تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-ئوبزور ›› باتۇر روزى ۋە بۇگۇنكى زامان ئۇيغۇر شىئېريىتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    jallat007
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12309
    422317806@qq.com

    يازما سانى : 15
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    باتۇر روزى ۋە بۇگۇنكى زامان ئۇيغۇر شىئېريىتى

     



     

     

     

     

    باتۇر روزى ۋە بۇگۇنكى زامان ئۇيغۇر شېئىريىتى
     
    ئابدۇرېشىت  سۇلايمان
     
       باتۇر روزى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىريىتىدىكى دىققەتكە سازاۋەر، ياش، تالانىتلىق شائىر، 1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر سىمۋۇللۇق شېئىريىتىدە ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى بىر ھادىسە دەپ ئىتراپ قىلىنغان شېئىريىتىمىزدىكى مول ھوسۇللۇق شائىر. 
    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىريىتى ئوزىنىڭ خاسىيەتلىك ئەنئەنىۋى ئاساسى بىلەن ئىجادىيەت سىپىدىكى ياشلارغا تەڭرىنىڭ تاتلىق پىچىرلاشلىرىدەك تۇيغۇ خىمىرتۇرىچىنى ھازىرلاپ بەردى. مەۋھۇملۇق ئىچىدىكى پىچىرلاش شائىرلارنىڭ تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ۋۇجۇدىغا كويىۋاتقان قىقىنۇس قىنىنى تەقدىم قىلىپ ئەبەدىلىك چۇقانىدىكى تۇيغۇ سەنئىتى ئۈچۈن تەر ئاققۇزىۋاتقان شائىرلارغا شېئىريەت مەۋجۇتلىغىنى تەقدىم ئەتتى.  زىمىندىكى تەن راھىيتىنى رەت قىلىپ، پىچىرلاشلىرىنى تىڭشىغۇچىغا پاكىزە ھەم سۇزۇك يەتكۇزىپ بىرىۋاتقان شائىرلىرىمىز ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ ئوغۇزخان داستانىدىن باشلانغان مەرغۇلىدا ئەنئەنىنىڭ ھەركەتلىنىۋاتقان سىزىمىدىكى ئاڭلاشقا ۋە كورۇشكە بولىدىغان ھەركەتلىك مەجئۇلىنى مەڭگۇلۇككە يەتكۇزۇپ بىرىش ئۈچۈن زىمىنغا ئاققان نۇر بولۇپ تويغىمىزدىكى ھەركەتچان ھىكمەت ئۈچۈن زەخمەك ئۇرۇپ تەبىيىتىمىزنى تىپىۋىلىش ئۈچۈن بىزنى روھ چولىگە باشلاپ كىردى. 
       ئۇيغۇر شېئىريىتى ئۈچۈن گولخان ياققۇچى شېئىريەت ئۇستازى ناۋائې پەللىسى گەرچە بىز بىلەن بوشلۇق شەكىللەندۇرگەن بولسىمۇ ھازىرقى شائىرلاردىكى شېئىريەت ھارارىتى ئىچىدە روھىيىتىمىزگە ھارارەت ئاتا قىلىپ تۇرغان مەۋجۇتلىقتىكى تەن ئىگىلىرىگە كوپلەپ رەھمەت ئىيتىشقا مەجبۇرمىز. «ئايسىز ئايدىڭ»، «بەندىلەر»، «ھىجران چۇشى»، «تىلنىڭ جاۋاپكارلىغى» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن روھىيىتىمىزدىكى بىلىپ بولمايدىغان چوقىلار ئۈچۈن زەخمەك ئۇرۇپ ئۇيغۇر شېئىريىتىنى مەڭگۇلۇككە ئىلىپ بارغۇچى ئەنئەنىڭ قۇربانى ياش شائىر باتۇر روزى مۇشۇ ھورمىتىمىزنىڭ تورىدىن ئورۇن ئالغۇچى قەلەم ساھىبى. ئۇ ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى بىر چوغ. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن تىترەپ توختىغان تاغلارغا قاراپ ئۇنىڭ بىر پۇتۇن شېئىريەت ھاياتىغا باھا بىرىش ئىستىتىك تۇيغۇمىزدىكى بىر مەجبۇريەت. ۋۇجۇتنىڭ شېئىريەت پەسلىدىكى ئىسيانلىرىنى ھىس قىلىشتىن بۇرۇن شائىر بىلەن توۋەندىكىدەك تۇنۇشۇپ چىقىمىز. 
     
