تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 339
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 25
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    غېرىبلىق گۈلبېغى



     

     غېرىبلىق گۈلبېغى

     

    1

    كېلەر يىلى تېخىمۇ يىراقراق يەرگە بېرىشنى پىلانلىدىم.

    بەزى-بەزىدە ئۆزۈمنى مۇشۇنداق قويۇۋېتىشىمگە يول قويغانلىقىمنى ئەپۇ قىلىڭ.

     

    2

    ساياھەت ماڭا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ گۇناھىنى يۇيۇش ئەمەس، ئىزدىنىش ئەمەس، كۆڭلىنى تىنىم تاپقۇزۇش ۋە ياكى ئارام ئېلىش ئەمەس. ساياھەت قىلىش مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنە بىر قېتىملىق مۇئەييەنلەشتۈرۈش. «غېرىبلىق خۇددى بىر گۈلباغقا ئوخشايدۇ» دۇنيادىكى ھەربىر يىراقتا قالغان جايلاردا، مېنىڭ گۈللۈگۈم بار.

     

    3

    رەسمىي ئىشلارنى دېيىشمىگەنگە خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالدىغۇ، دەيمەن. ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنى ھېلىھەم ئاندا-ساندا ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. يولدىن ئېزىپ قېلىشتەك ئىشلارنىمۇ دائىم قىلىپ تۇرىمەن. كومپاس دېگەن نەرسىنى مەن ئىشلىتىپ بولالمىدىم. ھەممە نەرسە ساختىلىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كومپاسنى توپتوغرا دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ شۇڭا مەن ھەر قېتىم بېكەتلەردىن شىمالغا ماڭماقچى بولۇپ جەنۇبقا كېتىمەن. ئەمەلىيەتتىغۇ بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق، يەر شارى يۇمىلاق تۇرسا!

    ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پات-پاتلا يالاڭ كىيىنىپ قېلىپ، ئاپتوبۇسلاردا كىرپىدەك تۈگۈلۈپ قالىمەن. ئاپرېل كۈنلىرىنىڭ ئاخشاملىرىدا زەھەردەك سوغ يەنىلا بار. ئاپتوبۇس ئەينەكلىرىنىڭ گىرۋەكلىرىدە كىمدۇر بىرلىرىنىڭ يېزىپ قويغان خەتلىرىنى كۆرۈپ قالىمەن. «پالانچى سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن» ياكى «پالانچى ساڭا بەخت تىلەيمەن» دېگەندەك.

    ئاپتوبۇس ماڭماقتا. بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كەتكەن ئۆڭكۈرلەردىن ئۆتىدۇ، مەيلى بۇنىڭدىن ئىلگىرى قانچىلىغان ئاق كۆڭۈل كىشلەرگە يولۇققان بولاي، بۇ يەنىلا ئۆزۈمگە تەۋە ناتونۇش دۇنيا ـــــ مۇشۇنداقلا  بولىدىغان بولسا، «يولدىن ئېزىپ قېلىش» دېگەن بۇ سۆزمۇ مەۋجۇت ئەمەس. نىشانسىز سەپەر قىلىشتا، «يولدىن ئېزىپ قېلىش» دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەۋجۇت بولۇشى  مۇمكىن ئەمەس.

     

    4

    ساياھەت قىلىش مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغۇچىلارغىلا مەنسۇپمۇ؟ ياكى چۈشكۈنلەشكەن، ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان مەغلۇبىيەتچىلەرگە، رايى قايتقان كىشىلەرگە مەنسۇپمۇ؟ بۇنىڭدا چوقۇم شۇنداق بىر ئايرىلىش، مەھرۇم بولۇش سالاھىيىتىنىڭ بولۇشى، ساياھەتنىڭ بىر قېتىملىق ئەسلىمىلەرنى ئىزدەيدىغان ھەرىكەت بولۇشى ئۈچۈنمۇ؟

    ئەمەلىيەتتە مەن دەل شۇ ساياھەتنىڭ ئۆزىدە، ساياھەت داۋامىدا چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىك ھېس قىلىمەن. يول بويى يوقاتقىنىم ھەرگىزمۇ شۇ داھىيرىمىزنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن پۇللا بولماستىن، ئەتىدىن كەچكىچە بولغان سەپەردىكى تەرلىرىملا بولماستىن (بۇ تەرلەرنىڭ ئورنىنى ھەرقانچە كۆپ ئۇسسۇزلۇق ئىچىپمۇ تولۇقلىغىلى بولمايدۇ) بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر قېتىملىق ساياھەتتە مۇشۇ خخل غېرىبلىق ئىچىدە ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلىگەنلىمكىم. مۇشۇنداق بىر سەپەرگە ئاتلانغانلىقىم، مۇشۇ يەردە گۈزەللىك ھېس قىلغانلىقىم شۇنداقلا مۇشۇ يەردىكى شۇ گۈزەل ئەمما كۆڭۈلسىز ئۆزۈم ئۈچۈندۇر.

