چىققۇچە
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
ھەق! شارابىڭنى ئايانما، قۇي پىغانىم چىققۇچە،
نە پىغان، رىيزالىقىڭ سالغان خۇمارىم چىققۇچە،
ئىستىگەن مەنالىرىم تۇرسا شارابىڭ كەيپى دەل،
ئۆزگىنى خاھلامدۇ ئېيت، تەندىن بۇ جانىم چىققۇچە...
قىلمىدىم سەندىن تەلەپ قىلغاننى ئىنساندىن تەلەپ،
قىلمىدىم ‹‹مۇشكۈل ئاسان›› قىلسىمۇ شەيتاندىن تەلەپ،
قىلغىنىم كۈلبەمگە شام ياققۇچى ئىماندىن تەلەپ:
سەن ماڭا بولغىن گۇۋاھ مەھشەر قارارىم چىققۇچە.
ھەق ئۈچۈن ئاققان قىزىل قانىم ھاياتنىڭ بەرقى دەپ
ۋە نېسىب بولسا شەھىدلىك شۇ ھاياتنىڭ زەۋقى دەپ
بىرلىكىڭنى جان بىلەن سۆيدۈم ھاياتنىڭ شەۋقى دەپ
يار- يۆلەك بول، تۈننى لەت قىپ تاڭ قوياشىم چىققۇچە.
2006-يىل 12-نۇيابىر