تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    jallat007
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12122
    422317806@qq.com

    يازما سانى : 4
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى

     


    ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى

     

    ئابدۇرېشىت سۇلايمان

     

    ئىنتىرنىتنىڭ كەﯓ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا كەﯓ-كۆلەمدە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ ھەرقايسى كەسپلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بولغان پىشاڭلىق رﻭلى كۆﺯ يۇمغىلى بولمايدىغاﻥ ﺩەرىجىدە كۆرﯛنەرلىك بولدﻯ.

     ئەينى يىللارﺩﺍ ئامېرىكىدىكى مىكرﻭ سوفت شىركىتى،  ﯞېندﻭﯞﺱ (WINDOWS) يۇمشاﻕ ﺩېتالىنى كەشپ قىلىپ كەﯓ كۆلەمدە باﺯﺍرغا سېلىش بىلەﻥ كومپيۇتېرنىڭ ھەرقايسى كەسپلەرگە شىدﺩەتلىك ئېقىن بولۇﭖ سىڭىپ كىرىشى ئۆتتۇرسىدىكى تاناسىپاﻝ مۇناسىۋەﺕ ئىنتىرنىت كۆرگۈچنىڭ ﯞېندﻭﯞسقا سەپلىنىشى بىلەﻥ ئىنقىلاﺏ خارﺍكتېرلىك ئۆﺯگىرىش ياساﭖ ئۇﺯﯗندىن بېرﻯ ھۆكۈمرﺍﻥ ئۆرﯗندﺍ تۇرﯗﭖ كەلگەﻥ ئىنسانلار ئۆتتۇرسىدىكى پوچتا ئاﻻقىسىنى شىدﺩەﺕ بىلەﻥ يىڭىلىدى . ئىنتىرنىت 5 مىليارﺩ ﺩﯗنيا ئاھالىسىنىڭ مېھرىنى بىر -بىرسىگە چاتتى . ﺩﯙلەتلەر ئۆتتۇرسىدىكى پەن –تەخنىكا، مەدىنيەت توساقلىرى پاچاقلىنىپ ئىنتىرنىت بارﺍ-بارﺍ يېزﺍ-قىشلاقلارغىچە كېڭەيدﻯ. دۇنيا كىچىك بىر كەنىتكە ئايلىنىپ سانائەت، يىزا ئىگلىك، سودا كەسىپلىرىدىكى يىڭى ئۇچۇر، تەخنىكىۋى بىلىم قۇرۇلمىلىرى ياراتقان كەشپىياتلار، مىللەت تەركىۋى، ۋە فولىكلور ئاساسلىرى ھەر خىل بولغان مىللەتلەرنىڭ ئاۋازىنى يات مىللەتكە سىڭدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزگىچە مەدىنيەت چەمبىرىكى ھاسىل قىلدى.