    مەنزىرە قانچى گۈزەل بولغانسېرى كۆڭلۈم شۇنچە ئازادە كۆڭۈللۈك بولالمايدۇ. ياكى بولمىسا بىۋاستىلا دەل شۇنىڭ ئەكسىچە خۇددى ئادەتتە يامانلىشىپ قالغاندەك پۈتۈنلەي جىمىپ كېتىمەن.

     

    5

    «مەن ئەسلىدە دۇنيادا ئەڭ ئوسال بولغىنى كەچتىكى يۇلتۇزلاردىن يالغۇز بەھىر ئېلىش، ئۆزى يالغۇز پاراخوتقا چىقىش ياكى ئۆزى يالغۇز ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش، ئىشقىلىپ مۇشۇ خىلدىكى ئۇششاق-چۈششەك، ئۆزۈمگە ئۆزۈم جاپا قىلىۋاتقان ئىشلاردا دەپ ئويلايتتىم، نەتىجىدە ھېلىقى كۈنى ئۆزۈم يالغۇز تاغ ئاسما كۆۋرۈك ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغىنىمدا، زادى نېمىنىڭ ھەقىقىي دىل ئازارى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم.»

    خۇددى ئېگىزلىكتىن قورقۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەمدەك، جىنىس دۇنيا رېكورتىغا كىرگۈزگۈدەك ئېگىز بىر تاغنىڭ ئاسما كۆۋرۈك ئورۇندۇقىنىڭ تاغدىن سىيرىلىش سۈرئىتى ئاللىبۇرۇنلا قولىڭىز بىلەن بىر يەرنى تۇتۇۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ سۈرئىتىنى ساقلاپ قېلىشىڭىزدىن ئۆتۈپ كەتكەن. كاسسىڭىزمۇ ئورۇندۇقنىڭ يۈزىگە تەگمەي قالغان، خددى بىنادىن سەكرىۋالغاندەكلا!

    «ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئويلايسىز، مۇبادا ئۆلۈۋېلىش توغرا كەلسە ھەرگىزمۇ بىنادىن سەكرەشنى ئويلاشمايسىز.»

    «ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئويلايسىز، ھەرگىزمۇ ئۆلىۋالمايسىز.»

     

    6

    ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كەتمەسلىكنى ئويلايسىز.

     

    7

    ئەمەلىيەتتە ئۆزى يالغۇز ساياھەتكە چىقىشنى بىخەتەر دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. تەبىئي ئاپەتلەردىن، تەيفىڭ بورىنى، بوران-چاپقۇنلۇق يامغۇر! يەر تەۋرەشلەرگە يولۇقۇپ قېلىشىڭىزنىڭ ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەس. كەچلىرى تازا ئۇخلاۋاتقىنىڭىزدا، ئاستىڭىزدىكى كارىۋاتنىڭ بىلىپ-بىلمەي تەۋرىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز، ئوچۇق قالغان تېلىۋېزوردا بولسا ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالىنى كۆرۈسىز. مەن ئىلگىرى مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدىم. مۇبادا مەن بۇلاڭچىلارغا يولۇقۇپ قالسام، قاتىللارغا ئۇچراپ قالسام، ئىنسى-جىنسى يوق كوچىلاردا بىرسى گېلىمگە پىچاق تەڭلىسە قانداق قىلارمەن؟ ئۆلۈگۈم خەقنىڭ يۇرتلىرىدا قالارمۇ؟ نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق-ھە؟! چۈنكى بىر ئادەمنىڭ ساياھىتى-دە بۇ! ئاتا-ئانام مېنىڭ ئۆلۈگۈمنى بايقىدى دېگەن تەقدىردىمۇ، يېرىم يىللار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن بايقىيالايدۇ، بىزنىڭ دۆلەتتە!

    ئولتۇرغان ئايروپىلان ياكى پويىزدىن بىرەر چاتاق چىقماس؟

    ـــــــ يامان ئىشلارنى ئېغىزدىن چىقىرىۋەتسەكلا يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن، ۋاقتىنچە مۇشۇنىڭغا ئىشىنىپ تۇرايلى.

    ئەمما، ساياھىتىمدە پۇلۇمنى ياكى قىممەتلىك نەرسە كېرەكلىرىمنى يۈتتۈرۈپ قويىدىغان ئىشلارمۇ بولغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ بىخەستەلىكىدىن بولغان. شۇنىڭ بىلەن مېھمانخانىغا قايتىپ تېلىۋېزوردىن كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىسىنى كۆرگەچ، بىر ياقتىن ئازابتا يىغلىغانىدىم.

    ئاشۇ ناتونۇش جايلاردا قېلىپ قېلىۋاتقىنىنىڭ زادى نېمەم ئىكەنلىكىنى مەن دەپ بېرەلمەيمەن.

    «ئىلگىرى كىمنىڭ دېگەنلىكى يادىمدا يوق، روھىمنى تېنچلاندۇرۇش ئۈچۈن، ھەركۈنى ئۆزۈم ياقتۇرمايدىغان ئىشتىن ئىككىنى قىلىمەن.»

     

    8

    دېڭىز ئىنتايىن گۈزەل دېڭىز.

