تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› ئامېرىكا 7-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى ئاندىرىۋ جېكسون
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئامېرىكا 7-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى ئاندىرىۋ جېكسون



     

    ئامېرىكا 7-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى ئاندىرىۋ جېكسون

     

    تولۇق ئىسمى: ئاندىرىۋ جېكسون

    لەقىمى: قېرى ياۋا ياڭاق

    تۇغۇلۇپ ۋاپات بولغان ۋاقتى: 1776-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 1845-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە

    ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى: 1829-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1837-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە

    ئائىلە كېلىپ چىقىشى: دېھقانچىلىق خوجايىنى

    ئوقۇش تارىخى: مەخسۇس كۇرۇس (قانۇن)

    كەسپى: ئادوۋكات ۋە سوتچى، ھەربىي (مايور گېنىرال)

    سىياسىي پارتىيىسى: دېموكراتىك پارتىيە

    دىنىي-ئېتىقادى: پرېسبىتېرىئاللىق مەزھىپى

    ۋەزىپىسى: قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى، دۆلەت پارلامېنت ئەزاسى

    رەپىقىسى: رېچىل، دېننىرسون روبىس

    پەرزەنتى: يوق

    ھېكمەتلىك سۆزلىرى: ھەرقانداق بىر ئادىل ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، جەمئىيەتتىكى پەرق ھامان مەۋجۈد بولۇپ تۇرىدۇ. قابىلىيەت، مائارىپ ياكى مال-مۈلكنىڭ ئادىل بولماسلىقىنى ھەرگىزمۇ سۈنئىي بولغان تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس. تەڭرىنىڭ ھىممىتى ۋە ئەلا خىزمەت، ئىقتىساد ۋە ئۈنۈملەرنىڭ مېۋىسىدىن تولۇق بەھىرلىنىش بىلەن بىرگە يەنە ھەربىر كىشىنىڭ قانۇننىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش ھوقۇقىدىن تەڭداش بەھرىمان بولۇش ھوقۇقىمۇ بار؛ ئەمما، مۇبادا قانۇن مۇشۇ تەبىئىي بېرىلگەن ھەم ئادىل بولغان مەنپەئەتتىن سىرتىدا سۈنئىي پەرق ئاتا قىلىپ، بايلارنى تېخىمۇ بار، كۈچلۈكلەرنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىۋېتىدىكەن، ئۇنداقتا جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئەزالار، ئاشۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پايدىلارنى ئېلىپ كېلىشكە ۋاقتىمۇ يوق، ۋاستىسىمۇ يوق دېھقانلار، ئىزچىلار ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئادالەتسىزلىكى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار.

    ئاندىرو جېكسون ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى سابىق پىرىزدېنتقا سېلىشتۇرغاندا بىردىنبىر ئوخشاشلىقى شۇكى ئۇلار ئوخشاش بىر يىلدا تۇغۇلغان. ئاندىرو چېگرا رايونىنىڭ چېتىدىكى بىر ياغاچ ئۆيدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كچىىكىدىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، ھېچقانچە كۆپ تەربىيە كۆرمىگەن. مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ بالا ئەسكەر بولۇپ، ئۇرۇشلارغا قاتناشقان. ئون نەچچە ياش ۋاقتىدا، ئۇ ئانچە چوڭ بولمىغان ئائىلە مۈلكىگە ۋارسلىق قىلغان. تۇرمۇش تەرتىپسىزلىكى تۈپەيلىدىن بۇ مال-دۇنيانىڭ قىسقىلا ۋاقىتتا كۈلىنى كۆككە سورۇپ بولغان. كېيىن، ئۇ چەت ياقاچېگرا رايونىدا مۇقىملىشىپ قالغان ھەمدە ئادوۋكات بولغان. جېكسوننىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن قارام بولۇپ، ئۇ سان-ساناقسىز جەڭلەرگە قاتناشقان. ئات بەيگە مەيدانىدا قىمار ئويناپ، نەچچى ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى ئۇتتۇرۋەتكەن. ئۇ يەنە يەر مۈلۈك سودىسىنى قىلغان بولۇپ، كېيىن نەچچىلىگەن قۇللارغا ئېكىنزارلىق خوجايىنى بولغان. جېكسون 30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا، يېڭى قۇرۇلغان تېننېسسى شىتاتىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق ھوقۇق ۋە كۈچكە ئىگە سىياسىي شەخس بولۇپ بولغان. ئۇ بىر ئادەتتىكى تەپتىشتىن دۆلەت ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان؛ كېيىن ئاۋام پالاتا ئەزالىقىدىن پارلامېنت ئەزاسى بولغان. نەزىرى بۈركۈتنىڭكىدەك ئۆتكۈر جېكسون 1812-يىلىدىكى ئۇرۇشتا قەھرىمان بولغان. ئۇ ئالدى بىلەن ئىندىئانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتىكى قەھرىمان بولۇپ، كېيىن شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ ئورلېئان ئۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپە كۆرسەتكۈچى بولغان ھەمدە شۇنىڭلىق بىلەن داڭقى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان.