     21-ئەسىرگە كەلگەندە پەﻥ-تېخنىكىنىڭ ئالەمشۇمۇﻝ نەتىجىلىرﻯ قورشاﯞىدىكى ئىنسانىيەﺕ، كونىرﺍﭖ كەتكەﻥ ﺩﯗنيانىڭ قۇملۇقلىرىدا - قۇﻡ ئاستىدﺍ ياتقاﻥ ئەنئەنىنىڭ ئەھكاملىرىغا باﺵ ئۇرﯗﭖ، ئۆلۈﻡ ﯞە ھاﻻكەتنى تەقدىرگە باغلاﭖ، تەقدىرﺩىن باشقا مۆجىزىلەرنى ئىترﺍﭖ قىلىشقا كۆنمىگەﻥ ئۇيغۇر قەﯞمى ئۈچۈﻥ يەنە بىر ساﯞﺍتسىزلىق ئۇقۇمىنى تاشلىدﻯ. كۈنسېرﻯ چۆكىۋﺍتقاﻥ قۇملۇقلارغا ماﺱ ھالدﺍ چۆكىۋﺍتقاﻥ رﻭھنى غەيىپ ئۇچۇرﻻرﺩىن ئىزلەﯞﺍتقاﻥ بۇمىللەﺕ ئۈچۈﻥ يەر -ﺯېمىن ئېرىپ %72 سۇلۇقتىكى توپاننىڭ بىشارىتى ﺩەﯞرەﭖ كەلگەندە : نوھنىڭ كىمىسى ھاجەﺕ ئەمەﺱ . چۈنكى بۇ قەﯞىم «ئۇنتۇغاقلىق كېسىلى»گە مەھكۇﻡ بولغاﻥ . ئەترﺍپىمىزﺩﺍ ﯞﺍقىتنى «سائەﺕ»تىن ئىبارەﺕ يېڭى ئىجاﺩىيەﺕ بىلەﻥ ئۆلچەﭖ ئاﺯ قالغاﻥ ﺯﺍماﻥ ئاخىرنىڭ بىشارىتى ﺩەﭖ تونۇﭖ ئاخىرەتكە ئالدىرﺍﯞﺍتقاﻥ مىللەتنىڭ سۈﺯﯛﻙ قىرﺍئەتلىرﻯ ئاڭلىنىىپ تۇرسىمۇ بىز تېخىچە ئىللەتلىرىمىزگە مۇھەببەﺕ كۆﺯﻯ بىلەﻥ قارﺍﯞﺍتىمىز. گەرچە ئىنتىرنىتنىڭ قورشاﯞىغا چۈشۈﭖ ھەممە نەرسەﺯﺍمانىۋىلىققا قارﺍﭖ يۈﺯلىنىۋﺍتسىمۇ بىز ﺯﺍمانىۋﻯ شەھەرلەرنىڭ بۇرجەكلىرىدە ئىسقا پۈركىنىپ ئۆلتۇرﯗﭖ «كاﯞﺍﭖ سېتىۋﺍتقاﻥ مىللەﺕ» كە ئايلاندﯗﻕ. ﺩﯗنياﺩﺍ بىر ئاﺩەﻡ، پەقەﺕ بىر ئاﺩەملا ئۆﺯ ئىرﺍﺩىسىنى يۇمشاﻕﺩېتاﻝ ئارقىلىق گەﯞﺩىلەندﯛرﯛﭖ كۆﺯ بىلەﻥ كۆرگىلى، قولى بىلەﻥ تۇتقىلى بولمايدىغاﻥ مەھسۇﻻتى ئارقىلىق ئاﺩەﻡ تەسەﯞﯞﯗرقىلغۇسىز بايلىق يارىتىۋﺍتقاﻥ ئىقتىسادى قىممەﺕ ﺩەﯞرىدە بىز قوﻝ بىلەﻥ تۇتقىلى، كۆﺯ بىلەﻥكۆﺯگىلى بولىدىغاﻥ خاﻡ ئەشيا ئارتۇقچىلىقىمىزنى ﺩﺍﯞررﺍﯓ سېلىپ سانائەﺕ ئاساسى يوﻕ قىممەﺕ قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىدىن سىرﺕ بىر قانچە يىلدىن كېيىن تۈگەيدىغاﻥ بىر گۇمرﺍھ سوﺩﺍ يولىغا قاﻥ-قېنىمىز بىلەﻥ كىرىپ كەتتۇﻕ. بىز بەرپا قىلغاﻥ سوﺩﺍ مەﺩەنىيتى بىلەﻥ تەرەققى قىلغان ئەللەردىكى مىللەتلەر مەدىنىيتىگە نەﺯەر سېلىش بەكمۇ قورقۇنچلۇﻕ ھەﻡ بەكمۇ خەتەرلىك. چۈنكى تۈگىمەيدىغاﻥ تەبىئىي بايلىق يوﻕ . بۇ ھاماﻥ ئاخىرلىشىدﯗ.

     ئىنسانلارنىڭ تېخنىكا ئىقتىدﺍرﻯ بىزنىڭ ئەقىل-پارﺍسىتىمىزﺩىن ھەسسىلەﭖ ئېشىپ كەتكەﻥ يېقىنقى يىللارﺩﺍ ئۇيغۇرتىل-يېزىقى بىلەﻥ ئىنتىرنىتتا ئاﻻقە قىلىش شەرىپىنى «ئۇيغۇر سوفت»( Uighursoft )شىركىتى  ، «ئەﻝ كاتىپ»(ALKATIP )يېزىق سېستىمىسىنى ئىجاﺩ قىلىش بىلەﻥ يارىتىپ بەرﺩﻯ. ئالەﻡ مۆجىزىلىرىگە بولغاﻥ قايىللىقىمىز ئاشتى. يىتىرقاﭖ تۇرﯗﭖ ئىنتىرنىتقا قەﺩەﻡ باستۇﻕ. ھەيھاﺕ!ھاياتىمىز ھاياجانغا تولدﻯ. تەرەققىياتنىڭ رېتىمىنى ھېس قىلدﯗﻕ. پۇﻝ-مۇئامىلە، پوچتا -تېلىگرﺍﻑ سېستىمىسىدىكى قوﻻيلىقلار . . . ھوللىۋﻭﺩتا نەچچە يىل ئىچىدە ئىشلەنگەﻥ ناﺩىر فىلىملار نەچچە سائەتتىن كېيىن ئۇيغۇر توربەتلىرىدە پەيدﺍ بولدﻯ . ﺯﺍماندﺍشلار ئىچىدىكى تەرەققىياتلارﺩىن سۆيۈندﯗﻕ. ئۇرﯗﺵ ھاﻻكەتلىرﻯ، مىللەتلەر ئارﺍ سۈركىلىشلەر . . . تۆكىلىۋﺍتقاﻥ قاﻥ. . . يىمىرىلىۋﺍتقاﻥ ئەخلاققا نەپرەتلەندﯗﻕ . قۇرغاﻕ رﻭھىمىزغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغاﻥ نەﻡ ھاﯞﺍ ئىچىدە گاھىدﺍ ئۆغۇﺯخاننىڭ ئاﻕ قاشقىلىق ئېتىغا مىنىپ جەڭگاھلارﺩﺍ يالىڭاچلانغاﻥ قىلىچلىرىمىزنى كۆتىرىپ ھۇررﺍ توﯞلىساﻕ گاھىدﺍ مەھمۇﺩ قەشقىرﻯ بىلەﻥ «ھاﻱ-ھاﻱ تېرەﻙ»نىڭ ئاستىدﺍ ئۆلتۇرﯗﭖ بىرلىكتە ناماﺯ ئۆقۇﺩﯗﻕ. ئىنتىرنىتتىكى ﺩﯗنياﯞﻯ ئىنقىلاﺏ%28قۇرﯗقلۇقتىكى ئىنسانلارنىڭ چەكسىز مېھرﻯ -مۇھەببىتىنى بىر-بىرگە چاتتى. مىللەتتىكى چۆچۈﺵ سەﺯگۈسى بىلەﻥ كۈنسېرﻯ يېڭىلىققا يۈﺯلىنىپ مانا مەﻥ مەﺩەنىيەتنىڭ بەلگىسى ﺩەﭖ جار سېلىۋﺍتقاﻥ ئالدىمىزﺩىكى«شەيتاﻥ ئەينىكى» ئالدىدﺍ ھەقىقەتەﻥ ساﯞﺍتسىزلىقىمىزنى ھېس قىلىپ يەتكنىمىزﺩە چۆچۈمەﻱ قالمايمىز.