    1-باتۇر روزى كىم ؟
     
    باتۇر روزى 1966-يىلى يەكەن ناھىيىسىنىڭ كاچۇڭ يىزىسىدا مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇيغۇر ھازىرقىزامان ئۇيغۇر شېئىريىتىمىزدىكى خەلىقنىڭ ھورمىتىگە ئىرىشكەن تالانىتلىق شائىر. ئۇنىڭ روھىيىتىدىكى سۇنماس شېئىريەت ئىتىقاتى، شېئىريەتتىكى ئىسيانكارلىق تۇيغۇسى ئۇيغۇر سىمۇۋۇللۇق شېئىريىتىنىڭ بابارەھىم مەشرەپتىن كىيىنكى سىلىكىنشلىك دەۋرىنى ياراتتى. 
    باتۇر روزىنىڭ ئوسمۇرلۇك دەۋرى ئوز يۇرتىنىڭ فولىكلور قاتلىمىدىكى ئەنئەنىۋى ئورىپ-ئادەت ئىچىدە شېئىريەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ قارام، يىڭىلمەس ئەرلىك خۇسىسىيەتكە تولغان قىرىنداشلىرىنىڭ پىسخىكىسىنى ئوز ۋۇجۇدىغا سىڭدۇرۇپ ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن يۇمشاق پىسخىكىغا تولغان قىرىنداشلىرىغا بولغان لىرىكىلىرىنى رەڭدارشېئىرىي نەپىسلىك بىلەن يۇغۇرۇپ كىتاپخانلارغا تەقدىم ئەتتى. باتۇر روزىنىڭ شېئىرىي تالانتىدىكى ھالجىرلىق ئۇيغۇر شېئىريىتىمىزدىكى گۇلخانغا ئوت قويۇپ 1983-يىلىدىن 1995-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا يىڭىچە تەپەككۇرغا تولغانشېئىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر شېئىريىتىمىزدە سىلكىنىش شەكىللەندۇردى. بۇ ئارقىلىق ھايات قايناملىرىمىزدىكى روھىيەت سەنىتى بولغان شېئىريەت دەسلاپقى قەدەمدىكى بالاغەت بىلەن كىتاپخانلارغا يىقىشلىق تۇيغۇ بەخىش ئەتتى. 
    باتۇر روزىنىڭ ئوسمۇرلۇك دەۋرىدىكى ھاياتىئ ورىپ ئادەت تۇسىدىكى جەمەتنىڭ دىنى بىلىم مۇساپىسى بىلەن باشلىنىپ تۇمۇردىكى شېئىريەت گىنى بىلەن تەپەككۇرى ئەقىل بىلەن قوراللانغان شائىرىمىز ئوزىنىڭ رەتقىلىش كۇچىنىڭ قورشاۋىدىن چىقىپ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە قۇرئانى كەرىم ساۋادىنىچىقىرىپ يۇرىت تاشلىرىنىڭ ئارىسىدا ۋاقىت ئولچىمى بويىچە ئوقۇلۇش ۋە قىرائەت قىلىش ئاساسىدىكى ئەستىن ئاللابۇرۇن ھالقىپ كەتكەن شائىرنىڭ ئەقلىگە ئاپرىن ئوقۇشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى بايقىلىش تەپەككۇرى ئاشكارلانغان يىللاردا شېئىرىي يولىنىشنىڭ بالاغىتى ئىچىدە ئوزلۇكى ئۈچۈن تىرىشىپ كورەش قىلىۋاتقان شائىر باتۇر روزى مەرىپەت قوچىغىدىكى يەكەن ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنپ تەسەۋۋۇر قورشاۋىدىكى شېئىريەتنىڭ مۇدىئاسىدا دەسلاپقى نەزىريە چۇشەنجىسى بىلەن ئەقىلنىڭ مەۋجۇتلىغىنى رەت قىلىپ شېئىريەتتىن تەركىپ تاپقان تۇيغۇ سەنئىتى ئۈچۈن ئوزىنىڭ يۇمۇلاق ھەيكىلىنى شېئىريەت كوچىسىغا تىكلەشكە ھازىرلىق كورۇش مۇساپىسىنى تاماملىغان ئىدى. 
    ئۇنىڭ تەربىيىلىنىشى شېئىريەت يولىنىشىنىڭ قانۇنىيتى بويۇچە تەرەققى قىلدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدىكى باتۇر روزىنى شۇ ۋاقىتلاردا ل، مۇتەللىپ، ۋە باتۇر روزى يولىنىشى بويۇچە تەھلىل قىلاتتۇق. 15ياشقا كىرگەن باتۇر روزىنىڭ شېئىرى تەپەككۇرى بىلەن ﻝ. مۇتەللىپنىڭ شېئىرىي ئىستىداتى ئوتتۇرسىدا پەرىق يوق ئىدى، باتۇر روزىدىكى ئەقىل، شىېريەتنى قېنىدىنمۇ ئەزىز كورۇش خائىشى بەلكىم 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۇنى قەتلى قىلىنغان ﻝ مۇتەللىپتە كەمچىلراق بولىشى مومكىن، چۇنكى بىزپەندە تەسىس قىلىنغان ئەقىل تەرەققىياتى بىلەن مەرىپەت سۇپىتىدە ئوتتۇرغا چىققان تالانىتقا ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىدە تۇرۇپ باھ ابىرىشكە ھەقلىقمىز،  دەيدۇ باتۇر روزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەدىبىيات پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى. گەرچە بۇ كۈلكىلىك سىلىشتۇرمابولسىمۇ شۇ پەيىتتىكى تەپەككۇرنى ھەمباھانى مەلۇم جەھەتتىن قوبۇل قىلىشقا بولامدۇ –يوق، بۇنى تەھلىلقىلىش بىھۇدە ئاۋاچىلىق. 
    باتۇر روزىنىڭ شېئىرىي تالانتىدا تەسەۋۋۇردىكى ئۇچىنجى ئىلمىنىت ئادەم تەپەككۇرىدىكى چۇش كورۇش سىزىمى بىلەن قوشۇلۇپ بىشارەتكە چىللاپ تۇرغان ئادەمنىڭ رىئاللىقتىكى سايىسىنى شېئىرغا پۇتۇپ قويىدۇ. شائىرنى پەقەت ئانا تۇغىدۇ  دەپ تەبىرلەيدۇ، ھورمەتكە سازاۋەر شائىرىمىز تاھىر تالىپ، شېئىريەت بوشلىغىدىكى باتۇر روزىنىڭ شۇ پەيىتلەردىكى شېئىرلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30يىللىغى بىلەن نەشىر قىلىنغان «توي چاچقۇسى» توپلىمىغا كىرگۇزلۇپئورمان سەرلەۋىلىك شېئىرى بىلەن پىشقەدەم شاېرلارنىڭ دىققەت مەركىزىدىكى تالانتىنى نامايەن قىلغان ئىدى، سوھبەتلەردەئوزىنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ تۇنجى باشلانمىسى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن بولسىمۇ «يەكەن گىزىتى» نىڭ 1983-يىللىق سانلىرىدا ئىلان قىلىنغان توۋەندىكى شېئىرى ئۇنىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى بولىشى مومكىن. 
     
    بويۇك كارۋان
     
    كۇمۇشرەڭ بۇ يولنىڭ بارمىدۇ چىكى، 
    يوللىرى گوپۇلدەپ ئەتىر پۇرايدۇ. 
    گاھىدا ئۇزۇلمەس شايى لىنتىدەك، 
    بۇلۇتقا تاقاشقان تاغنى ئورايدۇ. 
     
    ئەشۇ چاغ خىيالىم ئەينىكىدە مەن، 
    كورىمەن تارىخنىڭ كارۋانلىرىنى. 
    ئەسلەيمەن بىھىساپ ئىپتىخار بىلەن، 
    ئۇلارنىڭ يالقۇنلۇق ئارمانلىرىنى. 
     
    مۇققەددەس ئانىغا ئىھتىرام ئەيلەپ، 
    تۇرىدۇ باشتىلا ئالىم ئارىسلان. 
    جاڭگاھتىن بايىلا قايىتقانمىكىن –تاڭ، 
    قولىدا زۇلپىقار، كوكسىدە قالقان. 
     
    ئارقىدىن كىلىدۇ مىڭلاپ قەدىرخان، 
    ئۇزىتار ئانىجان قولىنى تەڭلەپ. 
    شاتلىقى دىڭىزدەك ياسايدۇ ئوركەش، 
    تۇزگەندە سويۇملۇك پەرزەنىتلىرى سەپ. 
     
    كىلىدۇ خاس ھاجىپ، كىلىدۇ مەھمۇت، 
    كىلىدۇ يۇكنەكى كوتىرىپ قامۇس. 
    قامۇسلار مەشئەلدەك يۇرۇتۇپ تۇننى، 
    ۋەتەننىڭ كوكسىگە ياقىدۇ پانۇس. 
     
    كىلىدۇ ناۋايى، سەككاكى، لۇتىفى، 
    كوتىرىپ ئانا يۇرىت قەسىدىسىنى. 
    كىلىدۇ ئىزىزلاپ تىڭىپ يۇرەككە، 
    مۇققەددەس ئانىنىڭ ئەقىدىسىنى. 
     
    كىلىدۇ زەلىلى، گۇمنام، نىزارى، 
    جاھالەت كوكسىگە ياغدۇرۇپ ئوقنى. 
    كىلىدۇ ھەممىسى پۇكۇپ قەلبىگە، 
    ئوتقاشتەك قىزارغان رەڭدار ئۇپۇقنى. 
     
    ئىھ،بۇگۇن كەلمەكتە زەپەرلەر قۇچۇپ، 
    ئۇلارنىڭ ئىزىدىن بىر يىڭى كارۋان. 
    كەلمەكتە تۇسقۇنلار باغرىنى يىرىپ، 
    قۇرۇشچۇن قۇدرەتلىك، يىپ-يىڭى دەۋران. 
     
