تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› يۇرتۇمنى ئايلىنىش ۋە كىملىكىمنى تونۇش (خاتىمە)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Kurshat
    يېڭى ماتروس
    دەرىجىسى : 6
    جۇغلانما نۇمۇر : 86
    kurshat@qarluq.com

    يازما سانى : 2
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    يۇرتۇمنى ئايلىنىش ۋە كىملىكىمنى تونۇش (خاتىمە)

     



     

     7-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچ سائەت بەش بىلەن ئۈرۈمچىگە ئامان-ئېسەن كېلىۋالدىم. شۇنداق قىلىپ 6-ئاينىڭ 16-كۈنى باشلانغان بۇ سەپىرىم 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئارىلىقتا 37 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ساق-سالامەت تۈگىدى. ساياھەت جەريانىدا خىراجەت قىلغان پۇلۇم 4320 يۈئەن بولدى. يۈتتەرگىنىم ئىككى پايپاق، ئىككى شەپكە ۋە ئىككى تېلېفون زەرەتلىگۈچ بولدى لېكىن ئېرىشكىنىم مۇرەككەپ ھېسىياتلارغا تولغان ساياھەت خاتىمىسى بىلەن چوڭقۇر ھېسىياتلارغا يولغان 200 بەتلىك ساياھەت ماقالەم بولدى. ئالدىنقى يىللىرى قەشقەردە بىر ئاي، خوتەندە ئىككە ئاي تۇرغىنىمدىن كېيىن بۇ قېتىم  تاكى قۇمۇلدىن، ئالتاي، چۆچەك، قاراماي، بۆرتالا ، غۇلجا، كۇچار، ئاقسۇ ، قەشقەر، يەركەن، كورلىغىچە ئايلىنىپ لوپنۇردىن ئۈرۈمچىگە قايتتىم.   چەرچەن چاقىلىق تەرەپلەرگە بارماسلىقىمدىكى سەۋەپ قاتناشنىڭ قولايسىزلىقى ، يولدىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن ئەنسىرەپ قالغانلىقىمدىن، ۋاقىتنىڭ بەك قىس بولۇپ قالغانلىقىدىن بولدى. ئەمما كۆڭلۈمدىن مەن كۆرمىگەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئۇنچە زور پەرقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلدىم. بۇرۇن ھېچقانداق نەرسىنى ئۇقماي تۇرۇپ بىر نەرسىلەرگە باھا بېرەتتىم، بىلگىنىمنى كۆرسىتىشكە ئالدىرايتتىم، ئۇقمايدىغان نەرسىلىرىمگە تەن بەرمەي ئۇقىدىغان نەرسىلىرىم بىلەن پوچىلىشاتتىم. بۇ قېتىم ۋەزىپىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى، مەن مەغرۇرلىنىپ بېشىمنى كۆتىرىپ ئەمەس ، غەم-غۇسسىدە چېچىم ئاقارغۇدەك ياشىشىم لازىملىقىنى ھىس قىلدىم . چۈنكى بىزنىڭ ئېتىقادىمىز بىزنىڭ ئىشەنچىمىز ۋە روھى ئۈستۈنلىكىمىزنىڭ مەنبەسى ئىدى. ياراتقۇچىنىڭ بىزنى مۇسۇلمان قىلىپ ياراتقانلىقىنىڭ ئۆزى بىز پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئەڭ بۈيۈك نىئمەت ئىدى، ئەمما بىز بۇ نىئمەتنى ياخشى قەدىرلىيەلمەيۋاتقان ھەتتا يوقىتىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئىدۇق!

     

        يۇرتۇمنىڭ ھەممە ۋىلايەتلىرىنى دىگۈدەك پۈتۈن ئايلاندىم. بىلىمنىڭ نېمىلىكىنى، تەجىربىنىڭ نېمىلىكىنى، پاراسەتنىڭ نېمىلىكىنى، ئۆمرىدە ئوقۇپ باقمىغان قاراقوساق دېھقانلارغا قاراپ، تولۇقسىزغىچە ئوقۇپ ساۋادىنى چىقىرالمىغان بالىلارغا قاراپ، باققال كاۋاپچى شوپۇر ناۋايغا قاراپ ھېس قىلدىم ۋە قايىل بولدۇم. ھەتتا بەزىدە كوچىدىكى بىر دېھقاننىڭ ۋە ياكى بىر ئۇزۇن يوللۇق شوپۇرنىڭ ھېس قىلىدىغىنى بىر ئىشلارنى يەكۈنلەش ئىقتىدارىنىڭ مېنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھەيران قالغان ھالدا ھىس قىلدىم ۋە نومۇس قىلدىم.