    بولۇپمۇ مەدىنيەت بولىكىدىكى ھالقىلىق جەۋھەر - ئەدىبىيات ياراتقان ئىستىتىك قاتلام مىۋىلىرى بەھىرلەندۇرۇش ھىممىتى بىلەن قىممەت ئەلچىسىگە ئايلىنىپ «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى»دىن ئىبارەت سۇزۇك ئىقىننى شەكىللەندۇرگەن بەش يىلدىن بىرى ئىنتىرنىتنىڭ مۇنازىرە ھىممىتى ۋە قىممىتى ئاساسىدا ئۇيغۇر ئەدىبىياتى شەكىل، مەزمۇن، جەھەتتىن بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى . ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ مەلۇم تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئۇيغۇر –شائېر يازغۇچىلىرى ئىپادىلەش ۋە شەكىل كۇچى ئۆزگىچە بولغان نادىر يازمىلىرىنى مۇنازىرلەرگە قويۇش ئارقىلىق ئەدىبىيات مۇنازىرە تۇسى قويۇق بولغان تور بىكەتلىرىدە شەكىللىنىش دەۋرى ئەمدى باشلانغان ئەدەبى تەنقىتچىلىكنىڭ نەزىريەۋى ئاساسى، شەكلى، ۋە ئەدىبىياتىمىزدىكى پىشاڭلىق رولىنى چورىدىگەن ئاساسدا مۇنازىرە ئىلىپ بىرىلىپ بىر خىل قىزىقىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن تور ئەدىبىياتىنى كولەمگە ئىگە قىلدى . ماھارەت سىناش، ئۆزىنى تەربىلەش، ئىجادىيەت قىزغىنلىغىنى ئاشۇرۇش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۇرۇلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇنازىرە مۇنبەرلىرى ئۆزىنىڭ تەرجىمە قوشۇننىڭ سەرخىللىغىدىن پايدىلىنىپ ھەممە ئىقىملار بەس –بەستە سايراۋاتقان . ئۆزىنىڭ زىيالىلار قاتلىمى ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۆزگىچە تىلدا، ئۆزگىچە ئىجادىيەت قىلىۋاتقان دۇنيا ئەدىبىياتىدىكى نوپۇزلۇق يازغۇچى –شائېرلار، تەتقىقاتچىلارنىڭ يازمىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق كولەملەشكەن ئەدىبىيات مۇھىيتىنى شەكىللەندۇرۇش ئۇچۇن ئەقلى كۇچ سەرىپ قىلدى.

    چەك –چىگىرسى بۇزىۋىتىلگەن دۇنيا تور ئەدىبىياتى تەرەققىياتىدىكى يىڭىلىقلار، ئۆزگىچە ئەدىبيات نەزىريەلىرى، دۇنيا ئەدىبىياتىدا قىزىق نوقتىغا ئايلىنىپ، زىل –زىلە قوزغاپ تۇرىۋاتقان كىتاپلار، نوبىل ئەدىبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئىرىشكۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى توغۇرسىدا ئۇيغۇر مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە مۇنازىرە ئىلىپ بىرىلىپ ئەدىبى ئۇسلۇپ جەھەتتە كوپ پەرىق شەكىللەندۇرگەن دۇنيا ئەدىبىياتىدىكى يازغۇچى –شائېرلارنىڭ ئىجادىيەت يوللىرى، ئازاپلىرى، ئىجادىيەت خائىشى بىلەن ئۇچۇرشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدىبىيات قوشىنىغا يىڭىدىن قىتىلغان ياش بۇزغۇنلارغا «ئەدەبى ئۇنۋىرسىت »رولىنى ئۆتەۋاتقان تور بىكەتلىرى ئۇيغۇر يازغۇچى –شائېرلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىگىمۇ ھالقىلىق تەسىر كورسەتتى . بولۇپمۇ يىقىنغا يىللاردا ئۇيغۇر شېئىريىتىدە شەكىللەنگەن سۇكۇتلۇك ئىزتىراپ، قورغاق تەمدىكى شىئېرىي يازمىلار . شېئىريەتتىن سوۋۇش پاجىئەسى، شىئېريەت مۇلاھىزە ماقاللىرىنىڭ كەمچىل بولىشى، شېئىريەتتىكى تۇيغۇ ئۆلچىمنىڭ كىتاپخانلاردا شەكىللەنمەسلىگى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان شائېر- كىتاپخان زىدىيىتى –ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى شەكىللەنگەندىن باشلاپ ئىزچىل تۇردە مۇلاھىزە قىلىنىپ ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدىكى قىزىق نوقتا مەسىللىرىگە ئايلىنىپ ئىزتىراپ ئىچىدىكى ئۇيغۇر شىئېريىتىگە يىڭى يول، -ھاياتى كۇچ بەخىش ئىتىلدى،

    ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا ئىلىپ كەلگەن يىڭىلىقلىرى ۋە ھادىسىۋى تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەلۇم سەۋەنلىكلىرى مەۋجۇت . مۇلاھىىزىمىزدىكى تەھلىللەردە ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ بەش يىللىق تارىخىدىن توۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىرىمىز.

    1-«ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى »غا ئىنىقلىما

    ئۇيغۇر ئەدىبىياتى 21-ئەسىرگە قەدەم قويۇش بىلەن تەڭ مەدىنيەت تەرەققىياتىدىكى رەڭ تور ئەدىبىياتىدىن ئىبارەت ھادىسىۋى شاخچە بىلەن مەلۇم كولەمگە ئىگە بولدى.

    بەش يىللىق تارىخقا ئىگە «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى »شەكىللىنىش يىللىرىدا ئالى مەكتەپ ئەدىبىيات پەنلىرى ئۆقۇغۇچىلىرىنى، ئالى مەكتەپلەردىكى، شەھەر -يىزا بازارلاردىكى مەدىنيەت خىزمەتچىلىرىنى ئاساسى گەۋدە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر ئەدىبىياتى سىستىمىسىدىكى ئۆزىگە خا س بولغان نەزىريەۋى يەكۇنلەر، خەلىق ئىغىز ئەدىبىياتى جەۋھەرلىرى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتىدىكى كىلاسسىك ئۇستازلارنىڭ مەتبۇئاتتا ئىلان قىلىنغان ھەم قىلىنمىغان قىممىتى يۇقىرى ئەسەرلىرى، ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۇگۇنكى زامان ئەدىبىياتىدىكى جەمىيەتتە كۇچلۇك تەسىر قوزغىغان، تەسىرى ۋە قىممىتى چوڭ بولغان ئەسەرلەرنى مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە قويۇش ئارقىلىق ئەتىراپلىق مۇلاھىزە ۋە تەھلىل ئىلىپ بىرىپ ئۆرتاق نىشان ۋە ئۆرتاق مەنبەدىكى نەتىجىسى يۇقىرى ئەدىبىيات ھەركىتىگە ئايلاندى.

    ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى –ئۇيغۇر ئەدىبىياتىىنىڭ ھەممە ئالاھىدىلىكلىرىنى شەكىل ۋە مەزمۇن دائىرسىدە تولۇق ھازىرلىغان، قۇلغا كەلتۇرگەن مۇھاقىپىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەدىنيەت سىستىمىسىغا تەسىر كورسەتكەن، ئۆزىگە خاس تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە -ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان مەدىنيەت ھەركىتى . ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدىكى خاسلىق -مەزمۇن، شەكىل، نەتىجە ئاساسىدا مەدىنيەت چەمبىرىكىدىكى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىغىنى نامايەن قىلىۋاتقان رىئاللىقتىكى كۋنىت دۇنياسى ئۇچۇن بىر تارقاق مىقتارنىڭ مىقتار ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىشى، ۋە تەرەققى قىلدۇرشى، ئەدىبىيات دائىرسىدە نۇرغۇن ئەدىبى ئىقىملارنىڭ بارلىققا كىلىشى بىلەن تەرەققى قىلىشى سۇرىتى تىز بولغان بۇ پەندىكى ئىجتىمايى سەۋەپلەر ئىچىدە ئىلىكتىرۇن ھەركىتى ئىنتىرنىتنىڭ تەسىرى ھەممىدىن گەۋدىلىك بولدى . گەرچە ئەدىبى ئىقىم بىلەن ئىلىكتىرۇن ھەركىتى ئىنتىرنىتنى سىلىشتۇرۇش كۇلكىلىك بولسىمۇ ئىستىتىك قىممەت يوزلىنىشىدىكى مەنبە ئەدىبىيات، ھەر ئىككىسى ئەدىبىيات ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ . مەقسەت ئەدىبىياتنى تەرەققى قىلدۇرۇش . ماركىزىملىق نوقتىنەزەردىكى قىممەت شەكلىدە ئەدىبىيات ئۇچۇن خىزمەت قىلغان ۋاستىلەرنىڭ تەسىرىنى ھەم نەتىجىسىنى سىلىشتۇرۇشقا بولۇدۇ.

    ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۇنىڭ مۇنازىرە ھەم تەنقىت تۇسىنىڭ جەڭگىۋارلىغىدا ئىپادىلىنىدۇ . سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقنىڭ رەئىمسىزلىك بىلەن ئىلىپ بىرىلغان ئىزچىللىغى ئەدىبىياتنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ تور ئەدىبىياتىدىن ئىبارەت سىستىمىنىڭ ئىستىتىك يۇزلىنىشىنى يىڭىچە بىر گۇزەللىك بىلەن باسقۇچلۇق تەرەققى قىلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالغاندا ئىجتىمايى تۇرمۇشنىڭ ئادەم مىڭىسىدىكى ئىنكاسى، ئادەم مىڭىسىدىكى دىيالۇگنىڭ ئىجتىمايى تۇرمۇشقا تەسىر كورسىتىش ھىممىتى بىلەن ئەدىبىياتنىڭ گۇزەللىكىگە، بىشارەتلىكلىكىگە، خاسلىقىغا يىڭىچە مەزمۇن قوشتى . مانا بۇ رىئاللىقتىكى كىۋنىتنىڭ يەنى بىرلىكنىڭ كوپلۇك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۇرۇش خاسلىقى.

    تور ئەدىبىياتىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرى قىرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەدىبىياتىدا ئاللابۇرۇن مەلۇم كولەمگە ئىگە بولغان يىللاردا ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كولەملىشى نۇرغۇن زىدىيەتلىك قاراشلارنىڭ قورشاۋىدا ئىنتىرنىتنى ۋاستە، ئۇيغۇر يازغۇچى –شائېرلىرىنى تايانىچ كۇچ قىلىپ تۇرۇپ بارلىققا كەلدى . ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ ئىپتىدائى باسقۇچىدا گەرچە بىردەك قاراشقا ئىگە بولمىساقمۇ شاكىلدىن ئايرىپ مىغىزغا ئىگە بولۇش دەۋرى« 2003-يىلىنىڭ كىيىنكى يىرىمىدىن باشلانغان »دەپ قاراش بىر قەدەر دەلىللىككە ۋە ئىلمىلىككە ئىگە . ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ نەزىريەۋى تەتقىقاتىدا شەكىللەنگەن خاسلىق، مەنىۋى قىممەت شەكلىگە كىرىش ئۇچۇن تەرەققىيات سەزگۇسىگە ئىگە بىر قىسىم پىشقەدەم ئەدىپلەرنىڭ ئەدىبىيات مۇنبەرلىرىگە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن (ئەدىبىيات سالۇنى )ھاسىل قىلىنىپ (يەنە بىر مۇنازىرە )ئاساسىدىكى تىمىلارنىڭ قىممىتىنى چورىدىگەن ئاساسدا بەدىئىي لەززەت ۋە بەدىئىي تەنقىت ئىچىرقاشلىرىدىكى بوشلۇق- تور ئەدىبىياتىدىن ئىبارەت يىڭى ئەدىبىيات ھەركىتى بىلەن تولدۇرۇلدى.

    «تور ئەدىبىياتى»دىكى يازغۇچى –شائېرلار، تەنقىتچىلەر، مۇنازىرچى ئابۇنۇتلارنىڭ تەتقىقاتىدىكى تەرتىپسىزلىك مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ مەلۇم قىلىپ ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىشى بىلەن مەلۇم ئىزدىنىش يولى ۋە تەتقىقات تەرتىپىگە كىردى . -مانا بۇ بىر قىسىم ژورنالىسلارنىڭ ئۆرتاق باھاسى، ۋە يۇقارقى يەكۇننى چورىدىگەن ئاساسدا چىقارغان يەكۇنلۇك قاراشلىرى.

    ئەدىبىياتنىڭ ئىنسانىيەت روھىيىتى ئۇستىدىكى ئىزلىنىش سەپىرى چەكسىز . ئېستېتىكىدىن ئىبارەت گۇزەللىكتىكى ئىجتىمايىلىققا ئىگە ھادىسىنىڭ شەكىللىرى ئۇيغۇر شېئىريىتى ئۇچۇن شەكلىدە ۋە مەزمۇنىدا خاسلىق يارىتىپ بىرىۋاتقان 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىنتىرنىتنىڭ ئەدىبىياتتىكى شەكلى پەقەت (تور چايخانىلىرى )بىلەن چەكلەندى . بۇنى بىر قىسىم كىشىلەر ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ باشلىنىشى دەپ يەكۇن چىقرىشقان بولسىمۇ تەتقىق قىلىش، كۇزىتىش، شەكلى بىلەن بۇ قاراشنىڭ دەلىللىكىنى رەت قىلىمىز . ئۆمۇم ئىتراپ قىلغان قاراش ۋە يەكۇن –«تور ئەدىبىياتنىڭ ساپلىقى شەكىللىنىشى كىرەك ». گۇزەللىك يارتىش، مۇنازىرە قىزغىن ۋە دەلىللىك بولۇش، ئەدىبىياتنىڭ قىممىتىنى چورىدەپ ئۆبىكتىپ دۇنيانىڭ خىيالى مەنزىلدىكى سەنئەتنىڭ قىممىتىنى ئىزلەش –تور ئەدىبىياتىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى . بۇ نىشان ئۇچۇن بىز شەكىلدىكى قىممەتنى ئەمەس، نەتىجىنى ھورمەت قىلىمىز.

    ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ نەتىجە ئەمىلىيىتى بەش يىللىق تەرەققىياتىدا نەزىريە جەھەتتىن چوڭ بىر قۇملۇق شەكلىدە تاشلىۋىتىلگەن بولسىمۇ «تەبىئې پارىتلاش »ھامان بىر كۇنى تور ئەدىبىياتىنىڭ مەنىۋى ۋاستە سۇپىتىدە تەتقىق قىلىنىشنى كۇتۇپ تۇرۇدۇ.

