تۈن يارىسى
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
ئادىمىيلىك كاسات بۇ كەمدە،
مەن ھەممىدىن بىزارمەن ،بىزار.
قاراڭغۇلۇق قورشاۋىدا دىل،
نەپەسلىرىم پەسىيىپ بارار.
تۇن باغرىدىن تاپالماي ۋىسال
تەن پەرىشان، دىل خانىۋەيران.
كىرپىكلەردە پەريادى ئۇيقۇ،
ھەسرەت چۆككەن تومۇرلىرىمدا
دەريا - دەريا ئۇيىماقتا قان...
زارىقىشتىن ئۇپرىغان لەۋلەر،
كۆز ئىشىككە قالغان مىخلىنىپ.
قارايماقتا ئۆينىڭ تۆت تېمى،
زاكىر ياتقان گۆرنى ئەسلىتىپ...
2006- يىل ئاۋغۇست