       ئۇيغۇرلار ئومۇمەن ياخشى ئاقكۆڭۈل ئىدى پەقەت بىنالار ئۇيغۇرلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ قويغاندەك قىلاتتى چۈنكى بىرەر كېسەك ئۆيگە كىرىپ بىر كېچە قوناي دېسىڭىز ھېچقانداق ئۇيغۇر ياق دېمەيتتى بەلكى كۈچىنىڭ بارىچە سىزنى ياخشى مېھمان قىلاتتى. شۇنىڭغا قاراپ بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار قانچە شەھەرلەشسە شۇنچە ياخشىكەن ئادەملەر قانچە تەرەققىي قىلسا شۇنچە ياخشىكەن دېگەن ئويۇمغا خاتىمە بېرىپ ئۇيغۇرلار قانچە نامرات بولسا شۇنچە ياخشىكەن دېگەن ئويغا كەپمۇ قالدىم. چۈنكى ئادەملەر بېيىغانسىرى پۇلىدىن ئۆيىدىن ھەتتا يەۋاتقان تامىقىدىن قىزغىنىدىغان بولۇپ قالاتتى. ئەمما نامراتلىقنىڭ ئىقتىدارسىزلىقتىن دېرەك بېرىدىغىنىنى ئويلىساملا، نامراتلىقنىڭ ياردەم بېرەلەيدىغان ئەمەس، ياردەم سورايدىغان ھالەت ئىكەنلىكىنى ئويلىساملا بۇ پىكرىمدىن گاڭگىراپ قالاتتىم.

        بىنا ئۆيدىن قاچاتتىم، ئۇيغۇرلارنى شۇنچە چۈشەنگەنسىرى شۇنچە قانمايتتىم بۇرۇن ئالدىراپلا بىر مىللەتكە باھا بېرەتتىم ئەسلىدە بىر مىللەت ئىچىدىمۇ ھەممە ئادەم ئوخشىمايدىكەن ھېچكىم بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىكەن. مىللەتلەرگە ئۇمۇمى يۈزلۈك باھا بېرىش ئادىمىلىككە خىلاپ ئىكەن. يېزىدا ھەر قانداق ئادەمنىڭ خارەكتىرى ئېنىق ئايرىلاتتى شۇڭا ئۇ يەردە ئادەملەرگە ئاسان باھا بەرگىلى بولاتتى لېكىن شەھەردە بولسا ھېچكىم بىر-بىرى بىلەن پاراڭلاشمىغانلىقى تۈپەيلى ھېچكىم-ھېچكىمنى تونۇمايتتى، ھەتتا گاھىدا تونۇيدىغانلار ئىچىدىمۇ ئېتىقادلىق ئادەملەر بىلەن ئېتىقادسىز ئادەملەرنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرى، بىلىملىكلەر بىلەن بىلىمسىزلەرنىڭ ئىقتىدارى ئالمىشىپ قالغاندەك بىلىنەتتى ۋە بۇ مۇېەككەپلىكتىن ئادالەتسىزلىك شەكىللىنەتتى.

       ئىلگىرى ئۇيغۇرغا قانمايتتىم دۇنيادا ئۇيغۇردىن نوچى مىللەت يوقلىقىنى ھېس قىلاتتىم.  لېكىن ئۇيغۇرلارغا تاشقى مۇھىت ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. ئەگەر دۇنيادا ئۇيغۇرلارلا قالغان بولسا دۇنيانى مېھرىبانلىق ئاق كۆڭۈللۈك قاپلىغان بولاتتى دەپ ئەپسۇسلىناتتىم. ئەمدى بولسا بىزنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقىمىزنى ئەمەس پەسلەۋاتقانلىقىمىزنى، بىزنىڭ ئەڭ پەس نۇقتىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىن يۈرەكلەر يېرىلغۇدەك قورقۇنچ مەۋجۇتلىقىنى ھىس قىلدىم.

