار كۆپ ھاللاردا خەلقنىڭ ھۆرمىتى ئەمەس، غەزىپىكە ئۇچرايدۇ! چۈنكى، بۇنداقشائىرلار خەلق كۆنگەن ئۆرپ - ئادەت، كۆزقاراش ۋە ئېتىقادلارنىڭ دۈشمىنىدۇر. بۇنداقشائىرلار خەلقتىن ئىبارەت بۇنداق پادىلارنى تەربىيىلىمەيدۇ، بەلكى، پادىچىلارنىتەربىيىلەيدۇ. ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبىي تالىب : «مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان ئەدەمدەك دۇنيالىقىڭئۈچۈن ئىش قىل، شۇنداقلا، ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەدەمدەك ئاخىرەتلىكىڭ ئۈچۈن ئىش قىل» دېگەن ئىكەن. مېنىڭچە، مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن روزى سايىت ئۇيغۇرشېئىرىيىتىنىڭ دۇنيالىقى ئۈچۈن ئىش قىلغان شائىرلار بولسا، باتۇر روزى بىلەنئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان بۇ شېئىرىيەتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئىش قىلغانشائىرلاردۇر.

    ـــمېنىڭچە، سىز « خەلىققە نەپ بېرىدىغان » دېگەن سۆزۈمنى خەلقنى ھاياجانغا سېلىش ۋە ئىچىدىكى ھاياجانلىق ئاڭنى غىدىقلاش دەپ چۈشىنىۋالغىنىڭىزدىن ھەيران قالدىم، سىزچە بولغاندا روزى سايىت بىلەن مۇھەممەتجان راشىدىن بىر ئۆمۈر خەلىقنىڭ ھاياجانلىق ئېڭىنى غىدىقلاپ ئۆتۈپ كەتكەن ھەم ئۆتۈپ كېتىدىغان شائىرلار ئىكەندە؟ مەن خەلىققە نەپ بېرىش دېگىنىمدە شائىرلار نېمىنى قانداق ئۇسۇلدا يېزىپ رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ئۆز خەلقىگە بىر جەۋھەر سۈپىتىدە تەقدىم ئېتىش ئۈستىدە توقتالدىم. شېئىر ئارقىلىق ئاشۇ ئوقۇرمەننى ئاددىي تەپەككۇر قىلىش ھالىتىگە ئېلىپ كېلىپ ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى بىلدۈرۈش، مەزمۇن ئارقىلىق ئوقۇرمەننى ھاياجانلىق ئاڭغا ئەمەس بەلكى ئويغا، ئويغىنىشقا، ئۇقۇملارنى بىر قەدەر چوڭقۇر چۈشىنىشكە، تۇرمۇشنى تېخىمۇ ئەتراپلىق بىلىش بىلەن تەمىنلەشكە ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى كۆزدە تۇتتۇم. شېئىر ئارقىلىق ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى مېھىر – مۇھەببەت ۋە غەزەب –نەپرەت، ياخشىلىق ۋە يامانلىق، ئىپلاسلىق ۋە ئادىمىيلىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى ئوقۇرمەنگە ئېنىق بىلدۈرۈشنى كۆزدە تۇتتۇم. شېئىر ئەڭ ئالدى بىلەن تۇرمۇشتىن ئېلىنىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بىز مۇشۇ رېئال تۇرمۇشتا ياشايمىز، رېئال تۇرمۇشتىكى بىز شوغۇللىنىۋاتقان ھەرخىل كەسپ، ھەرخىل ئىشلار شېئىرنىڭ تېمىسىدۇر، بىز قانداقتۇر يەرشارىدا ياشاۋېتىپ ئىنسانلارغا، ئۆز قەۋمىمىزگە ھېچقانداق نەپ ئېلىپ كەلمەيدىغان ئاسمان جىسىملىرىنى ئىپادىلەپ ياكى ئۆز كاللىمىزدا يېتىشتۈرۈپ چىققان ئۆزىمىزنىڭ غايىۋى دۇنياسىنى ئىپادىلەپ شېئىر يېزىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. ھەربىر دەۋرنىڭ ئاشۇ دەۋرگە مەنسۇب بولغان بىر تۈركۈم شائىرلرى بولىدۇ. ئاشۇ دەۋرنى ئىپادىلەش، ئاشۇ دەۋردە ياشاۋاتقان ئۆز خەلقىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى، ياشاش شارائىتىنى، ئىللەت، يېتەرسىزلىكىنى جاكارلاش ئاشۇ شائىرلارنىڭ ۋەزىپىسى. سىز تەكىتلەپ كېلىۋاتقان شېئىرىيەتتە ئۆزگىچە يول تۇتۇش، يېڭىچە يېزىش، خەلقىمىزنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسىدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر رېئاللىق بىزنى ئەندىشىگە سالىدۇ. خەلقىمىزگە ئەمەلىي نەپ بېرىشنى چەتكە قېقىش شېئىرىيەتتە دۇنياۋى سەۋىيە قوغلىشىش ۋە شان – شۆھرەت تېپىشنىڭ پايدىسى يوق.  سىزدىن سوراپ باقاي، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قانداق شائىر ؟

