تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› ئارگېنتىنا پۇلىغا سۈرىتى بېسىلغان تۇنجى ئايال ــــ ئېۋا پەيرون
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئارگېنتىنا پۇلىغا سۈرىتى بېسىلغان تۇنجى ئايال ــــ ئېۋا پەيرون



      

    ئارگېنتىنا پۇلىغا سۈرىتى بېسىلغان تۇنجى ئايال ــــ ئېۋا پەيرون

    مارىيە ئېۋا دۇئارت پەيرون (1919-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1952-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋاپات بولغان) ئۇنى ئادەتتە كىشىلەر پەيرون خانىم دەپ ئاتىغان. ئۇ ئارگېنتىنادا تۇغۇلغان، ئۇ ئارگېنتىنا سابىق پىرىزدېنتى جۇئان پەيروننىڭ ئىككىنچى خانىمى بولغاچقا، ئىلگىرى ئارگېنتىنانىڭ «بىرىنچى خانىمى» ئىدى.

    ئېۋا پەيروننىڭ ئاپىسى توي قىلمىغان بىر ئاشپەز بولۇپ، ئۇ شۇ يەردىكى يەرلىك بىر دېھقان بىلەن بەش بالىلىق بولغان، ئېۋا دەل مۇشۇ بالىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 15 ياشقا كىرگەن يىلى، بوينىس-ئايرىسقا كەلگەن ھەمدە بۇ يەردە ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. كېيىن ئۇ بۇ يەردە جۇئان پەيرون بىلەن تونۇشۇپ قالغان، ئىككىيلەن 1945-يىلى توي قىلغان.

    ئارگېنتىنانىڭ 1946-يىلىدىكى پىرىزدېنتلىق سايلىمىدا ئېۋا پەيرون پۈتۈن كۈچى بىلەن يولدىشى جۇئان پەيروننى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر ھەپتىدە تارقىتىدىغنا پىروگراممىسىدا پۈتۈن نامراتلارنى ئۆزىنىڭ يولدىغى جۇئان پەيرونغا بېلەت تاشلاشقا چاقىرغان. گەرچە ئۇنىڭ ئارتىسلىق ھاياتى ئۇنىڭغا ئاز بولمىغان بايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ كەمبەغەل ئامما بىلەن  بولغان ئىتتىپاقلىقىنى كۆز-كۆز قىلاتتى. ئۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئۇلارغا بولغان ھېسداشلىقى بىلەن ئۇ ئۆزىنى جۇئاننى قوللىغۇچىلار ئۆمىكىنىڭ باشلىقىنىڭ نامى دېسكامىسادوس بىلەن ئاتالغانلاردىن دەپ ھېسابلايتتى.

    1946-يىلى پەيرون ئارگېنتېنانىڭ پىرىزدېنتلىقىغا سايلانغاندىن كېيىن، ئېۋامۇ سىياسىي ساھەدە ئىنتايىن تېزلا ئۆز ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەمگەك كۈچلىرى ئورگىنىنىڭ نازىرى بولدى ھەمدە ئېۋا پەيرون فوند جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، نامرات  بالىلارنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. 1949-يىلىغا كەلگەندە، ئېۋا ئارگېنتىنادىكى تەسىرى كۈچكە ئىگە شەخس  بولۇپ قالدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ چوقۇنغۇچى مەبۇدىسىگە ئايلىنىپ قالدى، ئۇنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ئىسىملىرىنى ھەرقانداق يەردە ئۇچراتقىلى  بولاتتى. گەرچە ئۇ ئىنتايىن داڭق قازانغان بولسىمۇ، ھوقۇققىمۇ ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ نام-ئابرويىنىڭ يولدىشىنىڭ نوپۇزىنى بېسىپ قويۇشىدىن تولىمۇ ھەزەر ئەيلەيتتى. گەرچە ئۇ نۇرغۇنلىغان جايلاردا ھۆكۈمەت ئىچىدىكى قارار چىقىرىش خاراكتېرلىك شەخس بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ قارارلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يولدىغى جۇئان پەيرون تەرىپىدىن روياپقا چىققانلىقىنى ئەسكەرتەتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىككىيلەننىڭ شەخسى تۇرمۇشى ئىنتايىن جىددى ئىدى. ئۇلارنىڭ پەرزەنتىنىڭ يوقلۇقى، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇنلىغان بولمىغۇر تېمىلارغا سەۋەب بولۇپ قالاتتى.

