مىسىر باش مىنستىرى ھىشام قاندىل
ھىشام قاندىل (hesham Qandil) 1962-يىلى قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىكى بەنى سۇئىف ئۆلكىسىدە توغۇلغان. قاھىرە ئۇنۋېرستىنىڭ قۇرۇلۇش قاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ يۇتا شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىنىڭ سۇچىلىق كەسپىدە ماگستىرلىق ۋە شىمالى كارولىنا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتنىڭ سۇ قۇرۇلۇشى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىرشكەن. 1985-يىلى مىسىرغا قايتىپ كېلىپ دۆلەت مەمۇرلىقىغا قاتنىشىپ مىسىر سۇچىلىق مىنىستىرلىكىگە خىزمەتكە چۈشكەن.
قاندىل ئافرىقا تەرەققىيات بانكىسى، ئافرىقا يىمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىقتىسادىي سىياسەت دوكلاتى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ ئافرىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك -سۇچىلىق ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.
ھىشام قاندىل 2011-يىلى 7-ئايدا سابىق باش مىنىستىر ھىسام شەرىف تەرپىدىن ئىچكىي كابىنىتنىڭ سۇغىرىش ۋە سۇ بايلىقى مىنسترلىكىگە تەيىنلەنگەن، شەرىف تەختتىن چۈشكەندىن كېيىنمۇ، ئۇدا بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەن. ئۇ نىل دەريا ئىقىنى خەلقارا سۇ ئىشلىرى كومىتىتىنىڭ ئەزاسى.
ھىشام قاندىل 2012 -يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى مىسر پرىزدېنتى مۇھەممەد مورسى تەرپىدىن مىسىر باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىنىپ ئىچكىي كابنىت تەشكىللەشكە مەسئۇل قلىنىغان. ھىشام قاندىل ناھايىتى ئىبادەتگوي مۇسۇلمان بولۇپ ، گەرچە پارتىيە گۇرۇھسىز زات بولسىمۇ ئەممە سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ تەشكىلات سىرتىدىكى ئەزاسى دەپ قارىلىدۇ.