    ـــ مېنىڭچە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئادەتتىكىدەك شائىر، دەرىجىدىن تاشقىرى ئىنقىلابچى! ـــ مەن بۇ دېئالوگقا قاتناشماي دېگەن، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا بېرىلگەن باھا بىلەن يەنە بىر قىسىم توغرا بولمىغان قاراشلارغا قارىتا  ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغۇم كەلدى. مەن مۇنۇ ئىككى نوقتىنى سوئاللىغۇم كەلدى: بىرى، شېئىرنىڭ مەنىسىزلىككە مەنە ئاتا قىلىش مەسىلىسى. بىرىنچى نوقتىدا سىز شائىرلىق مەنىسىز دۇنياغا مەنە بېرىش پائالىيىتىدۇر، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈپسىز، ئەمما ، مېنىڭ قارىشىمچە دۇنيانى مەنىسىز دەپ قاراشنىڭ ئۆزىلا ئالدى بىلەن ئۇنىڭدا مۇئەييەن مەنە بولىشى كېرەك، دېيىشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيا مەنىسىزلىكتۇر دەپ قاراش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كاللىڭىزغا مەنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بار بولىشى كېرەك. بولمىسا مەنىسىز گەپ قىلىۋاتقان بولىسىز. ئەگەر كاللىڭىزدا بۇنداق ئۇقۇم ئاللىبۇرۇن ھازىرلانغان بولسا، ئۇ ھالدا مەنىسىزلىك مۇتلەق ياكى ساپ ئونتولوگىيىلىك ھالەت بولماستىن ئالدىنئالا بىكىتىۋالغان مەنە چۈشەنچىسى ئارقىلىق تەبىرلىنىدىغان، چۈشىنىلىدىغان ۋە يېڭىلىنىدىغان ئىككىلەمچى ھالەت بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئىزدەيدىغىنىڭىز، سىز ئاللىبۇرۇن مەنە دەپ قارايدىغان ھالەتنى مەنىسىزلىك جەريانى ئارقىلىق ئىزدەش سەپىرى بولىدۇ. يەنى ئاخىرى بېرىپ، مەنە ھەققىدىكى نارسىستىك سەنئەتكار بولىسىز. يەنە بىر نوقتىدىن ئالغاندا، شۇ نەرسىنى نوقتىئىينەزىرىڭىزدىن ھەرگىز يوق قىلالمايسىزكى، دۇنيانى مەنىسىزلىك دەپ قاراشنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭغا مەنە يۈكلەشتىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى سىز مەنىسىزلىك ھەققىدە ھۆكۈملەش ئېلىپ بارغان ئىكەنسىز، دەل ئاشۇ دەقىقىدە مەنىسىزلىككە مەنە ئاتا قىلىۋاتقان، ئۇنى تەبىرلەۋاتقان، ئۇنى ھۆكۈملەۋاتقان بولىسىز. يەنى، مەنىسىزلىك ھەققىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئۆزىلا دەل مەنە ھەققىدىكى، تېخىمۇ توغرىراقى مەنە يۈكلەنگەن ھۆكۈمدۇر. بۇ خۇددى پەلسەپىدىكى سكېپتىستلار ( گۇمانلانغۇچىلار ) نىڭ « ھەقىقەت مەۋجۇد ئەمەس » دېگەن زىت ھۆكۈمىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. سكېپتىستلارنىڭ بۇ ئىنكارى ھۆكۈمى شۇنىڭ ئۈچۈن زىتلىققا تولغانكى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن خاتاكى، ھەقىقەتنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرىدىكى ھۆكۈمنىڭ ھەقىقىيلىقىنىمۇ بىر يوللا ئىنكار قىلىدۇ. شۇڭا، خۇددى مەنىسىزلىكنى سۆزلەش ئۈچۈن مەنىگە مۇھتاج بولغاندەك، مەنىنى سۆزلەش ئۈچۈنمۇ مەنىسىزلىككە مۇھتاج بولىمىز. بۇ بىزگە يەھۇدىي پەيلاسوپ سپنوزانىڭ « ھەرقانداق مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىنكارلاشتۇرۇشتۇر » دېگەن ھۆكۈمىنى ئەسلىتىدۇ، مېنىڭ قارىشىمچە يۇقىرىقى ھۆكۈمنىڭ ئەكسى ( « ھەرقانداق ئىنكارلاش مۇئەييەنلەشتۈرۈشتۇر » ) مۇ توغرىدۇر. مەنىسىزلىك بىلەن مەنە مۇشۇ نوقتىدىن ئالغاندا، دېئالىكتىكىلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇپ بىر- بىرىنى ھەم شەرت قىلىدۇ ھەم ئىنكارلاپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، شائىر قايسى مەنىنى قايسى مەنىسىزلىكتىن قايسى مۇددىئادا ئىزدەيدۇ؟ يەنە بىرى، شائىرنىڭ كىملىك مەسىلىسى. مەن سىزنىڭ كىملىك دەپ نېمىنى كۆزدە تۇتىۋاتقانلىقىڭىزنى راستىنلا ئاڭقىرالمىدىم. قارىغاندا، ئىنساننىڭ مىللىي، دىننىي ۋە ئىجدىمائىي توپقا تەۋە بولۇشتەك ھالىتى ۋە ئالاھىدىلىكلىكىدىن ھالقىغان مەڭگۈلۈك تېمىلارنى ــ  ئىنساننىڭ ئورتاق تەقدىرى، پاجىئەسى، ئۈمۈدى ، قورقۇنىشى ۋە تراگېدىيىسىنى ئىپادىلەشنى شائىرنىڭ كىملىكىگە ئۆلچەم قىلغاندەك قىلىسىز. ئەمما مېنى بۇ يەردە قايمۇقتۇرىۋاتقان مەسىلە شۇكى، سىز كۆزدە تۇتىۋاتقان بۇ ئۆلچەم مەلۇم شائىرنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىلارنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ھېس – تۇيغۇلىرىدىن ھالقىپ تۇرۇپ ئىپادىلەش ئارقىلىق دۇنياۋى ئىتراپقا ئېرىشىشى ۋە تونۇلۇشىنى كۆزدە تۇتىۋاتامدۇ ياكى شائىرنىڭ ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى (ئۆزى تەۋە بولغان دىننىي ، مىللىي ۋە ئىجدىمائىي كوللىكتىپنىڭ ئېڭىنى ۋە يوشۇرۇن ئېڭىنى ئىپادىلىشىنى ) ئەسىرى ئارقىلىق ئىپادىلەشنى كۆزدە تۇتىۋاتامدۇ؟ ئەگەر شائىرنىڭ كىملىكى بىرىنچى ئامىلنى كۆزدە تۇتسا، ئۇنداقتا بۇ شائىرنىڭ كىملىك توغرىسىدا ئەمەس بەلكى شائىرنىڭ ئەسىرىدىكى ئىنسانلىقنىڭ ئىپادىلىنىشىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكى مەسىلىسى بولىدۇ؛ ئەگەر بۇ ئىككىنچى ئامىلنى كۆزدە تۇتسا شائىرنىڭ كىملىكى بەكلا تار دائىرىدە قارالغان بولىدۇ. ئەگەر شائىرنى بۇ ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەك، شائىر ئۆز كىملىكىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، شەخسىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. ئۇ ھالدا شائىرنىڭ كىملىكى دەل ئۇنىڭ كىملىكسىزلىكى بولىشى ياكى ئۇنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى كېرەك. چۈنكى، شائىر ئۆز توپىدىن ھالقىپ ھېچقانداق توپنى ئىتراپ قىلمايدىغان ياكى ھېچقانداق توپنىڭ ئېڭىنىڭ يەككە ھالەتتە ئىپادىلىنىشىنى رەت قىلىدىغان نوپۇسسىزلىققا تەۋە بولىدۇ. بۇ سىز دەۋاتقان شائىرنىڭ كىملىكىمۇ ياكى شائىرنىڭ رولان بارت دېگەن « ئاپتۇرنىڭ ئۆلۈمى » مۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەڭگۈلۈك تېمىلارنىڭ ئاڭسىز ياكى ئاڭلىق ئىپادىلىنىشى ئاشۇ شائىر تەۋە مىللەتنىڭ كوللىكتىپ يوشۇرۇن ئېڭىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ كەتكەن بولمايدۇ. ئۇلار نۇرغۇن نوقتىلاردا ئۈستىمۇ – ئۈست چۈشىدۇ. بەزى نوقتىلاردا بىر – بىرسىنى شەرت قىلىدۇ، بەزى نوقتىلاردا بىر – بىرسىنى چەتكە قاقىدۇ. مىللىيلىكسىز دۇنياۋىيلىكنى قىياس قىلالمىغىنىمىزدەك، دۇنياۋىيلىقسىز مىللىيلىكنىمۇ  قىياس قىلالمايمىز. بۇلارنى بىر – بىرىدىن تۈپتىن ئايرىۋېتىش مېتودولوگىيە جەھەتتىكى خاتالىق بولىدۇ. دوستويېۋىسكى ئېيتقان رۇس روھىيىتىنىڭ سىموۋۇلى بولغان پۇشكىن ئالدى بىلەن رۇسلارنىڭ روھىيىتىنى يازغانكى، قانداقتۇر ئابىستىراكىت ئىنسان تەقدىرىنى ھەم روھىيىتىنى يازغان ئەمەس. ئۇنىڭ رۇس روھىيىتىنىڭ تىرەنلىرىگە چۆكىشى ئۇنى ئىنسانىيلىقنىڭ يۈرىكىگە ئېلىپ بارغان، ئۇ ئاندىن سىز تىلغا ئېلىۋاتقان ‹ كىملىك › كە ئىگە بولغان. ئەمدى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن ناۋائىينىڭ كىملىكى توغرىسىدا سىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي: بىرىنچى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇنجى بولۇپ « ئۇيغۇر » دېگەن مىللەت نامىنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىپ قويغۇچىدۇر. ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بىر مىللەتلىكىنى ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ نامغا يىغىنچاقلاش ئۇيغۇرلارنى « قەشقەرلىق » ، « غۇلجىلىق » ، « ئاقسۇلۇق » ، « ئاتۇشلۇق » دەپ يەر ناملىرى بىلەن ئىپادىلەشتەك ئىپتىدائىيلىقتىن خالاس بولغان مۇھىم ۋەقەدۇر. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىگە ئىلگىرىكى شائىرلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتنىڭ نامى ــ « تۇرپانى » نى تەخەللۇس قىلماستىن دەل مۇشۇ رايۇنلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان مىللىي كىملىك نامى ــ « ئۇيغۇر » نى تەخەللۇس قىلىپ قوللاندى. تارقاق رايۇن كىملىكىدىن مەركەزلىشىشىكە يۈزلەنگەن مىللىي كىملىكنى نامايەن قىلىش ۋە ئاشۇ كىملىكنىڭ غورۇرى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلاش ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئاڭلىق ۋە ئەركىن تاللىشى بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئۇنىڭ كىملىكىنىڭ يادروسىدۇر. شۇڭا، ئۇ كىملىككە ئىگە شائىردۇر. بۇنىڭدىن شۇنداق يەكۈن چىقىدۇكى، كىملىك ئۆزگە تەرىپىدىن تونۇلىدىغان نەرسە بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۆزلۈك ئەركىن تاللايدىغانمۇ نەرسىدۇر. ئىككىنچى، ئەمدى سىز ئېيتقان كىملىكى بار شائىر ناۋائىيغا قاراپ باقايلى، ئالدى بىلەن شۇ نەرسە كۆزگە چېلىقۇدىكى، ناۋائىينى كىملىكى بار ئۇيغۇر شائىرى دەپ قاراشنىڭ ئۆزىلا، سىزنىڭ كىملىك ئۆلچىمىڭىزگە سالغاندا، مەنتىقىسىزلىقتۇر. چۈنكى، ناۋائىي ھەقىقىي كىملىككە ئىگە بولىشى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلۇقتىن ھالقىغان بولىشى كېرەك. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇ كىملىككە ئەمەس كىملىكسىزلىككە ئېرىشىدۇ؛ ئەگەر ئۇ كىملىكى بار ئۇيغۇر شائىرى دەپ قارىلىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىقى ئۇنىڭ مىللىي كىملىكى سۈپىتىدە، مەيلى يوشۇرۇن مەيلى ئاشكارە بولسۇن، قارىلىۋاتقان بولىدۇ. دېمەك، بىز ھازىر كىملىكنىڭ مىللىيلىكى بىلەن دۇنياۋىيلىقى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدۇق. بۇ توقۇنۇش ئۆز نۆۋىتىدە شائىرنىڭ شەخسىسىز بولىشى بىلەن مۇئەييەن شەخس بولىشى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش شەكلىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر ناۋائىي تۈركلۈك كىملىكىدە تۇرۇپ ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان بولسا ( بۇ نوقتا ئۇنىڭ تۈرك تىلىنىڭ ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدىن قېلىشىمايدىغان سەلتەنىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سەمەرىيىلىك ئەمگەكلىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ ) ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۇيغۇرلۇق كىملىكىدە تۇرۇپ ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدۇ. ئابدۇخالىق شۇنى بۇ يەردە مۇنازىرە قىلىپ تۇرغان بىزدىنمۇ ياخشى چۈشىنىدىكى، دۇنياۋى شائىرلارنىڭ قاتارىدا تىزىلىپ كاتتا ‹ كىملىك › كە ئىگە بولۇش ئەمەس بەلكى ئەتراپىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىشنى مۇددىئا قىلغان. ئەلۋەتتە شېئىرىي قىممەت جەھەتتىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرى دۇنياۋى تەسىرقوزغىيالمايدۇ، ئەرەب تىلى ياكى ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنسا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بازار تاپالماسلىقى مۇمكىن.

