مىنىڭ سايىلىرىم
ئابدۇرېشىت سۇلايمان
ئەتەمنىڭ كوۋرىكىدىكى بالىلىرىمدا كۇچ
ئەتەمدە ئەسلىمە- دېڭىز يا قۇياش
ئەسلەپ قالدىم ئاشۇ ئىسمىمنى
ئاڭلىدىم كېچەمدە ئاشۇ ناخشامنى
سۇرىتىم ئىسمىمنى فۇرقەت دەيمىزمۇ ؟
ناخشامنىڭ ئىسمىنى نەفىسەمۇ –يە
سىقىلغان ،رەھىمسىز يالقۇنلاردا مەن
ئەي !!ئىسىمىم ،ئىسمىڭنى يوللاردىن ئىزلە .
مۇزلانغان شۇ شەھرىم بەك گۇزەل ئىدى
ئوغلۇم ئولۇكخانىلارنى سوزلەيتى .
قىزىم ناخشىلىرىڭىزغا سەپەر قىلىڭ دەيىتتى .
سۇرگۇنگاھ تاغلىرىم مىنى چاقىراتتى .
سەنئەتكار بولۇشقا ئاچلىق ئىلان قىلاتتىم
قەلئەلەردە ئولىۋالاتتىم
چىرىكلەر قۇملۇقتا مىنى ئاتاتتى .
شۇ قاقاس بازاردا ئوغۇزخاندىن سورايتىم
-قىئاتنى نە ئۇچۇن ئوۋچى ئاتىدۇ ؟
-دۇنيانىڭ مەن تەرىپى نە ئۇچۇن قىزىل ؟!
ئۇخلاپ ياتسام نە ئۇچۇن بوۋا
ئاۋۇ شەرىقتە تاڭلار ئاتىدۇ .
ئاۋۇ ئىزلىرىم قىرىپ قالدىمۇ ؟
ئاۋۇ ئوغلۇم يەنە جاڭگالدا
نە ئۇچۇن ھوكىرەپ يىغلاپ ياتىدۇ .
مەن ياتقان بۇ تۇرمە پاكىزە تۇرسا
نە ئۇچۇن قىزىم قوشاق قاتىدۇ .
نە ئۇچۇن چىچىلىپ زىمىنغا تىنىم
چىكىتتەك تۇپراققا قانداق پاتىدۇ ؟
دۇنيانىڭ بۇ تەرىپى سىلەرنىڭ ئوغلۇم ،
مەن تۇپراقنىڭ ئىككىنجى باپى .
ھاياتنى سويۇشنى ئۇگەتتىم ساڭا ،
"ئۇيغۇر "بولسۇن نەۋرەمنىڭ ئىسمى .
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۇنى (يەكەن)