    1981-يىلى 12-ئاي (يەكەن  كاچۇڭ)
     
     
     
     شائىر باتۇر روزىنىڭ ئەنئەنىگە بولغان قىزىقىشىئالاھىدە كۇچلۇك، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتىنى قىتىقىنىپ ئۆگىنىش داۋامىدىكى مەۋقەسىدىن ئۇنىڭ شېئىرى تالانتىنىڭ ئىنىتۇناتسىيەسىنى كىيىنكى شېئىرلىرىدىن بايقىيالايمىز. 
    رىئال مەنىدىكى قاتلام بىلەن تالانىتلىق شائىر باتۇر روزىنىڭ ئوسسۇپ يىتىلىش مۇساپىسىدىكى قورغانغا كىرىپ كەلگەندە ئۇنىڭ مۇشاقىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىن ئىلگىرى ئادەم تەقدىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن شېئىرىيەتنىڭ چەكسىز كېڭىيىشچان قوزغاتما كۇچ بولۇپ ئەقىلگە پىشاڭلىق رول ئويناپ يىراقتىكى بىشارەت ئۈچۈن ھىجرانغا تولغان ئۈمىدنىڭ گىرۋىكىدە جان تالىشىۋاتقان شائىرغا جەلىپكارلىق بىلەن دىياگۇنۇز بىرىلەيدىغانلىغىغا ىشىنىمىز. 
    باتۇر روزى 1983-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئەدىبىيات پاكلۇتىغا ئوقۇشقا كىردى. مانا بۇ شائىر باتۇر روزىنىڭ شائىريەت باياۋىنىدىكى سىرلارنى يىشىش سەپىرى. باتۇر روزىنىڭ ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى تايانىچلىق كۇچى دەل مۇشۇ يىللادا باشلانغان. مۇشۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنىڭ شېئىرى بوشلۇققا ئىچكىرلەپ كىرىش دەۋرى ئەقىلنىڭ قورشاۋىدىن ھالقىپ چىقىپ ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ سىلكىنىشلىك دەۋرىنى ياراتقان مۇساپە گەرچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ شېئىريىتىمىزدىكى 1711-يىلى ئاخىرلاشقان ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى جەزبىدارلىقنى بىزگە ھامىلە سۇپىتىدە ئېلىپ كىلىپ ئىنسانى غۇرۇر دەۋرىدىكى مۇۋازىنەتنى تەڭشەپ تۇيغىمىزنى پاكلاشقا، روھىيىتىمىزگە ماكان ۋە زاماننىڭ يۆلىنىش تەرەققىياتى بويىچە نۇرغۇنلىغان جەۋھەرلەرنى ئاتا قىلىشقا پىشاڭلىق رول ئوينىغان شائىرلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىلى سۇپىتىدە باتۇر روزىنى تىلغا ئىلىپ ئوتۇشكە ئەرزىيدۇ. 
    باتۇر روزى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئەدىبيات پاكولتىتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدىكى تىرىشچانلىقىنى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىنىڭ تۇنجى فىلولوگىيە پەنلىرى پىرۇفېسسورى، باتۇر روزىنىڭ شۇ پەيىتتىكى يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى مەرھۇم شەرىپىدىن ئومەر مۇنداق يەكۈنلەيدۇ (باتۇر ئەينى ۋاقىتتا ئەتىراپلىق ئىزلىنىپ ئوقۇش ھاياتىنى مەكتىۋىمىزدىكى ئازات سۇلتان، ئابدىشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن قاتارلىق ئۇستازلىرىغا يۇز كىلەلىگۇدەك دەرىجىدە تاماملىغان.  ئۇنىڭ دىسىرتاتسىيە ماقالىسى «ئۇيغۇر شېئىريىتى تەرەققىيات تارىخىدىكى بەش يۇز يىللىق پاجىئە» ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيە بىلەن يىزىلغان. ئۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتىنى تەتقىق قىلىپ، ئەتىراپلىق ئىزلىنىپ بۇ ماقالىدەك يۇقىرى سەۋىيەلىك ماقالە يازىدىغان تەتقىقاتچىلار چىقمىغان. بۇ نۇقۇل مىنىڭلا باھايىم ئەمەس. شائىرىمىز باتۇر روزى شۇ ۋاقىتتا بۇ ماقالىنىڭ تەسىر كۇچى بىلەن ئابدىرىھىم ئوتكۇر، تىيىپجان ئىلىيۇۋ، ئوسمانجان ساۋۇت قاتارلىق تەكلىپ قىلىنغان باھالاش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن. شۇ ۋاقىتتا مۇشۇ ماقالىنىڭ سەۋىيىسىگە قاراپ باتۇر روزىغا ئاسپارانىتلىق ئۇنۋانى بىرىشنى ئويلىغان. بىراق ئۇ ۋاقىتتا بۇنداق تۈزۈم يوق بولغاچقا مەكتەپتىكى رەھبەرلىكنىڭ قولىدىن كەلمىدى. 
    شېئىريەت يالقۇنى ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان يۇرەككە ئىگە باتۇر روزىنىڭ ئالى مەكتەپ ھاياتى ھەقىقەتەن مۇشكۇل بولدى. دەل مۇشۇ يىللار يەنى 1982-يىلىدىن1987-يىلىغىچە بولغان دەۋىر شائىرەنە نەزەر بىلەن كۇزىتىش باسقۇچىنىڭباتۇر روزىنىڭ سەزگۇلىرىدە ئوزىنى غالجىرلىق بىلەن ئاشكارلاۋاتقان يىللىرى بولغاچقا شېئىرىي پىكىرنىڭ يىڭى ۋە تىرەنلكى، شېئىرلىرىدىكى سىمىچۇلنىڭ تەڭداشسىز مەنىسى. شېئىرى پىكىرلىرىنىڭ غالجىرلىقى بىلەن قۇشۇلۇپ روھ چېقىنلىرىنىڭ باياۋىنىدىكى شائىرنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىريىتىدىكى ھەقىقى تالانت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. 
    باتۇر روزى شېئىريىتىمىز تەقدىرىگە تۇغۇلغان بىر سۇئال بولۇپ شۇ دەۋەردىكىدەۋىرداش شائىرلارنىڭ ئىچىدە شىۋىرغان كەبى ھۇشقىرتىۋاتقان تۇيغۇلىرىنى پاكىزە ھەم سۈزۈك ئىپادىلەشتىن سىرىت ئوز مەۋجۇتلىغىمىزدىكى كىملىكىمىز ئۈچۈن شېئىرىي كورەش قىلىپ ئالەمدىكى بىردىنبىر شېئىرى مىللەت بولۇش قەدىمىمىزدىكى ئىزلىرىمىزنى كورسىتىپ بەرگەن ماقالىلىرى بىلەن قاراڭغۇ كىچىدىكى شېئىر تاۋۇشنىڭ ئىزنالىرىنى كورسىتىپ بەرگەن ئىدى. 
    ئۇيىللاردا -،دەيدۇ شائىر باتۇر روزىنىڭ قەلەمداش دوستى ئابدىكىرىم ئوسمان، -«ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى تالاش - تارتىش مەتبۇئات يۇزىدە ئەۋجىگە چىقىپ كىتاپخانلارمۇ بىر قانچە تۈركۈمگە بولۇنۇپ ئۇيغۇر يىڭى شېئىريىتىنىڭ ۋەكىللىرىگە تۇيغۇ يولىنىشى بويىچە باھا بىرىشتىن سىرىت سەنئەتنىڭ ئانىسى بولغان شېئىريەتكە تۈركۈملەپ ھۇجۇم قىلغان ئىدى. شېئىريەت ئىكىلوگىيەسى ئىچىدە تىڭىرقاش ئىچىدە روھىدا ۋەيران بولغان شائىرلار ئۈچۈن بۇ سەنئەت سىنىقى بولۇپ ھەقىقى شائىرنى دەڭسەپ چىقىدىغان بۇ ئېقىندا يەنىلا ھايات قالغىنى باتۇر روزى قاتارلىق بىر قانچە شائىر بولدى».
    ئىنسانلارنىڭ ئىرىشىش بىلەن يۇقلۇققا سەپەر قىلىشىدىكى تىراگدىيە شېئىر بىلەنسەپىرىنى ئاخىرلاشتۇردۇ. شائىردىكى ماكان ۋە زامان قىممىتى ئۇنىڭ تۇيغۇسىداغەپلەتتە ياتقان دەقىقىلىرىگە تىغ ئۇرۇۋاقاندا شائىرنىڭ يۈرىكى قانايدۇ. تەسەۋۋۇردىكى ئوبىكتىپ ماكان بىلەن قورشىلىپ شېئىر ئىزلەپ يۇرگەندە شۇ ماكانداتەئەللۇق مەلۇم ئىزلىنىش ۋە قىممەت ياراتقان قەلىپ ئىگىسى شوھرەتنىڭ قورشاۋىدىن قېچىپ چىقىپ مىللەتتىكى ئوزلىكىنى ئىزلەيدۇ. يىراق كەچمىش ئۈچۈن ئەقلىمىز تاڭ قالىدۇ. باتۇر روزى شۇ پەيتلەردە كىلاسسىك پۇراق ئىزلەپ ۋەھشىلىكىنى شېئىرلىرىدا ئاشكارلاپ ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى زىيالىلار قاتلىمىنى شەكىللەندۈرگەن ساۋاقداشلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەكلىماكانغا سەپەر قىلغان شۇپەيتلەردە ئۇنىڭ ماكاندىشى، ساۋاقدىشى، قەلەمدىشى ھۆرمەتكە ساۋازاۋەر شائىرىمىز پولات ھىۋىزۇللادىن ئۇنىڭ پىشىپ يىتىلىش تارىخنى سورىغىنىمدا بىر قانچە ئىرىشمەكچى بولغان دەلىللەرنى كورسىتىپ ئادەمنىڭ ئەقلى بىسىمى قوبۇل قىلغۇسىز دەرجىدىكى تىرىشچانلىق مىساللىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەۋجۇتلۇق مەنىسىدىكى شېئىريەت سەپىرى ئۈچۈن قاننىڭ مەنىسىدىكى تۆۋەندىكى شېئىرنى باشلاپ ماڭغۇچى شېئىريەتتىكى كارۋان باتۇر روزىنىڭ روھى دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرىش قىبىلنامىسى دەپ كورسەتتى. 
     