    ـــ نېتچى : « خۇدا ئۆلۈشتىن بۇرۇن سەۋەب – نەتىجە قانۇنىيىتىنى بىزگە  ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قالدۇردى » دېگەن ئىكەن. سىزنىڭ مەنىسىزلىك ھەققىدىكى يۇقارقى ئىزاھاتىڭىزنى ‹ سەۋەب – نەتىجە قانۇنىيىتى › بويىچە چۈشەنگەندىلا ئاندىن مەنىلىك بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقارقى نەقىلدىكى ‹ خۇدانىڭ ئۆلۈمى › دېگەن چۈشەنچىمۇ سىزنىڭ مېتودىڭىز بويىچە ئىزاھلىغاندا تامامەن مەنىسىز بىر ئىبارىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن. چۈنكى، خۇدانىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى بولغان ‹ ئەبەدىيلىك › ئۇقۇمى ‹ خۇدا ئۆلدى › دېگەن بۇ ھۆكۈمدىكى « زىتلىق » نى ئاشكارىلاپ قويىدىكەن. ئەمدى، شائىرنىڭ كىملىكى مەسىلىسىگە كەلسەك، سىز مېنىڭ كىملىك دەپ نېمىنى كۆزدە تۇتىۋاتقانلىقىمنى راستىنلا ئاڭقىرالماپسىز. سىز دەۋاتقان كىملىك شەخسىنىڭ مىللىي كىملىكىنى بىلدۈرسە بىلدۈرىدۇكى، ھەرگىزمۇ شەخسىنىڭ شېئىرىي ( شائىرلىق ) كىملىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. مەن دەۋاتقان كىملىك شائىر تەرىپىدىن دېيىلىۋاتقان دېيىلمىنىڭ ( شەخسى بولمىغان ) تەبىئىتى ( خارەكتىرى ) گە قارىتىلغان بولسا، سىز دەۋاتقان كىملىك قانداقتۇر شائىرنىڭ مىللىي تەۋەلىكىگە ئىگە بىر شەخس سۈپىتىدىكى دېيىلمىنى بىلدۈرىدىكەن. مېنىڭ بۇ ھەقتە نېمە دەۋاتقانلىقىمنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش ئۈچۈن مىلادىيە 10- ئەسىردە ياشىغان ئەرەب مۇتەپەككۇرى، شائىرى ئەننىففەرىينىڭ « دېيىلمەيدىغاننى كۆرمىسەڭ دېيىلىدىغاندا چېچىلىپ كېتىسەن » دېگەن ئىبارىسىنى نەقىل ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مەن دەۋاتقان دېيىلمە يۇقارقى نەقىلدىكى ‹ دېيىلمەيدىغان › دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. مانا مۇشۇ ‹ دېيىلمەيدىغان دېيىلمە › بىراۋنىڭ شائىر بولۇپ ــ بولمايدىغانلىقىنىڭ ئۆلچىمىدۇر. يەنى، ئۇنىڭ شائىرلىق ( شېئىرىي ) كىملىكىدۇر. مانا مۇشۇ كىملىك ئۇيغۇر شائىرىنىڭ دۇنياۋىيلىقىغا كاپالەتلىك قىلغۇچى ئاساسلىق ئامىل. ئۇنىڭ مىللىيلىكىگە بولسا ئۇيغۇر تىلى كاپالەتلىك قىلىدۇ. قاراڭ، ‹ ھاياجانلىق ئاڭ › نى خاتار چۈشىنىۋالغاندەك قىلىسىز. مەن مۇشۇ تېمىنىڭ ئۆزىدە بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە توختىلىپ : « بۇنداق ئاڭنى يېتىلدۈرۈشتە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە تەقدىرى ھەققىدىكى تەشۋىش ئاساسلىق رول ئوينايدۇ » دېگەن ئىدىم. سىزنىڭچە، مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن روزى سايىتتەك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن بىز ئالىدىغان نەپ مىللىي كىملىكىمىز ۋە تەقدىرىمىز ھەققىدىكى تەشۋىش ۋە ئۈمۈد بولماي نېمە؟ شۇنداقلا، بىزنى ھاياجانغا سالىدىغان نەرسە دەل مۇشۇ تەشۋىش ۋە ئۈمۈد ئەمەسمۇ ؟! بۇ شائىرلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋىجدانىغا ۋەكىللىك قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىز چوقۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. چۈنكى، مىللىي ۋىجدان بىز ئۈچۈن مۇقەددەس نەرسە !

