تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› قانداق سىرلىق كۈچ بىزنى مۇھەببەتلىشىشكە ئۈندەۋاتىدۇ
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 339
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 25
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    قانداق سىرلىق كۈچ بىزنى مۇھەببەتلىشىشكە ئۈندەۋاتىدۇ



      

    قانداق سىرلىق كۈچ بىزنى مۇھەببەتلىشىشكە ئۈندەۋاتىدۇ

    سىز مۇنداق بىر جۈپ ئەر-ئايالنى تونۇمسىز؟ ئۇلار قارىماققا ئانچە ماس كەلمىگەندەك تۇرىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى ئىنتايىن بەختلىك. كىشىلەرنىڭ ئۆز سۆيگىنىنى تاللاشتىكى ھەقىقىي مۇددىئاسى زادى نېمە؟ قانداق  بىر سىرلىق كۈچ بىزنى يەنە بىر ئادەمنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىگە تەشنا قىلىۋاتىدۇ، يەنە قانداق بىر سىرلىك كۈچ بىزنى باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ماسلاشقان بىر جۈپلەر دېگەن شۇ ئادەمنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىشقا زورلاۋاتىدۇ؟

    جون خوپكېنىس ئۇنۋېرسىېتىنىڭ كېلىنكىلىق پىسخولوگىيە ئىلمى پىروفسېسسورى جون ماننىڭ قارىشىچە، ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە بىردىن «مۇھەببەت خەرىتىسى» ـــــ چوڭ مېڭىمىزدىكى بىزنىڭ ياخشى-يامانلىقىمىزنى بىلدۈرىدىغان ئۇچۇر كودى بار ئىكەن. ئۇ بىز ياقتۇرىدىغان چاچ ۋە كۆزلەرنىڭ رەڭگى، ئاۋاز، پۇراق ۋە بەدەن شەكلى قاتارلىقلارنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، يەنە بىزنى جەلپ قىلىدىغان شۇ خىلدىى خاراكتېرلارنى خاتىرىلەپ ماڭىدىكەن، مەيلى ئۇ قىزغىن دوستلۇق تىپى ۋە ياكى ئېغىر مىجەز تىپى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر!

    يىغىپ ئېيتقاندا، بىز ئۆزىمىزدىكى شۇ مۇھەببەت خەرىتىسىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان كىشىگە شەيدا بولىمىز، ئىنتىلىمىز. مۇھەببەت خەرىتىسى ئاساسلىقى ئۆسمۈرلۈك دەۋردىلا شەكىللىنىدىغان بولۇپ، سەككىز ياش ۋاقتىمىزدىلا بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىزدە غايىمىزدىكى ھەمراھىمىزنىڭ تىپى ھاسىللىنىپ بولغان بولىدۇ.

     نۇرغۇنلىغان پىسخىكىلىق مۇنازىرىلەردە نۇرغۇلىغان ئەر-ئاياللاردىن، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقى، قانداق بولۇپ ئۇچرىشىشنى خالايدىغان بولۇپ قالغانلىقى ۋە ئاخىرىدا يەنە نېمە سەۋەبتىن ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولۇپ قالغانلىقى سورىلىدۇ. بۇنىڭغا لايىق جاۋابلاردىن: «چۈنكى ئايالىم ئىرادىلىك، مۇستەقىل ئايال»، «مەن قىزىل چاچلىقلارغا ئامراق ئىدىم»، «مەن ئۇنىڭ يۇمۇرىستىكلىقىنى ياقتۇرۇپ قالغانىدىم»، «ئۇنىڭ كۈلكىسى مېنى تەسىرلەندۈرگەنىدى».. قاتارلىقلار بار. مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىمەن. مەن يەنە، مۇبادا شۇ ئەر-ئاياللاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئاپىسىنى سۈرەتلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسام، ئۇلارنىڭ سۈپەتلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىرى ئارىسىدا ئىنتايىن چوڭ دەرىجىدىكى ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن. دۇرۇس، بىزنىڭ ئانىلىرىمىز ــــ بىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىمىزدىكى تۇنجى ھەقىقىي سۆيگەن كىشىمىز، بىزنىڭ مۇھەببەت خەرىتىمىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان قىسمىنى يازغاندۇر.

    كىچىك چاغلىرىمىزدا، ئاپىمىز بىزنىڭ دىققىتىمىزنىڭ فوكىس نۇقتىسىدۇر. بىزمۇ ھەم ئاپىمىز دىققىتىنىڭ فوكىسى ئىدۇق. شۇ سەۋەبلىك، ئاپىمىزدىكى ئالاھىدىلىكلەر بىزدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى قالدۇردى. بىز مەڭگۈ ئاپىمىزنىڭ چىراي، بەدىن قۇرۇلۇش، مىجەز-خاراكتېر ھەتتا يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيىتى بولغان كىشىلەر تەرىپىدىن جەلپ قىلىنىپ قالىمىز. مۇبادا ئاپىمىز قىزغىن، خۇشچاقچاق ئايال بولغان بولسا، بىز چوڭ بولغاندىن كېيىن شۇنداق قىزغىن، خۇشچاقچاق كىشىلەرگە ئامراق كېلىمىز؛ مۇبادا ئاپىمىز ئېغىر-بېسىق، كەمسۆز بولسا، بىزمۇ دەل شۇ خىل خاراكتېردىكى كىشىلەرنى ياقتۇرۇپ قالىمىز.

