تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› ئېقىن (پوۋېسىت) داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 339
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 25
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئېقىن (پوۋېسىت) داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ

     

      

    ئېقىن (پوۋېسىت)

    شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى، يىگىرمە نەچچە يىللىق بۇ ھاياتىمدا مۇنداق ئىككى ئىشنى مەن قىلالماي كەپتىمەن. بىرىنچىسى ھەقىقىي دوستتىن بىرنى تۇتۇش، ئىككىنچىسى سۇ ئۈزۈش.

     

    ئالدى بىلەن ئىككىنچى ئىشنى دەي!

     

    بۇ ئۇنۋېرسىتېتنىڭ سۇ ئۈزۈش ئۆيى مەكتەپنىڭ شىمالىي  ئوقۇتۇش رايونىغا جايلاشقان، ھەر قېتىم شۇ يەرگە سۇ چۆملەشكە بېرىش ئۈچۈن، ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان شىمالىي مەكتەپ رايونىغا بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ياز كۈنلىرى بۇ يەردە تۇرغان ئادەم بەش قەدەم ئالدىدىكى ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلەلمەيدىغان  بۇ ئورمانلىقتا ماڭسىڭىز، دۈمبىڭىز قورۇلىدۇ. ئەمما ھاۋانىڭ قانچە ئىسسىشىغا ئەگىشىپ بۇ يەرگە شۇنچە كۆپ ئولىشىدىغان ئوقۇغۇچى قىز-ئوغۇللار بىر-بىرسى بىلەن كۈلۈپ ئوينىشىپ، پۇتىدىكى ساپما كەشلىرىنى سېمونت يەرلەرگە ئۇرۇپ يۈگۈرۈشكەن ئاۋازلىرى ئاستا-ئاستا سىزدىن يىراقلىشىدۇ.

    ئەلۋەتتە كومىدىيە ھەر دائىملا سەھنە سىنارىيىسىنىڭ ئاساسلىق مىلودىيىسى ئەمەس. بۇ يولدا يەنە بەزىدە پۇتلىرىنى سۆرىگىنىچە، بېشىنى ساڭگىلاتقانلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

    -سىزگە نەچچە قېتىم دېدىم، مېنىڭ دەرىسىمگە قۇتقۇزۇش چەمبىرىكى ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ، مەن باشقا تىلدا گەپ قىلدىممۇ يا؟! بۇ نەرسىڭىز بىلەن سىز بىر ئۆمۈر ئۆگىنىپ بولالمايسىز، سۇ چۆملەشنى! ئەتە ئۆگۈن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالغاندا مېنى ئىزدەپ كەلمەڭ!

    تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى قولتۇقۇمدىكى قۇتقۇزۇش چەمبىرىكىمگە شۇنداق بىر ئالىيىپ قارىدى-دە، قولىنى سوزۇپ بىر تارتىپلا ئېلىۋالدى. ئاندىن ئۇ بىچارىنىڭ يېلىنى چىقىرىۋەتتى. بىچارە چەمبىرەكنىڭ يېلى چىقىۋاتقىنىدا ئىڭرىغاندەك شۇنداق ئېچىنىشلىق بىر ئاۋاز چىقاردى.

    -بېرىپ تەييارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەڭ! چاققان! سىز نېمىشقا دائىم باشقىلاردىن كېيىن قالىدىغانسىز؟ ئىنكاسىڭىزدىكى گەپمۇ بۇ؟- قۇلىقىمنىڭ يېنىدىلا مۇئەللىمنىڭ گېلى يىرتىلىۋاتقاندەك چىقارغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

    بۇ يىل ئالىي مەكتەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلىدا ئوقۇۋاتىمەن. سۇ ئۈزۈشنى مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىلىغا چىققاندا تاللاپ ئوقۇلىدىغان تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ ئىچىدىن ئۆزۈمگە ئەڭ ماس كېلىدۇ، دەپ تاللىغان ئىدىم. مانا ئۈچ يىل بولدى، بۇ دەرستىن بىر قېتىممۇ لاياقەتلىك بولۇپ باقمىدىم. مائارىپ تۈزۈلمىسى بويىچە، مەن يەنە مۇشۇ تاللاپ ئوقۇشنىڭ ئوقۇش نومۇرىنى ئالالمىسام مەكتپە پۈتتۈرەلمەيمەن، دېگەن گەپ. يەنى دېپلوم يوق. قاچان ئۆتسەم شۇ چاغدا ئالالايمەن-دە!