     
     
     
    ھىجران چۈشى
     
    يالقۇن بىلەن يىپىنچاقلانغان تېنىمنى
    لەرزان يەلپۇپ تۇرغان يەلپۇگۇچلىرىگە كىچىنىڭ. 
    كوزلىرىمدىن تۆكۇلگەن ئاتەش بىسلىق شەمشەرلەر، 
    سىزىپ چىقتى ئۇستى ئۇستىلەپ. 
    قانلار كەلكۇنىدە لەپپەڭشىپ تۇرغان، 
    يىلتىزىدىن قۇمۇرۇلغان دىڭىز تاشقىنىدەك يۇرۇكۇمنى. 
    دەستىلەنگەن تەبەسسۇملاردىن، 
    تىكلەندى ئۇندا
    ئاسمان بىلەن ئاھاڭداش زىناقلارنىڭ مۇنارىشۇ دەم !
     
    كىچىلەر مەڭزىدىن بىر تامچە ياشتەك، 
    سىيرىلىپ چۇشكەندۇ نىمىشقا قۇياش. ؟
    ياق، ياق !
    ساماۋى مۇقاملار ياڭراتقان، 
    سازەندە پەرىلەر ھالقىسى ئىچرە. 
    ئۇسۇلغا چۇشۇپتۇ پىرقىراپ، 
    تەنھالىق تەختىدىن يىقىلغان مەشرەپ. 
    قوينۇمدىن مەس پىتى ئىغىناپ بېرىپ، 
    كىتىپ قاپتۇ ئوغۇرلاپ
    ئۇيقۇم تاغلىرىنىڭ يىرتىقلىرىدىن، 
    سىرغىپ چىققان بۇلاقلىرىنى چۇشۇمنىڭ. 
    تەبەسسۇم مۇنارى چۇشمەكتە غۇلاپ، 
    پومزەكلىرى ئارا ئۇيۇپ قالغان قانلارنىڭ. 
    بۇ ھەممىنى كۇمۇپلا تاشلار، 
    لەپىلدەپ ياققۇچى كۇلرەڭ قار
    توزانلىرى بەربادلىغىمنىڭ !
    ئەينىكىدە تىرىلمىشىمنىڭ
    دۇم كومتۇرۇلگەن ئالەم، 
    شوخ،ئەسەبى كۇلكە ئۇدارلىق، 
    قىيامەتلىك مەغرۇر مۇقاملار. 
    ئوقيادىن چاچرىغان باشاقتەك، 
    شۇڭغۇپ ئاقار كۆككە بىر دەريا، 
    بىغىرلاپ قايتار قىزغۇچ يەلكىنى قۇياشنىڭ. 
    بۇزغۇنلىتىپ شاراپلىرىمنى، 
    قۇيغىنىچە لىمۇ لىق قىلىپ. 
    تاشنا قۇياش سۇنغان جاملارغا، 
    ۋە ئۇ شوراپ قۇرۇتۇپ قويغان
    چۇشلىرىمنىڭ بۇلاقلىرىغا. 
     
    شىر كەيىپ قۇياش بىر تىپىك بىلەن، 
    ۋەيران قىلدى شەلپەر گۇمبىزىنى ئېزانىڭ. 
    پەرىشتىدەك يالقۇن قاناتلىق، 
    كىزىپ ئەلەمنى. 
    يىغىپ چىقتى سوڭەكلەردىن ياسالغان، 
    قانلار بىلەن ھەل بىرىلگەن ھەيكەللىرىمنى. 
    ئىزىپ ئۇنى ھاۋانچىسىدا چاقماقلىرىنىڭ، 
    چىلىملىرىغا قاچىلاپ. 
    تۆۋىلەرنى ناخشا دىگەن تۇنلەرنىڭ، 
    چىكىپ بولۇپ كۇللىرى بىلەن
    كۇجە ياساپ پۇراتتى
    يىڭى تەخىتلەنگەن ئوردىسىدا گۇناھنىڭ، 
    قىلدى دەرۋىشلىك
    شەيتان ئوي كوچكەندەك داۋالغۇپ تۇرغان
    ئازغۇنلۇقنىڭ باغرىمدىن باشلانغان چۆللىرىدە. 
    مۇشىتلىشىپ
    ھاياجاننىڭ دىۋىسى بىلەن
    ھالسىزلىنىپ دۇم چۇشتى، ئاخىر
    پەرىشتىنىڭ لەۋلىرىسىمان، 
    ياق
    كالپۇكسىمان بىر جۇپ خەنجەردەك
    ئازگىلىغا ئىپلاسلىقنىڭ. 
    لۇمشۇپ چىقتى ئازگال لىۋىگە
    نۇرلار پاتقىقى !!!
    پىتىقلاندى پەنجىمدە نۇرلار. 
    خەمەكلىدى قۇياش قوغىنى. 
     