    تور ئەدىبىياتىدىكى مەزمۇن ۋە قىممەت سالاپىتى، - ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتىدىكى جەۋھەرلەر، دۇنيا ئەدىبىياتىدىكى چىگرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ ئىنسانىيەتنىڭ روھى بىردەكلىكى شەكىلدىكى ئەدىبىيات دۇردانىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تۇنۇشتۇرۇپ كەڭ كولەمدە «دۇنيا ئەدىبىيات ئۇنۋىرسىتى »دىن ئىبارەت ياشاشتىكى سەنئەت يولىدا مەدىنيەتنى قىزىپ چىقىش بىلىم يۇرتى شەكىللەندۇرگەنلىگىدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.

    2-«ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى »نىڭ تەرەققىياتى

     

    ئۇيغۇر خەلقى ياراتقان مەدىنيەت بايلىقلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى –سەنئەت، مەدىنيەت تەشكىل قىلغان پەن، دىن، سەنئەت تىرىتوگىيەسى بىزگە نۇرغۇن بايلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن، بولۇپمۇ سەنئەت تەشكىللىگىدىكى شىئېريەت 3تىرىتوگىيەدىكى پەن، دىن، سەنئەتدىن ئىبارەت سىستىمىلارغا بىۋاستە قانداشلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەندۇرگەنلىكى ئۇچۇن ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدا شېئىريەت تەتقىقاتى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولدى.

    شەرىتلىك ئاتالغۇ «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ تەرەققىياتى»نى تەتقىق قىلىش يولىنىشى مۇقەررەر ھالدا تەتقىقات ئۆبىكتىۋىنى ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ كىلاسسىك دەۋرىدىن باشلاپ 21-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى بولىكىگە تۇتاشتۇرۇش ئۇچۇن كىچە –كۇندۇز تەر ئاققۇزغان مىھنەتكەش زىيالىلارنىڭ ئەجرىنى شەرەپ بىلەن تىلغا ئالىدۇ.

    تور ئەدىبىياتى تەرەققىياتىدىكى ئىزدىنىش، ئىنسانىيەتنىڭ «ئەدىبىياتتىكى يولۇنۇشلۇك تەتقىقات »شەكلدە بىر –بىرسىدىن پەرىقلىنىپ تۇرۇدۇ . ئىنتىرنىتنىڭ ئىنسانىيەت تۇرمۇشىغا كەڭ –كولەمدە ئۆمۇملىشىغا ئەگىشىپ ئەدىبىياتتىكى تەخىرسىزلىكنى، تەتقىق قىلىشنى سەزگەن بىر قىسىم دوۋلەتلەردىكى ئەدىبىيات ئۇنۋىرسىتلىرى «ئىلىكتىرۇنلۇق كۇتۇپخانا»پائىلىيىتى ئۇچۇن ئالدىن تەييارلىق قىلىپ دوۋلەتنىڭ كەڭ –كولەملىك مەبلەغ سىلىشى بىلەن شۇ مىللەت تەۋە بولغان فولىكلۇر بايلىغىنى كەڭ –كولەمدە قىزىشقا باشلىدى . تەتقىقاتلىرىدا شۇ مىللەتنىڭ ئىپتىدائى باسقۇچىدىكى بەدىئىي ئەسەرلىرى . خەلىق ئىغىز ئەدىبىياتىدىكى جەۋھەرلەر، خەلىق روھىيتىگە ئالاھىدە تەسىر كورسەتكەن چۆچەك، لەتىپە، مەسەل، ئېستېتىك زوق مەنبەسىدىكى بارلىق ئەسەرلەر كاتۇلىگى، ۋە ئۇلارنىڭ ئىنتىرنىتتىكى مەزمۇنلىرى، پەلسەپىۋى بەكۇنلەر، رەسساملىق، ھەيكەلتاراشلىق، مۇزىكا، ئۇسۇل، دراما، كىنۇ، …قاتارلىق ئەڭ جاپالىق تەتقىقاتنى كۇتۇپ تۇرغان بوشلۇقنى قايتىدىن تەتقىق قىلىپ، كەڭ خەلىقنىڭ تۇرمۇشىغا يىقىنلاشتۇرۇش ئۇچۇن تور ئەدىبىياتىنىڭ باشلانغۇچ قەدىمىنى خاسىيەتلىك ئىلمى تەتقىقات بىلەن باشلىدى . ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى شەكىللىنىش بىخلىرى بىلەن باش كوتىرىپ چىققاندا ئەتىراپتىكى مىللەتلەرنىڭ تور ئەدىبىياتى سىستىمىلىق تەتقىقاتنى ئاللابۇرۇن تاماملاپ كەڭ ئابۇنۇتلارنىڭ ماتىريال تاللاش ۋە كورۇش ئاۋارىچىلىغىدىكى كۇتۇپخاننى «شەخىس كوزىگە ۋە قەلبىگە»تاشلاپ بەردى . گەرچە «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى»دىكى ئەتىراپلىق، ئۆمۇمىيۇزلۇك ئىزدىنىش مەلۇم ئىزىقىش ۋە گاڭگىراشلار ئىچىدە بىر يىل ئەتىراپىدا جان تالاشقان بولسىمۇ تەتقىقات يولىنىشى ئايدىڭلاشقان بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار «ئۇيغۇر شېئىريەت تارىخى»نى قايتىدىن تۇرغۇزۇش يولىدا كوپ ئەجىر قىلدى . ئۇيغۇر خەلىق ئىغىز ئەدىبىياتى، قىيا تاش رەسىملىرى، قەدىمكى قوشاقلار، ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر، ئېپۇسلار، بۇددا مۇھىيتىدىكى ئەدىبىيات- سەنئەت، يىزىق ۋەسىقىلىرى ۋە ئەدىبى ئەسەرلەر، ئۇرقۇن دەۋرىدىكى ئەدىبىيات، قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋىردىكى شىئېريەت، قارىخانلار دەۋرىدىكى . سەئىدىيە ئىمپىريەسى دەۋرىدىكى يىتۇك يازمىلار، ئۇيغۇر سوپىزىم ئەدىبىياتىنىڭ دۇردانىلىرى . ئابۇ ناسىر فارابى، ۋە يۇسۇپ خاس ھاجىپ …. قاتارلىقلارنىڭ فەلسەپىۋى قاراشلىرى…. ئۇيغۇر يىڭى شىئېريىتىدىكى دۇنيانى يىڭىچە گۇزەللىك ئۆلچىمى بىلەن كۇزەتكۇچىلەرنىڭ ئۇيغۇر شېئىريىتىدە سىلكىنىش شەكىللەندۇرگەن يازمىلىرى ۋە ئۇ يازمىلار ئۇستىدىكى تەتقىقات…. . قاتارلىقلار ئاساسىدا ھازىرقىدا ئۆيلۇنۇش، ئۆتمۇشتىن پەخىرلىنىش، كەلگۇسىدە ئاھ ئۇرۇش ھىسياتى بىلەن كىچىنى –كۇندۇزگە ئۇلاپ مەلۇم كولەم شەكىللەندۇرۇلدى . «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى»دا شېئىريەتتىكى ئەمگەكنىڭ بۇ دەرىجىدە سىستىمىلق ۋە تەرتىپلىك ئىشلىنىشى ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىنىڭ تارىخ ئالدىدىكى مەسۇلىيىتىنى قانچىلىك دەرجىدە ئادا قىلغانلىغىنى ئاشكارلاپ قويىدۇ.