    ـــ  بىرىنچى، « مەنىسىزلىك » ھەققىدىكى يازمامنى « مېنىڭ مەنىسىزلىك ھەققىدىكى ئىزاھاتىم » دېگەندىن كۆرە سىزنىڭ مەنىسىزلىك ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزنىڭ مەنىسىز ئاقىۋەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. سىزنىڭ مەنىسىزلىك ھەققىدىكى نوقتىئىينەزىرىڭىزدە ئەجەللىك مەنتىقىسىزلىق تۆۋەندىكى ئىككى نوقتىدا كۆرۈلىدۇ : ئۇنىڭ بىرى، سىز شائىرنىڭ چىقىش نوقتىسى ۋە قايتىش يولى مەنىسىزلىك بىلەن تۈگەللىنىدۇ دەپ قارايسىزيۇ، يەنە شائىرنىڭ كىملىكىنى دۇنياۋىيلىقتىن ئىبارەت مەنە ئارقىلىق تەبىرلىمەكچى بولىسىز. مەنىسىزلىكنى ئىزدىگەن شائىر نېمىشقا، ئالدى بىلەن، مۇئەييەن مەنە يۈكلەنگەن كىملىككە ( مەيلى قانداق شەكىلدىكى كىملىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) ئېرىشىشى كېرەك؟ دۇنياۋى كىملىككە ئېرىشىشنىڭ ئۆزىلا مەنىسىزلىكنى ئىنكار قىلىپ مەنىگە ئۆزىنى ئاتاش بولماي نېمە؟ ئۇنىڭ يەنە بىرى، سىز شېئىردىكى مەنىسىزلىكنى ھەم دۇنيانىڭ مەنىسىزلىكىنى تەرغىپ قىلىپ تۇرۇپ، يەنە شېئىرىيەت تەھلىللىرىڭىزدە مەنىنى ئىزدەپ تېپىشقا ئەڭ كۈچەيسىز. خۇددى ئۆزىڭىز ئويلىۋالغان مەنىسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغان ۋەھىمىدىن جان – جەھلىڭىز بىلەن قېچىپ قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنىۋاتقاندەك. مەسىلەن، ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئاننىڭ « ئالاھىدە قورقۇنچ » دېگەن شېئىرىغا ئېلىپ بارغان تەھلىلىڭىزدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن « قەلب » ، « باش » ۋە « ؟ » ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى « شېئىر ھىسسىياتتىن باشلىنىپ، ئەقىلدىن ئۆتۈپ تۇيغۇدا ئاخىرلىشىدۇ » دا پاراللېللاشتۇرۇش سىزنىڭ شېئىردىكى شائىر كونترول قىلالمايدىغان ياكى كونترول قىلىشتىن ۋاز كېچىپ ئۆزىنىڭ ئىختىيارىلىقىنى بەرگەن غەيرى ئەقلى ئامىللارنىمۇ ئىنتايىن « پۇختا » ئەقلى قۇرۇلمىغا كىرگۈزۈشتەك تۇرمۇشىڭىزنى ئاشكارىلايدۇ. سىز بۇ شېئىردىن ئاللىقانداق بىر مەنىسىزلىكنى ئەمەس بەلكى بىر  ( مۇنتىزم ) ئەقلىيەتنى ئىزدەۋاتىسىز. ( بۇ يەردە شېئىر مەنىسىزلىكنى ئىزدەش سەپىرىدىكى يېڭى بايقالمىلار بولماستىن، بەلكى مەنىنى يوشۇرۇن ئۇچۇر شەكلىدە كىتابخانلارغا يوللاش جەريانى بولىۋاتىدۇ . ئۇ ۋاقىتتا مەنىسىزلىكنىڭ ھەممىگە قادىرلىقى ئايان بولىدۇ ) شائىر مەنىسىزلىكنىڭ ئەمەس بەلكى، مەنىنىڭ يازارمىنىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. مەنىسىزلىك شائىرنىڭ مەنىنى يوشۇرۇشتىكى نىقابىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. ئىككىنچى، « خۇدا ئۆلدى » دېگەن بۇ سۆز بىرىكمىسىنىڭ نۇرغۇن مەنىسى بار. خۇددى، نېتچى ئۆزى دېگەندەك، ھەقىقەت مۇتلەق بولماستىن بەلكى شەرھ بولسا، سىزنىڭ يۇقىرىدىكى شەرھىڭىز ۋە مېنىڭ شەرھىممۇ، ھەتتا نېتچىنىڭ ئۆزىنىڭ شەرھىسىمۇ ھەقىقەتنىڭ بىرلا قىسمىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، خالاس. قارىماققا سىز مەنىسىزلىكنى « خۇدا ئۆلدى » دىن كىيىنكى جەسەت كۆلى دەپ قارايدىغاندەك قىلىسىز. ئەمما، نېتچى « خۇدا ئۆلدى » دەپلا، بىزگە بۇ ئۆلۈمدىن كىيىن قالغان، تولدۇرغۇسىز ۋە قورقۇنچلۇق ۋاكوئومنى قالدۇرۇپ كەتكىنى يوق، بەلكى ئۇ ھالقىما ئادەمنى ئەنئەنىۋى قىممەت ئاساسى دەپ قارالغان « خۇدانىڭ ئۆلۈمى » دىن كىيىن قىممەت بەلگىلىگۈچى بولىدۇ دەپ قارىغان. تەكىتلەيمەنكى، بۇ پەقەت كۆپ خىل مۇمكىنچىلىكتىكى بىرلا شەرھ خالاس. ھەتتا ئاتىئېزملىق مەۋجۇدىيەتچى دەپ قارالغان سارتېرمۇ ئۆزىنىڭ « مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ھىيومانېزمدۇر » دېگەن ئەسىرىدە خۇدانىڭ « ئۆلگەنلىكى » گە ئىنتايىن ئىھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ بۇ ئۆلۈمنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ يەنىلا بىر خىل ھالقىما قىممەت ئاساسىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ( گەرچە، خۇدا ئەمدى بۇنداق ئاساس بولمايدىغان بولسىمۇ ) ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ نەرسە ئېنىقكى، « خۇدانىڭ ئۆلۈمى » دىن قېپقالىدىغان ئاسارەتلەرنىڭ ( مەنىسىزلىكمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) ئاقىۋىتى نېھلىزمدا ( مۇتلەق قىممەتنىڭ يوقۇلۇش سەۋەبلىك ھەممە نەرسىنىڭ قىممىتىنىڭ نىسبىيلىككە ئايلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئاخىرى بېرىپ ھېچقانداق قىممەتنىڭ يەنە بىر قىممەتتىن ئالاھىدە بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بىر قىممەتنى تاللاپ يەنە بىر قىممەتنى ئىنكار قىلىشنىڭ مەنىسىزلىكىنى تەرغىپ قىلىدۇ ) توختايدۇ.