    باتۇر روزىنىڭ روھى قانائەتسىزلىكىنى بۇ شېئىردىنلا ئەمەس، ئۇنىڭ كىيىنكى پەيىتلەردە ئىلان قىلىنغانياكى ئىلان قىلىنماي يازما سۇپىتىدە ساقلىنىپ قالغان يازمىلىرىدىن بايقىياۋالايمىز، شائىرنىڭ زىمىندىكى پاكىزە تارىخى گاھىداتەزكىرە سۇپىتىدە خاتىرلەنمەستىن شېئىر ئارقىلىق خاتىرلىنىدۇ. باتۇر روزىنىڭشېئىرلىرىدىكى ۋەششىيانە غالجىرلىق ئۇنىڭ پىسىخىكىسىدىكى ئۇدۇم شەكلىكدىنئەركەكنىڭ غەليانلىرىدىن بىشارەت بىرىپ شېئىر ئوقۇغۇچىنى شېئىرلىرىنىڭ ئىچىگەسورەپ كىرىدۇ. بۇنى پەقەت روھىيەتتەپىشقان تەسەۋۋۇپنىڭ يىگانە ئارىلىدىكى سۇپۇم بولغۇچى شائىر ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ دەپقارايمىز. 
    باتۇر روزىنىڭ ئوقۇش ھاياتىدىكى ئوز ئوزىدىن ھالقىشكورىشى ئەركىنلىك ئىچىدىكى تەسەۋۋۇرنى شېئىرلىرىغا ئوز ئازاپلىرى ۋە شاتلىغى بىلەنقوشۇپ يۇغۇرۋەتكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى مۇزىكا كۆلىمى ئىچىدە پىسخىكا نۇقتىسىدىن ئەمەس ئۇنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىكى قارا كولەڭگىلەردىن باتۇر روزىنى مۇشۇنچىلىك چۈشىنەلەيمىز، زەئىپ تىلىمىز بىلەن ئۇنى چۈشىنىش، قاراڭغۇ كوزىمىز بىلەن ئۇنى كۈزىتىش پەقەت باتۇر روزىنىڭ تاشقى پوستىغا قارىتىلغان. ئۇنىڭ روھىيىتىگە باھا بىرىش ئۈچۈن يەنە ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا ئىچكىرلاپ كىرىشكە توغرا كىلىدۇ. 
     
    قاننىڭ غالجىرلىق ئىستىلىسكىسى
     
     
    شېئىرىي تىلدىكى غالجىرلىق شائىر تۇيغۇسىدىكى سىمۇۋۇلنىڭ بەركىتىدە مەنىدىكى ئىشارەت بىلەن تاناسىپ تۇزۇپ كىتاپخاننى شېئىريەت مەنزىرسىدىكى بىر مەيدان تۇقۇنۇش ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ. ھازىرقىزامان ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ لىنيەسى نۇقۇل نەزىريە قىلىپى ئىچىدىكى پورمىلالاشقان ئازاپلىنىش ۋە خۇشال بولۇش كەيپىياتى بولماستىن چەكسىز قۇم دانچىلىرىدەك مىڭە توقۇلمىلىرىنىڭ سىزىملاشقان ھەركىتىدىكىچەكسىز مانا بۇشلىغىدۇر. شائىرنىڭ قانداق تۇغۇلۇپ قانداق ئۇسۇپ يىتىلىش دەۋرىئادەم ئاناتومىيەسىنىڭ قىل –قان تومۇرلىرىغا ئوخشايدۇ. قۇياشتىكى پارلاشتەك ئاچچىق تۇلغاق ئىچىدە سىلكىنىپ ئويغانغان باتۇر روزى شېئىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىريىتىدىكى سىلكىنىشلىرىنى رۇشەن ئوزگىچىلىكلىرى بىلەن تۇنۇپ يەتكەن ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنىڭ قەلبى شېئىريەتكە يىقىنلىشىش تۇيغۇسىنى قاغىجىراش بىلەن كۇتۇپ تۇرغاندا تەپەككۇر جەھەتتە غاردىن شىردەك ھوكىرەك چىققان بۇ شائىرنىڭ ئاچچىق تولغاقتىن كىيىن تەسسۇددۇت بولغان يازمىلىرىغا ئۇيغۇر شېئىريىتىكى بىر پاكىزە بىر داۋالغۇشدەپ باھا بەرسەك مىنىڭچە ئارتۇق كەتمەيدۇ. 
    ئۇيغۇر شېئىردىكى مەۋجۇتلۇق ۋە ئۇنىڭ شاھانەتەختى لەۋلەشكەن ۋە لەۋلەشمىگەن سۇزۇق تاۋۇشتىلا ئەمەس. ئۇنى روھنىڭ دىئالوگى دەپ قارىغاندا شائىر بىلەن كىتاپخان ئوتتۇرسىدىكى توساق بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. تەسەۋۋۇر ئەركىنلىكىدىكى بەندىنىڭ شېئىردىكى ئاۋازى چەكسىزلىككە يىتىپ بىرىپتۇرلۇك شەيئىلەرنى ئوزگە خاس شەكىلگە ۋە ئوزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان ئۇلۇغلۇقنىڭ كۇزىتتىش دائىرسىگە كىرگۇزۇلگەندە دۇنيانىڭ شېئىريەتتىكىۋاقتى ئۇزۇن قىسقىلىق دائېرسىدىن ھالقىپچىقىپ ھاياتنىمۇ روھ بوستانلىقىغا باشلايدۇ. تەن ياپراققا ئايلىنىدۇ. بۇ مەۋجۇتلۇقنى بىز چەكلىمە ئىچىدە قورشاپ تۇرۇپ چەكسىزلىككە ياندىشىپ بەندىنىڭ ئەسلى مەنبە خائىشىغايىقىنشىمىز. روھىمىزنى پاك ۋە نۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن ئۇلۇغلۇقنىڭ ئاۋازى بولغان ئايەت ئارقىلىق، روھىمىزدىكى سىر–ئەسرالارنى كۈزىتىپ ئۇنىڭغا دىياگۇنۇز قويۇلغان شېئىر ئارقىلىق ۋۇجۇدىمىزنىپاكلاش كىرەك شائىرنىڭ شېئىرىي تۇيغۇسىغا يىقىنلىشىپ ماڭغان ئوقۇرمەنننىڭمۇ قەلبىپاك ھەم نۇرلۇق بولىدۇ، گەرچە بۇ ئىنىقلىمىمىز «شېئىريەت پەلسەپىسى» بولمىسىمۇ بىلمىگۈچىلەرنىڭ روھىغا خەنجەر ئۇرالايدۇ. 
    باتۇر روزىنىڭ «بەندىلەر» داستانىمۇ ئوز روھىمىزنى ساپلاشتۇرىدىغان شېئىريەت ئىستىمالى بىلەن كىتاپخانلارنى تەمىنلەپ بۇدۇنيانىڭ توپا –توزانلىرىدىن بىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سۇزۇك ۋە بويۇك ئاۋازى تەن لەززىتىدىن ھالقىپ كەتكەن ئاۋاز. قۇياش پاتقاندا ئاي پەيدا بولىدۇ. ئاي پاتقاندا يۇلتۇز. ئاھ!بەندىلەر. شەيتىنىڭدىن يىراققا قاچ. 
    قۇملاردا
    ئۇستىخانلار يىرىم يالىڭاچ
    توغراق تۇۋىدە
    كونا قەبرە زۇمچايغان
    يىراقلارغا سوزۇلغان
    ئۇزۇك - ئۇزۇك كارۋان ئىزلىرى. 
    دەز كەتكەن قىلىچلار
    يالتىرايدۇ قۇملۇقتا چىم چىم
     