    ھەر قايسى ئەدىبىيات مۇنبەرلىرىدە مۇنازىرگە ۋە تەتقىقاتقا سەۋەپچى بولىۋاتقان ئۇيغۇر داستانچىلىغىدىكى «ئۆغۇزنامە »دىن باشلىنىپ «ئەركەكلەر قىنى سىلەر »گىچە داۋاملاشقان قىزغىنلىغى ۋە دەلىللىگى يۇقىرى تەھلىللەردىن مەتبۇئات شەكىللەندۇرگەن شىئېريەت تەتقىقاتى بىلەن تور ئەدىبىياتىدىكى شىئېريەت تەتقىقاتىنىڭ پەرقىنى بىلەلەيمىز.

    ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك تەرەققىياتنى شېئىريەت ئارقىلىق خۇلاسە قىلىش ئاتالغۇ مەنىسىدىكى بوشلۇقنى كىچىكلىتىپ قويىدۇ.

    ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدىكى زىيالىلارنىڭ ئەدىبىيات سىستىمىسىدىكى پىرۇزىغا كوچۇش قىزغىنلىغىدا ئىزاھلاپ ئۆتۇشكە تىگىشلىك، ئۆينىغان رولى ۋە تەسىرى چوڭ ئىجادىي ئەمگەكلەرنىڭ مەۋجۇتلىغى تىڭىرقاش ئىچىدىكى ئۇمىدنىڭ «پىروزىغا قىنىش »ھەركىتىدە ئاز بولمىغان ئىزلىنىشلەرنى بارلىققا كەلتۇردى . تور ئەدىبىياتى مۇنبەرلىرىدىكى سىياسىدىن يىراق تۇرۇپ ئەركىن پىكىر قىلىش ئۆزگىچىلىكى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى تەپەككۇر «كەڭەيمىچىلىكى»نى يەنە بىر گۇزەللىك شەكلى بىلەن ئىپادىلەپ ئەسەرلەردىكى ئۆبرازلار، پىرسۇناجلاردىكى مىللى خاراكتىر ۋە كىملىك، مىللى سالاپەت ۋە ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلەشنى ئاساسى مىلودىيە قىلىپ تۇرۇپ ئۆبىكتىپ ئىھتىياج شەكلىدىكى خەلىق ئارزۇسىغا كوچتى . ئەسىر ئالمىشىش ھارپىسىدىكى ئىش ئۆرنىدىن قىلىش ھالاكەتچىلىكى، يىڭى بەش يىللىق پىلان ئەۋجىدىكى ئالدىن بىيىغانلار بىلەن ئاۋام ئۆتتۇرسىدىكى پەرىقنىڭ چوڭ بولۇپ كىتىشى، مەدىنيەتتىكى داۋالغۇش . شەھەرلەردىكى ئائىلە قىرغىنچىلىغى، بۇزىلىۋاتقان روھىيەت ئىكىلۆگىيەسى . . . تور ئەدىبىياتى يازغۇچىلىرىنىڭ ئىزدىنىش كارتىنىلىرى بىلەن مەدىنيەت ئىكىنچىلىكدە ئۆقۇرمەنلەرگە ھەقىقى ئىستېتىك زوق بىغىشلىدى.