    ــ سىزنىڭ مەنىسىزلىك ھەققىدىكى بايانلىرىڭىزنىڭ ئىنتايىن يۈزەلىكى ۋە قايىل قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى شۇكى، سىز غەرب پەلسەپىسىدىكى بۇ ئاتالغۇنى چوڭقۇر چۈشىنىش بىلەن ئەمەس، بەلكى بىر خىل شوئار شەكلىدە قۇبۇل قىلىۋابسىز. ئەگەر بۇ ئۇقۇم يەڭگىلتەكلىك بىلەن قۇبۇل قىلىنسا ، سىز ئەرزان نېھلىزمنىڭ تەرغىباتچىسىغا ئايلىنىپ قالمىغان تەقدىردىمۇ، قەلبىڭىزدىكى كۈچلۈك ئەقلىيلىقنى تەكىتلەش خاھىشى بىلەن ئۇنى ئىنكارلاپ ياكى مەسخىرە قىلىپ تۇرىدىغان قوپقۇرۇق مەنىسىزلىكنىڭ كېلىشتۈرگۈسىز زىددىيىتىنىڭ ئارىسىدا تېنەپ يۈرىسىز. ئەلۋەتتە، شائىر بولۇش سۈپىتىڭىزدە بۇ خىل زىددىيەت ئاجايىب – غارايىب تەسەۋۋۇرلار ۋە قاراشلار بىلەن تەمىن ئېتىشى مۇمكىن، ئەمما باشقا ئادەم ئۈچۈن بۇ بىر خىل ئىدىيىۋى زۇلۇمدۇر ( ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ بىر – بىرى بىلەن مەڭگۈ كېلىشەلمەيدىغان قوش قۇتۇبلۇق ئىدىيىسىنى كېلىشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ).