    دەرەخلەر بۈك باراقسان، دېڭىز بولسا ئادەتتىكىدەك بىر دەرەخ.

    كەچكى دۇنيا تولىمۇ قاراڭغۇ.

    كۈندۈزدىكى قۇياش كۈچلۈك كۆيدۈرۈش كۈچىدە يوللارنىمۇ ئاقارتىۋېتىدۇ.

    تاغقا چىققاندا بەكمۇ ئاسان تەر چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈك تاقىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن ئاخىرىدا 4*800 مېتىرلىق مۇسابىقىدە يۈگرەشكە ئايلىنىپ كېتىدۇ.

    تاغنىڭ چوققىسىمۇ ئادەمسىز بىر جاي. كۈچلۈك شامال سىزنى بىردەمدىلا زۇكام قىلىپ قويىدۇ. بىرلا قاراپ پۈتۈن شەھەرنى ۋە شەھەرنىڭ ھەممە ئادىمىنى كۆرەلەيسىز.

    ھېلىمۇ ياخشى مەن بۇيەرگە تەۋە ئەمەسكەنمەن.

    گۈەل جايلار، ھېلىمۇ ياخشى مەن بۇ يەرلەرگە تەۋە ئەمەسكەنمەن.

     

    9

    ئۆزۈم داۋاملىق ياشايدىغان يەر-ھە! ھەم گۈزەل، ھەم ئاۋات، مەن جېنىمدىن ئەزىز كۆرىدىغان سودا-سارايلار ۋە كىچىك ئاشخانىلار. مەن بۇ يەرلەردە ھېس قىلالايدىغىنىم غايەت زور دەرىجىدىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى.

    شۇنداق تۇرۇپ، يەنە نېمە ئۈچۈن مەلۇم بىر ۋاقىتقا يەتكەندە مەن شۇ ھارغىنلىققا ۋە چۈشكۈنلۈككە تولغان سەپەرگە ئاتلىنىمەن؟

     

    10

    ئەتىياز ــــ گىلاس. ياز ــــ دېڭىز، كۈز ـــ قىزىل يۇپۇرماق، قىش ـــــ قارلىق دالا. بۇرۇنقى بىر كارتون فىلىمدە پەسىللەرنى مۇشۇنداق سۈپەتلىگەن دېئالوگلار بار ئىدى. نېمىدىگەن شېئىرىي تۇيغۇلۇق-ھە؟!

    خۇددى بىر گۈلباغ ئەتىياز، ياز، كۈز ۋە قىش. گۈلباغ ھەر يىلى مۇشۇ تۆت پەسىلنى يالغۇز، يەككە-يىگانە بېشىدىن كەچۈرىدۇ. غەلىتە يىگانە بىنەپشە رەڭ، ھاكاۋۇر سېرىق رەڭ، سەبىئىي ھال رەڭ، لەززەتسىز يېشىل رەڭ. گۈلباغ يەنىلا بۇرۇنقىدەك تۇرارمۇ؟ خۇددى ئىلگىرى ماڭا ئوخشاش، دۇنيادىن ئۆزىنى ئايرىغان توسۇق قۇرامدۇ؟ مەيلى كىچىككىنە بىر يەر بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئاشۇ كۈلرەڭ، غېرىب ناملىق شۇ گۈلبېغىدا ئايلىنىۋېرىشتا چىڭ تۇرۇۋالىدۇ.

     

    11

    ئۇنتۇپ قالماڭ. سىزنىڭ بۆشۈكىڭىزگە ئايلانغان، يىگىرمە نەچچە يىل ياشىغان، ئۆيىڭىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاللا بازىرىغا كۆزىڭىزنى يۇمۇپ قويسىمۇ، بېرىپ ئالىدىغان نەرسىڭىزنى ئېلىپ كېلەلەيدىغان، ماشىنىلار غۇيۇلداپ ئۆتۈپ تۇرغان يولدىن ئىنتايىن تەمكىنلىك بىلەن ئۆتەلەيدىغان ـــ بۇ شەھەرنىڭ سىزگە بەرگەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۇنتۇپ قالماڭ!

    ئەمما، يەنىمۇ يېقىن، يەنىمۇ بىخەتەر بولسىمۇ، تۇرمۇشنىڭ دۇنيادىكى ھەربىر كۈنىدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئىشلىرى بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ، يىراقتىكى شۇ مەنزىرە سىزگە غېرىبلىقنىڭ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئالىيجاناپ يۈكسەك بىرخىل ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

     

    12

    مۇبادا مۇمكىن بولسا، كېلەر يىلى تېخىمۇ يىراقلارغا بېرىشنى پىلانلىدىم.

    يېڭى يەرلەرنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ ئاياغ ئىزى بىلەن ئورالغان شۇ شەكىلدىكى يەرنىڭ زادى قاناق رەڭدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باققۇم بار. مانا بۇ مېنىڭ يالغۇزلۇق گۈلبېغىم.

    يۇسران تەرجىمىسى

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : غېرىب , گۈلبېغى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-8-2 14:17:03
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 332
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证