    پوبلېستىك ماقالىلەر «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى»دىكى تەرەققىياتنىڭ مەتبۇئاتتىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچىلىكىدىكى ئالاھدە جەۋھەر.

    مەدىنيەت چەمبىرىكىدىكى قەبىلە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى سەلتەنىتى «قەشقەريە»بىلەن قەبرىگە دەپىن قىلىنغان . ئۇنىڭدىن كىيىنكى ماددى تەرەققىيات ھەر ھالدا كورىنەرلىك بولدى . سودا مەدىنىيىتى، رىئاللىقتىكى ئىكىنچىلىك، ئات ئۇستى مەدىنىيىتى، ئاسمىلاتسىيەدىكى يىپەك يولى مەدىنىيىتى، دىھقانلارنى ئاساسى گەۋدە قىلغان يىزا تۇرمۇشى ئىچىدە روھىيەتتىكى تىتىلىشنى ئىزلىنىش ئۆبىكتىۋى قىلغان پوبلىستىك ماقالىلەردە ناخشا ئۇسۇلنى دەستەك قىلغان ئىسلام دىنى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رىئال تۇرمۇشنىڭ توۋەن قاتلىمىدىكى گاڭراشلىرى، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئىشىكنى سىرىتقا ئىچىۋىتىش شاپائىتىدىن كىيىنكى مەدىنيەت پەرقى، ماددى مەدىنيەتتىكى تەرەققى قىلىش بىلەن مەنىۋى مەدىنيەتتىكى چىكىنىش سادالىرى، توپا بىسىپ كەتكەن ئاساسى قاتلام مۇزىيخانىلىرى . ئاسارە –ئەتىقە بويۇملىرى . تەبىئى ئاپەت ئىچىدە قالغان دوۋلەتلىك قوغدىلىدىغان رايۇنلار . . . بويۇچە تەتقىقات قىلىنىپ يىرتىلىپ كەتكەن كونا رەسىمنىڭ بوياقلىرىنى ئىزلەپ تارىخ قەلئەسىنى قۇملۇقنىڭ ئىچىدىن ئىزلەشتىكى ئىزدىنىشلەر ھەقىقەتەن ئۆقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت مەركىزىدىكى مەسىلە بولۇپ ئالقىشلاندى.

    پوبلىستىك ماقالىلەرنىڭ ئىچىدە رىئاللىقتىن ھالقىپ كەتكەن رومانتىزىملىق قاراش بىلەن سەنئەتنى يۇكسەك بىلىپ ناخشا ئۇسۇل مىللىتىنىڭ قەبرىستانلىققا ھازا قوشىقى بىلەن ئەمەس ناخشا ئۇسۇل بىلەن كىرىپ كىتىۋاتقانلىغىدىكى كۇلكىلىك تۇرقى دارىتمىلىق يەكۇنلەر بىلەن ئەتىراپلىق مۇلاھىزە قىلىنىپ ئازاپنى يىنىكلىتىش باسقۇچىدىكى مەنىۋىلىكنى ئىزلەش رىتىسىپى بىلەن روھى كىسەللەرنىڭ كىسەللىك تارىخى ئەتىراپلىق يەكۇنلىنىپ تىنلاندۇرۇش ئۇكۇلىنىڭ تەننىڭ ئامۇرساتسىيەسىگە بولغان رىئاكسىيەسى كورسىتىپ بىرىلدى . مانا بۇ ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدىكى مەدىنيەت تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق يەكۇن.

    ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدىكى يازغۇچى –شائېرلار، مەدىنيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دەۋىرنىڭ تەرەققىيات يۇزلىنىشىنى سەزگۇرلۇك بىلەن كۇزىتىپ ئىلىپ بارغان ئىجادىيەتلىرىگە باھا بىرىش «ئەدىبىيات مارشى»دىكى ئۆرتاق ئىتراپ قىلىنىش ئاساسىدىكى تەتقىقاتنى كۇتۇپ تۇرۇدۇ . ھەم «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى»دىكى ئاپتۇرلارنىڭ ئىجادىيەت خائىشىدىكى ئىزدىنىشلەر، ھەر بىر ئەسەرنىڭ خاسلىقى، ئاپتۇرلارنىڭ مەدىنيەت ساپاسى . . . كۇچلۇك ئىزلىنىش خاراكتىردىكى تەتقىقات . بۇ تەتقىقاتنىڭ تاماملىنىشى «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى»تىمىسىنىڭ كىيىنكى باپلىرىدا ئەتىراپلىق تەھلىل قىلىنىدۇ.

     

     

    - ئاپتۇرنىڭ يىزىلىۋاتقان «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى »ناملىق كىتاۋىدىن ئىلىندى

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابدۇرېشىت سۇلايمان , تور ئەدەبىياتى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-7-31 13:24:14
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 448
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证