تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› بەك مۇكەممەل بولۇپ كېتىشىڭىز ھاجەتسىز
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 339
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 25
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بەك مۇكەممەل بولۇپ كېتىشىڭىز ھاجەتسىز



      

    بەك مۇكەممەل بولۇپ كېتىشىڭىز ھاجەتسىز

    بىز ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك، ئەمما كىشىلەرنىڭ مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىز يۈز تۇتۇۋاتقان ئەھۋال شۇنچە مۇرەككەپ تۇرسا، بۇ جەرياندا كىشىلەرنىڭ خاتالىق چىقارماسلىقى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

    شۇنداقتىمۇ، بەزى ۋاقىتلاردا كىشلەر ئۆزلىرىدىن كېتىپ قالغان سەۋەنلىكلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلالمايدۇ. بەلكىم بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز بىزنىڭ مۇكەممەل، سەۋەنسىز. ئېۋەنسىز بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن؛ بەلكىم دوستلىرىمىز ھەردائىم بىزنىڭ كەمچىلىكىمىزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ بۇ كەمچىلىكلىرىمىزنى تۈزىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ چۈشىنىشى ئىنتايىن تەس بولغىنى شۇكى، بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىز ئۇلار ئەڭ ئاجىز چاغدا، ئۇلارنىڭ جېنىغا ئۆتكەنلىكىدۇر.

    بۇ بىزنى خىجالەتتە قالدۇرىدۇ. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ سەۋەنلىكىنى ئۈستىمىزگە ئېلىشتىن ئىلگىرى، بىز چوقۇم ئۆزىمىزدىن شۇ سەۋەنلىكلەرنى بوينىمزىغا ئېلىپ تۈزۈتۈشىمىزدىن ئىبارەت شۇ يۈكنى بىز چوقۇم يۈدۈشىمىز كېرەكمۇ؟ دېگەننى سورىشىمىز كېرەك.

    بەلكىم بىز دەل يوقاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، مۇكەممەل بولۇۋاتقاندىمىز. بىر مۇكەممەل ئادەم، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، رازى بولۇشنى بىلمەيدۇ. ئۇنداق ئادەم ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئۆزىدە  بولمىغان شۇ نەرسىلەرنى ئۆزىگە ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولۇشنى بىلمەيدۇ.

    ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمايدىغان ئارمانىنى تاشلىۋەتەلىگەن كىشى ئەڭ مۇكەممەل ئىنساندۇر؛ ئۆز يېقىنلىرىنى يوقىتىش ئازابىغا باتۇرلارچە يۈز تۇتالىغان كىشى ئۇ مۇكەممەلدۇر ــــ چۈنكى ئۇلار ئەڭ ناچار كەچمىشلەرنى بېشىدىن كەچۈردى ھەمدە بۇ ئازابلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتكۈزەلىدى.

    ھايات ھەرگىزمۇ تەڭرىنىڭ سىزنى ئەخمەق قىلىش قۇرغان خەتەرلىك توزۇقى ئەمەس. سىز ھەرگىزمۇ بىر سەۋەنلىك بىلەن ئۆلچەمسىز ئادەم بولۇپ قالمايسىز. ھاياتلىق بىر مەيدان پۇتبۇل مۇسابىقىسى، ئەڭ ياخشى كوماندىنىڭمۇ توپنى كەتكۈزۈپ قويغان خاتىرىسى بولىدۇ، ئەڭ ناچار كوماندىنىڭمۇ شەرەپ قۇچىدىغان كۈنى كېلىدۇ. بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز ئۆزىمىزنى يوقاتقىنىمىزدىن كۆپرەككە ئېرىشتۈرۈشتۇر.

    بىز كىشىلەرنىڭ مۇكەممەلسىزلىكىنى قۇبۇل قىلغان چېغىمىزدا، بىز ھاياتلىقنىڭ داۋامىشىشى ئۈچۈن قەلبىمىزدە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەندە، بىز مۇكەممەل بولالىغان بولىمىز؛ ئەمما باشقىلار مۇكەممەللىكنى قوشلاشقان چېغى بولسا، ئۇلارنىڭ دەل شۇ مۇكەممەللىك ئۈچۈن بېشى قېتىۋاتقان چېغىدۇر.

    مۇبادا بىز باتۇرلارچە سۆيەلىسەك، كەچۈرەلىسەك، باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ خۇشاللىقىنى كەڭ-قورساقلارچە بىلدۈرەلىسەك، ئۆزىمىزنى ئايلىنىۋاتقان شۇ مۇھەببەت-سۆيگۈلەرنى ئەقلىمىز بىلەن قەدىرلىيەلىسەك، ئۇنداقتا بىز باشقا ھاياتلىقلار ئېرىشەلمىگەن شۇنداق بىر مۇكەممەللىككە ئېرىشكەن بولىمىز.

    يۇسران

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇكەممەل ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-7-26 19:03:45
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 671
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证