    سوڭەكلەر
    ئەسىرلەردىن ھالقىغان
    بارماقتىمەن كاۋىكىدا ئومىلەپ
    يىقىنلاپ كىلىدۇ ئالدىمغا ئاستا
    يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك يالتىراپ بىر نۇر
     
    شائىر باتۇر روزىنىڭ تارىخ بىلەن سوزلىشىش دىيالۇگىدا دۇنيا تەقدىرنىڭ قۇملۇقتىكىيۇشۇرۇن دىيالۇگى ئارقىلق مەنىنىڭ ئىستىتىك ھالەتتىكىيىراقلىنى بايقاش ئۈچۈن كىتاپخان چوقۇم شائىر ۋۇجۇدى بىلەن بىرشىپ كىتىش كىرەك. گەرچە بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر جەريان بولسىمۇ بۇ داستاننىڭ ئىستىتىك قاتلىمىدىكىيۇشۇرۇن مەنىلەرنىڭ بوشلۇقۇغا يۇشۇرۇنغان ئىماگنىڭ تىگىگە يىتىش سەپىرىدىكى شائىرۋۇجۇدى بىلەن بىرلىككە ئايلىنىپ ئوزلۇكنى شائىرغا ئاتا قلىپ ئەڭ ئاخىرقى جەۋھەرنىشائىردىن ئىزلەش، مەننى يوق قىلىپ تۇرۇپ ئوزنىڭ يوقلىغىنى چەكسىز كىڭىيىشچانبايقاشقا سەرىپ قىلىش ئارقىلىق بەندىلىكنى تىپىشتەك مۇشكۇل سەپەرنى تاماملاش. مانەبۇ باتۇر روزىنىڭ يۇقارقى شېئىردىكى ئىستىتىك قاتلام، بەزىلەر بۇنى سوپىزىمدىكى «فەنا» بىلەن سۇپەتلىشى مومكىن، سەزگۇر تەپەككۇر لىنيەسىگە كىرگەندەيۇقارقى قاراشىمىزدا فەنا بىلەن ئاھاڭداشلىكىن ئۇنىڭدىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان نۇرنى بايقىيالايمىز. 
    ئالدىمغا تۆكىلەر
    ئاسمان
    يايلاق
    گۇلاپ ۋە كاشتان. 
    قورام تاشلار جىملىقى بىلەن
    پارچىلايدۇ شارقىراتما تىنىمنى. 
     
    يىراق ئۇپۇقتىن
    پىلدىراپ كەلمەكتە بىر چىكىت
    سۇئال بەلگىسى
    يوگىشىدۇ بىشىمغا
    نىگاھلىرىم سەپ تۇزۇپ قاتار
    ئۇچۇپ بارار سالامغا......
    ئىچىمدە ئەمما
    سىلكىنىدۇ شىددەتتە
    پاراتلاپ تىنىقى
    كوكرىكىمگە چىكىپ ئوتەر دەز. 
     
    يۇقارقى بولەكتىكى «گۇلاپ»، «كاشتان» سوزلىرى بىزنىڭ تارىخىمىز بىلەن سوزلىشىشدىكى ئىشەنجىمىزگە سوغ نەزەر تاشلاپ تۇرۇپتۇ. شائىر ۋۇجۇدى بىلەن بىرگەۋدىلىشىپ تۇرۇپمۇ بۇنى رەت قىلساق بولىدۇ. بىر ھالەتتىكىتۇيغۇ ئىچىدە پاكىزە روھىمىزبىلەن بۇ سوزنى ئىشلەتكۇچى مەنگە ئايلانغان ئوزلىكنىڭ بۇ سوزنى نىمە ئۈچۈنئىشلەتكەنكىنى بەندىلەرنىڭ تىراگدىيە يىشىمىدە بىلىۋالالايمىز. بىراق بۇ مەنىدىكىكوچۇشتىن ئوزىمىزنى چەتكە ئىلىپ شېئىردىكى مىللى روھنىڭئىزنالىرىغا قايتىپ كەلگەندە ئوزلۇكتىكى تارىخى يىلتىز يەنى مىللى قاننىڭئىستىلىسكىسىنىڭ تەنتەنىسىنىڭ بۇ شېئىردىكى كولىمىنى بايقاشقا پۇرسەت تۇغۇلىدۇ. شائىر ئاللابۇرۇن بۇ جەھەتتەكورسەتمە چۇشۇرگەن
    ئاساۋ ئاتتەك كىشنەيسەن بوران، 
    تۇتىۋالاي جۇلۋۇرۇڭ نەدە. 
    بۇ قىنىمغا قاتساممەن شۇئان، 
    قالارسەنمۇ چۇمۇلۇپ تەرگە. 
     
    قىلىپ كەلدىڭ تەنتەكلىك ھامان، 
    بارۇ يوقۇڭ ئولتۇرماس سەرگە. 
    قاي ھالىڭغا خورىكىڭ يوغان، 
    باش ئۇرمامسەن مۇققەدەس يەرگە. 
     
    شائىرنىڭ بۇ ئىنتوناتسىيەسى مىللى ئالاھىدىكنىڭشېئىريەتكە چىللىشى. گەرچە بۇ سوبىكتىپ خائىش بولسىمۇ ئۇنى باتۇر روزى چاقىرمىدى. مەن-مۇشۇ شېئىرنى ئوقۇغۇچى چاقىردى.
    باتۇر روزىنىڭ بەندىلەر داستانى يارتىلىش لەززىسىنىڭ ئوزلككە ئاققان قىيامىنى تاكاممۇل خالىس روھى بىلەن مەنتىقىلىق ئۇيغۇنلۇققا ئىگە قىلدى. ئۇنىڭ جاراڭلىق ئاۋازىدا غالجىرلىق بالقىپ تۇرسىمۇ ئۇنىئىغىر بىسىقلىق بىلەن قوبۇل قىلغاندا بۇ داستاندىن شەكىللەنگەن يىراقلىق كولەڭگىسى زاماننىڭ ۋە ماكاننىڭ قوبۇللىغى ئاستىدىكى كىتاپخانغا تەپەككۇر لەززىسى بىغىشلايدۇ. ئۇيغۇر شېئىريىتىكى بىر ھادىسەدەپ تەرىپلەنگەن ئۇيغۇر سىمۇۋۇللۇق شېئىريىتىدىكى قۇربان بولغۇچى، مول-ھۇسۇللۇق ۋەكىل باتۇر روزىنىڭ «ئايسىز ئايدىڭ» قەسىدىسىدە تۇيغۇمىزنىڭ كىرىشىش كۇچىنىڭ بەركىتىنى قايتىدىن تونۇيالايمىز. 
    ئايسىز ئايدىڭغا كىرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ توۋەندىكى شېئىردا ھوكۇمسۇرۇلگەن شېئىريەتتىكى ئاخىرلىشىشنىڭ شائىرنى قىينىغانلىغىنى كورۇپ باقايلى
    يۇرۇكۇمنىڭ سوقۇشلىرىدىن، 
    شېئىرلىرىمغا بەردىممەن نەپەس. 
    قەلىمىمگە ياماشقان پىتى، 
    ئۇ قەبرىدىن تۇرۇپ كەتتى دەس. 
     
