تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 339
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 25
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ساڭا يازغان خەت



      

    ساڭا يازغان خەت

     

    سەن مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان پېرسوناژ، ھەم مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان پېرسوناژ، ياق، سەن پېرسوناژ ئەمەس. بىز كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرغان كۈنلەردە، سەن ئاللىبۇرۇن جېنى، قېنى بار، گۆشتىن تۈزۈلگەن ئادەمگە ئايلاندىڭ.

    سەن يىگانە، سوغۇق، شەپقەتسىز بولۇپ، دوزاختىن چىققان ئىدىڭ. ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن كەلگەن ئالۋاستى ئىدىڭ. سېنىڭ دۇنيارىڭدا، قانداقتۇر بىر ئاقكۆڭۈللۈك، ھەققەنىيەت دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا قانخورلۇق، سۈيقەست ۋە غېرىبلىق بار ئىدى. سەن ئەزەلدىن قەلبىڭدىكى سۆزىڭنى ئېيتمىغان. ئەزەلدىن كۈلۈپ باقمىغان ھەم ئەزەلدىن ياش تۆكۈپ باقمىغان، كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىغان شۇنداقلا ئەزەلدىن باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلۈپ باقمىغان، سەنمۇ ھەم باشقىلارنى سۆيۈپ باقمىغان. سەندە ئادىمىيلىك، يۈرەك بولۇپ باقمىغان. سەن مانا شۇنچىلىك دەرىجىدە ئادەمنىڭ ئۆچلىكىنى كەلتۈرەتتىك.

    خۇددى مەندەك!

     

    ئەمما، ئەمەلىيەتتە سەنمۇ چىن قەلبىڭدىن مۇنداق بىر قىزچاق بولۇشنى ئويلاپ باققان ئىدىڭ!

    ئادەتتىكىدەك، ئىللىق چىراي، كۈلۈشنى ياقتۇرىدىغان، ئاقكۆڭۈل، كىشىلەر  ياقتۇرىدىغان، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىدىغان، دۇنيادىكى بارلىق گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن تەرىپلىسىمۇ ئازلىق قىلىدىغان شۇنداق بىر ئوچۇق-يورۇق، كەڭ قورساق ئادەم بولۇشنى خالايتتىڭ!

    گەرچە بۇلارنى قىلالمىساڭمۇ، ھېچ بولمىغاندا سەل ئەقىللىقراق بولساڭ بولاتتى.

    يالغانلاردىن ساختا مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل، ساختا كۈلگۈنچەك، ساختا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ساختا سەمىمىي بولۇۋالالىغان بولساڭ، ئۇنچىلىك بىر تۈپتۈز بىۋاستە بولمىغان بولساڭ-ھە! ئۇنچىۋالا مۇزدەك سوغۇق  بولمىغان بولساڭ بولاتتى، ئۇنچىلىك دۆت بولمىغان بولساڭ، گەرچە گۈزەل بىر ئادەم بولالمىساڭمۇ، ئەقىللىق، كاللىسى ئىشلەيدىغان، پىلانلىق بىر ئادەم بولالىغان بولساڭبولاتتىغۇ؟!

    ھېچ بولمىغاندا باشقىلارنىڭ ئۆچمەنلىكىگە ئۇچرىغاندا، يالغانلاردىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك: «سەن مېنى ياقتۇرمىساڭ، مەنمۇ سېنى  ياقتۇرمايمەن» دېيىشىڭ بىھاجەت بولغان بولسا.

    ھېچ بولمىغاندا باشقىلاردىن ئازار يېگەن چاغدا يالغاندىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ساراڭلاردەك كۈلۈشۈڭ بىھاجەت بولغان بولسا.

    ھېچ بولمىغاندا ياردەمگە مۇھتاج ئاجىز چاغلىرىڭدا يالغانلاردىن قەيسەر، كۈچلۈك بولۇۋالماي، ئۆزۈڭ يالغۇز يۈك-تاقاڭنى يۈدۈپ، ئۆي كۆچۈپ يۈرمەي، بارلىق چوڭ-كىچىك جاپالارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ يالغۇز تاتماي، پۈتۈن دۇنيانىڭ مەسئۇلىيىتىنى زىممەڭگە ئارتىشىڭنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان بولسا.

    ھېچ بولمىغاندا ئازابلانغان ۋاقتىڭدا ھېچنىمىگە قارىماي ئۈنۈڭنى قويۇۋېتىپ يىغلىيالىغان بولساڭ، تىرىشىشنى خالىمىغان چېغىڭدا ئۆزۈڭنى قويۇۋېتەلىسەڭ، بۇنچە يالغۇز بولمىساڭ بولاتتى. بۇنچە قاتتىق بولۇۋالمىساڭ بولاتتى، بۇنچە ئۇۋالچىلىققا قالمىساڭ بولاتتى. بۇنچە ئازابلانمىغان بولساڭ بولاتتى.

    ئەمما ئۇ ئادەم ھەرگىز سەن ئەمەس.

     

    بەختلىك بولۇشقا ئامالسىز بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالساڭلا  بولىدۇ.