    ئاپا ئۆز ئوغلىغا ئۆزىنىڭ قانداق يات جىنىسلىقلار تەرىپىدىن جەلپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، يەنە قىزلارغا بولغان ئەڭ ئاددى تەسىرلىرىدىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىيالايدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئاپا مېھماندوست بولسا ئۇ ئاپىنىڭ ئوغلىمۇ قىزلارنى مېھماندوست دەپ بىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزى چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ شۇنداق مېھماندوست، مەسئۇلىيەتچان ئەر بولۇپ يېتىلىدۇ، ئائىلىدە بولسا ھەمكارلىق پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، مۇبادا ئاپىسىنىڭ خاراكتېرى بۇرۇقتۇم بولسا، بۇ ئايالنىڭ بالىسى چوڭ بولغاندا «ئىشەنچىسىز ھەمراھ» بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى بۇ بالا ئاپىسىنىڭ مۇھەببىدىتىن قورقىدۇ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ سۆيگەن قىزىدىن ئايرىلىدۇ.

    ئاپا ئىنتايىن يۇقىرى چەكتە بىزنىڭ ھەمراھلىرىمىزنىڭ خاراكتېرى تەرەپتىكى قىزىقىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ. بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى تۇنجى سۆيگەن كىشىمىز ئەر كىشى -ـ- دادىمىزدۇر؛.دادىمىز بىزنىڭ يات جىنىسلىقلارنى تونۇپ يېتىشىمىزدىكى ئۇسۇلىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. خۇددى ئاپا ئوغلىنىڭ قىزلارغا بولغان دەسلەپكى تۇيغۇسىغا تەسىر يەتكۈزگىنىگە ئوخشاش، دادىلارمۇ قىزلىرىنىڭ ئوغۇللارغا بولغان دەسلەپكى تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇبادا دادا قىزىنى داۋاملىق ماختاپ بەرسە، قىزىنى بىر ياخشى قىز دەپ بىلسە، ئۇ قىز باشقا يىگىتلەر بىلەن بولغان ئالاقىدا ئىنتايىن ئەلا خاراكتېردا بولىدۇ. مۇبادا دادا ئىنتايىن رەھىمسىز، قوپال، سوغۇق بولسا ئۇ ئەرنىڭ قىزىدە ھېچقانداق جەلپ قىلىش كۈچى  بولمايدۇ، سۆيۈملۈكلىكىدىن ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ.

    غەربىي شىمال ئۇنۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى پىروفېسېسسورى روبېرت ئۆزىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ ئۆزىمىز تاللىغان نىكاھ ھەمراھىمىز بىلەن نۇرغۇنلىغان ئوخشاش بولغان جەمئىيەت ئارقا كۆرۈنۈشلىرى بار، يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىز دائىم ئۆزىمىزنىڭ خاراكتېرىنى تولۇقلايدىغان بىر ھەمراھ تېپىشنى خالايمىز. گەپدان ئادەملەر ئاسانلا جىمغۇر ئادەملەرنى جەلپ قىلىۋالىدۇ. ئالغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان كىشى ئۆزىگە يول قويىدىغان كىشىنى ياقتۇرىدۇ. بۇ ئېنگىلىز تىلىدىكى مۇنداق بىر تەمسىلگە ئوخشايدۇ، «ئەخمەق كىشىنىڭ ھەمراھى تالانتلىقتۇر» ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئوخشاشلىق بىلەن خاراكتېر جەھەتتىكى ئۆز-ئارا تولۇقلاشنىڭ بىرىكمىسى مۇقىم، رومانتىك بولغان نىكاھ يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

    ئەمما، يەنە بەزى مىساللار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە كىشىلەر ئۆز-ئارا توي قىلسا ئىنتايىن بەختلىك بولىدىكەن. چېكاگودىكى ئەنئەنىۋىي بىر ئېلاندىيىلىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بىر ئادەتتىكى ئىشچى، ئامېرىكىلىق بىر نېگىرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. ئۇلار توي قىلغان چاغدا ئۇلارنىڭ دوست-بۇرادەرلىرى ئۇلارنى ئىنتايىن تېزلا ئاجرىشىپ كېتىدۇ دەپ قارىغان. ئەمما 25 يىل ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئۇلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى يەنىلا شۇنداق مۇستەھكەم بولۇپ كەلەەن. ئەسلىدە، بۇ يېڭى كېلىنچەك خۇددى ئۆزىنىڭ قىيىن ئاپىسىغا ئوخشاش مۇھەببەتكە، قىزغىنلىققا چۆمگەن ئايال بولۇپ، دائىم يەڭلىرىنى شىمايلاپ ئەتراپتىكى چېركاۋلارنى تازىلاپ كېتىدىغان ياكى نامراتلارغا ئۆيلىرىدە تاماق ئېتىپ بېرىدىغان خاراكتېرگە ئىگە ئىكەن. مانا بۇ دەل ئۇنىڭ يولدىشى ئۇنى سۆيۈپ قېلىشتىكى ئەخلاق ئۆلچىمى ئىكەن. بۇ خىل ئەخلاق ئۆلچىمى ئىرق رەڭگى، دىنىي-ئېتىقاد ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ روللىرىنى بىكار قىلغان.

