غەزەللەر
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
1
ئىشقى-سەۋدا چۈشتى باشىمگە، نىتەي؟
غەملىرىم ئايلاندى ئاشىمگە، نېتەي؟
ھەق دېسەم، جان يىغلىدى تەن غارىدا،
تاشتى تارىم تامچە ياشىمگە، نېتەي؟
شەيتىنىم ئانىي تېپىشنىڭ قەستىدە،
كۆز ئۈچۈن سان قويدى قاشىمگە، نىتەي؟
مۇڭدىشارغا يوق مۇھەببەت ئەھلى ھەم،
كىم ھېساب سەنسىز قاياشىمگە، نېتەي؟
ۋەسلىدىن ھېجرانى ئارتۇق ھەر زامان،
يا ئامال يوق باغرىتاشىمگە، نېتەي؟
2
تا بۇ دەم بولماپتىمەن ھېچ رەنجى ئاپەتتىن نېرى،
خۇدپەرەست ھەم بۇدپەرەستىن، ھەم سىيابەتتىن نېرى.
ھەق دېسەم، ناھەق بېشىمغا تۇشمۇ-تۇشتىن ياغدى مۇشت،
ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىپ مۇپتى تائەتتىن نېرى...
كۆزلىرىمدە ئامىتىم قان- ياشقا ئايلاندى تۈگەل،
ھەر نەپەستە تاشقىنى قىلماس نادامەتتىن نېرى.
بۇ ئامانەت جان ئارا ياتقان جانانغا يىغلىسام،
ۋەسلى نە؟ ماڭدامدا غەم- قىلماس مالامەتتىن نېرى...
بارمۇ ئىمكان ياكى يوق زاكىرغا رەببىم ئېيتسىڭىز،
مەيلى نىسبەت بولمىسا، قىلماڭ مۇھەببەتتىن نېرى...