يۇمىلاق ئۈستەل، چاسا ئۈستەل
گىرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدىكى رېستۇرانلار چوڭ زال ۋە ئايرىمخانا دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئايرىمخانىنىڭ ھەققىي يۇقىرىراق بولۇپ، چوڭ زالنىڭ بۇنىڭغا قارىغاندا ئەرزانراق. چوڭ زالدىكى ئۈستەللەرنىڭ بەزىلىرى يۇمىلاق ئۈستەل، بەزىلىرى چاسا ئۈستەل بولۇپ، قىزىقارلىق يېرى، ئوخشاش ئىستىمال قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يۇمىلاق ئۈستەلنى ئىشلەتكەنلەردىن چاسا ئۈستەلدىكىلەرگە قارىغاندا بىر ياۋرو كۆپ ئېلىنىدۇ.
يۇمىلاق ئۈستەلدىن نېمە ئۈچۈن بىر ياۋرو ئارتۇق ئېلىنىدۇ؟ بۇ ھەرگىزمۇ گىرمانىيىلىكلەرنىڭ يۇمىلاق ئۈستەلدە ئۆچى بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، ياكى مۇلازىمەتچىلەرنىڭ سەۋەنلىكى سەۋەبلىك ئەمەس. بۇنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىگە چۇشلۇق مەنىسى بار. چاسا ئۈستەلنى ئۆز-ئارا چاتقىلى، چاپلاپ قويغىلى بولىدۇ، مېھمانلار كۆپ ۋاقىتلاردا، ئۈستەللەرنى ئۆز-ئارا چاتقىلى بولىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن مۇلازىمەتچىلەرنىڭ خىزمىتىگە ئاسانلىق ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان يولىمۇ ئاز بولىدۇ. شۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىمۇ تەبىئىيلا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئادەم كۈچىنى ۋاستىلىق ھالدا تېجىگىلى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، مۇبادا مېھمانلارنىڭ تاماقتىن كېيىنكى پارىڭى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىيىتىگە تاقىشىپ قالمىسىلا، بۇ پاراڭلاردىن ياندىكى مېھمانلار بەھرىمان بولسىمۇ بولىدۇ. كۆپىلىك بىر يەردە غىزالىنىپ، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ قالسا، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يېقىن سىرداشلاردىن بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، مۇھەببەت دېڭىزىغا شۇڭغىغان بىر جۈپلەر بولسا، ياكى بولمىسا ئۆزئارا شەخسىي پاراڭلىرى بولسا، مېھمانلار ئايرىمخانىنى ۋە ياكى يۇمىلاق ئۈستەلنى تاللىسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان شەخسىي بوشلۇقى بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭ بەدىلى شۇكى ئادەتتىكىدىن بىر ياۋرونى ئارتۇق تاپشۇرىدۇ.
ھازىرقى زامان جەمىئىيىتىدە، كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقە قىلىشمۇ كۈنسېرى تەسلەشمەكتە. خىزمەتداشلىرىمىز، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزدىن باشقا كىشىلەر بىلەن ئانچە مۇناسىۋەت قىلىپ كەتمەيمىز. گېرمانىيىلىكلەر بولسا تېخىمۇ شۇنداق. گىرمانىيىلىكلەر ئىش بېجىرىشتە ئەستايىدىل، بەك سوغۇققان، كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولغاچقا، ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ئىنتايىن ئاز مۇئامىلە قىلىدۇ. چاسا ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش ئارقىلىق، ئۇلار بەلكىم باشقا كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىدىغان پۇرسەتكە ئىگە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغاندەك كۆرۈنىدىغان شۇ بىر ياۋرو، كىشىلەرنى بىرلىشىشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە، ئۆز-ئارا دوستلىشىشقا ئۈندىمەكتە.
يۇسران تەرجىمىسى