    نېمە يالغۇزلۇق، نېمە ئازاب، نېمە زېرىكىش، نېمە ئۆچمەنلىككە ئۇچراش، نېمە ئۇۋالچىلىقلارنىڭ ھەممىسىگە پەقەت كۆنۈپ قالساڭلا بولىدۇ. مۇشۇنداق ئويلىساڭلا ھامان كۆنۈپ قالسەن.

    شۇنىڭ ئۈچۈن چۈش كۆرۈش كېرەك.

     

    سەن كۆرگەن چۈشنى ئۇ ساڭا بەرگەن.

    ئۆسمۈرلۈك چاغدىكى يارقىن كۈلكىلىرىڭ، پىشانەڭدىكى بۈدرە چاچلىرىڭ، كۆزلىرىڭدىكى نۇرلارمۇ شۇنداق بىغۇبار ئىدى. ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە ساڭا: «سېنى ياخشى كۆرىمەن» دەيتتى. ھەتتا ساڭا سېنى ھەر مىنۇت كۆرۈپ تۇرسا، ئاۋازىڭنى ھەر ۋاقىت ئاڭلاپ تۇرسا ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى ئېيتاتتى.

    ئۇ، مەن ئەمرىمگە ئالىدىغان ئۇ قىز مېنىڭ بۇ ھاياتىمدىكى بارلىقىم دەيتتى.

    ئۇ، سېنى ئېلىپ كېتىمەن، دەيتتى.

    كىممۇ ئۇنى ياخشى كۆرمەي قالسۇن؟

    سەن نىقابىڭنى تاقاپ كۆندۈڭ، ھېسسىياتىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ كۆندۈڭ، سەن ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ كۆندۈڭ، سەن كۆز يېشىڭنى ئىچىڭگە يۈتۈپ كۆندۈڭ. ئەمما تەڭرى سېنى بىر چۈشكە ئۇچراشتۇردى. ئىنتايىن گۈزەل، ئادەتتىكىدىن بەكلا گۈزەل بىر چۈشكە ئۇچراشتۇردى.

    چۈشتە سەن تولىمۇ نورمال، ئادەتتىكىدەك قىز ئىدىڭ، بەك خۇشال ياكى بەك خۇشال بولمايدىغان ئىش يوق ئىدى. ھەمدە بەك ئويلاپ كېتىدىغان ئىشىڭمۇ يوق ئىدى. سەن پەقەت ئىنتايىن ئاددى ھالدا ياشاپ كېتىۋاتاتتىك، ئاخىرى بىر كۈنى، سەن ئۆزۈڭ ياقتۇرىدىغان ئادەمگە يولۇقتۇڭ، بۇ ئۇچرىشىش شۇنچىلىك تاتلىق گۈزەل ئىدى. سەن خۇشاللىققا چۆمگەن ھالدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىڭ، ئۆزۈڭچە بۇنىڭدىن ئېتىبارەن خۇشال بەختلىك بولىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدىڭ!

     

    سەن بۇ سەپەرگە ئاتلاندىڭ.

    ئەمما قەيەرگە بېرىش كېرەك.

     

    ئىلگىرى مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئۇچراتقان ئىدىم، ئادەم بولۇش ئۈچۈن يالغانغا كۆنەلەيدىغان، بىپەرۋاسىزلىققا چىدىيالايدىغان بولۇش كېرەك. ئالدىنىشقا بەرداشلىق بېرىش كېرەك، يالغاننى ئۇنتۇپ كېتەلەش، بارلىق ئىشلارنى قويۇپ قويالايدىغان بولۇش كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا كۈلۈش ئارقىلىق چۈشۈۋاتقان ياشلىرىڭنى يوشۇرالايدىغان بولۇش كېرەك. ئېسىڭدە تۇتقۇنكى، كۆز يېشىڭنى يوشۇرۇپ قېلىشنىڭ ئۆزى بەختلىك بولۇشىڭدىكى ھالقىلىق دورا.

    ئەمما مەنچە بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان. بۇ ھەتتا مەن ئاڭلىغان ئەڭ بىمەنە گەپلەر.

    يالغانچىلىققا چىداش، بىپەرۋاسىزلىققا چىداش، ئالدىنىشقا چىداش، يالغانچىلىقنى ئۇنتۇش، بارلىق ئىشلارنى قايتىدىن باشلاش، كۈلۈش ئارقىلىق كۆز ياشنى يوشۇرۇپ قېلىش  مۇشۇلارنى باشتىن كەچۈرگەن كىشى قانداقمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەختنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەلىسۇن؟!

     

    بەلكىم مەن ئۆزۈممۇ باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈپ كەتمەيدىغان، غەلىتە بىر ئادەم بولغانلىقىم ئۈچۈن، مۇشۇنداق غېرىب يالغۇز ئويلىرىم بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بەك بەختلىك كۈنلەرنىڭ بولۇپ كېتىشىنىمۇ ئويلىغاندىمەن، ئەمما قانداقلا ئويلىسام سەن بار ئىدىڭ.