    ـ مېنىڭ قارىشىمچە سىزنىڭ شائىرنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى نۇقتىئىينەزىرىڭىزدە تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر بار : بىرىنچى، سىزنىڭ قارىشىڭىزدا شائىرنىڭ شەخسى كىملىكى، شېئىردىكى كىملىكى بىلەن باشقىلار تەرىپىدىن ( خۇددى سىزدەك ) قانداق كىملىكتەك قارىلىشىدەك نوقتىلار بىلەن شائىرنىڭ ئۆزلۈكى، ئۇنىڭ شېئىردا ئىپادىلىنىشى ۋە بۇ ئۆزلۈكنىڭ ئۆزگە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن. ئىككىنچىسى، شۇڭا سىز شائىرنىڭ كىملىكىنى « شائىر تەرىپىدىن دېيىلىۋاتقان دېيىلمىنىڭ شەخسىسىز خارەكتېرىنى » كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايسىز. ئەگەر شائىر شەخسىسىز دېيىلمىنى دېيىش ئارقىلىق كىملىككە ئېرىشىدۇ دەپ قارالسا، ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى ساپ شەخسسىزلىك بولىدۇ

    ھەم شۇنداق بولىشى كېرەك. ( شەخسسىزلىك بولسا دەل كىملىكنى رەت قىلىدىغان ئۇقۇمدۇر.) مەن ئەلۋەتتە ھەقىقىي شائىرنىڭ ئۆزىنىڭ   شەخسى ھېس – تۇيغۇلىرىدىن ۋاز كېچىپ، شەخسسىز تېمىلارغا ئۆزىنى بېغىشلىغان شائىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن ( ئەمما ئەستىن چىقمىسۇنكى، دېيىلمىنىڭ شەخسلىك بولمىغان تەبىئىتى ئۇنىڭ ئەپلاتونچە ئىدىيە ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى بىلدۈرمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ سىز مەسخىرە قىلىۋاتقان « ئەبەدىي » خارەكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سىزنىڭ دۇنياۋىيلىق دېگىنىڭىز بىلەن ئەبەدىيلىكنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار چۈنكى، ئۇ ئەبەدىي شەخسسىزلىككە خىزمەت قىلىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. ) شۇنىسى، سىزنىڭ قارىشىڭىزنىڭ مەنتىقى ئاقىۋىتى شۇكى، شەخسسىز دېيىلمىلەرنى دېيىشكە ئۆزىنى ئاتاش ئۆزلۈكنى ئىنكار قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ( چۈنكى، بۇ خىل دېيىلمىلەرنى دېيىش ئۈچۈن، شائىر ئۆزىنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك، خۇددى توماس ئېلىئوت ۋە كولېرىجلار ئاللىبۇرۇن دەپ ئۆتكەندەك ) ئۇنداقتا، ( شېئىرىي ) ئۆزلۈك شەخسسىزلىككە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكىنى يوقاتسا، بۇ يەردە يەنە قانداق كىملىك بولىشى مۇمكىن؟ شەخسسىز كىملىك ؟ ئۈچىنچى، يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، سىزنىڭ شائىرنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى بايانلىرىڭىز ھەرگىزمۇ شائىر ئىگە بولىشى كېرەك بولغان كىملىك ھەققىدىكى بايانلار ئەمەس، بەلكى پەلسەپىۋى نوقتىدىن ئالغاندا، شائىر بىلەن مەڭگۈلۈك ئىدىيىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى، تېخىمۇ مۇھىمى، مەڭگۈلۈك تېمىلارنىڭ ئۆزلىرىنى شائىردىن ئىبارەت پرىزما ئارقىلىق نامايەن قىلىشى ياكى شائىرنىڭ شەخسسىزلىك ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈككە ئېرىشىشى ئۈچۈن شەخسىيىتىدىن ۋاز كېچىشى ھەققىدىكى بايانلاردۇر. شۇڭا بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ نەزىرىمدە كىملىك مەسىلىسى بولمايدۇ؛ ئەگەر بولىدۇ دەپ قارالسا، بۇ ئۇقۇم خاتالىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. تۆتىنچى، مەن ھەرگىزمۇ شائىرنىڭ مىللەتچىلىكىنى ياكى دۇنياۋىيلىقىنى  شائىرنىڭ كىملىكى دەپ قارىمايمەن. چۈنكى، ئالدى بىلەن مەن شائىرنىڭ كىملىكىنى سىزنىڭ ئۇقۇملىرىڭىز، مىللەتچىلىك ئۇقۇملىرى ۋە دۇنياۋىيلىق ئۇقۇملىرى بىلەن چۈشەنمەيمەن. مېنىڭ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شائىرلىقىدا ئەكس ئەتكەن كوللېكتىپ ئۇيغۇر كىملىكىنى تەكىتلىشىم ئالدى بىلەن شائىرنىڭ ئۆزىنىڭ ھەم ئۆزى تەۋە كوللىكتىپنىڭ كىملىكىنى شېئىردا ئاڭلىق ئىپادىلەش مۇمكىنچىلىكىنىڭ شائىر بىلەن كىملىك مەسىلىسىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىمدۇر. مانا بۇ كوللىكتىپ كىملىك مەسىلىسى بىلەن شېئىرنىڭ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىشىدۇر.