    يۇگرەپ بىرىپ مۇكىۋالدى-ﺋﯘ،
    ھوزۇرۇغا چۇشۇمنىڭ شۇ تاپ.
    ئاچچىغىمنى قىلىشتەك شىلتىپ، 
    مەن كەينىدىن باردىم شاپاشلاپ. 
     
    توغراپ -توغراپ ئولتۇردۇم ئۇنى، 
    كومۇۋەتتىم قەبرىگە تەكرار. 
    كىم ئولتۇرمەس ئولتۇرۇپ قويۇپ، 
    بىۋاپادەك يالتايسا دىلدار. 
     
    دەم ئوتمەستىن چەكچەيدىم ھاڭ-تاڭ، 
    ئۇ تۇراتتى چىلمىيىپ قاراپ. 
    بالىلىرى ئىدى بىساناق، 
    ئەتىراپىدا يۇرەتتى ئويناپ، 
    -شېئىرلىرىمغا كاچات= ناملىق يازمىسى
     
    شائىرنىڭ شېئىريەتتىن ئىبارەت روھىيەت ھادىسىگە بولغان رەقىپلىك پۇزىتسىيەسىدىن ئۇنىڭشېئىر تەرىپىدىن قانچىلىك قىينالغانلىغىنى يۇقارقى يازمىسىدىن كورىۋالغىلى بولىدۇ. بىراق بۇ شائىر مەۋقەسىدىكى شېئىريەتكە بولغان جان تالىشىش كورىشى بولماستىنبەلكى شېئىرغا بولغان ئاشىقانە شۇئارى. 
    شېئىريەتتىكى ئىشلارنىڭ پايانى چەكسىز، شېئىريەت بىلەن ۋۇجۇتنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىش دەۋرى بۇ دۇنيادىكى ئازاپنىڭ پىغانىدىكى بىشارەتنى يوق قىلىپ بىزنى ئولۇم يوق، ئازاپ يوق، يىڭى بىر ئالەمگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ. بۇ دۇنيانى كورۇپ بولغان دەقىقىدىكى ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىغى ئەسلى مەنبەنىڭ خائىشىدىكى قىيامەتنىڭ سورىقىنى بىزدىن ئىلىۋاتقاندا شائىر ئارزۇسىدىكى يوق بولۇپ كەتكەن دۇنيا يەنە قايتىدىن ۋۇجۇتقا كىلىدۇ، شېئىرمۇ بوۋاققا ئايلىنىدۇ. ئوقۇرمەنمۇ پاكلىنىپ بوۋاققا ئايلىنىدۇ. ھەممە نەرسىنىڭ چەكلىمىكى بار. پەقەت ۋە پەقەت شېئىرنىڭ چەكلىمىسى يوق. باتۇر روزى يىڭى تەپەككۇر روھىدىن يىلتىزلانغان بولغاچقا مەۋجۇتلىقنى ئىپادىلەشتە ئوزگىچە تەپەككۇر بىلەن ئوقۇرمەننىڭ قەلبىگە ئىچكىرلەپ كىرىپ يىڭى مۇھىت بەرپا قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن گاھىدا ئەنئەنىگە سەكرەپ ناۋايى، مەشرەپ بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانسا يەنە ئاۋانگارىتلار يەنى ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى سوپىزىمچىلارنىڭ قىتىغا شۇڭغۇپ تۇيغۇسىدا چەكسىزلىك بەرپا قىلدى. شۇ سەۋەپتىن باتۇر روزىنىڭ شېئىريەت ئىستىلىسكىسىدا ۋاقىت تۇرغۇنلىغى يوق.
     بەزىدە ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردە ياشايدۇ. بەزىدە زامانداشلىرىنىڭ ۋاقىت ئولچىمىگە قايتىپ كىلىدۇ.ئۇنىڭ تەپەككۇرىغا يانداشقان شېئىريەت پائالىيىتىدىكى بۇ ئەندىزىنى تارىم ژورنىلىنىڭ 1989-يىللىرىدىكى سانلىرىدا ئىلان قىلىنغان غەزەللىرىدىن كورۇۋالغىلى بولىدۇ. باتۇر روزى شېئىرلىرىدىكى شېئىريەت ھوزۇرنى ئاڭغا ئايلاندۇرۇش مۇساپىسى مۇشكۇلدەك كورۇنگىنى بىلەن ۋۇقۇدىمىز ئاشۇ ھوزۇرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى قاننىڭ غالجىرلىق ئىستىلىسكىسىدىن ئوزىمىز ئارزۇ قىلىدىغان، ۋە ياخشى كورىدىغان جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرگە ئىرىشەلەيمىز. شېئىرىي تىل مۇزىكا سىزىمىغا يىقىنلاشقاندا ۋۇجۇتنىڭ سەنئەت شەكلىدىكى قىيامى ئىچىدە مەسىتخوشلاشقان بىرلىك بىزنى نۇر ئىچىگە باشلايدۇ. باتۇر روزى شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندا مۇزىكىلىق قالايمىقانچىلىق ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك بولىمىز. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى رىتىم مەرغۇلى شالقۇتلاشقان مۇزىكىنى بىزگە ئورۇنداپ بىرىدۇ. مۇزىكا قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە لەيلەپ يۇرۇپ چولگە ئايلانغان تىنىمىزنى سورەپ قانداق قىينالغانلىغىمىزنى شائىر سىزەلەمدۇ يوق. بۇ ئەقلى تەپەككۇرغا خاس پائىلىيەت. 
     