    مۇشۇ تاپتا، بەدىنىمنىڭ كۆپ قىسمى دېزىنفىكسىيلەش سۇيۇقلۇقى پۇراپ تۇرىدىغان سۇنىڭ ئىچىدە. مەندىن يىراقراقتا مەن بىلەن ئۆگىنىدىغان ساۋاقداشلىرىم سۇغا سەكرەشنى مەشىق قىلماقتا، ئۇلار نېمىدىگەن خۇشال!

    مۇشۇ سىنىپ يېڭى ئېچىلغاندىلا تاق ئىدۇق، مەندەك بىر ھاڭۋاقتى ئادەمنى ھېچكىم ھەمراھلىققا تاللىمىدى، شۇنىڭ بىلەن قاپىقى يامان بۇ مۇئەللىم بىلەن بىللە مەشىق قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.

    ھازىر، قارىمىساممۇ كۆڭلۈمگە شۇ ئايان، مۇئەللىم ماڭا ئۆتكۈز نەزەرلىرىنى سېلىپ ئۈستۈمدە قاراپ تۇرىدۇ.

    ئالدىمغا نەچچە قەدەم ماڭدىم. سۇ تېخى بوينۇمغا بارا-بارمايلا، شەكىلسىز، غايەت زور بېسىم كۈچى مېنى تۇنجۇقۇپ ئۆلۈش دېگەندەك ئاتالغۇلارغا ئۇلاشتۇردى. بېشىمنى پەس قىلىپ، سۇدىن كۆپۈشۈپ كەتكەن پۇتلىرىمنى كۆردۈم.

    نەچچىلا قەدەم يىراقلىقتىكى چوڭقۇر سۇ رايونى ئەجەل دەرۋازىسىدەك كۆزۈمگە بارغانسېرى يوغان كۆرۈنگەن چاغدا، كەينىمدىن بىرى شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك بىلەن ئىتتىرگەندەك ئىتتىرىۋەتتى. ھەي، يەنىلا قۇتقۇزۇڭلار، دەپ ۋارقىرىۋەتكەن بولساممۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئاۋازىمنى ئۆزۈممۇ ئاڭلىيالماي قالدىم.

    سۇ ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ھەربىر ھۈجەيرەمگە سىڭىپ كىردى، ئۆپكەمنى ئىگىلەپ، مېنى ئۆلۈمگە يېقىنلاشتۇردى.

     

    2

    چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ياتاقتىكى قىزلار بىلەن بىللە كىنو كۆرگىلى باردۇق. ئۇلار ئادەتتىغۇ ھەرقانداق بىر پائالىيەت قىلسا مېنى چاقىرىپ كەتمەيدۇ. بەلكىم مېنىڭ چىرايىمنىڭ ھېچقانچىۋالا ئەمەسلىكى ۋە ياكى بىرەر ئالاھىدە قىزىقىشىمنىڭ يوقلۇقى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە ماسلىشىپ بولالماسلىقىم تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ بىر ھەمراھى بولۇشقىمۇ سالاھىيىتىم توشماسلىقى مۇمكىن.

    ئىشقىلىپ، مەن بۇ قۇرۇق ياتاقتا شۇنچىلىك كۆپ ئۇخلىدىمكى، ئاخىرى چۈشۈمدە لىڭشىپ تۇرغان سۇ كۆلچىكى ۋە كۆزلىرىدىن ئوت چاچرىتىپ تۇرغان ئوقۇتقۇچىمنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئۆزۈم يالغۇز سىرتقا چىقىپ ئايلىنىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم.