    « كىملىك » ئىنتايىن مۇرەككەپ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ ۋە بەس – مۇنازىرىلىق بىر تېما. بۇ تېمىغا تېرەن زىددىيەت ئاللىبۇرۇن سىڭىپ كەتكەن. يەنى بۇ، چەكسىز كەتكەن ۋە پاسكالچە ئېيتقاندا « مەڭگۈلۈك تىمتاسلىقى » بىلەن ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان كائىناتتا ئىنسانلىق كىملىكىدە ياشاۋاتقان ئادەمنىڭ يەنە ئۆزىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىنى ئىزدەش جەريانىدۇر. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇشبۇ كىملىكنى بىلىشكە بولغان ئىشتىياق كۈچەيگەنسېرى، ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان قايمۇقۇشمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ. كىلاسسىك بولۇشىغا قارىماي، بۇ تېما پەقەت 16- ئەسىر غەرب پەلسەپىسىدە مۇھىم بىر تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇ تېما ھېلىھەم ئانالېكتىكىلىق پەلسەپە ئېقىمىنىڭ ئەڭ قىززىق تېمىلىرىنىڭ بىرسىدۇر. بۇ تېما ھەققىدە توختالمىغان غەرب پەيلاسوپلىرى ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئەمما ھېچكىمنىڭ قارىشى بۇ ساھەدە ھاكىممۇتلەق بولالىغىنى يوق. بۇ ھەقتە بۆسۈش خارەكتېرلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان پەيلاسوپلار ئۇشبۇ مەسىلىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەردى. بۇ ھەقتىكى غەرب پەلسەپە تارىخىنى قىسقىچە كۆرۈپ ئۆتسەكلا ئۇشبۇ ئۇقۇم ھەققىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇشبۇ تېمىمىزنىڭمۇ ئىزىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. جون لوك: قانداقتۇر دېكارتچە سوبىستانتسىيە ( ئۆز – ئۆزىدىن يېتەرلىك بولغان ۋە ئۆزگەرمەس شەيئى ) ئەمەس، بەلكى ئەسلىمە كىملىكنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئامىلدۇر. ( چۈنكى، ئەسلىمە ئاڭنىڭ بىردەكلىكى ۋە ئوخشاشلىقىنى ساقلاپ، كىملىكنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ )؛ توماس رېد : ئەسلىمە ئۇنتۇلۇشچان خارەكتېرگە ئىگە بولغاچقا كىملىكنىڭ ئۆلچىمى بولالمايدۇ. داۋېد ھىيوم: ئىنساننىڭ ئېڭى تىياتىرغا ئوخشايدۇ... ئۆزلۈك دېگەن پەقەت بىر – بىرىگە باغلانغان سەزگۈلەرنىڭ بىرىكمىسىدۇر. بۇ يەردە ئۆزگەرمەس ياكى ئالدىنئالا مەۋجۇد بولغان « مەن » بولمايدۇ. « مەن » سەزگۈسى ئىنساننىڭ ئېڭىدىكى ساناقسىز سەزگۈلەرنىڭ بىرىلا خالاس، شۇڭا ئۆزگەرمەس ۋە تۇراقلىق كىملىك بولمايدۇ. سېپنوزا : مۇستەقىل ۋە يەككە ھالەتتىكى « ئۆزلۈك » مەۋجۇد ئەمەس، ئۇ پەقەت بىردىنبىر ۋە مۇتلەق سوبىستانتسىيىنىڭ بىر خىل ئۆزگەرمىسىدۇر، كىملىك خىيالى تۇيغۇدۇر. كانت : بۇ يەردە ھالقىما « مەن » ئالدىنئالا مەۋجۇد بولۇپ، تۈرلۈك سەزگۈلەرنى بىر يەرگە يىغىدۇ، ئويۇشتۇرىدۇ. نېتچى : ئۆزلۈك قارمۇ – قارشىلىقنىڭ بىرلىكىدۇر. فىروئىد : سوبىكتىپلىق ئىچىدىن بۆلۈنگەن ۋە توقۇنۇشقا تولغان سوبىكتىپلىقتۇر، ئۇ ئاڭسىز ۋە بېىسىۋېلىنغان جىنسىي ئىستەكلەرنىڭ پارەكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھېيدېگىر : ئۆزلۈك قانداقتۇر سوبىكتىپ ئاڭ ياكى مەن بولماستىن بەلكى يوقلۇققا ــ ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن بىر خىل مۇمكىنچىلىك سۈپىتىدىكى ھازىرلىقى بولغان مەۋجۇدىيەتتۇر. لېۋىناس : سوبىكتىپ بويسۇنۇش دېمەكتۇر، يەنى « مەن » نىڭ كۆكتىن ياكى « ئۇ تەرەپتىن » كېلىدىغان ئۆزگىگە بويسۇنۇشى ۋە ئۇنىڭغا شەرتسىز مەسئۇل بولىشى دېمەكتۇر. دېننىت : كاللىمىزدا ھىيوم ئېيتقان تىياتىرنى كۆرۈپ ئولتۇرىدىغان ئۆزگەرمەس بىر كىم ياكى مەن يوق.

    ـ شائىرنىڭ شېئىرىي كىملىكىنى جاكارلاشقا شائىرنىڭ شەخسى (مىللىي ) كىملىكىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەمدۇ ياكى  شائىرنىڭ كىملىكى بىلەن ئۇنىڭ شەخسى ( مىللىي ) كىملىكى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت بولمامدۇ؟

    ــ  شائىرنىڭ مۇنداق ئۈچ كىملىكى بار:

    بىرىنچى، شەخسى كىملىك ( مىللىي كىملىككە نىسبەتەن ئىندىۋىدوئاللىق، شائىرلىق كىملىكىگە نىسبەتەن ئۆزگىچىلىك دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ ) .

     ئىككىنچى، مىللىي كىملىك

    ئۈچىنچى، شائىرلىق كىملىكى

    ئالدىنقى ئىككىسى شائىرنىڭ ئادەملىكىگە، كىيىنكىسى شائىرلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئۈچ كىملىكنىڭ ھەربىرى ‹ ئاپتونومىيە ھوقۇقى › غا ئىگە بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. يەنى، بۇ كىملىكلەرنىڭ بىر – بىرسىگە تاجاۋۇز قىلىش، بىر – بىرسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەش ھەققى يوق. بىراق، شائىرلىق كىملىكىنىڭ ئورنى بەزىدە شەخسى كىملىك تەرىپىدىن، بەزىدە مىللىي كىملىك تەرىپىدىن ئىگىلىنىدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ. بىرىنچى ھالەتتە شېئىردا دېيىلىدىغىنى شەخسى خاھىش ( شەخسىنىڭ ھىسسىياتى ۋە ئوي – پىكرى ) بولغان بولسا، ئىككىنچى ھالەتتىكىسى مىللىي خاھىش ( مىللەتنىڭ ۋىجدانى ۋە كوللىكتىپ يوشۇرۇن ئېڭى ) بولغان بولىدۇ. بۇنداق چاغلاردا شېئىرنىڭ ئىستىتىكىلىقى غايىب بولۇپ، ئۇنىڭ ئىستىلىستىكىلىقى ۋە دېداكتىكىلىقى پەيدا بولىدۇ. شائىرلىق كىملىك، مۇنداقچە ئېيتقاندا، شەخسىنىڭ ھىسىسياتى ۋە ئوي – پىكرى بىلەن مىللەتنىڭ ۋىجدانى ۋە كوللىكتىپ يوشۇرۇن ئېڭىنىڭ ئۈچىنچى يىراقلىقىدىدۇر.

     

      



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : نۇربەگ , ئۇيغۇر يېڭى شېئىريىتى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-8-29 20:27:11
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 261
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证