    ئىلگىرى كۆرگەن بىر تېلىۋېزىيە تىياتىردا، مۇنداق بىر گەپ بولىدىغان، بۇ سۆز ئالتە ياشلىق بالىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ئىدى:

    ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: «دادام ئەمەلىيەتتە بىر قورقۇنچاق بولغانلىقى ئۈچۈن، يالغۇزلۇقتىن قورقىدۇ، ھەتتا يىغلاشنىمۇ بىلمەيدۇ.»

    گەرچە سوغۇق، مۇز چىراي، غەلىتە، كىشىلەرنىڭ ئۆچلۈكىنى كەلتۈرىدىغان، گەپنىمۇ ئوڭشاپ قىلالمايدىغان، كۈلۈشنىمۇ بىلمەيدىغان، يىغلاشنىمۇ بىلمەيدىغان بولساڭمۇ، ئەمما ئازابلارنى، غېرىبلىقنى، يالغۇز بىر ئادەمنىڭ كۈلپىتىنى باشتىن كەچۈرگىنىڭ ئۈچۈن، ھامان بىر كۈنى، سېنى بىرى ھامان سۆيىدۇ، سېنى چۈشىنىدۇ، ھەمدە سەندىن مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ.

    ئەمما بىزگە شۇ ئىنتايىن ئايدىڭكى، شۇ كۈننى كەلدى دېگەندىمۇ، سەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيسەن.

     

    سەن ئىشەنمەيسەن.

    ئاللىبۇرۇنلا چۈش كۆرىدىغان ياشتىن ئۆتۈپ كەتتىڭ. ئىنتايىن كۆپ رەھىمسىزلىكنى، مەينەتچىلىكنى كۆرۈپ كەتتىڭ، خۇددى سېنى ئۆلگۈدەك سۆيىدىغان ئادەم كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە باشقا بىرىنى سۆيىدىغان بولۇپ قالغاندەك. خۇددى ۋەدە بەرگەن ئۇ ئادەم بىر دەمدىلا ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك. خۇددى سېنى ياخشى دەيدىغان ئادەم بىردەمدىلا سېنى سوغۇق، قوپال دېگەندەك، خۇددى سەن شۇ مۇھەبببەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر قېتىملىق سۈيقەست، ئاسىيلىق، زۇلمەت ئىكەنلىكىنى بىلگىنىڭدەك. سەن گەرچە قايتىدىن تۇغۇلساڭمۇ، مۇھەببەتكە ئىشەنمەيتتىڭ، كىشىلەرگە ئىشەنمەيتتىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزۈڭنىڭ باشقىلارنىڭ سۆيۈشىگە ئەرزىيدىغىنىڭغىمۇ ئىشەنمەيتتىڭ.

    ئىچىڭدىكى سۆزلىرىڭنىڭ ھەممىنى ئېيتقىن. ئۆزۈڭگە ئىشەنمەمسەن؟ قورقۇمسەن؟ بەدەل تۆلەشتىن قورقۇمسەن؟ ياكى ئازابلىنىشتىن قورقۇمسەن؟

    باشقىلار تەرىپىدىن: «ئادەم ئەمەس، سەندەك ئادەم بىر پاجىئە» دېيىلگىنىڭدە.

     سەن ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ: «ھاياتلىقنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قولۇمدا ۋەيران بولىدۇ» دېگىنىڭدە سېنىڭ قەلبىڭ زادى نېمە دېدى.

    مەن سېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئىپادەڭنى تەسەۋۋۇر قىلىمەن. بەلكىم بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى بولماسلىقى مۇمكىن. سېنىڭ ئىپادەڭ ئاللىبۇرۇن مېنىڭ قەلبىمدە، خۇددى تۇغۇلۇشۇمدىنلا بار بولغان خالىمدەك ئېنىق.

    ئاتالمىش ئازاب مەۋجۇت ئەمەس، ئاتالمىش قايغۇمۇ يوق، ھەمدە ھېچقانداق بىر كۆز ياشمۇ يوق. سېنىڭ سەل كۈلگۈڭ كېلىۋاتاتتى، بىر نېمىلەرنى دېگۈڭ كېلىۋاتاتتى، ئەمما سەن يەنىلا كۈلمىدىڭ، ھەم ھېچنىمە دېمىدىڭ، كۆز قارچۇقلىرىڭغا باشقا ياققا يۆتكىدىڭ-دە، ئاستا كېتىپ قالدىڭ.

    سەن قىزىل كىيىم كىيگەن ئىدىڭ، خۇددى ئاتەشتەك ئىدىڭ. ئوت ھەرقانداق نەرسىنى پاك-پاكىز كۆيدۈرۈۋېتەلەيدۇ. قىپقىزىل قان رەڭگىدىكى شەپەق نۇرى ئىچىدە سەن قەددىڭنى تىك تۇتۇپ، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، غۇلىچىڭنى ئېچىپ، ئاستا-ئاستا كېتىپ باراتتىڭ، ئۆزۈڭ يالغۇز، مەردلەرچە مېنىڭ كۆز ئالدىمدىن يۈتتۈڭ.

    يۇسران

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-8-2 18:35:39
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 455
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证