    -سۇ چۆملەش سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس. سۇ دېگەن ئادەم بەدىنى ۋە كەيپىياتىنى تەڭشەشتىكى ئەڭ ياخشى بىر ئۇسۇل. سىز ئۆزىڭىزنى ئازادە قويۇۋېتىپ، سۇنى ھاۋا دەپ بىلىڭ، ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە ئىنتىلىڭ، ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىڭ، دائىملا بۇنداق نېرۋىن، بۇنداق روھسىز يۈرمەڭ، سۇ چۆملەشنى ئۆگىنىشنىڭ سىزگە پايدىسى كۆپ.

    ھېلىقى كۈنى مەن ھېلىلا جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەكلا كۆلچەكتىن يامىشىپ چىققىنىمدا، سۇ ئۈزۈش دەرس ئوقۇتقۇچۇم ماڭا ئۈمىدسىزلەنگەن كۆزلىرىنى تىكىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

    -مۇئەللىم ـــــــــــــــــــــــــ

    -ھە؟ يەنە بىر قېتىم سىناپ باقامسىز؟ قورقماڭ! سىزگە بىر ئىش بولسا تۇرمامدىم مانا مەن!

    -ياق.... مۇئەللىم، مەن ھاجەتخانىغا بېرىپ كەلسەم بوپتىكەن.

    -....... بېرىڭ!

     

    مەن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە ئون مىنۇت ئولتۇردۇم. ئاخىرى دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنغاندىلا، ئورنۇمدىن ئېرىنچەكلىك بىلەن تۇرۇپ، ئىشىكتىن چىقتىم، ئۆزۈمچە ھەممە ئادەمنى قايتىپ كەتتى دەپتىكەنمەن. ئەمما مۇئەللىم شۇ يەردە تۇراتتى.

    -شۇنچە ئۇزۇن دەم ئېلىۋېلىپمۇ، يەنە بىئارام كۆرۈنىسىزغۇ؟ سىزدە پىسخىكىلىق توسالغۇ بار ئىكەن. ئۆزىڭىزدىن كىچىك بالىلار بىلەن بىللە يۈرۈۋېرىشقۇ بىر نېرى، بۇنداق قىلسىڭىز ئوقۇش پۈتتۈرۈشكىمۇ ئامالسىز قالمامسىز. مۇشۇنچىلىك كىچىك ئىشنىمۇ يېڭىپ كېتەلمىسىڭىز، كېيىن جەمئىيەتتە نېنىڭىزنى قانداق تېپىپ يېيەلەسىز؟ مۇنداق بولسۇن، سىز بەلكىم مېنىڭ ئۆگىتىش ئۇسۇلۇمغا كۆنەلمىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن،  ياكى مەن بىلەن قارشىلىشىپ مۇشۇنداق قىلىۋاتامسىز، بىلمىدىم. ئىشقىلىپ مېنىڭ سىزگە ئۆگەتكۈدەك يېرىم قالمىدى، سىز بىرەر دوستىڭىزدىن ياردەم سورامسىز، ئىشىقىلىپ بىرى سىزگە سۇ چۆمۈلەشنى باشقىچە ئۇسۇلدا ئۆگىتىپ قويسۇن، مەن ئىككىڭلارغا بۇ يەرگە ھەر ۋاقىت كىرىپ-چىقىدىغان كىنىشكە بېجىرىپ بېرەي. قانداق،  بولامدۇ؟

     

    مەن بىر ياقتىن مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى ئەسلىگەچ، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ يېنىدىكى گۈللۈگكە كېلىپ قاپتىمەن. شۇ يەردە چازا قۇرۇپ ئولتۇردۇم. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مۇئەللىممۇ بەك ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەتتى. ئاخىرىدا ماڭىمۇ ھەم شۇنداق ياخشى مەسلىھەت كۆرسەتتى. ئەمما مەسىلە شۇكى مېنىڭ بىرمۇ دوستۇم يوق تۇرسا، سۇ ئۆزەلەيدىغان دوستىنى نەدىن تاپىمەن؟