    ئارىمىزدا بىر كىچە
    چۇشلىرىمىز گىرەلىشەر ئىھتىمال
    سەن چۇشۇمگە دەسسەپ مىنى ئىزلەپ كىلىسەن
    مەن چۇشۇمگە دەسسەپ سىنى ئىزلەپ بارىمەن
    - مۇھەببەتلىك سەپەر
     
    ئولتۇرىمەن
    بۇلۇت ئۇزرە قۇرۇپ بەدەشقان
    بۇلۇت ئۇزەر گورۇلدەپ شۇئان
    ئايىغىدا چايقىلىدۇ زەڭگەررەڭ ئاسمان
    ئۇپۇقتىن بىر قۇياش دومۇلاپ كىلەر
    قونماقچىدەك مىنىڭ بىشىمغا
    - دېڭىزدىكى چۇش
     
    چۇشۇمدە
     ئەزرائىلنىڭ سوتىدا ئىسىلغانمىش ئۇپۇق
     ئۇپۇق دارىغا ئولمىگەننىڭ جازاسى ئۈچۈن
    قەبرىلەرنى گوللىغان قۇياش. 
    - خائىن
     
    ھەممە نەرسە مەندىن باشلانغان
    كىچىكلەپ ئۇپۇق
     سىرىتماق بولدى بوينۇمغا شۇئان
     
    ئۇچۇپ كەلدىم قۇشقا ئايلىنىپ
    قوندىقىغا يىڭى ئۇپۇقنىڭ
     سەنمۇ كەلدىڭ قانات ياساپ غەيرى دۇنيادىن
    - ئۇپۇقتىكى تەقدىرداش قۇشلار
     
    شېئىرنىڭ رىتىمىغا ماسلىشىش، ھوزۇرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ شائىر تۇيغۇسىغا رەھمەت بىلدۇرۇش ئوقۇرمەننىڭ قولىدى ئىش. يۇقارقى شېئىرلار بولۇپمۇ «ئالەمنىڭ تارتىشىش كۇچى»،  «تۇغۇلدى بىر ئالەم»، «جىنايەت»، «شائىرى يوق بىر دۇنيا»، «سوڭىكىمگە ئۇيۇلغان خەتلەر»، «جەڭنامە »، «قىممەت قانۇنى»، «مۇھەببەت»، «سالام خەت» قاتارلىق شېئىرلىرىدا شائىر بىلەن مۇڭدىشىش لەززىتىدىن مەھرۇم بولىمىز. چۇنكى بۇ شېئىرلاردىكى رىتىم بۇزۇلۇپ ئازاپنىڭ رىئاللىقتىكى ئىشتىراكى ئاستىن -ئۇستىن قىلىۋىتىلگەندەك تۇرۇدۇ.
    بولۇپمۇ «ئاتامغا مەرسىيە» سەرلەۋىلىك بۇ شېئىردا بايقاش قابىلىيىتىمىزدە نەپرەت ئۇچقۇنلىرى قوزغىلىدۇ:
     سوڭىكىمنىڭ كاۋاكلىرىدا،
     ئۇۋا ياساپ مۇگدەيدۇ چاشقان.
     كىپىنىڭنىڭ توشۇكلىرىدە،
     ئوتۇشمەك ئوينايدۇ
    چۈشلىرى ئالجىغان شامال.
     
     ئۇمىدلىرىنىڭ كۈيىگە مىنىپ
     ئولمىگۈر چاشقاننىڭ چۈشىنى سۆرەپ
     كۈلكە ياساپ رىۋايەتتىكى
     قىلىچلارنىڭ سۇنۇقلىرىدىن
     يۇگرىگەنچە ئاۋارە شۇئان
     ئەرۋاھىڭنى قوغلاپ يىتەلمەي
     
     قەبرەڭنىغۇ كوتەردى تۇپراق
     كوتىرەلمەس ئەمما ئەبەدى
     مەسىت ئوغلۇڭنىڭ كۇلۇشلىرىنى
     ئاتامغا مەرسىيەدىكى زوق ئىلىش ئورتىنىشى ئەڭ ئاخىرقى مىسرا بىلەن بەربات بولىدۇ. بىز ئامالسىز ھوزۇر چوققىسىدىن قايتىپ چۈشۈشكە مەجبۇر بولىمىز. ئىنسانى ئورتىنىشتىكى قىممەت بىلەن يەنە «شىھىت بولغان قەبرىسىز شېئىر»،  «دىۋانە مۇنداق جويلەر»، «مۇققەددەس لىرۇس»، «ئەرۋاھىمغا خىتاپ» «بىر دەرەخكە تىز سىزما»، «تەڭرىگە ئىلتىجا»، «بۇمۇ بىر ھەقىقەت»، «تىلنىڭ جاۋاپكارلىغى»، «قەرىزدار سەنئەت » شېئىرلىرىدىكى قورقۇنچلۇق كامالەت بىلەن شائىرنىڭ باسقان ئىجادىيەت يوللىرىنىڭ دولقۇن نىممىتىدە دىئاگىرامنىڭ يۇقىرى باسقۇچىغا چىقىپ يەنە توۋەنلىكىدەك رىئاللىقىنى ئىتراپ قىلىپ چۈش، تەسەۋۋۇر ئارلاشقان نىئمەتتىن يىراققا ئىكەنلىكىنى شائىرغا بىشارەت بىرىپ قويۇش مىنىڭچە سەگەك ئوقۇرمەننىڭ مەسۇلىيىتى. شېئىرىيەتتە تۇيغۇدىكى ھىكمەت تۇتۇقلۇققا ئىگە قىممەت بولۇش ئالاھىدىكى بىلەن كىتاپخنلار بوشلىغى شەكىللەندۇرسە، شائىرلارنىڭ كائىنات بىلەن بولغان مۇنازىرسى مۇزىكىلاشقاندا شېئىرنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. بۇ جەھەتتە باتۇر روزىنى كەمتۇك شائىر دەپ باھا بىرىشكە ھەقلىقمىز. شېئىرلىرىدىكى تۇيغۇ تەكرارلىقىنى قويۇپ تۇرۇپ باتۇر روزىنىڭ تۇيغۇسىدىكى نەملىك قۇيۇغلىغىنى ئىسپاتلاپ چىقنىمىزدا بۇنىڭغا دەلىل تىپىلىدۇ. لىكىن باتۇر روھىنىڭ ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى مۇساپىسى ھەقىقەت ئۈستىدە بولدى. 1993-يىللىق تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 1-سانىدا «ئايسىز ئايدىڭ» سەرلەۋىلىك شېئىرى ئىلان قىلىنىشى بىلەن كىتاپخانلاردىكى ئاڭ رەۋىشى يەنە بىر قىتىم سىلكىنىپ شائىرنىڭ ئىستىداتىغا رەھمەت ئوقۇلدى. بوشلۇقتىكى تەققازا ئىچىدە تىپىرلاپ يۇرۇپ شائىر باتۇر روزىنى كىيىنكى يىللاردا ئىزلەپ باققان بولساقمۇ تىپىشقا ئىمكان بولمىدى. شائىر باتۇر روزىنىڭ شېئىريەتتىكى تۇيغۇسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقى مىنىڭچە يوق...
    ئومۇمى مەنىدىكى دىئاگۇنىمىزدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىريىتىمىزدە ئۇنىڭ بەلگىلىك تارىخى ئىزناسى بار.لىكىن بۇ ئىز ئوچۇپ قالاي دىدى. ئۇيغۇر كىتاپخانلىرى باتۇر روزىنىڭ يىڭى ئىزلىرىنى كۇتۇۋاتىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى يەكۇن شېئىر يىزىشتىن ۋاز كىچىش بىر ئامالسىزلىق...شېئىر يىزىشتىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، شائىرلىق مەۋقەسىگە كىرگەن ئادەم شېئىر يىزىشتىن ۋاز كىچىمەن دەيدىكەن ئوزىنى ئولتۇرۋىلىشى كىرەك، ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنىڭ قەلبىگە ئوزىنىڭ يۇمۇلاق ھەيكىلىنى تىكلەپ بولغان شائىر باتۇر روزى ئۈچۈن بۇ ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە
     
     
     
    2007- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى (يەكەن)
     
     
     


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : باتۇر روزى , ئابدۇرېشىت سۇلايمان
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-7-24 16:47:32
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 678
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证