تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hechkim
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 22
    nevsale@zoho.com

    يازما سانى : 1
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مەن قەھرىمان ئەمەس



    بىر ھېكايەم بارتى، دەۋىتەي.

    ئىككى يىللار بۇرۇن، بىر كېچىسى ئىشتىن يېنىپ ئۆيگە كېتىۋاتىمەن. ئەنگىلىيىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ بايراقلىرىدا كىيىم كىيىشىۋالغان بالىلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. 60 يىللار بۇرۇنقى مىسىر تەۋپىق خانلىقىنىڭ ئاخىرىقى شاھىنىڭ : «يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن جاھاندا بەشلا شاھ قالىدۇ: قارتىدىكى تۆت شاھ ۋە برېتانىيە شاھى» دەپ ئاھ ئۇرغانلىقىنى ئەسلەپ «بىچارە شاھ» دەپ كۈلۈپ قويدۇم.

    تۇيۇقسىز بىر ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلىنىپ قالدى.

    يول ماڭسام ئوڭ-سولغا قارىماي ئۇدۇل ئەسكەرچىسىگە كېتىۋېرىدىغان خۇيۇم بار. بالىلار سېسىق گەپ قىلىپ قويۇشىدۇ پات-پات، تونۇماي ئۆتۈپ كەتتىڭ، دەپ. ئەمدى شۇ، كۆنگەن خۇي دەڭلار. ماۋۇ جېدەلدىنمۇ يەنە شۇ بويىچە ئۆتۈپ كېتىۋىرەتتىم، بولمىدى. ۋاراڭ-چۇرۇڭلار كۈچىيىپ كەتتى. بۇرۇلۇپ قارىسام يولنىڭ ئۇ ياقىدا بىر قورۇ دەرۋازىسىدا تۆت بالا، ئۈچى بىرىنى ئورىۋالغان، جېدەللىشىۋاتاتتى. 

    «بىرگە بىر چىقىشمامسەن؟!» دەپ يامانلىغىلى بولىدىغان ئۈرۈمچى قالدىمۇ دەيسىلەر؟ قوللىرىدا پىچاق يوقكەن، ئۆزلىرى ئۇرۇشۇپ، ئۆزلىرى ئاجىراشسۇنا، دەپلا يولۇمغا ماڭدىم. ئۆتۈپ بولۇپ ئارىدا قالغان شور پېشانە مېنىڭ كۆرۈش سىزىقىمغا كەلگەندە مۇنداقلا بىر قاراپ چۆچۈپ كەتتىم، بېشىدا ياغلىق بىر قىزكەن. توختىماي بولمىدى. 

    خوش، توختاشنى توختىدۇق، ئەمدى قانداق قىلدۇق؟ ئېتىلىپلا بېرىۋېرىدىغانغا سېيىت نوچى ئەمەس-تە مەن. ئالدىرىماي ئاۋۇلارغا سەپسالدىم. ئۇلار ئۈچ، ئەڭ پاكىرىمۇ غېرىچىمدا بىر چارەك ئېگىز چىقىدۇ مەندىن. بەستلىك گۇيلار. ئارىدا قالغان قىز ئۇياق-بۇياققا قاراپ ياردەم ئىزدەيدۇ. شام ۋاقتى، يولدا ئادەم ئاز ئەمەس، بىرى توختاپ نېمە بولدى دەيدىغاندەك ئەمەس. مەنلا توختىغان چىراي، شۇڭىمۇ قىز ماڭا قارايدۇ ياردەم سورىغاندەك. بوي-تۇرقى، ئېڭىكىنىڭ ئاستىدىن چىگىۋالغان ياغلىقى بىلەن يۇرتتا قالغان سىڭلىمغا ئوخشاپ كەتتى. 

    بېرىپ ئارىلاشتىم، ئۇرۇشتۇق، تاياقنى تازا يەپ يىقىلىپ قالدىم، ئاۋۇ قىز كېلىپ باش-كۆزۈمدىكى قانلارنى سۈرتتى، ئاندىن قوپاپلا ئاۋۇ ئۈچ شۇمنى سۇۋارىسىغا ياتقۇزۇۋېتىپ، قىزنى قولتۇقلاپ كېتىۋەردىم... دېسەم يېزىپ بولۇپ ئۆزۈممۇ ئىشەنمەسلىكىم مۇمكىن. سېنارىيە يېزىۋاتمايمەن-دە. يەنە كېلىپ مەن قەھرىمان ئەمەس. ئاۋۇلار گەپ يەيدىغانغا ئوخشىمايدۇ. بارسام جېدەل ئويناپ قېلىشىمىز ئېنىق، ئۇنىڭدا ئەلۋەتتە مەن زىيان تارتىمەن...