    جېكسون ۋاشىنگتونغا ئوخشاش، پىشىپ يېتىلگەن سىياسىيشۇناس قولى بىلەن دائىملىق غەلبە قازانغۇچىلىق مايور سالاھىيىتىنى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەن. ئۇ ئادەتتىكىدىن تاشقىرى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە شەخس.  كۈرەش قىلىش ئىرادىسى كۈچلۈك، سەزگۈر، ئاسان ئاچچىقلىنىغان كىشى. ئۇنىڭ دوستلىرىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر كەڭ قورساق، كۆيۈمچان، سادىق بىر كىشى؛ ئەمما ئۇ ھارقانداق بىر ھاقارەت قىلغان ياكى ساداقەتسىزلىك قىلغان كىشىنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى دەپ تونۇپ، ئەزەلدىن كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىپ باقمىغان. ئۇ بەزىدە ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەنسىمۇ، ئەمما يېقىنلىرىنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ بۇ ئاچچىقلىنىشلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت قوقاق سېلىشلا ئىكەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇنىڭ ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن مۇنازىرە قىلىشى مەقسەتلىك ياكى دۈشمىنىگە قورقاق سېلىش ئۈچۈن ئىكەن. ياكى بولمىسا سوزۇلۇۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان مەلۇم بىرئىشقا بولغان ئاخىرلاشتۇرۇشى ئىكەن. جېكسوننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى مارتىن فايبىرۇن ئۇنىڭ ئاسان ئاچچىقلىنىپ ئاسانلا ئوڭشىلىپ قالىدىغان مىجەزىگە ئىنتايىن ھەيران قالغان ئىكەن. ئىچكى كابېنت يىغىنىدا، بىرەرسى ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپلا قويسا، ئۇ كانىيى يىرتىلىپ كەتكۈچە قارشى تەرەپ بىلەن  مۇنازىرىلىشىدىكەن. ئەمما، بىردەمدىن كېيىنلا، باشقا كىشلەر كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىسى مارتىن بىلەن قالغان چاغدا، ئۇ ئىنتايىن خۇشخۇي ئەركىن بولۇپ قالىدىكەن، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت سورۇنلىرىدا، جېكسون ئۆزىنىڭ سالماقلىقى، مۇلايىملىقى ۋە جەلپ قىلارلىقى بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. خانىم-قىزلار يېنىدا بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ سەھرايى تومپايلىق قوپال ھەرىكەتلىرى گەپ-سۆزلىرىنى يىغىۋېلىپ، ئىجتىمائىي سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك گەپ-سۆزلەردىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىكەن. ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ «بىر قولىدا پالتا بىر قولىدا پىچاق كۆتۈرۈپ يۈرۈشىنى كۆرۈشنى» خالايدىغان كىشىلەرنى ھەيرانلىقتا قالدۇرۇشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، پۇقرالارمۇ ئۆزلىرىنىڭ چوڭلىرىنى ياكى ۋاشىنگتوننى ھۆرمەتلەپ سۆيگەندەك ئۇنىمۇ شۇنداق يېقىن كۆرگەن.

    پىرىزدېنت جېكسون پارتىيە ئىچى سىرتىدىكى سىياسيونلارنىڭ ئەكىس پىكىرلىرىگە ئازراقمۇ يول قويمايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ مۇندقاق بىر ھەقىقەتكە ئىشەنگەنلىكىدە ئىكەن: ئۆزىنىڭ مەيلى قايسى تەرەپكە تەلپۈنۈشىدىن قەتئىينەزەر، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭىدىكەن. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغان: «ئامېرىكا پىردېنتى بارلىق مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقلارنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغۇچى.... بۇ «ئاساسى قانۇن» تەرىپىدىن، ھەرقايسى قانۇن ۋە بارلىق ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىدىن بەلگىلەنگەن.»

    ئەينى ۋاقىتتا بەزى كىشىلەر جېكسوننى مۇنداق دەپ سۈپەتلىگەن: «سىرتقى قىياپەتتىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بويى ئېگىز، ئورۇق ھەمدە ئىنتايىن تىك ماڭىدۇ.... ئۇنىڭ بېشى ئۇزۇنچاق بولۇپ، بېشىنى قېنىق كۈلرەڭلىك چاچلىرى ئوراپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇنىڭدىكى سېھرىي كۈچنى تېخىمۇ نامايەن قىلدۇ. ئۇنىڭ پىشانىسىدە قېنىق قۇرۇق ئىزلىرى بار  بولۇپ، كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇرىدۇ. ئېگىز قاڭشارلىق بۇرۇنلىرى ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ۋەكىلىك قىلدۇ، چىڭ يۇمۇلغان لەۋلىرىدىن ئۇنىڭ ئىرادىسىدىكى قەتئىيلىكنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ پۈتكۈل قىياپىتى كىشىلەرگە پىشىپ يېتىلگەن باتۇر بىر جاسارەتنى ئەسلىتىدۇ.»

    يۇسران تەرجىمىسى

    داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئامېرىكا پىرىزدېنتى , ئاندىرىۋ جېكسون
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-7-31 20:07:37
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 827
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证