    كىچىكىمدىن يا ھازىرغىچە مەن دوستلۇقنى ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قاراپ باقماپتىمەن. دوستنى قانچە كۆپ تۇتۇش سىزنىڭ شۇنچە كۆپ قورالغا ئىگە بولغانلىقىڭىز، خالاس ـــــ سىزدە پۇل يوق، ئەمما دوستىڭىزدا بار، شۇڭا سىز دوستىڭىزدىن ئالسىڭىز بولىدۇ؛ تاپشۇرۇق ئىشلىمەكچى بولىسىز، دوستىڭىز ئىشلەپ بولغان، شۇنىڭ بىلەن سىز دوستىڭىزنىڭ ئەقلىدىن پايدىلىنىسىز؛ ئىشقىلىپ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا سىزگە لازىم بولىدىغىنى دوستىڭىز ئەمەس، بەلكى دوستىڭىزدىكى قوشۇمچە ماددى ياكى مەنىۋىي نەرسىلەر.

     

    بۇ خىل ئىدىيەنىڭ ھەمراھ بولۇشى ئارقىسىدا، مېنىڭ يۈزۈمدە ھەر ۋاقىت «يېقىنلاشماڭ» دېگەن ئىپادە ئېسىلىپلا تۇرىدۇ. ئەمما كۆڭلۈمگە شۇ ئايانكى، بۇنداق ئەخمەقلەرچە ئالىيجانابلىق، ئېرىشىش مۇمكىن بولمىغان نەرسىلەرگە ئېرىشىپ باققانغا يەتمەيدۇ. قولى يەتمىگەن ئۈزۈمنى ئاچچىق دەپ ئۆتىۋاتىمەنغۇ شۇ!

    نەچچە يىلنىڭ ياقى بىر ئۆزۈم يالغۇز مۇشۇنداق كەلدىم، شۇڭا ئاچچىق ئۈزۈممۇ زەھەرلىك ئۈزۈممۇ كارىم يوق ئەمدى، ئىشقىلىپ ئۇنى  يېگەنگە ئۆلۈپ قالمايمەن.

     

    بەزىدە، ھەقىقەتەنمۇ غېرىبلىق ھېس قىلىمەن.

    پەقەت ئازراقلا.

     

    گېزى قېچىپ كەتكەن بۇ كولانى ئىچسە ئادەمگە ھۆتەل دورىسىدەكلا تېتىيدۇ. ئاليومىن قۇتىلىق ئىچىملىكنى سىقىمداپلا ئەخلەت ساندۇقىغا سېلىۋەتتىم. توختا، بىر ئامال قىلاي!

    دوختۇرخانىغا بېرىپ تەلىيىمنى سىناپ باقاي.

    ئىلگىرى تېلىۋېزوردىن قۇلاق كېسلى بىلەن سۇ ئۇزۈش كەسپىدىن ئامالدىز چېكىنگەنلەرنى كۆرگەن ئىدىم، شۇنداق بىر ئىسپات كەسكۈزۈش ئۈچۈن، قانداق تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقسا بولار؟ مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئالدى بىلەن شۇنداق بىر ئىسپاتنى چىقىرىپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى بارلىق مۇناسىۋەتلىرىمنى ئىشقا سېلىپ ھەل قىلاي.

    كاللامدا مۇشۇنداق ئامالنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنلا قەدەملىرىممۇ ئىختىيارسىز تېزلىشىپ كەتتى. ئۆزۈمنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى ئايدىڭ قىلغاندا بولسا، مەن ئاللىبۇرۇن دوختۇرنىڭ ئالدىدا ئىدىم. دوختۇر قىزچاقمۇ ماڭا ئۇنداق ئىسپات يازغۇزۇش ئۈچۈن ئۈچ ئا دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلغاندىن كېيىن ئاندىن چىقرىپ بېرىدىغانلىقىنى، مەكتەپنىڭمۇ شۇنداق دوختۇرخانىلارنىڭ ئىسپاتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد شامىممۇ ئۆچتى.