     

       ئادەمنىڭ تۇرمۇشى قانچە ياخشىلانغانسىرى قانچە چوڭلاپ مەنىلىك بولغانسىرى ئۇ ئادەمنىڭ ئىچى شۇنچە تارىيىپ كېتىدىكەن، ئۆيۈمدە زېرىكىپ قىلىدىغان ئىشىم شۇنچە جىق بولسىمۇ كىنو كۆرۈپ ئولتۇراتتىم يېزىدا بولسا رەسمىي قىلىدىغان ئىش بولمىسىمۇ قىلىدىغان ئىشىمنىڭ جىقلىقىدا بەزىدە قولۇمنى تاپالماي قالدىم.  ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكىنى بىلىمسىز، ئەقىلسىز، دۆت، قاراقوساق دەپ ئويلايتتىم بۇرۇن ئەپسۇسلىناتتىم، ئۈمىدسىزلىنەتتىم. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ دېھقان ئۇيغۇرلار قانچىكى ئوقۇمىغان بولسا شۇنچە پاكىز، مېھماندوست، ئادىمىگەرچىلىك ۋە خالىسلىقتا مەندىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئىكەن، بارلىق رەزىللىك چېقىمچىلىق، پۇرسەتپەرەسلىك ، ئېتىقادسىزلىقنىڭ ھەممىسى ئانچە-مۇنچە ئوقۇغانلاردا تېپىلىدىكەن. ئۇنداقتا بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىز بىزگە نىمىلەرنى ئۆگىتىۋاتقاندۇ؟... ئەمما ھەر ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى بەك ئوقۇپ كەتمىگەن دېھقانلار، ئەبجەق ئېتىقادسىز چالا زىيالىلارنى كۆرۈپ  ئەپسۇسلۇق ئىچىدە باشلانغان سەپىرىم، ئوقۇمىغان، پاكىزە ئېتىقادلىق ۋە ھالال ياشاۋاتقان دېھقانلىرىمىزنى كۆرۈپ ئازغىنە خاتىرجەملىنىپ خوشاللىق ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

     

       ئۇيغۇرلار ئاللاھ ئەڭ رەھمەت قىلغان، ئەڭ ئاسانچىلىق بەرگەن مىللەت ئىكەن. بايلىق توسىۋالغان كۆزلىرىم سەھرانىڭ توپىسىدا يۈرۈپ ئېچىلدى.  ئاللاھىم، ماڭا مۇشۇ ھەقىقەتنى تونۇتقىنىڭىزغا رەھمەت. ئاخىرىدا ماڭا ساياھەت جەريانىدا ياردەم بەرگەن ئاكا-ئاچىلىرىم، ئىنى-سىڭىللىرىم، دادا-ئاپىلىرىمغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ۋە تەشەكۆۇرلارنى ئېيتىمەن. ئەلۋەتتە ھەر قايسى يېزىدىكى ئاكىلىرىم-ئاچىلىرىم، ئانىلىرىم-دادىلىرىم بۇ گەپلەرنى، بۇ خەتلەرنى كۆرەلمەيدۇ لېكىن ئۇلارنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئەسلىمىسى ماڭا قالدۇرغان تەسىرى ئۆگەتكەن بىلىملىرىم مېنىڭ قەلبىمدە چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ ئۇلارنىڭ مەندە بولغان سېيماسىنى مەڭگۈ يۇيالمايدۇ. ئېھ  ئۇيغۇرۇم، سېنى سۆيۈش مېنىڭ شەرىپىم.

     

     

     

    ئۆزۈم توغىرسىدا:(جىق ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ۋە بېكەت ئىگىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بۇ ماقالىدە ئۆزۈم توغۇرلۇق ئازراق توختىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم).

     

     مېنىڭ ئىسمىم كۇرشات، بۇ يىل 15 ياشقا كىردىم. مانا بۇ ئوقۇغىنىڭىز مېنىڭ بىر ئايلىق ساياھەت خاتىرەم ئەگەر بىرەر يەرنى لايىق تاپمىغان بولسىڭىز ۋەياكى خاتا ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولسىڭىز ماڭا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئېيتسىڭىز، پىكىر ئالماشتۇرساق بولىدۇ.

     

     تېلېفون نومۇرۇم: 13899970383

     

     QQنومۇرۇم: 1006959186

     

     

     ئېلخەت ئادىرسىم: kurshat@qarluq.com

     

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۇيغۇر , كۇرشات
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-7-28 19:25:43
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 742
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证