    ئارگېنتىنا ئىشچىلار سىنىپى ئېۋاغا چوقۇناتتى. ئەمما بايلار، ئەنگىلىيىگە بېقىنىدىغان يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى ئۇنىڭغا چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ ئىدى. ئۇلار ئېۋانىڭ كېلىپ چىقىشىنى كەمسىتەتتى، ئۇنىڭ بالدۇرلا جەمىيەتنىڭ قازانلىرىدا قايناپ كەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلىشاتتى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ سىياسى ساھەدىكى ئورنىنىڭ بەكلا يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكىنى مۇنازىرە قىلىشاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېۋامۇ بۇ يۇقىرى تەبىقىلىقلەرگە ئۆچمەنلىك قىلاتتى. بەزىدە بۇ خىل ئۆچمەنلىك دۈشمەن ھاكىمىيەتكە بولغان زىيانكەشلىك ياكى ئۇلارنىڭ گېزىتلىرىنى پېچەتلەشلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولاتتى. ئېۋا پەيرون گەرچە نامرات ئىشچىلارنى قوغداشنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىسىمۇ، ئەمما ئۇ نۇرغۇنلىغان قىممەت باھالىق زىبۇ-زىننەتلەرنى يىغىپ ساقلاشتا مەشھۇر ئىدى. ئۇ داڭلىق زىبۇ-زىننەت دۇكانلىرىنىڭ دائىملىق خېرىدارى ئىدى. گوللاندىيە خفنى ئىلگىرى ئۇنىڭغا بىر دانە ئالماس تاج سوۋغا قىلغان ئىدى. بۇ خان تاجى ھەمدە ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان قىممەت باھالىق ئۈنچە-مارجانلىرى ئوغۇرلانغان بولۇپ، كېيىن ئىتالىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تېپىلغان ئىدى.

    1950-يىلى ئۇ ياۋروپانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلغان ھەمدە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇنىڭدىكى مەقسىتى بولسا ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئارگېنتىنانى ئېلان قىلىش ئىدى. چۈنكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پەيرون رەھبەرلىكىدىكى ئارگېنتىنا باشقا  دۆلەتلەر تەرىپىدىن فاشىزىملىق دۆلەت دەپ قارىلىپ قالغانىدى.

    1951-يىلى ئۇ ئارگېنتىنا مۇئاۋىن پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتناشماقچى بولغان، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئارگېنتىنا ھەربىي ئىشلار باش مىنىستىرىنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان، ئاخىرىدا جۇئان پەيرون ئۆز كۈچى ئارقىلىق ئېۋا پەيروننىڭ نامزاتقا كۆرسىتىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

    ئېۋا پەيرون 1952-يىلى بالىياتقۇ راكى بىلەن بوينىس ئايرىستا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئەينى چاغدا ئۇ ئاران 33 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ جەسىتى ئىزچىل ساقلانغان ھەمدە مۇزىيخانىغا قويۇلغان. 1955-يىلى جۇئان پەيرون بىر قېتىملىق ھەربىي سىياسىي ئۆزگۈرۈش تۈپەيلى ھاكىمىيەتتىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇ ئېۋانىڭ جەسىتىنى ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىگە يۆتكىگەن. 16 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىسپانىيەگە يۆتكەلگەن. 1973-يىلى جۇئان پەيرون ئارگېنتىناغا قايتىپ كېلىپ قايتىدىن پىرىزدېنت بولغان. جۇئان پەيرون 1974-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئېۋانىڭ جەسىتىمۇ ئارگېنتىناغا يۆتكەپ كېلىنىپ، يولسىشىنىڭ يېنىغا تىزىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتا جەمەتىدىكىلىرى بىلەن بىرلىكتە بوينىس ئايرىستىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان.

    ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتى ئەنگىلىيە مۇزىكىلىق دىراممىسى «ئېۋېتا»دا قايتىدىن ئوينالغان. كېيىن يەنە كىنو ۋە رومان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ فىلىم 1996-يىلى قويۇلغان بولۇپ، ھەممىگە تونۇش داڭلىق فىلىم بولۇپ قالغان. ئۇ فىلىمنىڭ ناخشىسىنى ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ناخشا چولپىنى مادوننا ئېيتقان.Don‘t cry for me Argentina---Madonna

     

    Music......

      It won‘t be easy.那并不容易。

      You’ll think it strange.你会感到奇怪。

      When I try to explain how I feel.当我努力说明自己的感受。

      That I still need your love.我仍然需要你的爱。

      After all that I ve done.在我所做的一切面前。

      You won‘t believe me.你仍不愿相信我的话。

      All you will see is a girl you once knew.你总是认定我还是那个你从前认识的女孩。

      Although she’s dressed up to the nines.虽然她的打扮无可挑剔。

      At sixes and sevens with you.却与你格格不入。

      I had to let it happen.我无法避免其发生。

      I had to change.我不得不去改变。

      Couldn‘t stay all my life down at heel.不能听凭自己随波逐流。

      Looking out of the window.(满足于)张望窗外。

      Staying out of the sun.远离阳光。

      So I chose freedom.于是我选择了自由。

      Running around trying everything new.四处漫游,尝试一切新事物。

      But nothing impressed me at all.但没有给我留下一丝印象。

      I never expected it to.这本非我所望。

      Don’t cry for me,Argentina! 阿根廷,别为我哭泣!

      The truth is I never left you.事实上我从未离开过你。

      All through my wild days.在那段狂野岁月里。

      My mad existence.疯狂历程中。

      I kept my promise.我信守诺言。

      Don t keep your distance.别将我拒之门外。

      Music......

      And as fortune,and as for fame.至于金钱,以及名利。

      I never invited them in.我曾未奢望。

      Though it seems to the world they were all I desired.但全世界都误认为这是我所渴求的。

      They are illusions.它们不过是幻象。

      They're not the solutions.绝非解决的途径。

      They promised to be.如它们所承诺的那样。

      The answer was here all the time.答案一直在这。

      I love you and hope you love me.我爱你,希望你也爱我。

      Don't cry for me,Argentina! 阿根廷,别为我哭泣!

      Music......

      Don't cry for me,Argentina! 阿根廷,别为我哭泣!

      The truth is I never left you.事实上我从未离开过你。

      All through my wild days.在那段狂野岁月里。

      My mad existence.疯狂历程中。

      I kept my promise.我信守诺言。

      Don't keep your distance.别将我拒之门外。

      Have I said too much? 我是否说得太多?

      There's nothing more I can think of to say to you.我想不出还能向你表白什么。

      But all you have to do is look at me you know.但你所要做的只是看着我,你就会知道。

    That every word is true.每字每句都是真情。

    ئارگېنتىنا دۆلىتىنىڭ سابىق خانىمى بولغان ئېۋانى پەيرون ۋاپاتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئارگېنتىنا پىرىزدېنتى كىرىستىنا كېچىنېر شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە يېڭى نۇسخىلىق 100 پىسولۇق قەغەز پۇل تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئېۋا پەيروننىڭ سۈرىتى بېسىلغان.

    يۇسران تەرجىمىسى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-7-27 18:17:33
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 706
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证