     

    مەكتەپ دوختۇرخانىسىدىن چىقىپلا، مەكتەپ ھويلىسىدىكى ئورۇندۇقتا ھالسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتىمكى، قۇلقىمدىكى نائۇشنىكنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ يۇقىرى قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنيادىن پارغا ئايلىنىپ يوقاپ كېتىشىمنى تىلىدىم.

    ئۆزۈمنى بۇنداق جازالىشىم تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، ئوڭ بېلىكىمگە بىرى تەگكەندەك قىلدى. يېنىمدا بىر ئوغۇل بالا ئولتۇراتتى، ئۇ قولى بىلەن قۇلىقىمنى شەرەتلىدى، ئاندىن كىتابىنى شەرەتلىدى. نائۇشنىكىمنىڭ ئاۋازى دېمىسىمۇ ياڭراتقۇدەكلا چىقىدۇ.

    قۇلىقىمدىن نائۇشنىكنى ئېلىۋەتتىم، ئۇ مېنىڭ بۇ ماسلىشىشىمغا كۈلۈمسىرەپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

    ئولتۇرسىمۇ مەندىن بىر باش ئېگىز، چاچلىرى قىسقا ياسىتىلغان، قارا جىيەكلىك كۆزەيەنك تاقىغان بۇ بالا كۆزۈمگە كىچىك بىر بالىدەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى.

    ۋوي، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى، ئۇ بىزنىڭ سۇ ئۈزۈش دەرىسىمىزدىكى سىنىپ ھەيئىتىمىز ئەمەسمۇ، ئىسمى نېمىتى؟ ھە ۋارس! ئەمەلىيەتتىغۇ، ئۇ سىنىپتىكى بىر ئادەمنىمۇ تونۇغۇم يوق ئىدى، ئەمما بۇ بالا ئالاھىدە. سىنىپنىڭ ھەيئىتى-دە! ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ ئۈزۈشنىڭ يازمىچە ئىمتىھانىدا ئۇ بالا مەندىن كۆچۈرىمەن دەپ، مەن ئېتىپ بەرگەن قەغەزنى مۇئەللىمگە تاتقۇزۇپ قويغان ئىدى.

    بالىلارنىڭ ئاغزىدىكى گەپكە قارىغاندا بۇ بالا تەنتەربىيە بويىچە ئالاھىدە قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى بولۇپ، سۈ ئۈزۈشتە شەھەرلىك مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولغانمىش. ئەجەبا مۇئەللىم مېنى دوست تۇتۇپ ئۆگەن دېگىنى مۇشۇ ۋارس بولغىيمىتى؟

     

    مۇنداق ئويلاپلا ئۆزۈمنى ئۇنچىۋالا ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىدا ئەمەستەكمۇ ھېس قىلىپ قالدىم.

    -ھەي، سىز ۋارسقۇ؟ مېنى تونۇيدىغانسىز؟

    -ھە! راست، سىز ھېلىقى...

    -ھە شۇ..... مەندەك گۈزەللەرنى ئۇنتۇپ قالسىڭىزمۇ سەت تۇرار!

    نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمگە بۇنچىۋالا يات سۆزلەرنى قىلىۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيۋاتاتتىم.

    سۆزۈمنىڭ ئاخىرى چۈشمەيلا ئۇنىڭ يۈزلىرىدە ئوڭايسىزلىنىش ئالامەتلىرى پەيدا بولدى.

    -شۇ، شۇ، ئېسىمدە! ھېلىقى ئىمتىھاندا رەھمەي جۇمۇ، راست!

    -ھېچقىسى يوق، بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندا...... كۆچۈرۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدىڭىزمۇ-يا؟

     

    قاراڭ، دوست بولمىسىمۇ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئورناتقىلى بولىدۇ.

     

    داۋامى بار

    يۇسران



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئېقىن , پوۋېسىت
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-8-4 18:47:32
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 387
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证