يۈزىڭىز يۈرىگىڭىزنىڭ خائىنى
يېنىمدىكى كىشىلەردىن يالغان سۆزلىگەنلەرنى قانداق قىلىپ ئايرىۋالالايدىغانلىقىنى مۇنداقلا سورايدىغان بولسام، ئۇلار چوقۇم ماڭا بەزىبىر نەقىللەر بويىچە جاۋاب قىلىشى مۇمكىن: مەسىلەن، يالغان سۆزلىگەن كىشى ئادەتتە سول تەرىپىگە قاراپ گەپ قىلىدۇ؛ يالغان گەپ قىلغان كىشى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك جىم تۇرالمايدۇ؛ يالغان گەپ قىلغان ئادەم پۇتىنى ئالماشتۇرۇۋالىدۇ؛ قوللىرىنى مەيدىسى ئالدىغا ئالماشتۇرۇۋالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ھېلى ئۈستىگە، ھېلى ئاستىغا قارايدۇ، سىزنىڭ كۆزىڭىزگە قاراشقا پېتىنالمايدۇ، دېگەندەك.
2006-يىلى ئامېرىكا تېكساس خىرىستىئان دىنى ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە پىروففسېسسورى چارلىس بىياند ئۆز دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: يالغانچىلارغا بولغان ھەرخىل چۈشەنچىلەر ھەرقانداق بىر مەدەنىيەتتە بار. ئۇ 63دۆلەتتىكى 2520 نەپەر كىشىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى %70 ئارتۇق كىشى، يالغان سۆزلىگۈچىلەرنى كۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ، دەپ قارايدىكەن.كۆپ ساندىكىلىرى بولسا يالغانچىلارنى ئىزا تارتىدۇ، دۇدۇقلايدۇ، مەلۇم بىر يېرىنى توختىماي سىلايدۇ ياكى ئادەتتىكىدىن خېلىلا ئۇزۇن بولغان ھېكايە سۆزلەيدۇ، دەپ قارايدىكەن.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە، يالغانچىلارنىڭ يالغانچىلىقىنى كۆرۈۋېلىش ئىنتايىن ئاسان ئىكەن. فىرويىد بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ قارىغان. مۇبادا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈدىغانلا بولسا، ھەرقانداق ئادەم يالغانچىلارنى ئايرىيالايدىكەن. «گەرچە ئۇنىڭ كالپۇكلىرى ھىم جۈملىشىكلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تىرناقلىرى سۆزلەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ھەرقانداق بىر تەر تۆشۈكچىسى ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئىسپاتلاپ سۆزلىيەلەيدۇ.» نېتسى بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئېغىز يالغان سۆزلىسە بولىدۇ، ئۇنىڭ يۈزى بەرىبىر ھەممىنى ئاشكارىلايدۇ.»
تەخمىنەن 40 يىل ئىلگىرى، ئامېرىكىلىق پىروفېسېسسور ھېكمان تۇنجى بولۇپ يالغان سۆزلەشنىڭ يىپ ئۇچىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغاندا، مىكرو ئىپادىنى بايقىغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار زىيارەت قىلىنغان بىر سىننى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، زىيارەتنى قۇبۇل قىلىۋاتقان بىمار روھىي كېسەل بىمارى مارى ئىدى.مارى دوختۇرخانىدا يېتىپ نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، بىر قېتىملىق سۆھبەتتە ئۇ دوختۇرغا ئۆزىنىڭ ئەمدى ئۈمىدسىزلەنمەيۋاتقانلىقى ئېيتقان ھەمدە ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيىدىكىلىرى بىلەن جەم بولۇشنى ئۆتۈنگەن. سىن ھۆججەتنى ئاستا-ئاستا ماڭغۇزغاندا، ئۇنىڭ يۈزىدىن غەلت قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىنتايىن چوڭقۇر بىر خىل مەيۈس، غەمكىن روھىي ھالەت بايقالغان. ئۇنىڭ كەينىگە ئەگىشىپلا كۈلكە چىراي پەيدا بولغان. مارىينىڭ سۆزى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئۇنىڭ بۇ خىل كەيپىياتىمۇ ھەرگىز ئاڭسىزلارچە بولغان ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ شۇ پىسسىڭڭىدە كۈلۈمسىرىشى شۇنى ئاشكارىلىدىكى، ئۇ ئۆزىدىكى شۇ خىل ئازابنى ئىنتايىن ئېنىق ھېس قىلىۋاتقان ئىدى.
ھېكمان مارى زىيارەت قۇبۇل قىلغاندا كۈلگەن شۇ سىن ھۆججەتنى باشقىلارغا قويۇپ بېرىش، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ كەيپىياتىغا باھا بېرىپ بېقىش تەكلىپىنى بەرگەن. نەتىجىدە ھېچقانداق تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلمىغان ئۇ كشىلەر ئىنتايىن تېزلا مارىنىڭ كۈلكىسى ئارقىدىكى ئۇچۇرنى بايقىيالماستىن، خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قويغان. مارىنىڭ كەيپىياتىنى ئىنتايىن ياخشى دەپ ئېيتقان. ئەمما سىننى ئاستىلىتىپ قويغاندا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ غەمكىن چىرايىنى ئېنىق كۆرەلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن سىننى نورمال سۈرئەتتە قويغاندىمۇ، كىشىلەر مارىنىڭ چىرايىدىكى مەيۈسلۈكنى تۇتۇۋالالىغان.
ھېكمان ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنى تەربىيىلەپ باققانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە پىروفېسېسسور، ساقچى، ئەلچى قاتارلىق خادىملارنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ كىشىلەرگە يالغانچىلىقنى قانداق قىلىپ ئايرىۋېلىشنى ئۆگەتكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ چىرايىدىكى مىكرو ئىپادىنى قانداق تۇتۇۋېلىش كېرەكلىنى ئۆگەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
دەسلەپتە، ئۇ ئالدى بىلەن ئۇلارغا چىراي ئىپادىسى سۈرەتلىرىنى كۆرسەتكەن، سۈرەتتىكى چىرايلارنىڭ مىكرو ئىپادىسى يۈز بېرىش ۋاقتى 40 مىكرو سېكونت بولۇپ، تەربىيىلەنگۈچىلەر كونۇپكا بېسىش ئارقىلىق بۇ سۈرەتلەردە ئىپادىلەنگەن مىكرو ئىپادىلەرگە جاۋاب بېرىشى كېرەك ئىكەن، مەسىلەن، قورقۇش، ئەنسىزلىنىش، غەزەپلىنىش، ھەيران قىلىش، خۇشال بولۇش، ئازابلىنىش، ئۆچ بولۇش قاتارلىق مىكرو ئىپادىلەر.
«بۇنى بىز مىكرو دەپ ئېلىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى بۇنداق چىراي ئىپادىسىنىڭ ھاسىل بولۇپ ئاخىرلىشىش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆتتىن بىر سېكونت كېتىدۇ.»
مىكرو ئىپادىدىن باشقا يەنە كىشىنىڭ ھەرىكىتىمۇ ئۇنىڭ راست-يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. ئاۋازى، ئاۋاز چاشتڭتىسى، قول ھەرىكىتى، قىياپىتى قاتارلىقلار ئۇ كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى ھالىتىگە ئوخشىماي قالىدۇ.
(داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ)
يۇسران تەرجىمىسى