    بۇنىڭدىن باشقا يەنە غەلىتە ئەر-ئاياللارمۇ بار بولۇپ، چىرايى ئىنتايىن چىرايلىقلىرى بولسا، چىرايى ئىنتايىن ئادەتتىكىچە ئادەملەر بىلەن توي قىلىدۇ، كىشىلەر بۇ خىل نىكاھنى ئىنتايىن ئادىل سودىلىشىش دەپ قارايدۇ. مۇبادا بىر ئەر ياكى ئايالدا بىر خىل ئالاھىدىلىك، مەسىلەن ئىنتايىن ئەقىللىق، ئىنتياىن چىرايلىق ياكى باشقىلارنى جەلپ قىلالايدىغان ئالاھىدە خاراكتېرى بولغان ۋاقىتتا، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا تىگىشىدۇ. مەسىلەن ئىنتايىن چىرايلىق بىر ئايال ئۆزىنىڭ چىرايلىقلىقى بىلەن ھوقۇق ياكى مال-دۇنيا ئارقىلىق بىخەتەرلىككە ئېرىشىشى مۇمكىن، ئانچە ئەقىللىق ئەمەس، ئەمما ئائىلە ئەھۋالى ئىتنايىن ياخشى بىر يىگىت ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىدىكى ئەۋزەللىك ئارقىلىق، ئائىلە ئەھۋالى ياخشى ئەمس ئەمما تالانتلىق بىر قىزنى ھەمراھلىققا تاللىشى مۇمكىن.

    بىرلا كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قېلىشتەك ئىش زادى بارمۇ؟ نېمە ئۈچۈن يوق بولغۇدەك؟ ئىككى ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئۇلاردا ئورتاق بولغان بەزىبىر ئالاھىدە نەرسىلەرنى تەڭلا بايقاپ قېلىشى مۇمكىن، ياكى قارشى تەرەپ بىلەن ئۆزىنىڭ خاراكتېرى ئارىسىدىكى تولۇقلىمىنى ھېس قىلىپ قېلىشى مۇمكىن.

    ئەڭ قىزىقارلىقى شۇكى، مەن بىرلا كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش سېھرىگە يولۇققان ئادەممەن. ئەينى ۋاقىتتا، مەن ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىدىم، مەن بەكلا بىر ئېغىر زۇكام بولۇپ قالغاچقا، ئائىلىدىكىلىرىم بىلەن بىللە ساياھەت قىلىپ كېلىشكە بېرىش-بارماسلىقنى ئويلىشىۋاتقان ئىدىم. ئەڭ ئاخىرى، مەن يەنىلا بېرىشنى قارار قىلدىم، ئۇ كۈنى كەچ، مەن پەسكە چۈشۈپ تاماقلىناي دەۋاتقاندا ھەدەم ماڭا:

    -سەن پەسكە چۈشۈپ ئاشخانىغا كىرىشىڭگە ئۆزۈڭ توي قىلىدىغان ئادەمگە ئۇچرايسەن!-دېدى.

    ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭغا «ساراڭ» دېدىممۇ ۋە  ياكى باشقا گەپ قىلدىممۇ ئېسىمدە  يوق. ئەمما مەن ئۇنى ئۇچراتقان چېغىمنىڭ ئۆزىدە، ھەدەمنىڭ دېگىنىنىڭ توغىلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇ تىببىي كەسىپنىڭ تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، مەن بىلەن بىر ئۇنۋېرسىتېتتا ئىدى، ئەڭ قىزىقارلىقى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئېغىر زۇكام ئىدى. مەن مېلدوننى تۇنجى كۆرۈپلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.

    1989-يىلى مېلدون ئالەمدىن ئۆتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن 39 يىللىق نىكاھ تۇرمۇشۇمنى ئۆتكۈزدۈم. بۇ 39 يىل ئىچىدە، گەرچە بىر ئۈزلۈكسىز ئۆگۈرۈپ تۇرغان بولساقمۇ، پىشىپ  يېتىلگەن بولساقمۇ، ئەمما بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم  بولغىنىمىز يەنىلا ھېسسىيات جەھەتتە ئۆز-ئارا سىڭىشكىنىمىز، بىر گەۋدە بولغان مۇھەببىتىمىزدۇر.

    يۇسران



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : سىرلىق كۈچ ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-7-26 17:20:45
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 727
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证