    قىز ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، ئاۋۇلار بولسا پوپوزا-ھەيۋىلەردىن ئۆتۈپ قىزنىڭ سومكىسىنى، يانلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىغانىدى. دېمەك، قارار ۋاقتى كەلدى. يا ئىچىمدە «ۋاي ئەبلەخلەر!...» دەپ تىللاپ قويۇپ «كۆڭلۈمدە بولسىمۇ قارشى تۇردۇمغۇ، ئەڭ زەئىپ بولسىمۇ بۇ دېگەن ئىمان» دەپ يولامغا كېتىۋېرىمەن-دە يوق بولىمەن، يا بېرىپ ئارىلىشىمەن-دە بار بولىمەن. 

    يولدىن ئۆتتۈم، ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئەمما كاللام قۇرۇق، ئەمدى نېمە قىلىمەن، بىرەر پىلانىممۇ يوق، بارى شۇ غەزەپلا. ئۇلارمۇ كەلگىنىمنى كۆرۈپ، توختاپ نېمە دەيسەن دېگەندەك قاراشتى. گەپ قىلىش كېرەك.
    - سەلامۇن ئالەيكۈم ئاركاداشلار!*

    ئۇلار بىر-بىرىگە «نېمە دەۋاتىدۇ بۇ» دېگەندەك ھەيران قارىشىۋالدى. تۇرۇپ تۈركچە سۆزلەپ كەتكىنىمگە ئۆزۈم تېخىمۇ ھەيران. نېمىلا بولمىسۇن، ئەمدى توختىيالمايتتىم.
    - نې ئولۇيور بۇرادا؟**
    -...

    توۋا دەيدىغان ئىش. تۈرك بولۇۋېلىش كاللامغا زادى نەدىن كەلدى؟ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئاندىن كاللام ئىشلەشكە باشلىدى. ئاۋۇ ئۈچ جودا تېخىچە ھەيرانلىقتا. دېمەك، بۇ ئۇسۇلنى ئەلۋەتتە سىناپ بېقىش كېرەك.

    - دوستلار، ئۇيغۇر مۇسۇنۇز سىز؟***

    بۇلار ھەيرانلىقتا تۇرۇۋەرسە بولمايدۇ، گەپ قىلدۇرۇشۇم، ئىنكاس قايتۇرغۇزۇشۇم كېرەك ئىدى. شۇڭا ئۇلار چۈشەنسۇن، دەپ «ئاركاداش» نىڭ ئورنىغا «دوست»، «ئۇيگۇر» دېيىشنىڭ ئورنىغا «ئۇيغۇر» دەۋەردىم. ئىشقىلىپ تۈركچە سۆزلەۋاتقىنىمنى بىلسۇن-دە.

    - ھە، بىز ئۇيغۇر.

    جاۋاپ قايتۇردى. شۇ بىر ئېغىز گېپىدىنلا ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىغىچە بىلىپ بولدۇم. ئارىدىن بىرى «سىز تۈركمۇ؟» دەپمۇ سورىدى، دېمەك ئىشلار جايىدا. 

    ئۇيغۇر بىلەن تۈرك، قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۇق. 

    ئەمدى ئەسلى مەقسەتكە كەلدۇق. قىزغا قارىدىم. بېشىنى كۆتۈرمەي تۇراتتى. ئۇنىڭغا ۋارقىرىدىم:
    - سېن نې ياپىيورسۇن بۇرادا گېجېنىن بۇ ۋاكتىندې؟****

    قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى. ئەمدى سىلىق بىر ئاھاڭدا:
    - ھادى يۈرۈ، دوغرۇ ئەۋىنې گىت،***** - دەپ يولنى ئىشارە قىلدىم. 

    قىز قورشاۋدىن چىقتى-دە، يۈگۈرگىنىچە كېتىپ قالدى.

    مەنمۇ ماۋۇ ئاغىينىلەر بىلەن بىردەم پاراڭلىشىۋېتىپ ئۆيگە قايتتىم. بىر خىل تۆۋەن كەيپىياتتا نەچچە كۈن بۇرۇختۇرما بولۇپ يۈردۈم: ئۆگەنگەن بىر نەرسىنىغۇ ئىشلەتتىڭ، ماقۇل، لېكىنزە، ئەينى ۋاقىتتا بېرىپ ئۇيغۇرچە گەپ قىلسام، نېمىلا دېسەم ئۇرۇشۇپ قالاتتۇق-ھە؟ شۇ چاغدا نېمىشقا بىرەرسى «نېمە دەيدۇ ماۋۇ، تۈرك بولساڭ ئۆزۈڭگە، نېرى تۇرەۋە ئاداش» دېمىدى؟...


    --------------------------

    * ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!

    ** نېمە ئىش بولدى بۇ يەردە؟

    *** ئۇيغۇرمۇ سىلەر دوستلار؟

    **** بۇنچە كېچىدە ساڭا نېمە بار بۇ يەردە؟

    ***** يۈر، ئۇدۇل ئۆيۈڭگە كەت



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۇيغۇر , تۈرك , ھېكايە , ئۈرۈمچى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-8-28 19:48:50
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 231
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证